afiyfiy يوللانغان ۋاقتى 2015-2-7 19:46:40

چەتئەل يازغۇچىلىرىنىڭ ئىجادىيەت تەجرىبىلىرى

تەسەۋۋۇر توغرىسىدا

گيۇتې(گېرمانىيە)

بۇ يەردە (كانتنىڭ پەلسەپىسىدە) تۇيغۇ، چۈشەنچە ۋە ئىدراك بىزنىڭ نۇقتىئىينەزەرگە ئېرىشىشىمىزدىكى ئاساسلىق ئىقتىدار سۈپىتىدە تىلغا ئېلىنغانۇ، تەسەۋۋۇر چۈشۈرۈپ قويۇلغان. شۇنىڭ بىلەن ئورنىنى تولدۇرغىلى بولمايدىغان بىر نۇقسانلىق كېلىپ چىققان. تەسەۋۋۇر بىزنىڭ روھى ماھىيىتىمىزدىكى تۆتىنچى مۇھىم ئىقتىدار. ئۇ تۇيغۇنى ئەستە قالغۇدەك شەكىلدە تولۇقلايدۇ. ئۇ چۈشەنچىنى تەجرىبە شەكلىدە دۇنيا قاراش بىلەن تەمىن ئېتىدۇ. ئۇ ئىدراكىي نۇقتىئىينەزەر ئۈچۈن ئوبراز ئىختىرا قىلىپ پۈتكۈل ئىنسانىيەتنى ئىلھاملاندۇرىدۇ. مۇبادا ئۇ بولمايدىكەن، ئىنسانلار سۈكۈتتە، جانسىز ھالەتتە تۇرغان بولاتتى. تەسەۋۋۇر ئۆزىنىڭ ئۈچ ئاچا-سىڭىل ئىقتىدارىغا مۇشۇنداق خىزمەت قىلىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىللە ئۇ ئۆزىنىڭ ئاشۇ ھەمشىرىلىرى تەرىپىدىن ھەقىقەت ۋە چىنلىق ساھەسىگە ئېلىپ كىرىلىدۇ. تۇيغۇ ئۇنىڭغا ئويما رەسىمدەك روشەن بەلگىلىك ئوبراز بەخش ئېتىدۇ؛ چۈشەنچە ئۇنىڭ ئىجادى كۈچىنى چەكلەپ تۇرىدۇ، ئىدراك ئۇنى پۈتۈنلەي كاپالەتلەندۈرۈپ، ئىدىيىۋى نۇقتىئىينەزەر جەھەتتە ئۇنىڭغا ئاساس تىكلەيدۇكى، ئۇنى ئويۇنغا ئايلاندۇرمايدۇ. تەسەۋۋۇر تۇيغۇدىن ھالقىپ كېتىدۇ ۋە يەنە تۇيغۇ تەرىپىدىن تارتىپ كېلىنىدۇ. ۋە ھالەنكى، تەسەۋۋۇر قاناتلانسىمۇ، ئۇنىڭ ئۈستىدە ئىدراك بولغاچقا ئۇ بۇ ئەڭ ئالى رەھبەرنى ئۆزىگە مەھكەم يېپىشتۇرۇپ تۇرىدۇ... ھەممىگە سىڭىپ كىرىدىغان، ھەممىنى زىننەتلەيدىغان تەسەۋۋۇر ئۈزلۈكسىز تۈردە تۇيغۇغا ئوزۇق بولۇپ، قوبۇل قىلىنىپ تۇرۇۋېرىدىغانلىقى ئۈچۈن ئۇنىڭ جەلىپ قىلىش كۈچى بولۇۋېرىدۇ؛ ئۇ ئىدراك بىلەن بىرلىشىۋېرىدىغانلىقى ئۈچۈن قىممەتلىك بولۇۋېرىدۇ.  چېكىگە يەتكەندە ھەقىقىي شېئىر بارلىققا كېلىدۇ. يەنى ھەقىقىي پەلسەپە بارلىققا كېلىدۇ.

                                                 _«گرافىنە مارىيە باۋروفىناغا يېزىلغان مەكتۇب»تىن(1817).

تەسەۋۋۇر كۈچى پەقەت سەنئەتنىڭ، خۇسۇسەن شېئىرنىڭ چەكلىمىسىگە ئۇچراپ تۇرىدۇ، تەسەۋۋۇر كۈچى بولۇپ، پەرق ئېتىش كۈچى بولماسلىق دۇنيادىكى ئەڭ قورقۇنچلۇق ئىشتۇر.
شېئىر تەبىئەت دۇنياسىدىكى خىلمۇخىل سىرلارنى كۆرسىتىپ بېرىپ، ئۇلارنى ئوبراز ئارقىلىق ھەل قىلماقچى بولىدۇ؛ پەلسەپە ئىدراكتىكى خىلمۇ خىل سىرلارنى كۆرسىتىپ بېرىپ، ئۇلارنى يېزىق ئارقىلىق ھەل قىلماقچى بولىدۇ.

                                        _«ئەقلىيە سۆزلەر توپلىمى»دىن.


«مەشھۇر يازغۇچىلارنىڭ ئىجادىيەت تەجىرىبلىرى» ناملىق كىتابتىن ئېلىندى.

afiyfiy يوللانغان ۋاقتى 2015-2-7 20:01:53

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   afiyfiy تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-2-7 20:04  

شېئىر ۋە ھەقىقەت(تاللانما)

گيۇتې(گېرمانىيە)

ئىككىنچى قىسىم     يەتتىنچى توم (1765-1768)


بۈگۈنگە قەدەر ھېچكىم شېئىرنىڭ ئاساسىي پىرىنسىپلىرىنى بايقىمىدى، ئۇ تولىمۇ مەنىۋىي دۇنياغا تەۋە بولۇپ كەتكەچكە، بەكمۇ تۇتۇق بىلىنىدۇ. رەسىمدىن ئىبارەت بۇ سەنئەتنى كۆرگىلى، ئۇنىڭ ئۈستىدە ئەزالار ئارقىلىق پەيدىنپەي ئىزدەنگىلى، ھەتتا ئۇنى پىرىنسىپقا بىر قەدەر ماسلاشتۇرغان ھالدا بايقىغىلى بولىدۇ. ئېنگلىزلار، فرانسوزلار نەپىس سەنئەت ئۈستىدە ئاللىقاچان نەزەرىيە جەھەتتىن مۇھاكىمە يۈرگۈزگەنىدى. كىشىلەر بۇنىڭ بىلەن بىر خىل سېلىشتۇرما ئارقىلىق شېئىرنىڭ ماھىيىتىنى چۈشەندۈرگىلى بولىدىكەن، دەپ قاراشتى. نەپىس سەنئەتتە كۆرۈش بىلەن ئوبراز يارىتىلىدۇ. شېئىردا بولسا تەسەۋۋۇر كۈچى بىلەن ئوبراز يارىتىلىدۇ. ھەر خىل شېئىرىي ئوبرازلار دىققەتكە ئاۋۋال سازاۋەر بولىدۇ، كىشىلەر ئاۋۋال ئوخشىتىپ، ئاندىن تەسۋېرلەيدۇ. تەسىرلىنىش ئېھتىمالى بولغاندا ھەننىۋا ئامىللار ئۈستىدە مۇھاكىمە قىلىشىدۇ.
شۇنداق ئىكەن، ئوبراز ھەققىدە توختىلايلى. ئوبرازنى تەبىئەتتىن تاشقىرى قەيەردىن ئالىمىز؟ نىھايەت روشەنكى، رەسسام تەبىئەتكە تەقلىد قىلىدۇ. شۇنداق ئىكەن، شائىرمۇ نېمە ئۈچۈن تەبىئەتكە تەقلىد قىلسا بولمايدىكەن؟ ئەسلىدە مەۋجۇت بولۇپ تۇرغان تەبىئىي نەرسىلەرنىڭ ھەممىسىگە تەقلىد قىلىۋەرگىلى بولمايدۇ، ئەلۋەتتە. چۈنكى ئۇلار مۇھىم بولمىغان، نۇرغۇن نامۇۋاپىق نەرسىلەرنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالغان بولىدۇ. شۇڭا بىزنىڭ ئۇنى تاللىشىمىزغا توغرا كېلىدۇ. شۇنداق ئىكەن، بۇنداق تاللاشنى نېمە بەلگۈلەيدۇ؟ بىز مۇھىملىرىنى تاللىشىمىز لازىم. ئۇنداقتا قايسىلىرى مۇھىم؟
شىۋىتسارىيە يازغۇچىلىرى (پېرىلدىنگار ۋەكىللىكىدىكى) بۇ مەسىلىلەرگە جاۋاب تېپىش ئۈچۈن نۇرغۇن ۋاقىت ئويلاندى. ئۇلار غەلىتە، ئەمما ئەپچىل، ھەتتا قىزىقارلىق ئوي پىكىرلەردە بولغانلىقى ئۈچۈن يېڭى بولغانلىكى نەرسىلەر ئەڭ مۇھىم بولىدۇ، دەپ قارىدى؛ ئۇلار ئويلاش نەتىجىسىدە، ئومۇمەن ئاجايىپ نەرسىلەرنىڭ باشقا ھەننىۋا نەرسىدىن يېڭىراق بولىدىغانلىقىنى سېزىشتى. قارىغاندا ئۇلار شېئىرنىڭ ماھىيىتىنى تۇتۇۋالغاندەك قىلىدۇ. شۇغىنىسى، ئۇلار يەنە ئاجايىپ نەرسىلەرنىڭ ئىنسانىيەتكە مۇناسىۋەتسىز نەرسىلەر بولۇشى مۇمكىنلىكىنىمۇ ئويلاپ يەتكەن. بۇنداق كەم بولسا بولمايدىغان بىر خىل مۇناسىۋەتنى ئۇلار يەنە ئەخلاق خاراكتېرلىك بولۇشى، شۈبھىسز ھالدا ئىنسانلارغا پايدىلىق بولۇشى كېرەك، دەپ قارىدى. شۇڭا شېئىر ئۆزىدە بولۇشقا تېگىشلىك ئارتۇقچىلىقلاردىن تاشقىرى يەنە پايدىلىق بولۇشى كېرەك. شۇنداق بولغاندىلا شېئىرنى ئاخىرقى مەقسىتىگە يەتتى دەپ ھېسابلىغىلى بولىدۇ. ئۇلار ھەر خىل ئەدەبىيات-سەنئەت ئەسەرلىرىنى يۇقىرىدا ئېيتىلغان تەلەپلەرنى ئۆلچەم قىلىپ ئۆلچەشتى. ئومۇمەن تەبىئىيلىككە تەقلىد قىلىنغاننى، يەنى ئاجايىپلىقنى، ئەدەب-ئەخلاق مۇددىئاسىنى ئۆز ئىچىگە ئالغانلىرىنى ۋە رول ئوينىغانلىرىنى ئەڭ ياخشى، ئەڭ ئالى خىلدىكىسى دەپ قاراشتى. ئۇزاق مۇددەت ئويلىنىپ كۆرۈشتىن كېيىن ئۇلار ئاخىر بىرىنچى لەۋھەنى «ئىزوپ مەسەللىرى»گە ئىككىلەنمەيلا ئىنئام قىلىشتى.


3-قىسىم      11- توم   (1770-1771)

... بىز بۇ ئىككى كىشىنىڭ (دېدىرۇ ۋە روسسۇ كۆزدە تۇتۇلىدۇ) سەنئەتكە قانداق تەسىرلەرنى كۆرسەتكەنلىكىنى كۆرۈشىمىز لازىم... ئۇلار تەبىئىيلىكنى كۆزىتىشنى ۋە بىزنى سەنئەتتىن ئايرىلىپ تەبىئەتنىڭ ئارقىسىدىن مېڭىشقا دەۋەت قىلىشتى.
ھەر بىر تۈردىكى سەنئەتنىڭ ئەڭ ئالىي ۋەزىپىسى خىيالى تۇيغۇ ئارقىلىق تېخىمۇ ئالىي، ھەقىقىي بولغان سۈنئىي قىياپەتنى پەيدا قىلىشتىن ئىبارەت. ئەمما بۇ خىل خىيالى تۇيغۇ ئۇرۇنۇش ئارقىلىق ئىشقا ئاشۇرۇلىدىكەن، ھەتتا ئاخىرىدا بىز ئادەتتە كۆرۈپ ئادەتلىنىپ قالغان رېئاللىق قېپقالىدىكەن، ئۇ ھالدا بۇ خىل ئۇرۇنۇشمۇ خاتا بولغان بولىدۇ.

(يۇقىرىقى كىتاب).

يوللانغان ۋاقتى 1970-1-1 06:00:00

afiyfiy يوللانغان ۋاقتى 2015-2-7 20:15:45

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   afiyfiy تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-2-7 20:25  

ئوبرازلىق تەپەككۇر توغرىسىدا

گوگۇل(روسىيە)

... مەن ئۇلاردىن بەزى نەرسىلەرنى ئۆگەنگەندىن كېيىن، روسىيىدە نېمە ئىشلار بولۇۋاتقانلىقىنى ئېيتىپ بېرەلەيدىغان كىشىلەر بىلەن تونۇشۇشقا باشلىدىم. مەن ھەننىۋا تەبىقىگە مەنسۇپ، تەجىرىبىسى مول، ئەمەلىيەتنى تەكىتلەيدىغان ئاشۇ كىشىلەر بىلەن خىلمۇخىل ئۇسۇللار بىلەن، ئىمكانىيەتنىڭ بېرىچە تونۇشۇشقا باشلىدىم. ئۇلار روسىيە مەملىكىتىدە يۈز بەرگەن بارلىق قۇۋلۇق-شۇملۇقلارنى ئۆز كۆزى بىلەن كۆرگەنلەر ئىدى. مەن ھەممە تەبىقە كىشىلىرى بىلەن بېرىش-كېلىش قىلماقچى، ئۇلارنىڭ ھەر بىرىدىن بەزى نەرسىلەرنى بىلمەكچى بولدۇم ۋە خىزمەت ۋەزىپىسى بار، بەلگىلىك ئىش  بىلەن شۇغۇللىنىدىغان ھەر بىر كىشىگە قىزىقىش نەزەرى بىلەن قارايدىغان بولدۇم.
مەن ئەڭ ئالدى بىلەن دۆلەتتىكى جىمىكى خىزمەت ۋەزىپىسى، جىمىكى تەبىقە، جىمىكى خىزمەت ئورنى، جىمىكى مەرتىۋە-ئەمەللەرنى ئايرىۋالدىم. مەن خىلمۇخىل ئىشلارنى قىلىدىغان كىشىلەردىن تەسەۋۋۇر ئوبيېكتى قىلىدىغانلارنى تاللاش يازغۇچىغا نىسبەتەن ئېيتقاندا ئىنتايىن زۆرۈر ئىش، دەپ ھېس قىلاتتىم. ئەگەر كاللىدا ئۆزى تەسۋېرلىمەكچى بولغان ئادەمنىڭ پۈتكۈل مەسئۇلىيىتى ۋە پۈتكۈل ۋەزىپىسى توغرىسىدا يېزىشتىن بۇرۇن چۈشەنچە تۇرغۇزۇلمىسا، ئۇ ھالدا ئۇنى تېگىشلىك تۈردە توغرا تەسۋېرلەپ چىققىلى بولمايدۇ، شۇنىڭدەك ئۇنى تىرىك كىشىلەرگە ساۋاق ۋە ئىبرەت بېرەلەيدىغان قىلغىلى بولمايدۇ. شۇڭا مەن بىرەر نەرسە دەپ بېرەلەيدىغان ئاشۇ كىشىلر بىلەن ئىلاجنىڭ بارىچە خەت ئالاقىسى قىلىپ كەلدىم. باشقىلارنىڭ بولسا، ئىخچام تەسۋېر بىلەن سىزىلغان رەسىم توغرىسىدا سۆزلەپ بېرىشىنى ۋە ئۇلار تاسادىپىي ئۇچرىشىپ قالغان ئاللىكىملەرنىڭ خاراكتېرىنى ئادەتتىكىچە تەسۋېرلەپ بېرىشنى ئۆتۈنۈش بىلەن كۇپايىلەندىم. بۇلارنىڭ ھەممىسى بىزگە ئېھتىياجلىق نەرسىلەر. بۇ مېنىڭ كاللامدا ھېچقانداق خاراكتېر ۋە ھېچقانداق پېرسوناژنىڭ يوقلۇقىدىن بولغان ئەمەس. پېرسوناژ مېنىڭ كاللامدا تولۇپ يېتىپتۇ، بۇ پېرسوناژلارنى مەن ئىلگىرى بىلگەندىكىدىنمۇ جىق، مول بولغان نەرسىلەردىن ئىنسانىيەتنىڭ تۇغما بىلىشى ئارقىلىق چەككىلەپ ئالغان، ھالبۇكى، بايىقى خەۋەرلەر مەن ئۈچۈن خۇددى ئۆزى ئىجاد قىلغان چوڭ رەسىم ئۈستىدە ئىشلەۋاتقان رەسسامغا تۇنجى شەكىلنى چىقىرىش زۆرۈر بولغاندەك زۆرۈر. ئۇ ھەرقانداق بىر نۇقتىدا رېئاللىققا مۇخالىپ كەلمەسلىك، ئۆزى تاللىغان ۋاقىت ۋە دەۋرگە خىلاپلىق قىلماسلىق ئۈچۈن ئاددىي تەسۋېرىي شەكىلنى ئۆزىنىڭ رەسىمىگە كۆچۈرۈپ كەلمەيدۇ، بەلكى ئۇنى ئەتراپىدىكى تاملارغا ئېسىپ قويىدۇ ۋە ئۇنىڭدىن بىر قەدەممۇ ئايرىلمايدۇ. ئەتىگەندىن كەچكىچە ئۇنىڭغا قارىمۇ قارشى ھالەتتە بولىدۇ.
مەن ئەزەلدىن ھەرقانداق نەرسىنى تەسەۋۋۇرغا تايىنىپ ئىجاد قىلغان ئەمەس. مېنىڭ مۇنداق ئالاھىدە خۇسۇسىيىتىم يوق. مەن ئەمەلىيەتتىن، ماڭا تونۇش ماتېرىياللاردىن ئالغان نەرسىلەر بىلەنلا ياخشى يازالايمەن. بىرەر كىشىنىڭ سىرىتقى ئىپادىسىنىڭ ئەڭ ئىنچىكە تەپسىلاتلىرى كۆز ئالدىمدا پۈتۈنلەي زاھىر بولغاندىلا مەن بۇ كىشىنى بىلىپ يېتەلەيمەن. مەن ئەزەلدىن قاپاققا قاراپ قاپاق سىزىدىغان، ئۇنى ئۆلۈك كۆچۈرۈپ كېلىدىغان ئۇسۇلدا بىرەر نەرسىنى تەسۋېرلەپ باقمىدىم. مەن رەسىم سىزىپ باققان، ئەمما ئۇنى تەسەۋۋۇرنىڭ نەتىجىسىدە ئەمەس، بەلكى چوڭقۇر تەپەككۇر نەتىجىسىدە ئىجاد قىلغان. مەن شەيئىلەر ئۈستىدە قانچە چوڭقۇر كاللا قاتۇرسام ئەسەرلىرىم شۇنچىكى ئەينەن چىقىدۇ. باشقا ھەر قانداق يازغۇچى بىلەن سېلىشتۇرغاندا مېنىڭ بىلىشكە تېگىشلىك نەرسىلىرىم تولىمۇ نۇرغۇن بولدى. چۈنكى، مەن تەپسىلاتلارغا سەل قارىسام، بۇ تەپسىلاتلار ئۈستىدە چوڭقۇر ئويلانمىسام، قەلىمىمدە يارالغان ساقتىلىق باشقا كىشىلەرنىڭكىگە قارىغاندا تېخىمۇ گەۋدىلىك بولۇپ قالىدۇ. بۇ نۇقتىنى مەن ھەر قانداق كىشىگە ھەر قانداق قىلىپمۇ چۈشەندۈرۈپ كېتەلمەيمەن. شۇڭا مەن ئۆزۈم ئۈمىد قىلغان ھېلىقىدەك خەت-چەكلەرنى ئەزەلدىن تەپشۇرۇۋالغىنىم يوق. مېنىڭ نېمىشقا شۇنداق جىمىكى پارچە-پۇرات، جىڭدا توختىمايدىغان ئىشلارنى بىلمەكچى بولۇشۇمدىن، ئەمەلىيەتتە مېنىڭ ئاشۇ تەسەۋۋۇرلارنى قىلىپ ۋە ئىلاجنىڭ بارىچە تەسەۋۋۇرغا تايىنىپ ئىجاد قىلىۋاتقانلىقىم ۋە يېزىقچىلىق قىلىۋاتقانلىقىمدىن كۆپچىلىك غەلىتىلىك ھېس قىلىشىدۇ. ئەمما مېنىڭ تەسەۋۋۇرلىرىم ھازىرغىچە ماڭا ھەر قانداق بىر مەشھۇر خاراكتېرنى ھەدىيە قىلالمىدى. شۇنداقلا ھېچقانچە نەرسىنى ئىجاد قىلىپ بېرەلمىدى. مېنىڭ نەزىرىم تەبىئەت دۇنياسىنىڭ قايسى يېرىگە چۈشمىدى دەيسىلەر...  ئىجادىيەت كۈچى كەم بولمىغان بارلىق يازغۇچىدا بىر خىل ئىقتىدار بولىدۇ. مەن ئۇنى تەسەۋۋۇر دەپ ئاتىمايمەن-ئۇنداق ئىقتىدار كىشىلەرنىڭ كۆز ئالدىدا بولمىغان شەيئىلەرنى ماھىرلىق بىلەن، گويا جېنى باردىكىدەك، تۈنۈگۈنلا بولۇپ ئۆتكەندىكىدەك ئىپادىلەپ بېرىدۇ.  سۈرەتلىمەكچى بولغان شەيئىلەر بىزدىن يىراقلاشقان ۋاقىتتىلا بۇ خىل ئىقتىدار مېنىڭ ۋۇجۇدۇمدا رول ئوينايدۇ.  بۇ يازغۇچىلارنىڭ كۆپچىلىكىنىڭ نېمە ئۈچۈن بىزدىن تولىمۇ يىراق تۇرغان دەۋرگە، ئۆتكەنكى دەۋرگە خىيالەن كېتىپ قېلىشقا خۇشتارلىقىنى چۈشەندۈرۈپ بېرىدۇ. ئۆتكەنكى دەۋر بىزنى ئەتراپىمىزدىكى بارلىق نەرسىلەردىن ئايرىۋېتىدۇ. روھىمىزنى يېزىقچىلىقتا كەم بولسا بولمايدىغان ئاشۇنداق خاتىرجەم پىنھان چېگرىغا ئېلىپ كېتىدۇ. مېنىمۇ ئۆتكەنكى دەۋرنىڭ خۇمارى تۇتماي قالمايدۇ. مەن تەسۋېرلىگەن نەرسىلەر دەۋرنىڭ، شۇنداقلا ھازىرقى رېئال تۇرمۇشنىڭ ئۆزى. ئېھتىمال، بۇ مېنىڭ كاللام ھەمىشە مۇھىم مەسىلىلەرگە ۋە ھېس قىلىش ئارقىلىق ئېرىشكىلى بولۇدىغان مەنپەئەتلەرگە تېخىمۇ دىققەت قىلىشقا ئامراق بولغانلىقىنىڭ سەۋەبىدىن بولسا كېرەك. ۋۇجۇدۇمدا ھازىرقى زامان يازغۇچىلىرىنىڭ ئارۇز-ئۈمىدلىرىنى ئويلاش ئىستىكى بارغانسېرى كۈچەيمەكتە.

                                                    _«مېنىڭ پۇشايمىنىم»(1847)

(يۇقىرىقى كىتاب).

A.Qarluq يوللانغان ۋاقتى 2015-2-7 20:31:54

ئەسسالامۇئەلەيكۇم بۇرادەر ئەفىيفىي:
غەرىپ كىلاسسىك پىشىۋالىرىنىڭ ئەمەلىي نەپ بېرىدىغان قىممەتلىك تەپەككۇر غەزىنىلىرىدىن ئۇچۇر بېرىۋېتىپسىز…مىننەتسىز ئەمگىگىڭىزگە سەمىمى رەھمەت!
تەرجىمىنى ئۆزىڭىز قىلدىڭىزمۇ ياكى؟

afiyfiy يوللانغان ۋاقتى 2015-2-7 20:44:54

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   afiyfiy تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-2-7 20:54  

ئوبرازلىق تەپەككۇر توغرىسىدا

لېۋ. تولستوي(روسىيە)

سەيلە قىلىپ يۈرۈپ كانىنىڭ پوۋېستى(«تىرىلىش»نى دېمەكچى) ئۈستىدە كۆپ ئويلاندىم. ئويلىغانلىرىمنىڭ ھەممىسى ناھايىتى ئېنىق. ناھايىتى جايىدا بولدى: 1. ئۇ ئەر ئۇ ئايالنى ئېلىشنى خىيالىغا كەلتۈرۈپمۇ باقمايدۇ، لېكىن ئاخىر شۇنداق قىلىدۇ، چۈنكى ئۇ شۇنداق قىلىش زۆرۈر دەپ ئويلايدۇ. ئۇنىڭ تەسەۋۋۇرىدا ئۇ ئايال ئادەمنى تولىمۇ مەپتۇن قىلاتتى. ئۇ كۈلۈمسېرەيدۇ، شۇنداقلا ئىختىيارسىز يىغلىماقچى بولىدۇ؛ 2. چېركاۋغا كېلىدۇ، قاپقارا، ئاپئاق يوپكىلار، سۆيۈشىدۇ؛ 3. قېرى مۇناخ خوتۇن پۇلنى ئالىدۇ، لېكىن كۆزىدىن قورقۇنچ چىقىىپ تۇرىدۇ؛ 4. قېرى مۇناخ خوتۇن پالچى، كاتيۇشا يېگانە قالىدۇ؛ 5. ئۇ ئايال ئۇنىڭ پويىزدا ئۆتۈپ كەتكەنلىكىنى كۆرىدۇ ۋە ئۆزىنى پويىزنىڭ ئاستىغا ئاتماقچى بولىدۇ. لېكىن قورسىقىدىكى  ھامىلىنىڭ تەۋرەۋاتقانلىقىنى سېزىپ، ئولتۇرۇپ قالىدۇ؛ 6. ئۇ ئايال ھامماچىسىدىن: «ئۇ قەيەردە؟» دەپ سورايدۇ. پومېشچىكنىڭ گەمە ئۆيىدە ناھايىتى ئوسال كۈنگە قالىدۇ. بىر چاكار بىلەن ئىش-پەش تارتىشىپ قالىدۇ. ئۇ ئايال ئىش-پەش تارتماي تۇرالمايتتى. چۈنكى... ؛ 7. ئۇ ھاياجانلانغان ھالدا: «سىز ئۇنى قوغلىۋەتتىڭىزمۇ؟ ئۇ ھۆركىرەپ يىغلاپ كەتكەندۇ تايىنلىق؟ ئۇ ئىشتا مېنىڭ گۇناھىم يوقتۇر؟» دەپ سورايدۇ. بېرىپ رازى قىلماقچى بولىدۇ. ھەممىدىن بىزار بولىدۇ، مىجەزلىرى كېلىشەلمەيدۇ. چەتئەلگە-پارىژغا بارىدۇ. ھەممىدىن جاق تويىدۇ. ئىلاجسىز كىتاب ئوقۇيدۇ. كەيپ-ساپاغا بېرىلىدۇ. شىكارغا چىقىدۇ. قارتا ئوينايدۇ ۋە باشقىلار. چېچىغا ئاق كىرىدۇ-ھەسرەت چېكىدۇ.
                           (1870-يىل، فېۋرال، «تولستوي ئەسەرلىرى» 51-توم).

ئوي-خىياللىرىم مېنى تېنچسىزلاندۇرماقتا، يا مېنىڭ ئىقتىدارىم كەمچىل، يا ئۇنى ئىپادىلەشنىڭ شەكلىنى تاپالمايۋاتىمەن.
                          (1910-يىل، 25-مارت، «تولستوي ئەسەرلىرى» 58-توم).


ھەقىقىي ئادەمگە ئاساسەن يېزىلغان تىپ ئۈستىدە توختىلايلى: مېنى قىزىقتۇرغان نۇقتا... بىر خىل زىدديەت. گوگۇلنىڭ، مۇپاسساننىڭ ۋە لېۋ.نىكولايېۋىچ، سىزنىڭ ئەسەرلىرىڭىزنى ئوقۇغادا، تىپىك رېئاللىقىدىن ۋە ھەقىقىيلىكىدىن ھەيران قالىمەن، روشەنكى بۇ يەردە يېزىلغانلىرىنىڭ نۇرغۇنى ھەقىقىي ئادەملەر، ھەتتا ئۆزىڭىزمۇ دائىم ھەقىقىي ئادەملەرنى يازىدىغانلىقىڭىزنى ئېتىراپ قىلغانىدىڭىز.
-شۇنداق،-دېدى لېۋ. نىكولايېۋىچ- مەن ھەمىشە ھەقىقىي ئادەملەرنى يازىمەن، ئىلگىرى قوليازمىدا مەن يېزىۋاتقان ئادەمنى تېخىمۇ ئېنىق تەسەۋۋۇر قىلىپ تۇرۇشۇم ئۈچۈن باش قەھرىمانغىمۇ ھەقىقىي ئادەملەرنىڭ ئىسىم-فامىلىسىنى قوياتتىم. ھېكايىنى تۈزىتىپ بولغاندىن كېيىن، ئاندىن ئىسىم-فامىلىلەرنى ئالماشتۇراتتىم... لېكىن مەن بىرەر ھەقىقىي ئادەمنى بىۋاسىتىلا يازسام، يېزىپ چىققىنىم ھەرگىز تىپ بولالمايدۇ، ئاقىۋەتتە قىسمەن، پەۋقۇلئاددە، تاتقى يوق بىر نەرسە بولۇپ قالىدۇ، دەپ ھېسابلايتتىم.
بىز مەلۇم بىر كىشىدىن مۇھىم، ۋەكىللىك خاراكتېرگە ئىگە ئالاھىدىلىكلەرنى ئېلىشىمىز ھەمدە ئۇنى كۆزەتكەن باشقا بىر خىل كىشىلەرنىڭ ۋەكىللىك خاراكتېرگە ئىگە ئالاھىدىلىكلىرى بىلەن تولۇقلىشىمىز لازىم، شۇ چاغدىلا ئۇ تىپىكلىشىدۇ. نۇرغۇن ئوخشاش كىشىلەرنى كۆزىتىش كېرەك، شۇ چاغدىلا ئالاھىدە تىپ ياراتقىلى بولىدۇ.

                             (ئا. مورىشىن. «ياسىنايا پولىيانا ۋە پوسلىيوپكا»  1903-يىل).

afiyfiy يوللانغان ۋاقتى 2015-2-7 20:47:56

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   afiyfiy تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-2-7 21:02  

A.Qarluq يوللىغان ۋاقتى  2015-2-7 20:31 static/image/common/back.gif
ئەسسالامۇئەلەيكۇم بۇرادەر ئەفىيفىي:
غەرىپ كىلاسسىك پى ...

ۋە ئەلەيكۇم ئەسسالام، ئاكا.
1988-يىل نەشىر قىلىنغان «مەشھۇر  يازغۇچىلارنىڭ ئىجادىيەت تەجرىبىلىرى» ناملىق تەرجىمە كونا كىتاب ئۇچىراپ قالغان، شۇنىڭدىكى قىسقىراقلىرىنى يوللاپ قويدۇم.

kuwruk يوللانغان ۋاقتى 2015-2-7 20:55:17

چەتئەل سەنئەتكارلىرىدىن پورچاق ئەپەندى ماڭا ئەڭ پىششىق :funk:

afiyfiy يوللانغان ۋاقتى 2015-2-7 20:56:11

kuwruk يوللىغان ۋاقتى  2015-2-7 20:55 static/image/common/back.gif
چەتئەل سەنئەتكارلىرىدىن پورچاق ئەپەندى ماڭا ئەڭ پىششى ...

قانداق پىششىق؟

muztag يوللانغان ۋاقتى 2015-2-7 21:02:01

afiyfiy يوللىغان ۋاقتى  2015-2-7 20:56 static/image/common/back.gif
قانداق پىششىق؟

پۇرچاق ئەپەندى كۆۋرۇككە پىششىقلىق قىلغان ئوخشايدۇ ، كىرانىڭ پۇلىنى كەم بىرىپ .(ھىجاراپ تۇرغان چىراي ئىپادىسى )

kuwruk يوللانغان ۋاقتى 2015-2-7 21:04:16

afiyfiy يوللىغان ۋاقتى  2015-2-7 20:56 static/image/common/back.gif
قانداق پىششىق؟

ھەممە قىسمىنى بەش قىتىمدەك كورۇپ بولغان بالام بىلەن...:lol

hoopeelover يوللانغان ۋاقتى 2015-2-9 15:32:33

پۇرچاق Rowan Atkinson ئەپەندىم ئوكىسفورد ئونۋىرسىتتىدە ئىلىكتىر ئىنجىنىرلىقى كەسپىدە ئوقۇغان بولۇپ، مەكتەپنى پۈتتۈرۈپ بولۇپ دېپلومنى تىقىۋىتىپ ئەرتىس بولغان.
بەت: [1]
: چەتئەل يازغۇچىلىرىنىڭ ئىجادىيەت تەجرىبىلىرى