cooloff يوللانغان ۋاقتى 2015-2-7 15:58:49

قۇلاق كىسەللىكى توغرىسىدا مەسلىھەت بەرسەڭلار

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   cooloff تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-2-7 16:40  

قۇلاق كىسەللىكى توغرىسىدا مەسلىھەت بەرسەڭلار

   ئەسسالام-ئەلەيكۇم ئىزدىنىش ئەھلى، سىلەردىن مۇشۇ قۇلاق ئاغرىش توغرىلىق ئازدۇر-كۆپتۇر رىتسىپ ئىزدەم كەلدىم، شۇڭا بىلگەنلىرىڭلارنى ئايىماي چىقارغان بولساڭلار. ئالدىن تەشەككۇر!
   ئىككى ھەپتە ئىلگىرى سول قۇلىقىم تۇساتتىن ئاغرىشىقا باشلىغان ئىدى، دەسلىپىدە ئانچە بەك ئاغرىمىغان، لىكىن ئاخشاملىقى ئۇخلاشقا تەمشەلگەن ۋاقتىمدا ئەييۇھانناس تاس قالدىم قۇلىقىمنى كىسىپ ئېلىۋەتكىلى، ئۇ ئاغرىقنىڭ دەستىدە كىچىچە ئۇخلىماي چىقتىم. ئەتىسلا يىقىن يەردىكى جۇڭيىچە دوختۇرغانىغا كۆرۈندۈم، دوختۇر ئاۋال قان تەكشۈرۈپ چىقىشمنى، كىيىن تۇمۇر تۇتىمەن دېدى.شۇنداق قىلىپ  قاننىمۇ تەكشۈرۈپ چىقىپ، قەغەزنى كۆرسەتتىم . ئۇ تىۋىپنىڭ دىيشىچە قان تەكشۈرۈش كۆرسەتكۈچىنىڭ ھەممىسى نورمالكەن دەپلا، مەندىن چوڭ تەرەتنىڭ ئەھۋالىنى سورىدى. بۇ يەردە يەنە بىر ئىشنى سىلەرگە دىمەكچىمەن، ئاشۇ ۋاقىتلاردا چوڭ تەرەت ئاسانلىقچە كەلمەس بولىۋالغان، يەل كارامەت كېلىدىغان بوپ كەتكەن. سەۋەبى بەلكىم توختىماي يىگەن قورىغان تاماق ۋە توخۇم بۇلۇشى كىرەك دەپ ئويلىدىم ئۆزەمچە! ماڭىمۇ تاللاش يوق ئىدى...
   ئاخىردا ئۇ تىۋىپنىڭ چىقارغان نەتىجىسى بولدىكى، ئېغىر دەرىجىدە (上火) بوپتىمەن. ئۇيغۇرچە ئىسسىق ئېشىپ كىتىش دەمدۇق؟ مەن ئېنىق بىلمەيدىكەنمەن. شۇنداق قىلىپ 6 كۈنلۈك جۇڭيىچە دورا يېزىپ بەردى. قايىتپ شۇ ئاخشىمىمۇ ئەمما ئاغرىق ئازابى يەنە قىيناپ، كۆزلىرىمدىن ياشمۇ چىكەتكەن بولدى، بەلكىم بېشىمدىكى نېرۋىلارمۇ بۇ ئاغرىققا بەرداشلىق بېرىلمىگەن چېغى. 3-كۈنىدىن باشلاپ ئاغرىق بارا-بارا پەس كويغىمۇ چۈشتى، لىكىن ئۇنىڭدىن كىيىنلا قۇلىقىم يىرىڭداشقا باشلىدى. بۇ پىشكەلچىلىكنى دىمەيسىلە، قوش ئوكسىدلىق سۇدىمۇ 3 ۋاق تازلاپ ،ياللۇق قايتۇرۇش دورىسىنىمۇ ئىچتىم.
   بىر ھەپتىگىچە ئاغرىقمۇ سەللىمازا ساقايغان بولدى، بىراق شۇ يىرىڭ توختىماي ئېقىپ مىنى بەكلا بىزار قىلدى. كىچىك ۋاقتىمىزدىغۇ سۇغا كۆپ چۈمۈلۈپ ،قۇلىقىمىز ئاغرىسا چوڭلار كىگىز يۇڭى تىقىپ قۇيىدىغان، ئەمدى بۇ كىگىز يۇڭىغا مەن قەيەرگە كىگىز ئىزدەپ بارىمەن دەيسىلە. شۇنىڭ بىلەن چىدىماي ئاخىرى باشقا دوختۇرخانىغا بېرىشنى لايىق تاپتىم.
   تېزلا قۇلاق كىسەللىكلىرى بۈلىمىدىن تەكشۈرتۈپمۇ ئۈلگۈردۈم. ئۇلارنىڭ دىيىشچە، ئوتتۇرا قۇلاق ياللۇغى باركەن. شۇڭا غەرپچە دورىلار ۋە قۇلاقنىڭ ئىچىنى تازلايدىغان ئوكسىدلىق سۇلار بىلەن بىر ھەپتىدىلا ئوڭشىلىدىغانلىقىنى ئېيتتى. شۇلارنىڭ دىگىنىدەك قىلۋاتىمەن ئەمدى، قالغىنى خۇدايىم شىپالىق بەرسە تېزلا ياخشى بوپ كىتەر دىگەن ئۈمىىدتە سىلەرگە مۇشۇ ئەھۋالىمنى بايان قىلىپ ئولتۇرۇپتىمە.
   ئۆزەڭلارنىڭ بىلگەنلىرىڭلارنى ئايىمىغان بولساڭلا، رەھمەت!

EzQi0908 يوللانغان ۋاقتى 2015-2-7 17:22:08

مىنىڭ قۇلىقىممۇ بىر قىتىم زۇكامداپ قىلىپ ،بۇرنۇم پۇتۇپ قالغان باھانىدە قاتتىق بىر بۇرنۇمنى تازلىغان سەۋەپ بىلەن زۇكامداپ قالساملا سول قۇلۇقۇم ئوڭ قۇلۇقۇمغا قارىغاندا ئاڭلىشى تۆۋەنلەپ كىتىدۇ،ماڭىمۇ بىر يول كۆرسىتىڭلار قانداق قىلسام بولىدۇ؟؟

tadubeg يوللانغان ۋاقتى 2015-2-7 17:22:31

ۋەئەلەيكۇم  ئەسسالام، ھەپتىگىچە ئوڭشالماي قالسا ھەببى قوقىيا دېگەن دورىنى ياكى ھەببى شەبيار دېگەن دورىنى يەپ بىرىڭ.

106 يوللانغان ۋاقتى 2015-2-7 17:59:25

ھە باشتىلا «ھەببى قوقىيا»نى يەۋەتكەن بولسىڭىز «下火»بولاپ بۇنچە دەرت تارتمايتىڭىز.

cooloff يوللانغان ۋاقتى 2015-2-7 18:32:29

tadubeg يوللىغان ۋاقتى  2015-2-7 17:22 static/image/common/back.gif
ۋەئەلەيكۇم  ئەسسالام، ھەپتىگىچە ئوڭشالماي قالسا ھەببى ...

رەھمەت، سىزگە تادۇبەگ ئەپەندىم.  يەنە بىر ئىشنى سورىۋالسام، يىرىڭنىڭ توختىماسلىقى نىمىنىڭ سەۋەبىدىندۇ؟ غەربچە دورىلاردىن تارتىپ ئىستىمال قىلىپ، قۇلاقنى 3 ۋاق قوش ئوكىسدلىق سۇدا پاكىز يۇيۇپ تۇردۇم بولمىسا.

nusrat يوللانغان ۋاقتى 2015-2-7 18:40:02

كىگىز يۇڭلىرىنى قۇلىقىڭىزغا تىقسىڭىز بولماس ، مىكروپ كىرىپ ياللۇغنى تېخىمۇ ئېغىرلاشتۇرىۋېتەر :
ئالدىنقى مەزگىللەردە قۇلىقىم بەك قاتتىق ئاغرىپ ساقايدى، دەل سىز دىگەندەك كىچىسى قۇلاق، ئەتراپى، مىڭە،جاغلار قوشۇلۇپ قاتتىق ئاغرىپ كەتسە يېتىش مۇمكىن ئەمەس كىچىچە تىك ئولتۇرۇپ يىغلايدىغان ئىشكەن. كۈندۈزىمۇ مېترولارغا چىققاندا زىــــــــڭ قىپلا بىر ئاغرىيدۇ توختىمايدۇ...دورىخانىدىن تېمىتىدىغان دورا بەرگەن ئىدى، شۇنى تېمىتىپ يۈرۈپ سوغدىن ساقلاپ ياخشى بولۇپ كەتتىم. ئاغرىق توختىتىش دورىسىمۇ بەرگەن پەقەت چىدىمىغاندا بىرەر تالدىن ئىچتىم ، ئەكىس تەسىرىدىن قورقۇپ. ئەڭ ئاساسلىقى قۇلاقنىڭ تازىلىقىغا دىققەت قىلىش، ۋاقتىدا تازىلاش، تازىلىغاندا پاكىز، ئىمكانىيەت بولسا دىگزىنفىكسىيە قىلىنغان سايمانلارنى ئىشلىتىش، بەك چوڭقۇر كولىماسلىق. قۇلاق ياللۇغلانسا ئىسسىقى ئېشىشقا قارىغاندا سىرتتىن زىيانلانغان بولۇش ئىھتىماللىقى چوڭ دەپ ئويلايمەن .

tadubeg يوللانغان ۋاقتى 2015-2-7 18:45:10

cooloff يوللىغان ۋاقتى  2015-2-7 18:32 static/image/common/back.gif
رەھمەت، سىزگە تادۇبەگ ئەپەندىم.  يەنە بىر ئىشنى سورىۋ ...

ئېنىق بىر نەرسە دېگىلى بولمايدۇ.

uyghurqq يوللانغان ۋاقتى 2015-2-7 19:43:57

6 aylik  bolgan kizim mu ottura kulak yaluhi bop sakaygab likin kulki arkisida azirak baz yognap kaptu buni kandak kilsak ongxila?

dillani يوللانغان ۋاقتى 2015-2-7 20:44:18

  بىزنىڭ  مەھەللىدە شۇنداق قۇلاق ئاغرىقى ،قۇلاڭ يىرىڭى بولغانلارنى بالا ئېمىتىۋاتقان ئاياللارنىڭ سۈتىنى قۇلاق ئىچىگە ئازراق ،قۇلاق سىرتىغا كۆپرەك تېمىتىش بىلەن داۋالايدۇ . {:112:}
ئاندىن يەنە ئوسمىنى سىقىپ سۈيىنى ئىچى سىرتىغا تېمىتىدىغان .{:112:}
يەنە سۈتلۈك ئوت ( يۆگىمەچ ئوت ،يەنى يازلىقى دەرەخ،جىگدىلەرگە يامىشىپ ئۆسىتىدىغان ئۆسۈملۈك ) نىڭ سۈتىنى سىقىپ تېمىتىدىغان .{:112:}
بەك گەپ ئاڭلىماي  ئوڭشالمىسا ساتىراچقادەپلا  كارت قىلىدىغان .:{:101:}lol

79588010 يوللانغان ۋاقتى 2015-2-7 22:25:47

مۇشۇ باھانىدە مەنمۇ سورىۋالاي، قىشتا قۇلاقچا كەيمەي بىر مەزگىل توكسىكىلىت مىنىپ ساپتىمەن،:dizzy:
شۇنىڭ بىلەن قۇلاققا ئازراق شامال ئۇرسا بىر خىل بىئاراملىق ھېس قىلىمەن،يىرىڭ يوق،ئاڭلاش سېزىممۇ نورمال،بەزىلەر ئىسسىق ئۆتكۈزۈپ بەرسە ياخشى بولىدۇ دەيدىكەن،ئۆيدە كىچىك تىپتىكى قىزىتقۇش بار. مۇشۇنىڭغا داۋا بارمىدۇ؟ تىۋىپلار  مەسلەھەت بەرسە،رەھمەت

106 يوللانغان ۋاقتى 2015-2-7 23:06:25

79588010 يوللىغان ۋاقتى  2015-2-7 22:25 static/image/common/back.gif
مۇشۇ باھانىدە مەنمۇ سورىۋالاي، قىشتا قۇلاقچا كەيمەي ب ...

قۇلاق ئەتراپىنى مايلاڭ. قوي مىيى بولسىمۇ، قەلەمپور مىيى بولسىمۇ بولىدۇ. ئاندىن لوڭگىنى قىزىتىپ قۇلاققا يىقىپ ئىسسىق ئۆتكۈزۈڭ.

106 يوللانغان ۋاقتى 2015-2-7 23:07:20

uyghurqq يوللىغان ۋاقتى  2015-2-7 19:43 static/image/common/back.gif
6 aylik  bolgan kizim mu ottura kulak yaluhi bop sakaygab likin kulki arkisida azirak baz yognap kap ...

بەز دىمەي يۇمشاق دىگۈلۈك. بىر مەزگىلدىن كېيىن ئۆزى ئوڭشىلىپ كىتىدۇ.

UyghurBalisi يوللانغان ۋاقتى 2015-2-8 02:45:42

سىزگە قاتتىق ئاگاھلاندۇرۇشتىن بىرنى دەپ قوياي، ئەڭ تېز ۋاقىت ئىچىدە چوڭ دوختۇرخانىلارغا بېرىپ ۋاقتىدا تەكشۈرتۈپ ئوتتتۇرا قۇلاق ياللۇغىدىن ئۈزۈل كېسىل قۇتۇلۇۋېلىڭ! بولمىسا ئۇزىراپ كەتسە ئاڭلاش ئىقتىدارىڭىز ئۆمۈرلۈك كاردىن چىقىدۇ، كەمىنە شۇنداقلاردىن بىرىمەن، مەنلا تاتاي بۇنىڭ دەردىنى ۋاقتىدا چوڭ دوختۇرخانىلارغا بېرىڭ!!

jaggiwar يوللانغان ۋاقتى 2015-2-8 07:58:16

ئ‍ۈستىدىكى تورداش توغرا دەيدۇ ،قۇلاق كىسىلى ناھايىتى  جاھىل كىسەل ،كىسەللىك تارىخى ئ‍ۇزىراپ كەتسە ساقىيىش نىسپىتى بەك تۈۋەن شۇڭا ۋاختىدا داۋالىنىڭ ھەرگىز كەينىگە تارتماڭ

uyghurqq يوللانغان ۋاقتى 2015-2-8 22:05:05

106 يوللىغان ۋاقتى  2015-2-7 23:07 static/image/common/back.gif
بەز دىمەي يۇمشاق دىگۈلۈك. بىر مەزگىلدىن كېيىن ئۆزى ئو ...

رەھمەت سىزگە...قىزىمنىڭ قۇلقىنى ئويلىساملا بەك كۆڭلۈم يېرىم بولاتتى

juxkun يوللانغان ۋاقتى 2015-2-9 20:15:47

يىرىڭ ئېقىۋاتقان بولسا دەرھال دوختۇرخانىغا بېرىپ قۇلاقنى تەكشۈرتۈڭ. بەلكىم قۇلاق پەردىسى ياللۇغلىنىپ تىشىلگەن بولشى مۇمكىن.

106 يوللانغان ۋاقتى 2015-2-9 20:33:58

يىرىڭ ئىقىپ توختىمىسا ماڭا قىسقا ئۇچۇر قىلىڭ. ئۇيغۇر تىبابىتىدىكى ئاقما-جاراھەتكە پەيدا قىلدىغان دورىنى تىپىپ بىرىمەن.

bendora يوللانغان ۋاقتى 2015-2-9 23:09:18

106 يوللىغان ۋاقتى  2015-2-7 23:06 static/image/common/back.gif
قۇلاق ئەتراپىنى مايلاڭ. قوي مىيى بولسىمۇ، قەلەمپور مى ...

سىز تېۋىپما؟

cooloff يوللانغان ۋاقتى 2015-2-10 21:10:42

كۆپچىللىككە رەخمەت، دوختۇرغا بېرىپ كۆرۈندۈم، نەتىجىسى شۇ بولدىكى، قۇلاق يىرىڭداپ پەردە تىشىلىپتۇ. پەردىنى ئوڭشاش ئۈچۈن ياماپ ئوپىراتسىيە قىلدۇرمىشمەن. ئەمدىكى گەپ قۇلاق پەردىسى تىشىلىپ كەتسىمۇ قۇلاي ئاڭلاۋىرىدىكەن، ناۋادا قىلغۇزمىسام كىيىن بەك پاڭقاي بوپ قالىمىشمەن. بۇنى ئاڭلاپ قوقتۇم. ئاراڭلادا ئاشۇنداق قۇلاق پەردىسى يامىتىش ئوپىراتسىيسى قىلغۇزغانلار بارمۇ؟

cooloff يوللانغان ۋاقتى 2015-2-10 21:13:00

دوختۇردىن سورىسام بۇ ئوپىراتسىيە بەك چوڭ ھىسابلانماسمىش، لىكىن دەيدۇلەر، پۈتۈن بەدەن بىھۇش قىلۇرمىش مىنى. پۈتۈن بەدەنلىك بىھۇش قىلسا ئەكىس تەسىرى زورمىدۇ؟ بۇنىڭ مەن تېخى 26 ئۇلاشقان يىگىت. مۇشۇنىڭدىن بىر زاكات ئارىمامسىلەر؟
بەت: [1] 2
: قۇلاق كىسەللىكى توغرىسىدا مەسلىھەت بەرسەڭلار