bilig2010 يوللانغان ۋاقتى 2015-2-7 10:29:06

ئادىل ئىشلەپچىقىرىش شەكلى ۋە تەقسىمات(1)

ئىنسانلار توپى پەيدا بولۇپ قۇلدارلىق دەۋىردىن كاپتالىزىم دەۋرىگىچە  كەلگۈچە ھەرخىل قۇرال سايمانلاردىن پايدىلىنىپ ماددى نىمەتلەرنى ئىشلەپچىقىرىش شەكلى  ۋە تەقسىمات تۈزۇمى پەيدىنپەي  ئۆزگۈرۈپ ئادىللىققا قاراپ  تەرەققى قىلدى .قۇلدارلىق دەۋىردە قۇل ئاساسلىق بايلىق ھىسابلىنىپ ئىشلەپچىقارغۇچى قۇللار تەقسىماتتا ھىچنىمىگە ئىرىشەممىگەن بولسا ،فىئۇدالىزىم دەۋرىدە يەر ئاساسلىق بايلىق ھىسابلىنىپ ئىشلەپچىقارغۇچى دىھقانلار ئازىراق بولسىمۇ شەخسى مۇلۇك تەقسملىنىدىغان بولدى ،كاپتالىزىم دەۋرىدە زاۋۇت كارىخانا ۋە زاۋۇت كارىخانىدىكى ئىشلەپچىقىرىش قۇرال سايمانلىرى ئاساسلىق بايلىق ھىسابلىنىپ ئىشلەپچىقارغۇچى ئىشچىلارخىلى ئاساسلىق تەقسىماتقا ئىرىشتى .
سانى ئاز بولغان كاپتالىستلار نۇرغۇن بايلىق توپلىغان بولسىمۇ شەخىسلەرنىڭ بايلىقنى كونتىرول قىلىشى بايلىقنىڭ قىممەت قانۇنىيتى بىلەن يۈرىشىشىگە كاپالەتلىك قىلدى ،جەمىيەت خىلى ئادىل بولغاچقاھەريىلى قابىلىيەتسىز كاپتالىسىتلار ۋەيران بولۇپ قابىلىيەتلىك كىشىلەر كاپتالىسلىق ئورنىغا چىقىپ تۇردى . ئۆزىنىڭ قابىلىيتىگە تاينىپ كاپتالىست بولالاىغانلار خىلى نۇرغۇن بولغاچقا يەنىلا بىز بۇنداق جەمىيەتنى خىلى ئادىل دىمەي تۇراممايمىز.
بىراق ئاز ساندىكى كىشىلەرنىڭ زاۋۇت كارىخاننى بايلىق ئارقىلىق كونتىرول قىلىپ پىينى كونتىرول قىلىش ئارقىلىپ كۆپ قىسىم تەقسىماتقا ئىرىشۋالىدىغان بۇنداق تەقسىمات  ياۋرۇپادىن تارتىپ دۇنيانىڭ كۆپ قىسىم جايلىرىغىچە جەمىيەتتىكى بايلىقنىڭ ئاز قىسىم كىشىلەرنىڭ قولىغا مەركەزلىشىپ قىلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقاردى .ئۇلار پەقەت بايلىقنىڭ قىممەت قانۇنىيتى بىلەن ئايلىنىشىغا كاپالەتلىك قىلغان بولسىمۇ بىراق ئۆزىنىڭ ئىستىمالىدىن تاشقىرى نۇرغۇن بايلىقنى كونتىرول قىلۋىلىپ جەمىيەت ئىستىمالىنىڭ جانلىقلىقىغا تەسىر كۆرسەتتى .
بۇنىڭدىنمۇ ئادىل بولغان ئىشلەپچىقىرى شەكلى ۋە تەقسىمات مەۋجۈتمۇ يوق ؟
ئەگەر مەۋجۇت بولغان بولسا دۇنيادىكى بىر پىرسەنىت باينىڭ %99بايلىقنىڭ كونتىرول قىلۋىلىشىنى بەلكىم تۈگەتكىلى بولىشى مومكىن ئىدى .
ماقالىنىڭ ئىككىنجى قىسىمىدا تىخىمۇ ئادىل بولغان ئىشلەپچىقىرىش شەكلى ۋە تەقسىماتنىڭ مومكىنچىلىقى ئۆستىدە توختلىلىمىز.

dillani يوللانغان ۋاقتى 2015-2-7 21:19:04

مۇشۇمۇنى يوللىدىڭىزمۇ ،قانچىلىك ئادەم چۈشىنەر .
تەقسىماتنىڭ ھەممىسى ئادىل بولىدۇ، ھېچ بولىمىغاندا شۇدەۋىردە .

678123 يوللانغان ۋاقتى 2015-2-7 23:24:45


نىمىنداق قىسقا،تىما تاللىغان مەزمۇن ياخشىكەن،بىراق سەل قىسقا بۇلۇپ قاپتۇ. يەنىمۇ كۇچىشىڭىزنى ئۇمۇد قىلىمەن.

xXx يوللانغان ۋاقتى 2015-2-8 03:51:13

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   xXx تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-2-8 04:20  

داۋامىنى كۇتىمىز .
بەت: [1]
: ئادىل ئىشلەپچىقىرىش شەكلى ۋە تەقسىمات(1)