ئەمدى مەن يوق
ئەمدى مەن يوقئويلاپ تولا بولمىغىن غەش يۇتۇپ ئاچچىق،
قادالمايمەن كۆزلۈرىڭگە ئەمدى مەن يوق.
بولما بىزار دەخمىز دەپ پىشانەمگە،
قىلغىن پەرۋاز ئەركىن قۇش سەن ئەمدى مەن يوق.
قىسمەتلەرنى كۆردۇق تالاي ھاياتلىقتا،
ئىزلەپ ۋىسال قاراڭغۇلۇق جۇدالىقتا،
گاڭگىرىدۇق تولا يىغلاپ ھەيرانلىقتا،
بولدى تامام شۇ ئارزۇلار ئەمدى مەن يوق.
كەلمىدى دەپ چىكىپ پەريات قىلما غەلۋە،
تاشلىغىن شۇ خۇيلۇرىڭنى بولما تەلۋە،
قالساڭ ئۇچراپ مۇشاققەتكە ئەگەرلەردە،
بارالمايمەن كۆكرەك كىرىپ ئەمدى مەن يوق.
كەتتىڭ ئويلاپ يىڭى تۇرمۇش ۋە بەختىڭنى،
بىلمەي قىلغان ساداقەت ۋە ئەقىدەمنى،
نىدايىم شۇ قىلسۇن يارۇ تاج تەختىڭنى،
چىكىپ ھەسرەت كەلسەڭ ئىزلەپ ئەمدى مەن يوق.
قالدى يىراق ئەسلىمىلەر پىغانلاردا،
تۇتۇپ سۇنى تۇرالمىدۇق تۇغانلاردا،
قالسا نازۇك بەدەنلىرىڭ جۇدۇنلاردا،
يىپىپ جۇۋا ئىسىتقىلى ئەمدى مەن يوق.
كۆرسەڭمۇ گەر چۈشلىرىڭدە ھەر تۈنلەردە،
چىچىڭ سىلاپ باغاش ئەتكىن ئەمدى مەن يوق.
ئاپتۇر:tulpar126
باللار ئامىرخاننىڭ «پ ك »دىگەن كىنوسى توغرىلىق ئىزدىنىشتا بىر خەۋەر كۆرگەندەك قىلغان. ھىچ تاپالمايمەنغۇ؟
بەت:
[1]