jan يوللانغان ۋاقتى 2015-2-6 23:52:25

ئۇمۇنغا رەددىيە ( 2 )

ئۇمۇنغا رەددىيە
(2 )
جان

   « ھەقىقەت ، رېئاللىق ، ئەقلىي ھۆكۈم ، ئىلمىيلىك ، لوگىكىلىق » - دېگەندەكگۈزەلسۆزلۈكلەرھەربىر يازمىسىدا تۆكۈلۈپ تۇرىدىغان ئۇمۇن بەگ، بىر قېتىملىق « ئىلمىيماقالە » سى(مىللىتىمىز ۋە مەۋجۇتلۇق ) نىڭئاخىرىنى تۆۋەندىكى« ئەقلىي ھۆكۈم » بىلەن خۇلاسىلايدۇ:
« ھەقىقەت شۇنى كۆرسىتىپ ئۆتۈپتىكى ئالدىمىزدە ئىككى خىل ئاچچىق رىئاللىق سوزۇلۇپ يىتىپتۇ. بىرى يوقۇلۇش بىرى ئۆزىنى يىڭىلاش ئارقىلىق مەۋجۇتلىقىنى ساقلاش. » ( ئۇمۇن)
   : قايسى « ھەقىقەت شۇنى كۆرسۈتۈپ ئۆتكەن » بولغىيتى؟ يەنى – «ئۇيغۇرلارنىڭ ئالدىداياكى يوقىلىش، ياكى ئۆزىمىزنى يېڭىلاش»- تىن ئىبارەت ئىككىلا يولنىڭ بىزنى قارشى ئېلىۋاتقانلىقىنى، بىزنى شۇ يەرگە قىستاپ كېلىۋاتقانلىقىنى، بىزنى مەجبۇرى تاللاشقا زورلاۋاتقانلىقىنى كۆرسۈتۈپ تۇرغان « ھەقىقەت » زادى قايسى دوقمۇشتا « ئۇمۇن » بەگكە يولۇققان بولغىيتى دەيمىنا. ياكى قايسى تار كوچىدا بۇ « ئاچچىق رېئاللىق تولغۇنۇپ ياتقان » ھالىتىدە « ئۇمۇن » بەگنى چۆچۈتۈپ قويغاندۇ؟ يوقالساق قايسى شەكىللىك جەرياننى باشتىن كەچۈرۈشكە مەجبۇرلىنىمىز؟ ئۆزىمىزنى يېڭىلاپ، مەۋجۇتلۇقىمىزنى ساقلاشقا توغرا كەلسە، قايسى شەكىلدە يېڭىلىنىمىز؟

   بەلكى « ئۇمۇن » بەگتەكىتلەۋاتقان « ھەقىقەت » ئۇنىڭمۇنۇ ھۆكمىدەغۇۋاكۆرۈلگەن بولسا كېرەك:
« مىللى سىستىمىمىزنىڭ مۇستەھكەملىشىشى، مىللىي جەلىپكارلىقىمىزنىڭكۈچىيىشى ئۈچۈن ئەخلاقى، دىنى ۋە مىللىي قىممەت ئۆلچەملىرىمىزنى تەڭشىشىمىز ھىسياتچان ھالىتىمىزنى ئەقلىي ھۆكۈمگە مائىل ۋەزىيەتكە ئەكىلىشىمىز كىرەك. » ( ئۇمۇن)

   بۇ رەڭلىك جۈملىلەرنىڭ مەزمۇنىنى يىغىپ بولالماي، نۇرغۇن ئوقۇرمەنلەر قايمۇقۇپ كەتتى تورلاردا . ئۇنىڭچە بولغاندا« مىللىي سسىتېمىمىزنىڭ مۇستەھكەملىشىشى ، مىللىي جەلىپكارلىقىمىزنىڭ كۈچىيىشى ئۈچۈن ئەخلاقي، دىنى ۋە مىللىي قىممەت قارىشىمىزنى تەڭشىشىمىز كېرەك ! » ئىكەن . يەنى ئۆزگەرتىشىمىززۆرۈر ئىكەن. « ھازىرقى ھېسسىياتچان ھالىتىمىز » نى ئۆزگەرتىپ، ئەقلىي ھۆكۈم چىقىرالايدىغان ۋەزىيەتكە ئەكىلىشىمىز لازىم ئىكەن. قايسى ئۇسۇل بىلەن شۇنداق قىلىشىمىز لازىم؟ ئۇ مۇنداق دەيدۇ:

« بۈگۈنكى رىئال جەمىيەتكە ئىدولوگىيىرىمىزنى ئۇيغۇنلاشتۇرشىمىز ۋە مىللىي سىستىمىمىزنى كۈچەيتىشىشىمىز ئۈچۈن بىزگە دۈشمەن سىستىمىلاردىن كۈچلۈك زامانىۋىي ۋە ئىلغار ئىدولوگىيەگە ئىگە بولىشىمىز كىرەك. » ( ئۇمۇن)

    مەزكۇر چاچما ( نەسرىي ) مۇستەقىل ئابزاسلارنى ئۆز- ئارا باغلاشتۇرۇپ چۈشەنگىنىمىزدە مۇنداق « تەلىم تەربىيە » چىقىۋاتىدۇ:
    مىللىي سىستېمىنى دىنىمىز بىلەن، ئەخلاقىمىز بىلەن ، شۇنداقلا ھازىرقى مەۋجۇت ھېسسىياتچان ھالىتىمىزبىلەن كۈچەيتكىلى، جەلىپكار ھالەتكە ئەكەلگىلى بولمايدۇ. بەلكى بۈگۈنكى رېئال جەمئىيەتكە ئىدېئولوگىيەرىمىزنى ئۇيغۇنلاشتۇرۇپ، بىزگەدۈشمەن سىستېملاردىنمۇ كۈچكلۈك، زامانىۋىي، ئىلغار ئىدېئولوگىيەگە ئىگە بولۇشىمىز كېرەك. مانا بۇ « ئۆزىمىزنى يېڭىلاپ، مەۋجۇتلۇقنى ساقلاش » نىڭ ئۇسۇلى.
    مۇشۇ يەردە بىر قېتىميىغىنچاقلاپ ئۆتەيلى. مىللىي سىستېم دېگەن نېمە؟ بۇ مىللىي قۇرۇلما- دېگەن بولامدۇ؟ ياكى بارلىق ئادەتلىرىمىز دېگەن بولامدۇ؟ بىزنىڭ مىللىي قۇرۇلمىمىزدا ئىسلام دىنى، ئۇيغۇر تىلى، ئۇيغۇرغا خاس ئەنئەنىۋىمەدەنىيەت، ئۇيغۇرغا خاس ئۆرپى- ئادەت، ئۇيغۇرغا خاس ياشايدىغان جۇغراپىيەلىك ئانا تۇپراق بار.ئەگەر « ئۇمۇن » بەگ « مىللىي سىستېمىمىز » دېگەن سۆزىدىن مۇشۇ قۇرۇلمىلارنى مەقسەت قىلىۋاتقان بولسا، بۇ قۇرۇلمىغا چىڭ يېپىشىۋالغانلىقىمىز « ھېسسىياتچان ھالەت » بولۇپ، ئۇنى « ئەقلىي ھۆكۈمگە مايىل قىلمىساق، يوقىلىش يولى سوزۇلۇپ ياتقان » بولسا، مەزكۇر قۇرۇلمىنىڭ قايسى پارچىسىنى « دۈشمەن سىستېملاردىنمۇ كۈچلۈك ئىدېئولوگىيەگە » ئالماشتۇرماقچى ؟   ئۇ دۈشمەنئىدېئولوگىيە قايسىلاردىن ئىبارەتتۇر؟ تىلنى يېڭىلايمىزمۇ؟ ناخشا- مۇكىكىلارنى يېڭىلايمىزمۇ؟ دىنىمىزنى يېڭىلايمىزمۇ؟ ياشايدىغان جۇغراپىيەرىمىزنى ئالماشتۇرىمىزمۇ؟ ئولتۇرۇپ- قوپۇش ئادەتلىرىمىزنى ئالماشتۇرىمىزمۇ؟ جىددى يېڭىلاشقا تېگىشلىك بولۇپ كېتىۋاتقان قالاقلىقىمىز قايسىلار؟ -جاۋابىنى« ئۇمۇن » بەگدىن ئاڭلايلى. ئۇمۇنداق دەيدۇ:

    « ياشلارنى مەدەنىيىتىمىزگە قىززىقتۇرۇش، ئۇلارنى ئۇيغۇر بولۇشقا رىغبەتلەندۈرۈش ئۈچۈن كاللىمىزدىكى مىللىي ۋە دىننى قىممەت ئۆلچەملىرىنى دەۋىرنىڭ تەرەققىياتىغا ئۇيغۇنلاشتۇرشىمىز كىرەك.»(ئۇمۇن)

بۇ مۇستەقىل چاچما ئابزاستىكى ياشلارنى قىزىقتۇرماقچى بولغان « مەدەنىيتىمىز» بىلەن، « كاللىمىزدىكى مىللي ۋە دىنى قىممەت ئۆلچەم » نېمىدىن دېرەك بېرىدۇ؟ بىز ياشلىرىمىزنى قايسى مەدەنىيىتىمىزگە قىزىقتۇرىشىمىز لازىم؟بۇ يەردىكى « مىللىي قىممەت » نېمە؟ « دىنى قىممەت » نېمە؟ ئۇ قىممەتلىرىمىزنى دەۋرىنىڭ قايسى تەرەققىياتىغا ئۇيغۇنلاشتۇرىشىمىز كېرەك؟ مىللىتىمىزگە خاس بولغان مەدەنىيەتلىرىمىزنى دەۋرىنىڭ قايسى شەكىلدىكى تەرەققىياتىغا ئۇيغۇنلاشتۇرىمىز؟ دىنىمىزنىچۇ؟ دەۋرىنىڭ تەرەققىياتى دېگەننى كونكرېت ئېيتقاندائۇ نېمە ؟ تەرەققىيات دېگەننىڭ ئۆزىلا نېمىنى بىلدۈرىدۇ؟

   « ياشلارنىڭ شەخسى ئىنتىلىشى ۋە قىززىقىشىغا بولغان مىللىي چەكلىمىللىرىمىز بالىللىرىمىزنى مىللەتتىن سەسكەندۈرشكە سەۋەپ بولۇپ قىلىشى مومكىن. شۇنۇڭ ئۈچۈن بالىلارغا مۇۋاپىق ئەركىنلىكنى بىرىش ئاقىلانە تاللاشتۇر. »(ئۇمۇن)

   ئابىياتىن ئۇلارنى مىللىي مەدەنىيىتىمىزگە قىزىقتۇرىشىمىز كېرەك ئىدىغۇ! ئەمدى نېمە بولدى؟ ياكى كاللىمىزدىكىمىللىي مەدەنىيىتىمىزنى دەۋرىگە ئۇيغۇنلاشتۇرۇپ يېڭىلاپ بولۇپ، ئاندىن ياشلىرىمىزنى شۇنىڭغا قىزىقتۇرىمىز- دېگەن گەپمۇ، يا بولمىسا؟

« تار پادىچىللار ئىشتىنى كىيگەن،چىچىنى مۆرىسىگە قەدەر قويغان،قۇلىقىغا ھالقا تاقىغان بىر ئۇيغۇر ئەركىكىنى كۆرگەندە قانداق قىلىسىز؟ئۇنۇڭ تاماكا ۋە ھاراق ئىچكەن تۇرقىنى كۆرگەندە مىللەتتىن ئۆمۈدسىزلىنەمسىز؟؟» (ئۇمۇن)

   « كۆپۈنچە ئۆزىنى ئۇيغۇر ساناپ مەيدىسىگە ئۇرغانلار يۇقارقى ئۇيغۇر پورتىرىتىنى كۆرگەن ھامان ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ غىلجىڭ ياشلارغا تولۇپ،جەمىيەتنىڭ بۇزلۇپ كىتىۋاتقانلىقى ئۈستىدە شىكايەت قىلىدۇ. ئەسىلى ئىشنىڭ ماھىيىتى بىزنىڭ ئويلىغىنىمىزدەك ئەمەس. سىز كۆرگەن ئۇ «غىلجىڭ» ئۇيغۇر ئۆز مىللىتى ئۈچۈن ئۆز مەنپەئىتىدىن ۋاز كىچەلەيدىغان كىشى بولىشى ھەتتا ھەر خىل يوللار بىلەن مىللى سىستىمىنىڭ كۈچىيىشىگە تۆھپە قوشىۋاتقان بىرى بولىشى تامامەن مومكىن. ئۇ ھالقا تاقىغان،خەلقى ئۈچۈن قولىدىن كەلگىنىنى قىلىۋاتقان «غىلجىڭ»ئەركەكنىمىللەتنىڭ قۇتقۇزغۇچىسى دەپ جاكارلىسام جاكارلايمەنكى ئۆزىنى ئەركەك سانىغانئىتىكاپتىكى 100خىيالپەرەس موللىدىن ئۆمۈد كۈتمەيمەن. مىللىتىمز خىيالپەرەس دىندار ياكى رادىكال مىللەتچى ياشلارغا ئەمەس سالماق ۋە رىئال پوزىتسىيەگە ئىگە ئەۋلادلارغا ئىھتىياچلىق.»( ئۇمۇن)

    مەسىلىنىڭ تۈگۈنى مۇشۇ يەردە بىر قېتىم يېشىلگەندەك تۇرىدۇ.بارلىق دەرت- ھەسرەتلەر توپلىشىپ قالغان خالتا مۇشۇ مۇستەقىل ئىككى چاچما ئابزازستا تېشىلگەندەك. « ئۆزىمىزنى يېڭىلاپ، دەۋرىگە ئۇيغۇنلىشىش ، مەۋجۇتلىقىمىزنى ساقلاپ قېلىش ! » - دېگەن، جاراڭلىق شۇئار ئاستا كۇسۇلداپ، بارغانچە پىسىلداپ قالغاندەك تۇرىدۇ.بۇرۇت قويغان، سىماسىدىنلا ئۇيغۇرلۇقنى كۆرسۈتۈپ تۇرىدىغان ياشلىرىمىزنى قايسى زۆرۈرىيەت تۈپەيلىدىن قۇلىقىغا ھالقا تاقىۋالغان، غىلجىڭ، غىتمەك ياشقا تېگىشىۋېتىشىمىز كېرەك بولۇپ قالدى؟ ئوغۇللىرىمىز قۇلىقىغا ھالقا تاقاپ، غىلجىڭلىشىپ كەتسە، ئىلغارلىققا، زامانىۋىلىققا، دۈشمەن سىستېمدىن كۈچلۈك بولغان سىستېمغا كۆچكەن بولىمىزما؟

« مىللىتىمز خىيالپەرەس دىندار ياكى رادىكال مىللەتچى ياشلارغا ئەمەس سالماق ۋە رىئال پوزىتسىيەگە ئىگە ئەۋلادلارغا ئىھتىياچلىق.يۇقارقىدەكمىللەتتىكى ئەنئەنىۋى رادىكال ھۆكۈملۈكلەر ياشلىرىمىزنىڭ ئۆز مىللىتىدىن سەسكىنىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىۋاتىدۇ. » (ئۇمۇن)

مىللىتىمىز قاچان، قەيەردە شۇنداق غىلجىڭلارغا ئېھتىياجلىق بولۇپ كەتتى؟ مەقسەتنىڭ بارى يوقى شۇمىتى؟ سىستېم ئالماشتۇرۇش- دېگەن گەپنىڭ كونكرېت شەكلى شۇمىتى؟

« تۈركلەردىن ئىزا تارتىپ ئۆزىنى ئۇيغۇر دىيىشتىن نۇمۇس قىلىدىغان، ئۇيغۇر بولۇپ قالغىنىدىن ئۆكۈنىدىغان، ئۇيغۇرچە تار چۈشەنچىلەردىن سەسكەنگەنلىكىنى ئىتراپ قىلىدىغان ياشلار بىلەن كۆپ ئۇچراشتىم. ئۇلار ئۇيغۇرچە ناخشا ئاڭلاش،ئۇيغۇرچە كىنو كۆرۇش،ئۇيغۇرچە خەت يىزىش،ئۇيغۇرچە كىتاپ ئوقۇش ۋە ئۇيغۇرچە تەپەككۈر قىلىشتىن سەسكىنىدۇ ۋە بۇ خىل ئادىتى بار كىشىلەرنى قالاق دەپ قارايدۇ.بۇ بايانلارنى ئوقۇغاندىن كىيىن مىللىي ھىسياتىمىزنىڭ تىشىپ بۇ خىلدىكى ياشلارنى تىللاشقا باشلايدىغانلىقىمىزنى ئۇلارمۇ بىلىدۇ.» (ئۇمۇن)

   « بۇ خىل ياشلار ئادەتتە چەتئەل مەدەنىيىتى ۋە خەنزۇ مەدەنىيىتى بىلەن ئۇچۇرشۇش پۇرسىتىگە ئىگە.ئۇلار ئۇيغۇر مەدىنىيىتىنى باشقا مەدەنىيەتلەر بىلەنسىلىشتۇرىدۇ ۋە ئۇيغۇر مىللىي سىستىمىسىنىڭ قالاق ۋە زامانىۋىيلىقتىن يىراقلىقىنى ھىس قىلىدۇ.مەدەنىيەتتىن زىرىكىش ۋە مودا ئىقىمىغا ئۇيغۇرلاردىن كەلگەن قارشى ئىنكاس بۇ خىل ياشلارنىڭ شەخسى قىززىقىشى ۋە ئىنتىلىشىنى بوغقانلىقى ئۈچۈن بۇ خىل ياشلار تەبىيلا ئۇيغۇردىن ئىبارەت سىستىمىدىن سەسكىنىدۇ ۋە ئۇنۇڭغا كۆڭۈل بۆلمەيدۇ.» (ئۇمۇن)

   مۇشۇ ئىككى مۇستەقىل ئابزاستىكى بايان، مىساللار « مىللىي سىستېمىمىز » نى « يېڭىلاش » قا ئۈندەۋاتامدۇ؟ياشلارنىڭ يات مەدەنىيەتكە قىزىقىدىغان ۋاقتى قانچە ياشتىن باشلىنىپ، قانچە ياشلارغىچە داۋاملىشىدۇ؟ بۇ يەردە بىز گۆدەكلەرچە ھېسسىياتقا بېرىلىۋاتىمىزمۇ، يا بولمىسا، گۆدەكلىكتىن تېخى چىقىپ بولالمىدۇقمۇ «ئۇمۇن» بەگ! ھېسسىياتنى ھەجەپ قامچىلايتتۇق، ئەمدى ھېسسىياتىمىز « غىلجىڭ» شىپ قېلىۋاتامدۇ قانداق؟

« .... بۈگۈنكى كۈنلىكتىكى ئەۋلادلىرىمىزنىڭ زامانىۋىيلاشقان، رەڭگا رەڭلەشكەن ۋە ئىچىۋىتىلگەن بىر دۇنياغا بولغان تەلپۈنىشى مىللىيمەدىنيىتىمىزنىڭ قاتماللىقى، چۈرۈكلىكى ۋە سىياسىيلىقى تۈپەيلى چەكلىنىپ قىلىۋاتىدۇ. بۇ سەۋەپلەر تۈپەيلى پەرزەنىتلىرىمىز ئەنئەنىۋىي رادىكال قاراشلىرىمىزدىنزىرىكىپ ئەركىن مەدەنىيەتكە ئاسمىلاتسىيە بولىۋاتىدۇ.» ( ئۇمۇن)

   ئەمدى بۇ گەپلەرنىڭ مەنتىقىسى نەدە قالدى؟ ھېلى تېخى ئۆزىمىز « پادىچى ئىشتىنى كېيگەن، قۇلىقىغا ھالقا تاقىغان، گەدىنىگىچە چاچ قويىۋالغان، غىلجىڭشىپ كەتكەن، ئۇيغۇر چە ناخشا- مۇزىكىدىن، ئۇيغۇرچە سۆزلەشتىنسېسكىنىۋاتقان،» ياشلارنى مەدھىيلەپ، مىللىتىمىزنىڭشۇلارغا ئېھتىياجلىق ئىكەنلىكىنى توۋلىغان ئىدۇققۇ! مۇشۇ سۈپەتلەرنىڭ ئۆزى « ئاسسىمىلاتىسيە » بولماي نېمە ئەمدى؟ بىر دەمدىن كېيىنلا «   پەرزەنىتلىرىمىز ئەنئەنىۋىي رادىكال قاراشلىرىمىزدىنزىرىكىپ ئەركىن مەدەنىيەتكە ئاسمىلاتسىيە بولىۋاتىدۇ »-دەپ، نادامەت چېكىپ قېىۋاتىمىز! ( بىر تاسقام بارمۇ قانداق! ) مەنتىقىلىق تەپەككۇر، لوگىكىلىق باغلىنىش، ئەقلىي ھۆكۈمگە مايىل بولۇش، ھېسسىياتتىن يىراق تۇرۇش- دېگەندەك بىر يۈرۈش تۇراقلىق جۈملىلەرنى قاتارىسىغا تىزىپ قويىدىغان سۆز زىننىتى ئەمەس «ئۇمۇمن» بەگ! ئۇنى سۆزلىگەن لېكىسيەلىرىمىزگە، يازغان « ماقالە» مىزگە سىڭدۈرۈپ، ئالدى بىلەن ئۆزىمىزدە ئىپادىسىنى كۆرسۈتىشىمىزگە مەجبۇرمىز.

« سىستېم » دېگەن سۆزنى بىز ئادەتتە ئىشلەپ چىقىرىش سىستېمى، بازار سىتېمى، ئىش باشقۇرۇش سىستېمى- دېگەندەكماددىي مۇناسىۋەتلەردە تەلەپپۇز قىلاتتۇق. شۇنىڭدەكسىياسى ساھەلەردىمۇ – سوتسىئالىستىك سىستېم، كاپىتالىستىك سىستېم - دېگەندەك ، جەمئىيەت، دۆلەت تۈزۈملىرىدىمۇ كەڭ ئىشلىتىلىدىغان سۆز تۈركۈملىرىنىڭ بىرى ئىدى. بۇ سۆزنىڭ ئۇيغۇرچىدىكى ئىستىمال مەناسى – تۈزۈم، دېگەندىن باشقا نەرسىمۇ ئەمەس.ئەمدى « مىللىي سىستېم» دەيدىغان بىر يېڭى گەپ چىقتىمۇ، ياكى مەن كېچىكىپ ئاڭلاۋاتىمەنمۇ، ئۆزەممۇ ئاڭقىرالماي قالدىم. ئەگەربۇ يەردىمۇ – تۈزۈم، دېگەن مەنادا كەلگەن بولسا، ئۇ چاغدا« مىللىي تۈزۈمنى ئۆزگەرتشى، مىللىي تۈزۈمىمىزنى يېڭىلاش»-دەپ، چۈشىنىمىزمۇ؟ ئۇنداقتا بىزنىڭ مىللىي تۈزۈمىمىزكونكرېت ئېيتقاندا نېمىلەردىن ئىبارەت؟ ئوغۇللىرىمىز بۇرۇتنى ئېلىۋېتىپ، چاچنى گەدەنگە قويۇش، قۇلاقنى تەشتۈرۈپ ھالقا سېلىش، ئىگىز پاشنىلىق پەتىنگە كېيىپ غىجىڭشىپ مېڭىش، ئوغۇللار ئوغۇللار بىلەن، قىزلار قىزلار بىلەن مۇھاببەتلىشىشى، ئوخشاش جىنسلىقلارنىڭ توي قىلىشى سىزچە « مىللىي سىستېمىمىزنى يېڭىلىغان » بولامدۇ؟

( پىكرىمنىڭ كېيىنكى پارچىسىدا « ئۇمۇن » بەگنىڭ يازمىسىدىكى « ئىلىم – پەن، مىللەتنىڭ تەرەققىياتى.... » دېگەندەكمەزمۇنلار تەھلىل قىلىنىدۇ )

ArpatKurban يوللانغان ۋاقتى 2015-2-7 13:25:56

:(

diktatur يوللانغان ۋاقتى 2015-2-7 13:50:34

ئۇمۇن بەگنىڭ ماقالىسىگە مەنمۇ بىر رەدىيە يازاي دەپ تۇرغان ئىدىم ، كاللامدىكى قارشىلىق ،ئاچچىقنى گەپكە ئايلاندۇرالـماي تۇرغاندا بۇ قېرىندىشىمىز لايىقىدا بىر رەدىيە بىرىپتۇ ، تېما ئىگىسى ھارمىغايسىز

Birzat يوللانغان ۋاقتى 2015-2-7 14:29:54

باشتىن ئوقاي دېسەم (1) -يازمىنى تاپالمىدىم يا؟!!!:funk:

jan يوللانغان ۋاقتى 2015-2-7 14:35:46

Birzat يوللىغان ۋاقتى2015-2-7 14:29 static/image/common/back.gif
باشتىن ئوقاي دېسەم (1) -يازمىنى تاپالمىدىم يا؟!!!

كەچۈرۈڭ قېرىندېشىم. يازمىنىڭ بىرىنچىسى تەستىقخانىدا ساقلاۋاتىدۇ. باەداش مۇنبىرىدىن كۆرەلەيسىز.http://bbs.bagdax.cn/thread-28326-1-1.html

gayur1 يوللانغان ۋاقتى 2015-2-7 15:17:58

jan يوللىغان ۋاقتى2015-02-07 14:35:46 static/image/common/back.gif


كەچۈرۈڭ قېرىندېشىم. يازمىنىڭ بىرىنچىسى تەستىقخانىدا
باش قىسمىنى ۋە داۋامىنى مۇشۇ تېمىنىڭ ئاستىغا يوللىغاچ تۇرسىڭىزچۇ!

jan يوللانغان ۋاقتى 2015-2-7 15:43:03

gayur1 يوللىغان ۋاقتى2015-2-7 15:17 static/image/common/back.gif
باش قىسمىنى ۋە داۋامىنى مۇشۇ تېمىنىڭ ئاستىغا يوللىغاچ ...

باش قىسمى ئىزدىنىشتاتەستىق كۈتىۋاتىدۇ. باغداشتا بار. داۋامى يېزىلىۋاتىدۇ. رەخمەت.

aral يوللانغان ۋاقتى 2015-2-7 15:50:28

كىچىك ئاسىيالىق تەنھا ، يالغۇز ۋە پىنھان ئۇستاز ، سېستىما پەنلىرى ئاكادېمىكى سىرئۇمۇن ، 99ئىي نىڭ كوچا ئاخىرىدىكىئىزگىن بارلارنىڭ بىرىدە شەنبىلىك مىللەت شەۋقى بىلەن يېزىلغان دىداكتىك ئەبجەش كوكتېيل ئۇسلۇبىدىكى تېمىسىدا ئەسلىدە بۇ قۇرلار يېزىلىپتىكەندە ... :lol ماڭىغۇ بىر ساماۋىي ماقالە بولۇپ تۇيۇلغان ، بۇ يەشمە يېزىلىپ تەپەككۇر يىپ ئۇچلىرى بىرازسۈزۈلۈپئوبدان بوپتۇ ، ئەڭ بولمىغاندا رېتسار ئۇمۇننىڭ تەنقىد ۋە ئۆزگەرتىشنىشانى ، مىللەت سېستىمىسىنىڭ ئەناسىر تەركىبلىرىدىن بولمىش مەن ۋە ئۇ ..لاربۇ چوڭقۇر ئەھمىيەتلىك ماياك تۈسى ئالغان سىرلىق تېمىدا نىمىلەرنىڭ يېزىلغانلىقىنى بىلىۋالىدىكەنمىز .

ئەمدى قەھرىمانىمىزئاقتۇلپار مىنگەن سېستىما تەنقىتچىسى ئۇمۇن 99 بەگنىڭ يىرىك جۈملىلىرىنى ساقلاپ باقايلى . ئىشقىلىپ بۇ شەنبە يېنىك كۈلكە ئىچىدە پەيزى ئۆتىۋاتىدۇ مانا بۇ يۇمۇرنىڭ پايدىسى .

gldingwash يوللانغان ۋاقتى 2015-2-7 16:38:23

تور يازمىلىرىغا بىر قارىساڭ ناھايىتى ئاددى - ساددا، نەخ، مەقسەت مانا مەن دەپ كۆرۈنۈپ تۇرىدىغان بولۇپ، تورچىلارنىڭ ھەزىم سەۋىيەسىگە ماس كەلگەندەك تۇيغۇ بېرىدۇ. بىراق، ماۋۇ ئىزدىنىش تورى ئۆزىنىڭ پىشمىغان، خالتاڭ-خۇلتۇڭ يازمىلار ۋە ئىنكاسلاردىن خېلىلا خالىيلىقى؛ مەدەنىيەت سەۋىيەسى يۇقىرى، ساپالىق كىشىلەرنىڭ كۆپلۈكى بىلەن مېنى ئۇزاق زامان مارىلاپ كۆرۈشكە ۋە ئاخىرىدا تىزىملىتىپ كىرىشكە مەجبۇر قىلغان. قاچانكى، تەرەپكە بۆلۈنۈپ بىربىرىنى ئىنكار قىلىش ياكى يېڭىۋېلىش، مىللەتنىڭ ئېدىئولوگىيەلىك ھالىتىگە ھاكىملىق قىلىش كويىدىكى پىشمىغان يازمىلار ۋە ئاڭا سۆرىلىپ چۈشۈۋاتقان قىممەتسىز ئىنكاسلار كۆپىيىپ قالدى، شۇنىڭدىن بىرى چوڭلار، بىلىملىكلەر، سەل بىرنەرسىنىڭ ئالدى كەينىنى پەملىگۈدەك بولغانلار ئاستا ئاستا جىمىۋالدى.
ھازىر ئۆزەمنىڭمۇ بەزىدە يازمىسام كېسەل يۇقۇپ قالىدىغاندەك ھېس قىلىپ زورلاپ يېزىپ قويغان بىتايىن ئىنكاسلىرىمغىمۇ نومۇس قىلىدىغان بولۇپ قالدىم. كۈندىلىك تۇرمۇشىمىزغا ئالاقىدار تېز يازمىلار ئۆزىگە تۇشلۇق بولسا، ئۇنداق يازمىلاردا نېمە دېيىشسەك، قانداق چاقچاقلارنى قىلىشساق ئازادە ھالدا كەلسەك، ئەمما ئىلىم ئىشىدا سەل ئەستايىدىلراق بولساق، بىر ئولتۇرۇشىمىزدا پۈتتۈرۈۋەتكەن ھاياجان «ماقالە»لىرىمىزنى بارماق دىسكىمىزغا كۆچۈرۈۋېلىپ ياكى بىرەر دىسكىدا ساقلاپ قويۇپ، بۇ ھەقتىكى قاراشلىرىمىزنى قايتا-قايتا تەپەككۇردىن ئ ۆتكۈزۈپ بولۇپ، ئىنچىكىلەپ ئىشلەپ ئاندن تورغا بەرسەك؛ ئۇنىڭغا ئىنكاس بىلدۈرىدىغانلارمۇ يېرىم سائەت ۋاقىت چىقىرىپ تېمىنى ئەستايىدىل ئوقۇپ، ئۆزىمىزنىڭ زادى نېمە دېمەكچى بولغانلىقىمىزنى ئۆزىمىز تولۇق چۈشەنگۈدەك بولغاندا ئاندىن ئىنكاس يوللاش كۆزنىكىنى باسساق نېمە بولار؟!
قورسىقىمدىكى گەپنى قىلسام، ئوموننىڭ يېقىندا يوللىغان بىرنەچچە پارچە يازمىسى ھەقىقەتەن چولتا چىقىپ قالغان. ئۇنىڭغا ئىنكاس بىلدۈرگۈچىلەرنىڭ ئوخشىمايدىغان مەيداننى ئىپادىلەشتىكى يىنىكلىكى بۇ چولتىلىققا قوشۇلۇپ، ئەسلىدىكى ئىلمىي ئىشنى كۆڭۈل ئاچىدىغان ئەخلەت تېمىغا ئايلاندۇرۇۋېتىپ بارىدۇ.
ماۋۇ تەنقىدمۇ سېپى ئۆزىدىن چاھار بازارغا ئاچقان يايما بوپتۇ. دېمەك مېنىڭ ماۋۇ ئىنكاسىممۇ ئاشۇ يايمىغا يېڭى پايپاقتەك تىزىلىپ قالدى مانا.:lol

AAA يوللانغان ۋاقتى 2015-2-7 17:08:59

ئەھۋالدىن قارىغاندا ئۇمۇننىڭ تېمىلىرىدىكى گۇڭگا تۇيۇلغان خىرە مەسىلىلەر يۇرىيدىغاندەك تۇرىدۇ .

تىمىنىڭ مەزمۇنى بىلەن ماۋزۇسى ماس كەلمەي قالدىمۇ قانداق .
مەن ھېچقانداق بىر رەددىيە ئۇچۇراتمىدىم تىمىدىن، تىمىنىڭ مەزمۇنى ئۇمۇننىڭ تىمىلىرىنى تەھلىل قىلىۋاتقاندەك بىلىندى.

Yatmix يوللانغان ۋاقتى 2015-2-7 17:19:55

Yatmix يوللانغان ۋاقتى 2015-2-7 17:20:40

106 يوللانغان ۋاقتى 2015-2-7 17:57:40

AAA يوللىغان ۋاقتى2015-2-7 17:08 static/image/common/back.gif
ئەھۋالدىن قارىغاندا ئۇمۇننىڭ تېمىلىرىدىكى گۇڭگا تۇيۇ ...

ھا ھا سىزنىڭ ھىلىقى ئىنكاسلىرىڭىز قىززىق، ھە قايسىڭ دەپ بىرىسەن،، قېنى كىم يىشىپ باقىدۇ.......دىگەندەك. ھىلىقى بىرئىتوتتىكى بىرەرسى چىقىپ قالسا «موما مەيمەن» دىيىشىنى ئۈمىت قىلسام ھازىرغىچە ئۇنداق ئادەم چىقىپ باقمىدى دىسە.

umun99 يوللانغان ۋاقتى 2015-2-7 18:07:44

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   umun99 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى2015-2-7 18:10

قەستەن خۇپسەنلىك قىلىپ دۆت قىياپەتكە كىرۋىلىش بۇ يىل مودا بولغان ئوخشايدۇ.
گەپلىرىمنىڭ ھەممىسىنى مەنتىقىلىق دەپ كىسىپ ئىيتالمايمەن.بىراق سىز تەنقىد قىلماقچى بولغان جۈملىلەر رەدىيەلىرىڭىزدىن كۈچلۈك لوگىكىلىقئاساسقا ئىگە.
رىئال مەسىلىگە ئۆچمەنلىكىڭىزنى ۋە باشقا ھىسياتلىرىڭىزنى قىتىۋالماي مۇئامىلە قىلىڭ.مىللەت يوقالمايدۇ دەپ تارىخنىڭ تەرەققىياتىنى كۆرمەسكە سىلىپ جۆيلۈپ يۈرۈپسىز.
ئەقلى بىلەن تەپەككۈر قىلىدىغان كىشىلەرگە رەدىيەرىڭىزنى قويۇپ قويدۇم.

aral يوللانغان ۋاقتى 2015-2-7 18:28:38

umun99 بۇ ماقالىگە سېستىماتىك بىرەر جۈملە كونكىرت بىرنىمە يازالمىسىڭىزسىزنى توغرا چۈشىنىمىز ، بەك ئوڭايسىزلانماڭ ، سىزنىڭمۇ خاس ئۇسلۇبىڭىز بارئەمەسمۇ ...

umun99 يوللانغان ۋاقتى 2015-2-7 19:10:36

بۇ رەدىيە سىستىماتىك تەنقىد يازىدىغان سەۋيەدە ئەمەس.سەۋيەرىڭلا ۋە ئىشتىياقىڭلار مۇشتاق ماقالىلەرگە ھىرىس بولسا ئۇيغۇر مىللىتى دۇنيانى سورايدۇ دەيدىغان نەسىرسىمان نەزىريەلەرنىمۇ ئويدۇرۇپ چىقالايمەن.

hohayla يوللانغان ۋاقتى 2015-2-7 19:15:53

تېما ئىگىسى سىز زادى نىمە دىمەكچى نىمىنى بىزگە ئۇقتۇرماقچىسىزنىڭ نىمە دىمەكچى بولغۇنىڭىزنى پەقەت بىلەلمىدميا رەدىيەگە ئوخشۇمايدۇ يا تەھلىل قىلۋاتقانغا ئوخشۇمايدۇبىزگە چۈشەندۈرمەكچى بولغۇنىڭىز زادى نىمە   قىسقامېغىزلىق قىلىپمەخسىتىڭىزنىڭ يادروسىنى دىگەن بولسىڭىز

gayur1 يوللانغان ۋاقتى 2015-2-7 19:30:37

خۇپسەنلىك(خۇمسىلىقنىڭ بىر تۇققىنى)مۇ بىر كاتتا ماھارەت.

qahqakqi يوللانغان ۋاقتى 2015-2-7 22:07:35

umun99 يوللىغان ۋاقتى2015-2-7 18:07 static/image/common/back.gif
قەستەن خۇپسەنلىك قىلىپ دۆت قىياپەتكە كىرۋىلىش بۇ يىل م ...

باشقا مۇنبەرلەردىكى تېمىلاردا سىزنى تىللاپ ئاچچىقىمنى باسقانتىم...........كىيىن ماقالىڭىزنى ھەممە مۇنبەرگە تۆكۈپ تاماشانىڭ چوڭىنى كۆرەي دەپ ئولتاردىمىكىن دىسەم ئەسلى ئىنكاسلارنىمۇ كۆرۈشكە ۋاقتىڭىزنىڭ چىققانلىقىدىن چەتئەلدىمۇ تەتىللىك ئارامغا قويىۋەتكەن ئوخشايدۇ دەپ بىلدىم..........باشقا يەردە تىللاپ بۇ يەردە سىز دەپ ئالغىنىمنى كىيىنرەك دەپ بىرەرمەن،گەپنىڭ پوسكاللىسى؛:--سىزنىڭ 90% تىن كۆپرەك ئۇيغۇر تورداشنڭ قارشىلىقىغا ئۇچراۋاتقان بۇ يازمىلىرىڭىزنى ھەرقانچە ئاقلىسىڭىزمۇ ئۆزىڭىزنىڭ ئەركىنلىكى،100% تورداش قارشى تۇرسىمۇ سىزگە سىنتلىق زىيىنى تەگمەيدۇ....بەلكى پايدىسى تېگىشى مۈمكىن،چۈنكى بىز كۈندە توۋلاۋاتقان زامانىۋى يېڭى مەدەنىيەت قۇرايلى دەپ توۋلاۋاتقان شۇئارىمىز بىلەن سىزنىڭ يازمىلىرىڭىزدىكىئىددىيەنىڭ ئاساسى مەزمۇنى ئوخشاش(پەقەت شۇئارىمىزدىكى ئەتلەسنىڭ گېپى بىلەن سىزنىڭ يازمىڭىزدىكى غىتمەك ئوغاۋالىنىڭ گېپىدىن باشقىسى)شۇڭا بۇ تەشەببۇسىڭىزنىڭ مۇكاپاتلىنىپ پۇلغا ،ياكى ئەمەلگە ئېرىشتۈرۈش مۈمكىنچىلىكى يۇقىرى.....ئەمدىكى گەپ كۈندە ئاڭلاۋاتقان شۇئار بىلەن سىزنىڭ تەشەببۇسىڭىز ئوخشاش بولسىمۇ لىكىن بۇلاردىكى پەرق......يەنى شۇئارىمىزدا يېڭىلىققا كۆچمىسەك كەينىدە قالىمىز دىگەن ئاڭ بىلەن توۋلاۋاتىمىز،ھەرگىز يۇقىلىمىز دەپ ئەمەس،چۈنكى يۇقالمايدىغانلىقىمىزغا ئىشىنىمىز.............سىزنىڭ يازمىڭىزغا كەلسەك يېڭىلىققا كۆچمىسەك يۇقىلىدىكەنمىز....ئەتە،ياكى ئۆگۈن،كىلەر يىلى،ياكى بەش يىلدىن كىيىن..........مۇشۇنداق دەپمۇ تۇرايلى.....تارىخنىڭ تەرەققىياتى ھەرگىز سىز دىگەندەك بولىۋەرمەيدۇ....دۇنيادىكى ھەممە مىللەتنىڭ تارىخى بىر-بىرىگە قۇيۇپ قويغاندەك ئوخشاپ كەتمەيدۇ..............ئۇيغۇر مىللىتى سىز دىگەندەك يۇقىلىپ كىتىشىمۇ مۈمكىن،لىكىن يۇقىلىپ كەتمەسلىكىمۇ مۈمكىن.......سىز يۇقىلىپ كىتىشىگە ئىشىنىپ تۇرۇپ يېزىۋاتىسىز،بىز بۇ يەردە مۇشۇنداق كىچىدە مۈكچىيىپ ئولتۇرۇپ ئىنكاس يېزىپ يۇقىلىپ كەتمەسلىكىمىزگە ئىشىنىپ تۇرۇپ خەت يېزىۋاتىمىز.....سىز بىر نەچچە غىتمەكنىڭ بايانىدىن ئىلھام ئېلىپ يۇقىلىدۇ دەۋاتىسىز....بىز ئۇيغۇرنىڭ يۈرىكىدىكى بىر نۇردىن ئىلھام ئېلىپ مۇشۇنداق ئىشەنچ بىلەن توۋلاۋاتىمىز...........گەرچە سىز ئۆزىڭىزنىڭكىنى راست دەپ توۋلاۋاتقىنىڭىز بىلەن سىز خاتا چۈشىنىپ قالغان ئۇيغۇرنىڭ ئىشەنچىسىنى سىزگە يەتكۈزىۋاتىمىز...................

qahqakqi يوللانغان ۋاقتى 2015-2-7 22:15:15

AAA يوللىغان ۋاقتى2015-2-7 17:08 static/image/common/back.gif
ئەھۋالدىن قارىغاندا ئۇمۇننىڭ تېمىلىرىدىكى گۇڭگا تۇيۇ ...

ئالدىراپ كەتمەي سەۋر بىلەن كۈتۈڭ،كىيىنكىسىگە قاراپ بىر نىمە دىسەكمۇ بولىدۇ،ھازىرچە تەھلىل قىلىپ نۇرغۇن سۇئاللارنى تاشلاپ مېڭىپتۇ....بەلكىم ئويلىغىنى باردۇر،ماس كەلگەن كەلمىگەنلىكىنى تەھلىلى تۈگەپ سۇئاللىرى يىغىلىپ قالغاندا بىر-بىرلەپ رەددىيە بىرەمدۇ ياكى بىرلا رەددىيە بىرەمدۇ شۇ چاغدا كۆرىمىز....بەك ئىچىڭىز ئاغرىپ كەتكەن بولسا باشقا ئويۇن ئويناپ تۇراسىز،پەرىزىمچە خېلى بار ئوخشايدۇ بۇ تېمىنىڭ داۋامى............
بەت: [1] 2 3 4 5 6 7
: ئۇمۇنغا رەددىيە ( 2 )