uyaltun يوللانغان ۋاقتى 2015-2-6 17:34:53

غەيرى يېزا ئىگىلىك ئېلان قىلىشتىن كېيىنكى ئالتۇن باھاسىنىڭ يۆلىن...

غەيرى يېزا ئىگىلىك ئېلان قىلىشتىن كېيىنكى ئالتۇن باھاسىنىڭ يۆلىنىشى

         تەھلىلچىلەرنىڭ مۆلچەرىچە ، كەچتە ئېلان قىلىدىغان غەيرى يېزا ئىگىلىك سانلىق مەلۇماتىنىڭ قىممىتى 18 - 29 ئارىلىقىدا بولىشى مۇمكىن دەپ مۆلچەرلىگەن .
       ئەگەر 23 دىن كىچىك 20 دىن چوڭ بولسا ، ئالتۇن باھاسى كىچىك دائىرىدە ئۆسۈشى مۇمكىن . ئەگەر 18 دىن كىچىك بولسا ئالتۇن باھاسى چوڭ دائىرىدە ئۆسۈشى مۇمكىن .
       ناۋادا 25 دىن چوڭ 29 دىن كىچىك بولسا ئالتۇن باھاسى ئازراق تۆۋەنلىشى مۇمكىن ، لىكىن بۇنداق بولۇش ئېھتىماللىقى چوڭ ئەمەس .




ئالتۇن سودا تەھلىلى 06 - 2
ئالدىنقى ھەپتىدىكى ئالتۇن سودا  بازارنى ئويلاپ ئۆتسەك بازار ئىچىلىش باھاسى  1294.6   دوللا ر  ئەڭ يۇقىرى باھاسى 1299.34    دوللا ر ، ئەڭ  تۆۋەن باھاسى 1252.06 بازار  بازار يېپىلىش باھاسى   1283.66 دوللار بولدى .

ئەتىگەنكى ئاسىيا بازىرىدا دوللارنىڭ كۆرسەتكۈچى ئەڭ يۇقىرى  93.71  دوللار ئەتىراپىدا بولىدى، ئالتۇننىڭ باھاسى ئەڭ يۇقىرى 1268دوللار بولدى .

ئاساسى ئانالىز:     

  تۈنۈگۈن غەيرى يېزا ئىگىلىك مەلۇماتىنى ئېلان قىلىشتىن بۇرۇن مەبلەغ سالغۇچىلارنىڭ كەيپىياتى  ئېھتىياتچانلىق ھالىتىدە بولغان ، شۇنىڭ بىلەن ئالتۇن باھاسى كىچىك دائىرىدە تۆۋەنلىگەن . بۈگۈن بازار تەۋرىنىشى يۇقىرى دولقۇن ھالىتىگە كىرىدۇ ، ئامېرىكا غەيرى يېزا ئىگىلىك ئىشقا ئورۇنلىشىش ۋە ئىشسىزلىق نىسبىتىنى سانلىق مەلۇماتىنى ئېلان قىلىدۇ . ئاسىيا ۋاقتىدا ئېلان قىلىدىغان مەلۇماتلار بىر قەدەر ئاز . ياۋرۇپا ۋاقتىدا مەبلەغ سالغۇچىلارنىڭ دىققەت نۇقتىسى بولسا گېرمانىيە پەسىللىك تەڭشەشتىن كېيىنكى سانائەت ئىشلەپ چىقىرىش ئايلىق نىسبەت سانلىق مەلۇماتى ، گرېتسىيە تەرەپنىڭ ئۇچۇرى  قاتارلىقلار، ئەگەردە گرېتسىيە تەرەپتە ئويلىمىغان ۋەقە يۈز بەرسە ، بازار تەۋرىنىشى چوڭراق بولىشى مۇمكىن . ئامېرىكا بازىرىدا بېيجىڭ ۋاقتى سائەت 21:30 دە ، پۈتۈن دۇنيا پۇل مۇئامىلە بازىرى دىققەت قىلىدىغان  ئامېرىكا غەيرى يېزا ئىگىلىك ئىشقا ئورۇنلىشىش سانلىق مەلۇماتىنى ئېلان قىلىدۇ . ئەگەر بۇسانلىق مەلۇمات نەتىجىسى ياخشى چىقسا دوللارغا پايدىلىق بولۇپ ، ئالتۇن باھاسىغا بېسىم ئېلىپ كېلىشى مۇمكىن ، ئەگەر مەلۇمات نەتىجىسى ناچار چىقسا ئالتۇن باھاسىغا پايدىلىق بولىشى مۇمكىن .                                                                                                                                                                                                              

مەشغۇلات باسقۇچى :

1.بۈگۈن غەيرى يېزا ئىگىلىك قىممتىنى ئېلان قىلىدۇ شۇڭا نەتىجە چىقىشتىن بۇرۇن سودا بازىرىدا چوڭ تەۋرىنىش بولمايدۇ ، تەۋرىنىش دائىرىسى(247.9-251.3) 1255-1272 دوللار ئارلىقىدا بولىدۇ .

2.كەچتىكى غەيرى يېزا ئىگىلىك قىممتىنىڭ نەتىجسى ئالتۇن باھاسىغا پايدىلىق بۇلىشى مۇمكىن ، ئەگەر نەتىجە ئالتۇنغا پايدىلىق بۇلۇپ چىقسا سودا بازىرى ئاۋال ئۆرلەپ ئاندىن چۈشۈشنى ئاساس قىلىدۇ . بۇ مىنىڭ شەخسى كۆز قارىشىم يەنىلا نەتىجە ئەھۋالىغا قارايمىز .

چۈشۈشكە ئىلىشقا بولدىغان نۇقتىلار    1285 1295
ئۆرلەشكە ئىلىشقا بولدىغان نۇقتىلار     1260 1255

بۈگۈنكى تەۋرىنىش دائىرىسى  1250-1290
بۈگۈنكى تىرەش   نۇقتىسى 1250
بۈگۈنكى بۆسۈش   نۇقتىسى 1290   

مۇتەخەسسىس : ئالىيە
ئەسكەرتىش: يۇقارىلارنى پايدىلىنىشقا بولىدۇ ،سودا قىلغاندا مال سانى بىلەن زىيىنىنى كونترول قىلىپ كۆزىتىشنى ئاساس قىلىڭ .





ئالتۇن كۈمۈش سودىسىغا ئەسكەرتىش 06 - 2

        2 - ئاينىڭ 6 - كۈنى ئاسىيا ئەتىگەنلىك بازىرىدا ، ئالتۇن باھاسى 1264 دوللار بولغان ، ئاخشام ياۋرو ئامېرىكا ۋاقتىدا ياۋرو چوڭ دائىرىدە يۇقىرى ئۆرلىگەن ، بازار خەۋىپتىن ساقلىنىش كەيپىياتى ئاجىزلاشقان ، ئالتۇن باھاسى دوللار بىردەك تۆۋەنلىگەن ، كۈمۈش باھاسى تۆۋەنلەپ 17 دوللاردىن چۈشۈپ كەتكەن .بۈگۈن بازار تەۋرىنىشى يۇقىرى دولقۇن ھالىتىگە كىرىدۇ . ياۋرۇپا ۋاقتىدا مەبلەغ سالغۇچىلارنىڭ دىققەت نۇقتىسى بولسا گېرمانىيە پەسىللىك تەڭشەشتىن كېيىنكى سانائەت ئىشلەپ چىقىرىش ئايلىق نىسبەت سانلىق مەلۇماتى ، گرېتسىيە تەرەپنىڭ ئۇچۇرى  قاتارلىقلار، ئەگەردە گرېتسىيە تەرەپتە ئويلىمىغان ۋەقە يۈز بەرسە ، بازار تەۋرىنىشى چوڭراق بولىشى مۇمكىن . ئامېرىكا بازىرىدا بېيجىڭ ۋاقتى سائەت 21:30 دە ، پۈتۈن دۇنيا پۇل مۇئامىلە بازىرى دىققەت قىلىدىغان  ئامېرىكا غەيرى يېزا ئىگىلىك ئىشقا ئورۇنلىشىش سانلىق مەلۇماتىنى ئېلان قىلىدۇ . ئەگەر بۇسانلىق مەلۇمات نەتىجىسى ياخشى چىقسا دوللارغا پايدىلىق بولۇپ ، ئالتۇن باھاسىغا بېسىم ئېلىپ كېلىشى مۇمكىن ، ئەگەر مەلۇمات نەتىجىسى ناچار چىقسا ئالتۇن باھاسىغا پايدىلىق بولىشى مۇمكىن .  





خەۋپتىن ساقلىنىش ئېھتىياجى ئالتۇن باھاسىنىڭ قايتا ئۆسۈشىگە تۈرتكە بولالمايدۇ

        شىۋېتسارىيە گۇرۇھى (UBS) 2- ئاينىڭ 5- كۈنى دوكلاتتا ئېيتىشىچە ،نۆۋەتتە ئالتۇن باھاسى 2015- يىللىق خەۋپتىن ساقلىنىش كەيپىياتى تۈرتكىسىدىن بولغان ئۆسۈش ھالىتىمۇ چىكىگە يېتىپ ، ئۆسۈشكە ئېلىنغان مال  يۇقىرى نۇقتىغا يەتكەن، شۇڭا كەلگۈسىدىكى خەۋپتىن ساقلىنىش ئېھتىياجى ئالتۇن باھاسىغا قايتاتېخىمۇ كۆپ ئۆسۈشكە بولغان ھەركەتلەندۈرگۈچ كۈچ ئېلىپ كېلەلمەيدۇ.
        نەق مال ئالتۇن جەھەتتىن، شىۋېتسارىيە بانكىسى كۆرسەتمە بېرىپ ، كۆز ئالدىمىزدىكى بولۇپمۇ ياۋرۇپا ئېھتىياجىدا يەنىلا ئانچە چوڭ ياخشىلنىش بولمىغان، مۆلچەرىمىزچە كەلگۈسى بىر ئايدا يەنە پەسىيىشى مۇمكىن.
      شىۋېتسارىيە بانكىسى 2015- يىلدىكى ئالتۇن ئوتتۇرچە باھاسىنىڭ 1190 دوللار بولىدۇ دېگەن مۆلچەرىنى ساقلاپ قالغان.





بۈگۈن كەچتىكى غەيرى يېزا ئىگلىك سانلىق مەلۇماتى ئاجىز چىقىدۇ دەپ قاراشتىكى 6 چوڭ سەۋەپ

1 . كىچىك غەيرى يېزا ئىگلىك ADP ئىشقا ئورۇنلىشىش سانلىق مەلۇمات نەتىجىسىنىڭ ياخشى چىقمىغانلىقى ؛
2 . ئامېرىكىدىكى رىقابەتچى كارخانىلارنىڭ خادىملارنى قىسقارتىشنىڭ تاسادىپىي ئەۋجىگە ئېلىپ كېتىشى ؛
3 . ئامېرىكىنىڭ دەسلەپكى ئىشسىزلىق سوممىسىنى ئىلتىماس قىلغان ئادەم ساننىڭ كۆپىيىشى ؛
4 . ئامېرىكىنىڭ ISM ياساش كەسپى ئىشقا ئورۇنلىشىش تۈر كۆرسەتكۈچى تۆۋەنلەپ 2014 - يىلى 2 - ئايدىن بۇيانقى ئەڭ تۆۋەن نۇقتىنى كۆرسەتكەنلىكى ؛
5 . ئامېرىكىنىڭ ISM ياساش كەسپى ئىشقا ئورۇنلىشىش تۈر كۆرسەتكۈچى تۆۋەنلەپ 7 ئايغىچە تۆۋەن نۇقتىنى كۆرسەتكەنلىكى ؛
6 . ھاۋارايى ئامىلى ؛




ئامېرىكا غەيرى يېزا ئىگلىك سانلىق مەلۇماتىدىن كېيىن دوللار يەنە بېسىمغا ئۇچرامۇ ؟

       تۈنۈگۈن دوللار كۆرسەتكۈچى چوڭ دائىرىدە تۆۋەنلىگەن بولۇپ ، بۇنىڭ سەۋەبى ئاساسلىقى دوللارنىڭ ياۋروغا بولغان نىسبىتىنىڭ تۆۋەنلىشى سەۋەبىدىن بولغان ؛ بۈگۈن بازارنىڭ مۇھىم نۇقتىسى ئامېرىكا غەيرى يېزا ئىگلىك سانلىق مەلۇمات دوكلاتى بولۇپ ، بىر ھەپتىلىك مۇھىم كۆرسەتكۈچتىن قارىغاندا ، بۈگۈن كەچتە ئىلان قىلىندىغان ئامېرىكا  غەيرى يېزا ئىگلىك سانلىق مەلۇمات نەتىجىسى مۆلچەردىكىدىن تۆۋەن بولىشى مۇمكىن ، لېكىن بۇ يىلنىڭ بېشىدىكى ھاۋارايىمۇ بۇ قېتىمقى غەيرى يېزا ئىگلىك سانلىق مەلۇمات نەتىجىسىگە تەسىر كۆرسىتىشى مۇمكىن ؛ بۇنىڭدىن سىرت ، غەيرى يېزا ئىگلىك ئىشقا ئورۇنلىشىش سانلىق مەلۇماتى ۋە ئىشسىزلىق نىسبىتى مەبلەغ سالغۇچىلارنىڭ دىققىتىدە بولدۇ ؛
      شۋېيتسارىيە مەركىزى بانكىسىنىڭ ياۋرو سېتىۋېلىشى ياردىمىدە ياۋرو يۇقىرى ئۆرلىگەن بولۇپ ، تۈنۈگۈن ياۋرو / دوللار 1.2% ئۆرلەپ ، يېپىلىش باھاسى 1.14835 ، ئۇرۇلۇش نۇقتىسى 1.1304 ئەتىراپىدا بولغان ؛
ياۋرونىڭ يۇقىرى ئۆرلىشىنىڭ بېسىمى تەسىرىدە ، دوللار كۆرسەتكۈچى 0.49% تۆۋەنلەپ ، يېپىلىش باھاسى 93.52 ئەتىراپىدا بولغان ، لېكىن دوللارنىڭ ياپونىيە يېنىغا بولغان نىسبىتى كىچىك دائىرىدە 0.23% ئۆرلىگەن بولۇپ ، يېپىلىش باھاسى 117.55 ئەتىراپىدا بولغان ؛





بۈگۈن ئالتۇن بازىرى كۈزىتىشنى ئاساس قىلىدۇ  

    ئالتۇن باھاسى تەۋرىنىش تەڭشەش ھالىتىنى داۋاملاشتۇردى ، بازار يۆلىنىشى تەكشى بولدى ، دوللار كۆرسەتكۈچمۇ كىچىك دائىرىدە تەڭشەش ھالىتىنى ساقلاپ قالدى ، بازار  غەيرى يېزا ئىگىلىك سانلىق مەلۇماتىنى ئېلان قىلىشتىن بۇرۇن  ئېھتىياتچانلىق ھالىتىدە بولغان .
    قىسقا سىزىق تېخنىكىسىدىن قارىغاندا ، 5 كۈنلۈك ئوتتۇرىچە سىزىق نۆۋەتتىنى نۇقتىسى 1267 دوللار ، 10 كۈنلۈك ئوتتۇرىچە سىزىق نۆۋەتتىنى نۇقتىسى 1273 دوللار ، 20 كۈنلۈك ئوتتۇرىچە سىزىق نۆۋەتتىنى نۇقتىسى 1271 دوللار بولغان .





2- ئاينىڭ 6 - كۈنىدىكى خەلق پۇلىنىڭ  بازار يېپىلىش باھاسى

       2- ئاينىڭ 6 - كۈنى دوللار / خەلق پۇلى ئوتتۇرچە سىستېمىلىق بازار يېپىلىش باھاسى 6.2446 يۈەن بولۇپ ، ئالدىنقى سودا كۈندىكىدىن 77 نۇقتا كېمەيگەن  ؛
شياڭگاڭ / خەلق پۇلى ئوتتۇرچە سىستېمىلىق بازار يېپىلىش باھاسى 0.8055 يۈەن بولۇپ ، ئالدىنقى سودا كۈندىكىدىن9 نۇقتا كېمەيگەن ؛
100يېن / خەلق پۇلى ئوتتۇرچە سىستېمىلىق بازار يېپىلىش باھاسى5.3236 يۈەن بولۇپ ، ئالدىنقى سودا كۈندىكىدىن 44 نۇقتا كېمەيگەن ؛
ياۋرو / خەلق پۇلى ئوتتۇرچە سىستېمىلىق بازار يېپىلىش باھاسى 7.14760 يۈەن بولۇپ ، ئالدىنقى سودا كۈندىكىدىن 431 نۇقتا ئاشقان ؛
فوندستېرلىڭ / خەلق پۇلى ئوتتۇرچە سىستېمىلىق بازار يېپىلىش باھاسى 9.5685 يۈەن بولۇپ ، ئالدىنقى سودا كۈندىكىدىن671 نۇقتا ئاشقان  ؛
ئاۋسترالىيە دوللىرى / خەلق پۇلى ئوتتۇرچە سىستېمىلىق بازار يېپىلىش باھاسى4.8906  يۈەن بولۇپ ، ئالدىنقى سودا كۈندىكىدىن 186 نۇقتا ئاشقان   ؛
نيۇ يورك / خەلق پۇلى ئوتتۇرچە سىستېمىلىق بازار يېپىلىش باھاسى 4.6358 يۈەن بولۇپ ، ئالدىنقى سودا كۈندىكىدىن 167  نۇقتا ئاشقان  ؛
سىنگاپور دوللىرى / خەلق پۇلى ئوتتۇرچە سىستېمىلىق بازار يېپىلىش باھاسى 4.64010 يۈەن بولۇپ ، ئالدىنقى سودا كۈندىكىدىن 73 نۇقتا ئاشقان ؛

ئەسلى مەنبە : ئۇيغۇر ئالتۇن تورى



   





بەت: [1]
: غەيرى يېزا ئىگىلىك ئېلان قىلىشتىن كېيىنكى ئالتۇن باھاسىنىڭ يۆلىن...