kulka يوللانغان ۋاقتى 2015-2-6 12:29:36

قاردىكى ھېجران

               
                           قاردىكى ھېجران


                                   نەسىر


بۈگۈن ، ئەتراپ نىمە دىگەن گۈزەل -ھە، ھەممە يەر ئاپئاق قار بىلەن پۈركەنگەن، قىشنىڭ مەنزىرسى يىغلاڭغۇ قەلبىگە باشقىچىلا تۇيغۇ بىرىۋاتىدۇ ، يىغىۋاتقان قارنىڭ ئارىسىدىن تۇيۇقسىز سەن چىقىپ قالىدىغاندەكلا، بەكلا خۇشال بولىۋاتىمەن، مۇشۇ خۇشاللىقىمدا ھەممە يەرگە كۆز يۈگۈرتۈپ چىقتىم، بىراق، كۆزلىرىم سىنى كۆرەلمەيۋاتىدۇ، يىغىۋاتقان قاردىن سىنىڭ ھىدىڭنى پۇراۋاتىمەن …


سىنى قار مەلىكەم دىگۈم ، سىنى تىرىكتۈرۈش ئۈچۈن ساڭا قار ئاتقۇم كەلدى، لىكىن مەن يالغۇز، يىنىمدا سەن يوق، يوللاردا قار مەنزىرسى قىلىۋاتقان، بىر-بىرىگە قار ئېتىشىپ خۇشال بولىۋاتقان ئاشىق - مەشۇقلار، كۆز ئالدىمغا كىلىۋىلىپ قەلبىمنى يىغلاتماقتا، پاك -بىغۇبار مۇھەببىتىمنىڭ مىنى تاشلىۋىتىپ يىراقلارغا كىتىشى، قەلبى سۆيگۈ بىلەن تولغان مەندەك مەجرەھ ئىنسان ئۈچۈن بەكلا ئىغىر كىلىۋاتىدۇ، ھەم ئۆزۈمنى شۇنداق خورلۇق ھېس قىلىۋاتىمەن، قىشنىڭ قەھىرتان سوغۇقلىرى بىلەن قەلبىم مۇزلىدى ، يىغىۋاتقان قارلار ۋە قەلبىمدىكى ھېجران بىرلىشىپ، مىنى شۇقەدەر ئاجىزلاشتۇرماقتا…



         
                            مەنبە: كۈلكە


                            2015. 02. 04
بەت: [1]
: قاردىكى ھېجران