ILM1 يوللانغان ۋاقتى 2015-2-6 10:08:03

ILM1: ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرۈش توغرىسىدىكى يېڭى بايقاشلار

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   tadubeg تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-2-6 13:35  

ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرۈش توغرىسىدىكى يېڭى  بايقاشلار

ئەلقەم تۇرسۇن،  رىشات ئابباس
(ئاپتۇرلار ھەققىدىكى ئۇچۇر ماقالىنىڭ ئاخىرىدا بېرىلدى)

       قىسقىچە مەزمۇنى:    نۆۋەتتىكى تىز تەرەققىياتقا ئەگىشىۋاتقان  جىددى تۇرمۇش ئېقىمى قېرىنداشلىرىمىزنى ساغلام  ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرۈشكە   بولغان ئىلمى چۈشەنچىسىنى  چوڭقۇرلاشتۇرۇشقا  ۋە نۆۋەتتىكى پەن- تەتقىقات  بايقاشلىرىنى  بىلىشكە تەقەززا  قىلىۋاتىدۇ.   ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرۈش دىگىنىمىز، ئۆمۈرنىڭ بىزنىڭ ساغلام بولمىغان ياشاش ئادىتىمىزنىڭ  تەسىرىدە  قىسقىراپ كېتىشنىڭ ئالدىنى ئېلىشنى كۆرسىتىدۇ.   بۇ ماقالىدا، نۆۋەتتىكى  ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرۈش توغرىسىدىكى  ئەڭ يېڭى چۈشەنچە ۋە  ئەڭ يېڭى تەتقىقات نەتىجىللىرى  ئىخچام، ئاددى، ئىشلىتىلىشچان ئۇيغۇر تىلى ۋە چۈشەندۈرمە رەسىملەر ئارقىلىق تۇنۇشتۇرۇلدى.   ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرۈش توغرىسىدىكى چۈشەنچىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش ئارقىلىق، قېرىنداشلارنى ئۆزىنىڭ ۋە قېرىنداشلىرىنىڭ سالامەتلىكىگە كۆڭۈل بۆلۈشنى ئىسىگە سېلىپ تۇرۇشقا تۈرتكە بولۇش بۇ ماقالىنىڭ ئاساسى مەقسىدى قىلىندى.

ئاچقۇچ سۆزلەر:   قېرىش ، ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرۈش ،   ئۇيغۇر تىبابىتى، زامانىۋى تىبابەت، ROS،  mTOR،  قېرىشنى تىزگىنلەپ ئۆمۈرنى ئوزارتىش ستىراتىگىيەلىرى، كالورىيەنى تىزگىنلەش، ھەركەت قىلىش، قىزىل ئۈزۈم،  دۇرىلىق ئۆسۈملۈكلەر.

1.   كىرىش سۆز

بىز ئۆمۈرنىڭ بىر قېتىملا كىلىشىنى بىلسەكمۇ، ئۇنىڭ قاچان كېتىشىنى بىلمەيمىز.   بىلىدىغىنىمىز، بېرىلگەن ئۆمۈرنى قىسقارتماي ئاخىرىغىچە ياشاشقا تېرىشىش.    ئۇنداقتا ئۆمۈر زادى قانچىلىك بولىدۇ؟  بىزنىڭ ئەتراپىمىزدا،  ئىنساننىڭ تۇلۇق ئۆمۈرىنىڭ زادى قانچە يىل بولىدىغالىغى  توغرىسىدا جاۋابى ئىنىق بولمىغان مۇنازىرىلەر بولۇپ تۇرىدۇ.   چوڭ ئانا، چوڭ دادىلىرىمىىزنىڭ 80، 90،  ھەتتا 100  ياشتىن ئاشقانلىغىنى بىلىمىز.   لېكىن بىزنىڭ دەۋرىمىزدە، ئەتراپىمىزدىكى بىز بىلىدىغان تېخى ياشىتا قېرىمىغان ياكى ئەمدىلا قېرىلىق دەۋرىگە قەدەم قويىۋاتقان (65 ياش قېرىلىقنىڭ باشلىنىشى بولىدۇ) كىشىلەرنىڭ ئۆمۈرىنىڭ قىسقىلا بولۇپ قالغانلىغىنى كۆرۈپ ياكى ئاڭلاپ قاتتىق ئازاپلىنىمىز ھەم گاڭگىرايمىز.  ئازاپلىنىشىمىز ئۇلارنىڭ بىزدىن بۇنداق تىزلا ئايرىلغانلىغىدىن بولسا،  گاڭرىشىمىز نىمە ئۈچۈن ئۇلارنىڭ ئۆمۈرى قىسقا بولۇپ قالغانلىغىنى بىلەلمەسلىكتىن، قانداق قىلىپ ئۆمۈرنىڭ قىسقىراپ كېتىشىنى ئالدىن بىلىپ ئۇنىڭ  ئالدىنى ئالغىلى بولىدىغانلىغىنى  بىلەلمەسلىكتىن كىلىپ چىقىدۇ.  ئەشۇ قىسقا بولۇپ قالغان ئۆمۈرنى قانداق قىلىپ ئۇزارتىش  مۈمكىنچىلىگى بار بولغىيتتى دەپ ئازاپ بىلەن ئويلىنىمىز.  بۇ ئۆمۈر بىرىلگەن ئۆمۈرمىدۇ ياكى مەلۇم سەۋەپلەر تۈپەيلىدىن قىسقىراپ كەتكەنمىدۇ دەپ ئويلاپ يۈرۈپ جاۋاپسىز ئازاپلىنىمىز.  يەنە، بەلكىم ئۆمۈرى شۇنداق قىسقا بېرىلگەن ئوخشايدۇ دەپ ئۆزىمىزگە ۋە باشقىلارغا تەسەللى بىرىشكە ئۇرۇنىمىز.   يەنە شۇنداق تۇرۇپ، ئاشۇ ئۆمۈرنى ئوزارتقىلى بولامدىغاندىمىدىۋۇلا دەپ باش قاتۇرۇپ جاۋابىنى ئىزدەيمىز.  ھازىرقى ئىلمى  جاۋابى بولسا،  ئۆمۈرنىڭ قىسقىراپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئارقىلىق ئۆمۈرنى ئوزارتقىلى يەنى ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرگىلى بولىدۇ،  ئەمما تەدبىرنى  ئۆمۈر تۈگەشتىن بۇرۇنراق باشلىغاندىلا .   ئەپسۇسكى، ئۆمۈرنىڭ قاچان تۈگۈشىنى بىز بىلەلمەيمىز، شۇڭا تەدبىرنى بۈگۈنلا باشلىغان ياخشى.

ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرۈش دىگىنىمىز بىزنىڭ ئۆزىمىزنىڭ ساغلام بولمىغان ياشاش ئادىتىمىزنىڭ  تەسىرىدە قىسقىراپ كېتىدىغان ئۆمۈرنى  مۈمكىن بولغان دەرىجىدە (قىسقىراشتىن) تۇسۇشنى كورسىتىدۇ.   ئۆمۈرىمىز قىسقىراپ كېتىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش خۇددى  بىز كىسەل بولساق ئۇنى دوختۇرغا كۆرسىتىپ ساقىيىشقا تىرىشىشىمىز بىلەن ئوخشاش "سەۋەپ قىلىش" بولىدۇ. ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرۈشتە قېرىشنى تىزگىنلەش مۇھىم؛   قېرىشنى تىزگىنلەشتە،  ھەرقايسى ئەزا سىستىمىلاردىكى كىسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش ياكى داۋالاش ئارقىلىق ھاياتنىڭ سۈپىتىگە كاپالەتلىك قىلىش مۇھىم.   قانداق كىسەل  بۇلۇشىدىن قەتئى نەزەر ھەممىسى ھاياتنىڭ سۈپىتىنى چۈشۈرۈپ، ئۆمۈرنى قىسقارتىشقا تىرىشىدۇ.  بەدەندە  تېخى كىسەللەر يوق ھاللەتتە، بەدەن تېخى قېرىش دەۋرىگە قەدەم قويمىغان ھالەتتە،   ئۆمۈرنى ئوزارتىش ئۈچۈن تەدبىر قوللۇنۇش ئەڭ ئاقىلانىلىق بولىدۇ.  بۇنداق تەدبىرلەر كۈندىلىك تۇرمۇشىمىزنىڭ بىر قىسمى بولالايدىغان بەدەن چېنىقتۇرۇش، ھەركەتچان بولۇش، يىمەك- ئىچمەكنى كونتۇرول قىلش، ئېغىرلىقنى كونتىرول قىلىش، مىجەزنى تەڭشەپ خوشال خورام ياشاش،  شۇنداقلا سالامەتلىكنى قەرەللىك تەكشۈرتۈپ تۇرۇش قاتارلىقلارنى ئوز ئىچىگە ئالىدۇ.   ھازىرقى زاماندا، نۇرغۇن كىشىلەر قاتتىق جاپاغا چىداپ ئىشلەپ مۇۋاپىقىيەتلەرگە ئىرىشەلىسىمۇ، لېكىن ھاياتنىڭ ئالدىراش رېتىمىدە  يۇقۇرىدىكى ئاددى ئەمما ئۈنۈملىك بولغان تەدبىرلەرنى ئوز تۇرمۇشىغا سىڭدۈرۈپ داۋاملاشتۇرالمايۋاتىدۇ.   شۇنداق بولسىمۇ  تىببى ئىلىمنىڭ ھەرقايسى سىستىمىسىدىكى ئالىملار  يەنىلا  "  ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرۈش ياكى ئۆمۈرنى ئوزارتىش  ئۇسۇللىرى "  ئۈستىدە داۋاملىق  ئىزدىنىۋاتىدۇ.
  
" ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرۈش "  تەتقىقات بايقاشلىرىنىڭ ئاساسىنى چۈشۈنۈش، بىزنىڭ ئۈزىمىزنى قايىل قىلىپ  ئۇلارنى تەپەككۇرىمىزغا ۋە تۇرمۇشىمىزغا  سىڭدۇرىشكە تۈرتكە بولىدۇ.  بۇلارنى ماھىيىتىدىن توغرا چۈشۈنىىش ئالدى بىلەن قېرىشنىڭ تىزلىشىشى  ( يەنى ئەزا - تۇقۇلمىلارنىڭ قېرىشنىڭ تىزلىشىشى)  ئۇقۇمىنى قىسقىچە چۈشۈنىشىنى تەلەپ قىلىدۇ.

2.  قېرىشنى چۈشۈنىش

قېرىش بولسا ھاياتلىقنىڭ نورمال تەرەققىيات جەريانى.  قېرىش ھەرگىز كىسەللىك ئەمەس،  بەلكى ئۇ بىر ھاياتلىق ھادىسىسى. گەرچە قېرىش ئەلمىساقتىن باشلاپ داۋاملاشقان ھادىسە  بولسىمۇ،  بىز ئىنسانلار ئىزچىل ھالدا قېرىشقا قارشى تەدبىر تېپىپ چىقىپ ئۇنى تىزگىنلەپ ئۆمۈرنى ئۇزارتىشنى ئورتاق ئارزۇ قىلىپ كەلدۇق.  بۇ ئارزۇنىڭ تۇرتكىسىدە،  ھەرخىل ئوخشىمىغان  مەدىنىيەت ۋە ئوخشىمىغان تەپەككۇر ئارقا كۆرىنىشىدە،  قېرىشنىڭ سەۋەبىگە ئائىت ھەرخىل تىببى ئۇقۇملار بارلىققا كەلدى.   بۇلارنىڭ ئىچىدە، ئۆزىمىزنىڭ  ئۇيغۇر تىبابىتى بىلەن زامانىۋى تىبابەت توغرىسىدا توختىلىمىز.

2. 1.  ئۇيغۇر تىبابىتىدە

تەبىئەتنىڭ 4 پەسلى ئىنىق زىمىندا ياشاپ كەلگەن قەدىمقى ئۇيغۇرلار، ئىنسان ھاياتلىغىنىمۇ 4 پەسىلگە يەنى، باھار، ياز، كۈز، ۋە قىش پەسىللىرىگە ئوخشاتقان.   قېرىشنى بولسا، تەبىئەتتە جانلىنىش ياكى يېڭىلىنىش ئاجىزلىغان ئاخىرقى- كۈز ۋە قىش پەسىللىرىگە ئوخشاتقان بولۇپ، قېرىشنىڭ ھازىرقى زاماندىكى بىئولوگىيەلىك چۈشەنچىسى بولغان "يېڭىلىنىش ئاجىزلاش ئۇقۇمى"  غا بەك ماس كېلىدۇ.   ئۇيغۇر تىبابىتىدىمۇ،  ساقلىق ساقلاش تەجىربىلىرىنى خۇلاسىلاش ئارقىلىق 4 ماددا ۋە 4 خىلىت نەزىرىيەلىرىنى ھاياتلىقنىڭ تەرەققىيات جەريانلىرىغا ئىنتايىن توغرا تەدبىقلىغان ھەم " قېرىش" ئۇقۇمىغا ئىنتايىن جانلىق چۈشەنچە بەرگەن (1 - رەسىمگە قاراڭ).   



ئۇيغۇر تىبابىتىدە،   بۇ 4 خىل خىلىت ئايرىم- ئايرىم ۋە بىرلەشكەن ھالەتتە ئۆزىگە مۇناسىپ بولغان بىر- بىرى بىلەن خۇددى " لىڭگىرتاق تەڭپۇڭلىغى"  دەك تەڭپۇڭ ھالەتتە بولغاندا، ساغلام ئۇزۇن ئۆمۈرنى قوغدىيالايدۇ  دەپ قارىغان.   ئەگەر تەڭپۇڭلۇق بۇزۇلغاندا، ئەزا سىستىمىلارنىڭ فونكىتسىيەسىنى ئاجىزلاشتۇرۇپ  نۇرغۇن كىسەللىكلەرنى (ئۇنتۇغاقلىق، مىڭە يىگىلەش، دىئابېت ۋە راك قاتارلىق) پەيدا قىلىپ، قېرىشنى تىزلىتىپ، ئۆمۈرنى قىسقارتىدۇ دەپ قارىغان.

ئۇيغۇر تىبابىتىدە، ھەر بىر ئادەمگە ئايرىم قاراپ ئۇلارغا ماس ھالدا 4 خىلىت تەڭپۇڭلىغنى نورماللاشتۇرۇش تەدبىرلىرىنى  قوللۇنۇش ئارقىلىق ساغلاملىقنى ساقلاپ، قېرىشنى ئاستىلىتىپ ئۆمۈرنى ئوزارتىشنى نىشان قىلىپ كەلگەن.    ئۇيغۇرلارنىڭ ئىچىدە نىمە ئۇچۇن 100 ياشتىن ئاشقان كىشىلەرنىڭ سانى 1400 دىن ئارتۇق ئىكەنلىكى ،  بىزنىڭ كۈندىلىك تۇرمىشىمىزغا سىڭىپ كىرىپ كەتكەن ئۇيغۇر تىبابىتى ساۋاتلىرى (ئىسسىق- سوغۇقنى تەڭشەش ياكى مىجەزنى تەڭشەش دىگەندەك) بىلەن باغلىنىدۇ دىيىشكە بولىدۇ.

شۇنداق بولسىمۇ، قېرىشنى ئاستىلىتىپ قىسقىراۋاتقان  ئۆمۈرنى ئوزارتىشىمىزدا زامانىۋى تىببى ئىلىمدىكى  ھازىرقى بايقاشلارنى  ئۇيغۇر تىباتىگە قۇشۇپ پايدىلىنىش،  بىزنى دۇنيادىكى باشقا ئۆز تىبابىتى يوق نۇرغۇن خەلىقلەرگە  قارىغاندا زور ئەۋزەللىك بىلەن تەمىنلەيدۇ.

2. 2.  ھازىرقى زامان تىبابىتىدە

ھازىرقى زامان تىبابىتى  قېرىشنىڭ  ۋە  ئۇنىڭغا مۇناسىۋەتلىك كىسەللىكلەرنىڭ نۇرغۇن سەۋەبلىرىنى مالىكۇلىلىق سەۋىيەدە تەتقىق قىلىپ تېپىپ چىقتى ۋە داۋاملىق ئىزدىنىۋاتىدۇ.
  
ھازىرغىچە، جانلىقلاردا قېرىش پەيدا قىلىدىغان قېرىتقۇچى گېن بايقالمىدى.  ئەمما ھۈجەيرىلەرنىڭ قېرىشنى ئىلگىرى سۈرىدىغان مۇرەككەپ مالىكۇلىلىق سىگنال يوللىرى بايقالدى ھەم ئىلگىرلەپ تەتقىق قىلىنىۋاتىدۇ.   قېرىشنى تىزلىتىدىغان ۋە ئېغىر كىسەللىكلەرگە گىرىپتار بولۇش پۇرسىتىنى ئاشۇرىدىغان ئۇمۇملاشتۇرۇلغان سەۋەبلەر يەكۈنلىنىپ چىقىلدى ۋە چىقىلىۋاتىدۇ (2 - رەسىمگە قاراڭ).



بەدىنىمىزدە ھەركۈنى نۇرغۇن ھۈجەيرىلەر قېرىپ، ئۇنىڭ ئورنىنى  غول ھۇجەيرىلەردىن بۆلۈنۈپ كۆپىيىپ  يېڭىدىن ۋۇجۇتقا كەلگەن ھۈجەيرىلەر ئېلىپ، ھاياتلىقنى جۇشقۇنلاشتۇرىدۇ.   بۇلارنىڭ ئەڭ تىپىك مىساللىرى ئىممۇنېت، تىرە، ھەزىم يوللىرى، ۋە  قان سىستىمىلىرىدىكى قېرىغان زەئىپلەشكەن ھۈجەيرىلەرنىڭ كۈندە دىگۈدەك ئۆزىگە ئوخشاش ئەمما ساغلام خىزمەت قىلىدىغان ھۈجەيرىلەر تەرىپىدىن  يېڭىلىنىپ تۇرۇشلىرىنى ئوز ئىچىگە ئالىدۇ.    بۇنداق يېڭىلىنىش بارلىق سېستىما، ئورگان، ۋە تۇقۇلمىلاردا  مەۋجۇت بولۇپ،  ھەتتاكى مىڭە ۋە يۈرەكتىمۇ مەلۇم دەرىجىدە يۈز بېرىدۇ.  بۇ خىل قېرىش- يېڭىلىنىشتىكى، مىقدار- سۈپەت ۋە سۈرئەت مۇۋازىنەتلىرى بىرلىكتە ھاياتلىقنى ساغلام داۋاملاشتۇرغۇچىلىق رولىنى ئوينايدۇ.   ئەگەر  مەلۇم تۇقۇلما ياكى ئورگاندا بۇ مۇۋازىنەت بۇزۇلسا، يەنى قېرىغان ھۈجەيرىلەر كۆپ بولۇپ ئۇلارنىڭ ئورنىنى (فونكىتسيەلىك ۋە بىئولوگىيەلىك) باسقۇچى ھۈجەيرىلەر ئاز بولسا، نورمال خىزمەت قىلىدىغان ھۈجەيرىلەرنىڭ سانى ئازىيىپ كېتىپ بالدۇر زەئىپلىشىشنى (قېرىشنى)  ياكى مۇناسىۋەتلىك كىسەللىكلەرنى  كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ (3 - رەسىمگە قاراڭ).    مانا بۇ،  ئۇيغۇر تىبابىتىدىكى "قېرىش" نى تەبىئەتتىكى يېڭىلىنىش ئاجىزلىغان كەچ - كۈز ۋە قىش پەسلىگە ئوخشىتىشىنىڭ زامانىۋى چۈشەندۈرۈلىشى بولۇشى مۈمكىن.



قېرىشنى كەلتۈرۈپ  چىقىرىدىغان ئورتاق سەۋەبلەر بولسا، ھۇجەيرە زەخمە قالدۇقلىرىنىڭ پەيدا بولىشى ۋە يىغىلىپ قېلىشى دەپ قارىلىپ، ئۇنىڭغا مۇناسىۋەتلىك مېخانىزىملار ناھايىتى ئەتراپلىق، كەڭ دائىرىدە چوڭقۇر تەتقىق قىلىنغان ھەم تەتقىق قىلىنىۋاتىدۇ.   ھۈجەيرە زەخمىسنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان ئەڭ ئاساسلىق ئىچكى سەۋەب بولسا ھۈجەيرە ئېنىرگىيە سەرپىياتىنىڭ نەتىجىسىدە تەبىئى پەيدا بولىدىغان زەھەرلىك ئاكتىپلاشقان ئوكسىگىنلىق مالېكۇلىلار (ROS   ،reactive  oxygen  species) دىن ئىبارەت.    بەدىنىمىزدە، ROS - قا قارشى سىستىما بولۇپ، كۈچى يار بەرگەندە بىزنى،  ROS نىڭ زەخمىتىدىن قوغدايدۇ (بۇ  زەخمىلىنىشكە قارشى مېخانىزىمغا مەنسۇپ).   ئەمما،  بەدىنىمىزدىكى ROS - قا قارشى سىستىمىنىڭ كۈچى ئاجىز كەلگەندە،   بۇ زەھەرلىك بولغان  ROS لار ھۈجەيرىدىكى  DNA،  RNA،  ئاقسىل ۋە مايلارنى ئوكسىدلاپ ئۇلارنىڭ قۇرۇلۇشى ۋە فۇنكىتسىيەسىنى ئېغىر زەخمىگە ئۇچرىتىپ ھۈجەيرىنىڭ قېرىشىنى ھەم ئۆلۈشىنى تىزلىتىدۇ.     ROS   نىڭ كۆپىيىشى بولسا  ھەركەتسىزلىك، يۇقۇرى كالورىيە (زىيادە يېيىشتىن كىلىدۇ.  كالورىيە بولسا ئېنىرگىيە بىرلىكى بولۇپ،   يېتىلگەن  ھەركەتچان كىشىلەر ساغلام ياشاش ئۇچۇن بىر كۈندە 2400- 2800 كالورىيەگىچە ئېنىرگىيە قۇبۇل قىلسا بولىدۇ  .   مەسىلەن، 100 گىرام قوي گۆشى يېسىڭىز 292 كالورىيە ئىنىرگىيە قۇبۇل قىلىسىز،  50 گىرام قوي مېيى يېسىڭىز 451 كالورىيە ئىنىرگىيە قۇبۇل قىلىسىز،    100 گرام گۈرۈچتىن 130 كالورىيە، بىر قۇشۇق ئۆسۈملۈك مېيىدىن 122 كالورىيە، 100 گىرام شىكەردىن 387 كالورىيە قۇبۇل قىلىسىز.   نۇرغۇنلىغان تەييار ئىچىملىكلەردە 50 گىرامدىن ئارتۇق شىكەر بولىدۇ.   قۇشۇمچە ئۇچۇر:  خېرىدارنىڭ ساغلاملىغى ئۈچۈن، ئامېركىنىڭ تىز  تاماقخانىلىرى ھازىر يىمەكلىكنىڭ  كالورىيە قىممىتىنى تاماق تىزىملىگىدە خېرىدارغا ئەسكەرتىدۇ)، قاندىكى يۇقۇرى مىقداردىكى ماي ۋە شىكەر، ياللىغلۇغۇچى ئامىللار،  روھى بېسىم ( يۇقىرى مىقداردىكى كورتىسول)  قاتارلىقلارنىڭ سەۋەبىدىن كىلىپ چىققان ھۈجەيرە مىتابولىزىمنىڭ قالايمىقانلىشىشى بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىكەنلىكى مەلۇم بولدى.   نۇرغۇنلىغان تەتقىقات نەتىجىللرى شۇنى بىلدۈردىكى، ھۈجەيرە مېتابولىزىمىنىڭ ئۈنۈمىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش ئارقىلىق ROS نىڭ پەيدا بولۇشىنى ئازلىتىپ ھۈجەيرە - ئىچىدىكى زەخمىنى ئازايتىپ قېرىشقا قارشى تۇرغىلى بولىدۇ.

قېرىغان - ئۆلگەن ھۈجەيرىلەرنىڭ ئورنىنى تۇلۇقلايدىغان  غول ھۈجەيرىلەردە ئۆزىنىڭ بىرنۇسخا كۆپىيپ بۆلۈنىشىنى  تەڭشەيدىغان تېلومېير (telomere) دىن  باشقا نۇرغۇن ئامىللار بار بۇلۇپ،  ھازىرقى ۋاقىتتىكى بىلىشكە ئاساسلانغاندا ئەڭ مۇھىم دەپ قارىلىدىغىنى (mTOR   ،mammalian target of rapamycin)  دەپ ئاتىلىدىغان بىر ئاقسىلدىن ئىبارەت ( بۇلار كۆپىيىشكە قارشى مېخانىزىمغا مەنسۇپ).   بۇ  mTOR  (ئەمتور  دەپ ئۇقۇلىدۇ)  ئاقسىلى  ھاياتلىقنىڭ ھەرقايسى دەۋرىدە باشتىن- ئاخىر مۇھىم رول ئويناپ،   ئىنتايىن ئەپچىللىك بىلەن ئوخشىمىغان دەۋىر ۋە ئوخشىمىغان مۇھىتتا ئوخشاش  غىدىقلىنىشلارغا ھاياتلىقنى قوغداشنى مەقسەت قىلىپ تۇرۇپ ئوخشىمىغان ئىنكاس قايتۇرۇپ ئاقسىل ئىشلەپ چىقىرىشنى تەڭشەپ تۇرىدۇ.   mTOR  نىڭ بۇ خىل ئالاھىدە رولى بەلكىم ئوزىنىڭ ئەتراپىدىكى مۇرەككەپ سىگنال ئۇچۇرلىرىنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغان بۇلۇشى مۈمكىن بۇلۇپ، بۇ نۇۋەتتىكى mTOR  تەتقىقاتىدىكى بىر قىززىق نوختا.    mTOR  نىڭ ئىنسان ھاياتىدىكى ساغلاملىق ۋە   نۇرغۇن كىسەللىكلەر بىلەن زىچ باغلانغانلىغى دەلىللىنىۋاتىدۇ .    ھاياتلىق تەرەققىيات باسقۇچلىرىدىكى ئۆسۈپ يېتىلىش دەۋرىدە بۇ ئاقسىل ئۆسۈپ يىتىلىشنى ئىلگىرى سۈرسە، قېرىلىق دەۋرىدە قېرىشنى ئىلگىرى سۇرىدۇ.    mTOR نىڭ قېرىشنى ئىلگىرى سۈرۈشى بەلكى، بەدەندە  mTOR نىڭ ئاكتىپلىغىنى غىدىقلايدىغان ئامىللار  (6 - رەسىمگە قاراڭ) كۆپۈيۈپ،  غول ھۈجەيرىلەرنىڭ  بۆلۈنۈپ كۆپىيىش سۈرىتىنى تاساددىپى تىزلىتىشى ۋە مەلۇم ۋاقىت ئىچىدىكى كۆپۈيۈش قېتىم سانىنى ئاشۇرىۋەتكەنلىكى بولۇشى مۈمكىن. بۇنىڭ سەۋەبىدە غول ھۈجەيرىلەرنىڭ ئۆزىنى ئۇزۇقلۇق بىلەن تۇلۇقلىشى ۋاقىت چەكلىمىسىگە ئۇچراپ،  غول ھۈجەيرىلەرنىڭ بۆلۈنۈپ كۆپىيىشى"چارچاپ" ئاستىلاپ قالىدۇ ياكى توختايدۇ (4 - رەسىمگە قاراڭ).  



غول ھۈجەيرە  بۆلۈنۈپ كۆپۈيىش ئاستىلىشى ھەرقايسى ئورگان تۇقۇلمىلارغا تەسىر كۆرسەتسىمۇ،  ئەڭ تىز ھەم ئەڭ چوڭ تەسىرگە ئۇچرايدىغىنى  ئىممۇنېت سىستىمىسى بولىدۇ.  چۈنكى ئىممۇنېت سىستىمىسىدىكى ھۈجەيرىلەرنىڭ ئۆمرى قىسقا بولۇپ ھەركۈنى ئۈزلۈكسىز يېڭلىنىپ تۇرۇشى كىرەك بولىدۇ.  بىر مىسسال ئالساق، ئىممۇنېت سىستىمىسدىكى ئاق قان ھۈجەيرىلىرىڭ ئىچىدىكى سانى ئەڭ كۆپ بولغان (ئىممۇنېت سىستىمىسىدىكى ھۇجەيرىلىرىنىڭ %62 نى ئىگەللەيدىغان) ھەم يۇقۇملىنىشقا قارشى تۇرۇشتا ئەڭ مۇھىم رول ئوينايدىغان نىيۇتروفىل (neutrophil) دەپ ئاتىلىدىغان ھۇجەيرىنىڭ ئومرى 6 سائەتتىن نەچچە كۈنگىچىلا بولىدۇ.   ئەگەر غول ھۈجەيرىلەردىن بۆلۈنۈپ كۆپۈيۈش ئازلاپ قېلىپ، ئۆلگەن نىيۇتروفىل ھۈجەيرىلىرىنىڭ تۇلۇقلىنىشى ئاستىلاپ سانى ئازلاپ كەتسە، بۇ بەدەن يۇقۇملۇق كىسەللەرگە ئاسان گىرىپتار بۇلۇپ قالىدۇ.   مانا بۇ  دەل ياشانغانلارنىڭ يۇقۇملۇق كىسەل بىلەن تۇلا ئاغرىپ قېلىش سەۋەبلىرىنىڭ بىرى بۇلىدۇ.   ئۇندىن باشقا،ئىممۇنېت سىستىمىسىدا يەنە لىمفوسايىت (lymphocyte) دەپ ئاتىلىدىغان ھۈجەيرىلەر بار بولۇپ ( ئىممۇنېت سىستىمىسىدكى ھۇجەيرىلىرىنىڭ %30  نى ئىگەللەيدۇ) ، ئۇلارمۇ داۋاملىق يېڭىلىنىپ تۇرۇشى كىرەك. ئەگەر لىمفوسايىتلارنىڭ سانى ئازلاپ كەتسە يەنىلا يۇقۇملۇق كىسەللەرگە گىرىپتار بولۇش پۇرسىتى كۇچىيىدۇ.  يېقىندا بىر خىل لىمفوسايىتنىڭ ئازلاپ كېتىشى مىڭە يىگىلەپ كىتىش تىپىدىكى ئۇنتۇغاقلىق كىسىلىگە باشلاش مۈمكىنلىكى بايقالدى .  يۇقۇملىنىش يەنە ياللۇغلىنىشنى كەلتۈرۈپ چىقارغۇچى ئامىللارنى كۆپەيتىدىغان بولۇپ، بۇ ياللۇغلىغۇچى ئامىللار mTOR نىڭ ئاكتىپلىغىنى غىدىقلاپ، يۇقىرىدا ئېيتىلغان مېخانىزىم بىلەن قېرىشنى تىزلىشىشقا ئۈندەيدۇ  (4 - رەسىمگە قاراڭ).    ئۇندىن باشقا يەنە بۇ ياللۇغلىغۇچى ئامىللار ھۇجەيرىنىڭ ئىچىدىكى ROS نى كۆپەيتىپ ئوكسىدلىنىش زەخمىسىنى كۈچەيتىدۇ.   ئەگەر بۇ زەخمە مىڭە ھۇجەيرىسىدە يۇز بەرسە، ئۇنتۇغۇغاقلىق كىسىلىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.  بۇنىڭغا مىسال ئالساق،  ياللۇغلىغۇچى ئامىللارنىڭ پەيدا بولۇشىنى تىزگىنلەيدىغان سالىدومايىد (Thalidomide) دىگەن دۇرا ئۇنتۇغاقلىقنى ھايۋان مودىلىدا داۋالىدى ھەم بۇ دۇرا ھازىر ئامېركىدا كىلىنكىلىق سىناقنىڭ 2- باسقۇچىدا تەكشۈرىلىۋاتىدۇ .    ئىممۇنېت كۈچى تۈۋەنلىگەندە گىرىپتار بولىدىغان يۇقۇملۇق بولمىغان كىسەللەرنىڭ مىسالى ناھايىتى كوپ بولۇپ،  بۇنىڭ ئىچىدە ئەڭ كۇرىنەرلىكى  راكتىن ئىبارەت.  راك ھۈجەيرىلىرى ئىممۇنېت سىستىمىسىنىڭ غەيرى ھۇجەيرىلەرنى ئۆلتۈرۈش رولىنىڭ ئاجىزلىغىدىن پايدىلىنىپ كۆپىيىۋالىدۇ ۋە مەۋجۇت بولۇپ تۇرىدۇ.

3.  ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرۈش  ھەققىدىكى بايقاشلار

3. 1.   ھازىرقى زامان تىبابىتىدىكى تەجىربە- تەتقىقات  بايقاشلىرى  

2014-  يىلى 12- ئاينىڭ 24 - كۇنى،  ئامېركىدىكى بىر تەتقىقات ئورنىنىڭ ئۆمۈرنى ئوزارتىش توغرىسىدا ئىلان قىلغان يېڭى تەتقىقات نەتىجىللرى، "بۈگۈنكى ئامېرىكا"  گېزىتىدە ۋە باشقا نۇرغۇن تاراتقۇلاردا خوشاللىققا تولغان مۇنازىرىلەرنى قوزغىدى ۋە ھازىرغىچە بايقالغان ئۆمۈرنى ئوزارتىش رولى بولغان بىر نەچچە خىل دۇرا ئەسلەپ ئۆتۈلدى.

"پەن"    (Science)      ژورنىلىغا قاراشلىق "پەن تەدبىقلىنىشچان مېدىتسىنا"   (Science Translational Medicine)   دىگەن ژورنالدا  ئىلان قىلىنغان بۇ بايقاش ئىنسانلارنى ئوبۇكتىپ قىلغان 1- باسقۇچتىكى كىلىنكىلىق تەكشۈرۈشتىن كىلىپ چىققان.  تەتقىقاتچى ئالىملار،  تارقىلىشچان زۇكام ۋاكسىنىسى ئەمدىلا ئۇرۇلغان 65 ياشتىن يۇقىرى 200 نەپەر ياشانغان كىشىلەرنىڭ بىر گۇرۇپپىسغا mTOR  ئاقسىلىنىڭ ئاكتىپلىغىنى تۇرمۇزلايدىغان بىر خېمىيىلىك تەركىپ  RAD001 نى بەرگەن يەنە باشقا بىر گۇرۇپىسغا (سېلىشتۇرما گۇرۇپىغا) ھىچقانداق تەسىرى يوق ئەمما شەكلى- رەڭگى ۋە تەم - پۇرىغى ئوخشايدىغان باشقا بىر تەركىپنى بىر نەچچە ھەپتە بەرگەن  ۋە ئۇلارنىڭ تارقىلىشچان زۇكام ۋىروسىغا قارشى ئىممۇنېت كۈچىنى تەكشۈرگەن.    بۇنداق قىلىشتىكى سەۋەپ، ياشانغانلارنىڭ ئىممۇنېت كۇچى تۈۋەن بولۇش بىلەن بىرگە بەدەنگە يېڭىدىن كىرگەن مىكرو-ئورگانىزىملارغا قارشى ئىممۇنېت كۈچىنى قوزغىتالمايدىغان بولۇپ، ياشانغانلاردىكى بىر ئومۇمىيۈزلۇك ھادىسە بولسا ئۇلار يۇقۇملۇق زۇكامغا ئاسان گىرىپتار بولۇپ تەستە ساقىيىدۇ ياكى ساقىيالماي ئېغىرلاپ ھايات خەۋىپكە ئۇچرايدۇ. ئالىملارنىڭ تارقىلىشچان زۇكام ۋىروسىغا قارشى ئىممۇنېتنى ئاساسى تېما قىلىشىدىكى سەۋەپ، (ئامېرىكا كىسەللىكلەرنى كونتۇرول قىلىش ۋە ئالدىنى ئېلىش مەركىزىنىڭ دوكلاتىغا ئاسالانغاندا)  تارقىلىشىشچان زۇكامدىن ساقىيالماي  ئۆلۈپ كېتىدىغانلارنىڭ %90  بولسا 65 ياشتىن يۇقۇرى كىشىلەر ئىكەن.   ئالىملار بۇرۇنقى بىلىملەرگە ئاساسلىنىپ، ئەگەر mTOR  ئاقسىلىنىڭ ئاكتىپلىغى تۇرمۇزلانسا، بۇ ياشانغان كىشىلەرنىڭ زۇكام ۋاكسىنا ۋىروسىغا قارشى ئىممۇنېت كۈچى ئاشىدۇ دىگەن ئىلمى پەرەزنى تەكشۈرمەكچى بولغان.   تەجىربە نەتىجىسى شۇنى كۆرسەتكەنكى، mTOR  نى تۇرمۇزلىغۇچى  RAD001  بېرىلگەن گۇرۇپىدىكى كىشىلەرنىڭ زۇكام ۋاكسىنا ۋىروسىغا قارشى ئىممۇنېت كۈچى پەيدا قىلىشى سېلىشتۇرما گۇرۇپىنىڭكىدىن %20  ئارتۇق بولغان.   بۇ ھەقىقەتەن كىشىنى ھاياجانغا سالىدىغان نەتىجە بولۇپ، ياشانغانلارنىڭ ئىممۇنېت كۈچىنى كۈچەيتىشنىڭ مۈمكىنلىكىنى ئىسپاتلاپ،  ئۆمۈرنى ئوزارتىش توغرىسىدىكى تەتقىقاتلارغا زور ئۈمۈتلەرنى ئېلىپ كەلدى.  

يۇقۇرىقى تەتقىقاتتىن بىر ھەپتە بۇرۇن ئېلان قىلىنغان باشقا بىر ماقالىدە، ئادەتتە باش ئاغرىقىغا ئىشلىتىلىدىغان ئىبۇپروفېن (Ibuprofen) دىگەن دۇرىنىڭ ئۆمۈرنى ئوزارتىش رولى دوكلات قىلىنىپ ئامېركىدا زور غۇلغۇلا قوزغىغان ئىدى .    ئىبۇپروفېننىڭ ئۆمۈرنى ئوزارتىش تەسىرى تېخى تەجىربەخانا تەتقىقاتىدا بولۇپ، ئۇمۇ mTOR  ئاقسىلىنىڭ ئاكتىپلىغىنى تۇرمۇزلايدىكەن.    ئىبۇپروفېننىڭ تەسرىدە بۇ ئۆمۈرى ئوزارغان جانلىقلاربولسا ئۆمۈرنى ئوزارتىش تەتقىقاتلىرىدا قۇلايلىقى ئۈچۈن كۆپ ئىشلىتىلىدىغان  بىر خىل زەمبۇرۇغ، ئىككى خىل قۇرۇت ۋە بىر خىل مىۋە چىۋىنى بولۇپ، تېخى ئىنسانلارغا ئىشلىتىلىپ تەكشۈرۈلمىگەن.   شۇنداق بولسىمۇ، بۇ بىر زور بايقاش بولۇپ، كەلگۈسىدىكى ئۆمۈرنى ئوزارتىش دۇرا تەتقىقاتلىرىغا زور ئۈمۈت ئېلىپ كەلدى.

بىر نەچچە يىل بۇرۇن، 2- تىپلىق دېئابېت كېسىلىدىكى قاندىكى يۇقۇرلاپ كەتكەن شىكەرنى تۆۋەنلىتىش ئۇچۇن   ئىشلىتىلىدىغان مېتفورمىن (Metformin) دىگەن دۇرىنىڭ ئۆمۈرنى ئوزارتىش تەسىرى ھەققىدىكى بايقاشمۇ زور غۇلغۇلا قوزغىغان ئىدى . مېتفورمىن ئاساسلىغى جىگەرنىڭ ئۈچەيدىن شۈمۈرۈلگەن ئۇزۇقلۇقلاردىن گلۇكوز (شىكەر) ئىشلەپ چىقىرىشىنى تىزگىنلەيدىغان بولۇپ  ، قاندىكى شىكەر ماددىسىنى (كالورىيە دەپ چۈشۈنۈشكە بولىدۇ) خۇددى تاماق چەكلىگەن ۋاقتىدىكىگە ئوخشاشلا تۇۋەن ھالەتكە چۈشۈرىدۇ.   مېتفورمىن كالورىيەنى تىزگىنلەشتىن باشقا يەنە ياللۇغلىغۇچى ئامىللارنىڭ مىقدارىنى ئازلىتىدىغان بولۇپ   ، بۇ  ئارقىلىق mTOR  ئاقسىلىنىڭ ئاكتىپلىغىنى تۇرمۇزلايدۇ.   مېتفورمىن چىشى چاشقانلارغا  ياش ۋاختىدىن باشلاپ داۋاملىق بېرىلگەندە  ئۆمۈرى مېتفورمىن بېرىلمىگەن چاشقانلارغا (سېلىشتۇرما گۇرۇپىغا)  قارىغاندا % 14  ئۇزۇن بولغان.  ئەمما مېتفورمىن ئاللىبۇرۇن ياشانغان چىشى چاشقانلارغا بېرىلگەندە بولسا ئۆمۈرنى ئوزارتىش تەسىرى كورۇلمىگەن.   بۇ ئالىملار ئوخشاش چاشقانلارنى كۈزىتىش ئارقىلىق بىلگەنكى،  بۇ مېتفورمىن بېرىلگەن ياش چاشقانلارنىڭ ئۆسمە- يوق ھاياتتا ياشىشى  سېلىشتۇرما گۇرۇپىغا قارىغاندا %21 ئاشقان بولۇپ، ئۆسمە پەيدا بولغانلىرىنىڭمۇ ئۆسمىسى سېلىشتۇرما گۇرۇپىغا قارىغاندا %22  كېچىكىپ پەيدا بولغان.   بۇ بايقاشلار قاندىكى شىكەرنى  نورمال دائىرىدە تىزگىنلەشنىڭ  مۇھىملىغىنى تەكىتلەيدۇ.  
   
بۇلاردىن باشقا يەنە قىزىل ئۈزۈمنىڭ پوستى ۋە ئۇرۇغىدىن ئېلىنغان رېسۋېراترول (Resveratrol) دىگەن تەركىپمۇ  ئۆمۈرنى ئوزارتىش تەتقىقاتىدا ئالقىشقا ئىرىشىۋاتىدۇ.   رېسۋېراترول ئەسلى ئوكسىگېنلىق زەخمىلەرگە قارشى تەسىر كورسەتكەن بولۇپ،   يۈرەك قان- تۇمۇر كىسەللىرىنىڭ ئالدىنى ئېلىش رولى بارلىغى دىققەتكە سازاۋەر بولغان. ئۇنىڭ  mTOR  ئاقسىلىنىڭ ئاكتىپلىغىنى تۇرمۇزلاش رولىمۇ بايقالغان.   ئەڭ يېقىنقى بايقاشقا ئاساسلانغاندا،  بۇ تەركىپنىڭ ئۆمۈرنى ئوزارتىش رولى يۇقۇرى گلۇكوز (شىكەر) كەلتۈرۈپ چىقارغان ئوكسىگېنلىق زەخمىنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغان جانلىقتا (ئۆمۈرنى ئوزارتىشتا كۆپ ئىشلىتىلىدىغان بىر خىل قۇرۇت ئىشلىتىلگەن) ناھايىتى ئۈنۈملۇك بولغان، ئەمما نورمال مۇھىتتىكى تەسىرى كۈرىنەرلىك بولمىغان.   بۇ بايقاشلارغا ئاساسلانغاندا،  بۇ تەركىپ mTOR  نى غىدىقلايدىغان ئوكسىگېنلىق زەخمىنى ئاجىزلاشتۇرۇش ئارقىلىق mTOR  نىڭ نورمالسىز (زىيانلىق) ئاكتىپلىنىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىشى مۈمكىن.

3. 2.     ئۇيغۇر تىبابىتىگە باغلىنىشلىق تەتقىقات  بايقاشلىرى  
  
قىزىل ئۈزۈمدىن ئايرىپ ئېلىنغان تەركىپنىڭ ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرۈشكە پايدىلىق بولغان رولىنىڭ بايقىلىشى، تەتقىقاتچىلارنى قىزىل ئۈزۈم كۆپ چىقىدىغان رايۇندا ياشايدىغان ئۇيغۇرلارنىڭ ئۇزۇن ئۆمۈر كۈرۈشنىڭ بىر سەۋەبىنى تېپىپ چىقىشقا قىززىقتۇرىشى مۈمكىن.  بۇ بايقاشلار يەنە بىزگە ئەشۇ  ئۇزۇن ئۆمۈر كورىدىغان ئۇيغۇرلارنىڭ ئۇيغۇر تىبابەت ساۋاتلىرى تۇرمۇشقا سىڭىپ كەتكەن رايۇنلاردا ياشاپ، ئۆز مىجەزىنى (خىلىتلىرىنى) ۋاختى- ۋاختىدا تەڭشەپ، ئۆزىنىڭ ساغلاملىغىنى ياخشى مۇداپىئە قىلغانلىغىنى ئەسلىتىدۇ.  
يۇقىرىدا ئېيتىلغان ئۆمۈرنى ئوزارتىش نەتىجىللىرىنىڭ كىلىنكىلىق سىناقلاردىن ئۆتۈپ بىزنىڭ قولىمىزغا كىلىشىگىچە خېلى ۋاقىت كىتىشى مۈمكىن.  زامانىۋى تىبابەت بىلەن ئۇيغۇر تىبابىتىنىڭ نەزىرىيەلىرى ۋە داۋالاش ئۇسۇللىرى ئوخشاشمىسىمۇ، ئۇلار ئوخشاش كىسەلنى داۋالاپ ئوخشاش ياخشى نەتىجىگە ئىرىشىدۇ.   دىمەك، ھەر ئىككىلىسى بىلىپ يەتكەن " كېسەلنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان سەۋەبلەر" ئوخشىمىغان ئۇقۇم ۋە تىلدا ئىپادىلەنسىمۇ، ماھىيىتى ئوخشاش دەپ قاراش يەنىلا مۈمكىن (5 - رەسىمگە قاراڭ).  زامانىۋى تىبابەتتە ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرۈش ئۈچۈن ئىشلەتكەن تەدبىرلەر نىڭ مىخانىزىملىرىمۇ، ئۇيغۇر تىبابىتىدە باشقا تىل ۋە  ئۇقۇمدا ئىپادىلىنىشى مۈمكىن، مەسىلەن غەيرى تەبىئى سەۋدانى تازلاپ بەدەننى جانلاندۇرۇش ئۇقۇمىغا ئوخشاش.   شۇڭا،  بىزنىڭ قېرىلىقنى تىزگىنلەپ ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرۈشىمىزدە ھازىر نەق پايدىلىنىش پۇرسىتى بولغان ئۇيغۇر تىباتىدىن پايدىلىنىش، بىزنى دۇنيادىكى باشقا ئۆز تىبابىتى يوق نۇرغۇن خەلىقلەرگە  قارىغاندا زور ئەۋزەللىك بىلەن تەمىنلەيدۇ.   ئۇيغۇر تىبابىتىدىن تۇلۇق پايدىلىنىشتا، ئەڭ ياخشىسى قەرەللىك ھالدا مۇقىم بىر تىۋىپقا  كۆرۈنۈپ مىجەزىڭىزنى  (خىلىتلارنى) قەرەللىك تەڭشەپ تۇرغان ياخشى ياكى ئۆزىڭىز ئۇيغۇر تىبابىتىنى ئۆگۈنۈپ (ئوزىڭىز قىزىققان قىسىملىرىنى ئۈگەنمەك ئاسان) ئوزىڭىزنىڭ تىۋىپى بولسىڭىز،  بۇمۇ بىر ياخشى تەدبىر بۇلۇشى مۇمكىن.



ھازىرقى قېرىشنى تىزگىنلەش تەتقىقاتلىرىدا، بىر نەچچە خىل دۇرىلىق ئۆسۈملۈكلەر تەۋسىيە قىلىنغان.     بۇ دۇرىلار جەمىيەتتە ئالقىشقا ئېرىشكەن بولۇپ، يەككە دۇرا سۇپىتىدە ئايرىم تاماققا سېلىنىپ ياكى كاپسۇللىق ياسىلىپ ئىستىمال قىلىنىدۇ.   بۇلارنىڭ ئىچىدە ئۇيغۇر تىبابىتىدە دائىم ئىشلىتىلىدىغان دۇرىلاردىنمۇ خېلى بار بۇلۇپ، ئۇلار  بادرەنجى بۇيا، سەبرى، دارچىن، زەچىۋە، گاۋزىبان مېيى قاتارلىقلارنى ئوز ئىچىگە ئالىدۇ.   ئۇيغۇر تىبابەت تىۋىپلىرى ياكى دۇرىگەرلىرى بۇ دۇرىلارنى ناھايىتى پىششىق بىلىدىغان بۇلۇپ، ئۇلارغا كۆرۈنۈپ كېسىلىڭىز ياكى مىجەزىڭىزگە ئاساسەن قايسى خىل دۇرىلارنى ئىشلىتىشتىن مەسلىھەت سورىسىڭىز بولىدۇ.    بۇلارنىڭ ئىچىدە دارچىن (قوۋزاق دارچىن) قاندىكى ماينى ۋە شىكەرنى مەلۇم نىسبەتتە تۆۋەنلىتىدىغانلىغى ئۈچۈن ئەڭ ئالقىشقا ئىرىشكەن ئۈسۈملۇك دورىلارنىڭ بىرى.   بادرەنجى بۇيانىڭ ئوكسىدلىنىپ زەخمىلىنىشكە قارشى ناھايىتى كۈچلۈك تەسىرى بولۇپ، ئۇنتۇغاقلىقنى داۋالاش تەسىرىنى تەجىربىخانا چاشقانلىرىدا تەكشۈرۈپ ئېنىقلانغان  .      گاۋزىبان مېيىنىڭمۇ ئوكسىدلىنىشقا قارشى رولى بۇلغاندىن تاشقىرى ياللۇغلىنىشقا قارشى تەسىرىمۇ بولۇپ، تېرىنى  زەخمىدىن ئاسراشقا ئۈنۈمى ياخشى ئىكەنلىكى مەلۇم.    بادرەنجى بۇيا بىلەن گاۋزىبان ئۇيغۇر تىبابىتىدە مىڭە - يۈرەكنى قۇۋۋەتلەشكە ئىشلىتىلىدۇ.  سەبرى (ئالوي)، ھەزىم سىستىمىسىنى ۋە مىتابولىزىمنى ياخشىلاش تەسىرى بىلەن كەڭ ئىشلىتىلىدۇ.   زەچىۋەنىڭ ئوكسىدلىق زەخمىلەرگە قارشى قوغداش رولى بارلىغى كىشىلەرنىڭ دىققىتىنى قوزغىغان.  كىشىنى ئويلاندۇرىدىغىنى، بۇ ئۆسۈملۇك دۇرىلار  دەل  mTOR  ئاقسىلىنىڭ  ئاكتىپلىغىنى  غىدىقلايدىغان ئامىللارغا قارشى تۇرىدۇ  ( 6 - رەسىمگە قاراڭ).  



3. 3.  ساغلاملىق ئىلىملىرىدىكى يېڭى بايقاشلار     

2015- يىلى 1- ئاينىڭ 14- كۇنى ئىلان قىلىنغان يەنە بىر چوڭ بايقاشقا قارىغاندا، ھەركەت قىلىش ناھايىتى مۇھىم بولۇپ، ھەركەت قىلماسلىق  سىمىزلىكتىن بەكرەك ھاياتقا تەھدىت سالىدىكەن.      بۇ تەتقىقاتتا، ئالىملار ياۋرۇپادىكى 10 دولەتتە 334161 نەپەر ئەر ياكى ئاياللارنى 12 يىل كۈزەتكەن.  نەتىجىدە، كۈنىگە 20 مىنۇت جانلىق مېڭىپ ياكى شۇنىڭغا ماس ھالدا چېنىقىپ بەرگەن كىشىلەر، ھەركەتسىز (20 مىنۇت ماڭمايدىغان ياكى چېنىقمايدىغان) كىشىلەردىن % 30-16 ئۇزۇنراق ياشايدىغانلىغى بايقالغان.  بۇنداق مېڭىش ياكى چېنىقىش ھەتتا سىمىز كىشىلەرنىڭ ئۆمرىنىمۇ بۇنداق ماڭمايدىغان ياكى چېنىقمايدىغان سېمىز كىشىلەرنىڭ ئۆمرىدىن %3.66 ئۇزۇن قىلغان.   بۇ بايقاشلار، ئىشخانىدا مىدىرلىماي ئولتۇرۇپ خىزمەت قىلىدىغانلارنىڭ ئۆمرىنىڭ قىسقا بولۇپ قېلىشىنىڭ سەۋەبىنى كۆرسىتىپ بېرىشكە ياردەم قىلغان.   بىزنىڭ ئەجداد   تىۋىپلىرىمىزمۇ، ئاجىز كىشىلەرنىڭمۇ  ساغلاملىق ئۈچۈن   ئەتتىگەندە سەھەر ئورنىدىن تۇرۇپ كەم دىگەندىمۇ  100 چامدام  مېڭىپ بېرىپ ئاندىن ناشتا قىلىشنى تەۋسىيە قىلغىنى بەلكىم مۇشۇ سەۋەپتىن بولۇشى مۈمكىن.   

2015- يىلى 1- ئاينىڭ 20- كۇنى ئىلان قىلىنغان بىر ستاتىستىكىلىق تەتقىقات ماقالىسى، ئۇزۇن ۋاقىت ھەركەت قىلماسلىقنىڭ ناھايىتى زور زىيىنىنى يۇرۇتۇپ بەرگەن بۇلۇپ يەنە بىر قېتىم كىشىلەرنىڭ دىققىتىىنى قوزغىدى.  ئۇ ماقالىدە، ھازىرغىچە تەرەققى قىلغان دولەتلەردە ئىلان قىلىنغان  ھەركەتسىزلىك ۋە سالامەتلىك توغرىسىدىكى 47 پارچە ماقالىنىڭ سان- سىفىرلىرى بىرلەشتۈرۈلۈپ ئانالىز قىلىنغان.    ئالىملارنىڭ دىيىشىچە،  ئادەتتە چېنىدىغان كىشىلەرمۇ  ئەگەر كۈنىگە  8 سائەتتىن 12 سائەتكىچە ۋاقىتنى ھەركەت قىلماي ئولتۇرۇپ ئىشلەشكە (ياكى ئارام ئېلىشقا)  سەرىپ قىلسا يۈرەك قان-  تۇمۇر كىسەللىكلىرى،  2- تىپلىق دىئابېت ۋە راك قاتارلىقلارغا گىرىپتار بولۇش پۇرسىتىنى ھەسسىلەپ ئاشۇرۇپ،  ئۆمۈرنىڭ قىسقىرىشىغا سەۋەپ بولىدىكەن.     ئامېركا تاراتقۇلىرىدا، بۇنداق ئۇزۇن ھەركەتسىز ئولتۇرۇشنىڭ 2- تىپلىق دىئابېت كىسىلىگە گىرىپتار بولۇش پۇرسىتىنى% 90 (توقسان پېرسەنت)  ئاشۇرىدىغانلىغى تەكىتلەپ، ئۇزۇن ئولتۇرىدىغانلارنى ھەر سائەتتە دىگۈدەك بىر قېتىم 5 مىنۇت ئەتراپىدا ھەركەت قىلىپ بېرىشكە دەۋەت قىلغان.   بۇ بايقاشلار،  ئەجدادلىرىمىز قالدۇرۇپ كەتكەن " ھەرىكەت- بەرىكەت " ئۇقۇمىنىڭ مەناسى "ھەركەت قىلىپ تۇرساڭ، ئۆمۈرىڭنىڭ بەركىتى بولىدۇ"  نى تېخىمۇ جانلىق ئىسپاتلار چۈشەندۈرۈپ بىرەلەيدۇ.   

4 . خۇلاسە

قېرىشنى تىزگىنلەپ ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرۈشتە ئەزەلدىن تەشەببۇس قىلىنىۋاتقان ستىراتىگىيەلەر يەنىلا mTOR  نىڭ زىيادە ئاكتىپچانلىغىنى تىزگىنلەيدىغان ستىراتىگىيەلەردۇر( 6 - رەسىمگە قاراڭ).  بۇ ستىراتىگىيەلەر  بولسا، داۋاملىق كۆپ ھەرىكەت قىلىش ياكى مۇۋاپىق چېنىقىش، تۇرمۇشتىكى روھى بېسىمنى ئازلىتىش، خوشال خورام رېتىملىك ياشاش، زىيادە كالورىيەنى تىزگىنلەش،  تۇلۇق ئۇخلاش ئەمما كۆپ ئۇخلىماسلىق،  ساپ ھاۋادىن نەپەسلىنىش، تاماكا چەكمەسلىك،  قىزىل ئۆزۈم يىيىش،   ئۇزاق مۇددەت جىسمانى جەھەتتىن زىيادە چارچىماسلىق،  سۇيۇقلۇق تۇلۇقلاش  (سۇنى كۆپ ئىچىش) ۋە  ۋىتامىنلارنى تۇلۇقلاش  قاتارلىقلار  بولۇپ ساغلام ھۇجەيرە مېتابولىزىمىغا كاپالەتلىك قىلىش مەقسەت قىلىنىدۇ.    ۋىتامىنلار ئوكسدىلىق زەخمىلەرگە بىۋاستە قارشى تۇرۇش بىلەن بىرگە يەنە ھۈجەيرىلەرنىڭ مېتابولىزىمىنى ياخشىلايدۇ.   بەدەندە ۋىتامىن كەمچىل بولغاندا ئۇنى تۇلۇقلاشنىڭ پايدىسى زور بولسىمۇ، بەدەندە ۋىتامىن تۇلۇق بولغاندا ئۇنى ئىستىمال قىلىشنىڭ تەسىرى كۈرىنەرلىك ئەمەسلىگى بايقىلىپ بىر مەزگىل غۇلغۇلا قوزغىدى.   ئەمما، بىز تەكشۈرتمەي تۇرۇپ ئۆزىمىزدىكى قايسى  ۋىتامىننىڭ تۇلۇق ياكى كەمچىللىكىنى بىلەلمەيدىغان بولغاچقا،كۆپ خىل ۋىتامىنلارنى نورمال مىقداردا داۋاملىق ياكى پات - پات ئىستىمال قىلىپ تۇلۇقلاپ تۇرغان ياخشى .

يۇقاردىكى قېرىشنى تىزگىنلەپ ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرۈش  ستىراتىگىيەلىرنىڭ ھەممىسنى سىز ئەمەلگە ئاشۇرالايسىز.   ئەگەر داۋاملىق تۇلۇق ئەمەلگە ئاشۇرسىڭىز،  سىزمۇ  ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرەلەيسىز.   قېرىنداشلىرىڭىزمۇ ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرەلەيدۇ.


ئاپتۇرلار ھەققىدە ئۇچۇر:
دوكتۇر رىشات ئابباس دوكتۇر ئەلقەم تۇرسۇننى ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرۈش توغرىسىدىكى بۇ ماقالىنى يېزىشقا تەكلىپ قىلغان ۋە دەسلەپكى ئۇچۇر بىلەن تەمىنلىگەن، شۇنداقلا ماقالىنى تېلىفۇندا بىرگە  ئۇقۇپ ياخشى تەكلىپ پىكىرلەرنى بەرگەن.   ئۇلارغا مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلارنى تۇۋەندىكى ئۇلۇنىشتىن تاپالايسىز.
دوكتۇر ئەلقەم تۇرسۇن:   http://bbs.izdinix.com/forum.php?mod=viewthread&tid=58637&highlight=%D8%A6%DB%95%D9%84%D9%82%DB%95%D9%85   
دوكتۇر رىشات ئابباس:   http://bbs.izdinix.com/forum.php?mod=viewthread&tid=57453&highlight=%D8%B1%D9%89%D8%B4%D8%A7%D8%AA   

پايدىلىنىش ماتېرىياللىرى:
1.        http://english.cntv.cn/program/china24/20131029/101287.shtml
2.        http://www.nature.com/nature/journal/v493/n7432/full/nature11861.html?WT.ec_id=NATURE-20130117
3.        http://www.nature.com/nrm/journal/v12/n1/full/nrm3025.html
4.        http://www.nature.com/nrm/journal/v8/n9/full/nrm2242.html
5.        http://www.impactaging.com/papers/v3/n11/full/100411.html
6.        http://www.tasciences.com/telomeres-and-cellular-aging/
7.        http://www.ncbi.nlm.nih.gov/pmc/articles/PMC2639772/
8.        http://www.nature.com/tp/journal/v4/n7/full/tp201451a.html
9.        http://www.ncbi.nlm.nih.gov/pubmed/18325608
10.        http://www.alzforum.org/therapeutics/thalidomide
11.        http://www.usatoday.com/story/news/nation/2014/12/24/medications-anti-aging-benefits/20877811/
12.        http://stm.sciencemag.org/content/6/268/268ra179.short
13.        http://www.cdc.gov/flu/about/disease/65over.htm
14.        http://www.nbcnews.com/health/aging/ibuprofen-extends-life-lab-species-study-finds-humans-too-n271031
15.        http://journals.plos.org/plosgenetics/article?id=10.1371/journal.pgen.1004860
16.        http://www.usatoday.com/story/news/nation/2013/07/30/diabetes-drug-metformin/2599379/
17.        http://www.forbes.com/sites/melaniehaiken/2013/03/27/common-drug-found-to-slow-aging-boost-cancer-recovery/
18.        http://www.lef.org/magazine/2012/11/Metformin-Makes-Headline-News/Page-01
19.        http://www.bbc.com/news/health-23490410
20.        http://onlinelibrary.wiley.com/doi/10.1111/acel.12075/abstract
21.        http://www.ncbi.nlm.nih.gov/pmc/articles/PMC3082009/
22.        http://www.nature.com/nrd/journal/v11/n6/full/nrd3738.html
23.        http://www.ncbi.nlm.nih.gov/pubmed/23600385
24.        http://www.ncbi.nlm.nih.gov/pubmed/19596462
25.        http://www.sciencedirect.com/science/article/pii/S0166432807001313
26.        http://www.bbc.com/news/health-30812439
27.        http://ajcn.nutrition.org/content/early/2015/01/14/ajcn.114.100065.abstract
28.        http://annals.org/article.aspx?articleid=2091327
29.        http://www.cnn.com/2015/01/21/health/sitting-will-kill-you/index.html
30.        http://www.maxlife.org/
31.        http://www.ncbi.nlm.nih.gov/pmc/articles/PMC3982418/
32.        http://www.webmd.com/diet/features/estimated-calorie-requirement
33.        http://caloriescount.com/foodcalculator.aspx
34.        http://www.acaloriecounter.com/fast-food.php

بۇ ماقالىنى مەنبەسىنى ئەسكەرتكەن ئاساستا ھېچكىمدىن سورىماي ھەر قانداق شەكىلدە ئىشلەتسىڭىز بولۇۋېرىدۇ.   بۇ ماقالە سىزگە مەنسۇپ.

bilgejan يوللانغان ۋاقتى 2015-2-6 13:31:47

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم،
دوكتور رىشات ئابباس ۋە دوكتور ئەلقەم تۇرسۇنلارنىڭ ئىزدىنىش تورىغا باسقان قەدىمىگە مەرھابا! مۇھىم بىر تېمىدا ئىلمىي ئۆلچەمدە ئۇيغۇر يېزىقىدا يېزىلغان بۇ ماقالىنى كۆرۈپ ناھايىتى خۇرسەن بولدۇم. داۋاملىق مۇشۇنداق ماقالىلىرىڭلارنى كۆرۈپ تۇرغايمىز، ھۆرمەتلىك ئالىملىرىمىز. {:112:}

bilgejan يوللانغان ۋاقتى 2015-2-6 14:01:02

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   bilgejan تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-2-6 14:04  

رېسۋېراترول ئەسلى ئوكسىگېنلىق زەخمىلەرگە قارشى تەسىر كورسەتكەن بولۇپ،   يۈرەك قان- تۇمۇر كىسەللىرىنىڭ ئالدىنى ئېلىش رولى بارلىغى دىققەتكە سازاۋەر بولغان.
========================================
رېزۋېراترول (قىزىل ئۈزۈم ھارىقى، شاكلات قاتارلىقلاردا كۆپ تېپىلىدۇ) نىڭ يۈرەك قان-تومۇر كېسەللىرىنىڭ ئالدىنى ئېلىشتا رولى بارلىقى ئىلگىرى ھايۋاناتلار ۋە تەن سىرتىدىكى ھۈجەيرىلەردە دەلىللەنگەن بولسىمۇ، ئەمما چوڭ ئىنسان توپلىرىدا ئۇزۇن مۇددەت سىناق قىلىشت ئۇنداق ئەمەسلىكى بايقالغان. بۇ ھەقتە بىر ماقالە يازغان ئىدىم، پات ئارىدا ئېلان قىلىمەن. كېيىنچە بۇ ھەقتە يەنىمۇ ئىچكىرىلەپ مۇنازىرە قىلارمىز.
http://archinte.jamanetwork.com/article.aspx?articleid=1868537

A.Qarluq يوللانغان ۋاقتى 2015-2-6 14:31:16

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   A.Qarluq تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-2-6 14:40  

مۆھتىرەم ئالىملىرىمىزنىڭ بۇ قەدەر مۇھىم بىر تېمىنى ئۇيغۇر تىبابىتى ۋە زامانىۋىي تىبابەت نۇقتىسىدىن ئانا ئۇيغۇر تىلىمىزدا شەرھىيلەپ يازغان تەتقىقات ماقالىسىغا ئاپىرىن!
ئۇيغۇر ئالىملىرى  ئۆز ئىلمىي بايقاش ۋە نەتىجىلىرىنى  مانا مۇشۇنداق خەلقئارالىق مۇكەممەل   ئۆلچەم تەلەپلەر بويىچە  زامانىۋىي ئىلىم نۇقتىسىدىن دەلىللەپ، ئۆز قېرىنداشلىرىغا سۇنۇپ تۇرسا ئىلمىي تەپەككۇر مۇھىتىمىزنىڭ شەكىللىنىشى ۋە پىشىپ يېتىلىشىدە سالماقلىق رول ئوينىماي قالمايدۇ.

ArislanMemet يوللانغان ۋاقتى 2015-2-6 15:08:55

تېمىغا تارتۇق قىلاي دىسەم تېلفون نۇسخىسىدا تارتۇق بەرگىلى بولمىدى. تېما ئىگىسىگە، ماقالە ئاپتۇرى ئالىملارغا رەھمەت.

106 يوللانغان ۋاقتى 2015-2-6 15:29:12

بەك ئېسىل تىمىكەن. ئۆيگە بارغاندا ئالدىرىماي ئوقاي

UyghurBalisi يوللانغان ۋاقتى 2015-2-6 17:15:35

ئىلمى ماقالە بولا مۇشۇنداق بولا، ھەقىقەتەن ئېسىل بىر ماقالە، ئىلىمنىڭ زاكىتىنى بەرگەن ئالىملىرىمىزنىڭمۇ ئۆمرى ئۇزۇن بولغاي، ئامىن.

Muherrem يوللانغان ۋاقتى 2015-2-6 20:56:18

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   Muherrem تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-2-6 21:03  

تېما ئىگىسىگە ، ئاپتورلارغا كۆپ رەھمەت ! مىللىي تىبابەتنى ھازىرىقى زامانىۋى بايقاش، پەن-تېخنىكا بىلەن بىرلەشتۈرۈپ چۈشەندۈرسە تېخىمۇ قالتىس بولدىكەن .
ئۇيغۇر تىبابىتىنىڭ ھازىرىقى تەرەققىياتى، بازارغا يۈزلىنىش، دورا ياسلىش ئەھۋالى قاتارلىقلارھەققىدىكى ئۇچۇرلارغا قانداق ئېرىشىمىز ؟ مۇشۇ ھەقتە بىرە كونكىرىت ماتىرىيال بارمىدۇ ؟  

feruq7 يوللانغان ۋاقتى 2015-2-6 21:57:17

تۇلىمۇ ياخشى يېزىلغان ماقالە بوپتۇ، ئاپىرىن سىلەرگە.

uzakyul يوللانغان ۋاقتى 2015-2-6 22:03:11

ئىلىمنىڭ زاكىتىنى ئايرىغان ئالىملىرىمىزغا رەخمەت،سىلەرنىڭ مۇشۇنداق ماقالىلارنى يۇلىشڭىلا بىزنىڭ بىلىش دائىرمىزنى كىڭەيتىدۇ.سىلەرگە رەخمەت.

muztag يوللانغان ۋاقتى 2015-2-6 22:15:53

ئىلمى ماقالە دىگەن مۇشۇنداق بولىدىكەندە ، مەنزمۇنىدىن پايدىلانغان ماقالىسى كۆپ :lol:lol

kurbanjannn يوللانغان ۋاقتى 2015-2-7 07:56:33

ئالىملىرىمىزغا ھەشقاللا

hohayla يوللانغان ۋاقتى 2015-2-7 08:37:57

ئاڭلىسام توي قىلماي ياشىسا ئۇزۇن ئۆمۈر كۈرەمىش:lol:lol:lol

Aqsu يوللانغان ۋاقتى 2015-2-7 13:10:23

hohayla يوللىغان ۋاقتى  2015-2-7 08:37 static/image/common/back.gif
ئاڭلىسام توي قىلماي ياشىسا ئۇزۇن ئۆمۈر كۈرەمىش

مەن دەل ئۇنىڭ ئەكسىنى ئاڭلىغان توي قىلماي ياشىسا ئۆمرى قىسقىراپ كېتەرمىش دەپ:victory:

Baqka يوللانغان ۋاقتى 2015-2-7 19:29:10

پات- پات ئوقۇپ تۇرسا بولىدىغان يازمىكەن، تەشەككۈر..

Baqka يوللانغان ۋاقتى 2015-2-7 19:29:11

پات- پات ئوقۇپ تۇرسا بولىدىغان يازمىكەن، تەشەككۈر..

xXx يوللانغان ۋاقتى 2015-2-8 21:48:00

تەشەككۇر

106 يوللانغان ۋاقتى 2015-2-8 21:59:10

40ياشتىن ئاشقاندا قورساق بەك ئاچامدۇ نىمە؟ كەچكىچە بىرنىمە يىگۈم كېلىپلا تۇرىدۇ. قەستەن مالاچۇئەر دىگەندەك نەرسىلەرنى يەپ كوچىدا ئۇيان بۇيان مىڭىپ يۈرۈيدىغان بولدۇم. سۈت بىلەن قەھۋەنى دەملەپ ئىچسەم ئىشتىيىم خېلى تۇتۇلۇپ قالغان، لېكىن ئۇيقۇم قىچىپ 12گىچە ئولتۇرۇپ كەتتىم. مەيلىگە قويۇپ بارسەم 90كىلوغا چىقىپ كېتىدىغاندەك تۇرىمەن. 64تىن 2،3 كىلو چۈشەي دەۋاتقان :funk:

678123 يوللانغان ۋاقتى 2015-2-8 23:34:29

قىسقا ھاياتتا قىممەت يارتىش بىلەن، ئۇزۇن ھاياتتا قىممەتسىز ياشاشنى تارازىغا سالغىلى بولغان بولسا ھە.

salambay يوللانغان ۋاقتى 2015-2-8 23:47:22

106 يوللىغان ۋاقتى  2015-02-08 21:59:10 static/image/common/back.gif
40ياشتىن ئاشقاندا قورساق بەك ئاچامدۇ نىمە؟ كەچكىچە بىر
ئايال كىشى دېگەن كوچىدا نەرسە يەپ ماڭسا پەقەت ياخشى بولمايتتى، بولاپمۇ مالاچۈئەر، بولاپمۇ قىرىقتىن ئاشقاندا…
بەت: [1] 2
: ILM1: ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرۈش توغرىسىدىكى يېڭى بايقاشلار