dunya يوللانغان ۋاقتى 2015-2-6 09:26:58

مۇھىم ئىش

مۇھىم ئىش

لاۋرا رىچېرد [ئامېرىكا]


بىر كۈنى پەرىشتە كوچىدا ئالدىراش كېتىۋاتاتتى، بەك ئالدىرىغاچقا ئاپپاق قاناتلىرىنى يىغىپ، نىمچىىسنىمۇ قاتلىۋالغانىدى. چۈنكى ئۇ مۇھىم بىر ئىشنى بېجىرمەكچى ئىدى.
كېنەز قەلئەنىڭ دېرىزىسىدىن سىرتنىڭ مەنزىرىسىنى تاماشا قىلىۋاتقاچ، پەرىشتىنى كۆرۈپ قېلىپ بار ئاۋازى بىلەن ۋارقىراپتۇ.
-پەرىشتە، ماڭا بىر مەسلىھەت بەرگەن بولسىڭىز قەۋەتلا خۇش بولۇپ كېتەر ئىدىم. سىز بىلىسىز، مېنىڭ بوۋام چوڭ كېنەز...
-كەچۈرۈڭ، مەن مۇھىم بىر ئىشنى قىلغىلى ماڭدىم، سىزگە مەسلىھەت بەرگۈدەك ۋاقتىم يوق،-دەپلا كېتىپ قاپتۇ.
«توۋا، بۇ دۇنيادا تەخت ۋارىسىنى بېكىتىشتىنمۇ مۇھىم ئىش بارمىدۇ؟!» دەپ ئويلاپتۇ كېنەز. شۇنىڭ بىلەن، ئۇ ئاشۇ مۇھىم ئىشنى بىلىپ بېقىش ئۈچۈن پەرىشتىنىڭ ئارقىسىدىن يۈگۈرۈپتۇ.
پەرىشتە يەڭگىل ئاياغلىرىنى ئىلدام ئېلىپ مېڭىۋېرىپتۇ. ئۇ باش روھانىينىڭ قەسىرىدىن ئۆتۈپ كېتىۋاتقاندا، باش روھانى ئۇنى كۆرۈپ چاقىرىپتۇ.
-پەرىشتە قېنى غېرىبانە كۆلبەمگە ئەزىزانە قەدەملىرىڭىزنى تاشلىغان بولسىڭىز. سىزدىن يېقىندا ئېچىلىدىغان باش روھانىي يىغىنى توغرۇلۇق مەسلىھەت ئالاي دېگەنىدىم...
-كەچۈرۈڭ،-دەپتۇ پەرىشتە بېشىنى چايقاپ،-مەن ھازىر بەك مۇھىم بىر ئىشنى قىلغىلى ماڭدىم، ئۇششاق ئىشلارنى قىلغۇدەك ۋاقتىم يوق،-دەپلا كېتىپ قاپتۇ.
«ئاھ خۇدا! پەرىشتە زادى قانداق مۇھىم ئىشنى قىلغىلى ماڭغاندۇ؟! باش روھانىي يىغىنىمۇ ئارتۇق ئىش بولۇپ قالدىغۇ، زادى ئۇنىڭغا ئەگىشىپ بېرىپ شۇ ئىشنى بىر بىلىپ كېلەي» باش روھانىي شۇلارنى ئويلاپ، پەرىشتىنىڭ ئارقىسىدىن ئەگىشىپ مېڭىپتۇ.
ئۇلار ھەيۋەتلىك خان سارىيىنىڭ ئالدىن ئۆتۈپ كېتىۋاتقاندا، پادىشاھمۇ پەرىشتىنى چاقىرىپتۇ.
-پەرىشتە، دەرھال ئوردىغا كىرىڭ! دۈشمەن قوشۇنى كەلكۈن كەبى تاجاۋۇز قىلىپ كەلمەكتە، ئۇلار پايتەختنى مۇھاسىرىگە ئالىمىز دەپ تەھدىت سېلىۋاتىدۇ. ماڭا دەرھال ياۋغا تاجاۋۇز قىلىدىغان چارە-تەدبىر كۆرسىتىپ بېرىڭ....
-كېيىنچە بولسۇن،-دەپتۇ پەرىشتە،-مەن ھازىر مۇھىم بىر ئىشنى قىلغىلى ماڭدىم. پارچە-پۇرات ئىشلارنى دەپ يولدىن قالسام بولمايدۇ.
«بەلكىم، بۇ پۈتۈن دۇنياغا مۇناسىۋەتلىك چوڭ ئىش بولسا كېرەك. شۇڭا، مېنىڭ پادىشاھلىقىمنىڭ تاجاۋۇزغا ئۇچرىشى پارچا-پۇرات ئىش بولۇپ قالغان گەپ. ھەي، مەن ئۇنىڭغا ئەگىشىپ بېرىپ بۇ مۇھىم ئىشنى بىلىپ كېلەي» پادىشاھمۇ شۇلارنى ئويلاپ پەرىشتىنىڭ ئارقىسىدىن مېڭىپتۇ.
پەرىشتە كەڭرى چوڭ يولدىن تار كوچىغا كىرىپتۇ، ئاندىن ناھايىتى قاراڭغۇ بىر يولغا كىرىپتۇ. ھويلىدا نۇرغۇن كونا كىيىملەر تانىغا ئېسىپ قويۇلغانىكەن. ھويلىنىڭ ئوتتۇرىسىدا بىر شاكىچىكنىڭ يىغىدىن كۆزلىرى يۇمۇلۇپ، شالۋاق ماڭقىلىرى ئېقىپ كەتكەنىكەن، ئۇنىڭ بۇ ھالىنى كۆرگەن ئادەمنىڭ يۈرىكى سىرقىراپ كېتىدىكەن.
پەرىشتە دەررۇ شاكىچىكنىڭ قېشىغا بېرىپ، يۈكۈنۈپ ئولتۇرۇپ ئۇنى قۇچاقلىۋاپتۇ.
-قوزام، قوزام، بولدى يىغلىمىغىن...
ئاپپاق قوزام، سەن پەقەت يولدىن ئېزىپ قالدىڭ، ھېچقىسى يوق! ئاپاڭ ئاۋۇ كوچىدا، يېشىڭنى سۈرتۈۋەتكىن، ئوغۇل بالىمۇ يىغلامدۇ-ھە؟! قارا، ئاپاڭمۇ كەلدى.
شۇ ئەسنادا ھودۇققىنىدىن نېمە قىلارىنى بىلەلمەي قالغان بىر ئايال ھويلىنىڭ ئالدىدىكى كوچىدىن ئوقتەك ئېتىلىپ چىقىپتۇ. پەرىشتە شاكىچىكنى ئانىسىغا بېرىپتۇ، ئانا خۇشلۇقىدىن بالىسىنى چىڭ قۇچاقلاپ يىغلاپ كېتىپتۇ. پەرىشتە تاكى ئانا-بالا ئىككىسىنىڭ قارىسى يىتكۈچە، ئۇلارنىڭ ئارقىسىدىن قاراپ تۇرۇپتۇ.
ئاندىن پەرىشتە چوڭقۇر بىر نەپەس ئېلىپ، قانىتىنى قېقىۋېتىپ، ئۆرۈلۈپ ئارقىسىغا قاراپتۇ. پەرىشتىنىڭ كەينىدىن قالماي يۈگۈرۈپ ھېرىپ كەتكىنىدىن يۈز-كۆزلىرى قىزىرىپ، ئۆپكىسى ساڭگىلاپ كەتكەن كېنەز، باش روھانىي ۋە پادىشاھ بۇ «مۇھىم ئىش» نى كۆرۈپ كۆزلىرى پىيالىدەك ئېچىلىپ كەتكەنىدى.
-ھوي، ھەممىڭلار بار ئىكەنسىلەرغۇ؟!-دەپتۇ پەرىشتە،-ھە، ئەمدى سىلەرنىڭ ئىشىڭلارنى قىلىپ بېرەي.
مەنبە: «تەرمىلەر» ژۇرنىلى 2013-يىللىق 12-ساندىن ئېلىندى

bayawat يوللانغان ۋاقتى 2015-2-6 17:38:33

پەرشتە يۇقىرى تەبقىدىكى كىشلەر ئارسىدا يۇردىغان 《》 ئۇخشايدۇ،،،

tureli يوللانغان ۋاقتى 2015-2-6 20:41:46

پەرىشتە ئالدى بىلەن تۆۋەن تەبىقىدىكىلەرنىڭ مۈشكىلىنى ئاسان قىلىدىكەن.

muztag يوللانغان ۋاقتى 2015-2-6 20:47:58

ئاۋۇ بالىنىڭ غىمى قالغان ئۇچىنىڭ غىمىدىن مىڭ ھەسسە ئېغىر {:112:}
بەت: [1]
: مۇھىم ئىش