bilimxumar يوللانغان ۋاقتى 2015-2-6 08:42:42

بىلىمخۇمار: كىشىلىك خاراكتېرنىڭ 7 يادرولۇق سۈپىتى

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   bilimxumar تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-2-6 08:50  

كىشىلىك خاراكتېرنىڭ 7 يادرولۇق سۈپىتى

بىلىمخۇمار
2015-يىلى 2-ئاينىڭ 6-كۈنى

مەن يېقىندا ئۆزۈمنىڭ «يالغانچىلىققا ئائىت 12 ھەقىقەت» دېگەن يازمىسىدا ئامېرىكىدىكى «مايكۇل جوسېفسون» (Michael Josephson) ئىسىملىك بىر تونۇلغان ئەخلاق مۇتەخەسسىسىنى قىسقىچە تونۇشتۇرغان ئىدىم . ئوقۇرمەنلەرگە قولايلىق بولسۇن ئۈچۈن بۇ زات ھەققىدىكى قىسقىچە تونۇشتۇرۇشنى مەزكۇر ماقالىنىڭ ئاستىغىمۇ قوشۇپ قويدۇم. 2015-يىلى 15-يانۋار كۈنى مايكۇل ئۆزىنىڭ تور بېتىدە «كىشىلىك خاراكتېرنىڭ 7 يادرولۇق سۈپىتى» نى قىسقىچە بايان قىلىپ ئۆتتى. مايكۇل بۇ قېتىم تىلغا ئالغان 7 سۈپەتنىڭ ھەممىسى ئىنگلىزچە بىردىن سۆز بىلەن ئىپادىلەنگەن بولۇپ، ئۇ سۆزلەرنىڭ ھەممىسى ئىنگلىزچىدىكى «C» ھەرپى بىلەن باشلانغان. شۇڭلاشقا مايكۇل بۇ يازمىسىغا «كىشىلىك خاراكتېرنىڭ يەتتە C سى»، دەپ ماۋزۇ قويغان .

تۆۋەندىكىسى ئاشۇ يازمىنىڭ تولۇق مەزمۇنى.

ھازىر سىز ئۆزىڭىز ئۈچۈن يېڭى يىللىق بىر نىشان تۈزۈۋاتقان ۋاقىتتا، مەن سىزدىن ئۆزىڭىزنىڭ كىشىلىك خاراكتېرى ئۈستىدىمۇ بەزى ئىشلارنى قىلىشنى ئويلىنىپ بېقىشىڭىزنى ئۈمىد قىلىمەن. مەن سىزنى ناھايىتى ياشىنىپ قالغان بىرسى، دەپ ئويلىمايمەن، ھەمدە يۇقىرىدىكى سۆزلىرىم ئارقىلىق مەن سىزنى بىر يامان ئادەم، دېمەكچىمۇ ئەمەس. ئەمەلىيەتتە، بىر ياخشى ئادەمنى تېخىمۇ ياخشىراق ئادەمگە ئۆزگەرتىش، بىر يامان ئادەمنى ياخشى ئادەمگە ئۆزگەرتىشكە قارىغاندا كۆپ ئاسان.

بىزنىڭ بىر ياخشىراق ئادەم بولۇش يولىدىكى كۈرىشىمىز بىزنىڭ ھەر بىر كۈندىكى كىشىلىك تاللاشلىرىمىز ئارقىلىق ئېلىپ بېرىلىدۇ.

بىر قىسىم كىشىلەر پەۋقۇلئاددە ئېسىل كىشىلىك خاراكتېرلەرگە ئىگە بولىدۇ. ئۇلارنىڭ باشقىلاردىن پەرقلىنىدىغان يېرى، ئۇلار ئۆزلىرىدە توغرا ئىشلارنى بىلىش، ۋە شۇنداقلا توغرا ئىشلارنى قىلىش ئەقىل-پاراسىتى (wisdom) ۋە ئارتۇقچىلىقى (strength) نى يېتىلدۈرگەن بولىدۇ. بۇنداق كىشىلەر باشقىلارنىڭ بېسىمىغا ئۇچراۋاتقان، ھەمدە باشقىلار تەرىپىدىن باشقىچە يول تۇتۇشقا قايمۇقتۇرۇلىۋاتقان ئەھۋال ئاستىدىمۇ، يەنىلا توغرا ئىشلارنى بىلىدۇ ۋە توغرا ئىشلارنى قىلىدۇ.

كىشىلىك خاراكتېرنىڭ 7 يادرولۇق سۈپىتى بار. مەن ئۇلارنى «كىشىلىك خاراكتېرنىڭ يەتتە C سى»، دەپ ئاتايمەن. ئۇلار تۆۋەندىكىلەردىن ئىبارەت:

1. ۋىجدان ياكى ئىنساب (Conscience): سىزنىڭ ۋىجدانىڭىز سىزنىڭ ئەخلاقىي كومپاسىڭىز بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. ئۇنى ئاسراڭ، ئۇنى ئىشلىتىڭ، ۋە ئۇنىڭغا ئىشىنىڭ.

2. باشقىلارغا ھېسداشلىق قىلىش ياكى ئىچ ئاغرىتىش (Compassion): باشقىلارغا كۆڭۈل بۆلۈڭ، ئۆز ئىمكانىيىتىڭىزنىڭ يار بېرىشىچە باشقىلارغا ئىئانە ۋە ياردەم قىلىڭ، ئۆزىڭىز قىلالايدىغان ھەممە ئىشلاردا ۋە ھەممە ۋاقىتلاردا باشقىلارغا ياردەم قىلىش ئارقىلىق ھېسداشلىقنى يېتىلدۈرۈڭ، نامايان قىلىڭ، ۋە ئىسپاتلاڭ.

3. باشقىلارنىڭ ھالىغا ياكى دەردىگە يېتىش، ياكى باشقىلارنى ئويلاش (Consideration): باشقىلارنى چۈشىنىدىغان بولۇڭ. سىزنىڭ سۆزلىرىڭىز ۋە ئىش-ھەرىكەتلىرىڭىزنىڭ باشقىلارغا قانداق تەسىر كۆرسىتىدىغانلىقىنى ھەر ۋاقىت بىلىپ تۇرۇپ، شۇ ئارقىلىق باشقىلارغا زىيان يەتكۈزىدىغان ئىشلارنى ئازايتىپ، باشقىلارغا ياخشىلىق ئېلىپ كېلىدىغان ئىشلارنى كۆپرەك قىلىڭ.

4. ئۆز-ئۆزىگە بولغان ئىشەنچ (Confidence): ھەر بىر پۇرسەتنى ئۇچراتقاندا ۋە ھەر بىر قىيىن ئۆتكەلگە دۇچ كەلگەندە، سىز ئۆزىڭىزنى ئاشۇ پۇرسەتكە ئەرزىيدىغان، ۋە ئاشۇ قىيىن ئۆتكەلنى يېڭىپ مۇۋەپپەقىيەت قازىنىشقا ئىقتىدارىڭىز يېتىدىغان ئادەم ھېسابلاپ، ئۇ پۇرسەت بىلەن قىيىن ئۆتكەلنى ئۆزىڭىزگە ئىشەنگەن ئاساستا قوبۇل قىلىڭ. باشقىلارنىڭ قايمۇقتۇرۇشى، قىيىنچىلىقلار ۋە كېلىشمەسلىكلەر ئۈستىدىن غالىب كېلەلەيدىغان ئىچكى قابىلىيىتىڭىزدىن قىلچىلىكمۇ گۇمانلانماڭ.

5. جۈرئەت، جاسارەت ياكى غەيرەت (Courage): ئۆزىڭىزنىڭ كىملىكى ۋە ئۆزىڭىزنىڭ ئېتىقادىنى قوغداشقا جۈرئەت قىلىڭ. ئۆزىڭىزنىڭ تەشۋىشلىرىنى تولۇق چۈشىنىڭ، ھەمدە ئۆزىڭىز توغرا دەپ قارىغان ئىشلارنىڭ ھەممىسىنى قىلىشقا جۈرئەت قىلىش ئارقىلىق، ئۆزىڭىزدە بار بولغان بارلىق ئېسىل پەزىلەتلەر (integrity) نى ساقلاپ قېلىڭ. بۇ ئىشلارنى قىلىشتا تۆلەيدىغان بەدەللەر ئۆزىڭىز تۆلەشنى خالايدىغان مىقداردىن ئېشىپ كېتىدىغان ئەھۋال ئاستىدىمۇ شۇنداق قىلىڭ.

ئىلاۋە: ئىنگلىزچىدە كىشىلەرنىڭ ئىنسانلىق سۈپەتلىرىنىڭ جۇغلانمىسىغا ئىشلىتىلىدىغان «integrity» دېگەن بىر سۆز بار بولۇپ، ئۇنىڭ ئىنگلىزچە لۇغەتتىكى ئىزاھاتى مۇنداق: «كىشىلەرنىڭ ئىنسانلىق ئەخلاقى ۋە خىزمەت ئەخلاقى پىرىنسىپلىرىدا چىڭ تۇرۇش سۈپىتى؛ ئەخلاقىي خاراكتېرنىڭ ساغلاملىقى؛ سەمىمىيەتلىك». بۇ سۆز يۇلغۇن لۇغىتىدە «پۈتۈنلۈك، تولۇقلۇق، توغرىلىق، ئادىللىق، ھەققانىيلىق، ئوچۇق ئاشكارىلىق» دەپ ئىزاھلىنىپتۇ. مېنىڭچە بۇ ئىككى خىل ئىزاھاتتا خېلى چوڭ پەرق بار. بولۇپمۇ «integrity» دېگەن سۆزنى كىشىلەرنىڭ ئەخلاقىي سۈپىتىگە ئىشلەتكەندە، يۇلغۇن لۇغىتى كۆرسەتكەن يۇقىرىدىكى سۆزلەر ئانچە ماس كېلىپ كەتمەيدۇ. بولسا ئۇيغۇر تىلشۇناسلار «integrity» دېگەن سۆزگە ماس كېلىدىغان بىر ئۇيغۇرچە سۆزنى تەۋسىيە قىلغان بولسا. مەن ھەر قېتىم «integrity» دېگەن سۆزنى ئۇچراتقاندا، ئۇنى ئۇيغۇرچە توغرا ۋە تولۇق ئىپادىلەشتە قىينىلىمەن.

6. ئۆز-ئۆزىنى تىزگىنلەش (Control):  ئۆزىڭىزنى چۈشۈرىدىغان، شەنىڭىزگە داغ كەلتۈرىدىغان، ياكى سىزنىڭ كەلگۈسى ئىستىقبالىڭىزنى نابۇت قىلىدىغان ھېسسىياتلىرىڭىزنى، تەشنالىقىڭىزنى ۋە نەپسىڭىزنى قاتتىق كونترول قىلىڭ.

7. ئېرىشكەن خىزمەت ئورنىغا لايىق بىلىم ۋە قابىلىيەت جەھەتتىكى سالاھىيىتى (Competence): ئۆزىڭىزنىڭ مەسىلىلەرنى ئەخلاقلىق ۋە ئۈنۈملۈك ھالدا ھەل قىلىشتىكى سالاھىيىتىڭىز، بىلىمىڭىز، قابىلىيىتىڭىز ۋە ئىقتىدارىڭىزنى داۋاملىق يېتىلدۈرۈڭ.


مايكۇل جوسېفسون ھەققىدە

بۇ مەزمۇن ئۆزۈمنىڭ «يالغانچىلىققا ئائىت 12 ھەقىقەت» دېگەن ماقالىسىدىن ئېلىندى.

ئامېرىكىدا مايكۇل جوسېفسون (Michael Josephson) ئىسىملىك بىر ئەخلاق مۇتەخەسسىسى بار. ئۇنىڭ «جوسېفسون ئەخلاق ئىنستىتۇتى» دەپ ئاتىلىدىغان بىر شىركىتى بار بولۇپ، ئۇ قىلغان مۇھىم ئىشلارنىڭ بىرى «ئەخلاق مۇھىم» (Character Counts) دېگەن پروجېكتتىن ئىبارەت. ئۇ نۇرغۇن چوڭ سورۇنلاردا ئالاھىدە تەكلىپ قىلىنغان مۇتەخەسسىس سۈپىتىدە نۇتۇق سۆزلىگەن، ھەمدە ھۆكۈمەت، شىركەت-كارخانا، مائارىپ، تەنتەربىيە، ساقچى ئىدارىلىرى، ئاخبارات ئورۇنلىرى، قانۇن، ۋە ھەربىي ئورۇنلارنىڭ ئەمەلدارلىرى بولۇپ جەمئىي 100000 دىن ئارتۇق كىشىگە مەسلىھەتچىلىك خىزمىتى قىلىپ بەرگەن. ئۇ لوس ئانژېلېس رايونىنىڭ «KNX-1070» دېگەن رادىيوسىدا «ئەخلاق مۇھىم» دېگەن تېمىدا ئوبزور سۆزلىگىلى 15 يىلدەك بولغان بولۇپ، مەنمۇ ئۇنىڭ خېلى كۆپ ئوبزورلىرىنى ئاڭلىغان، ھەمدە ئۇنى شۇ ئارقىلىق تونۇغان. ئۇ ھازىرغىچە ئەخلاق مەسىلىرىگە ئائىت كىتابلاردىنمۇ خېلى كۆپ كىتاب چىقارغان.

مايكۇل يازغان كىتابلارنىڭ ئىچىدىكى 8 پارچە كىتابنىڭ ماۋزۇسىنىڭ ئۇيغۇرچىسى تۆۋەندىكىلەرگە يېقىن كېلىدۇ:

(1) ئاممىۋى خىزمەت ئەخلاقىنىڭ بەش پىرىنسىپى
(2) سالامەتلىكتە ياخشىراق بولۇش ئۈچۈن ئالدى بىلەن كېسەل بولۇشنىڭ ھاجىتى يوق
(3) ئەخلاقىي قارار ئېلىش ھەققىدە
(4) ياخشى كۈنلەر تېخى ئالدىڭىزدا
(5) ئاتا-ئانىلارنىڭ ئون نەچچە ياشلىق بالىسىدا ياخشى ئەخلاق يېتىلدۈرۈشى
(6) ياخشى ئەخلاقنىڭ كۈچى
(7) ھەر خىل تۈرلەرگە پۇل ئاجرىتىش ۋە ھەر خىل تۈرلەرگە پۇل ئېلىشتىكى ئەخلاق: ساخاۋەتنى ياخشىلاش
(8) ئامېرىكا مەكتەپلىرىدىكى ئەخلاقىي قىممەت، ئەخلاقىي پوزىتسىيە ۋە ئەخلاقىي ئىپادىلەر


1-رەسىم: « كىشىلىك خاراكتېرنىڭ 7 يادرولۇق سۈپىتى» نىڭ ئىنگلىزچە تام گېزىتى.


2-رەسىم: ۋەتەندىكى ئوقۇغۇچىلار بىلەن بىللە بولغان ۋاقىتلاردىن بىر كۆرۈنۈش (2009-يىلى تارتىلغان).


3-رەسىم: باشقىلارغا ياردەم قىلىش.

پايدىلىنىش ماتېرىياللىرى:

بىلىمخۇمار: يالغانچىلىققا ئائىت 12 ھەقىقەت




http://bbs.misranim.com/thread-132948-1-1.html

The Seven Cs of Character


بۇ ماقالىنى ھېچكىمدىن سورىماي، مەنبەسىنى بەرگەن ئاساستا باشقا ھەر قانداق تورغا چىقارسىڭىز، ياكى ئېلكىتابقا ئوخشاش باشقا ھەر قانداق شەكىلدە ئىشلەتسىڭىز بولۇۋېرىدۇ. بۇ ماقالە بارلىق ئۇيغۇرلارغا مەنسۇپ.

aypalta يوللانغان ۋاقتى 2015-2-6 09:49:58

integrity دېگەن سۆزنى «دۇرۇستلۇق» دەپ ئالساق بولارمىكىن. بۇ سۆز  فارسچە «ساداقەت»، تۈركچە «دۇرۇستلۇق»، ئۆزبېكچە «توغرىلىق، ھالاللىق، ياخشى ساقلانغان» دەپ ئېلىنىپتۇ.

bilimxumar يوللانغان ۋاقتى 2015-2-6 10:35:07

aypalta يوللىغان ۋاقتى  2015-2-6 09:49 static/image/common/back.gif
integrity دېگەن سۆزنى «دۇرۇستلۇق» دەپ ئالساق بولارمىكىن. ب ...

ئىنگلىزچە «A man with integrity» دېگەن سۆز «ھەممە جەھەتتىن تەكشى ۋە ئۆز-ئارا ماسلاسقان ھالدا يېتىلگەن ئېسىل ۋە قابىلىيەتلىك ئادەم» دېگەن مەنانى بىلدۈرىدىغان بولۇپ، مېنىڭچە سىز تەكلىپ قىلغان سۆز ئۇنداق مەنانى بىلدۈرەلمەيدۇ.  شۇنداقتىمۇ تەكلىپ بەرگىڭىزگە رەھمەت!

A.Qarluq يوللانغان ۋاقتى 2015-2-6 10:45:42

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   A.Qarluq تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-2-6 10:53  

مۇكەممەل، كامىل، مۇنەۋۋەر، ئېسىل، دۇرۇست، سەمىمىي، توغرا، ھالال…

aypalta يوللانغان ۋاقتى 2015-2-6 11:03:53

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   aypalta تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-2-6 11:05  

ئىلاۋە: ئىنگلىزچىدە كىشىلەرنىڭ ئىنسانلىق سۈپەتلىرىنىڭ جۇغلانمىسىغا ئىشلىتىلىدىغان «integrity» دېگەن بىر سۆز بار بولۇپ، ئۇنىڭ ئىنگلىزچە لۇغەتتىكى ئىزاھاتى مۇنداق: «كىشىلەرنىڭ ئىنسانلىق ئەخلاقى ۋە خىزمەت ئەخلاقى پىرىنسىپلىرىدا چىڭ تۇرۇش سۈپىتى؛ ئەخلاقىي خاراكتېرنىڭ ساغلاملىقى؛ سەمىمىيەتلىك».
........................................................................................................................................................
مەن يۇقىرىدىكى ئىزاھاتنى، يەنى «كىشىلەرنىڭ ئىنسانلىق ئەخلاقى ۋە خىزمەت ئەخلاقى پىرىنسىپلىرىدا چىڭ تۇرۇش سۈپىتى؛ ئەخلاقىي خاراكتېرنىڭ ساغلاملىقى؛ سەمىمىيەتلىك» دېگەن ئىزاھاتقا نىسبەتەن «دۇرۇستلۇق»نى مۇۋاپىق دەپ ئويلىغان ئىدىم.
ئەمدى «ھەممە جەھەتتىن تەكشى ۋە ئۆز-ئارا ماسلاسقان ھالدا يېتىلگەن ئېسىل ۋە قابىلىيەتلىك ئادەم» دېگەن ئىزاھاتنى ئوقۇپ تىلىمىزدىكى «كامىل» دېگەن سۈپەت ئېسىمگە كەلدى.
ئىنگلىزچىدە بىر سۆز سۈپىتىدە تۇرۇپ بىر نەچچە مەنە بىلدۈرىدىغان سۆزلەرنى ئۇيغۇرچىدا بىر قانچە سۆز بىلەن ئىپادىلەشكە توغرا كېلىدۇ.  تۈركچە، پارسچە ۋە ئەرەپچىلەردىمۇ integrity دېگەن سۆزنى تۆت، بەش خىل سۆز بىلەن ئىپادىلەپتۇ.  ئۇيغۇرچە ئالغاندىمۇ جۈملىدىكى مەنىسىگە قاراپ «دۇرۇستلۇق»، «كامىللىق» «مۇكەممەللىك»، «تاكامۇللۇق»، «لەۋزى ھالاللىق»، «توغرىلىق»...دېگەندەك سۆزلەر بىلەن ئىپادىلەپ تۇرساق بولارمىكىن دەيمەن. باشقا تورداشلار تېخىمۇ ياخشى پىكىرلەرنى ئوتتۇرىغا قويۇپ قېلىشى مۇمكىن.

occult1 يوللانغان ۋاقتى 2015-2-6 14:13:58

0996 يوللانغان ۋاقتى 2015-2-6 14:23:13

قەدىمقى غەرىپ پەيلاسوپىنىڭ مۇنداق بىر تەڭلىمىسى بارئىكەن:
ئەقىل-پاراسەت = گۈزەل ئەخلاق
گۈزەل ئەخلاق = ئەقىل-پاراسەت.

يەنە قۇرئانندىن ئازراق ئۇقۇپ تۆۋەندىكىدەك چۈشەنچىگە كەلگەن ئىدىم:
ئاۋال ئۇقۇ، ئاندىن تەپەككۇر قىل، ئاندىن تەقۋا مۆمۈن بولغىن. ئۇلار سىنى ئەخمەق دىيىشىدۇ، ئەمىلەيتتە ئاخىرسىدا ئۆزلىرى زىيان تارتقۇچىلاردۇر.

ئەمدى يەكۈن چىقىرىپ باقسام:
ئەقىل-پاراسەت(تەپەككۇر)ئىشلىتىپ ئۆزەڭدىن نىمە ئۈچۈن ئەخلاقلىق بولىدىغانغە جاۋاپ تاپ(توغرا يول).
ئۆزەڭ تېپىپ ئىجرا قىلغان چىن ئەخلاق(توغرا يول)قەلىپ كۆڭۈلنى ئازادە قىلىپ،يەنە  ئەقىل-پاراسەت(تەپەككۈر)ئاتا قىلىدۇ.

OKYA116 يوللانغان ۋاقتى 2015-2-6 21:00:05

:)

A.Qarluq يوللانغان ۋاقتى 2015-2-7 20:26:01

كونكىرت ئەھۋالغا قاراپ، سۆزنىڭ جۈملىدىكى مەنىسىگە ئاساسەن  يۇقىرىدا تىلغا ئالغان مەلۇم يالغۇز بىر سۆز بىلەن ياكى بىرنەچچە مۇستەققىل سۆز بىلەن ئىپادىلەپ تەرجىمە قىلسا مۇۋاپىق بولارمىكىن دەپ ئويلايمەن.
بەت: [1]
: بىلىمخۇمار: كىشىلىك خاراكتېرنىڭ 7 يادرولۇق سۈپىتى