Tozimas يوللانغان ۋاقتى 2015-2-6 07:38:49

ماركا تاللىشىپ بەرسەڭلار

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   Tozimas تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-2-6 08:01  

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ئىزدىنىش ئەھلى!
مىنىڭ ماي زاۋۇتۇم بارئىدى،  مۇشۇ ماي زاۋۇتىنى كۈلەملەشتۈرۈپ كارخانا شەكىلدە، بازارغا يۈزلەندۈرەي دىگەن ئىدىم، مۇۋاپىق ئىسىم تاپالمىدىم… مەن ياقتۇردىغان، ئوڭاي ئىسىدە قالدىغان ئىسىملارنى باشقىلار ئىلتىماس قىلىپ بوپتۇ. شۇڭا سىلەردىن مۇۋاپىق ئىسىم تېپىشىپ بىرەمدىكىن دەپ ياردەم سوراپ بۇ تىمىنى يېزىشىم

يەنە مۇشۇ مەھسۇلات ئىسمىنى ئەنگە ئالدۇرۇپ، ئوراپ قاچىلاپ بازارغا ساتقىدەك قىلىش ئۈچۈن قانچىلىك مەبلەغ كىتىدۇ مۇشۇنىڭغا ياردەم قىلساڭلا

21132113 يوللانغان ۋاقتى 2015-2-6 08:51:54

مىنىڭچە ‹‹ئەلشىپا مايلىرى›› ياكى ‹‹تەبىئىي بۇلاق مايلىرى››دىسىڭىز قانداق بولار

Ehsan21 يوللانغان ۋاقتى 2015-2-6 10:25:24

«قەدىمى جۇۋاز» تەبىئى قۇۋۋەت مايلىرى،

begir يوللانغان ۋاقتى 2015-2-6 10:45:02

yusran يوللانغان ۋاقتى 2015-2-6 11:05:13

ماي مايلىرى بولدىغۇ

facebook يوللانغان ۋاقتى 2015-2-6 11:36:25

يۇسران مايلىرى،
تەبىئەت مايلىرى.
چىمەنزار،
چەۋەنداز،
دېھقان مايلىرى.
يېشىل مايلىرى.
تۇلپار
كورورەن، تەڭرىتاغ.

andir يوللانغان ۋاقتى 2015-2-6 11:37:57

جۇۋاز     久瓦孜

ruslan007 يوللانغان ۋاقتى 2015-2-6 11:42:39

سەنۋازى مايلىرى

kalampai يوللانغان ۋاقتى 2015-2-6 11:51:29

ئەجدادىم
خەلقىم
ئىز باسار
ئەۋلاد
.............. مايلىرى قاتارلىق ئىسىملار . بىشىغا يۇرت مەھەللە نامىنى قويسىڭىزمۇ بولىدۇ .

5tash يوللانغان ۋاقتى 2015-2-6 13:42:09

ياغچى

yigana523 يوللانغان ۋاقتى 2015-2-6 14:02:02

يېمەكلىك ماي(ئۆسۈملۈك)ئىشلەپچىقىرىش زاۋۇتى ئادەتتە 小作坊(بۇنى تەرجىمە قىلالمىدىم)ۋە ئىجازەتنامىلىك كارخانىغا ئايرىلىدۇ.ئادەتتىكى پارچە سېتىلىدىغان ئۆسۈملۈك مېيى ئۈچۈن ئىشلەپچىقىرىش ئىجازەتنامىسى(يەنىQSبەلگىسى)نى ئېلىشنىڭ ھاجىتى يوق،لېكىن تاۋار ماركىسىنى ئەنگە ئالدۇرۇپ كۆلەملەشتۈرۈپ ئىشلەپچىقىرىش ئۈچۈن چوقۇم ئىجازەتنامە بېجىرىشىڭىز كېرەك.
ئىجازەتنامە ئىلتىماس قىلىش تەرتىپى ئۈچۈن ماۋۇ ئۇلىنىشنىۋە
يېمەكلىككە ئىشلىتىلدىغان ئۆسۈملۈك مېيى ئىجازەتنامىسى تەپسىلى پىرىنسىپلىرى     مۇشۇلاردىن پايدىلىنىڭ.2015-يىلىدىن باشلاپ،ئىجازەتنامە بېجىرىشتىكى تەكشۈرۈش ھەققى ئېلىش ۋاقتلىق توختىتىلدى.يەنە تەشكىلى ئورگان كود كېنىشكىسىمۇ ھەقسىز بىجىرىلىدۇ.

izdan0998 يوللانغان ۋاقتى 2015-2-6 14:07:00

yigana523 يوللىغان ۋاقتى  2015-2-6 14:02 static/image/common/back.gif
يېمەكلىك ماي(ئۆسۈملۈك)ئىشلەپچىقىرىش زاۋۇتى ئادەتتە 小作 ...

ئۆزىمىز ئىشلەپ چىقىرىپ   ئەنئەنىۋى شەكىلدىكى كەمچەندە چوڭ باكلاردىن پارچىلاپ ساتماي چىرايلىق پوتۇلكىلارغا  ئوراپ قاچىلاپ ماركا چاپلاپ پارچە ساتساقمۇ ( توپ ساتماي)QSگۇۋانامىسى كېتەمدۇ،

Tozimas يوللانغان ۋاقتى 2015-2-6 14:25:55

مەن ئويلاپمۇ باقمىغان ئېسىل ماركىلار تەۋسىيە قىلىنىپتۇ، تەشەككۈر…
يۇسران دىگەن گەپ بىلەن سەنۋازى نىڭ مەنىسىنى بىلەلمىدىم، بىلدىغانلارمەنىسىنى دەپ بەرسەڭلار.
قېرىنداشلارنىڭ يېنىمۇ ئېسىل ماركىلارنى تەۋسىيە قىلىشىنى ئۈنۈت قىلىمەن

yigana523 يوللانغان ۋاقتى 2015-2-6 14:36:04

تاۋار ماركىسى ئىلتىماس قىلىپ،ئوراپ قاچىلاپ ساتسىڭىز چوقۇم ئىجازەتنامە ئىلتىماس قىلىشىڭىز كېرەك.چۈنكى سىز مەيلى توپ ياكى پارچە سېتىڭ،سىزنىڭ مەھسۇلاتىڭىز كەڭ دائىرلىك ۋە ئۇزۇن مۇددەتلىك سېتىلىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە بولغانكەن،مەھسۇلاتىڭىزنىڭ سۈپىتى ۋە ئۈنۈملۈك ۋاقتىغا كاپالەتلىك قىلىشىڭىز كېرەك.
ئىجازەتنامە بېجىرسىڭىز ئالاقىدار تەكشۈرۈش-نازارەت قىلىش ئورۇنلىرى مەھسۇلاتىڭىزنى قەرەللىك ۋە قەۋەلسىز نۇسخا ئېلىپ تەكشۈرۈپ تەكشۈرۈش دوكىلاتى چىقىرىپ بېرىدۇ.لاياقەتلىك چىقسا ئىستىمالچىلار مەھسۇلاتىڭىزنى خاتىرجەم سېتىۋالالايدۇ.سىزمۇ مەھسۇلاتىڭىزنى ئىشەنچىلىك ساتالايسىز{:86:}

ab1ajan يوللانغان ۋاقتى 2015-2-6 15:00:38

قىززىق ئىنكاسلا چۇشۇپتۇ،مەنمۇ بىرنى تەۋسىيە قىلاي،مايبۇلاق

boss يوللانغان ۋاقتى 2015-2-6 15:35:10

ياخشى ئىسىملار تەۋسىيە قىلىنىپتۇ ، ، ،

428 يوللانغان ۋاقتى 2015-2-6 16:54:45

ھاي - ھاي مايلىرى:P

dadash يوللانغان ۋاقتى 2015-2-6 17:15:50

ئىزدىنىش مايلىرى

gayur1 يوللانغان ۋاقتى 2015-2-6 17:34:49

خولىتسىرىن مايلىرى!

izdan0998 يوللانغان ۋاقتى 2015-2-6 17:39:47

ھېساپلاپ باقسام مايچىلىقمۇ بولغىدەك جۇمۇ:lol،زىغىرنىڭ كىلوسى 6.5يۇەن ئەتراپىدا ،زىغىر كۈنجۈرسى 3-4 يۇەن ئەتراپىدا،زىغىر مېيى 22يۇەن( نەخمەيداندا تارتىپ برىدۇ)
زىغىردىن ماي چىقىش نىسپىتى 35% شۇ بويىچە بولغاندا بىركىلو زىغىردىن 1.5يۇەن ئەتراپىدا پايدا قالىدىكەن .
ماي تارتىىش زاۋۇتىغىمۇ كۆپ مەبلەغ كەتمەيدىكەن .65 تىپلىق ياغ زاۋۇتىنى 4500يۈەنگە ئالسىڭىز مۇۋاپىق ئورۇن بولسىلا نەخمەيداندا ياغ تارتىپ ساتسىڭىز مۇ بولىدۇ،
بەت: [1] 2
: ماركا تاللىشىپ بەرسەڭلار