umun99 يوللانغان ۋاقتى 2015-2-6 04:10:50

مەدەنىيەت بوھرىنىدا ئەۋلادلار(ئۇمۇن)



يىڭى مەدەنىيەت بوھرىنىدا ئەۋلادلار


(ئۇمۇن)




  ئۇزۇن زامان يىپىق جەمىيەتتە ياشىغان كىشىلەر ئەنئەنىۋىي قىممەت ئۆلچەملىرى تەرىپىدىن تەرەققىياتقا ئۇيغۇنلىشالمايدۇ.يىڭى ئىدىيە،يىڭى تەپەككۈر مىۋىللىرى، كونا قىممەت ئۆلچەملىرى تەرىپىدىن ئىنكارلانغانلىقى ئۈچۈن زامانىۋىي جەمىيەت ئۇقىمى ئۇلارنىڭ كاللىسىدا ئەخلاقسىز ۋە ئىتىقادسىز جەمىيەت بولۇپ تۇيىلىدۇ.
    مىللەتكە كۆيۈنۈش ۋە مىللەتكە بارلىقىنى بىغىشلاش ئۈچۈن ئەركىن ياشاشنى قۇربان قىلىش ۋە تەبىئىي«مەن»نى ئۆلتۈرۈپ تاشلاش كىرەك بولىۋاتىدۇ.چۈنكى خەلقىمىزگە تۆھپە قوشۇش ئۈچۈن  ئۇيغۇردىكى پالەش تۈزۈملەرگە تەسلىم بولۇش كىرەك.بۇ خىل قىممەت ئۆلچەملەر ياشلىرىمىزنىڭ قىززىقىشى ۋە ئەركىنلىكىنى بوغىدۇ.
  ياشلىرىمىزدىن مىللەتكە تۆھپە قوشۇش ئۈچۈن ئۆزىنىڭ ئەركىن ھاياتى، قىززىقىشلىرى ۋە چۈشەنچىللىرىنى قۇربان قىلىشنى تەلەپ قىلىشىمىز ياشلىرىمىزنىڭ مىللەتتىن سەسكىنىشىنىڭ تۈپكى سەۋەبىدۇر.
   12مۇقام،ئۇيغۇر،ئۆزبەك،تۈرك مىللەتلىرىنىڭ خەلق ناخشىللىرى ۋە سەنئەت مۇزىكىللىرىنى ياخشى كۆرىمەن.لىكىن مىنىڭ بۇ سەنئەت جەھەتتىكى لىرىكىلىقنى،سالماقلىق ۋە چوڭقۇرلۇقنى قوغلىشىشىمنى ياشلاردىكى جۇشقۇنلۇق ۋە شوخلۇقنى قوغلىشىدىغان قىزغىنلىققا سىلىشتۇرۇش «ئۆزۈمنىڭ دىرىزىسىدىن باشقىلارغا قاراش»بولىدۇ.
  پەرىقلىق ھەۋەس ۋە قىززىقىشلىرى تۈپەيلى دىنى ۋە مىللىي نۇقتىدىن ئەخلاقسىزغا چىقىرىلغان ياشلاردىن مىللەتكە تۆھپە يارىتىشنى كۈتۈش ھەقىقەتەن بىمەنىلىك.
   تۆۋەندە مەن بۇ ئىككى خىل موھىتتا چوڭ بولغان بالىلارنى كىلاسسىك بالىلار ۋە يىڭى بالىلار دەپ ئىككى تۈرگە ئايرىپ سۆزلەپ ماڭىمەن.(بايان قىلىشقا ئاسان بولۇش ئۈچۈن ئۆزۈم ئايرىۋالدىم).
   كىلاسىك بالىلاردا مىللي ۋە دىننى تۇيغۇ ئىنتايىن كۈچلۈك بولىدۇ.بۇ خىلدىكى بالىلاردا ئۆز مەدىنىيىتى ئۈستىدە تەنقىدى مۇلاھىزە يۇرگۈزۈش ئىنتايىن چەكلىك بولىدۇ ۋە مىللىي،دىنى تۇيغۇلىرى ئەقلى يەكۈنگە تەسىر كۆرسىتىپ تۇرىدۇ.بۈگۈنكى ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ ئەڭ ئاساسىي قاتلىمىنى كىلاسىك مىللىي ئەزالار تەشكىل قىلىدۇ.
    يىڭى بالىلار ئارلاشما مەدەنىيەت موھىتىدا يىتىشكەنلىكى ئۈچۈن مىللى ۋە دىنى تۇيغۇلىرى سۇس،زامانىۋىي مەدەنىيەتكە بولغان ئىنتىلىشى كۈچلۈك بولىدۇ.بۈگۈنكىدەك يەرشارىلاشقان جەمىيەتتە ئۇيغۇرلار ئىنتايىن چوڭ مەدەنىيەت ۋە زامانىۋىيلىقنىڭ بوھرانىغا ئۇچۇرماقتا.ئالدىنقى 
    يىڭى بالىلار بىلەن كىلاسسىك بالىلار ئوتتۇرسىدىكى ئۈزۈكچىلىك ۋە كىلىشەلمەسلىك جەمىيەتنىڭ تەڭپۇڭ تەرەققىياتىغا تەسىر كۆرسىتىشى مومكىن. ئەنئەنىۋىي ئائىلىلەرنىڭ يىمىرىلىشى،يىڭى نەسىللەرنىڭ يىڭى مەدەنىيەتلەر تەرىپىدىن ئاسمىلاتسىيە بولىشى،مائارىپىمىزدىكى «سىڭىپ كىرىش »  ياشلىرىمىز ئوتتۇرسىدا ئىنتايىن چوڭ زىدىيەتكە سەۋەپ بولىشى مومكىن.

   تارىخ ۋە تەرىققىيات بىزگە يىڭى تاللاشنى تۇتقۇزۇپ قويدى.يا ماسلىشىش ياكى يوقۇلۇش.
    ئىنتايىن ئاچچىق رىئاللىق شۇكى ئۆركەش ئىسىملىك بىر توردىشىمىز ئىنكاسىدا ئىيتىپ ئۆتكىنىدەك بۈگۈنكى ياشلىرىمىز بىزگە ئۇلتۇماتۇم تاپشۇردى.
ئۇلار مىللەتكە  چىرىك قاراشلىرىڭنى تازلاپ  زامانىۋىي مىللەتلەرنىڭ ئارىسىغا قوشۇلىسەن ئۇيغۇرلىقىمىزنى ساقلايمىز ياكى داۋاملىق قارشى تۇرسەن ئەركىنلىكىمىز ئۈچۈن باشقا مەدەنىيەتلەرگە قىتىلىپ كىتىمىز دەپ بايانات ئىلان قىلىۋاتىدۇ.ياشلىرىمىزنى ئۈزلۈكسىز باشقا مەدەنىيەتلەرنىڭ جەلىپكارلىقىغا تاتقۇزۇپ قويۇشىمىز پەقەت ئۇلارنىڭلا سەۋەنلىكى ئەمەس.
  ياشلىرىمىزنى قانداق قىلىپ ساقلاپ قالىمىز؟مىللىي جەلىپكارلىقىمىزنى قانداق قىلغاندا كۈچەيتكىلى بولىدۇ؟؟
   يۇقارقى تاللاشلارنى تاللاش ۋە ئەمەلىيلەشتۇرۈش ھىچقايسىمىزنىڭ قولىدىن كەلمەيدۇ.تاللاش بار ئەمما بىز يەككە شەخىس بويىچە تاللىيالمايمىز .تاللىشىمىز ئۈچۈن تارىخ ياردەم قىلىشى كىرەك.
    مۇنبەرداشلارنىڭ بىرى چەت سەھرادىن يەنە بىرى قايناق شەھەردىن بولىشى مومكىن.ئەتراپىمىزدا ئۇچۇرمىغانلىقى ئۈچۈن بەزى مەسىلىلەرنى مەۋجۇت ئەمەس دەپ قارىشىمىز تەبىئىي.لىكىن شۇنى كىسىپ ئىيتالايمەنكى ئۇيغۇر جەمىيىتى ئىچىدە ياشلار ئوتتۇرسىدىكى ۋە ئەجدات-ئەۋلاد ئوتتۇرسىدىكى ئۈزۈكچىلىك ۋە كىلىشەلمەسلىك ھەقىقى مەۋجۇت ۋە جىددى ھادىسە.
   ھەتتا بىر قانچە دوكتۇر ۋە ماگىستىر ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلاردىنمۇ بۇ خىل ئۇيغۇردىن سەسكىنىدىغان سەلبىي ھادىسىنى ئۇچراتتىم.
   تاشقى دۇنيادىكى مەدەنىيەت ئامىللىرىغا ماسلىشىش  دىنى ۋە مىللى روھنى چۆرىۋىتىش دىگەن مەنىدە ئەمەس.ھەرقانداق ئىنساننىڭ دىنغا ئىتىقاد قىلىش ئەركىنلىكى بولىدۇ.بىراق ئومۇمىي دىنى ھىسياتلىرىمىز بىلەن رىئال دۇنياغا،مىللەتنىڭ مەنپەتىگە تاقىشىدىغان يادرۇلۇق مەسىلىلەرگە باھا بىرىشىمىز تەنتەكلىك ۋە ھىسياتچانلىققا ياتىدۇ دەپ قارايمەن.
   ياشلىرىمىزنىڭ يىڭى مەدەنىيەت ئىقىملىرىغا بولغان تەلپۈنىشى قاتتىق رادىكال ئىنكاسقا ئۇچۇرسا ياشلىرىمىز مىللى مەدەنىيىتىمىزدىن سويۇپ كىتىدۇ.
ياشلاردىكى مەدەنىيەت پەرقىنىڭ ئۆتكۈرلىشىشىدىن ساقلىنىش ئۈچۈن بالىلاردا مىللى ۋە ۋەتەنپەرۋەتلىك روھىنى كۈچەيتىش كىرەك.بالىلارغا مۇۋاپىق ئەركىنلىكنى بەرگەن ئاساستا ئۇلارنىڭ مىللى  مىراسلارغا بولغان مۇھاببىتىنى كۈچەيتىشىمىز كىرەك.
   ياشلارنىڭ قىززىقىشىغا،مەدەنىيەت تەلپۈنىشگە،شەخسى زوق ئىلىش ئۇسۇلىغا ھۆرمەت قىلىشىمىز رادىكال ئىنكاستا بولماسلىقىمىز كىرەك.
    دىققەت قىلىدىغان نۇقتىمىز شۇكى سىياسىي رىئاللىق،بۈگۈنكى مائارىپ ۋە ئۈزلۈكسىز شەھەرلىشىش كىلاسسىك بالىلارنىڭ تارىيىشى يىڭى بالىلارنىڭ كۆپىيىشىگە سەۋەپ بولىدۇ.
   تىل،دىن،مەدەنىيەت ئامىللىرى پەقەتلا مىللىي مەۋجۇتلۇقنى تۇتۇپ تۇرغۇچى ئامىللار، يادرۇلۇق ئامىل بولسا مىللىي روھتىن ئىبارەتتۇر.مىللى روھى ئۆلۈشكە قاراپ يۈزلەنگەن مىللەتتە دىن،تىل،مەدەنىيەت ئامىللىرىمۇ ئاسمىلاتسىيە بولۇشقا باشلايدۇ.بالىلاردا مىللى روھنى كۈچەيتىش،ياشلارنىڭ مىلىيلىككە بولغان مۇھاببىتىنى ئاشۇرۇش،مەدەنىيەتىمىزنى زامانىۋىي مەدەنىيەت بىلەن يۇغۇرۇشنى ئالدىنقى شەرىت قىلىدۇ.
   ياشلىرىمىز ۋە ئەجدات-ئەۋلاد ئوتتۇرسىدىكى مەدەنىيەت پەرقىنى توغرا بىر تەرەپ قىلىش  مەۋجۇتلىقىمىزغا تەسىر كۆرسىتىدىغان موھىم مەسىلە.بۈگۈنكى دۇنيا يۈز يىل ئاۋۋالقى دۇنيا ئەمەس.دەۋىرگە قانچىكى كىچىكىپ ماسلاشساق شۇنچىلىك ئاسمىلاتسىيەگە ئۇچرايمىز دەپ قارايمەن.
    بالىلارغا دىنى جەھەتتىن مۇسۇلمان بولمىغان توپلۇملارغا قارشى ئۆچمەنلىك ئۇرۇقىنى چىچىشنىڭ ئۆزى بالىلارنىڭ ئىنسانلىق تۇيغۇسىغا قارشى ھەركەت.
«ئىت بار ئۆيگە پەرىشتە كىرمەيدۇ»،«مۆشۈك ئىككى يۈزلىمىچى» دىگەن قاراشلارنىڭ ئۆزى بالىلارنىڭ ھايۋانلارغا بولغان پاك تۇيغۇلىرىغا مۇخالىپ بولغانلىقى ئۈچۈن بالىلارغا تىخىمۇ زىيانلىق ھەركەتتۇر.
    يۇقارقىدەك چۈشەنچىلەرنى بىز دىنى مۇقەددەسلەرگە چىتىش ئارقىلىق ئىلاھلاشتۇرشقا ئۇرىنىمىز،يۇقارقىدەك بىمەنە قاراشلارنى ئىلاھلاشتۇرۇپ تەشۋىق قىلغىنىمىزنىڭ ئۆزى دىنغا قىلىنغان ئەڭ ئىغىر زىيانكەشلىكتۇر.
    سىياسىي رىئاللىق تۇرمىشىمىزنىڭ ھەربىر بۇلۇڭ پۇشقاقلىرىغا سىڭىپ كەتكەن بۈگۈنكىدەك دىلغۇل ئاتمۇسفۇرادا بىر مىللەتنىڭ ياشلىرىنى قانداق قىلىپ تۇتۇپ تۇرۇش مۇرەككەپ سوئالدۇر.
60-70يىل بۇرۇن چىچىنى بۇدۇر قىلىپ بىر خوتۇن ئۇيغۇر جەمىيىتىدە تالاغا چىقالمايتتى.بۈگۈنكى تالادا چىچىنى سىرىققا بويىغان بۇدۇر چاچلىق ئەركەكلەرنى ئۇچۇرتالايمىز.بىز تىرەجەپ قۇبۇل قىلمىغان بىلەن زامان ۋە رىئالىق بىزگە قۇبۇل قىلغۇزىدۇ.قۇبۇل قىلساقمۇ،قۇبۇل قىلمىساقمۇ قۇبۇل قىلىمىز.چۈنكى بۇ تارىخنىڭ تاللىشى.بۈگۈنكى دەۋىر جەمىيەتنىڭ باھاسىغا ئەمەس، كىشىنىڭ ئەركىنلىكىگە دىققەت قىلىدۇ.
   بۇ خىل جەمىيەت قۇرۇلمىسىدا مىللى مەنپەئەتكە پايدىلىق نىمىلەرنى قىلالايمىز؟بۇ خىل مەدەنىيەت بوھرىنىدا ياشلىرىمىزنى مىللى مەدەنىيەتكە قانداق قىززىقتۇرالايمىز ؟؟
   دىنىمىز بىلەن مىللى تارىخىمىز ياشلىرىمىزغا مىللى ناخشا -ئۇسۇلىمىزچىلىك تەسىر كۆرسىتەلمىگەن بىر جەمىيىتتە ياشاۋاتىمىز.
ياشلارنى مىللەتكە كۆيۈنىدىغان قىلىپ تەربىيلەش ئۈچۈن ياشلارنى مىللەتچى قىلىشىمىزنىڭ ھىچقانداق ھاجىتى يوق.مىللەتچىلىكنىڭ بازىرى دۇنيادا ئۆلدى.بۈگۈنكى تەشەببۇس گۈزەل جەمىيەت ۋە ئىنسانچىلىق تەكىتلىنىدىغان تۈزۈملەرنى بەرپا قىلىشتۇر.
   ياشلارنى دۇنيادا بازار تىپىۋاتقان ئەڭ ئىلغار ئىدىيەلەر بىلەن قۇراللاندۇرۇشنىڭ ئۆزى ياشلارغا گۈزەل كىلەچەك يارىتىشتۇر.بۈگۈنكى دۇنيا جەمىيىتى ئىنساننىڭ ئەركىنلىكى،ئىنساننىڭ ساپلىقى ۋە تەبىيلىكىنى قوغلىشىدۇ.
   ئىنسانلار ھەرخىل ئىجدىمائىي تۈزۈلمىلەر،ئەنئەنىۋى مىللى ۋە دىنى ئەخلاق زەنجىرلىرى بىلەن ئۆزىنى قاتمۇقات باغلىۋىتىدۇ.بۈگۈنكى دۇنيانىڭ تەشەببۇسى ئاشۇ زەنجىرلەرنى پاچاقلاپ تاشلاپ ئۆزەڭدەك«مەن»بولۇپ ياشادىن ئىبارەتتۇر.
  
ياشلارنىڭ مىللەتكە بولغان سۆيگۈسىنىڭ ئىشىشى بالىدا ئەخلاقنىڭ بولىشىنى تەلەپ قىلىدۇ.
    بۈگۈنكىدەك جەمىيەتتە ئۇيغۇر مىلىتىنىڭ ئەنئەنىۋىي ئەخلاق قاراشلىرىنىڭ يىمىرىلىشى ئەسلى توغرا يۆنۈلۈش ئەمەس.بۈگۈنكى دۇنيا بازار تىپىۋاتقان ئەخلاق سىستىمىسى دەل ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ كونا ئەخلاق سىستىمىسىنىڭ زامانغا لايىقلاشقان شەكلىدۇر.
   سەمىمىيلىك،ئىنساننىڭ قەدىر-قىممىتىنى قىلىش،پاكىزلىق،شەخسىيەتسىزلىك ۋە ئىشەنىچ قاتارلىق ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ مىراس ئەخلاقلىرى بۈگۈنكى نەچچە مىڭ يىللىق دەھشەتلىك قۇللۇق تۈزۈم ئاسارىتىدە قالغان چوڭ مىللەتلەرنىڭ چىرىك ئەخلاق سىستىمىسىغا ئاسمىلاتسىيە بولۇپ كىتىپ بارغانلىقى ھەقىقەتەن قىززىقارلىق ئىش.
  
   مەنپەئەتپەرەسلىك ۋە ماشىنا ئادەمدەك پۇل تىپىشقا ھىرىسلىك يات مىللەتلەردىن بىزگە كىرگەن ناچار ئىدىيەدۇر.
   بالىلارغا پۇل تىپىش ۋە مۇۋاپىقيەت قازىنىش تەربىيىسىنى ھەددىدىن ئاشۇرۇپ بەرگەن ئاتا-ئانىلار ئۆز مىللى ئەخلاقىدىن چەتنىگەن ئاتا-ئانىلاردۇر.بالىغا ھاياتنى سۆيۈش،ئەتراپىدىكىلەرنى سۆيۈش،تەبىئەتنى سۆيۈش،ئىنسانىيەتنى سۆيۈشتىن ئىبارەت گۈزەل ھىس تۇيغۇلارنى سىڭدۈرگەن ئاتا-ئانىلار بالىغا دۇنيادىكى ئەڭ گۈزەل نەرسىلەرنى سوۋغا قىلغان ئاتا-ئانىلاردۇر.
    بالىنى ھەددىدىن زىيادە مۇۋاپىقيەت قازىنىشقا قىستاش،رىقابەت تەربىيىسىنى چەكتىن ئاشۇرۋىتىش بالىنى ئۆزىنىمۇ سۆيمەيدىغان ماشىنا ئادەمگە ئايلاندۇرۇپ قويىدۇ.«خەنزۇچە بىلمىسەڭ ياشىيالمايسەن»دىگەن سۆزنى بالىلارنىڭ قۇلقىغا سۆزلەپ تۇرىمىز قىنى قانچىمىز بالىمىزنىڭ قۇلقىغا «ئەتراپىڭدىكىلەرنى سۆيمىسەڭ ياشىيالمايسەن»دىگەن سۆزنى پىچىرلەپ باقتۇق؟!

     سۆيۈشنى بىلمىگەن ئىنساندىن مىللىي مەسئۇلىيەتنى تەلەپ قىلىش ئالجىغانلىق.
    خوتەندىكى كۈلگە مىلەنگەن كۆمەچنى،قەشقەرنىڭ تار كوچىللىرىنى،ئىلى دەرياسىنىڭ شاۋقۇنىنى،ئۈرۈمچى كوچىللىرىدىكى پىداكار روھلارنى سۆيمىگەن، سۆيەلمىگەن كىشىلەردىن مۇھاببەت تەلەپ قىلالمايدىغىنىمىز ئايدىڭ.(ئازراق ھاياجان پىكىرلىرىمنى قىتىپ قويدۇم،ئۆزرىلەر)
    بالىلارغا مۇھاببەت تەربىيىسىنى سىڭدۈرشىمىز ئەمەلىيەتتە بالىلارغا مۇۋاپىقيەت قۇراللىرىنى سوۋغا قىلغىنىمىزدۇر.دىنى ۋە مىللى چۈشەنچىللىرى مۇستەقىل،رىئال مەسىلىلەرگە رىئال پوزىتسىيە تۇتىدىغان ئەۋلادلارنى يىتىشتۇرۇپ چىقىش بۈگۈنكى دەۋىرنىڭ تەلىپىدۇر.
   سۆھبەت ئىلىپ بارغان بىرقانچە ياشلار (خەنزۇ مەكتەپتە ئوقۇغان ۋە ئۇيغۇر مەكتەپتە ئوقۇغان بالىلار)ئۇيغۇر جەمىيىتىدىكى شەخىسنىڭ ئەركىنلىكىنى بوغىدىغان ئىدىيەلەرگە بولغان ئۆچمەنلىكى تۈپەيلى مىللەت توغۇرلۇق گەپ قىلىشنىڭ ئۆزىنى قالاقلىق دەپ قارىۋالغان.ھەقىقەتەن دۇنيادا 
    يىڭى بالىلار شەخىسنىڭ ئەركىنلىكىنى قوغداش ئىدىيىسىنى  ئىنتايىن خاتا ئۇسۇلدا ھەزىم قىلغان.ھەزىم قىلىشتىكى خاتالىق شەخىسنىڭ ئەركىنلىكىنى قوغداشنى مىللەتنى سۆيۈشكە زىديەتلىك قىلىپ قويغانلىقىدۇر.
    مىللەت،زامانىۋىي مەدەنىيەت ۋە ئەۋلادلار ئوتتۇرسىدىكى مۇرەككەپ مۇناسىۋەتلەر مىنىڭ بۇ كىچىككىنە يىرىم ئىلمىي،يىرىم ھىسسى ماقالەمدە تولۇق ئەكىس ئىتەلمەيدۇ.بۇ توغۇرسىدا ئىزدىنىش ۋە تەدبىر تۈزۈش كىرەك.ماقالىنى بۈيۈك مىللىي مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش ياكى مىللەتكە  يول كۆرسىتىش ئۈچۈن يازمىدىم.جەمىيەت،مەدەنىيەت بوھرىنى ۋە ياشلار ئوتتۇرسىدىكى تەخىرسىز مەسىلىلەر بۇ ماقالە ئارقىلىق زىيالىيلىرىمىز ۋە خەلقىمىزنىڭ كىچىككىنە دىققىتىنى تارتالىسا بۇ ماقالىغا  سەرىپ قىلغان زىھىن ۋە ۋاقتىم ئىنتايىن ئۈنۈملۈك خەجلەنگەن بولىدۇ.


تۈگمەس سۆيگۈ ۋە مۇھەببەت بىلەن ھەممىڭلارغا تەشەككۈرلىرىمنى يوللايمەن. 

Birzat يوللانغان ۋاقتى 2015-2-6 09:19:39

«ئىت بار ئۆيگە پەرىشتە كىرمەيدۇ»،«مۆشۈك ئىككى يۈزلىمىچى» دىگەن قاراشلارنىڭ ئۆزى بالىلارنىڭ ھايۋانلارغا بولغان پاك تۇيغۇلىرىغا مۇخالىپ بولغانلىقى ئۈچۈن بالىلارغا تىخىمۇ زىيانلىق ھەركەتتۇر.
_____________________________________________________________
ماۋۇ جۈملىنى ئوقۇپ ھەيرانلىقتىن ياقامنى تۇتتۇم، قايسى ئۇيغۇر ئائىلىسىدە مۇشۇنداق ھايۋانلارغا رەھىمسىزلىك قىلىدىغان، بالىلارنى ئۇ ھايۋانلارغا ئۆچ كۆرسىتىدىغان ئەنئەنە باردۇ دەپ راستىنلا ھەيران قالماي تۇرالمىدىم. بەلكىم سىلەرنىڭ بوۋا-مومىلىرىڭلار، ياكى ئاتا-ئاناڭلار مۇشۇنداق گەپلەرنى دېگەن بولىشى مومكىن ھەمدە سىلىگە يامان تەسىر بەرگەن گەپلەرنى ئۇلارنىڭ ئۆزىگە ئېيتالماي مۇنبەردە قورساق كۆپىكىڭلارنى چىقىرۋاتامسىلەر ھېچ بىلمىدىم.
ھايۋانلارغا رەھىمدىل بولۇشقا ئۈندەيدىغان، ئۆرنەك بولىدىغان ھىكايەت ياكى ھەدىسلەردىن نۇرغۇنلىرىنى مىسال كەلتۈرىشىمىز مومكىن. پەقەت مەن بىلىدىغانلىرىدىن ئىتقا مۇناسىۋەتلىكى: بىر پاھىشە ئايال قۇدۇق بېشىدا ئۇسساپ ئۆلەرمەن ھالغا كىلىپ قالغان ئىتنى كۆرۈپ ئۆتۈكىنى سىلىپ قۇدۇقتىن سۇ تارتىپ ئىتنىڭ ئۇسسۇزلۇقىنى قاندۇرغانلىقى ئۈچۈن ئاللاھ ئۇ پاھىشە ئايالنىڭ بارلىق گۇناھلىرىنى ئەپۇ قىلىپ جەننەتكە مۇيەسسەر قىلدى.
مۈشۈككە مۇناسىۋەتلىكى: بىر ئايال مۈشۈكىنى باغلاپ قويغانلىقى سەۋەبلىك ئۇ مۈشۈك ئوزۇق تېپىپ يىيەلمەي ئۆلۈپ قالغانلىقى ئۈچۈن ھىلىقى ئايال دەۋزەخقە لايىق بولدى.
يەنە ئۇلۇغ بىر كىشىنىڭ پىشىدە ئۇخلاپ ياتقان مۈشۈكنى ئويغىتىۋەتمەسلىك ئۈچۈن چاپىنىنىڭ پىشىنى كېسىۋەتكەنلىكى ئۇيغۇر ئەنئەنىسىدە مەشھۇر ھېكايە.
جانلىقلارغا رەھىمدىل بولۇشلا ئەمەس بەلكى دەل-دەرەخلەرنى قالايمىقان كەسمەسلىك، تەبىئەتنى كۆكەرتىشنىڭ ساۋاپ، ئۇلۇق ئىشلاردىن ئىكەنلىكى ھەققىدىمۇ ئەنئەنىۋى قاراشلىرىمىزنىڭ ‹‹زامانىۋى دۇنيا››غا ئۈلگە بولغۇدەك نى ئېسىل ئۈلگىلىرى بار. مەسىلەن: قىيامەت يىتىپ كىلىۋاتقان ھالەتتىمۇ قولۇڭدىكى كۆچەتنى تىكىۋەتكىن دېگەندەك.
بۇنىڭ تېرىك ھەم تىپىپ شاھىتى، ئاتا-بوۋىلىرىمىز تەكلىماكاندىن ئىبارەت دەشتى قۇملۇققا يەم بولۇپ كەتمەي ئازغىنە سۇ بايلىقلىرىمىزنى سەرپ قىلىپ يۇرت-ماكانلىرىغا دەل-دەرەخ، ئورمانلارنى بەرپا قىلىپ ياشاپ كىلىۋاتىدۇ.

Birzat يوللانغان ۋاقتى 2015-2-6 09:29:40

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   Birzat تەھرىرلىگەن. ۋاقتى2015-2-6 09:37

ئىلگىرىكى ماقالىلىرىڭىزدىكى يۇقۇردا مەن تىلغا ئالغانغا ئوخشاش يانپاشقا شاپلاقلاپلا تاپقان بەزى گەپلەردىن باشقا كۆپۈنچە قاراشلارنى مەنمۇ شۇنداقراق ئويلاپتىكەنمەن بولمىسا. {:92:}

مەن بۇ يازمىدىن بەكرەك ياقتۇرغان جۈملىلەر:
بالىلارغا دىنى جەھەتتىن مۇسۇلمان بولمىغان توپلۇملارغا قارشى ئۆچمەنلىك ئۇرۇقىنى چىچىشنىڭ ئۆزى بالىلارنىڭ ئىنسانلىق تۇيغۇسىغا قارشى ھەركەت.
__________________________________

بالىلارغا پۇل تىپىش ۋە مۇۋاپىقيەت قازىنىش تەربىيىسىنى ھەددىدىن ئاشۇرۇپ بەرگەن ئاتا-ئانىلار ئۆز مىللى ئەخلاقىدىن چەتنىگەن ئاتا-ئانىلاردۇر.بالىغا ھاياتنى سۆيۈش،ئەتراپىدىكىلەرنى سۆيۈش،تەبىئەتنى سۆيۈش،ئىنسانىيەتنى سۆيۈشتىن ئىبارەت گۈزەل ھىس تۇيغۇلارنى سىڭدۈرگەن ئاتا-ئانىلار بالىغا دۇنيادىكى ئەڭ گۈزەل نەرسىلەرنى سوۋغا قىلغان ئاتا-ئانىلاردۇر. دېگەنلەرگە ئوخشاش.


تۈگمەس سۆيگۈ ۋە مۇھەببەت بىلەن ھەممىڭلارغا تەشەككۈرلىرىمنى يوللايمەن. ماۋۇ ئاخىرقى جۈملە بەكلا داھىيانە چىقىپ قاپتۇ. گەرچە سەل باشتىلا خەلققە يول كۆرسىتىش ئۈچۈن بۇ يازمىلارنى يازمىدىم دېيىلگەن بولسىمۇ.

pis-pas يوللانغان ۋاقتى 2015-2-6 09:37:16

Birzat يوللىغان ۋاقتى2015-2-6 09:19 static/image/common/back.gif
«ئىت بار ئۆيگە پەرىشتە كىرمەيدۇ»،«مۆشۈك ئىككى يۈزلىمى ...

قاخشىماڭ، بۇ بالىمۇ ئوڭشىلىپ قالا، :lol
======
ئىت بار ئۆيگە پەرىشتە كىرمەيدۇ - بۇ سەھىھ(بەك توغرا :lol ) ھەدىس،[مۇشۇ گەپنىڭ كېلىش مەنبەسىنى بىلمىگەن كاللاڭغا لەنەت:lol]
مۈشۈك ئىككى يۈزلىمىچى-بۇ ئانچە مۇنچە بازىرى بار بىرچاخچاق پاراڭ، توقۇلما، ئېھتىمال مۈشۈككە تاماق بەرسىڭىز يەپ بولۇپ كۆزۈنى يۇمۇپ ئارام ئالسا، بەزىلەر «بەرگەن تامىقىمغا رەھمەت دەپ ئىتقا ئوخشاش قۇيرۇق شىپاڭشىتمىدى» دەپ بۇھايۋاننى ئىككۈ يۈزلىمىچى، ماياقتىنيەپ بولۇپئۇ ياقتىن كۆزۈنى يۇمۇپ تۇرۇۋالىدۇ دەپ تۆھمەت چاپلاۋاتقان بىر چاخچاق پاراڭ بۇ، :lol
مۇشۇنداق قىلىپئۆز ماقالىسىنىڭ ۋەزنىنى ئاشۇرمىسا ، يەنە قانداق ئۇسۇلى بار بۇ بالىنىڭ؟
قاخشىمايلى، كىچىك ئەمەسمۇ، غەرپ پەلساپىلىرىنى كۆپ ئوقۇپكاللىسى گادىرماچ بولۇپ كەنكەندەك قىلىدۇ،ئوڭشىلىپ قالا،ئەلى مۇئەللىم با ئەمەسما . :lol

aral يوللانغان ۋاقتى 2015-2-6 09:59:13

   ئۇيغۇر تۈركلىرىنىڭ مىڭ يىللىق ئىسلام مەدىنىيىتىگە تەخىرسىز ئىنكار نەزىرىنى تاشلىغۇچى ، يىرىك ئاكادېمىك ، پەلسەپە پەنلىرى تەتقىقات ساھەسىدىكى ئېقىمغا قارشى شىجائەتلىك « مۇبارىز » ، لوگىكا پەنلىرى يېتەكچىسى ،مىللەت ئاسمىنىدا چاقنىغان ئاقچولپان ئوگلۇ دون . ئۇممۇن . تې . لاماچا رېتسارلىرىنىڭ دەۋر بۆلگۈچ يەنە بىر ماقالىسىنى ئوقۇشقا مۇشەررەپ بوپتۇقتە ، قەلەم تۇلپىرىڭىز ھارمىغاي . :lol

aral يوللانغان ۋاقتى 2015-2-6 10:58:34

ئىتنىڭ شۆلگىيىدە ھەرخىل مىكروپ ۋە tetanus قاتارلىق خەتەرلىك ۋىرۇسلار بولغاچقا ، ئىت يالاپ قويغان نەرسە پاكىز ئەمەس بولۇپمۇ بالىلارنىڭ سالامەتلىگىگە تەھدىت دەپ قارىلىدۇ ، پەيغەمبىرىمىز ھەدىستە ئىت يالاپ قويغان نەرسىنى ئالدى بىلەن توپا- قۇم سۈركەپ ئاندىن سۇدا 7 قېتىم يۇيۇڭلاردىگەن ، ھازىرقىئىلىم- پەندە ئىسپاتلىنىشىچە ۋىرۇس tetanus پەقەت توپا - قۇم سۈركەلگەندە ۋە كۆپ قېتىم سۇدا يۇغاندا پاكىزلىنىدۇ دەپ تەجرىبە قىلىنغان ، بۇمۇ پەيغەمبىرىمىزنىڭ ھەدىسلىرىدىكى بىر مۆجىزە .
پاكىزلىق نۇقتىسىدىن مۇسۇلمانلارنىڭ ئۆيدە ئىت بېقىشى مەنئىي قىلىنغان ، لېكىن مال ۋە بوستانلىقلارغا قاراشتا ئىت بېقىلسا بولىدۇ دىيىلگەن .

ئىت بېقىش ئوتتۇرا ئەسىردە ياۋروپالىقلاردىن قالغان پاكىزە بولمىغان بىرئادەت ، ھازىرغۇ روسىيەدە موسكىۋالىق ئاياللار ئات- ئىشەككە ئوخشاش يوغان ئىتلارنى باقىدۇ ، بۇ توغۇرلۇق گېزىتلاردىمۇ تەنقىت ماقالىلىرى ئېلان قىلىنغان .
لېكىن يېقىندىن ياقى ئىتنى بېقىپ بولالمىغان يولداشلارنىڭ كوچىغا تاشلىۋېتىشىدىن كېلىپ چىققان تاشلاندۇق كىچىك ئەرمەك ئىتلارنىڭ كۆپىيىپ كېتىشىكىشىنىڭ ئىچىنى ئاغرىتىدۇ ، ھەي ...

gayur1 يوللانغان ۋاقتى 2015-2-6 11:07:10

ماقالىنى ئىزدىنىشقا يوللىغان ئىكەنسىز ھەر خىل پىكىرلەر چۈشىدۇ. بەزى پىكىرلەر ئاچچىق بولسىمۇ سىزگە پايدىسى تېگىدۇ. ‹سېنى قاتتىق قوللايمەن› دەۋاتقانلارنىڭ سىزنى قوللاۋاتقان بولۇشى ناتايىن. بىز بىر نەچچە تېمىدا تىركىشىپ قالدۇق. سەۋەبى مەن ئاددى ئاۋامنىڭ بىرسى سالاھىيىتىدە سۆزلەۋاتىمەن. سىز مەدەنىيەتلەر ساھاسىنىڭ مەركىزىدىكى زىيالىلىق سالاھىيىتىدە سۆزلەۋاتىسىز. مەدەنىيەتلەر ساھەسىدە ھازىرغا قەدەر مەركەز شەكىللىنىپ باقمىغان. پەقەت توت كوچا ئېغىزىلا بار. سوۋىتلەر ئىتىپاقىنىڭ كارتون قوراللىرىدەك تېگىپلا كەتسە چۇۋۇلۇپ كېتىدىغان بۇ ماقالىڭىز، سىز ئېلان قىلغان ماقالىلار ئىچىدىكى ئىلمىيلىگى ئەڭ تۆۋەن بىرسىكەن. باشقىلارنى بىتەپ ھالەتتە باھا بەرسۇن دىسىڭىز، بىتەرەپ ھالەتتە يەنى ئۆزىڭىز دىگەندەك ئاكادىمىك ئۇسلۇبتا ماقالە يېزىڭ. ئەگەر بۇ بىر تېلۋىزىيە نۇتقى بولغان بولسا ئاساسەياخشى چىققان نۇتۇق بولاتتى. خىرىستىئان ئاشقۇنلۇق ئىددىيىسى زېھنىڭىزگە تەسىر قىلىپتۇ. ئىنكارچىلىقۋە ئۆچمەنلىك،ھەيۋەتلىك شوئارلىرىڭىزنىڭ ئەكسىچە ھەر بىر تىنىغىڭىزدىن تۆكۈلۈپ تۇرىدۇ. يەنە شۇ ھالدىمۇ ياخشى ئىش قىلىۋاتىمەن دەپ ئويلاۋاتىسىز. بۇ خەلىقنى چۈشەنمەي تۇرۇپمۇ بۇخەلىققە رەئىس بولالىـىشىڭىز مۇمكىنكى ھەرگىزبۇ خەلىقنىڭ زىيالىسى بولالمايسىز. مەدەنىيەت ئۈزۈكچىلىگى سىياسى ئامىل كەلتۈرۈپ چىقارغان تاشقى كۆرۈنۈش. ئىچكى قىسمىدىكى تەڭداشسىز ئېنىرگىيەنى تېپىش ئۈچۈن بۇ خەلىقنى ھەر بىر ھۈجەيرىڭىز بىلەن سۆيۈشىڭىز كېرەك. ماسلىشىش سىز دىگەندەك مەۋجۇتلۇققا كاپالەت بولالايدىغان بولسا مىسال تەلەپ قىلىمەن.

uzakyul يوللانغان ۋاقتى 2015-2-6 11:52:41

نىمىگە ئاساسەن مىللەتچىلىكىنى ئۇلدى ،دەيسىز ،مەدىنيەت ئىچىدىكى مەن بىلەن مەدىنىيەت سىرتىدىكىمەن ھامان مەۋجۇت بۇلدۇ، ئۇنىڭ پەقەت ئىپادىلىنىش شەكلى ھەرزاماندا شۇزاماننىڭ تەلىۋىگە ئاساسەن ئىپاىدىلىنىش مۇمكىن.

ArislanMemet يوللانغان ۋاقتى 2015-2-6 15:12:41

ئۇمۇننىڭ يازغان بەزى ماقالىلىرىدا ئېسىل كۆز–قاراشلارمۇ بار. ھەممە يازمىسىنى ئەخلەتكە چىقىرۋەتمەڭلار.

mastura يوللانغان ۋاقتى 2015-2-6 15:15:28

دۇنيادىكى دۆلەتلەرنىڭ ئىسمىنى ساناپ بولالماي ۋەكىل خارەكتېرلىكلىرىنىلا مىسال قىلىپ قويغانتىم. توردا ئىشلەتكەن ئىسىملىرىنىڭ ھەممىسىنى تىلغا ئېلىپ ئۆتسىمۇ ئىختىيارىغۇ. ئەمما بۇ تەكلىپ سىزگە ئاقمايدۇ، سىزنىڭ تور ئىسملىرىڭىزلا100000 خەتلىك چىقىپ كېتىپ ماقالىگە ئورۇن قالماسمىكىن.

mastura يوللانغان ۋاقتى 2015-2-6 15:20:46

ئارسلان، دۇنيادا قەتئىي توغرا گەپ قىلىپ باقمايدىغان ئادەم، بىر ئېغىزمۇ توغرا گەپ يوق ماقالە بارمۇ؟
رەزىللىك گۈزەللىكنى بېسىپ كەتكەندە گۈزەللىكنى ساقىت قىلىۋېتىپ قالىمىزكەن.

hoopeelover يوللانغان ۋاقتى 2015-2-6 17:56:13

بۇ ئۇمۇن يولداشنىڭ ئايرىم تېمىسىكەن باشقىلار بىلەن تىللاپ سوقۇشىدىغان.

ئىزدىنىش ھەر قايسى ئېقىم پىكىرلەرنىڭ شىددەت بىلەن بىر بىرىگە سوقۇلىدىغان سورۇنى ،باشقا مۇنازىرە مۇنبەرلېردەك بىر تەرەپكە ئاقمايدۇ، جاھىللىق بىلەن ئۆزىنىڭ كۆزقارىشىدا مەھكەن تۇرىدۇ. شۇڭا تۈكرۈك چاچرىتىپ سوقۇشۇپ تىللىماي نەقىل ئېلىپ ئۆزەڭلەرنىڭ كۆز قارىشىنى ئوتتۇرغا قويساڭلار.

Mollamushuk يوللانغان ۋاقتى 2015-2-6 18:05:46

muhlis0998 يوللىغان ۋاقتى2015-2-6 15:18 static/image/common/back.gif
ئون قوشۇق ھەسەلگە بىر قوشۇق زەھەرنى سىلىپ بۇنى يە دىي ...

ئىستىلىستىكا ھامان ھەقىقەتتىن غالىپ.

mastura يوللانغان ۋاقتى 2015-2-6 18:08:42

ئۇنىڭ ئاقلاپ ئاقلىمىغۇدەك نېمىسى بار؟ ھەر ئىنسان باشقىلارنىڭ ئۆزىگە بەرگەن تەسىرىگە قاراپ لايىقىدا مۇئامىلە قىلىدۇ. مەن سىزگە مەن ئىسلامنىڭ باياناتچىسى دېمىگەندىمەن؟ ياكى بۇ تېمىڭىزنىڭ بىر ئېغىز گېپىنى ئىسلامىي ئۆلچەمگە سالدىممۇ؟ بۇ تېمىڭىز مەخسۇس ئىسلامنى قارىلايدىغان تېما ئەمەستۇ؟ تۇيۇقسىز ئىسلامنىڭ گېپىنى چىقىرىپ قېلىشىڭىزنىڭ ۋەجى نېمە؟
ھەر ئايالنىڭ ئۆزىگە يارىشا نازاكىتى بار. پۈتۈن مىللەتكە بىر تەپەككۇر ئەندىزىسى تۈزۈپ بەرگىنىڭىز بەرگىنىڭىزدەك، دۇنيانىڭ ئاياللىرىغىمۇ نازاكەتنىڭ ئۆلچىمىنى تۈزۈپ بېرەلمەيسىز. خۇددى سىلەر ئەرلەرنىڭ ئارىسىدىمۇ شىر يۈرەكلەر ھەم زەيپانىلەر بولغاندەك.

muhlis0998 يوللانغان ۋاقتى 2015-2-6 18:26:18

Mollamushuk يوللىغان ۋاقتى2015-2-6 18:05 static/image/common/back.gif
ئىستىلىستىكا ھامان ھەقىقەتتىن غالىپ.

بۇ ئىنكاسىڭىزنىڭ شەرھىيسىنى ئاڭلاپ باققۇم بار

Mollamushuk يوللانغان ۋاقتى 2015-2-6 18:36:56

مۇنازىرىدە كىم گەپكە ئۇستا بولسا شۇ يېڭىيدۇ.
بىرەر كىمنىڭ مۇنازىرىدە يېڭىۋالغانلىقى ئۇنىڭ ھەقىقەتنىڭ ئىگىسى ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلاپ بېرەلمەيدۇ.
مۇنازىرىدە يېڭىشنىڭ ئىككى خىل يولى بار:
بىرى ئىستىلىستىكا يەنە بىرى سىياسىي.

Birzat يوللانغان ۋاقتى 2015-2-6 18:40:09

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   Birzat تەھرىرلىگەن. ۋاقتى2015-2-6 18:42

umun99 يوللىغان ۋاقتى2015-2-6 17:40 static/image/common/back.gif
ماۋۇ جۈملىنى ئوقۇپ ھەيرانلىقتىن ياقامنى تۇتتۇم، قايسى ...

مۇنداقمۇ ھۈنىرىم بار دەڭە، سەمىمىيەتسىز ئىكەنسىز!

Mollamushuk يوللانغان ۋاقتى 2015-2-6 18:40:11

دېمەكچى بولغىنىم، بەس مۇنازىرىدە يېڭىش يېڭىلىش مەسىلىسى بولمىسا، پىكىرلىشىش ۋە سۆھبەتلىشىش ئاساس بولسا ياخشى.
باشقا نىيەت بولسا، شۇ، ئىستىلىستىكا ۋە سىياسەت ئوينايدىغان گەپ.

umun99 يوللانغان ۋاقتى 2015-2-6 18:42:29

سوسيولوگىيىلىك ئاتالغۇلارنى چۈشىنىمەن دەپ زورلانماڭ ياكى ھەرىپلەرنى ھەجىلىپ ئوقۇيدىغان خانىم بولمىسىڭىز بىلسىمۇ خۇپسەنلىك قىلىپ تۇرۋالسىڭىز سەل ئاچچىغىم كىلىدۇ.

gayur1 يوللانغان ۋاقتى 2015-2-6 18:43:01

ئۇمۇن ماقالىدە يېڭى بىر سىياقتا ئىپتىدائى بىر قاراشنى ئۆتتۇرىغا قويۇپتۇ. زامانغا باققان دانىشمەن دىگەن يىراق شەرىقنىڭ بۇ ھىكمەتلىك سۆزى ھازىرمۇ جانباقتى ماڭقۇرۇتلارنىڭ ئەنگۈشتەرى. بۇ ئىددىيە يېقىن شەرىقتىمۇ، ھەتتا پۈتۈن دۇنيادا قەدىمدىن بار بۇلغان سەلبى ئىددىيە. شەيىخ سەئىدى: كېچىنى كۈندۈز دىسە سۇلتان، ئەنە ئاي، ئەنە يۇلتۇز دىگىن شۇ ئان... دىگەن مسرالىرىدا قالتىس ئوبرازلىق ئىپادىلىگەن. مەنچە ئۇمۇننىڭ كېىىنكى باسقۇچلۇق يازمىلىرىدا ھەقىقى مەقسىدى ئاشكارە بولۇشى مۇمكىن.
بەت: [1] 2 3 4 5
: مەدەنىيەت بوھرىنىدا ئەۋلادلار(ئۇمۇن)