waskitbol يوللانغان ۋاقتى 2015-2-5 22:02:45

شىنجاڭ گۇاڭخۇي ۋاسكېتبول كۇلۇبى يۇقۇرى قاتلىمىدا ئۆزگۇرۇش بولدى

   

   ئۇيغۇر ۋاسكېتبول تورى خەۋىرى؛  2-ئاينىڭ 5-كۈنى شىنجاڭ گۇاڭخۇي ‹‹ئۇچار يولۋاس›› ۋاسكېتبول كۇلۇبى باشقۇرۇش قاتلىمىدا تەڭشەش ئىلىپ بىرىلغان،  شىنجاڭ گۇاڭخۇي كەسپىي مەبلەغ سېلىش گۇرۇھى رەسمىي ھالدا خوۋىينى گوجىيەننىڭ ئورنىغا شىنجاڭ گۇاڭخۇي ‹‹ئۇچار يولۋاس›› ۋاسكېتبول كۇلۇبىنىڭ  باش مۇدىرلىق ۋەزىپىسىگە تەيىنلەنگەن، ئەسلىدىكى  شىنجاڭ گۇاڭخۇي ‹‹ئۇچار يولۋاس›› ۋاسكېتبول كۇلۇبىنىڭ  باش مۇدىرى گوجىيەن مۇئاۋىن باش دىرېكتورلىق ۋەزىپىسىگە چۈشۈرۇلگەن، ئەسلىدىكى شىنجاڭ گۇاڭخۇي ‹‹ئۇچار يولۋاس›› ۋاسكېتبول كۇلۇبىنىڭ   باش دىرېكتورى خې جاڭ جىياڭ  مۇئاۋىن باش دىرېكتورلىق ۋەزىپىسىگە چۈشۈرۇلۇپ، باش دىرېكتورلىق مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىشقا تەيىنلەنگەن.
خۇۋىي،   شىنجاڭ گۇاڭخۇي كەسپىي مەبلەغ سېلىش گۇرۇھىنىڭ مۇئاۋىن باش لېدىرى ئاساسلىقى   گۇاڭخۇي ئىنىرگىيە كەسپىنى باشقۇرىدۇ، بۇ قىتىم   ‹‹ئۇچار يولۋاس›› ۋاسكېتبول كۇلۇبىنىڭ  باش مۇدىرلىق ۋەزىپىسىنى قۇشۇمچە ئۆتەشكە تەيىنلەنگەن.  خۇۋىي  ئىلگىرى    ‹‹ئۇچار يولۋاس›› ۋاسكېتبول كۇلۇبىنىڭ  باش مۇدىرلىق ۋەزىپىسىنى 13 يىلدىن ئۇزۇنراق ئۆتىگەن، 2008-2009  مۇسابىقە پەسلىدىن باشلاپ 2010-2011 مۇسابىقە پەسلىگىچە، ئۇ ۋەزىپە ئۆتىگەن مەزگىلدە شىنجاڭ كوماندىسىنى ئۇدا ئۈچ يىلCBA ئۇمۇمى ھەل قىلغۇچ مۇسابىقە باسقۇچىغا ئىلىپ كىرگەن.  
  بۇ مۇسابىقە پەسلىدە، شىنجاڭ كوماندىسى خىلمۇ-خىل قىيىنچىلىقلارنى بېشىدىن ئۆتكۈزۇپ، ئەڭ ئاخىرى پەسىلدىن كىيىنكى مۇسابىقە باسقۇچىغا كىرىشتىن مەھرۇم قالدى.
  قايتىدىن  شىنجاڭ گۇاڭخۇي ‹‹ئۇچار يولۋاس›› ۋاسكېتبول كۇلۇبىنىڭ  باش مۇدىرلىق ۋەزىپىسىگە تەيىنلەنگەن خۇۋىي ئىپادە بىلدۇرۇپ؛ بۈگۇندىن باشلاپ،  شىنجاڭ گۇاڭخۇي ‹‹ئۇچار يولۋاس›› ۋاسكېتبول كوماندىسى 2015-2016 پەسىللىك مۇسابىقىنىڭ تەييارلىق مەزگىلىگە كىرىدىغانلىقىنى، بارلىق تەنھەركەتچىلەر ۋە تىرىنىرلارنىڭ قىسقا دەم ئىلىشتىن كىيىن ، پۈتۇن كۈچى بىلەن يىڭى پەسىللىك CBA بىرلەشمىسى مۇسابىقىسىگە تەييارلىق قىلىدىغانلىقىنى، كىلەر پەسىلىك مۇسابىقىدە شىنجاڭ كوماندىسىنىڭ پۈتۇنلەي يىڭى قىياپەت بىلەن توپ مەستانىلىرىنىڭ ئالدىدا نامايەن بۇلىدىغانلىقىنى،  نىشانىنىڭ يەنىلا چىمپىيۇنلۇقنى ئېلىش ئىگەنلىگىنى تەكىتلىگەن.

ئەسلى مەنبە؛ ئۇيغۇر ۋاسكىتبول مۇنبىرى؛ http://waskitbol.com/forum.php

bityon3 يوللانغان ۋاقتى 2015-2-6 21:55:24

مۇنداق گۆش  يەپ چوڭ بولغان   ماھىرلارنىمۇ  جىقراق  ئالسا  بۇلاتتى .

paranghumar117 يوللانغان ۋاقتى 2015-2-6 22:09:08

گەپنىڭ راستنى ئېيىتسام بۇ پەسىلىىك مۇسابىقىسىنىڭ شىنجاڭغا مۇناسىۋەتلىك سەندوڭ،چىڭداۋ،فۇجىيەن،ئۈچ ئايلانمىسىنى كۆرۇپتىمەن! مىللى ھېسياتىم ھەرقانچە تۇرۇپ كەتسىمۇ شىرئەلى ھالقىلىق رول ئوينىدى دىيىشكە يۈزۈم چىدىمايدۇ! دىيارىمىزنىڭ گېپىنىى قىلغاندا پەقەت قىرانبىك ھەممە جەھەتتە كىشىنى رازى قىلدى!

paranghumar117 يوللانغان ۋاقتى 2015-2-6 22:13:05

ئاندىرى بىراچ بىلەن تېفلىر چاتئەللىك، مۇلاھىزاە سىرتىدا. جوچى كىچىكلىكىگە باقماي جىق ئىش قىلدى! تاڭجىڭدوڭنىڭ نىمىشقا جىق چىقمىغىنىنى چۈشەنمىدىم! بەزى سەۋەبلەردىن كۆرە تېرىنىر جىق خاتالىق سادىر قىلدى

paranghumar117 يوللانغان ۋاقتى 2015-2-6 22:14:34

باللا ،قېرانبېك ماقان، ماقان سىيىتقامزا بىلەن ئۇرۇق تۇققانما؟

يوللانغان ۋاقتى 1970-1-1 06:00:00

بەت: [1]
: شىنجاڭ گۇاڭخۇي ۋاسكېتبول كۇلۇبى يۇقۇرى قاتلىمىدا ئۆزگۇرۇش بولدى