hakaniye يوللانغان ۋاقتى 2015-2-5 21:12:32

رىماتىزىم كىسىلىگە كۆرسەتمە بەرسەڭلار

ئايالىمنىڭ پۇتىدا رىماتىزىم ۋە بۇينىدا سۆڭەك ئۆسۈپ قىلىش كىسىلى بارتى قىشتىكى ئاراسالدا ۋاقىتتىن پايدىلىنىپ خۇتەندىكى تىۋىپلىرىمىزگە بۇلامدۇ ئاپپىرىپ داۋالىتاي دىگەنتىم تۇردىكى تىۋىپلىرىمىز ھەم خۇتەندىكى تۇرداش قېرىنداشلىرىمىز ئەقىل بەرسە بۇپتىكەن.رىماتىزىم قىشتا ئۆزىنى كۆرسىتىدىغان كىسەل بۇلغاندىكىن مۇشۇ تۇغرىسىدىكى مۇلاھىزە ئۇمىيمىلىققا ئىگە ئىش بۇلۇپ قالاتتى ئەقىلنى ئايىمىغايسىزلەر.

bendora يوللانغان ۋاقتى 2015-2-5 22:00:22

بىر دورا دەپ بەرسەم ئىشلىتىپ باقامسىز؟   节节乐 دەپ بىر دورا بار، مەخسۇس تور بېتىدىن ئېلىڭ، ئاۋۋال قوزغاپ قويىدۇ ئەمما كېيىنكى پايدا قىلىشىغا ھېچنىمە توغرا كەلمەيدۇ.    ئەمما خاتالىشىپ تاۋباۋدىن ئەپ يۈرمەڭ، ئۆزىنىڭ مەخسۇس سېتىش ئورنىدىن ئالىسىز بىر قېتىمدا 5تىن تۆۋەن ساتمايدۇ.

ArpatKurban يوللانغان ۋاقتى 2015-2-5 22:28:54

ئىشقىلىپ قويمىچىغا ئۇچىراپ قالماڭ، ئىشەنچىلىك نوچى نەرسىلەرنى ئىشلىتىڭ، ساقلىق يار بولسۇن.

begir يوللانغان ۋاقتى 2015-2-6 07:45:54

andir يوللانغان ۋاقتى 2015-2-6 09:22:51

ئاۋال ئاشقازاننى ،يۈرەكنى ئاساس قىلىپ رىماتىزىمنى داۋالاڭ  

mohsin يوللانغان ۋاقتى 2015-2-6 12:30:18

bendora يوللىغان ۋاقتى  2015-2-5 22:00 static/image/common/back.gif
بىر دورا دەپ بەرسەم ئىشلىتىپ باقامسىز؟   节节乐 دەپ بىر دو ...

سىز دىگەن بۇ دورا  رىماتىزىمنىڭ دورىسىمۇ سۆڭەك ئۆسۈپ قېلىش ( زىڭ سىڭ ) نىڭ دورىسىمۇ ؟  ياكى ھەر ئىككىسىگە بولامدۇ ؟  ئېنىقراق چۈشەنچە بەرسىڭىز .   يېقىندىن بۇيان بىر قولۇم تېلىپ ئاغرىيدىغان بولۇپ قېلىپ تەكشۈرتسەم ( CT )  بويۇن ئۇمۇرتقىلىرىمدا ئۆسۈۋېلىش باركەن .

asman يوللانغان ۋاقتى 2015-2-6 12:35:13

ئايالىڭىزدىكى رېماتىزىم كېسىلى ئېرسىيەتلىكمۇ ياكى؟...

106 يوللانغان ۋاقتى 2015-2-6 13:00:38

ئايالىڭىزنىڭ رىماتىزىم كېسىلىنى ئۇيغۇر تىبابىتىدە تەلتۆكۈز ساقايتقىلى بولىدۇ. باشقا قالايمىقان دورىلارنى ئىشلەتمەي تۇرۇڭ. قىسقا ئۇچۇرغا ئۇچۇر قالدۇراي. بەك يىزىپ كەتسەك باشقۇرغۇچىلار بولالماي ئۆچۈرۈپ تاشلايدىكەن.

106 يوللانغان ۋاقتى 2015-2-6 13:11:21

http://image.baidu.com/i?ct=503316480&z=0&tn=baiduimagedetail&ipn=d&word=%E6%8B%94%E7%BD%90%E5%99%A8&step_word=&pn=12&spn=0&di=138874192380&pi=&rn=1&is=&istype=&ie=utf-8&oe=utf-8&in=28957&cl=2&lm=-1&st=&cs=1938313419%2C1606116258&os=258236933%2C252174122&adpicid=0&ln=1000&fr=&fmq=1423206610383_R&ic=&s=&se=&sme=0&tab=&width=&height=&face=&ist=&jit=&cg=&objurl=http%3A%2F%2Fimage.sonhoo.com%2Fuserpic%2Fsql999%2F3049882008723151234.jpg&fromurl=ippr_z2C%24qAzdH3FAzdH3Fu551_z%26e3Bf5gi55_z%26e3Bv54AzdH3Fr6517vpfi5oAzdH3Fr6517vp_dd8b90_z%26e3Bip4s

106 يوللانغان ۋاقتى 2015-2-6 13:12:18

http://image.baidu.com/i?ct=503316480&z=0&tn=baiduimagedetail&ipn=d&word=%E6%8B%94%E7%BD%90%E5%99%A8&step_word=&pn=12&spn=0&di=138874192380&pi=&rn=1&is=&istype=&ie=utf-8&oe=utf-8&in=28957&cl=2&lm=-1&st=&cs=1938313419%2C1606116258&os=258236933%2C252174122&adpicid=0&ln=1000&fr=&fmq=1423206610383_R&ic=&s=&se=&sme=0&tab=&width=&height=&face=&ist=&jit=&cg=&objurl=http%3A%2F%2Fimage.sonhoo.com%2Fuserpic%2Fsql999%2F3049882008723151234.jpg&fromurl=ippr_z2C%24qAzdH3FAzdH3Fu551_z%26e3Bf5gi55_z%26e3Bv54AzdH3Fr6517vpfi5oAzdH3Fr6517vp_dd8b90_z%26e3Bip4s

bendora يوللانغان ۋاقتى 2015-2-6 19:23:31

mohsin يوللىغان ۋاقتى  2015-2-6 12:30 static/image/common/back.gif
سىز دىگەن بۇ دورا  رىماتىزىمنىڭ دورىسىمۇ سۆڭەك ئۆسۈپ  ...

ئاپام مەن ئوقۇۋاتقاندا بۇيرۇتۇپ ئەكەلدۈرۈپ ئىچكەن دورىتى بۇ، ھازىرغىچە 5~6يىلچە بوپتۇ. ئاپامنىڭ بەل ئومۇرتقا تەخسىسى چىقىپ قالغان، سۆڭەك ئۆسۈپ قالغان دەپ بىر توقاي سۆڭەك كېسىلى بارتى دەڭە، يېرىم پالەچ بوپمۇ قالغان ئارلىقتا ياتسا قوپالماي قوپسا ياتالماي دېگەندەك،شۇنىڭ بىلەن ئاپام ئىچتى بۇ دورىنى، ئاندىن بۇ دورىنى ئەتراپىدىكى رېماتىزىم كېسىلى بارلارغىمۇ تەۋسىيە قىلدى، ئۇلارمۇ ئىچىپ بېقىپ ۋاي بولىدىكەن دېيىشىپ ازىرغىچە ئىچىشىۋاتىدۇ شۇ...
سىزگىمۇ ئۈنۈم قىلىدۇ ئەمسە، بىراق ئاۋال قى بىر نەچچە كۈندە قوزغاپ قويىشى مۇمكىن، ھودۇقماڭ، شۇنداق بىر چېقىۋېلىپ ئاندىن داۋالاشقا چۈشىدىكەن بۇ تومۇچى دورا.
يەنە بىرسى  بۇ دورىنى باشتا ئىچكەندە ئۈچ ئاي ئىچىپ ئارلىقتا ئۈچ ئاي توختاپ يەنە ئۈچ ئاي ئىچىسىزغۇ دەيمەن، ئىشقىپ ئاپام ھازىر داۋاملىق ئىچمەيدۇ، بۈگۈنى ئاغرىيدىغانغا شەپە بەرسە ئۈچ تال ئىچىپ قويىدۇ ئەتىسى يەنە ئاتتەك چاپچىپ يۈرىدۇ. ماشااللە

mohsin يوللانغان ۋاقتى 2015-2-6 19:36:36

bendora يوللىغان ۋاقتى  2015-2-6 19:23 static/image/common/back.gif
ئاپام مەن ئوقۇۋاتقاندا بۇيرۇتۇپ ئەكەلدۈرۈپ ئىچكەن دو ...

رەھمەت ،

مومكىن بولسا بۇ دورىنىڭ چۈشەندۈرۈشلىرىنى كۆرۈپ باقسىڭىز ،   مەندە رىماتىزىم يوق دەڭا ،  شۇڭا پۇت - قولۇمدا رىماتىزىمنىڭ خاس ئاغرىقلىرى يوق ، نەم ھاۋادا ئاغرىيدىغان ... دىگەندەك .   
پەقەت ئىڭىشىپ كۆپ كىتاب كۆرگەننىڭ سەۋەبىدىن ئوخشايدۇ ، بويۇن ئۇمۇرتقامدا سۆڭەك ئۈسۈۋېلىش باركەن ،  تەكشۈرۈپ خېلى ئېغىر دەيدۇ .  بۇ  دورا جوڭيى دورىسىمۇ ؟  زادى رېماتىزىمغا خاسلا دورىمۇ ياكى سوڭەك ئۆسۈشكىمۇ پايدىسى بارمۇ ئېنىقراق بىلسەم بولىتى .

bendora يوللانغان ۋاقتى 2015-2-6 19:39:20

mohsin يوللىغان ۋاقتى  2015-2-6 19:36 static/image/common/back.gif
رەھمەت ،

مومكىن بولسا بۇ دورىنىڭ چۈشەندۈرۈشلىرىنى ك ...

دېدىمغۇ ئاپامنىڭمۇ با شۇ زېڭ سىڭ .  خەنزۇچە دېسەم چۈشىنەمسىز يا   :lol ، ئىشقىلىپ سۆڭەك ھەققىدىكى ئىشلاغا پايدا قىلىدىكەن.

gewala يوللانغان ۋاقتى 2015-2-6 20:03:13

مىنىڭ پۇتۇمدىمۇ مۇشۇنداق رىماتىزىمغا ئوخشايدىغان ئەھۋال بار، ئۇزاق يول مېڭىپ قالسام ياكى پۇتۇم نەم تارتىپ قالسا پۇت پاقالچاق سىقىراپ ئاغرىيدۇ سول پۇتۇمدا بەك ئېغىر ، دوختۇرخانىغا بېرىپ بىرمۇنچە تەكشۈرۈش قىلغان ،رىماتىزىم يوقكەن دەپ دىئاگنوز قويدى ،ئەمىسە نىمىشقا ئاغرىيدۇ دىسەم  ئۇ بۇ دەپ تايىنى يوق گەپ قىلىپ ئولتۇردى ، بەرگەن دورىمۇ پايدا قىلمىدى. بەك ئاغرىپ كەتكەن كۈنلىرى ھېلىقى ئوت كىتىدا دىگەن مەلھەمنى سۈركەپ پۇتۇمغا قىززىق ئۆتكۈزۈپ بىر ئۇخلاپ قوپسام ئوڭشىلىپ قالىدۇ. ياخشىراق بىر دورا بولسا تەۋىسىيە قىلساڭلار بولاتتى.

bityon3 يوللانغان ۋاقتى 2015-2-6 22:06:21

节节乐   بۇلىدىغان  دارا  ئۇخشىمامدۇ .

bityon3 يوللانغان ۋاقتى 2015-2-6 22:14:33

http://www.jiejiele.com/products_index/&FrontComContent_list01-1323843065962ContId=7&comContentId=7.html

بۇ  دارا  شېركىتىنىڭ ئادرىسى .

106 يوللانغان ۋاقتى 2015-2-7 08:27:48

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   106 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-2-7 09:56  

gewala يوللىغان ۋاقتى  2015-2-6 20:03 static/image/common/back.gif
مىنىڭ پۇتۇمدىمۇ مۇشۇنداق رىماتىزىمغا ئوخشايدىغان ئەھ ...

نىمە پايدا قىلسا شۇ ياخشى دورا. ئاشۇ «ئوت كېتىدا»نى مەن پەقەت كۆرەپ باقمىدىم. ئۆيۈمدە تىلۋىزور توختاغلىق. لېكىن ئات مىيى، ئات قىزىسى، قەلەمپور مىيى دىگەندەكلەرنى تويۇڭبۇغا تولا توشۇش جەريانىدا ھەممىسى« ۋاخ ئوت كېتىدانى ئەۋەتكىلى تۇرۇپسىزدە»دەپ كۈلىدۇ.باشقا شەھەردىكى دوستلىرىم بەك جىق بۇيرۇپ كەتتى يۇقارقى نەرسىلەرنى. قىشتا بىرەر ئىككى قېتىم ئات گۆشى، ئات قىزىسى يەپ بەرسە بەك پايدىسى بار ئىدى. بەدەندىكى سوغۇق يەلنى ھەيدەيتى. لىكىن قىشمۇ ئاخىرلىشىپ قالدى مانا.
جاھاندا دورا جىق. ئۇنىمۇ ماختايدۇ، بۇنىمۇ ماختايدۇ، لېكىن تەن ئۆزىڭىزنىڭ، بەك جىق دورا يەۋەتسىڭىز ئاشۇ بىر تال بۆرەككە سەل يۈز كېلەلمىگەندەك بولۇپ قالىسىز. بىز يېڭى خىزمەتكە چۈشكەن چېغىمىزدا «ئۇ يەرىم ئاغرىيدۇ بۇ يەرىم ئاغرىيدۇ »دىسەك  چوڭلار« 40ياشتىن بۇرۇنقى ئاغرىقنىڭ ھەممىسى يالغان ئاغرىق » دەيدىغان. دىمىسىمۇ 40تىن ئاشقاندا بۇرۇنقىغا راستىنلا ئوخشىماي قالىدىكەن ئادەم. دىئابىت، يۇقۇرى قان بىسىم ، قاندا ماي ماددىسى يۇقۇرى بولۇش، تاجىسىمان يۈرەك كېسىلى دىگەندەك بىرقاتار چاقىرمىغان مىھمانلارنىڭ بىرەرسى بىزنى يوقلاپ قالسا  يەنە شۇ دورا ئىچىدىغان گەپ. ئەڭ ياخشىسى مۇشۇنداق سىرتتىن داۋالايدىغان، يىمەكلىك ئارقىلق داۋالايدىغان ئۇسۇللارنى تاللاپ  پەرھىزنى ياخشى قىلىپ داۋالاش مەقسىدىگە يىتىشنى تاللىغان ياخشى. شۇ پۇتىڭىز ئاغرىسا پۇت تەرەپنى ئىسسىق تۇتۇڭ، يەللىك نەرسىنى ئاز يەڭ. پات- پات قايناقسۇنى مۇزلىتىپ پۇتىڭىزنى چىلاپ بىرىڭ. قايتا قوزغالمايدۇ.

106 يوللانغان ۋاقتى 2015-2-7 08:31:34

mohsin يوللىغان ۋاقتى  2015-2-6 19:36 static/image/common/back.gif
رەھمەت ،

مومكىن بولسا بۇ دورىنىڭ چۈشەندۈرۈشلىرىنى ك ...

راستىنلا سۆڭەك ئۆسىۋالغان بولسا دورا يىگەنگە كىرىپ كەتمەيدۇ.  ئىڭىشىپ كىتاپ ئوقىغانغىلا بۇنچىۋالا بولۇپ كەتمەس. ئۇۋىلاپ بىرىش، لوڭقا قويۇش ئارقىلىقمۇ ئەسلىگە كەلتۈرگىلى بولىدۇ. لوڭقىنىڭ رەسمىنى يوللىسام ھەجەپ چىقمىدا؟

terjime يوللانغان ۋاقتى 2015-2-7 10:17:41

节节乐 دىگەن دورا كىمدە بار ھازىر ؟ ياكى ئۈرۈمچىدە سېتىش ئورنى بارمۇ ؟ بىرسى بەل سۆڭەك ئۆسۈش سەۋەبىدىن ېيتىپ قالغان ، بايا ئىنكاستىن كۆرۈپ تور بەتكە كىرسەم 5-چىسلادىن 28-چىسلاغىچە چاغان مۇناسىۋىتى بىلەن مال ئەۋەرتەلمەيدىكەن . بىر قۇتا سېتىپ بەرسەڭلار يەپ تۇرسا بوپتىكەن . ئورنۇم ئۈرۈمچىدە ، قسىقا ئۇچۇر قىلساڭلار بېرىپ ئېلىۋالىمەن .
بەت: [1]
: رىماتىزىم كىسىلىگە كۆرسەتمە بەرسەڭلار