بىر دېھقان 7.5kg ئېغىرلىقتىكى ئالتۇن تېپىۋالدى
بىر دېھقان 7.5kg ئېغىرلىقتىكى ئالتۇن تېپىۋالدىئەرقال تاراتقۇسى تەييارلىدى www.erqal.com
1-ئاينىڭ 30-كۈنى كەچقۇرۇن، بورتالا ئوبلاستى جىڭ ناھىيەسىدە بىر دېھقان ئويلىمىغان يەردىن 7.85 كىلوگرام ئېغىرلىقتىكى بىر پارچە ئالتۇن تېپىۋالغان.
ئالتۇننى تېپىۋالغان بىر دېھقان كىشى بولۇپ، تۇرمۇشى ئانچە باياشات ئەمەس ئىكەن، بۇ بىر پارچە ئالتۇن ئۇنىڭ بۇ يىللىق مول-ھۇسۇلى بولۇپ قالغان. ئىگىلىنىشىچە، ئالتۇن يەرنىڭ ئۈستىدىلا بايقالغان.
مەزكۇر تەبىئىي ئالتۇننىڭ ئۇزۇنلۇقى 23 سانتېمىتىر، ئەڭ كەڭ يېرى 18 سانتېمىتىر، ئەڭ قېلىن يېرى تەخمىنەن 8 سانتېمىتىر ئىكەن. تېخىمۇ غەلىتە يېرى، مەزكۇر تەبىئىي قاشتېشى قول ھۆنەر سەنەئەت بۇيۇمىغا ئوخشاپ كېتىدىغان بولۇپ، ئوخشىمىغان نۇقتىدىن تۇرۇپ كۆزەتكەندە ھەرخىل شەكىللەرگە ئوخشاپ كېتىدىكەن.
مەن بولغان بولسام ھېچكىمگە دېمەيتىم :lol چۆچەك ۋىلايىتىدىكى بىر چارۋىچى ئىكەنغۇ ، قارىغاندا قازاق بولسا كىرەك .
يازما ئىگىسى ،ئەرقال دىتالىنى چۈشۈرۈپ ئىشلىتىۋاتاتتىم ، ئىككى ھەپتە بولدى ھىچقانداق ئۇچۇر كەلمەس بۇلۇۋالدى . نىمىشقا بۇنداق بۇلىدۇ ؟ قانداق قىلسام ئوڭشىلىدۇ ؟ ئالتايدىكى بىر چارۋىچى تىپىۋاپتۇ دەۋاتقانتىغۇ ئالتۇن دۆلەت نىڭ مەلۈم كىشىلەر تەرىپىدىن ئېگىلىۋېلىنمىسىلا مىليونىر بولۇپ كەتكۈدەكتە بۇ ئادەم. ئالتۇن ئوغورلىنىڭ ئالتۇن كاندىن ئوغورلىغان ئالتۇنى چۇشۇپ قاپتىكەندە ئىسىت مەن تىپىۋالغان بولسام دادۇيگە ئەكىرىپ بىرىپ لەۋھە تۇتۇپ دەنشىگە چىقىپ بىر ھەپتە ماختىلاتتىم ،مەھەللىدىكى قىزلار كورۇك ياخشى ئادەمكەن دەپ كەينىمدىن قارىشىپ كىتەتتىدە ۋەلسپىت بىلەن ئوتۇپ كەتسەم ئالدىدىن،،:funk: kuwruk يوللىغان ۋاقتى 2015-2-5 17:44 static/image/common/back.gif
ئالتۇن ئوغورلىنىڭ ئالتۇن كاندىن ئوغورلىغان ئالتۇنى چ ...
ئۇنداق قاراملىق قىلساڭ پەرىدىن تاياق يەيسەن كۆۋرۈك، مۇشۇ ئىنكاسنى كۆرۈپ قالسىمۇ ئىشىڭ چاتاق. كىچىك چاغلىرىمدا قوي باققاچ تاغ ئارىلىرىدا مۇشۇنداق ئالتۇن ئۇچراپ قالسىكەن دەپ ئارزۇ قىلىپ ھەممە يەرنى ئىزدەپ ماڭاتتىم. :lol خۇدايىم بېرىپتىغۇ بۇ ئەدەمگە تېپىۋېلىپ نېمە قىلىدۇ دەيمەن، سېتىۋەتسىلا ئىش تۈگەيدىكەنغۇ؟ بۇنداق يايلاقلاردىن تىپىۋالغان ئالتۇنلارنى ھۆكۆمەتكە تاپشۇرسا، قانداق بىر تەرەپ قىلىدىغاندۇ؟
تاراتقۇلاردا ھۆكۆمەت ماشىنىلىرىنى ئىسلاھ قىلىش، كىم ئارتۇق قىلىپ سىتىش جەريانلىرىدىمۇ، ناتوغرا ئىشلار بولدىمۇ نىمە؟
مەسىلەن: ھۆكۆمەت ماشىنىسىنى ساتقان پۇلنى ئاشكارلىماسلىق، كىمگە ساتقىنىنى ئاشكارلىماسلىق قاتارلىق ئىشلاردا مەسىلە بار ئوخشايدۇ. كىچىك ۋاقىتلىرىمدا مەھەلىدە بىر ئادەم باتتى .چوڭ تەرەت قىلىپ ،تەرىتىنى ياغاچ بىلەن مالتىلاپ يۈردىغان،چوڭلارنىڭ دىيىشىچە ،بۇ ئادەم كەچتە باشقا مەھەلىگە كىنو كۆرگىلى بىرىپ ،يانىشىدا قۇمۇشلۇقتىن مانا مۇشۇنداق يوغان (ئاتنىڭ بېشىدەك بار دەپ تەسۋىرلەپ بەرگەن )ئالتۇن تېپىۋاپتۇ،تېپىۋالغاندا بۇ ئىشنى ئۈچ كۈنگىچە باشقا ئادەمدىن مەخپى تۇتاي دەپ ،ئالتۇننى باشقا يەرگە يۈتكەپ كۈمۈپ قۇيۇپتۇ.ئەمما ئۈچ كۈندىن كىيىن پۈتۈن قۇمۇشلۇقنى ئاستۈن-ئۈستۈن قىلۋىتىپمۇ بۇ ئالتۇننى تاپالماپتۇ.شۇنىڭ بىلەن چوڭ تەرەت قىلىپ ،شۇنى ياغاچ بىلەن ،ئاۋۇ يەردىمىدۇ؟ ماۋۇ يەردىمىدۇ،مانا تاپتىپ دەپ مالتىلايدىغان بۇلۇپ قاپتۇ.ئىشقىلىپ چوڭلاردىن ،ئۇ ئادەم نىمە بولغان دەپ سورىساق ؟!! مۇشۇنداق چۆچەك خارەكتىرىنى ئالغان ھىكايىنى ئېتىپ بىردىغان. شەكلى جوڭگۇ خەرىتىسىگە ئوخشايمىش ئۇنداق بايلىق دۆۋلەتكە تەۋە بۇلىدۇ،مۇشۇنىڭغا ئۇخشايدىغان خەنسۇچە خەۋەرلەردە شۇنداق دىگەنلىكى ۋە شۇنداق ئىجرا قىلغانلىقى ئىسىمدە بار qassap يوللىغان ۋاقتى 2015-2-5 18:26 static/image/common/back.gif
كىچىك چاغلىرىمدا قوي باققاچ تاغ ئارىلىرىدا مۇشۇنداق ...
ئەپسۇس قوي مايىقىدىن باشقا نەرسە تېپىلمايتى:lol مەن بۇندىن كىيىن كەتمەن چاپقاندا كالامپايلىق قىلماي دىققەت قىلىپ چاپسام بولغىدەك . يەنە يول ماڭغاندا ھەم يولغا قاراپ ماڭاي . ماڭا ئۇچرىغان بولسا سېتىپ خوتۇن ئالاتتىم.
بەت:
[1]
2