aqhun يوللانغان ۋاقتى 2015-2-5 14:16:53

لىمفا ئۆسمىسى ۋە يىمەك -ئىچمەك بىخەتەرلىگى توغرىسىدا پاراڭلاشساق

يېقىندا 14ياشلىق ئوغلۇمغا لىمفا ئۆسمىسى دەپ دىئاگنۇز قويۇلۇپ ،ئۆسمە كىسەللىكلەر دۇختۇرخانىسىدا داۋالىتىۋاتىمىز .بوينىنىڭ سول تەرەپ قۇلاق ئاستى 4*5 سانتىمىتىر ئەتراپىدا ئۆرۈك ئۈچكىسىدەك ئىششىپ چىققان بۇلۇپ ،بالامدا قىززىش،تەرلەش ،ئىشتىھاسى تۇتۇلۇپ ئورۇقلاش دىگەندەك ئالامەتلەر كۆرۈلمىگەن ،قان تەكشۈرۈشتىمۇ ھېچقانداق مەسىلە چىقمىغان ،ئاخىرى بويننى ئوپىراتسىيە قىلىپ ،ئەۋرىشكە ئېلىپ تەكشۈرۈپ لىمفا ئۆسمىسى 混合型霍奇金淋巴瘤(كەچۈرۈڭلار ،ئۇيغۇرچىسىنى ئۇقمايدىكەنمەن) دەپ دىئاگنۇز قۇيۇلدى ۋە خېمىيەلىك داۋالاش ئېلىپ بېرىپ 2-باسقۇچقا كەلدى .
دۇختۇرخانىدا داۋالىتىش جەريانىدا مەن ئوخشاش كېسەللىك بىمارلارنىڭ يىمەك -ئىچمەك ئادىتىنى سۈرۈشتۈرۈپ باقتىم .قەشقەردىن كەلگەن بىر بىمار ئۆزىنىڭ مۇشۇ كېسەلگە گىرىپتار بۇلۇشنىڭ ئالدىدا بازاردا پىشۇرۇلغان توخۇنى خۇمار بۇپقالغاندەكلا يىگەنلىگىنى سۆزلەپ بەردى .غۇلجىلىق يەنەبىر بىمار سىرتتا تىجارەت قىلىدىغان بۇلۇپ ، بوتولكىلىق سوغۇق  ئىچىملىكلەرنى  بەك كۆپ ئىچىدىغانلىقىنى سۆزلەپ بەردى .بالام يېنىمىزدىكى ۋاقىتتىمۇ توخۇ گۆشى تاماقلىرىغا ئالاھىدە ئامراق بۇلۇپ ، قاراماي 3-ئوتتۇرىدا شىنجاڭ ئىچى تۇلۇقسىز  ئوتتۇرا سىنىپىغا بارغاندىن كېيىنمۇ ئىككى كۈندە بىر دىگۈدەك توخۇ قورىمىسى بەرگەنلىكىنى دەيتتى (مەن چەكلەپ باققان بولساممۇ ،بالامغا ئامال يوقكەن .تەۋسىيەرىم :تۇرۇۋاتقان جايىمىزنىڭ ئۇقۇتۇش سەۋىيەسى تۆۋەن بولسىمۇ بالىلار جىسمانىي ۋە پىسخىك جەھەتتىن يېتىلىۋاتقان باسقۇچتا يېنىمىزدىن ئايرىمايدىغان ئىشكەن ،بۇ جەھەتتە مەن بىر خاتالىققا يول قۇيۇپتىمەن )،ئاندىن سوغۇق ئىچىملىكلەرنىمۇ كۆپرەك ئىچىپتىكەنتۇق .
ھورمۇن بىلەن بېقىلغان توخۇ ،بېلىق ،كالا-قوي گۆشلىرى ،ئەرزان باھالىق ئەخلەت يىمەكلىكلەرئەتراپىمىزدىلا ئىكەن ،خەنزۇچە تورلاردا غۇلغۇلا قىلىنىۋاتقان يىمەك -ئىچمەك بىخەتەرلىگى بىزدىن تېخى يىراقتا دەپ ئويلىساق ھەرگىز بولمايدىكەن  .
سۇرايدىغىنىم :لىمفا ئۆسمىسى دەپ دىئاگنۇز قۇيۇلغانلارنىڭ ھەممىسى يامان سۈپەتلىك بۇلىدىكەن ،شۇنداق تۇرۇقلۇق نېمىشقا لىمفا راكى دەپ ئاتىمايدۇ ؟ بۇ ئىككىسىنىڭ قانداق پەرقى بار ؟ ساقىيىش مۇمكىنچىلىگى قانچىلىك ؟(باشقىلاردىن ئاڭلىشىمچە بۇرۇن بايقالغانلىرىنىڭ ساقىيىش نىسبىتى خېلى يۇقىرىمىش )دۇختۇردىن چىققاندىن كېيىن ،يىمەك -ئىچمەكلەردە نىمىلەرگە دىققەت قىلىش كېرەك ؟ دۆلەت ئىچى ۋە خەلقئارادا بۇ كېسەل توغرىلىق تەتقىقات قەيەرگىچە ؟ بىلىدىغانلىرىڭلارنى ئايىمىساڭلار ،رەھمەت !

aqhun يوللانغان ۋاقتى 2015-2-5 14:21:19

يەنە بىرسى بالىلىرىڭلارنىڭ بويۇن ،قولتۇق ،شىراقلىرىغا ئىششىق پەيدا بۇپقالسا ،سەل قارىماي تەكشۈرتۈپ بېقىڭلار .

106 يوللانغان ۋاقتى 2015-2-5 14:55:31

ئاللا بالىڭىزنى ئۆز پاناھىدا ساقلىسۇن. مېنىڭمۇ ئوڭ تەرەپ قۇلىقىمنىڭ ئاستىدا بىر مونەك بار. لېكىن يىللارچە شۇ پىتىم تۇرىدۇ. يا قىززىمايمەن . شۇ تەرىپىمگە بىر ئەقىل چىش چىقىپتىكەن. شۇنىڭ تەسىرىدىن شۇنداق ئىشىپ قالدىمىكىن دەپ ئويلاپ قالدىم. بىكار بولسام شۇ چىشنى تارتقۇزۋەتسەم بولاتتى.
.ئۇيغۇر تىبابىتىدىكى ئۆسمە راكنىڭ دورىلىرىنى يەپ باقسۇن بولمىسا. «مۇرەككەپ مەجۇنى سبەرتان»نىڭ لىمفا راكىغا ماس كىلىدىغىنى بار. نەچچە ئايغۇچە دورىدا بىقىلغان توخو يەيدۇ. ئىشقىلىپ بۇ بەك كۈچلۈك دورا. ئۈچ خىل ھىلىلە پوستى، ئۇچقۇر پاقا قاتارلىق  قىممەت دورىلار بار. جەمى 36خىل دورا سېلىنىدۇ.

aqhun يوللانغان ۋاقتى 2015-2-5 15:15:57

106 يوللىغان ۋاقتى  2015-2-5 14:55 static/image/common/back.gif
ئاللا بالىڭىزنى ئۆز پاناھىدا ساقلىسۇن. مېنىڭمۇ ئوڭ تەر ...

رەھمەت . ئۇيغۇر تىبابەت دورىلىرىنى بىرىشنى مەنمۇ ئويلاشقان ،لېكىن دۇختۇرلار خېمىيىلىك داۋالاش مەزگىلىدە باشقىچە دورا بەرمەسلىكنى تاپىلىدى . دۇختۇرخانىدن رەسمى چىققاندا چۇقۇم ئويلىشىمەن ،سىزنىڭ ئورنىڭىز قەيەردە ؟

afiyfiy يوللانغان ۋاقتى 2015-2-5 15:21:02

بىلگەجان، تادۇبەگ، بىرزات... ۋە باشقا كەسىپ ئەھلىلىرى بىر نېمە دېسە بولغۇدەك...

aqhun يوللانغان ۋاقتى 2015-2-5 16:09:37

afiyfiy يوللىغان ۋاقتى  2015-2-5 15:21 static/image/common/back.gif
بىلگەجان، تادۇبەگ، بىرزات... ۋە باشقا كەسىپ ئەھلىلىرى ب ...

بىلگەجاننىڭ تەتقىقات يۆنۈلۈشى بۇ تەرەپتە بولمىسىمۇ ،لېكىن قىممەتلىك ۋاقتىنى چىقىرىشىنى ،باشقا تىۋىپ ،دوختۇرلارنىڭ مەسلىھەت بىرىشىنى چىن كۆڭلۈمدىن ئۈمىت قىلىمەن .

alim012 يوللانغان ۋاقتى 2015-2-5 16:47:03

ماۋۇ تېمىنى كۆرۈپ بېقىڭ!

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   alim012 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-2-5 16:49  

http://bbs.izdinix.com/forum.php?mod=viewthread&tid=60144&highlight=%D8%A6%D8%A7%D8%A8%D8%A7%D8%A8%DB%95%D9%83%D8%B1%D9%89

alim012 يوللانغان ۋاقتى 2015-2-5 16:47:54

http://bbs.izdinix.com/forum.php?mod=viewthread&tid=60144&highlight=%D8%A6%D8%A7%D8%A8%D8%A7%D8%A8%DB%95%D9%83%D8%B1%D9%89

salambay يوللانغان ۋاقتى 2015-2-5 16:51:20

ئاللاھ ئوغلىڭىزنىڭ كېسىلىگە شىپاھلىق بەرگەي…
بۇنىڭدىن 12 يىل بۇرۇن بىر ساۋاقدىشىمىزمۇ مۇشۇنداق كېسەل بولۇپ قاپتىكەن. كىسەل بولۇشتىن ئىلگىرى دوغ ئىچىشكە ئاجايىپ خۇمار بولۇپ قالغان، ياز كۈنلىرى كۈندە بىر ياكى بىر قانچە چىنە دوغ ئىچمىسە كۈنى ئۆتمەيتتى… ئازراق ئىچ دېسەك ئىچم قىززىپلا تۇرىدۇ دەيتتى. بۇرۇن ئائىلىسىدە ھەپتىدە بىرەر-ئىككى قېتىم توخۇ قورۇمىسى يەيمىز دىگەندەك قىلغان… بەلكىم كۆپ ئىستىمال قىلىنسا بەدەنگە زەرەرلىك نەرسىلەرنى ئۇزۇن مۇددەت ئىستىمال قىلىشمۇ خەتەرلىك ئوخشايدۇ.

afiyfiy يوللانغان ۋاقتى 2015-2-5 17:00:38

aqhun يوللىغان ۋاقتى  2015-2-5 16:09 static/image/common/back.gif
بىلگەجاننىڭ تەتقىقات يۆنۈلۈشى بۇ تەرەپتە بولمىسىمۇ ، ...

بىلگەجان بەك ئەستايىدىل بالا، بۇ تېمىنى كۆرسە چوقۇم ئىنكاس يازىدۇ.

aqhun يوللانغان ۋاقتى 2015-2-5 17:01:20

ھەممىڭلارنىڭ كۆڭۈل بۆلگىنىگە رەھمەت !بىر دادا ئۈچۈن پەرزەنتىنىڭ ....بولدىلا .

chataxchi يوللانغان ۋاقتى 2015-2-5 17:23:58

ئۇ 3_ئوتتۇرنىڭ ئاشخانىسىنى خېنەنلىك يولداشلار كۈتۈر ئىلىۋالغان  قوي كالا گۈشىدىن باشقىنى ئۆزلىرى ئەكىرىدۇ . كۈتۈر ئىلىۋالغان لوبەننىڭ سىڭلىسى  ئامبار باشقۇرغۇچى  شۇنىڭ دىگىنى دىگەن ئۇيەردە  پادىشاھ دىسىمۇ بۇلىدۇ  ئۇقۇغۇچىلارغا بولغان مۇئامىلىسىمۇ بەك ناچار ئۇخەقنىڭ . دىمىسىمۇ قوي كالا گۈشى مىللى لارنىڭ قۇلىدا بولغاچقا   تۇخۇ بىلەن  دۇفۇنى بەك  يىگۈزىۋىتىدۇ باللارغا      بوياندىكى بەز  شۇ  دۇفۇ  بىلەنمۇ  مۇناسىۋەتلىكمىكىن  دەيمەن  . ئىشقىلىپ  گەپ جىق   ئۈچ   مەكتەپ  ئىچىدە  10_ئوتتۇرنىڭ  ياخشاراق  بىر خوتەنلىك  ئادەم   مۇدىر بولغاچقا  باللاغا  بەك  كۈيۈنىدۇ .

aqhun يوللانغان ۋاقتى 2015-2-5 20:02:47

chataxchi يوللىغان ۋاقتى  2015-2-5 17:23 static/image/common/back.gif
ئۇ 3_ئوتتۇرنىڭ ئاشخانىسىنى خېنەنلىك يولداشلار كۈتۈر ئى ...

مۇنداق دەڭ.بۇ دورام مەكتىۋىگە بارسام مەيلى نەتىجىسى بولسۇن بولمىسۇن مۇشۇ تەرەپتىن ئۇلار بىلەن بىر دىيىشىپ باقاي .

bendora يوللانغان ۋاقتى 2015-2-5 20:44:22

106 مۇنبەردىشىمىزنىڭ دېگىنىنى سۈرۈشتۈرۈپ باقسىڭىز قانداق بولار؟  

aqhun يوللانغان ۋاقتى 2015-2-5 21:02:42

bendora يوللىغان ۋاقتى  2015-2-5 20:44 static/image/common/back.gif
106 مۇنبەردىشىمىزنىڭ دېگىنىنى سۈرۈشتۈرۈپ باقسىڭىز قاند ...

بۇ داۋالاش بىر نەچچە باسقۇچقا بۆلىنىدىكەن،دۇختۇرخانىنىڭ داۋالىشى ئاياغلاشسا ئۇ تەرەپتىنمۇ ئىزدىنىمەن. رەھمەت!

dadash يوللانغان ۋاقتى 2015-2-5 23:13:54

106 يوللىغان ۋاقتى  2015-2-5 14:55 static/image/common/back.gif
ئاللا بالىڭىزنى ئۆز پاناھىدا ساقلىسۇن. مېنىڭمۇ ئوڭ تەر ...

ماۋۇ دورىنىڭ ئەھۋالىنى ئوقۇپ، بىزنىڭ مەھەللىدىكى بىر ئايال يادىمغا يەتتى، 10 نەچچە يىلنىڭ ئالدىدا غۇلجىدىكى دوستلۇق ۋە ئۈرۈمچىدىكى تېببىي ئۇنىۋېرسىتىت دوختورخانىلىرىدا بىردەك ئەمچەك راكى دەپ دىياگنوز قويولغان ئىكەن، ئائىلە شارائىتى ناچارئىدى، يۇقۇرى سوممىلىق داۋالىنىشنى كۆتۈرەلمەي، باشقىلارنىڭ مەسلىھەتى بىلەن خوتەندە ئۇيغۇر تېبابىتىنىڭ داۋالىشىنى قۇبۇل قىلىپتىكەن...ئاپام رەھمەتلىك راك بىلەن تۈگەپ كەتكەن ۋاقتىدا (2011-يىلى 53 يېشىدا تۈگەپ كەتتى) ، شۇ ئايالنىڭ ھېكايىسىنى ئاڭلىغاندا سىز تىلغا ئالغان شۇ دورىنىڭمۇ گىپى بولۇنغان، بىرمۇنچە پەرىزلىرىمۇ بار ئىكەن... ئەيتاۋۇر ، شۇ ئايالنىڭ ئۇيغۇر تېبابىتىنىڭ ياردىمىدە بۈگۈنگىچە ساق تۇرۇشى، مېنىڭ ئۇيغۇر تېبابىگە بولغان بەزەن كۆز قاراشلىرىمنى ئۆزگەرتكەن..

aqhun يوللانغان ۋاقتى 2015-2-7 12:09:06

دۇختۇر بالامغا كالا قۇيرۇقىنى پىشۇرۇپ بېرىشنى بۇيرىدى، ئاقسىل جېق دەمدۇ

izqel يوللانغان ۋاقتى 2015-2-7 15:07:33

بۇندىن يەتتەئاي ئىلگىرى مىنىڭ قولتۇقۇمغا ياڭاقچەچوڭلۇقتا بەز ئۈنىۋالدى.باشتا قوڭى يوغان ئوخشايدۇ دەپ پەرۋا قىلماپتىمەن.كىيىن توخۇ تۇخۇمىدەك يۇغىناپ كەتتى،بىراق زادىلا ئاغىرىقنى سەزمەيمەن.بەزنى بەكىرەك مۇجىسام ئاندىن ئاغرىيدۇ.دوختۇرغا تەكشۈرتسەم ب تىپلىق ئاپپاراتتا مەلۇم بولدى،بەش دانە ياڭاق چوڭلۇقىدا بەز بىر يەرگە يەنى قولتۇقنىڭ تۈك چىقىدىغان يىرىگە ئۈنىۋاپتۇ.لېمفا بىزى ئىكەن دەيدۇ.ئۆيدە يۈردۈم بىر مەزگىل.كىيىن تەخمىنەن ئۇن بەش كۈنلەردىن كىيىن قورامىغا يەتكەن ئەرنىڭ قوش مۇشتىدەك بولۇپ كەتتى،بىر قارىسا سۆگەتنىڭ پوقىغىغا ئوخشايدۇ.بىراق رەڭگى قىنىق قىزىل.

ئوبلاستىلىق ئارمىيە دوختۇرخانىسىغا بارسامبۇ بەز كۆپىيىپ يەتتە بوپتۇ.جىددى ئوپىراتسىيە قىلىمىز دەپ قوپتى،مەيلى دىسەم كارۋات يوق.ئامالسىز يىنىپ چىقىپ ياتتىم ئۆيدە،يىگىرمە نەچچە كۈن تاماقتىن قالدىم.بەدەنە كۈچ يوق.كىين لېمفاغا قارىتا ئوكۇل سالدۇرۇپ بۇ بەز ئۆزلىكىدىن يوقاپ سېڭىشىپ كەتتى.كىين تاماقنى يەيدىغان بولدۇم.دوختۇر ماڭا بۇ لېمفا تۇبىركۇلىيۇز(جېخىر)بولىشى مۇمكىن،سەككىز ئاي دورا يەيسەن دىگەن،لىكىن بەش كۈنلۈك ئوكۇلدا ئوڭشىلىپ كەتتىم.

لېمفا دەپتىكەنسىز شۇ ئىشلار يادىمغا يەتتى.بۇ لېمفا قولتۇقتىن باشقا بۇيۇنغىمۇ چىقىدۇ دەيدۇ.نىمە سەۋەبتىن مۇشۇنداق بولىدۇ دىسەم ئىنىق جاۋاب يوق.پەرىزىمچە سوغۇقى ھەددىدىن ئارتۇق ئىشىپ كەتكەنلەردە كۆرۈلىشى مۇمكىن بىر كېسەلمىكىن.ماۋۇ لېمفا ئۆسمىسى دىگەننى بىلمەيدىكەنمەن.

cooloff يوللانغان ۋاقتى 2015-2-7 15:19:18

aqhun يوللىغان ۋاقتى  2015-2-5 14:21 static/image/common/back.gif
يەنە بىرسى بالىلىرىڭلارنىڭ بويۇن ،قولتۇق ،شىراقلىرىغ ...

شىراقلىرى دىگەن نىمىنى كۆرسىتىدۇ؟ مەن بىلمەيدىكەنمەن.

aqhun يوللانغان ۋاقتى 2015-2-7 20:29:57

مەنمۇ شۇ دەسلەپتە لىمفا يوبىركۇليوزى ئوخشايدۇ دەپ ،كۆكرەك كېسەللىكلەر دوختۇرخانىسىدا 10كۈندەك ياتقۇزغان .
بەت: [1] 2
: لىمفا ئۆسمىسى ۋە يىمەك -ئىچمەك بىخەتەرلىگى توغرىسىدا پاراڭلاشساق