رۇسىيەدە يېمەكلىك باھاسى كونتروللۇقنى يوقاتتى
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا ErqalMedia تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2015-2-5 11:40رۇسىيەدە يېمەكلىك باھاسى كونتروللۇقنى يوقاتتىئەرقال تاراتقۇسى تەرجىمە قىلدى
www.erqal.com
تاراتقۇلارنىڭ 2-ئاينىڭ 3-كۈنىدىكى خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، رۇسىيەدىكى يېمەكلىك باھاسى كونتروللۇقنى يوقاتقان بولۇپ، ھەتتا ھۆكۈمەت ئەمەلدارلىرىنى «ئاساسىي يېمەكلىكلەر» گە قارىتا باھانىڭ يۇقىرى چېكىنى بەلگىلەش ئارقىلىق پۇل پاخاللىقىنى تورمۇزلاشقا مەجبۇر قىلغان.
رۇسىيە مۇئاۋىن زۇڭلىسى Arkady Dvorkovich «بىز مەزكۇر چەكلەش چارىسىنى قانداق قىلىپ ئۈنۈملۈك ھالدا قانۇن قىلىپ تۇرغۇزۇشنى ئويلىشىمىز» دېگەن. ئۇ يەنە، ھۆكۈمەت بەلكىم «دۆلەت رىقابەت ئىشلىرىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش ئورگانلىرىغا تېخىمۇ چوڭ ھوقۇق بېرىپ ھازىر بار بولغان پارچە سېتىش بازارلىرىغا بولغان نازارەت قىلىپ باشقۇرۇشنى مەجبۇرى يۈرگۈزىدۇ» دېدى. لېكىن موسكۋا گېزىتىنىڭ خەۋىرىدە، «ئاساسى يېمەكلىكلەر» نىڭ كونكرېت دائىرىسى ئىزاھلانمىغان.
رۇسىيەنىڭ پۇل پاخاللىشىش نىسبىتى پۇل-مۇئامىلە كىرىزىسىدىن بۇيانقى ئەڭ يۇقىرى سەۋىيەنىڭ %11.4 ىگە يەتكەن، رۇسىيە ئىقتىساد مىنىستىرلىقى مۇئاۋىن مىنىستىرىنىڭ ئىككى ھەپتە بۇرۇن مۆلچەرىچە، پۇلنىڭ پاخاللىشىش نىسبىتى 3-ئايدا %17 كە يېتىدىكەن، غەرب دۆلەتلىرى يۈرگۈزگەن جازالاش تەدبىرىگە قارىتا، رۇسىيە ئۆچ ئېلىش ئۈچۈن غەرب دۆلەتلىرىدىن يېمەكلىك ئىمپورت قىلىشنى چەكلىگەن بولۇپ، رۇبلىنىڭ پېرېۋوت نىسبىتىنىڭ شىددەت بىلەن چۈشۈشى قوشۇلۇپ پۇل پاخاللىشىش نىسبىتىنىڭ ئۇچقاندەك ئۆرلەپ كېتىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان.
مەنبە : خېشۈن تورى | يوللىغان ۋاقىت : 05-02-2015
www.erqal.com بارىكاللا دەي دېسەم تېخى ،دېمەي دېسەم تېخى ...ھەي...ھەجەپ تەسكەن بۇ ئىنسان بولماق دېگەن بۇ تېمىغا ھەققانىيەتچىدىن بىرسى دەرھال لازىم:lol روسىيەدە ئوقۇۋاتقان بۇرادەرلىرىمنىڭ ئوقۇش مۇكاپات پۇلىنىڭ كۈچى ئاجىزلاپ كەتتى دىسە،
بۇندىن باشقا تەسىرىنى ئويلاپ يىتەلمىدىم ئۇدۇلۇمدىكى خىزمەتدىشىم تۈنۈگۈن بەك ئالدىراش بىر ئىش بىجرىپ كەتتى. خەنزۇ خىزمەتدىشىمىزنىڭ بانكا كارتىسىنى سوراپ كېلىپ بىرسىگە تىلپون قىلدى. «ۋاي نىمىگە بۇنداق ئالدىراش» دىسەم «قازاقىستاندىكى ئىنىم ماشىنا ئالماقچىكەنتۇق، شۇنىڭغا ئازراق پۇل ئۇرۇپ بەرمەكچى ئىدىم. روسىيەدە بىرنىمە بوپتىمىش:lol شۇڭا 300مىڭ كويلۇق ماشىنىلارنى يېرىم باھادا ساتقىلى تۇرۇپتۇ. بىزنىڭ ئىسمىمىڭىزنىڭ ئوتتۇرىسىدا چىكىت بولغانلىقى ئۈچۈن چەتئەلگە پۇل سالماق بەك تەسكەن. شۇڭا ئاۋۇ بالىنىڭ كارتىسىغا ئۇرۇپ شۇنىڭدىن سالىمەن» دەيدۇ. تارىخ كىتاپتا ئۆگەنگەن گومىنداڭ دەۋىرىدىكى پۇل پاخاللىقى ئىسىمگە كېلىپ قالدى، باغلام-باغلام پۇللارغا يېمەكلىك سېتىۋالىدىغان رەسىملەر باردەك قىلغان. :( ئامرىكا رىژىسسورلۇق قىلىپ قويولماقچى بولغان كومىدىينىڭ سىنارىيسى يىزىلىۋىتىپتۇ. بۇ ئوكيان تورىدىى خەۋەركەن.
106 يوللىغان ۋاقتى 2015-2-5 12:32 static/image/common/back.gif
ئۇدۇلۇمدىكى خىزمەتدىشىم تۈنۈگۈن بەك ئالدىراش بىر ئىش ...
بۇ قانداقتۇرقتۇر ئىش چىققانلېقتىن ئەمەس بەلكى روبلىنىڭ كۇرسىنىڭ چۇشۇپ كەتكەنلىگېدىن بۇرۇن بىر مېليونغا سېتىلغان ماشىنا ھازىرمۇ بىر مىليونبۇنى دوللارغا سۇندۇرسىڭىز يارىم باھا ئەرزان دىگەن گەپ abdushukur يوللىغان ۋاقتى 2015-2-5 14:03 static/image/common/back.gif
بۇ قانداقتۇرقتۇر ئىش چىققانلېقتىن ئەمەس بەلكى روبل ...
ئۇ قازاق خىزمەتدىشىممۇ ماڭا ئوخشاش ئايال كىشى.ئاياللار سىياسى خەۋەرلەرگە ئانچى قىزىقىپ كەتمەيمىزكەن. ئۇ سەۋەبىنى بىلسىمۇ ئۆزى بىلەن مۇناسىۋەتسىز ، ئىنىسىغا ئەۋەتىدىغان ئىشنى مۇھىم دەپ قاراپ دىيىشتىن ئېرىنگەندۇ. 106 يوللىغان ۋاقتى 2015-2-5 14:49 static/image/common/back.gif
ئۇ قازاق خىزمەتدىشىممۇ ماڭا ئوخشاش ئايال كىشى.ئايالل ...
;P ئىشقىلىپ ئۇمۇ ئايال تۇرۇپ،رۇسىيەدە چوڭ ئىش چىققانلىغىنى پەرق ئىتىپتۇ .بىراق مۇنبىرىمىزدىكى بەزىبىر ئەزالار ھازىرغىچە رۇسىيەدە بىر ئىش چىققانلىغىنى ئىتراپ قىلغىلى ئۇنىمايۋاتىدىغۇتاڭ؟:lol http://bbs.bozqir.top/forum.php?mod=viewthread&tid=6360
ئامېركىمۇ كۈچلىنىپ كىتىپتۇ . تېخىمۇ يامانلاشسۇن ، رۇسلەر يەنىلا پۇتىننى قوللامىدىكىن؟ قورساق مۇھىممۇ ۋەتەنپەرۋەرلىكمۇ شۇ ۋاقىتتا كۆرىمىز؟ «ئورۇس تەرەپلەرگە سودا ئىشى بىلەن چىقىدىغان تۇققانلىرىڭلار بولسا دەپ قويۇڭلار، بېلىگە نان تۈگمەي چىقسۇن. بولمىسا ناننى ئالىمىز دەپ ئۆلتۈرۈپ قويىدۇ ئاۋۇ ئورۇسلار» دەپ قويغۇم كېلىۋاتىدۇ ئۆزەمچە...... boran0998 يوللىغان ۋاقتى 2015-2-5 19:14 static/image/common/back.gif
«ئورۇس تەرەپلەرگە سودا ئىشى بىلەن چىقىدىغان تۇققانلىر ...
;P ھاھاھا ئۇنچىۋالا قورقۇتىۋەتمەڭ ئەمدى... arslan428 يوللىغان ۋاقتى 2015-2-5 19:03 static/image/common/back.gif
تېخىمۇ يامانلاشسۇن ، رۇسلەر يەنىلا پۇتىننى قوللامىدىك ...
ئۇكرائىنا زۇڭتۇڭى ش ئا ئە ت دىن قورال ياردىمى تەلەپ قىلدى
مەنبە : chinanews.com
جۇڭگو خەۋەر تورىنىڭ 2-ئاينىڭ 5-كۈنىدىكى خەۋىرى
ئامېرىكا «ۋاشىنگىتون كۈندىلىك پوچتا گېزىتى» نىڭ 5-چېسلا خەۋەر قىلىشىچە، ئۇكرائىنا زۇڭتۇڭى پوروشىنكو ش ئا ئە ت ئەزا دۆلەتلىرىدىن ئۇكرائىناغا قورال-ياراغ ياردىمى تەمىنلەشنى تەلەپ قىلدى. ئۇ مۇخبىرلارنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا مۇنۇلارنى بىلدۈردى، پۇقرالارنىڭ ئۆلۈش-يارلىنىش ئەھۋالى ۋە كۈنسېرى يامانلىشىۋاتقان ئىككى تەرەپ قوراللىق توقۇنۇشى ش ئا ئە ت نىڭ ئۇكرائىناغا قورال-ياراغ ياردىمى تەمىنلىشىنى تەلەپ قىلىدۇ.
ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارى 2-چېسلا مۇنۇلارنى بىلدۈردى، ئامېرىكا ھازىر ئۇكرائىناغا قورال-ياراغ ياردىمى تەمىنلەپ شەرقى قىسىم رايونىدىكى قوراللىق توقۇنۇشقا تاقابىل تۇرۇش مەسىلىسى ئۈستىدە قايتىدىن ئويلىشىۋاتىدۇ، بىراق بۇ جەھەتتە تېخى بىرەر قارار ماقۇللانمىدى.
پوروشىنكو زىيارەتنى قوبۇل قىلغاندا مۇنداق دېدى:«ھازىر داۋاملىشىۋاتقان قوراللىق توقۇنۇش بۈگۈن تېخىمۇ ئەۋجىگە چىقتى، پۇقرالارنىڭ ئۆلۈش-يارىلىنىش ئەھۋالى كۈنسېرى يامانلىشىۋاتىدۇ، بولۇپمۇ ۋولنوۋاكا (Volnovakha) ۋە دونىستىك رايونىدىكى تىرورلۇق ھۇجۇمى ۋە مارىيۇپول (Mariupol) رايونىدىكى زەمبىرەك ھۇجۇمىدىن كېيىن پۇقرالارنىڭ ئۆلۈش-يارىلىنىش ئەھۋالى تېخىمۇ يامانلاشتى ... بۇلارنىڭ ھەممىسى ش ئا ئە ت نىڭ ئۇكرائىناغا قورال-ياراغ ياردىمى تەمىنلىشىنى تەلەپ قىلىدۇ. ئىگىلىنىشىچە، پوروشىنكونىڭ زىيارەتنى قوبۇل قىلغان ۋاقىتتىكى ماتېرىيالى شۇ جاي ۋاقتى 5-چىسلا گېرمانىيە «دۇنيا گېزىتى» دە ئېلان قىلىنغان.
پوروشىنكو مۇنداق دېدى، ش ئا ئە ت نىڭ ئۇكرائىناغا قىلىدىغان ياردىمى زامانىۋى قورال-ياراغ بىلەن تەمىنلەشنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئېلىشى، بۇ ئارقىلىق روسىيىنىڭ ئۇكرائىناغا باسقۇنچىلىق قىلىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىشنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئېلىشى كېرەك.
پوروشىنكو يەنە مۇنۇلارنى تەكىتلىدى، ئۇكرائىنا تىنچلىققا ئىنتىلىدۇ، بىراق تىنچلىقنى چوقۇم قوغداش كېرەك، شۇنىڭ ئۈچۈن ئۇكرائىنا ھۆكۈمىتى ھازىر كۈچلۈك ئارمىيە ۋە يېڭى، زامانىۋى قورال-ياراغقا ئېھتىياجلىقتۇر.
مۇخبىر پوروشىنكودىن غەرب دۆلەتلىرى قاچان قورال-ياراغ بىلەن تەمىنلەشنى ئۇقتۇردىمۇ، دەپ سورىغاندا، پوروشىنكو مۇنداق دەپ جاۋاب بەردى، ئۇكرائىنا ھۆكۈمىتى يەنىلا نۇرغۇن ھەربىي ئىشلار، تېخنىكا ۋە كەسپى جەھەتتىكى ياردەمگە مۇھتاج، ئۇكرائىنا ھۆكۈمىتى بۇنداق ياردەملەرگە ئېرىشىش ئارقىلىق روسىيىنىڭ باسقۇنچىلىق ئۇرۇشىغا تاقابىل تۇرۇشى كېرەك.
ئۇ يەنە مۇنداق دېدى، خەلقئارا پۇل-فوندى تەشكىلاتى ھازىر ئۇكرائىناغا ئوتتۇرا مەزگىللىك قەرز بېرىشنى ئويلىشىۋاتىدۇ. بىز ئۇلارنىڭ بۇ جەھەتتە تىزراق بىرەر قارارغا ۋە ئەمەلىي ھەركەتكە كېلىشىنى ئۈمىد قىلىمىز، ئۇندىن باشقا يەنە ياۋروپا ئىتتىپاقى ۋە باشقا ھەمكارلاشقۇچى دۆلەتلەرنىڭ تېخىمۇ كۆپ ياردەملەرنى بېرىشىنى ئۈمىد قىلىمىز.
روسىيەگە ئوقۇشقا چىقسام، ئوقۇش پۇلى بىر ھەسسە ئەرزان بولسا ،مال باھاسى قىممەت بولسىمۇ دوللار قىممەت بولسا تەڭشىلىپ كەتسە، ئەرزان ئوقۇپ كېلەرمەنمۇ دەپ ئويلاپ قالدىم -- ئۆزەمچە ... ئىش قىلىپ بۇ يېڭىلىق ئەمەس دەپ ئويلىدىم - ئۆزۇمچە 106 يوللىغان ۋاقتى 2015-02-05 12:32:43 static/image/common/back.gif
ئۇدۇلۇمدىكى خىزمەتدىشىم تۈنۈگۈن بەك ئالدىراش بىر ئىش
بىزنىڭ ئىسمىمىزنىڭ ئوتتۇرىسىدا چېكىت بولغانلىقى ئۈچۈن بەزى ئىشلاردا بەك ئاۋارە قىلىدۇ ئادەمنى ! مېنىڭ شەخسى يانچۇقۇم بىلەن قانچىلىك مۇناسىۋېتى باردۇر دەپ ئويلاپ كەتتىم ئۆزەمچە.
بەت:
[1]
2