رۇسىيە نېفىت شىركىتى نېفىت سېتىپ قەرز قايتۇرماقتا
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا ErqalMedia تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2015-2-5 11:34رۇسىيە نېفىت شىركىتى نېفىت سېتىپ قەرز قايتۇرماقتا
ئەرقال تاراتقۇسى تەرجىمە قىلدى www.erqal.com
رۇسىيەدىكى ئەڭ چوڭ نېفىت ئىشلەپچىقىرىش شىركىتى-رۇسىيە نېفىت شىركىتى (Rosneft) شىۋېتسارىيە سودا شىركىتى Trafigura غا نېفىت سېتىش ئارقىلىق 7 مىليارد ئامېرىكا دوللىرى مەبلەغ توپلاپ ۋاقتى توشاي دەپ قالغان قەرزنى قايتۇرۇشقا ئىشلەتكەن.
2-ئاينىڭ 13-كۈنى، رۇسىيە نېفىت شىركىتى 7 مىليارد ئامېرىكا دوللىرى بانكا قەرزىنى قايتۇرۇشى كېرەك بولۇپ، ئۇزۇن مەزگىللىك مەبلەغ ئۇيۇشتۇرۇش يوللىرى چەكلىمىگە ئۇچرىغاچقا، شىركەت قىسقا مەزگىللىك (30 كۈنلۈك) مەبلەغ ئۇيۇشتۇرۇش ئارقىلىق 7 مىليارد ئامېرىكا دوللىرى قەرزنى قايتۇرۇشنى ئويلاشقان.
رۇسىيە نېفىت شىركىتىنىڭ بۇ ھەرىكىتى قىممىتى توختىماي چۈشۈۋاتقان رۇبلىغا غايەت زور بېسىم ئېلىپ كەلگەن. رۇسىيە نېفىت شىركىتى دۆلەت ئىچىدىكى زايوم بازىرىدا سوممىسى 600 مىليارد رۇبلى (تەخمىنەن 9 مىليارد ئامېرىكا دوللىرى) دىن ئاشىدىغان مەبلەغ ئۇيۇشتۇرغان بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدىكى كۆپ قىسىم مەبلەغنى شىركەتنىڭ چەتئەللەردىكى قەرزىنى قايتۇرۇشقا ئىشلەتكەن. بۇندىن بۇرۇن، رۇسىيە مەركىزى بانكىسىنىڭ بانكا باشلىقى Elvira Nabiullina رۇسىيە نېفىت شىركىتىنى قاتتىق ئەيىبلەپ، رۇسىيە نېفىت شىركىتىنىڭ بۇ قىلمىشى رۇبلى قىممىتىنىڭ چۈشۈپ كېتىشىگە غايەت زور بېسىم ئېلىپ كەلگەنلىكىنى ئېيتقان، ھالبۇكى رۇسىيە مەركىزى بانكىسى يېقىنقى بىرقانچە ئايدىن بۇيان رۇبلىنىڭ قىممىتىنى ساقلاپ قېلىش ئۈچۈن ئىزچىل كۈرەش قىلىپ كېلىۋاتقان ئىدى.
مەنبە : خېشۈن تورى | يوللىغان ۋاقىت : 05-02-2015
www.erqal.com ئەستا، ما گۇيلار تىخىمۇ ئاجىزلاشقاندا ئۇرۇشۇپ كەتمىگىيدى... فۇتىن ئارغامچىغا ئېسلىپ ئۆلىۋالمىسىلا بۇلاتتىغۇ، ئاچچىغىدا مەسلەن پۇتىننى كىېرىمىيە كىرزىسىنىڭ ئالدىدىكى ۋاقىتقا ئاپىرىىپ قويسا ،بىر ئاي پوق يېيېيشكە رازىمىكىن مەنبە : خېشۈن تورى | يوللىغان ۋاقىت : 05-02-2015
بۇ تور بىكەتنىڭ ئادرىسى قايسى ،ئەسلى مەنبەسىنى كۆرۈپ باقساق پۇتىن ئاسانلىقچە تەسلىم بولمامدۇ نىمە؟لېكىن ئاخىرى ئاق بايراق چىقىرىشى مۇمكىن .رۇسىيە ‹ش ئا ئە ت ›گە قوشۇلۇپ كىتەرمۇ؟ ھارۋىنى تارتىسا ئىشەك ئولىدۇ ، ئىشەكنى تارتىسا ھارۋا سۇنىدۇ . روسىيەنى قارا بېسىشقا باشلىغان كۈن ۋە ۋەقە قايسى ىدى؟ وبامانىڭ بىرنىمە پۇل سىياسىتىدىن چېكىنىپ چىقىشىدىن باشلاندىمۇ ھە رۇسلار دەرتكە مۇپتىلا بوپتۇ-دە؟ orkexjan يوللىغان ۋاقتى 2015-2-5 18:02 static/image/common/back.gif
پۇتىن ئاسانلىقچە تەسلىم بولمامدۇ نىمە؟لېكىن ئاخىرى ئا ...
ئۇنداق ئېھتىماللىق بەك ئاز alpbeg يوللىغان ۋاقتى 2015-2-5 21:48 static/image/common/back.gif
ئۇنداق ئېھتىماللىق بەك ئاز
سىزنىڭچە ئاخىرقى نەتىجە قانداق بولار؟ orkexjan يوللىغان ۋاقتى 2015-2-5 22:21 static/image/common/back.gif
سىزنىڭچە ئاخىرقى نەتىجە قانداق بولار؟
سىز باغداشتىكى ئۇركەش بىلەن بىر ئادەممۇ؟ بىئەپ بۇلسا جاۋاپ قايتۇرمىسىڭىزمۇ بۇلدۇ. orkexjan يوللىغان ۋاقتى 2015-2-5 22:21 static/image/common/back.gif
سىزنىڭچە ئاخىرقى نەتىجە قانداق بولار؟
رۇسىيە بەلكىم پارچىلىنىشتىن قۇتۇلالماسلىقى مۇمكىن. لېكىن ئۇ يەنىلا ئىككىنچى چوڭ ھەربىي كۈچ، شۇڭا ئاسانلىقچە باش ئەگمەيدۇ. ئەھۋال ئۇرۇش قىلىش بوسۇغۇسىغا قەدەم قويۇپ قالاي دېگەندە پۇتىن تەختنى ئىلمان سىياسەت تۇتىدىغانراق بىرىگە تاپشۇرۇپ بېرىشى ياكى شۇنداق قىلىشقا مەجبۇر بولۇشى مۇمكىن. غەرب ھەرگىزمۇ ئۇرۇش قىلىشنى خالىمايدۇ. بىر قېتىم ئۇرۇشۇش بىلەن ھەل قىلىشتىن مىڭ قەدەملىك ئۇرۇش قىلماي كونترول قىلىپ تۇرۇشنى ئامېرىكا بەك ئۈمىد قىلىدۇ. شۇڭا ئامېرىكا مىڭ قەدەملىك سىياسەتنى تۇتۇشى ئېنىقلا. uzakyul يوللىغان ۋاقتى 2015-2-5 23:47 static/image/common/back.gif
سىز باغداشتىكى ئۇركەش بىلەن بىر ئادەممۇ؟ بىئەپ بۇلسا ...
باغداشتا 2 ئۆركەش بار .مەن موشۇ باش سۈرەتتىكى (ئۆركەش )بولىمەن .يەنە بىر باش سۈرىتى يوق (ئۇركەش) مەن ئەمەس .:handshake orkexjan يوللىغان ۋاقتى 2015-2-5 18:02 static/image/common/back.gif
پۇتىن ئاسانلىقچە تەسلىم بولمامدۇ نىمە؟لېكىن ئاخىرى ئا ...
ئامىركىنىڭ ئۇنى سىپىگە قۇشىۋىلىش خىيالى يوق، خۇجا ئاكىلىقنى تالىشىشىدىن ئەنسىرەيدۇ. روسيەنى ھالسىرىتىش بىلەن بىرگە ئۇتتۇرا شەرىقنىمۇ ھالسىرىتىدۇ، ئاندىن روسيەنى شۇ يەرلەردىن سىقىپ چىقىرىپ ئۇتتۇرا شەرىقنى قولغا ئالىدۇ. يەنە كىيىنچە ئىپى كېپ قالسا يىڭىدىن نىفىت بايقالغان شىمالى ئوكياندىكى زىمىنلارنى ش ئا ئە ت نىڭ كونتۇروللىقىغا ئالىدۇ. مانا بۇ ئاخىرقى مەخسەت...
روسيەدە نىفىت كۆپ بولسىمۇ سودا قىلغىلى قويمىسا كەسىپلېرى تەرەققى قىلالماي ئاخىرى ئاجىزلىشىپ كىتىدۇ، ئاندىن نەچچە يىل روسيەگە قار-يامغۇر ياغدۇرمىسىلا ئاكا دەيدۇ. شۇ چاغدا يەنە بۇرۇنقىدەك ئىلغار قۇراللېرىدىن كەچتۈرگىلى بۇلىدۇ. قايسى يىللېرى بولغىيتتىكىن شۇ چاغدا روسيەگە ئاشلىق ياردىمى بېرىش بەدىلىگە يادرو قۇراللېرىدىن ۋاز كەچتۈرۈپ بىر تەرەققىياتىنى چىكىندۈرگەن.
بەت:
[1]