huxhui يوللانغان ۋاقتى 2015-2-5 11:15:25

ئەخلاق بىلىمنىڭ رولچىسى

ئەخلاق بىلىمنىڭ رولچىسى

ياز كۈنلىرىنىڭ بىر ئاخشىمى، قۇياش گەرچە تاغ كەينىگە مۆككەن بولسىمۇ بىراق ھاۋانىڭ تەپتى ئازراقمۇ يانمىغانىدى. ئەتراپ سالقىنلاشقا چىققان ئادەملەر بىلەن تولغان بولۇپ، ئۇلار ئۆزلىرىنى يەلپۈگەچ ئۆزئارا پاراڭلىشاتتى.
-بىلىم ئاجايىپ نەرسە ھە!-دېدى پاكارغىنە بىر كىشى. گەپنى ئاڭلىغۇچى چاچلىرى ئاقارغان، يېشى ئۇنىڭىدىن چوڭراق ئادەم بولۇپ، قارىماققا ئىنتايىن بىلىملىك كۆرىنەتتى.
-بىلىم ئاجايىپ نەرسە،-ئۇ گېپىنى تەكرارلىدى،- بالىلىرىم ئەمدىلا بەش-ئالتە ياشقا كىرگەن بولسىمۇ، مېنىڭ 12 ياش ۋاقتىمدىكىدىن كۆپ نەرسىلەرنى بىلىدۇ، ئۇلار ھەر خىل كىتابلارنى ئوقۇيدۇ، ھەر خىل مەسىلىلەرنى مۇزاكىرلىشىدۇ.
ئەپەندىم ئەجىبا سىز بۇنداق دەپ قارىمامسىز؟
-ھەي ئەپەندىم،-دېدى چوڭراق ئادەم سۈرلۈك تەلەپپۇزدا،-بۇ بىلىمنىڭ قايسى تەرەپكە ئىشلىتىلىشىگە باغلىق. ئۇ ئاپەتكە ئايلىنىشىمۇ مۇمكىن. شۇنى بىلىڭكى، بىلىم كۈچنى زورايتىدۇ. بىراق كۈچنىڭ ياخشىسىمۇ بولىدۇ، يامىنىمۇ بولىدۇ.
پاكارغىنە كەلگەن كىشى:
-راستىنلا چۈشىنەلمىدىم، كۈچنىڭ قانداقمۇ يامان تەرىپى بولىدۇ؟-دەپ سورىدى.
-سىزگە دەپ بېرەي، بۇنىڭدا چوڭقۇر قائىدە بار. مەسىلەن، ئاتنى تىزگىنلىيەلىسەك ئۇنى ھارۋىغا قاتقىلى، ئادەملەرنى، نەرسىلەرنى توشۇغىلى بولىدۇ. بىراق كونتىرول قىلالمىساق، ئاتنىڭ ياۋايىلىقى تۇتۇپ، ئارغامچىلارنى ئۈزۈپ، مىنگەن ئادەمنى يەرگە ئېتىپ، ھارۋىلارنى سۇندۇرىدۇ. يەنە مىسال ئالساق، سۇنى ئېرىقلارغا توغرا باشلىيالىساق ئېتىزلارنى سۇغارغىلى بولىدۇ. ئەگەر توغان يار ئېلىپ كەتسە، سۇ ھەممە نەرسىنى ئېقىتىپ كېتىدۇ، ئېتىزدىكى زىرائەتلەرنىمۇ ۋەيران قىلىدۇ. كېمىنى ئالساق، كېمىچى مەنزىلنى ئېنىق بىلسە، قىرغاققا بالدۇر ئاپىرىدۇ، ئەگەر يۆلىنىش خاتا بولۇپ قالسا، يەلكەن كۆپ بولغان بىلەنمۇ يۈرۈش لىنىيەسى ئۇزىراپ كېتىدۇ. ئەگەر بىلىم كۆپ بولسىمۇ، ياخشى يەرگە ئىشلىتىلمىسە، كىشىنى تۇيۇق يولغا باشلايدۇ.
-ئەمدى چۈشەندىم،-دېدى پاكارغىنە ئادەم.
-مەن سىزنىڭ بىلىمنى توغرا ئىشلىتىشنىڭ ياخشى ئىش ئىكەنلىكىنى چۈشۈنىشىڭىزنى ئۈمىد قىلىمەن. پەقەت ئاقكۆڭۈل كىشىلەرلا مول بىلىمنى ئىنسانلارغا بەخت يارىتىشقا ئىشلىتىدۇ. بولمىسا ئۇ ئاپەتكە ئايلىنىشى مۇمكىن.
«مائارىپ ھەققىدە ھېكايەتلەر» ناملىق كىتابتىن ئابدۇمىجىت مۇھەممەت تەرجىمىسى
مەنبە: شىنجاڭ ياشلىرى ژۇرنىلى 2013-يىللىق 7-سان

ArpatKurban يوللانغان ۋاقتى 2015-2-5 15:35:30

ئەخلاق ئىلىمدىن ئۈستۈن تۇرىدۇ.

Qaf يوللانغان ۋاقتى 2015-2-5 20:14:12

ئىلىم ئۆگىنىپ ئىشلەتمىگەن كىشى ،كىتاب ئارتىۋالغان ئېشەككە ئوخشايدۇ

kayinat0 يوللانغان ۋاقتى 2015-2-6 08:00:14

بىر ئادەمدە گەرچە بىلىم كۆپ بولسىمۇ ئۇنى جايىغا ئىشلىتەلمىسە بىكار  .
بەت: [1]
: ئەخلاق بىلىمنىڭ رولچىسى