ablimitt يوللانغان ۋاقتى 2015-2-5 11:15:08

ھۈنەرۋەنلەگە تەكلىپ

  20يىللار ئىلگىرى ھەر-قايسى كەسىپتىكى ھۈنەرۋەنلەرنىڭ سودىسى ياخشى بۇلۇپ بىر مەزگىل دەۋىر سۈرگەن ئىدى، مەيلى تىككۈچىلىك بولسۇن مەيلى رىمونىتچىلىق كەسىپلېرى بولسۇن بازاردا خېلى پۇت تىرەپ تۇرالايتتى ھەم ئۈگەنگۈچى شاگىرتلارمۇ كۆپ ئىدى.
  بىر مەزگىل كىيىم-كىچەك ۋە ئائىلە-ئىلىكتىر سايمانلېرى باھاسىنىڭ تۈۋەنلەپ كىتىشى نەتىجىسىدە ھۈنەرۋەنلەرنىڭ دۇكانلېرى چۆلدەرەپ قالدى. شۇنىڭ بىلەن تۇلىسى تۇڭلاتقۇ رىمونت قىلىشقا يۈتكىلىۋالدى ياكى كەسىپ ئالماشتۇرۇپ بازار-بازارلاردا تەييار مەھسۇلاتلارنى سىتىش بىلەن مەشغول بۇلسا يەنە بىر قىسىملېرى كەسىپنى تاشلاپ دېھقانچىلىق بىلەن مەشغول بولدى. ئاز ساندىكى تىككۈچى ئۇستاملار دۇكانلاردا باشقا ھۈنەرۋەنلەرنى تەكلىپ قىلىپ، ئىشنى تىزىملاپ بېرىپ قىلغان ئىششىنىڭ كىرىمىنىڭ %60 تىنى بېرىش شەكلى بىلەن ئىشلىتىپ شۇ ئارقىلىق يەنىلا كەسپىنى داۋاملاشتۇرۇپ كەلدى. ئەمما مەن رىمونىتچىلىق كەسپىدىكىلەرنىڭ بۇ ئۇسولنى قوللانغىنىنى كۆرمىدىم.
  بۇنداق قىلغاندا ‹‹ھۈنەرۋەنلەر تۇلا ماڭدۇرىدۇ›› دىگەن گەپلەرگىمۇ ئورۇن قالمايدىغان بۇلىدۇ، دەسمايىسى يوق ئەمما ھۈنىرى بارلارغا چىقىش يۇلى تىپىپ بېرىدىغان بۇپلا قالماي نۇرغۇنلىغان ھۈنەرۋەنلەر توپلاشقاندىن كىيىن ئەمىلى تەجىربىلېرىنى ئالماشتۇرۇپ كەسىپتە تىخىمۇ زور ئىلگىرلەشلەر قولغا كىلىدۇ. شاگىرتلارغا تىز ئۈگەتكىلى بۇلىدۇ، بۇنىڭ بىلەن شاگىرتلىققا كىلىدىغانلارمۇ كۈپىيىدۇ، شاگىرتلار كۈپەيگەنچە دۇكاننىڭ نامى تىخىمۇ تارىلىپ خەق ياسىتىش ياساتماسلىقتا ئىككىلىنىپ تاشلاپ قويغان نەرسىلېرىنى ياساشقا ئىلىپ كىلىدۇ. بىر كەسىپتە بازارنىڭ ياخشى بۇلىشىنى بەلگىلەشتە شاگىرت بالىلارنىڭ ياكى رىمونىت قىلىدىغان كەسپى خادىملارنىڭ كۆپ بۇلىشى بەك چوڭ رول ئوينايدۇ. رىمونىت سۈپىتى يۇقىرى كۈتىرىلىدۇ، يەنە رىمونىتچىلىقتا ئىشلىتىدىغان زاپچاسلارنى توپ ئالىدىغان بولغاچقا باھادا ئېتۋارغا ئېرىشەلەيدۇ. يەتكۈزۈش شىركەتلېرىمۇ توپ مال بولغاندىكىن تىزرەك يەتكۈزۈپ بېرىدۇ. بەزى بىر كۆپ ئىشلىتىدىغان، سۈپىتى ياخشى بولمىغان زاپچاسلارنى مەخسوس ئۆزلېرى قايتا رىمونىت قىلىپ ئىشلىتىش دىگەندەك يىڭى بايلىق يوللېرى ئىچىلىدۇ، مەسلەن ئالغاندا ھازىر بازارلاردا ئىلىكتىرماتور، تۇڭلىتىش ئۈسكىنىلېرىنىڭ كومپىسسورلېرىنىڭ تۇلىسىدا مىس ئورام ئىشلەتمەي ئاليومىنلىق سىم ئورام ئىشلىتىلىۋاتقاچقا بەك ئاسان كۈيۈپ كىتىدۇ، ئاليومىنلىق ئورامنىڭ مىس ئورامدىن كۆپ ئىنىرگىيە سەرىپ قىلىپ ئاز ئىش ئىشلەيدىغانلىقىنى كۈپىنچە قېرىنداشلېرىمىز بىلىدۇ. بۇ يەردىغۇ خەنزولار يىڭىنى ئالىدىغان باھادا بولسىمۇ مىس ئوراملىق قىلىپ ئورىتىپ ئىشلىتىۋاتىدۇ.
  ھازىر بولسا تىخىمۇ ياخشى يېرى ھۈكىمەت مۇشۇنداق شەكىلدىكلى كارخانىلارغا يۈلەش مەبلىغى ئاجىرتىپ بېرىدىغان يېرى. يەنە بىرىگە بۇنداق شەكىلدە كارخانا بولسا يەككە ئىش قىلغانغا ئوخشاش بازارنىڭ كۆزىدىن ئۆي ئىلىشنىڭ ھاجىتى يوق، سەل چەتتىن كۈلىمى چوڭ ئەرزان باھالىق ئۆيلەرنى ئالسىمۇ بۇلىدۇ. شۇنداق قىلغۇسى بارلار  ھەر-قايسسى يەرلىك ھۈكىمەتلەر بىلەن ئالاقىلىشىپ باققىنى ياخشى.

begir يوللانغان ۋاقتى 2015-2-5 20:45:39

ablimitt يوللانغان ۋاقتى 2015-2-5 21:08:52

begir يوللىغان ۋاقتى  2015-2-5 20:45 static/image/common/back.gif
بۈگۈن يېڭى ئۆينىڭ يېڭى تېلىۋىزرۇىنى ئېسىشقا توغرا كەل ...

  ششۇ، يەنە توك تارتىش دىگەندەك ئىشلارمۇ ئاسان، ئىلىكتىر ھەۋەسكارلېرى تورلېرىدىنلا ئۈگىنۋالالايدۇ.

3karakax يوللانغان ۋاقتى 2015-2-5 22:56:26

مەن سىزنىڭ تېمىلىرىڭىزغا دىققەت قىلىۋاتىمەن. روھلاندىمۇ تېخنىكىغا ئائىت تېمىلارنى يوللاپ قويىسىز.
مېنىڭچە قول ھۈنەرۋەنچىلىكنى ھەمكارلىق  كوپراتىپ قىلىپ  تەشكىللەپ تەرەققى قىلدۇرسا ياخشى بولامدىكى. ھۆكۈمەتمۇ كوپراتىپلارنى يۆلەۋاتىدۇ ئەمەسمۇ!

ablimitt يوللانغان ۋاقتى 2015-2-6 06:33:10

3karakax يوللىغان ۋاقتى  2015-2-5 22:56 static/image/common/back.gif
مەن سىزنىڭ تېمىلىرىڭىزغا دىققەت قىلىۋاتىمەن. روھلاندى ...

مىنىڭ دەۋاتقىنىممۇ شۇ، كارخانىلاشقاندا ئۈگىنىش ماتىرياللېرىغا سەرىپ قىلىدىغان مەبلەغمۇ كۈپىيىدۇ ھەم بىر ماتىريالدىن كۆپ ئادەم پايدىلىنالايدۇ...

21132113 يوللانغان ۋاقتى 2015-2-6 08:54:54

ياخشى تىما بوپتۇ

ablimitt يوللانغان ۋاقتى 2015-2-6 16:40:40

مۇشۇ تىمىغا قۇشۇپ قۇياي، توڭلاتقۇ رىمونت قىلىدىغان ئۇستاملارنىڭكىدە ئىئونلۇق كىسىش ماشنىسى بارلېرى بېرىلىدىغان يەل بىسىمىنى تۈۋەنلىتىپ ياكى 250ۋاتلىق توڭلاتقۇ كومپىسسورى بىلەن يەل بېرىپ قىلىن تۈمۈرلەرنى بىر يەرگە ئەكىلىپ ئېرىتىپ ئۇلىسا بولىدۇ، يەنە مىس نەيچىلەرنى ئۇلاشتا كىسىش بىشىنىڭ يەل چىقىدىغان تۈشىكىنى 5 مىللى چوڭلىتىپ تۇرۇپ 250ۋاتلىقتا يەل بېرىپ ئىشلەتسە گازلىق كەپشەرلەشكە ئوخشاش ئىشلەتكىلى بۇلىدۇ. يەنە بىر يەرسىمىنى بىۋاستە كىسىش بىشىنى سۇۋۇتىدىغان مىس يەپراقچىگە ئۇلاپ قۇيىدۇ. بۇنىڭدا خەتەرلىك گازنى ساقلاش تەۋەككۈلچىلىكى بولمايدۇ.

Baqka يوللانغان ۋاقتى 2015-2-6 17:57:09

نىم ياساۋاتقاندۇ ئا ئەدەم..
بەت: [1]
: ھۈنەرۋەنلەگە تەكلىپ