huxhui يوللانغان ۋاقتى 2015-2-5 11:09:34

قېرى خوتۇن

قېرى خوتۇن

تۇرگېنېۋ [رۇسىيە]
ياسىن ھاۋازى تەرجىمىسى

كەڭ دالىدا تەنھا كېتىپ باراتتىم، توساتتىن كەينىمدىن ئېھتىيات بىلەن بېسىلغان يەڭگىل ئاياغ تىۋىشى ئاڭلانغاندەك تۇيۇلدى... بىرى ئىزىمغا چۈشكەندەك قىلاتتى.
بۇرۇلۇپ قارىسام، پاكارغىنا بىر دۈمچەك موماي كۆرۈندى. ئۇنىڭ ئۈستى بېشى جۇل-جۇل ئىدى، جۇل-جۇل كىيىملەر ئارىسىدىن موماينىڭ شام رەڭگىدە سارغايغان، قورۇق باسقان، بۇرنى ئۇچلۇق، چىشلىرى قالمىغان چىرايىلا كۆزگە تاشلىنىپ تۇراتتى.
-سىز كىم بولىسىز؟ تىلەمچىمۇ يا سىز؟
موماي جاۋاب قايتۇرمىدى. ئېڭىشىپ قارىۋىدىم، ئۇنىڭ ئىككىلا كۆزىنى خۇددى ئۇچار قۇشلارنىڭ كۆزىنى، كۈن نۇرىنىڭ چېقىشىدىن ساقلايدىغان سەل سۈزۈك ئاقۇش نېپىز پەردە قاپلاپ تۇرغانلىقىنى كۆردۈم، ئەمما موماينىڭ كۆز پەردىسى قىمىرلاپمۇ قويمايتتى، كۆز قارچۇقىنى كۆرسەتمەيتتى...شۇڭا مەن: «ھە، ئۇ ئەما ئىكەن» دېگەنىدىم.
-سەدىقە سوراۋاتامسىز؟-قايتىلاپ سورىدىم مەن،-نېمىشقا ئارقامغا كىرىۋالىسىز؟
لېكىن موماي گەۋدىسىنى سەل قورۇپ قويغاندىن باشقا يەنىلا جاۋاب بەرمىدى. مەن بۇرۇلۇپلا ئۇنى تاشلاپ يولۇمغا ماڭدىم. شۇ ئارىدا مەن يەنە ئارقامدىن يېنىك، رەتلىك ۋە ئاۋايلاپ بېسىلغان ئاياغ تىۋىشىنى ئاڭلاپ قالدىم.
«يەنە شۇ قېرى خوتۇن ئىكەنغۇ! ئۇ ماڭا مۇنچە چاپلىشىۋېلىپ نېمە قىلىدىغاندۇ؟» دەپ ئويلىدىم-يۇ، شۇ ھامان يەنە: «بەلكىم ئۇ ئەما بولغاچقا، يولدىن ئېزىپ قېلىپ، مەن بىلەن ئادەم بار يەرگىچە بىللە بېرىۋالاي دەپ، ئىزىمغا چۈشكەن بولسا كېرەك. دۇرۇس، دۇرۇس، شۇنداق!» دېگەن ئويغا كەلدىم.
شۇنداقتىمۇ مېنىڭ ئوي-خىيالىمنى بارا-بارا ئادەتتىن تاشقىرى غەلىتە بىر ئەنسىزلىك چىرمىۋالدى: ئەمدى موماي ماڭا ئەگىشىپ مېڭىۋاتقاندەكلا ئەمەس، بەلكى ماڭا يول كۆرسىتىپ مېنى بىر تۇرۇپ ئوڭغا، بىر تۇرۇپ سولغا ماڭ دەپ ئىتتىرىۋاتقاندەك، ئۆزۈممۇ ئىختىيارسىز ئۇنىڭغا بوي سۇنۇۋاتقاندەك تۇيۇلۇشقا باشلىدى.
مەن داۋاملىق كېتىۋاتىمەن... ئەمما قارىسا، ئالدىمدا ئۆزۈم كېتىۋاتقان يولدا قانداقتۇر بىر نەرسە قارىيىپ ۋە كېڭىيىپ كېتىۋاتقاندەك قىلدى، ئۇ گويا چوڭقۇر ئازگالدەك كۆرۈندى. كاللامدىن «گۆر! مانا كۆرۈڭ، موماي مېنى ئىتتىرمەكچى بولغان-ھە!» دېگەن خىيال غىل-پال ئۆتتى.
مەن شارتتىدە كەينىمگە بۇرۇلدۇم، موماي يەنە ئالدىمدا تۇراتتى، ئەمما بۇ دورام ئۇ كۆرەلەيدىغان بولۇپ قاپتۇ. ئۇنىڭ يىرتقۇچنىڭكىدەك ياۋۇزلۇق، رەھىمسىزلىك چىقىپ تۇرغان يوغان كۆزلىرى ماڭا قادىلىپلا تۇراتتى. مەن يېقىن بېرىپ ئۇنىڭ يۈز-كۆزلىرىگە سەپسالدىم، كۆز پەردىسى باشتىكىدەكلا نۇرسىز، ئەمما چىرايى ئۆلۈكنىڭكىدەكلا جانسىز ئىدى...
مەنبە: ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى

ukar-as يوللانغان ۋاقتى 2015-2-5 14:12:29

چۈشەنمىدىم

kaman1 يوللانغان ۋاقتى 2015-2-5 14:59:04

ئاندىن كېيىنچۇ؟

tunugun يوللانغان ۋاقتى 2015-2-5 15:10:54

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   tunugun تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-2-5 15:12  

ئەگەردە بۇ تولۇق ئوتتۇرنىڭ ئەدەبىيات دەرىسلىكدە بولغان بولسا ، مەن بەلكىم بۇ ھىكايىنىڭ ( ھىكايىدەك قىلىدۇ ) مەركىزى ئىدىيىسىنى تېپىپ چىقالايتتىم.

ArpatKurban يوللانغان ۋاقتى 2015-2-5 15:52:18

بەلكىم توغرا يولدا ياشىمىسا ئۇنداق مومايدىن ئىككىنى كۆرىشى مۇمكىن

hoopeelover يوللانغان ۋاقتى 2015-2-5 16:34:21

بۇ تۇرگىنوۋ نىڭ مەشىق ئەسىرى ئوخشايدۇ

attir يوللانغان ۋاقتى 2015-2-5 16:40:56

چۇشنۇكسىزغۇ

kuwruk يوللانغان ۋاقتى 2015-2-5 17:39:22

ماڭا جىن تەككەن چاغدا نەق مۇشۇ موماي كورۇنگەن كوزومگە ...نەق ئوزى شۇ، رۇسىيەگە كىتىپتىدە كىيىن:funk:

boran0998 يوللانغان ۋاقتى 2015-2-5 19:27:46

ukar-as يوللىغان ۋاقتى  2015-2-5 14:12 static/image/common/back.gif
چۈشەنمىدىم

چۈشىنىپ نېمە قىلاتتىڭىز؟ ئوقۇسىڭىزلا بولدى. خۇددى قارا باسقانغا تەبىر بېرەلەيدىغاندەك دەپ كەتكىنىڭىزنى قاراڭە(چاقچاق قىپ قويدۇم، دەپ قويمىسام تىللاپ كەتمەڭ يەنە)
ئاشۇنداق ئوخشايدۇ، بىرسىنى قارا باسقان چېغىۋا. . .
ياكى بولمىسا مەلۇم زاماننىڭ زامانىنى ئاشۇنداق «گوڭگا»راق ئىپادىلىگەن ئوخشايدۇ.

begir يوللانغان ۋاقتى 2015-2-5 20:12:25

bendora يوللانغان ۋاقتى 2015-2-5 21:41:40

ئاخىرى باكەنتۇق، يا اللە، بەك تەستە تاپتىم خەنزۇچىسىنى!  بۇ ئايال شۇ جىن ئوخشايدۇ، ئا بالا ئۇنىڭدىن قېچىپ قايسىلا تەرەپكە بارسۇن ئاشۇ قارا گۆرنى كۆرىدىكەن، شۇنىڭ بىلەن بۇ بالا ئولتۇرۋېلىپ ھېچنەرگە بارمىساملا قۇتۇلىمەنغۇ دەپ ئويلايدىكەن، ئەمما ئا ئايال ئۇنىڭغا ئۆمىلەپ كېلىپ مەسخىرىلىك كۈلۈپ دەيدۇ چىشسىز كاماك ئاغزى بىلەن «سەن قۇتۇلالمايسەن » دەيدىكەن شۇ!

bendora يوللانغان ۋاقتى 2015-2-5 21:41:48

http://blog.sina.com.cn/s/blog_4bb0d9fd01000b4n.html

kayinat0 يوللانغان ۋاقتى 2015-2-6 08:10:05

attir يوللىغان ۋاقتى  2015-02-05 16:40:56 static/image/common/back.gif
چۇشنۇكسىزغۇ
چۈشنىشلىك ، لىكىن بىزنىڭ ئوقۇپ چۈشنىش سەۋىيەمىز يېتىشمىدى خالاس.  بۇنى چۈشنىشكە خېلى كۈچ كېتىدۇ جۇمۇ  ! ئەدەبىيات بىلىمىزنى تېخىمۇ تاكاممۇللاشتۇرساق بولغىدەك. :P

attir يوللانغان ۋاقتى 2015-2-6 08:39:52

kayinat0 يوللىغان ۋاقتى  2015-2-6 08:10 static/image/common/back.gif
چۈشنىشلىك ، لىكىن بىزنىڭ ئوقۇپ چۈشنىش سەۋىيەمىز يېتىش ...

سىزنىڭ سەۋيىڭىز يىتىشسە بىزگە چۇشەندۇرۇپ قويمامسىز

ukar-as يوللانغان ۋاقتى 2015-2-6 10:04:06

ئۇف...... ئاخىرى تەرجىمە قىلىنمىغاچقا چۈشىنەلمەپتىمىزغۇ بۇنى، تولۇق ئوقىسا ھېچكىم ئۆلۈمدىن قېچىپ قۇتىلالمايدۇ دېگەن مەنا چىقىدىكەنغۇ شۇ .....................

kayinat0 يوللانغان ۋاقتى 2015-2-6 23:40:31

attir يوللىغان ۋاقتى  2015-02-06 08:39:52 static/image/common/back.gif


سىزنىڭ سەۋيىڭىز يىتىشسە بىزگە چۇشەندۇرۇپ قويمامسىز
مەنمۇ ئاز - پاز چۈشەندىم ، چۈشەندۈرگۈدەك سەۋىيە يوق.  :P ھازىر تەتىل مەزگىلدە كۆپرەك ئۇيغۇرچە كىتاب ئوقۇۋالمىسام خەپ!  :lol
بەت: [1]
: قېرى خوتۇن