ErqalMedia يوللانغان ۋاقتى 2015-2-4 18:27:56

تەيۋەن فۇشىڭ ئاۋىياتسىيە شىركىتىنىڭ ئايروپىلانى چۈشۈپ كەتتى

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ErqalMedia تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-2-4 18:40  

تەيۋەن فۇشىڭ ئاۋىياتسىيە شىركىتىنىڭ ئايروپىلانى چۈشۈپ كەتتى
ئەرقال تاراتقۇسى تەرجىمە قىلدى    www.erqal.com


تەيۋەن فۇشىڭ (复兴) ئاۋىياتسىيە شىركىتىنىڭ ATR-72-600 تىپلىق ئايروپىلانى بۈگۈن ئەتىگەن تەيبېي نەنگاڭ رايونىدا چۈشۈپ كەتتى. بۇنىڭ تەسىرى بىلەن، فۇشىڭ ئاۋىياتسىيەسىنىڭ پاي چېكى باھاسى %6.9 چۈشۈپ (تەيۋەن پايچېكىنىڭ ئۆرلەپ چۈشۈش چېكى %7) سودىسى توختىغان، پاي باھاسى 12.5 تەيۋەن پۇلى بولغان.

تەيۋەن تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، تەيۋەن فۇشىڭ ئاۋىياتسىيەسى B2286 يېنىك تىپتىكى خەلق ئاۋىياتسىيە ئايروپىلانى تەيبېي شەھىرى نەنگاڭ رايونى جەنۇبىي كۆل كۆۋرۈكى يېنىدىكى جىلوڭ دەرياسىغا چۈشۈپ كەتكەن. ھازىرغىچە 27 ئادەم قۇتقۇزۇپ چىقىلغان، ئۇلارنىڭ ئىچىدە 4 ئەر، 5 ئايال جەمئىي 9 ئادەم دوختۇرخانىغا يەتكۈزۈلگىچە ھاياتىدىن ئايرىلغان، يەنە 31 ئادەم قۇتقۇزۇشنى كۈتۈۋېتىپتۇ.

مەنبە : جۇڭگو خەۋەر تورى | يوللىغان ۋاقىت : 04-02-2015      www.erqal.com

ErqalMedia يوللانغان ۋاقتى 2015-2-4 19:19:54

مۇناسىۋەتلىك رەسىملەر  
http://news.ifeng.com/coop/20150204/43097481_0.shtml#p=1

bardam يوللانغان ۋاقتى 2015-2-4 19:42:03

رەسىملەردىن قارىغاندا ئۇچقۇچى كاشىلا كۆرۈلگەندىن كىيىن دەرياغا قوندۇرغاندەك قىلامدۇ نىمە؟

Dihkanbay يوللانغان ۋاقتى 2015-2-4 21:20:06

ئايرۇپىلان قاتنىشى ئوڭايلىشىپ،ئومۇملاشقىلى تۇرغاندا چۈشۈپ كىتىدىغان ئىشلار ئاۋۇپ قالدىمۇ نىما؟
بىلەت باھاسى ئەرزانلىشىپ،قولايلاشتى دەپ خۇش بولغىلى بولمىغۇدەك،قۇرۇقلۇق قاتنىشى بىر ئاز بىخەتەرمۇ قانداق؟!……:L:(

pixwa714 يوللانغان ۋاقتى 2015-2-4 22:58:04

يائاللا، مەن تېخى بىرەر قىتىم چىقىپ باقمىغان ئىدىم، نېمە تولا ۋەقە بۇ ئادەمنى ئەنسىرتىپ:(، ئاخباراتتىن يىقىندىن بۇيان بەك خەۋەر تېپىپ كەتتۇقمۇ ياكى راستىنلا ئىككى يىلدىن بۇيان بۇنداق ئايروپىلان ۋەقەسى راستىنلا كۆپىيىپ قالدىمۇ؟

hohayla يوللانغان ۋاقتى 2015-2-5 06:24:04

بۇندىن كىيىن ھەرگىز ئايروپىلانغا چىقمايمە ئىشەك ھارۋىستا ماڭىمە چەتكە ماڭسام،چاتاق بىر نىمىكەن بۇ ئايروپىلان دىگەن ،چۈشۈپ كەتتىما بولدى  ھېچنىمە ساق قالمايدىكەن،يا سەكرىۋالغىلى بولمىغان،مۇشۇندامۇ جا ئىشلىگەن بامۇ ئايروپىلاننى

aslayman يوللانغان ۋاقتى 2015-2-5 09:24:41

{:92:}پەن تىخنىكا  تەرەققىي قىلىپ ئانداق بوپ كەتتى مانداق بوپ كەتتى دىگۇچىلەر ئۈچۇن بىر ئاگاگلاندۇرۇش ،

Uyghur يوللانغان ۋاقتى 2015-2-5 09:46:33

ئىشەك ھارۋىسى بىلەن ماڭسىڭىزمۇ ئەجەل كەلسە ئۆلۈۋىرىسىز.  ئىشنى ئايروپىلاندىن كۆرمەڭلار. ئۇنىڭسىمۇ ماشىنىلىقتىن تارتىپ ۋېلسىپىتلىققىچە ئۆلىۋاتقان ئادەم ئازمۇ؟ بۇنىغۇ دېمەيلى ، بۈگۈنى ئۇخلاپ ئەتىسى قوپالمىغان ئادەم ئازمۇ؟

AVAR يوللانغان ۋاقتى 2015-2-5 10:04:33

نىسبەتلەشتۈرسە، ۋەقە چىقىش نىسبىتى ئەڭ يۇقۇرى بولغىنى ئايرۇپىلان ئەمەسقۇ. ماشىنا بىلەن پويىزمىكى:o

ruslan007 يوللانغان ۋاقتى 2015-2-5 10:55:51

ھاۋا ئىسسىق بولسا بىر دەم قانىتىنى سۇغا چىلاپ سالقىندىغىنى قونغان بولسا ، مۇخپىرلار خاتا چۈشىنىپ قالغان چىغىۋا

memetawaq يوللانغان ۋاقتى 2015-2-5 12:25:08

ئايروپىلانغا پاراشوتتىن جىقراق سەپلەپ قويسا بولغۇدەك

alip يوللانغان ۋاقتى 2015-2-5 12:39:39

شەرقى جەنۇبى ئاسىيا رايوننىڭ ئايرۇپىلانلىرىغىلا بالا تېگىۋاتىدۇ

hohayla يوللانغان ۋاقتى 2015-2-5 13:40:06

يولۇچىلا ئايروپىلاننى باشقىدىن لايھىلەش كىرەك، يەنى كۆرشچى ئايروپىلاندەك،كۆرەشچى ئايروپىلان خەتەرگە يولۇقۇپ چۈشۈپ كەتسە ئۇچقۇچى ئېتىپ چىقىرىش ئۈسكۈنىسى بىلەن ئايروپىلاندىن چىقىپ كىتىدىكەن،شۇنىڭغا ئوخشاش يولۇچىلا ئايروپىلانىنىمۇئايروپىلانىنىمۇ ئۈستى تەرپى ئېچىلىدىغان قىلىپ لايھىلەپ ئاندىن كۆرەشچى ئايروپىلاندەك ئېتىپ چىقىردىغان ئۇرۇندۇق سەپلەپ ئايروپىلان خەتەرگە يولۇققاند ئۈستى تەرپىنى ئېچىپ تىز سۈرئەتتە بارلىق يولۇچىلانى ئايروپىلاندىن چىقىرۋېتىش كىرەك مۇشۇنداق قىلغاندا ئاندىن ئايروپىلانغا چىقىمە........لىكىن بۇ boeing شىركىتىنىڭ كاللىسى بۇ نۇقتۇغا يەتمەيۋاتىدۇ دىسە  ياكى ئۇلا مەندەك ئويلىسىمۇ سەپلىيەلمىگەنمىدۇ يا

hohayla يوللانغان ۋاقتى 2015-2-5 13:42:41

مىنى تەكلىپ قىلغان بولسا bo eing شىركىتى ھەييي،شۇندا بىخەتەر لايھىلەپ بىرەتتىم ئەمەسما...ھى....ھىىى

talmas1 يوللانغان ۋاقتى 2015-2-5 20:32:05

مەن بىر نەرسىدىن f-18نىڭ، ئايرۇپىلان پارتىلاشتىن نەچچە سىكوت بۇرۇن ،ئۇچقۇچىنى قاققىتىپ چىقىرۋىتىدىغان ئۇرۇندۇقىنىڭ، پۈتۈش باھاسىنى بىر مىليون دوللار ئەتراپىدا دەپ كۈرگەن .ئۇنىڭ ئۈستىگە يولۇچىلار ئايرۇپىلاننى يۇقىرى ھاۋا بوشلىقدا ئۇچقاچقا ،ھازىرچە بىردىن -بىر ئامال ،بىخەتەرلىك تاسمىسىنى چىڭ تاقاپ ئۇرنىدا مىدىرماي ئولتۇرۇش ئۇخشايدۇ.
بەت: [1]
: تەيۋەن فۇشىڭ ئاۋىياتسىيە شىركىتىنىڭ ئايروپىلانى چۈشۈپ كەتتى