خەلق پۇلىنىڭ قىممىتى يەنە چۈشتى
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا ErqalMedia تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2015-2-4 16:33ئەرقال تاراتقۇسى تەرجىمە قىلدى
www.erqal.com
دۆلەت ئىچىدىكى خەلق پۇلى 2-ئاينىڭ 2-كۈنى يەنە چۈشتى، ئامېرىكا دوللىرى بىلەن خەلق پۇلىنىڭ ئايرىباشلاش نىسبىتى ئەڭ يۇقىرى بولغاندا 6.2590 غا يەتتى، ئوتتۇرا باھاغا سېلىشتۇرغاندا باھادا ئېتىبار بېرىش دەرىجىسى %1.963 بولۇپ، پۇل قىممىتىنىڭ چۈشۈش دەرىجىسى ئوتتۇرا باھانىڭ %2 ىگە يېقىنلاشتى، بۇ ئىگە تەرەپ رۇخسەت قىلغان بىر كۈنلۈك تەۋرىنىشنىڭ ئەڭ تۆۋەن چېكى ئىكەن.
ۋال كوچىسىدىكى ئىشلار تورىنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، 1-ئاينىڭ 30-كۈنى چېگرا سىرتىدىكى خەلق پۇلىنىڭ پېرېۋوت نىسبىتى %0.4 چۈشۈپ 6.2885 گە يېتىپ، 2012-يىلى 10-ئايدىن بۇيانقى ئەڭ تۆۋەن نۇقتا بولۇپ قالدى.
بەزى بازار ئانالىزچىلىرىنىڭ قارىشىچە، ئامېرىكا دوللىرى كۆرسەتكۈچىنىڭ زور مىقداردا ئۆرلىشى خەلق پۇلى پېرېۋوت نىسبىتىنىڭ زور دەرىجىدە چۈشۈشىنىڭ ئاساسلىق سەۋەبى ئىكەن.
مەنبە : مالىيە تورى | يوللىغان ۋاقىت : 04-02-2015 www.erqal.com مۇشۇ خەلق پۇلىنىڭ ئۇسىشى ۋە چۇشىشى بىزگە قىلىدىغان تەسىرى قانداق ؟ مۇشۇ تىمىدا بىر مۇلاھىزە قىلىپ باقساڭلار atux0908 يوللىغان ۋاقتى 2015-2-4 21:46 static/image/common/back.gif
مۇشۇ خەلق پۇلىنىڭ ئۇسىشى ۋە چۇشىشى بىزگە قىلىدىغان تەس ...
ئومۇميۈزلۈك تەھلىل قىلىپ بولالمايمەن، بىلىدىغىنىمنى دەپ باقاي،
ئەگەر سىز ئامېرىكىدىكى بىر ئۇنىۋىرسىتتا ئوقۇماقچى، ئوقۇش پۇلى 20مىڭ دوللار بولسا، ئەگەر خەلق پۇلى دوللارغا قارىتا قىممىتى ئۆسۈپ بىر دوللار 5يۈەن بولسا، پەقەت 100مىڭ يۈەن تۆلەيسىز، ئەگەر خەلق پۇلىنىڭ قىممىتى چۈشۈپ بىر دوللار 8يۈەنگە چۈشۈپ قالسا 160مىڭ يۈەن تۆلەيسىز.
يىقىندىن بىرى ياپۇنىيە يىنى توختىماي چۈشۈپ ياپۇنىيگە ئوقۇشقا چىققان بىر بۇرادىرىمنىڭ ئىيتىشىچە ئوقۇش پۇلىدا بىر يىل بۇرۇنقىدىن 8مىڭ يۈەن خەلق پۇلى پايدا ئاپتۇمىش.:lol
بەلكىم زىيانلىق تەرەپلىرى بولىشىمۇ مۇمكىن. پۇل پاخاللقى بولماسكىقى كىرەك ئىدى تۈنۈگۈن بىر ئۆزبەك مال ئېلىپ دوللار بىرىپ 6.24 ھىساپلا دەپتى مەن 6.20 ھىساپلايمەن دىسەم ئۇنماي يېنىشىپ كىتىپ ئايغىدا كىچىكىنىم ئىشنى دەپ پايدىدىن قۇرۇق قالماي دەپ 6.24 ھىساپلاپ ئېپ قالدىم . تېخى ساتقىلى پۇرسەت بولمىدى ھايانكەشلەر نەچچە پۇلدىن ئالاكى بىر دوللارنى دوللار بىر كىچىدىلا 8كويغا چىكەتسە سەت پايدا ئالغۇدەكسىلە .:lol رايۇنىمىزدىكى خەلق تۇرمۇشىغا قانداق تەسىر كەلتۈرىدۇ ؟ بىزگە مۇشۇ بەكرەك مۇھىم دە ھازىر ........... albAX يوللىغان ۋاقتى 2015-2-5 13:57 static/image/common/back.gif
رايۇنىمىزدىكى خەلق تۇرمۇشىغا قانداق تەسىر كەلتۈرىدۇ ...
ئەگەشتىم albAX يوللىغان ۋاقتى 2015-2-5 13:57 static/image/common/back.gif
رايۇنىمىزدىكى خەلق تۇرمۇشىغا قانداق تەسىر كەلتۈرىدۇ ...
پۇلنىڭ ئوبۇرتى ئاستىلايدۇ. مۇھىم تىمىكەن .:handshake بۇ يازمىنى ئاخىرىدا izchilar تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2015-2-5 18:39
پۇل كۇرسى چۈشۈش بولسا تۇراقلىق پېرۋود نىسبىتىدە يۈز بىرىدۇ. پۇل پاخاللىشىش بولسا تۇراقسىز پېرېۋود نىسبىتىدە يۈز بىرىدۇ.ھەر ئىككىلىسى پۇل قېممىتىنىڭ چۈشىشىنى كۆرسىتىدۇ.مەسىلەن، فونىستىرلىڭنىڭ كۇرىسى چۈشسە، ياۋرۇ قىممىتىدىن تۆۋەن بولىدۇ.
پۇل كۇرىسى چۈشۈشىنىڭ تەسىرى
1.ئېكسپورت تاۋارلىرى ئەرزانلايدۇ: پۇل ئالماشتۇرۇشدىكى پۇل كۇرىسىنىڭ چۈشۈپ كىتىشى ئېكسپورت تاۋارلىرىنى چەتئەل بازارلىرىدا پۇت دەسسەپ تۇرىشى ئۈچۈن تىخىمۇ ئەرزان قىلىۋىتىدۇ.بۇنداق بولغاندا ئېكسپورت تاۋارلىرىغا بولغان ئىھتىياج ئاشىدۇ.
2.ئىمپورت بۇيۇملار قىممەتلىشىدۇ: پۇل كۇرىسى چۈشتى دىگەنلىك ئىمپورت بۇيۇملىرى قىممەتلىدى دىگەنلىك بولىدۇ. بۇنداق بولغاندا ئىمپورت بۇيۇملىرىغا قارىتا ئىھتىياج تۆۋەنلەيدۇ.
3.پۇل پاخاللىقى يۈز بىرىشى مۇمكىن:
ئىمپورت بۇيۇملىرىنىڭ قىممەتلىشىشى پۇل قىممىتىنى تۆۋەنلىتىدۇ.
ئېكسپورت تاۋارلىرىنىڭ ئەرزانلىشىشى بىلەن زاۋۇت تەرەپ چىقىمنى كىمەيتىشنى ئويلىشىپ كەتمەيدۇ ۋە ئىش ئۈنۈمدارلىقىنى ئاشىرىدۇ.،نەتىجىدە ۋاقىتنىڭ ئۆتىشى بىلەن چىقىم ئارتىپ كىتىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
مەنبە:http://www.economicshelp.org/macroeconomics/exchangerate/effects-devaluation/ پۇلغا ئۆي مۇلۇك ياكى مال ئىلۋىتىش كىرەكمۇ ياكى ساقلاپ قويۇش كىرەكمۇ ،
albAX يوللىغان ۋاقتى 2015-2-5 13:57 static/image/common/back.gif
رايۇنىمىزدىكى خەلق تۇرمۇشىغا قانداق تەسىر كەلتۈرىدۇ ...
رۇبلى كىرزىسىنى ئويلاڭ ئۇ دەرىجىدە بوپ كەتمىسىمۇ لىكىن ئاشلىق يىمەك -ئىچمەك ، كىيىم -كىچەكلەرنىڭ بولۇپمۇ تۇرمۇش بويۇملىرىنىڭ باھاسى ئوسۇپ كىتىدۇ . attir يوللىغان ۋاقتى 2015-2-5 18:36 static/image/common/back.gif
پۇلغا ئۆي مۇلۇك ياكى مال ئىلۋىتىش كىرەكمۇ ياكى ساقلاپ ...
بولسا دوللار ئىلىپ قويۇڭ
بەت:
[1]