majnun422 يوللانغان ۋاقتى 2015-2-4 12:38:28

يار سۆيگۈڭگە ئىرىشەلمىسەم

يار سۆيگۈڭگە ئىرىشەلمىسەم
مۇتەللىپجان قاۋۇل

يۇرەلمەسمەن ھەرگىزمۇ كۈلۈپ،
يار سۆيگۈڭگە ئىرىشەلمىسەم.
ئىشقى ئوتۇڭدا كىتەرمەن ئۆلۈپ،
يار سۆيگۈڭگە ئىرىشەلمىسەم.

پىراقىڭدا كۆيۈپ يۈرسەممەن،
پەرۋا قىلماي يۈرىۋەردىڭ سەن.
كۆز ياشلارغا چۆكۈپ كىتەرمەن،
يار سۆيگۈڭگە ئىرىشەلمىسەم.

يوللىرىڭغا قاراپ ئۆتەرمەن،
مەجنۇن كەبى سىنى كۈتەرمەن.
بۇدۇنيادىن جىمجىت يۈتەرمەن،
يار سۆيگۈڭگە ئىرىشەلمىسەم.

پاك قەلبىڭگە ئاشىقمەن نىگار،
دىلىم ساڭا ھەردەم ئىنتىزار.
يۈرەك يىغلار ئەلەمدە زار-زار،
يار سۆيگۈڭگە ئىرىشەلمىسەم.

ھەر بىر سۆزۈڭ قەلبىمگە نەقىش،
سەنسىز ماڭا باھار گويا قىش.
نىسىپ بولماس ماڭا شاد كۈلۈش،
يار سۆيگۈڭگە ئىرىشەلمىسەم.

ماڭا ھەمرا ھەر قاچان ھىجران،
سەن كۆڭلۈڭنى بەرمىسەڭ جانان.
تەنھالىقتا قىينىلار بۇجان،
يار سۆيگۈڭگە ئىرىشەلمىسەم.

تەنھا كەلگەن تەنھا كىتەرمەن،
يالغۇزلۇقتا زەرداپ يۈتەرمەن.
شامدەك گويا ئىرىپ ئۆچەرمەن،
يار سۆيگۈڭگە ئىرىشەلمىسەم.

كۆز ياشلىرىم مەڭزىمنى بويلاپ،
ئېقىپ چۈشەر سەن يارنى ئويلاپ.
كىلەر بىر كۈن ئەزرائىل يوقلاپ،
يار سۆيگۈڭگە ئىرىشەلمىسەم.

سەن مىنىڭكى مەڭگۈ بايلىقىم،
يايرايدىغان گۈزەل يايلىقىم.
ئاھ ئەلۋىدا دەيمەن ئامرىقىم،
يار سۆيگۈڭگە ئىرىشەلمىسەم.

begir يوللانغان ۋاقتى 2015-2-4 16:36:18

begir يوللانغان ۋاقتى 2015-2-4 16:41:16

ER518 يوللانغان ۋاقتى 2015-2-4 18:34:50

سەن مېنىڭ بايلىقىم،يايلىقىم ،ئامرىقىم دېگەن يەرلىرى ئاجايىپ چۈشۈپتۇ،بىر خىل پاساھەتلىك،ئوبرازلىق ئوخشىتىش بوپتۇ:lol

ArpatKurban يوللانغان ۋاقتى 2015-2-4 18:46:17

ئاشىقلىقمۇ بىر خىل قەلەم كۈچى ھاسىل قىلالايدۇ دىسە...

uqkun1 يوللانغان ۋاقتى 2015-2-4 18:49:23

بەزى بەكرەك يىغلاڭغۇ مىسرالارنى  قىسقارتىپ ناخشا تېكىستى قىلسا نوچى مۇھەببەت لىرىكىسى چىققۇدەك دەپ ئويلىۋالدىم ئۆزەمچە

NIRWANA يوللانغان ۋاقتى 2015-2-4 19:01:44

يامان ئەمەس قوشاقلار ئىكەن

3karakax يوللانغان ۋاقتى 2015-2-5 22:47:29

باغلىرىمدا ئاقمايدۇ ئەگىز،
گۈللۈكۈمدە قۇرۇيدۇ نەرگىز،
كۆرەلمەيسەن مېنى سەن ھەرگىز،
يار سۆيگۈڭگە ئېرىشەلمىسەم.

begir يوللانغان ۋاقتى 2015-2-6 07:51:20

majnun422 يوللانغان ۋاقتى 2015-2-15 17:54:04

dsgfdsghhg

majnun422 يوللانغان ۋاقتى 2015-2-15 17:55:14

يوللىغان ئىنكاسىڭلارغا رەھمەت.:):P{:112:}{:92:}
بەت: [1]
: يار سۆيگۈڭگە ئىرىشەلمىسەم