sartikin يوللانغان ۋاقتى 2015-2-4 12:05:23

بالىلاردىكى كۆك يۈتەل توغرىسىدا پاراڭ

پەسىل  ئالمىشىشقا  ئەگىشىپ بالىلاردا  ئاسان  زۇكام ،گال ئاغرىقى ،يۈتەل  دىگەندەك كىسەللەر  چاپلىشىۋالىدىكەن ،
قىززىم بىر  ياش يېقىندىن بىرى  يۈتىلىپ ھېچ  توختىماي دوختۇرخانىغا  ئاپارغان  ئىدۇق ،ئۆپكە  ياللۇغى  دەپ دىئاگۇنۇز قۇيۇپ  7 كۈن  ئۇكۇل سالدۇرغان  بولساقمۇ  ھېچ ئۈنۈمى بولماي  يېنىپ چىقتۇق ،قۇلۇم  -قوشنىلارنىڭ دىيىشىچە  كۆك يۈتەل بوپ قاپتۇ ،بۇ  كىسەل  بەك تەس ساقىيامىش ،شۇنىڭ بىلەن ئۇلارنىڭ يول  كۆرسىتىسى بىلەن زەنجىۋىل سامساق قايناتمىسى ئىچىردۇق ئۈنۈمى بولمىدى ،نەشپۈت بىلەن ناۋاتنى دۈملەپ  پىشۇرۇپ بىرىپ باقتۇق  ،ئۇنىڭدىن باشقا قاقلاپ پىشۇرۇلغان بىھى،سەۋزە ،قۇچقاچ گۈشى دىگەندەكلەرنى بىرىپ پەقەت ئۈنۈمى كۈرۈلمىدى !!!
قىزىمنىڭ يۈتىلى ناھايىتى قاتتىق ،بىر يۈتەلسە ئارقا -ئارقىدىن ئۈزلۈكسىز يۈتىلىپ نەپىسى يىتىشەلمەي قالىدۇ !ئاق بەلغەم بەك كۆپ ....
مۇشۇ كىسەلگە يۇلۇقۇپ باققانلار بولسا پىكىر ئالماشتۇرساق ،سىناقتىن ئۆتكەن رىستىپلار بولسا ئوتتۇرىغا قويساق مەن ھەم باشقىلار پايدىلانسا دىگەن ئۈمىتتەمەن !!!

alwun12 يوللانغان ۋاقتى 2015-2-4 12:44:48

كۆكيوتەل 100كۈندە ساقىيارمىش ،منىڭ بالاممۇ شۇنداقبىر يۆتەلسە توختىماي نەچچە ئون مىنۇت قاتتىق يۆتىلىدىغان بولۇپ قىلىپ ناھيىىلك دوختۇرخانىغا ئەكرىسەم  تارغاق سۆڭەك ۋەبويۇنغا چاپلايدىغان بىر چاپلاقنى چاپلاپ قويۇپتى شۇنىڭ بىلەن يۆتەلمەس بولدى ،10نەچچە كۈن داۋلاتقاندىن كىيىن خۇداغا شۇكرى يۆتەلمەس بولدى

MSM يوللانغان ۋاقتى 2015-2-4 13:02:57

كۆك ئامۇت دەپ بىر ئامۇت بولىدىغان. چوغقا كۆمۈپ يېسە كۆك يۈتەلگە مەنپەئەت قىلاتتى.

sartikin يوللانغان ۋاقتى 2015-2-4 13:07:23

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   sartikin تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-2-4 13:08  

قىزىمنىڭ  قىزىتمىسى يوق ،لىكىن يۈتەلنىڭ قاتتىقلىقىدىن  يۇتىلىپ يىقىلىپ چۈشىدۇ ،ياتقان ھالەتتە يۈتەلسە ئورنىدىن  تۇرۇپ كىتىدۇ !
بۇنداق بۇلۇر ۋەرسە ئۆپكىسىگە زەخمەت  يىتەمدىكىن دەپ ئەنسىرەپ قالدىم ............

kokboraa يوللانغان ۋاقتى 2015-2-4 13:09:51

مىنىڭ  بالام  ئۆتكەن  يىلى شۇنداق كۆك يۆتەل  بولۇپ  قالغان  ئىدى ،  قىلمىغان  چارىمىز  قالمىدى  .  ...

ئاخىرىدا  توخۇنىڭ  ئۆتىنى  قەنگە ئارلاشتۇرۇپ(  بىۋاستە  يىيىشكە بولمايدىكەن  ،  بەك  ئاچچىق  دەيدۇ ) يىگۈزگەن  .  ئاندىن  ئۆردەك  تۇخۇمىنى  يىگۈزسە  پايدا  قىلىدىكەن( ژىلىتىپ ) دەپ  ئاڭلاپ  ئۇنىمۇ  قىلدىم  .  ئىككىسىنىڭ  قاسسى  پايدا  قىلغىنىنى  تازا  بىلەلمىدىم   ،ئەمما  ئاللاھ  شىپاتلىق  بىرىپ  ساقىيىپ  كەتتى .  

sartikin يوللانغان ۋاقتى 2015-2-4 13:11:46

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   sartikin تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-2-4 13:21  

...

sartikin يوللانغان ۋاقتى 2015-2-4 13:14:08

توردىن ئىزدەپ باقسام  تۇخۇ  ئۈتىگە  شىكەر قۇشۇپ ئىستىمال  قىلىش ۋە كەپتەر باچكىسىنىڭ قېنىنى ئېقىتىش   مۇ باركەن ،لىكىن بۇ ئامالنى  ئىشلىتىپ باقمىدىم

يوللانغان ۋاقتى 1970-1-1 06:00:00

begir يوللانغان ۋاقتى 2015-2-4 13:30:08

weyrani يوللانغان ۋاقتى 2015-2-4 13:30:28

مىنىڭ قىزىممۇ دەل شۇنداق بوپ قالدى،دوختۇرغا ئاپارسام ئۈچ كۈن ئۇكۇل ئاسقانتى،لىكىن باشنى يېغىر قىلىپ ساراڭ قىلۋەتتى.بېشىنى تۇتۇپ قيساممۇ يىغلايدۇ.بۇ بولمىدى دەپ دوختۇردىن ئېلىپ چىقىپ كەتتىم.گېلىغا چاپلايدىغان بىر چاپلاق باركەن.شۇنى چاپلاتقۇزۇپ،ئۇرغان جىمىي ئۇكۇلنىڭ تابلىتى باركەن.شۇلارنى يىگۇزدۇم ھەم تۇمان چىقىرىپ ئاغىزى بۇرنىغا تۇتۇپ بېردىغان دۇرىنى قىلىپ يۇرۇپ ئاللاھغا شۇكرى ساقىيىپ قالدى.ئۈستىدىكى باللا دىگەن ئىشلارنىمۇ قىلىپ باقسىلا.

kaman1 يوللانغان ۋاقتى 2015-2-4 14:03:23

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   kaman1 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-2-4 14:19  

ئۆزۈم ئالدىنقى ھەپتە بىر سوغۇق ئۆتكۈزىۋالغانچە،ئىككى كۈن يوتقان ئىچىدە توڭلاپ تىتىرەپ  ، بېشىم ئاغرىپ ،ئانچە مۇنچە دورا ئىچىپ خېلى ياخشى بولۇپ قالغان، ئەمما نەچچە كۈن بولدى ئوخلىمىدىم ، بېشىمنى ياستۇققا قويدۇممۇ شۇنداق قاتتىق يۆتەل تۇتۇپ كېتىدۇ، بىريۆتەل بىلەن بېشىم ، مەيدەم چىڭقىلىپ ئاغرىپ ، كۆرمىگەن كۈننى كۆردۇم، خىلمۇخىل يۆتەل دورىسىنى ئىچسەممۇ پەقەت تەسىر قىلمىدى دىسە، چوڭ ئۆيگە بارسام ئاپام بىر رىتىسىپ دەپ بەرگەن ، ئۆيگە بېرىپ شۇنى قىلىپ يىسەم ئىككى سائەتتىلا خېلى بېسىقتى ماۋۇ بېشىڭنى يەيدىغان يۆتەل ، ئەتىسى چۈشتە يەنە قوزغالغىلى تۇرغان ، ئۈچ ۋاق قىلىپ يىسەم خېلى پايدىسى بولدىغۇ، پەقەت بولمىغاندا كېچىسى يېرىم كېچىدە ئويغانساممۇ، ئوخلىيالايدىغان بولدۇم.  بۇنى مۇنداق ياسايدىكەنمىز، قوقاسقا قاقلاپ پۇشۇرغان تۇخۇمنىڭ سېرىقىنى قۇشۇقتا ئېزىۋالىمىز ، ئاندىن ئۇنىڭغا ئىككى -ئۈچ قۇشۇق قېتىق قوشىمىز، قىچا يېغىدىن بىر قوشۇق قۇيىمز، ئاخېرىدا بىر چىمدىم قارىمۇچ قۇشۇپ ئوبدان ئېلەشتۈرۈپ ئىستىمال قىلساق بولىدۇ( مەن تۇخۇمنىڭ سېرىقىدىن ئىككىنى ئىشلەتتىم، بۇنى ئۆزۈڭلار ئەھۋالغا قاراپ بىرنى ئىشلىتىپ باقارسىلەر، قېتىقمۇ شۇ،قىچايېغى تاپالماي زەيتۇن يېغى ئىشلەتتىم،  ھاممام شۇنداق يۆتەل بولۇپ قېلىپ بىر ئىككى ئاي سوزۇلۇپ كېتىپتىكەن، قىلمىغان دورىسى قالماپتۇ، يىڭنە سانجىتىپ ، لوڭقا قويۇپمۇ ياخشى بولالماي، بىر ياشقا چوڭ ئايال يۇقىرقى ئۇسۇلنى دەپ بېرىپتىكەن ، مۇشۇنى قىلىپ ساقىيىپتۇ)

acer1 يوللانغان ۋاقتى 2015-2-4 14:36:48

نەچچە يىل بۇرۇن مىنىڭ سىڭلىممۇ كۆك يۆتەل بۇلۇپ سۇغگۈل مۇرەككەپ تابلىتى دىگەن دۇرىنى يەپ ساقايغان

يوللانغان ۋاقتى 1970-1-1 06:00:00

sartikin يوللانغان ۋاقتى 2015-2-4 16:29:34

ئۈزىنىڭ  تەجىربىسىنى  دەپ  بەرگەن يۇقارقى  تورداشلارغا  رھمەت !!!

Anar يوللانغان ۋاقتى 2015-2-4 17:22:36

بىرقانچە خىل دورىنى تەڭ ئىشلەتكەندە دورىنىڭ قېپىدىكى “تەركىبى” دىگەن يەرگە بەكرەك دىققەت قىلىپ قويىشىڭلارنى تەۋسىيە قىلىمەن،بولۇپمۇ مۇرەككەپ رىتسىپلىق يەنى 复方制剂 نى ئىشلەتكەندە، ئەگەر تەركىبىدە ئوخشاش تەركىبلەر بار بولغان ئىككى خىل دورىنى تەڭ ئىشلىتىپ سالسىڭىز دورا مىقدارى ئېشىپ كېتىدۇ ،ئېغىر بولغاندا زەھەرلىنىشىڭىز مۇمكىن،
ئادەتتە كۆپ ئشلىتىلىدىغان زۇكام دورىلىرى مەسىلەن:复方氨酚烷胺,复方氨酚黄那敏 دىگەنلەر مۇرەككەپ رىتسىپلىق دورا بۇلۇپ ئۇنى قىزىتما دورىللىرى بىلەن بىللە ئىستىمال قىلماسلىق كېرەك

Anar يوللانغان ۋاقتى 2015-2-4 17:27:30

چۈنكى زۇكام دورىلىرى تەركىبىدىكى 对乙酰氨基酚 بىلەن قىزىتما قايتۇرۇش دورىلىرى بىر تۈردىكى دورىلار بولۇپ بىللە ئىچسىڭىز دورا مىقدارى ئېشىپ كېتىدۇ

niyazdixan يوللانغان ۋاقتى 2015-2-4 17:42:58

زەيتۇن مېيىدىن كۈنىگە بىر قوشۇق ئىچكۈزۈپ بېقىشنى سىناپ بېقىڭلار.

tadubeg يوللانغان ۋاقتى 2015-2-4 17:54:48

خوتەندە  بولسىڭىز كۆكيۆتەل شەربىتى دىگەن شەربەتنىڭ ياخشىسىنى تاپتۇرۇپ ئىچكۈزۈڭ.

boran0998 يوللانغان ۋاقتى 2015-2-4 20:33:25

ئۆردەك ياكى غاز تۇخۇمى تېپىپ، پىشۇرۇپ قويۇپ بىر دانىسىنى 2-3كۈنگە بۆلۈپ يىگۈزۈپ بېقىڭ. ئاساسلىق ئوزۇقلۇقى شۇ بولسۇن. ئاندىن كۆك ئامۇتنى قوقاسقا كۆمۈپ پىشۇرۇپ يىگۈزسىڭىز بولىدۇ. ئاللاھ خالىسا مۇشۇ ئۇسۇلنىڭ ئۈنۈمىنى كۆرىسىز. ئىككى بالىنى چوڭ قىلغۇچە، نەچچە قېتىم بېشىمدىن ئۆتكەن ئىشلار ئىدى. ھازىرمۇ پات- پات كۆك ئامۇتنى مەشنىڭ داپخانىسىغا تاشلاپ قويۇپ، ئوبدان پىشۇرۇپ يىگۈزۈپ تۇرىمەن.

zeper يوللانغان ۋاقتى 2015-2-4 21:45:03

مىنىڭ قىزىممۇ ئوخشاشلا ئاغرىغان ،بىر تەخمىنەن ئون كۈن بولدى .ئون كۈن توختىماي ئۇكۇل سالغۇزۇپ ،دورا ئىچكۈزدۈم .ئىككى قېىتىم كۆك كەپتەرنىڭ باچكىسىنى ئۆلتۈرۈپ قېنىنى گەدەن دۈمبىسىگە ئېقىتىىم ھەمدە شۈرپىسىنى ئىچكۈزدۈم .ئۇكۇلى بۈگۈن تۈگىدى .ئەگەر غۇلجىدا بولسىڭىز چىلەيخاڭزىدىكى شۆھرەت  س ت دىگەن دوختۇرغا كۆرسىتىپ بېقىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمەن .ئاللاھ شىپالىق بەرسۇن .
بەت: [1] 2
: بالىلاردىكى كۆك يۈتەل توغرىسىدا پاراڭ