tawpik يوللانغان ۋاقتى 2015-2-4 11:08:14

توقۇنۇش ۋە ھالاكەت

توقۇنۇش ۋە ھالاكەت
ئابلىكىم ھەسەن ئۆگەن
«سونىي» شىركىتى 1946-يىلى 6-ئاينىڭ 16-كۈنى قۇرۇلغان، ئۇ «سودا ئىلاھى» ئاكىئو مورىتانىڭ ئىجادىيىتى ئىدى. «سونىي» شىركىتى ياپونىيەدە تۇنجى بولۇپ ئۈنئالغۇ، كىرىستال قوبۇللىغۇچلۇق رادىئو، يان تىڭشىغۇچ، CRT تېلېۋىزورلارنى كەشىپ قىلغان دۇنياغا داڭلىق كارخانىلارنىڭ بىرى، بىراق ھازىر «سونىي» شىركىتىنىڭ بازار قىممىتى 10 يىل ئىلگىرىكى قىممىتىنىڭ %25 ىگە، «سامسۇڭ» ئېلېكترون شىركىتىنىڭ توققۇزدەن بىرىگە، «ئالما» شىركىتىنىڭ ئوتتۇزدەن بىرىگە توغرىلىشىپ، ۋەيران بولۇش گىردابىغا بېرىپ قالدى. بۇنىڭغا غاپىللىق ۋە بېكىنمىچىلىك ئەمەس، بەلكى ئىچكى قىسىمدىكى توقۇنۇش سەۋەب بولدى.
ئاكىئو مورىتا 20-ئەسىرنىڭ 80-يىللىرىدىلا «شېفىر تېخنىكىسى بىلەن تاراتقۇنىڭ بىرلىشىشى خېرىدارنى يېڭى ساھەگە باشلايدۇ» دېگەن قاراشنى ئوتتۇرىغا قويغانىدى، بىراق شىركەتتىكى ئىنژېنېرلار قارشى تۇرغاچقا، ئۇنىڭ قارىشى ئېتىبارغا ئېرىشەلمىدى. 2001-يىلى «ئالما» شىركىتى iPod شىفىرلىق مۇزىكا تاراتقۇسىنى بازارغا سېلىپ، ھەش-پەش دېگۈچە يەر شارىنى قاپلىدى، بۇنىڭ بىلەن «سونىي» شىركىتى «ئالما» شىركىتىنىڭ ئارقىسىدا قالدى.

دېمەك، «سونىي» شىركىتىدىكى چېچىلاڭغۇلۇق ۋە ھەركىم ئۆز ئالدىغا كارخانا باشقۇرۇش مەدەنىيىتى ئۇنىڭ يېڭىلىق يارىتىشى ۋە تەرەققىياتىغا توسالغۇ بولدى، ئىچكى قىسىمىدىكى گۇرۇھۋازلىق، تارماقلارنىڭ ئارىسىدىكى كەسكىن رىقابەت شىركەتنى ئىچكى قىسىمدا ھەمكارلىشىش ۋە ئۇچۇر ئالماشتۇرۇشتىن مەھرۇم قىلدى، نەتىجىدە شىركەتتە تەكرار ئىشلەپچىقىرىش مەسىلىسى كۆرۈلدى. مەسىلەن، بىرلا ۋاقىتتا 10 خىل ئوخشىمىغان تىپلىق سىنئالغۇ، 30 خىل ئوخشىمىغان تىپلىق تېلېۋىزور ياسالغاچقا، تارماق شىركەتلەر بىر-بىرىنى چەتكە قېقىپ، ئىچكى رىقابەت كەسكىنلەشتى. بۇ تۈپەيلىدىن ئىلگىرى داڭق چىقارغان «سونىي» ماركىسى ئۆتمۈشتىكى شۆھرىتىدىن مەھرۇم بولدى.
دۇنيادا زىددىيەتسىز كوللېكتىپ بولمايدۇ، چۈنكى بىر كوللېكتىپتىكى ئەزالارنىڭ ئالاھىدىلىكى ۋە ئىقتىدارى ئوخشاش بولمايدۇ، بىراق «سونىي» شىركىتىدىكى تىزگىنسىز قالغان خادىملارنىڭ زىددىيىتى كوللېكتىپنىڭ ئادەم ۋە ماددىي كۈچىنى خورىتىپلا قالماي، كارخانىنىڭ جاسارىتىنى سۇندۇرۇپ، يېڭىلىق يارىتىش ئىقتىدارىنى ئاجىزلاشتۇردى.
مۇتەخەسسىسلەر مۇنداق دەيدۇ:«كارخانىدا كەسكىن زىدىيەت كۆرۈلگەندە ھەرقايسى تەرەپنىڭ مەيدانىغا توغرا مۇئامىلە قىلىپ، باشقۇرۇش ئۇسۇلىنىڭ توغرا-خاتالىقى ۋە خادىملاردا مەنمەنچىلىك ياكى بېكىنمىچىلىك خاھىشىنىڭ بار-يوقلۇقىنى تەكشۈرۈش؛ زىددىيەتلىشىپ قالغانلارنى ئېغىر-بېسىقلىق بىلەن سۆھبەتلەشتۈرۈپ، بىرلىككە كەلتۈرۈش ھەم بۇ خىل سۆھبەت مېخانىزىمىنى نورماللىققا ئايلاندۇرۇش ئارقىلىق، يوقىلاڭ ئىچكى رىقابەتنىڭ كارخانىغا زىيان سېلىشىدىن ساقلىنىش كېرەك».
مەنبە: ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتىدىن ئېلىندى.

hoopeelover يوللانغان ۋاقتى 2015-2-5 15:46:53

- بۇنى پەقەت ھايات قالغانلارلا كۆرەلەيدۇ
                         قايسى كىنودىن ئېلىنغان؟

sipartak يوللانغان ۋاقتى 2015-2-5 16:09:25

ۋالتىرنىڭ سارايىۋونى قوغدىشى .

sipartak يوللانغان ۋاقتى 2015-2-5 16:54:14

ۋالتىرنىڭ سارايىۋونى قوغدىشى .

Baqka يوللانغان ۋاقتى 2015-2-5 17:50:30

ئابلىكىم ئۆگەن ئاكىمىزغا رەھمەت.
بۇ بىر نازۇك مەسىلە ئىكەن، باشقىلار يېرىم ئەسىر ۋاقىتتا چىقارغان يەكۈن ئىكەن.
بەت: [1]
: توقۇنۇش ۋە ھالاكەت