ئادەملەر كۈندە قانچە سائەت ئۇخلىسا مۇۋاپىق
60 ياشتىن ئاشقانلار : ھەر كۈنى كەچ سائەت 12 دىن بۇرۇن ياستۇققا باش قويۇپ ، يەتتە سائەت ئۇخلىسا مۇۋاپىق. كەچتە ئۇخلاش ۋاقتىنى يەتتە سائەتنىڭ ئىچىدە كونتىرول قىلغان ياشانغانلارنىڭ چوڭ مېڭسىنىڭ قېرىشى ئىككى يىل كېچىكىدۇ.30 ياشتىن 60 ياشقىچىلار : بۇ ياشتىكى ئەرلەر كۈندە 6.49 سائەت ، ئاياللار 7.5 سائەت ئۇخلىشى ، ھەم كەچ سائەت 10 دىن سەھەر سائەت 5 كىچە بولغان « سۈپەتلىك ئۇخلاش ۋاقىتى »غا كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.
13 ياشتىن 29 ياشقىچىلار : بۇ ياشتىكىلەر كۈندە سەككىز سائەت ئۇخلاشقا كاپالەتلىك قىلىپلا قالماي ، بۇرۇن ئۇخلاپ سەھەر تۇرۇشى كېرەك.
4 ياشتىن 12 ياشقىچىلار : بۇ ياشتىكى بالىلار كۈندە 12 سائەت ئۇخلىشى كېرەك ، كەچلىكى سائەت 8 دە ئۇخلاش ، چۈشتىمۇ ئازراق ئۇخلىۋېلىشى كېرەك . ياشتا سەل چوڭراقلىرى كۈندە 8 سائەتتىن 10 سائەتكىچە ئۇخلىسىمۇ بولىدۇ.
بىر ياشتىن ئۈچ ياشقىچىلار : بۇ ياشتىكى بالىلارنى كۈندە كەچلىكى 12 سائەت ئۇخلىتىشقا كاپالەتلىك قىلىش ، كۈندۈزى ئىككى - ئۈچ سائەت ئۇخلىتىش كېرەك ، كونكرېت ئۇخلىتىش ۋاقتى ئەھۋالغا قاراپ بولىدۇ.
بىر ياشتىن كىچىك بوۋاقلار : ئۇخلايدىغان ۋاقتى ئەڭ ئۇزاق بولۇپ ، كۈندە 16 سائەت ئەتىراپىدا ئۇخلىتىشقا كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. ئۇيقۇ بوۋاقلارنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشىدە مۇھىم رول ئوينايدۇ ، شۇڭا ، ئۇخلاش ۋاقتىغا چوقۇم كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.
مەنبە : شىنجاڭ دېھقانلار گېزىتى 2014- يىل 12-ئاينىڭ 23-كۈندىكى سانىنىڭ تۇرمۇش مەسلىھەتچىسى بېتىدىن ئىلىندى. 30 ياشتىن 60 ياشقىچىلار : بۇ ياشتىكى ئەرلەر كۈندە 6.49 سائەت ئۇخلىشى كېرەك .
__________________________________________________________
ماشىنا ئادەمگە ئوخشاش مېڭە سىستېمىسى بولسا ئادەمنىڭ، ۋاقىتنى توغۇتلاپ قويۇپ نەخ 6.49 سائەت ئۇخلىسا{:92:} Birzat يوللىغان ۋاقتى 2015-02-04 08:37:19 static/image/common/back.gif
30 ياشتىن 60 ياشقىچىلار : بۇ ياشتىكى ئەرلەر كۈندە 6.49 سائە
:lol:lol ئەگەر ئاشۇ ئۆلچەمدىن كەملەپ قالسا نىمە بولار ؟ مەن بەزىدە كىتابىمنى كۆرۈپ بولالماي قالسام كۈندە 6سائەت ئۇخلايمەن. بالدۇر ئۇخلاشنىڭ ئامالى بارمىدۇ :lol يىتىلگەن بىر ئادەم بىر سائەتتىن يەتتە سائەتكىچە ئۇخلىسا مۇۋاپىق. مەن بەش سائەت ئۇخلىساملا ئۇيقۇغا قېنىپ قالىمەن. ئىشىم بولماي قالسا بىر ياتقانچە 10 سائەت ئۇخلىۋېتىمەن. سىلەر تېخى ئۇخلاشنى بىلمەيدىكەنسىلەر:lol بالدۇرراق توي قىلىۋىلىڭلا، بالدۇر ئۇخلايسىلە.{:92:} غەپلەت ئۇيقۇ دىگەن، نورمال ئادەم 5سائەتتىن 7سائەتكىچە ئۇخلىسا مۇۋاپىق! ئۇخلاش ۋاقتى كەم دىگەندىمۇ بەش سائەتتىن كەم بولماسلىقى كىرەك ماۋۇ ئۈندىدار توپىدىكىلەر تولا گەپ قىلىپ ئۇخلاتمايتتى، ئەمدى ئاڭلىغاندۇ بالدۇر ئۇخلايلى ماقىما ئىنسان ھاياتىنىڭ يېرىمى دىگۈدەك ئۇيقۇ ئىچىدە ئۆتۈپ كىتىدىكەن ، شۇڭا ھاياتنى قەدىرلەپ ئۇيقىنى ئاز ئۇخلاڭلا Uyghurking يوللىغان ۋاقتى 2015-2-4 18:04 static/image/common/back.gif
بالدۇر ئۇخلاشنىڭ ئامالى بارمىدۇ
ئىزچىلارنىڭ دىگەن ئامالى بۇلىدۇ. قېرى بويتاقلار ئۇيقۇ دورىسى يەپلا يۈرۈيدىكەندە! {:87:} Uyghurking يوللىغان ۋاقتى 2015-02-04 18:04:00 static/image/common/back.gif
بالدۇر ئۇخلاشنىڭ ئامالى بارمىدۇ :lol
كەچقۇرۇن رادىيو تېڭشىڭلار ، مەركەزنىڭكىنى !:lol memetawaq يوللىغان ۋاقتى 2015-02-05 12:41:19 static/image/common/back.gif
ئىنسان ھاياتىنىڭ يېرىمى دىگۈدەك ئۇيقۇ ئىچىدە ئۆتۈپ كى
تايىلىق ۇخلىماڭلار ، ھايات قىسقا جۇمۇ !:lol:lol
مەشھۇر كىشلىرىمىزنىڭ قانداق دانا تەكلىپى باردۇ ؟
بەت:
[1]