xahriyar يوللانغان ۋاقتى 2015-2-3 19:52:21

ئەركەم

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   xahriyar تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-2-3 19:53  

ئەركەم
xahriyar

سىزنى باسسام باغرىمغا ئەگەر ،
دۇنيا ماڭا ئۆچ بوپ كېتەرمۇ ؟
قۇياش قەھرى بىلەن كۆيدۈرسە ،
ئاي ئازاپتىن ياشلار تۆكەرمۇ ؟

سىزنى باسسام باغرىمغا ئەگەر ،
زىمىن تەۋرەپ ، تاغلار غۇلارمۇ ؟
تاشقىنلارمۇ دېڭىز غەزەپتىن ؟
گۈللەر يىغلاپ چېچىن يۇلارمۇ ؟

ئىسمىڭىزنى چاقىرسا دېڭىز ،
ھېدىڭىزنى ھېدلايدۇ گۈللەر .
يىغلىسىڭىز تۇتۇلار ئاسمان ،
كۈلكىڭىزدىن كائىنات كۈلەر .

چۈنكى سىز بىر ئەركە مەلىكە ،
دۇنيا سىزنى ئايلىنار ھەردەم .
قۇياش سىزگە بەرگەن نۇر - زىيا ،
ئاي مۆكۈنگەن چېھرىڭىزگە ھەم .
تەڭدىشى يوق يىگانە قىز سىز ،
تەڭداشسىزمەن سىز بىلەن ئەركەم !

ArpatKurban يوللانغان ۋاقتى 2015-2-3 22:43:03

ئاشىقلىق.............:lol

ftp يوللانغان ۋاقتى 2015-2-3 23:09:24

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ftp تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-2-3 23:11  

نەقلا شۇ... چىكىدىن ئاشقان ئاشىقلىق... ئەمما ‹‹ ئاشىقلىقنىڭ ئوتى بەك يامان ›› دەيدۇ كونىلار.   نېمىلا بولمىسۇن، شېئىرىڭىز پەيزى چىقىپتۇ. مۇشۇنچىلىك ئاشىق بولماقنىڭ ئۆزىمۇ ئاسان ئەمەس ھەي...

ER518 يوللانغان ۋاقتى 2015-2-3 23:17:36

ftp يوللىغان ۋاقتى  2015-2-3 23:09 static/image/common/back.gif
نەقلا شۇ... چىكىدىن ئاشقان ئاشىقلىق... ئەمما ‹‹ ئاشىقلىق ...

ئاشىقلىقنىڭ چېكى نەدە؟

AAA يوللانغان ۋاقتى 2015-2-3 23:27:54

باچكىكام بۈگۈن ئەدىپ بىلەن گىلاس خانقىزلارنىڭ خاس تىمىلىرىدىن بىرنى تەستىقلىۋىتىپ قاپتۇغۇ.

Ayqut1 يوللانغان ۋاقتى 2015-2-4 00:34:24

قۇياش ماڭا كۆتۈرەرمۇ تىغ،
سۆيۈپ قالسام سېنى ناۋادا؟
سوراپ قالسا گۈللەر ئىسمىڭنى ،
ئاسمان-زىمىن بېرىدۇ سادا.

ئادىل تۇنىياز.

huja يوللانغان ۋاقتى 2015-2-4 10:43:23

سۇيۇپ قالسام سىنى ناۋادا دىگەن شېئىرغا ئوخشاپ قالغاندەك  تۇنجى ئوقىغاندىكى تەسىرات

xahriyar يوللانغان ۋاقتى 2015-2-4 15:55:08

شېئىرنىڭ خۇرۇچى ھەقىقەتەن « سۆيۈپ قالسام سېنى ناۋادا » دىن ئېلىنغان . كۆپچىلىكنىڭ ئوقۇغاندەك تۇيغۇدا بولۇشى بەرھەق .{:114:}

NIRWANA يوللانغان ۋاقتى 2015-2-4 19:04:03

پەقەت قاپىيە ئېھتىياجى ئۈچۈنلا يېزىلغاندەك

ftp يوللانغان ۋاقتى 2015-2-7 21:28:43

ئاشىقلىقنىڭ چېكى نەدە؟

ئاشىقلىقنىڭ چېكى يوق :lol

ER518 يوللانغان ۋاقتى 2015-2-8 10:29:40

ftp يوللىغان ۋاقتى  2015-2-7 21:28 static/image/common/back.gif
ئاشىقلىقنىڭ چېكى يوق

ئاشىقلىقنىڭ چېكى بولمىسا (چېكىدىن ئاشقان ئاشىقلىق)دېگەن نېمە گەپ ئەكەك؟:lol
بەت: [1]
: ئەركەم