ئالتۇن باھاسى نېمە سەۋەبدىن ئۆسۈپ كەتتى
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا uyaltun تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2015-2-3 18:23ئالتۇن باھاسى نېمە سەۋەبدىن ئۆسۈپ كەتتى
خەلقئارا ئالتۇن باھاسى 2 - ئاينىڭ 3 - كۈنى ئاسىيا بازىرىدا ئالتۇن باھاسى 1273 دوللار ئەتراپىدا تار دائىرىدە تەۋرەنگەن . تۈنۈگۈن كەچتە ئامېرىكا PCE ۋە IMS ياساش كەسپى PMI سانلىق مەلۇماتى ناچار چىقىپ دوللارغا بېسىم ئېلىپ كەلدىن ، شۇنىڭ بىلەن ئالتۇن باھاسىنىڭ ئۆسۈشىگە تۈرتكە بولدى . ئامېرىكا ۋاقتىدا مەبلەغ سالغۇچىلارنىڭ دىققىتىدە بولىدىغىنى ئامېرىكا زاۋۇت زاكاز مەلۇماتى ، بۇ سانلىق مەلۇمات دوللارنىڭ كەچلىك يۆلىنىشىگە تەسىر كۆرسىتىشى مۇمكىن .
ئالتۇن سودا تەھلىلى 03-2
ئالدىنقى ھەپتىدىكى ئالتۇن سودا بازارنى ئويلاپ ئۆتسەك بازار ئىچىلىش باھاسى 1294.6 دوللا ر ئەڭ يۇقىرى باھاسى 1299.34 دوللا ر ، ئەڭ تۆۋەن باھاسى 1252.06 بازار بازار يېپىلىش باھاسى 1283.66 دوللار بولدى .
ئەتىگەنكى ئاسىيا بازىرىدا دوللارنىڭ كۆرسەتكۈچى ئەڭ يۇقىرى 94.63 دوللار ئەتىراپىدا بولىدى، ئالتۇننىڭ باھاسى ئەڭ يۇقىرى 1276 دوللار بولدى .
ئاساسى ئانالىز:
بۈگۈن ئاسىيا ۋاقتىدا مەبلەغ سالغۇچىلار ئاۋسترالىيە فېدېراتسىيىسى بېيجىڭ ۋاقتى سائەت 11 :30 دە ئۆتكۈزۈلىدىغان ئۆسۈم نىسبىتى قارار يىغىنىنى كۈتۈۋالىدۇ ، ئەگەر ئاۋسترالىيە فېدېراتسىيىسى ئۆسۈمنى تۆۋەنلەتسە ئالتۇن باھاسىغا پايدىلىق بولىشى مۇمكىن . لېكىن ئالتۇن كۈمۈشكە بولغان تەسىرى چەكلىك بولىدۇ .
ياۋرۇپا ۋاقتىدا مەبلەغ سالغۇچىلارنىڭ دىققەت نۇقتىسى بولسا ئەنگلىيە ئۆي باھا كۆرسەتكۈچ ۋە بىناكارلىقPMI سانلىق مەلۇماتى ، ئەگەر سانلىق مەلۇمات ئاجىز چىقسا ئالتۇن باھاسىغا بېسىم ئېلىپ كېلىشى مۇمكىن .
ئامېرىكا ۋاقتىدا مەبلەغ سالغۇچىلارنىڭ دىققىتىدە بولىدىغىنى ئامېرىكا زاۋۇت زاكاز مەلۇماتى ، بۇ سانلىق مەلۇمات دوللارنىڭ كەچلىك يۆلىنىشىگە تەسىر كۆرسىتىشى مۇمكىن . كەچتە ئېلان قىلىدىغان سانلىق مەلۇمات ئامېرىكا فېدېراتسىيە سىياسىتىنىڭ يۆلىنىشىگە كۆرسەتمە بېرىدۇ .
مەشغۇلات باسقۇچى :
1.ئالتۇن باھاسىنىڭ 4 سائەتلىك سىزىقىدىن كۆرۈشكە بۇلىدىكى 1285 دوللار ئەتىراپىدا يەنىلا توسالغۇ بىسىم مەۋجۇت ، ئەگەر 1285 دوللاردىكى توسالغۇدىن ئىشىپ كەتسە 1293-1297 دوللارغىچە ئۆرلەيدۇ ، ئەگەر بۈگۈن يەنىلا 1285 دوللاردىن بۆسۈپ ئۆتەلمىسە بۈگۈنكى تىرەش نۇقتىسى 1260 دوللارغا سۈرۈلىدۇ .
2. ئەتىگەنكى ئاسىيا بازىرىدا ئالتۇن باھاسى تەۋرىنىشى سۇس بولدى ، چۈشلۈك ئاسىيا بازىرىدا 1270 دوللاردىن چۈشۈشپ كەتمىگەن ئەھۋالدا ئۆرلەشكە ئىلىپ ، زىيىنىنى 4 دوللار دا توختىتىپ پايدىسىنى 1280-1285 دوللار ئارىلىقىدا چىقىرىشقا بولىدۇ .
3. ياۋرۇپا بازىرىدا 1285 ياكى 1280 دوللاردىن ئىشىپ كىتەلمىسە چۈشۈشكە ئىلىپ زىيىنىنى 4 دوللار دا توختىتىپ پايدىسىنى 1270 دوللار ئەتىراپىدا چىقىرىشقا بولىدۇ . ئەگەر ياۋرۇپا ئامىرىكا بازىرىدا 1270 دوللار دىن چۈشۈپ كەتسە 1260 دوللار ئەتىراپىنى كۆرۈشكە بولىدۇ . بۈگۈن سودا بازىرى تەۋرەنمە تەۋرىنىشنى ئاساس قىلىدۇ ، ياۋرۇپا بازىرىدا ئالتۇن باھاسى 1268-1285 تەۋرىنىدۇ .
چۈشۈشكە ئىلىشقا بولدىغان نۇقتىلار 1280 1287
ئۆرلەشكە ئىلىشقا بولدىغان نۇقتىلار 1260 1270
بۈگۈنكى تەۋرىنىش دائىرىسى 1263-1287
بۈگۈنكى تىرەش نۇقتىسى 1260
بۈگۈنكى بۆسۈش نۇقتىسى 1285
مۇتەخەسسىس : ئالىيە
ئەسكەرتىش: يۇقارىلارنى پايدىلىنىشقا بولىدۇ ،سودا قىلغاندا مال سانى بىلەن زىيىنىنى كونترول قىلىپ كۆزىتىشنى ئاساس قىلىڭ .
نەق ئالتۇن سودىسىنىڭ قەغەز ئالتۇن سودىسى بىلەن بولغان پەرقى
قەغەز ئالتۇن سودىسىدا پەقەت ئۆسۈشكە سودا قىلغىلى بولىدۇ ، نەق ئالتۇندا بولسا قوش يۆلىنىشلىك سودا قىلغىلى بولىدۇ ، چۈشۈشكە ھەم ئۆسۈشكە مال ئالغىلى بولىدۇ .
قەغەز ئالتۇن سودىسىدا پىشاڭلىق تاناسىپلىق شەكلى بولمايدۇ ، بىر كىلوگرام ئالتۇن سېتىۋالسىڭىز بىر كىلوگرامنىڭ پۇلىنى تۆلەيدۇ ، لېكىن نەق ئالتۇن سودىسىدا پەقەت 1% تىنىڭ پۇلىنى تۆلەپ بىر كىلوگرام ئالتۇن سېتىۋالغىلى بولىدۇ .
قەغەز ئالتۇن سودىسىنىڭ ۋاقتى بانكىلارنىڭ خىزمەت ۋاقتى بىلەن بىردەك بولىدۇ ، نەق ئالتۇن سودىسىدا كۈنىگە 24 سائەت سودا ئېلىپ بېرىلىدۇ .
ئىقتىساد ئامىلنىڭ ئالتۇن باھاسىغا بولغان تەسىرى
ھەرخىل ئاساسى يۈزدىكى ئامىللار ئىچىدە ئەڭ مۇھىم بولغىنى ئىقتىساد ئامىلى ، ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ ئىقتىساد يۈزى شۇ دۆلەتنىڭ پېرېۋوت نىسبىتىنىڭ تەۋرىنىشىدىكى ئەڭ چوڭ بولغان ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچى ھېسابلىنىدۇ ، پېرېۋوتنىسبىتىنىڭ تەۋرىنىشى ئالتۇن باھاسىنىڭ ئۈزلۈكسىز تەۋرىنىشىگە تۈرتكە بولىدۇ . ئىقتىساد ئاساسى يۈزىنىڭ ياخشى يامان بولىشى ئاساسلىقى تۈرلۈك ئىقتىساد سانلىق مەلۇماتلاردىن ئىپادىلىنىدۇ ، شۇنىڭ ئۈچۈن بىر قىسىم ئىقتىساد سانلىق مەلۇمات بىلىملىرىنى چۈشىنىش ، ھەمدە سانلىق مەلۇماتنىڭ ياخشى يامانلىقىغا ھۆكۈم قىلىش ئۇسۇلىنى ئىگىلەش كېرەك ، بۇ ئاساسى يۈزنى تەھلىل قىلىشنىڭ بىرىنچى قەدىمى .
ئىقتىساد سانلىق مەلۇمات ئادەتتە تاشقى پېرېۋوت ۋە ئالتۇن بازىرىغا قىسقا مۇددەتلىك تەسىر كۆرسىتىدۇ ، بىر قىسىم مۇھىم بولغان سانلىق مەلۇتلار ھەتتا شۇ كۈنلۈك مۇناسىۋەتلىك بازارنىڭ مۇھىم بولغان تەسىر كۈچى ھېسابلىنىدۇ ، بازار يۆلىنىشىدە غايەت زور ئۆزگىرىشلەرمۇ كۆرۈلىدۇ .
خەلق پۇلى نېمىشقا قايتا ئۆرلىمەيدۇ ؟
جۇڭگونىڭ چوڭ سوممىلىق سودىدىكى ئوڭ پەرق خەلق پۇلنىڭ يۇقىرى ئۆرلىشىگە تىرەش كۈچى بولغان ؛ بۈگۈنكى كۈندە خەلق پۇلى قىممىتى چۈشۈش بېسىمغا ئۇچراۋاتقان بولۇپ ، بۇ خىل بېسىم مەبلەغنىڭ سىرتقا ئېقىپ كېتىشى ۋە ياۋرو ، ياپونىيە يېنى ، يېڭىدىن گۈللەنگەن بازاردىكى پۇللارنىڭ قىممىتى چۈشۈش قاتارلىق سەۋەبلەر ئېلىپ كەلگەن زەنجىرسىمان رېئاكسىيە ؛
بۇ يىل بۈگۈنگە قەدەر ، خەلق پۇلى پېرېۋوت نىسبىتى 0.7% تۆۋەنلىگەن بولۇپ ، دوللارنىڭ خەلق پۇلغا بولغان نىسبىتى 6.25 يۈەن ئەتىراپىدا بولغان ؛ 2014 - يىلى خەلق پۇلى پېرېۋوت نىسبىتى 2.4% تۆۋەنلىگەن بولۇپ ، بۇ 2005 - يىلدىن بۇيانقى تۇنجى قېتىم پۈتۈن يىل چوڭ دائىرىدە تۆۋەنلەش ھالىتىنى كۆرسەتكەن .
تاشقى پېرېۋوت سودىگەرلىرىنىڭ كۆز قارىشىغا ئاساسەن ، سودىدىكى ئوڭ پەرق بولسا پېرېۋوت نىسبىتىنىڭ قايتا ئۆرلىمەسلىكىگە ۋە مەبلەغنىڭ سىرتقا ئېقىپ كېتىشىگە تۈرتكە بولغان ئاساسلىق ئامىل ؛ بۇنىڭ بىلەن قارىمۇ قارشى بولغىنى ، بازارنىڭ ئامېرىكا فېدېراتسىيىسىنىڭ ئۆسۈم ئۆستۈرۈشى ، ياۋروپا مەركىزى بانكىسى ۋە ياپونىيە مەركىزى بانكىسىنىڭ مىقدارلاشتۇرۇش كەڭ سىياسەت تەدبىرى ، يېڭىدىن گۈللەنگەن بازارنىڭ مەبلەغنىڭ سىرتقا ئېقىپ كېتىشى ۋە دوللار مەبلىغىنىڭ ئېقىش يۆنىلىشىگە تۈرتكە بولىشى قاتارلىقلار .
دوللار كۆرسەتكۈچىنىڭ نۆۋەتتىكى ھالىتى
2 - ئاينىڭ 3 - كۈنى دوللار كۆرسەتكۈچى ئەڭ يۇقىرى باھاسى 94.6983 ، ئەڭ تۆۋەن باھاسى 94.4111 ، ئوتتۇرچە باھاسى 94.57 بولۇپ ، ئۆرلەش تۆۋەنلەش ئاساسى 0.29% - بولدى ؛ بۈگۈن بازار ئېچىلىشىدا 94.8148 بولۇپ ، ئاسىيا ئەتىگەنلىك بازىرىدا 94.60 ئەتىراپىدا ئايلاندى ؛ سېتىۋېلىش باھاسى 94.503 ، سېتىلىش باھاسى 94.513 بولدى ؛ تۈنۈگۈن بازار يېپىلىش باھاسى 94.8818 بولدى .
ئەسلى مەنبە : ئۇيغۇر ئالتۇن تورى
بەت:
[1]