ErkinQush يوللانغان ۋاقتى 2015-2-3 15:02:43

丙种球蛋白 ھەققىدە بىلىدىغانلار بارمۇ ؟

ئەسسالام ئەلەيكۇم قېرىنداشلار!

بالام ساقسىز بولۇپ دوختۇرخانىغا كىرىپ قېلىپ داۋالىنىۋاتقان ئىدى، ھەپتىلىك داۋالاشتىن كېيىن دوختۇر بالامنىڭ ئېمۇنىت كۈچىنىڭ ئاجىزلىقىنى،丙种球蛋白  دېگەن بىر ئۇكۇلنى ئۇرۇش زۆرۈرلىكىنى، ئۇ ئۇكۇلنى سىرىتتىن تېپىشىمىز كېرەكلىكىنى ئېيىتتى، ئۇ ئۇكۇلنى خېلى ئىزدەپ تاپالمىغاندىن كېيىن دوختۇردىن نەدە ساتىدىغىنىنى سورىسام بىر يەرنى ئېيتىپ بەردى، ئۇ دورىخانىدا  شەندۇڭنىڭ ئىشلىگىنى بار ئىكەن، بىر قۇتىسى 2.5 گىراملىقى 720 يۈەنكەن. توردىن ئىزلىسەم  گېرمانىيەنىڭ 3 مىللىلىتىرلىقى باركەن، 320 دەيدۇ، مەنمۇ تازا بىلەلمىدىم.

مۇشۇ ئۇكۇلنى ئۇرۇش زۆرۈزمۇ، ئۇرغۇزۇپ باققانلار بارمۇ ؟ بۇ ئۇكۇلنىڭ ئورنىنى ئالالايدىغان باشقا ئۇكۇللار بارمۇ ؟


قېرىنداشلارنىڭ ياردەم قىلىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

ErkinQush يوللانغان ۋاقتى 2015-2-3 16:56:38

باشقۇرغۇچىلار جىددىي بىر تەستىقلاپ قويساڭلار

tahir2 يوللانغان ۋاقتى 2015-2-3 22:47:31

بالىڭىزنىڭ يېشى نەچچە ياش ؟ تەپسىلىرەك دىسىڭىز ياردىمىمىز تىگىپ قالار مەسىلەن قانداق ئالامەتلەر بار دىگەندەك

لىكىن ئاۋۇ دورىنى مەنمۇ ئانچە بىلىىپ كەتمەيدىكەنمەن . ئەمما ئوزۇقلۇق ئارقىلىق ئىمۇنىتىت كۈچىنى يۇقۇرى كۆتۈرگىلى بولۇش مۇمكىنچىلىكى بار ،شۇڭا كېسەللىك ئالامەتلىرىنى تەپسىلىيرەك دەپ بىرەلەمسىز؟

tahir2 يوللانغان ۋاقتى 2015-2-3 22:48:11

شۇنىڭغا قاراپ سىزگە بىرقانچە ئائىلىدە ئىشلىتىلىدىغان سىناقتىن ئۆتكەن رىتسىپلاردىن تەمىنلەپ بىرەي

ErkinQush يوللانغان ۋاقتى 2015-2-4 05:55:30

4ئايلىقتىن سەل ئاشتى

ErkinQush يوللانغان ۋاقتى 2015-2-4 05:57:41

قىزىتمىسى سەل ئۆرلەپ قېلىپ، دوختۇرغا ئەكىرگەن، ئۇلار ئۆپكە ياللۇغى دەپ دىئاگۇنۇز قۇيۇپتۇ………

بالام ھۆتىلىدۇ،بەلغەم بار   مۇشۇلار

attir يوللانغان ۋاقتى 2015-2-4 10:16:00

ئۇنى ئىشلەتمەڭ توردىن ئىزدەپ كۆردۇم،بالىڭىز كىچىككەن سىز ئوزۇقلۇق ۋە باشقا دورىلىق يىمەكلىك بىلەن ئوزۇقلاندۇرۇڭ.

ErkinQush يوللانغان ۋاقتى 2015-2-4 15:29:40

tahir2 يوللىغان ۋاقتى  2015-2-3 22:48 static/image/common/back.gif
شۇنىڭغا قاراپ سىزگە بىرقانچە ئائىلىدە ئىشلىتىلىدىغان  ...

تەلىم بەرگەيسىز

eva يوللانغان ۋاقتى 2015-2-4 15:48:53

دوختۇر چوقۇم ئۇرىسىلەر دىسە ئۇچۇر قىلىڭ ، مەن تېپىپ بېرەلەيمەن  

ErkinQush يوللانغان ۋاقتى 2015-2-4 17:48:37

eva يوللىغان ۋاقتى  2015-2-4 15:48 static/image/common/back.gif
دوختۇر چوقۇم ئۇرىسىلەر دىسە ئۇچۇر قىلىڭ ، مەن تېپىپ بې ...

چۇقۇم ئۇرۇش كېرەك دېمىدى، لېكىن شۇنى ئۇرسان ئۈنىمى يۇقىرىراق بولاتتتى دەيدۇ،  

مۇنۇ يەردە شەندۇڭنىڭ باركەن، 2.5 گىراملىقى 750 ئەڭ تۆۋەن 720 دەيدۇ. توردا گېرمانىيەنىڭ باركەن 320 دەيدۇ.  مەنمۇ ئىككىلىنىپ قالدىم   


سىز تېپىپ بەرسىڭىز قانچىلەردىن تېپىپ بېرەرسىز.   


ھازىر بۇ دوختۇرخانىدىكى كۆپلىگەن بالىلارغا مۇشۇ ئۇكۇلنى تەۋسىيە قىلىۋاتىدۇ.  ئەگەر كۆپ بولسا مەن تۇنۇشتۇرۇپ قۇيىمەن باشقىلار بىلەنمۇ :handshake

tahir2 يوللانغان ۋاقتى 2015-2-4 18:13:35

بالىڭىزغا ئاچچىق يىمەكلىكەرنى ئاز بىرىڭ ، قوي جىگىرىنى كاۋاپ قىلىپ ياكى باشقا ئۇسۇللار بىلەن يىگۈزۈپ بىرىڭ ،تاماقنى بەك كۆپ يىگۈزمەڭ بولمىسا جىگەر ھەم تالنىڭ بېسىمى ئېشىپ كىتىدۇ.
سىياھ بىلىق ، پىچەكگۈل، قارا كۈنجۈت ،دۇفۇ قاتارلىقلارنى كۆپرەك يىگۈزۈپ بىرىڭ ، توڭدۇرۇپ قويماڭ ،
بالىڭىزنى بەك پاكىز بېقىپ كەتمەڭ بولمىسا ئىمۇنىتىت كۈچىنىڭ شەكىللىنىشىگە تەسىر يىتىدۇ.

بالىڭىزنى ئۆز كۆزۈم بىلەن كۆرمىگەچكە مۇشۇنچىلىك دەپ بىرەلەيمەن .
مۇكەممەل رىتسىپ بىرەي دىسەم  بالىڭىز بەك كىچىككەن بىرەر كىلىشمەسلىك كىپ قالسا ھۆددىسىدىن چىقالمايمەن.
ئىلاج بار مىللى تىبابەت ياكى جۇڭيى تىبابەت دوختۇرخانىلىرىغا كۆرسىتىپ بېقىڭلار ، لىكىن چوقۇم مۇنتىزىم دوختۇرخانىغا ياكى جامائەت ئىتىراپ قىلغان تىۋىپللارغا كۆرسىتىڭلار ھەرگىزمۇ كوچىدىكى دورىكەشلەرگە ھەم ساغلاملىق مەھسۇلاتلىرى ساتىدىغان قۇلاق كەستىلەرگە ئالدىنىپ قالماڭلار

sawirjan يوللانغان ۋاقتى 2015-2-4 21:20:48

بۇ ئوكول ئىممونىت كۇچىنى ئاشۇرىدىغان تەسىرى ياخشى ،بەدىنى ئاجىزلار ،ياشانغانلارغا بەك ماس كىلدۇ.بۇنى ئىشلەتكەنلەرگەئالدىراپ زۇكام تەگمەيدۇ. دورىخانىلاردىن ئىزدەپ ئاۋارە بولماڭ.ئۆزىڭىز تۇرۇشلۇق كىسەللكنىڭ ئالدىنى ئىلش كونتىرول قىلش مەركىزىگە بىرىپ ئىزدەڭ چوقوم تاپالايسىز،دورىخانىلارغا قارىغانداكوپ ئىشەنچىلك، سۇپىتىگە ۋە ساقلاش يوتكەش جەھەتتىكى تەلەپلىرىگە تولوق كاپالەتلك قىلغىلى بولىدۇ.

ErkinQush يوللانغان ۋاقتى 2015-2-5 09:22:05

ھەممىڭلارغا رەھمەت

سەۋىرجان سىزنىڭ دېگىنىڭىز سەھىيە ساقلىقنى ساقلاش    防疫站  شۇمۇ؟
بەت: [1]
: 丙种球蛋白 ھەققىدە بىلىدىغانلار بارمۇ ؟