kuysoyar يوللانغان ۋاقتى 2015-2-3 10:02:18

مىكروسوفت تورىدىن 549 يۈەنگە ۋىندوۋس 8.1 كومپيۇتېرى ئالامسىز؟

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم تورداشلار، نۇر تورى ۋە ئالىم ئەھەت تورىدىن مىكروسوفت بىلەن خۇيپۇ بىرلىشىپ 699 يۈەنلىك ۋىندوۋس 8.1 كومپيۇتېرى سېتىلىدىغانلىقىنى ئاڭلاپ، مىكروسوفت تور دۇكىنىغا كىردىم.
       راستتىنلا  شۇنداق ئىكەن. ئادەمنى ئەڭ  جەلپ  قىلىدىغان يېرى، بۇ تاختا كومپيۇتېر بولسىمۇ  سىستېمىسى  ئۈستەل كومپيۇتېرنىڭ  سىستېمىسى  بىلەن ئوخشاش ھەقىقىي  نۇسخىدىكى  ۋىندوۋس 8.1 ئىكەن. ئەلۋەتتە، exe ھۆججەتلىرىنى نورمال قاچىلاشقا بولىدۇ، دېگەن گەپ.
بۇ خۇيپۇ كومپيۇتېرى huipu stream7 نىڭ مۇھىم سەپلىمىلىرى: ئېكرانى  7  دىيۇم، ئېكران   ئېنىقلىقى  1280*800، ئىچكى ساقلىغۇچ 1 گېگابايت، ساقلاش بوشلۇقى 32 گېگابايت، تۆت يادرو بىر تەرەپ قىلغۇچ، سىمسىز تور، سىغىم كارتا قوللاش، ... قاتارلىقلار.
       (مېنىڭچە، 1 گېگابايت ئىچكى ساقلىغۇچ سەل كىچىك. )
        مىكرو سوفت تور دۇكىنىدىكى باشقا كومپيۇتېرلارغا نەزەر سېلىپ باقسام، باھاسى تېخىمۇ ئەرزان vido w8a تىپلىق بىر كومپيۇتېرغا كۆزۈم چۈشتى. باھاسى 599 يۈەن ئىكەن. بۇمۇ ۋىندوۋس 8.1  سىستېملىق  ئىكەن. بۇنىڭ سەپلىمىلىرى:ئېكرانى  8  دىيۇم، ئېكران   ئېنىقلىقى  1280*800، ئىچكى ساقلىغۇچ 2 گېگابايت، ساقلاش بوشلۇقى 16 گېگابايت، تۆت يادرو بىر تەرەپ قىلغۇچ، سىمسىز تور، سىغىم كارتا قوللاش، ... قاتارلىقلار.
        (مېنىڭچە، 16 گېگابايت ساقلاش بوشلۇقى سەل كىچىك. ماركا ئىناۋىتى تۆۋەن بولغاچقا سۈپەتكە بىر نېمە دېمەك تەس)
يەنە تېخى مىكروسوفت ھېساباتى بىلەن تىزىملىتىپ 50 يۈەنلىك  ئېتىبار  باھا  كودىغا   ئېرىشكىلى  بولىدىكەن. (مەن سىناپ بېقىپ،ئېتىبار  باھا كودىغا  ئېرىشتىم. )
شۇنىڭ بىلەن خۇيپۇنىڭ ھېلىقى كومپيۇتېرىنى 649 يۈەنگە، vido w8a نى 549 يۈەنگە ئالغىلى بولىدۇ، دېگەن گەپ.
تورداشلار، قىزىقساڭلار مىكروسوفت تور دۇكىنىدىن كۆرۈپ بېقىڭلار.
         http://www.microsoftstore.com.cn/类别/电脑%2B平板/c/computers
  
        باھادا  ئېتىبار  قىلىش كودىغا  ئېرىشىش  ئۈچۈن http://www.microsoftstore.com.cn ماۋۇ بەتكە كىرىپ قىپقىزىل جايدىكى رامكىغا خەت ساندۇق  ئادرېسىڭىزنى  كىرگۈزۈڭ. پۈتتۈرۈپ بولغاندىن كېيىن خەت ساندۇقىڭىزنى ئېچىپ قاراپ بېقىڭ. مالنى  سېتىۋالىدىغان  چاغدا ئاشۇ كودنى كىرگۈزىدىغان جاي بار.
قالغان گەپ-سۆزلەرنى ئىنكاس ئارقىلىق تولۇقلارمىز.
تېما مەنبەسى : نۇرقۇت دۇنياسى

yusanjan2000 يوللانغان ۋاقتى 2015-2-3 11:55:10

ئىشىلتىپ باققانلار بولسا تەسراتىڭلارنى سۆزلەپ باقساڭلار  بوپتىكەن . ئاڭلاپ  باقساق بوپتىكەن

Mahir512 يوللانغان ۋاقتى 2015-2-3 11:59:45

ئادرىس نورمال چىقماپتۇ، كىرسەم قىممەتلىرى تۇرىدۇ.

Mahir512 يوللانغان ۋاقتى 2015-2-3 13:10:27

مەن بىرنى سېتىۋالدىم، قالغىنىغا كەلگەندە ئىشلىتىپ بىرنىمە دەرمىز.

laqin يوللانغان ۋاقتى 2015-2-3 13:17:28

يەنە بىر تېمىدىكى ئىنكاسىمنى قالدۇرۇپ قوياي
ۋىنپەد نىڭ ھەقىقەتەن ئارتۇقچىلىقى بار، ئۈستەل كومپىيۇتور پىروگگىراممىلىرىنىڭ 90 %نى ئىجرا قىلغىلى بولىدۇ، سېستىمىنى پۈتۈنلەي ئويغۇرچىگە تەڭشىيەلەيسىز، (بىر قىسىملىرىدە تەمىنلەنگەن)office نىمۇ ئۇيغۇرچە ئىشلىتەلەيسىز...

ئەمما چوڭ ئۈمىد كۈتۈشكە بولمايدۇ، چۈنكى CPUسى يەنىلا ئاجىز ، گەرچە پارامىتىرلىرىدا 1330_1800Hzيېزىقلىق بولسىمۇ، خۇددى كىچىك بالىنىڭ قەدەم ئېلىشى تېز بولغان بىلەن، چوڭ ئادەمگە يىتىشەلمىگەندەك ئىش.
پەد يەنىلا تور ئارىلاشقا، كىتاب كۆرۈشكە، ئويۇن ئويناشقا ماس كىلىدۇ، مىنىڭكىasas m18c ئىدى، 8دىيۇملۇق 1280*800ئېنىقلىقىدىكى ئېكران،  سېستىمىنىڭ كۆرسىتىشىنى تەڭشىشىدىن، 150%چوڭايتىپ ئىشلىتىۋاتىمەن، شۇنىڭدا ئاندىن نورمال مەشغۇلات قىلغىلى بولىدىكەن، بولمىسا تىزىملىك، بەلگىلەر بەك كىچىك ، مەشغۇلات قىلىش قولايسىز ئىكەن.شۇڭلاشقا ئېكران ئېنىقلىقىنى بەك قوغلىشىپ كىتىشنىڭ ئەھمىيىتى ئانچە چوڭ ئەمەس، win 10دا بۇ كەمچىلىك تۈزىتىلىدۇ دەيدۇ، ئەمما ئۇنىڭغا خېلى بار.
كىچىك ئېكرانلىق پەد لەر خىزمەتنىڭ ھۆددىسىدىن چىقالمايدۇ، بۇلۇپمۇ كەسپىي دېتاللارغا نىسبەتەن تېخىمۇ شۇنداق، گەرچە otg ئىقتىدارلىق ئۇلىغۇچ ئارقىلىق، USB لىق مائۇسنى ئۇلاپ ئىشلەتسىڭىزمۇ، بەرىبىر ئۈنۈم ناھىيىتى تۆۋەن...
خىزمەتنىڭ ھۆددىسىدىن چىقىش ئۈچۈن، surface pro دەرىجىسىدىكى پەد لەرنى ئېلىشىڭىزغا توغرا كېلىدۇ.
يول باشلىغۇچى قىلىپ ئىشلەتمەكچى بولسىڭىز، GPS ئىقتىدارى بارمۇ ، تورسىز مۇھىتتنى قوللامدۇ شۇلارغا دىققەت قىلىشىڭىز كېرەك.

udun007 يوللانغان ۋاقتى 2015-2-3 14:45:16

باكادا قالغان پۇل بولسا ئىلىڭلار.

ciao2013 يوللانغان ۋاقتى 2015-2-3 14:57:33

يەنىلا ئايپەد ئېلىڭلار باللا . ۋىنپەد دىگەننى ئالغاندىن كۆرە ، تاۋباۋدىن ئالساڭلارمۇ نى نوچى كومپىيۇتېرلارنى بېرىدۇ ھازىر ئىچكى سىغىمى 2 ج دىن يۇقۇرى ئېنىقلىقىمۇ يۇقۇرى كومپىيۇتېرلارنى 1500-2000 ئەتراپىدا ئالالايسىلەر . دېل ۋە سونىي كومپىيۇتېرلىرىنى . ۋىندوۋىس سېستىمىسى قاچىلانغان تاختا كومپىيۇتېرنى خاتىرە كومپىيۇتېرغا ئوخشاش ئىشلەتكىلى بولىدۇ دىيىش خۇددى 3 چاقلىق (ھازىر سەھرالاردا كىشىلەر كىرا قىلىۋاتقان) QQ ماشىنىغا ئوخشاش قېپى بار موتۇنى ماشىنىنىڭ ئورنىدا مىنىمەن دىگەندەك بىر ئىش .

attir يوللانغان ۋاقتى 2015-2-3 15:41:18

ئىشقىلىپ ئىھتىياجغا قاراپ ئالغان تۇزۇك  خىزمەت ئىشى بولسا winنى ئويۇن ئويناش ئۇچۇن  ئاخسا تۇتۇپ قويغۇسى كەلسە ئالما،

安卓تىلفۇنى بارلا winنى ئالغان ياخشى .

sayaq1 يوللانغان ۋاقتى 2015-2-3 16:04:12

مۇشۇ باھانىدا سىلەردىن بىر مەسلىھەت سورىۋالاي تورداشلار:
مەن ئاساسلىقى ئېلكىتاب ئوقۇش ۋە باشقا ئۆگىنىشكە مۇناسىۋەتلىك ئىشلارغا ئىشلىتىش ئۈچۈن تاختا كومپىيۇتىردىن بىرنى ئالاي دېگەن.
تەلىپىم: ئىكرانى ئامال بار چوڭراق، كىتاب كۆرسە كۆزىگە زىيىنى ئاز، سىمسىز تور تارتىدىغان، ئۇيغۇرچە مۇنبەرلەرنى نورمل كۆرگىلى بولىدىغان،سىرىتتىن سىغىم كارتا (ساقلىغۇچ كارتا، 多媒体卡) ساغىلى بولىدىغان سۈپەتلىك، يېڭى بولسا بولدى.
تېلىفۇن ئۇرغىلى، ئويۇن ئوينىغىلى بولمىسىمۇ مەيلى،داڭلىق-داڭسىز ماركىلىق بوسىمۇ بەرىبىر، ماركىغا قىزىقمايمەن.
باھاسى 1000 كويدىن تۆۋەن بوسا.

مۇشۇ ئېھتىياجىمغا ماس كېلىدىغان تاختا كومپىيۇتىرلار بولسا مالال كۆرمەي تەۋسىيە قىلساڭلار.
ئىسمىنى ۋە باھاسىنى يوللاپ بەرسەڭلاركەن.
رەھمەت.

turken يوللانغان ۋاقتى 2015-2-3 16:47:20

خۇيپۇنىڭكىنى 669كوي 50كوي ئىتبار  قىلسا 619كويغا  كەپتىكەن ئىككى كۈن بولدى ئىشلىتىۋاتىمەن يامان ئەمەسكەن ،

hoopeelover يوللانغان ۋاقتى 2015-2-3 16:47:55

بىر يولداش ھاياجانلىنىپ مۇنۇ تەسراتىنى يېزىپتۇ رەسىملىك ئىكەن كۆرۈپ بىقىڭلار
http://tieba.baidu.com/p/3396481641?fr_bdps_bottom_login=1

ablimitt يوللانغان ۋاقتى 2015-2-3 17:06:18

ئۆتكەن يىلى شىنجىندا 15 دىيوملۇقىنى 1500يۈەنگە ئىلىۋالمىغىنىمغا ھىلىغىچە پۇشايمان...

tirak يوللانغان ۋاقتى 2015-2-3 17:19:35

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   tirak تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-2-3 17:24  

مەن ماۋۇ توردىن ئايپەد مىنى2 تىلفۇن كارتسى ئارقىلق تورغا چىققلى بولدىغان تىپتىكىسنى ئالاي دەۋاتىمەن.16گېگابايىتلقنىڭ باھاسى2850ئىكەن.قانداق بولا؟http://h5.m.taobao.com/awp/core/detail.htm?id=39003262962&wp_m=double_goods_7502719821&wp_pk=shop/index_516836688_1999144&wp_app=weapp&from=inshop

attir يوللانغان ۋاقتى 2015-2-3 17:21:53

hoopeelover يوللىغان ۋاقتى  2015-2-3 16:47 static/image/common/back.gif
بىر يولداش ھاياجانلىنىپ مۇنۇ تەسراتىنى يېزىپتۇ رەسىمل ...

楼主نىڭ يازغىنىغا  قارىسا سو يوقتەك ،لىكىن ئىنكاسلار ساپلا قارشى پىكىر  ئىلىپ ياندۇرغانلارمۇ باركەن..

tekin3 يوللانغان ۋاقتى 2015-2-3 19:39:36

مەن ئۆتكەن يىلى 9-ئايدا سېتىۋالغان بىرئوبدان ئىشلىتىۋاتىمەن مىنىڭ ئىچكى ساقلىغۇچى 2gb سىغمى 32, ئەمما شاش ئىشلەپ قۇيىدۇ. ئىشقىلىپ بۇنىڭغا نىسپەتەن ئېيتقاندا ئايپەد, ئاندروئىد پەدلەرنى بىر ئۇيۇنچۇقكەن دەپلا بىلدىمغۇ.
ۋىن پەد ئېلىشنى ئويلىشىپ قالغانلارغا تەۋسىيە قوللىرىڭىز 5ياشلىق بالىنىڭ قۇلىدەك بەك ئۇماق بولمىسا ئەڭ ياخشىسى 10 سۇڭدىن كىچىكلىرىنى ئويلاشماڭ.

serwan يوللانغان ۋاقتى 2015-2-3 19:50:21

مەن  ئايپەد ئارى 2ئالاي دىگەن水货ئايپەد ئالسام قانداق بولار

kuysoyar يوللانغان ۋاقتى 2015-2-3 20:51:14

sayaq1 يوللىغان ۋاقتى  2015-2-3 16:04 static/image/common/back.gif
مۇشۇ باھانىدا سىلەردىن بىر مەسلىھەت سورىۋالاي تورداشل ...

台电  تاۋباۋدىن ئىزدەپ كۆرۈڭ. ۋە ئىھتىياجىڭىزغا ئاساسەنن تاللاڭ

kuysoyar يوللانغان ۋاقتى 2015-2-3 20:52:01

serwan يوللىغان ۋاقتى  2015-2-3 19:50 static/image/common/back.gif
مەن  ئايپەد ئارى 2ئالاي دىگەن水货ئايپەد ئالسام قانداق بو ...

بولىۋىرىدۇ . تېلېفون ئۇرمىغانكىن سۇ ياكى چوڭ قۇرۇق مىلى قايسى بولسا ئوخشاش ،ئەمما يېڭىسى يوقمىكىن؟‹ ئىمزادا بىر تور بېكەت بار قالغىنى كىرىپ قاراپ بىقىڭ.

Baqka يوللانغان ۋاقتى 2015-2-3 20:58:06

ۋىنپەد دېسە، ئىنتىل ئاتوم ئىشلەتكەن مۇشۇلا دەپ قالماڭلار، سۇرفېسنىڭ تۆتىنچى ئەۋلاد  i7 ئۆزەكلىكلىرىنى بىر تۇتۇپ باقساڭلاركەن..  

Elqvn يوللانغان ۋاقتى 2015-2-3 21:09:33

   مەن ئالما iPad Air(128GB/Cellular تىپلىقتىن بىرنى زاكاس قىلدۇرۇپ قويدۇم، 10كۈنلەردە قولۇمغا تېگەر.....
بەت: [1] 2
: مىكروسوفت تورىدىن 549 يۈەنگە ۋىندوۋس 8.1 كومپيۇتېرى ئالامسىز؟