ABC يوللانغان ۋاقتى 2015-2-3 09:34:06

ئاۋۋال ئۆزىڭىزنىڭ «دېرىزە»سىنى پاكىز سۈرتۈڭ

ئاۋۋال ئۆزىڭىزنىڭ «دېرىزە»سىنى پاكىز سۈرتۈڭ

بىر جۈپ ئەر-ئايال يېڭى ئۆيىگە كۆچۈپتۇ، بۇ كۈنى كەچتە ياش ئايالى يېڭى قوشنىسىنىڭ بالكوندا ھېلىلا يۇغان كىيىملىرىنى ئاپتاپقا يايغىنىنى كۆرۈپ ئېرىگە: «ئاۋۇ كىيىملەر پاكىز يۇيۇلماپتۇ، ئۇ ئۆينىڭ خانىمى قارىماققا كىر يۇيالمايدىغاندەك قىلىدۇ. ياكى بولمىسا ئۇ ياخشىراق سوپۇن پاراشوكىغا ئېھتىياجلىق ئىكەن» دەپتۇ. ئېرى ئايالىغا قاراپ ھېچنىمە دېمەپتۇ.
مۇشۇنداق قىلىپ ھەر قېتىم قوشنىسىنىڭ خانىمى كىر يۇسا ئايالى ھەمىشە قارشى تەرەپنى مۇشۇنداق باھالايدىكەن، چىقىرىلغان خۇلاسە شۇكى: قوشنىمىزنىڭ خانىمى كىر يۇيۇشنى پەقەتلا بىلمەيدىغان ئايال ئىكەن. ھالبۇكى ئايالى ھەر قېتىم مۇشۇنداق باھالىغاندا، ئېرى سۈكۈت قىلىپ ھېچنىمە دېمەيدىكەن.
ئىككى ئايدىن كېيىن بىر كۈنى ئايالى يەنە قوشنىسىنىڭ ئايالىنىڭ كىيىملەرنى ئاپتاپقا يېيىۋاتقىنىنى كۆرۈپتۇ، ئەمما بۇ قېتىم ئۇ ھەيران قالغۇدەك ۋارقىراپتۇ. چۈنكى ئۇ ھاڭ-تاڭ قېلىپ شۇنى بايقاپ قاپتۇ، قوشنىسىنىڭ خانىمى بالكونغا ئېسىپ قويغان كىيىملەر ئېنىقكى پاك-پاكىز بولۇپ، يېڭىدەكلا قىلاتتى.
ئۇ ئېرىنى توۋلاپ: «قەدىرلىكىم، تېز قاراڭە، ئاۋۇ ئۆيدىكى خانىم ئاخىر كىيىملەرنى پاكىز يۇيۇشنى ئۆگىنىپتۇ» دەپتۇ.
بۇ قېتىم ئېرى سۈكۈت قىلىپ تۇرماستىن:«مېنىڭچە، ئۇ قوشنىمىزنىڭ خانىمى بىر كىمنى كىر يۇيۇشنى ئۆگىتىپ قويۇشقا چاقىرغىنى يوق، مەن بۈگۈن ئەتىگەندە ئۆيىمىزنىڭ دېرىزىسىنى پاكىز سۈرتۈپ قويدۇم خالاس» دەپتۇ.
ئايالى ئەمدى چۈشىنىپتۇ، ئەسلىدە ئۆزىنىڭ ئۆيىنىڭ  دېرىزىسى پاكىز بولمىغاچقا، ئۇنىڭ كۆرۈش سېزىمىدە خاتالىق كېلىپ چىقىپ، قوشنىسىنىڭ خانىمى كىيىمنى پاكىز يۇماپتۇ، دەپ ئويلاپ قالغان.
بىز بىر ئىشقا دۇچ كەلگەن چاغدا كۆپىنچە سۇبيېكتىپ ئىرادىمىزگە تاينىپلا مۇئامىلە قىلىمىز، ئەمما بەزى چاغلاردا ئۆز-ئۆزىمىزگە قاراشنى ئۇنتۇپ قالىمىز. شۇڭا، ھەر قانداق بىر ئىشنى قىلىشتىن ئاۋۋال چوقۇم «دېرىزە»ڭىزنى پاكىز سۈرتىۋېتىڭ.
مەنبە:«ھېكايىلەر» ژۇرنىلىنىڭ 2014-يىللىق 20سانىدىن ئېلىندى

KAPITAN39 يوللانغان ۋاقتى 2015-2-3 11:12:59

كىشىلەر دائىم باشقىلارغا باھا بىرىشكە تىرىشىدۇ لىكىن ئۆزىنى قانچىلىك چۈشىنىدۇ بۇنى ئويلىمايدۇ.

yusanjan2000 يوللانغان ۋاقتى 2015-2-3 11:56:01

ماۋۇ دەل مىنىڭ ئايالىمنىڭ كۆزقارشىكەن :P:P

torqicom يوللانغان ۋاقتى 2015-2-3 12:02:47

زادى چۈشەنمىگەن شەيئى ئۈستىدىن باھا بىرىشكە بولمايدۇ

orkesh يوللانغان ۋاقتى 2015-2-3 15:27:26

:lol:lolشۇنداق باھالىغۇچىلارغا ئوقۇپ بىرىشكە بەك ماس كىلىدىكەن

otanqi يوللانغان ۋاقتى 2015-2-3 15:29:50

ئەينەكنى ئېچىپ سەپ سىلىپ قاراپ باقماي .

YAMAN يوللانغان ۋاقتى 2015-2-3 17:42:45

‏ياتاق ئۆيۈمنىڭ دەرىزىسىدىن ئۇدۇل بىنا1-قەۋەتتىكى قوشنامنىڭ مۇنچىسى كۈرىنىدىغان
بەت: [1]
: ئاۋۋال ئۆزىڭىزنىڭ «دېرىزە»سىنى پاكىز سۈرتۈڭ