كىتاب يىلىمىزدا Orion Viewer دىن ھوزۇرلىنىڭ
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا sahabe تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2015-2-3 01:46مەن ئېلكىتاب ئوقۇش يۇمشاق دېتاللىرىنى ئىشلىتىش جەريانىمدا ئۆزۈم ئىزچىل(شۇنداق ئىقتىدارى بولۇشىنى) ئارزۇ قىلغان، ئەمما ھازىرغا قەدەر تاپالماي كەلگەن تولىمۇ ياخشى بىر ئېلكىتاب ئوقۇتۇش دېتالىنى بايقاپ قالدىم ۋە دەرھال قاچىلاپ ئىشلىتىپ ئاجايىپ كۆڭۈلدىكىدەك دېتال ئىكەنلىكىنى كۆرۈپ، قېرىنداشلىرىمنىڭ ئارىسىدىكى بۇنىڭدىن بىخەۋەرلەرنىڭمۇ بىلىپ قېلىشىنى ئۈمۈت قىلىپ بۇنى يېزىپ ئولتۇرۇپتىمەن.
بۇ دېتالنىڭ نامى Orion Viewer بولۇپ، Android مەشغۇلات مۇھىتىدا ئىشلەيدىكەن.
مەشغۇلاتى ۋە تەڭشەكلىرى ئاددىي ھەم چۈشۈنۈشلۈك بولۇپ بىرلا ئىشلىتىپ بىلىۋالغىلى بولىدىكەن. يېزىق نۇسخىسىدىكى pdf كىتابى ياكى سايىلەنگەن نۇسخىدىكى (يەنى رەسىمگە تارتىپ pdf قا ئايلاندۇرۇلغان) ئېلكىتابلارنى كىچىكرەك ئېكرانلىق Android ئۈسكۈنىلىرىدە ئوقۇغاندا كۆرۈلىدىغان خەتلەرنىڭ ئۇششاق چىقىۋېلىش كەمچىلىكى ۋە شۇنداقلا سايىلەنگەن ژورناللار ياكى قوش بەت يۈزىنى بىر بەت قىلىپ سايىلەنگەن كىتابلارنى ئوقۇغان چاغدىكى بەت يۈزىنى تولا سۈرۈشتەك ئاۋارىچىلقنى بۇ ئېسىل دېتال بىلەن تامامەن تۈگەتكىلى بولىدىكەن. بۇ دېتالنىڭ ئەڭ گەۋدىلىك ئارتۇقچىلىقى شۇكى ئېلكىتابنىڭ ئەسلى بەت يۈزى چۆرىسىدىكى ئارتۇق قىسمىنى خالىغان نىسبەتتە قىرقىۋېتىش ئىقتىدارى باركەن.
قوش بەت ھالىتىدە سايىلەنگەن كىتابلارنىڭ ئوتتۇرا قىسمىدىكى بوش پاسىلنى ئۆز ئارا كىرىشتۈرۈۋېتىش ئىقتىدارى باركەن.
يەنە ئەڭ مۇھىمى ھەر بىر ئوخشاش بولمىغان كىتابقا قارىتا ئېلىپ بارغان قىرقىۋېتىش تەڭشىگى، قوش بەت ئوتتىرسىدىكى بوش ئارىلىقنى يوقۇتۇش تەڭشىكى ۋە شۇنداقلا بەت يۈزىنى چوڭايتىش تەڭشەكلىرى ھەر كىتاب ئۈچۈن ئايرىم ئەستە ساقلىنىدىكەن. يۇقۇرقى تەڭشەكلەردىن پايدىلىنىپ بەت يۈزى فورماتىنى ئېكراندا خەتلەر نورمال چوڭلۇقتا كۆرۈنگىدەك قىلىپ چوڭايتىپ تەڭشىۋېلىپ ئاندىن پۈتۈن بەت يۈزىنى پارچىلاپ ئوقۇتۇش ئىقتىدارى ئىچىدىكى ئۇيغۇرچە كىتابلارغا ماس كېلىدىغان (BDAC) تەرتىۋىگە توغۇرلاپ قويساقلا بولىدۇ.
بۇنىڭ بىلەن ناھايتى قولاي ۋە راۋان ھالدا (ئېكراننىڭ ئوڭ - سول، ئاستى - ئۈستى تەرىپىگە يىنىك چېكىپ) بەت يۆتكەش ئارقىلىق پۈتۈن كىتابنى كۆزلەر چارچىماستىن ئوقۇپ تۈگەتكىلى بولىدىكەن. ئەگەر بۇ دېتال Android سېستىمىلىق ئېلسىياھ ئېكرانلىق (电子墨水屏) كىتاب ئوقۇش ئۈسكۈنىلىرىدە قوللۇنۇلسا ئۈنۈمى گۈل ئۈستىگە گۈل قوشۇلغاندەك بولىدىكەن، كۆزگە بەك راھەت بولۇپ كىتاب ئوقۇغانچە ئوقۇغىڭىزنى كەلتۈرىدىكەن.
تۆۋەندىكىلەربولسا سايىلەنگەن چوڭ بىر بەتنى ئالتە پارچىغا پارچىلاپ تۇرۇپ تەرتىپ بويىچە ئوقۇتقاندىكى سۈرەتلەر:
بۇ دېتالنى چۈشۈرۈش ئادرىسى: http://qiannao.com/file/sahaba/0f0f4807/
بەيدۇدىن چۈشۈرۈش: http://www.appchina.com/app/universe.constellation.orion.viewer/
سىزدە بار ئېلىكىتابلارنى پىرىسلاپ خەت ساندۇقۇمغا يوللاپ بېرەمسىز، ھەمبەھىرلەنسەك ، رەھمەت. 1391591008@qq.com bahadirlarbiz يوللىغان ۋاقتى 2015-2-3 07:38 static/image/common/back.gif
سىزدە بار ئېلىكىتابلارنى پىرىسلاپ خەت ساندۇقۇمغا يولل ...
مەندە بارلىرى ئېھتىمال سىزدىمۇ بولۇشى مۈمكىن، قېنى قايسى جەھەتتىكى كىتابلارغا قزىقىدىكەنسىزكىن...ئامال بار ئۇچۇر قىلىپ ئۇقتۇرسىڭىز.:handshake Orion Viewer نىڭ بىر كەمچىللىكى باركەن، ئۇ بولسىمۇ مۇشۇ ئەپتىن پايدىلىنىپ بىر قېتىم ئوقۇتۇلغان ئېلكىتابنىڭ ئىسمى (گەرچە ئۇ كىتابنىڭ ھۆججىتى ئۈسكۈنىدىن ئۆچۈرۈپ تاشلانسىمۇ) يەنىلا ئوقۇلغان كىتابلار تىزىملىكىدە تۇرىۋېرىدىكەن، ھىچقانداق قىلىپ ئۆچۈرگىلى بولمايدىكەن. شۇڭلاشقا ئەگەر بۇ تىزىملىكتە ئىسمى قېپقالسا ئاۋارىچىلىق كەلتۈرۈش ئېھتىمالى بولغان كىتابلارنى ئوقۇتۇشتىن ئىلگىرى كىتاب ھۆججىتىنىڭ ئىسمىنى ئۆزگەرتىۋېتىپ ئاندىن ئوقۇتساق بولىدىكەن. ھەقىقەتەن مەن ئېھتىياجلىق دىتالكەن. مەن ئادەتتە، Adobe Reader نى ئىشلىتەتتىم. بۇنىڭ ئىقتىدارى تېخىمۇ يۇقىرىكەن!!! kindle بۇ دېتالنى ئالما پەدتە ئىشلەتكىلى بولمامدۇ؟
ماۋۇ رەسمى ئېسىل دېتالكەن جۇما، مەن ezPDF Reader دېگەن دېتالدا ئوقۇپ كېلىۋاتقانتىم، بۇ دېتالنىڭ ماڭا ياققان يېرى كىتابنىڭ كەلگەن بېتىنى ئەستە ساقلىۋالىدىغان بولۇپ بۈگۈن يېرىمىغا كېلىپ كېلەر يىلى داۋامىنى ئوقۇسىمۇ كەلگەن يەردىن ئېچىلىدىكەنتۇق، ئەمما ئاۋۇ دېتالدەك ئىقتىدارى تولۇق ئەمەسكەنتۇق، ياخشى تېمىڭىزغا رەھمەت. قوش بەت ھالىتىدە سايىلەنگەن كىتابلارنىڭ ئوتتۇرا قىسمىدىكى بوش پاسىلنى ئۆز ئارا كىرىشتۈرۈۋېتىش ئىقتىدارى باركەن. مۇشۇ ئىقتىدارىنى تەڭشىيەلمىدىم، قوش بەت ئوتتۇرىسىدىكى بوشلۇقنى قانداق كىرىشتۈرىۋېتىدىغاندىمىز؟ رەھمەت. Elqvn يوللىغان ۋاقتى 2015-2-3 21:14 static/image/common/back.gif
بۇ دېتالنى ئالما پەدتە ئىشلەتكىلى بولمامدۇ؟
بۇ دېتالنىڭ ios سېستىمىسىدا ئىشلەيدىغان نۇسخىسىنى تېخى بايقىمىدىم، ئېھتىمال تاپالماي قالغاندىمەن. UyghurBalisi يوللىغان ۋاقتى 2015-2-4 04:50 static/image/common/back.gif
قوش بەت ھالىتىدە سايىلەنگەن كىتابلارنىڭ ئوتتۇرا قىسمى ...
ماۋۇ رەسىمدىكى ئىقتىدارى قوش بەت ئارىلىقىدىكى بوش جاينى ئۆز - ئارا كىرىشتۈرۈۋېتىشكە ئىشارەت قىلىدىكەن،(رەسىمدىكى ئىككىنچى ياكى ئۈچىنچى تۈرگە توغىرلاپ باقتىم) بىراق مەنمۇ بۇ نىڭغا تەڭشەپ قويساممۇ قوش بەت ئارلىقىدىكى بوش پاسىل يوقالمىدى، ئېھتىمال يەنە بىر تەڭشىگىنى بىلەلمەي قالغاندىمەن دەپ ئويلىدىم. شۇڭا بۇنى تەڭشىيەلمىگەندە چوڭ - كىچىكلىك نىسبىتىنى يۇقىرىراق قىلىپ بەتنىڭ شۇ قىسمى ئېكرانغا لىق كەلگىدەك تەڭشەپ قويساق ئۇ بوش پاسىلمۇ كۆرۈنمەيدىكەن. foxitنى ئىشلىتىپ بېقىڭلار
toghurchin يوللىغان ۋاقتى 2015-2-4 10:53 static/image/common/back.gif
foxitنى ئىشلىتىپ بېقىڭلار
foxt reader نىڭ Android نۇسخىسى چىقتىمۇ؟ مەن ئىلگىرى كومپيۇتىردا كىتاب كۆررسەم foxt reader نىڭ ۋىندوۋس نۇسخىسىدا كۆرەتتىم، ئىقتىدارى ياخشى ئىدى. كىچىك كۆچمە ئۈسكۈنىلەردە كىتاب كۆرۈش ئۈچۈن بۇنىڭ Android نۇسخىسى ياكى ئالما نۇخىسى بولسا كۆرۈپ باقساق بولاتتى. sahabe يوللىغان ۋاقتى 2015-2-4 03:02 static/image/common/back.gif
ماۋۇ رەسىمدىكى ئىقتىدارى قوش بەت ئارىلىقىدىكى ...
ھە شۇ مەنمۇ شۇنداق تەڭشىسەممۇ يەنە يوقالمىغانتى شۇڭا قانداق قىلىدىغاندىمىز دەپ سورىغانتىم، رەھمەت سىزگە. ياخشى بىر دېتالنى سۇنۇپسىز. بۇ يازمىنى ئاخىرىدا begmurad تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2015-2-4 18:18
مەنمۇ يىقىندا مۇشۇ kindle ۋە Epub ھەققىدە ئازراق ئىزدىنىپ باقتىم يەنى ئىلىكتىرونلۇق ئۈسكىنىلەر ئۈچۈن مەخسوس تۈزۈلگەن epub شەكلىدە ئىنگىلىزچە ماتىرىياللارنى يانفۇنۇمدا كۆرۈپ پاھ دەۋەتتىم يېرىم kindle ،-دە مەن ئەسلى 250 يۈئەن ئەتراپىدىكى kindle دىن بىرنى ئالاي دىگەن ئەمما ئۇيغۇر چە تورلارنى بىرەر قۇر كۆرۈپ باقسام بىزدە ئىلىكتىرونلۇق نۇسخدىكى كىتاپلار ساناقلىقلا ئىكەن. ئەمدى ئىنگىلىزچىگە سەۋىيەم تازا تۇشۇپ كەتمەيدۇ. خەنچىنى ئويلاشمىدىم. لىكىن يانفۇنۇمدا مەخسوس ئىلكىتاپ كۆرۈش ئۈچۈن بىر قىسىم دىتاللارنى قاچىلاپ باقتىم. pdf نۇسخسىدىكى تۈركىي تىللار دىۋانىنىڭ ئۈچ قىسمىنى روھلان توردىن چۈشۈرۈپ ئۇنى epub شەكىلىدە يانفۇنۇمدا كۆرمەكچى بولدۇم ئەمما سارۋان ئەپەندىن ئېيتقان calibre دىتالى xp نى قوللىمايدىكەن. باشقا دىتاللار ئارقىلىق epub شەكلىگە ئەكىلىپ يانفۇندا ئاچقۇزسام ئىچىلمىدى. ئىنگىلىزچە ماتىرىياللارنى شۇنداق ياخشى ئاچىدىكەن بولمىسا ئۇيغۇرچىنى ئانچە قوللىمىسا كېرەك. بولدىلا تۈركىي تىللار دىۋانىنى يەنىلا adobe reader ئۇقاي دەپ شۇنىڭدا بىرە قۇر ۋاراقلاپ دىگەندەك كۆرۈپ چىققان بولدۇم. تۇنۈگن بىكارچىلىقتىن زېرىكىپ تورغا بەك چىقىۋەتتىم. گۇگۇل ئۆزبەكچە تەرجىمانى ھەققىدىكى يازمىنى كۆرۈپ ئوزبەكچە كىتاپلارنى ئۇقۇپ سىناپ بقىشنى ئويلاپ قالدىم. كۆرۈنۈشلېرى
مەن ئىشلەتكەن ئىلكىتاپ ئۇقۇغۇچ Ebookreader ئۇقۇغان ئىلكىتاپلار ئۆزبىكچە http://yun.baidu.com/wap/link?shareid=4276990845&uk=2083957003]uzbikcheeliktap
ئەمما ئىلىكتىرونلۇق ئۈسكىنىلەردە ئۆزىنىڭ كىتاپ ئۇقۇغۇچىسىنى ئىشلەتسە ئۈنىمى باشقىچە بۇلىدىكەن. يېرىم گىرافىتلىق كىتاپ ئۇقۇغۇچ دىسەك يامەن كەتمەيدۇ. دۇستلارنىڭمۇ سىناپ بقىشىنى ئۈمىد قىلىمەن. مۇمكىن بولسا مۇشۇ ئۇيغۇر چە ئىلكىتاپ تۈزىدىغان قېرىنداشلارنىڭ تىخىمۇ كۆپ ئىسل كىتاپلارنى ئىلكىتاپ قىلىپ تۈزۈپ چىقىشىنى ۋە شۇنداقلا pdf نۇسخىسىنىلا ئەمەس Epub , Txt دىگەندەك تىخىمۇ مەخسوسلاشقان ئىلكىتاپ نادىر ئىلكىتاپلارنى تۈزۈپ چىقىشغا تىلەكداشلىق بىلدۈرىمەن. ئەلۋەتتە مەنمۇ ئىمكانىيتىمنىڭ بېرىچە ياردەمدە بۇلۇشنى خالايمەن. بۇ يازمىنى ئاخىرىدا borhan730 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2015-2-4 21:27
مەن تىلفۇندا كىتاپ ئۇقۇشنى ئانچە ياختۇرمايمەن،:lol
بولامدۇ-نېمە!؟
سىناپ باقايلى، سىزگە كۆپ رەھمەت. قوش بەتنى تاق بەت قىپ كۆرسەتكەندىن باشقا ئىقتىدارلىرى 智器阅读 دېگەن دېتالدىمۇ بار ئىدى، يەنە كېلىپ ئۇنىڭ بەتنى خالىغان چوڭلۇقتا كېسىپ رەسىم قىپ ساقلاش ئىقتىدارىمۇ بار ئىدى. شۇنداقتىمۇ تېمىڭىزڭا تەشەككۈر، مۇشۇنداق ھەمبەھىرلەش تۇيغۇسى بارلاردىن سۆيۈنىمەن...
بەت:
[1]