kayinat0 يوللانغان ۋاقتى 2015-2-2 19:10:40

قىزىقىش بىلەن ھەر خىل كەسىپلەرنىڭ مۇناسىۋىتى

قىزىقىش تىپى A :  نەرسىلەر بىلەن ھەپىلىششنى ئىستەش. مەسلەن ، قۇرۇلۇش لايىھىسى ، ماشىنا سانائىتى ، كومپيۇتېر مەشغۇلاتى ، گېئولوگىيىلىك قىدىرىپ تەكشۈرۈش قاتارلىقلار.
قىزىقىش تىپى B : ئادەملەر بىلەن ئۇچىرىششنى ئىستەش . مەسىلەن ، ئېلىم - سېتىم ، ئاممىۋى مۇناسىۋەت ، زىيارەت قىلىش ، ساياھەت قىلىش ، ئوقۇتۇش قاتارلىقلار.
قىزىقىش تىپى C : قانۇنىيەتلىك خىزمەتلەرنى قىلىشنى ئىستەش.  مەسىلەن ، كىتاپ باشقۇرۇش ، سىتاتىسكىگا ، خەت بېسىش ، پوچتا يوللانمىلىرىنى يەتكۈزۈپ بېرىش ، ئارخىپ باشقۇرۇش قاتارلىقلار.
قىزىقىش تىپى D : باشقىلارغا ياردەم بېرىدىغان ئىشلارغا ھېرىسمەنلىك قىلىش.  مەسىلەن ، پاراۋانلىق ، خەير - ساخاۋەت ، داۋالاش ، ئادۋوكاتلىق ، سۇغۇرتا ، ساقچى قاتارلىقلار.
قىزىقىش تىپى E : رەھبەرلىك ۋە تەشكىللەش ئىشلىرىغا ھېرىسمەنلىك قىلىش.  مەسىلەن ، سىياسىيون ، كارخانچى ، مەمۇرىي باشقۇرۇش قاتارلىقلار.
قىزىقىش تىپى F : تەتقىقات ئىشلىرىغا ھېرىسمەنلىك قىلىش.  مەسىلەن ، جەمىيەتشۇناسلىق ، پسخولوگىيىە ، ئىنسانشۇناسلىق ، پېداگوگىكا ، سىياسەتشۇناسلىق قاتارلىقلار.
قىزىقىش تىپى G : ئىزدىنىشلىك پەن - تېخنىكىغا ھېرىسمەنلىك قىلىش.  مەسىلەن ، فىزىكا ، خىمىيە ، بىئولوگىيە قاتارلىقلار.
قىزىقىش تىپى H : ئابستراكىت ۋە ئىجادىي خاراكتېردىكى خىزمەتلەرگە ھېرىسمەنلىك قىلىش.  مەسىلەن ، ماتىماتىكا ، پەلسەپە قاتارلىقلار.
قىزىقىش تىپى I : ماشىنا مەشغۇلاتىغا ھېرىسمەنلىك قىلىش.  مەسىلەن ، ئايروپىلان ، ماشىنا ، پاراخوت ھەيدەش ، قۇرۇلۇش قىلىش ، ماشىنا قۇراشتۇرۇش قاتارلىقلار.
قىزىقىش تىپى J : ئەمگەك مېۋىسىگە ئىتتىك ئىگە بولۇشقا ، شەكىللىك مەھسۇلاتلار خىزمىتى بىلەن شۇغۇللىنىشقا ھېرىسمەنلىك قىلىش.  مەسىلەن ، فوتوگىراف ، رەسسام بولۇش ، ئۆي ئىچى زىننەتچىلىكى ، ئويمىچىلىق ، ھۆسىن تۈزەش ، ئاشپەزلىك قاتارلىقلار.
قىزىقىش تىپى K : ئورۇنداش ، ھەرىكەت قىلىش ،خەتەرلىك غىدىقلاش تىپىدىكى ئىشلارغا ھېرىسمەنلىك قىلىش.  مەسىلەن ، سەنئەت نومۇرلىرىنى ئورۇنداش ، تەنتەربىيە ھەرىكىتى ، مۇزىكا ئىجاد قىلىش ، ئېكسپېدېتسىيە ، ئالاھىدە ماھارەت ، ھەربىي بولۇش قاتارلىقلار.

يۇقىرىقى مەزمۇنلار تولۇقسىز ئوتتۇرا ئىدىيە - سىياسى كىتاپتىن ئىلىندى ، ئۆزۈم ياقتۇرغۇنۇم ئۈچۈن يوللاپ قويدۇم. ئىزدىنىشتىكى ياشلارنىڭ ياخشى پايدىلىنىشىنى ئۈمىد قىلىمەن. ئەگەر يەنە كەم قالغانلىرى بولسا ، مۇنبەردىكى دوسلار  تولۇقلاپ قويارسىلەر .
بۇ ماقالىنى مەنبەسىنى ئەسكەرتىپ خالىغان پايدىلانساڭلار بولىدۇ.

hdarwix يوللانغان ۋاقتى 2015-2-2 23:40:27

ھىچنىمىنى چۈشنمىدىمغۇ، بۇنى ئوقۇپ

kayinat0 يوللانغان ۋاقتى 2015-2-2 23:57:37

hdarwix يوللىغان ۋاقتى  2015-02-02 23:40:27 static/image/common/back.gif
ھىچنىمىنى چۈشنمىدىمغۇ، بۇنى ئوقۇپ
ئۆزىڭىزنىڭ قايسى خىل تىپىغا كىردىغانلىقىڭىزنى بىلۋالسىڭىز ، نىشانىڭىز تېخىمۇ ئىنىق بولىدۇ.

kayinat0 يوللانغان ۋاقتى 2015-2-3 00:01:23

بۇ تېمىنى ھازىرغىچە ئۆزىنىڭ زادى نىمىگە ھەقىقى قىزىققانلىقىنى بىلمەيدىغانلار ئازراق بولسىمۇ چۈشەنچىگە ئىگە بولىۋالسا دەپ يازدىم. :):)

hoopeelover يوللانغان ۋاقتى 2015-2-3 10:16:27

L تىپلىقلارنى يازماپتىمۇ؟

kayinat0 يوللانغان ۋاقتى 2015-2-3 10:57:14

hoopeelover يوللىغان ۋاقتى  2015-02-03 10:16:27 static/image/common/back.gif
L تىپلىقلارنى يازماپتىمۇ؟
يازماپتۇ.

kayinat0 يوللانغان ۋاقتى 2015-2-3 11:00:20

ئىزدىنىشتىكى ئەزالار قايسى تىپقا كىردىغاندۇ ؟ ئىنكاس قىلىپ يېزىپ قويمامسىلەر ؟:lol:lol

aplapsaplap يوللانغان ۋاقتى 2015-2-3 11:22:23

ئا ئىكەنمەن:lol

halis123 يوللانغان ۋاقتى 2015-2-3 11:33:09

kayinat0 يوللىغان ۋاقتى  2015-2-3 11:00 static/image/common/back.gif
ئىزدىنىشتىكى ئەزالار قايسى تىپقا كىردىغاندۇ ؟ ئىنكاس  ...

  ئىزدىنىشتىكىلەر ئەلۋەتتە،  F : تەتقىقات ئىشلىرىغا ھېرىسمەنلىك قىلىش.  مەسىلەن ، جەمىيەتشۇناسلىق ، پسخولوگىيىە ، ئىنسانشۇناسلىق ، پېداگوگىكا ، سىياسەتشۇناسلىق قاتارلىقلار.  دىگەن تىپقا كىرىدۇ دە .

kayinat0 يوللانغان ۋاقتى 2015-2-3 11:42:55

halis123 يوللىغان ۋاقتى  2015-02-03 11:33:09 static/image/common/back.gif


  ئىزدىنىشتىكىلەر ئەلۋەتتە،  F : تەتقىقات ئىشلىرىغا ھې
مېنىڭچە ئىزدىنىشتا ھەممىسى تېپىلارمىكىن دەيمەن. :lol:lol

kanje يوللانغان ۋاقتى 2015-2-4 17:09:26

بىر قارىسام ھەممىسىگە چۇشىدىغاندەك ،بىر قارىسام ھىچ قايسىغا چۇشمەيدىغاندەك قىلىمەن .

kayinat0 يوللانغان ۋاقتى 2015-2-5 14:23:20

kanje يوللىغان ۋاقتى  2015-02-04 17:09:26 static/image/common/back.gif
بىر قارىسام ھەممىسىگە چۇشىدىغاندەك ،بىر قارىسام ھىچ ق
:lol:lol:lolماۋۇ گەپنى !
بەت: [1]
: قىزىقىش بىلەن ھەر خىل كەسىپلەرنىڭ مۇناسىۋىتى