uyaltun يوللانغان ۋاقتى 2015-2-2 18:24:52

بۇ يىل جۇڭگو مەركىزى بانكىسى ئۆسۈم نىسبىتىنى 50 ئاساسى نۇقتا تۆۋەنل...

ئالدىنقى ھەپتىدىكى ئالتۇن سودا  بازارنى ئويلاپ ئۆتسەك بازار ئىچىلىش باھاسى  255.8   دوللا ر  ئەڭ يۇقىرى باھاسى 256.74    دوللا ر ، ئەڭ  تۆۋەن باھاسى 247.4 بازار  بازار يېپىلىش باھاسى   253.64 دوللار بولدى .

ئەتىگەنكى ئاسىيا بازىرىدا دوللارنىڭ كۆرسەتكۈچى ئەڭ يۇقىرى 94.82     دوللار ئەتىراپىدا بولىدى، ئالتۇننىڭ باھاسى ئەڭ يۇقىرى 253.5  دوللار بولدى .

ئاساسى ئانالىز:     

  ئالدىنقى ھەپتە جۈمە كۈنى خام نېفىت باھاسى 8% ئۆسكەن ، ئالتۇن كۈمۈش باھاسى ئالدىنقى ھەپتە دۈشەنبە كۈنىدىن باشلاپ چۈشۈش ھالىتىنى كۆرسەتكەندىن كېيىن جۈمە كۈنى يۇقىرى ئۆرلىگەن . بۈگۈن ئاسىيا ۋاقتىدا مەبلەغ سالغۇچىلارنىڭ دىققەت نۇقتىسى جۇڭگو خۈيفېڭ ياساش كەسپى PMI ئاخىرقى قىممىتى ، بۇ سانلىق مەلۇمات نەتىجىسىنىڭ ياخشى ناچار بولىشى ئالتۇن كۈمۈش باھاسىغا بىۋاستە تەسىر كۆرسىتىدۇ . ياۋرۇپا ۋاقتىدا مەبلەغ سالغۇچىلارنىڭ دىققىتىدە بولىدىغىنى ياۋرو رايونىنىڭ PMI سانلىق مەلۇماتى ، گېرمانىيە PMI سانلىق مەلۇماتى ، بۇ سانلىق مەلۇمات نەتىجىسىمۇ ئالتۇن كۈمۈش باھاسىغا بىۋاستە تەسىر كۆرسىتىدۇ . ئامېرىكا ۋاقتىدا مەبلەغ سالغۇچىلارنىڭ دىققىتىدە بولىدىغىنى ئامېرىكىنىڭ بىر قاتار مۇھىم بولغان ئىقتىساد سانلىق مەلۇماتلىرى ، ئەگەر ئامېرىكا سانلىق مەلۇمات نەتىجىسى ياخشى چىقسا ئالتۇن كۈمۈش باھاسىغا پايدىسىز بولىشى مۇمكىن .


مەشغۇلات باسقۇچى :

1.بىرىنىجى ئايدا ئالتۇن باھاسى 230-258 يۈەن ئارىلىقىدا تەۋرەندى ، ئالدىنقى ھەپتە 247.4 يۈەندىكى تىرەش نۇقتىسىغا ئۇچراپ ھەپتىلىك ۋە ئايلىق سىزىق 252.9  يۈەننىڭ يۇقىرىدا مۇسبەت سىزىق ھالىتىدە يىپلدى . بۈگۈن -2 ئاينىڭ بىرىنىجى سودا كۈنى بۈگۈن كەچتە ئېلان قىلىندىغان سانلىق ئۇچۇر كۆپ ، ئۇنىڭدىن سىرت بۇ ھەپتىنىڭ جۈمە كۈنى غەيرى يېزا ئىگىلىك قىممىتىنى ئېلان قىلىدۇ .

2.  ئاسىيا بازىرىدا  ئالتۇن باھاسى 253.9 يۈەن ۋە 255.4 يۈەندىكى بۆسۈش نۇقتىسىنىڭ بېسىمىغا ئۇچرايدۇ ، شۇڭا بۇ ئىككى نۇقتىدىن ئىشىپ كېتەلمىگەن ئەھۋالدا چۈشۈشكە ئىلىپ ، زىيىنىنى 1 يۈەن دە توختىتىپ پايدىسىنى 2 يۈەن ئارىلىقىدا چىقىرىشقا بولىدۇ  .

3.  ئاسىيا - ياۋرۇپا  بازىرىدا250.95  يۈەندىن چۈشۈپ كەتمىسە ئۆرلەشكە ئىلىپ زىيىنىنى 1 يۈەن دە توختىتىپ پايدىسىنى  253 يۈەننىڭ يۇقىرىدا چىقىرىشقا بولىدۇ .  ئەگەر250.9 يۈەن دىن چۈشۈپ كەتسە 250.55 يۈەن ۋە 248.97  يۈەن ئەتراپىدىن ئۆرلەشكە ئىلىشقا بولىدۇ .


چۈشۈشكە ئىلىشقا بولدىغان نۇقتىلار    255.88   254.3
ئۆرلەشكە ئىلىشقا بولدىغان نۇقتىلار    251.93    250.55

بۈگۈنكى تەۋرىنىش دائىرىسى 1293-1268
بۈگۈنكى تىرەش   نۇقتىسى   250.5-255.5
بۈگۈنكى بۆسۈش   نۇقتىسى    255.5   

مۇتەخەسسىس : ئالىيە
ئەسكەرتىش: يۇقارىلارنى پايدىلىنىشقا بولىدۇ ،سودا قىلغاندا مال سانى بىلەن زىيىنىنى كونترول قىلىپ كۆزىتىشنى ئاساس قىلىڭ .






ئالتۇن كۈمۈش سودىسىغا ئەسكەرتىش

    بۈگۈنكى ئاسىيا ئەتتىگەنلىك بازىرىدا، دوللار كۆرسەتكۈچ 94.81 ئەتراپىدا ئايلاندى ،  خەلقئارا ئالتۇن باھاسى 1280.48 دوللار ئەتراپىدا ئايلاندى ، ئالدىنقى ھەپتە ئالتۇن باھاسى چۈشۈش ھالىتىنى كۆرسەتكەن ، بۇ ئالتۇن باھاسىنىڭ يېقىنقى بىر نەچچە ھەپتە ئىچىدىكى تۇنجى قېتىمقى ھەپتىلىك چۈشۈش ھالىتىنى كۆرسىتىشى ، بىراق جۈمە كۈنى چوڭ دائىرىدە يۇقىرى ئۆرلەپ 1280 دوللاردىن ئاشقان . بۈگۈن ياۋرۇپا ۋاقتىدا مەبلەغ سالغۇچىلارنىڭ دىققىتىدە بولىدىغىنى ياۋرو رايونىنىڭ PMI سانلىق مەلۇماتى ، گېرمانىيە PMI سانلىق مەلۇماتى ، بۇ سانلىق مەلۇمات نەتىجىسىمۇ ئالتۇن كۈمۈش باھاسىغا بىۋاستە تەسىر كۆرسىتىدۇ . ئامېرىكا ۋاقتىدا مەبلەغ سالغۇچىلارنىڭ دىققىتىدە بولىدىغىنى ئامېرىكىنىڭ بىر قاتار مۇھىم بولغان ئىقتىساد سانلىق مەلۇماتلىرى ، ئەگەر ئامېرىكا سانلىق مەلۇمات نەتىجىسى ياخشى چىقسا ئالتۇن كۈمۈش باھاسىغا پايدىسىز بولىشى مۇمكىن .


ئەسكەرتىش :
1 گىرام ئالتۇننىڭ خەلق پۇلدىكى باھاسى 252.05 يۈەن ؛
1 گىرام كۈمۈشنىڭ خەلق پۇلدىكى باھاسى  3.39 يۈەن ؛
1 ئۇنسىيە ئالتۇن 31.1035 گىرامغا تەڭ ؛






غەيرى يېزا ئىگىلىك ھەپتىلىكىدە ئالتۇن بازىرىنىڭ تەۋرىنىش چوڭ بولىشى مۇمكىن

   ئالتۇن باھاسى 1 - ئايدا ئۆسۈش ھالىتىنى كۆرسەتتى ، ئۆسۈش دائىرىسى 8%دىن ئاشقان بولۇپ 2012 - يىلى 1 - ئايدىن بۇيانقى تاق ئايلىق ئەڭ چوڭ ئۆسۈش ھالىتىنى كۆرسەتكەن ، بۈگۈن 2015 - يىلىنىڭ ئىككىنچى ئايلىق سودا بازىرى باشلاندى ، بۇ ھەپتە ئەڭ ھالقىلىق بولغىنى ئامېرىكا غەيرى يېزا ئىگىلىك مەلۇماتى . تەھلىلچىلەرنىڭ مۆلچەرلىشىچە ، غەيرى يېزا ئىگىلىك ھەپتىلىكىدە ئالتۇن بازىرىنىڭ تەۋرىنىش دولقۇنى تېخىمۇ چوڭ بولىشى مۇمكىن دەپ مۆلچەرلىگەن .
    داۋمىڭ ئاكسىيىسىنىڭ ئاساسلىق باشقۇرغۇچى Bart Melek كۆرسەتمە بەرگىنىدە ، كۆپ دۆلەتلەر ياساش كەسپى PMI سانلىق مەلۇماتى ۋە غەيرى يېزا ئىگىلىك مەلۇماتىنى ئېلان قىلىدۇ ، ئەگەر سانلىق مەلۇمات مۆلچەرىدىن ياخشى چىقسا ئالتۇن باھاسى بېسىمغا ئۇچرىشى مۇمكىن دەپ كۆرسەتكەن .
    فرانسىيە تاشقى مەبلەغ بانكىسىنىڭ تەھلىلچىسى Bernard Dahdah سۆزىدە ، نۆۋەتتە ئېلان قىلىنىدىغان ئىشقا ئورۇنلىشىش دوكلاتىنىڭ ئىپادىسىنى كۆزىتىش كېرەك ، چۈنكى بۇنىڭ ئامېرىكا فېدېراتسىيە پۇل سىياسىتىگە بولغان تەسىرى چوڭ دەپ كۆرسەتكەن .







ئالدىنقى ھەپتە ئاخىرىدىكى پۇل مۇئامىلە بازىرى ئەھۋالى

1 - ئاينىڭ 30 - كۈنى پۇل مۇئامىلە بازىرىدا ، دوللار / ياپونىيە يېنى تۆۋەنلەپ 116.00 ئەتىراپىدا ئايلاندى ؛ قىممەت مېتاللار باھاسى ۋە خەلقئارا خام نېفىت باھاسى چوڭ دائىرىدە يۇقىرى ئۆرلىدى ، ياۋرو ئامېرىكا پاي چېكى بازىرى ئومۇميۈزلۈك تۆۋەنلىدى ؛ بۇ سودا كۈندە ياۋرو ئامېرىكا PMI ۋە ئامېرىكىنىڭ شەخسىي ئىستىمال چىقىمى مال باھا كۆرسەتكۈچى قاتارلىق سانلىق مەلۇماتلار بازارنىڭ دىققەت نۇقتىسى بولدى .
ئالدىنقى ھەپتە جۈمە كۈنى ئامېرىكا GDP قىممىتىنىڭ ئېشىشى مۆلچەردىكىگە يېتەلمىگەنلىكى ، ھەم ئامېرىكا پاي چېكى بازىرىنىڭ چوڭ دائىرىدە تۆۋەنلىشى سەۋەبىدىن نەق ئالتۇن باھاسى ۋە قەرەللىك ئالتۇن باھاسى چوڭ دئىرىدە ئۆرلىگەن بولۇپ ، نەق ئالتۇن 26.30 دوللار ئۆرلەپ يېپىلىش باھاسى 1283.10 دوللار ئەتىراپىدا بولغان ، قەرەللىك ئالتۇن باھاسى 23.30 دوللار ئۆرلەپ يېپىلىش باھاسى 1297.20 دوللار دوللار ئەتىراپىدا بولغان ؛






مەبلەغ سالغۇچىلار دىققەت قىلىشقا تىگىشلىك نۇقتا

         بۈگۈن ئامېرىكا ئامېرىكا 12 - ئايلىق  PCE مال باھا كۆرسەتكۈچى ۋە شەخسى كىرىم چىقىم سانلىق مەلۇماتىنى ئېلان قىلىدۇ ، ئامېرىكا فېدېراتسىيىسى پۇل پاخاللىشىش ئەھۋالىغا ئىنتايىن ئېتىبار بىلەن قاريدۇ ، بۇ كومىتېت ئەزالىرىنىڭ پۇل سىياسىتىغا بولغان قارىشىغا تەسىر كۆرسىتىدۇ ، PCE مال باھا كۆرسەتكۈچى بولسا ئامېرىكا فېدېراتسىيىسى ئىنتايىن دىققەت قىلىدىغان  پۇل پاخاللىشىش كۆرسەتكۈچى ، ئەگەر  پۇل پاخاللىشىش سانلىق مەلۇماتى داۋاملىق ئاجىز بولسا ، ئامېرىكا فېدېراتسىيىسى ئۆسۈم قوشۇش تەدبىرىنى كېچىكتۈرۈشى مۇمكىن . بۇنداق بولغاندا ئالتۇن باھاسىغا پايدىلىق بولىشى مۇمكىن .





بۇ يىل جۇڭگو مەركىزى بانكىسى ئۆسۈم نىسبىتىنى 50 ئاساسى نۇقتا تۆۋەنلىتىشى مۇمكىن

ئاۋسترالىيە-يېڭى زېلاندىيە بانكىسىنىڭ 1 - ئاينىڭ 29 - كۈنى ئىلان قىلغان دوكلاتىدا كۆرسىتىلىشىچە ، يېقىنقى بىر نەچچە ئايدىن بۇيان ، خەلقئارا نېفىت باھاسى چوڭ دائىرىدە تۆۋەنلىگەن ؛ ئەگەر نېفىت ئۈزلۈكسىز تۆۋەنلىسە ، جۇڭگونىڭ پۇل پاخاللىقى يۆنىلىشىگە ۋە پۇل سىياسىتىگە تەسىر كۆرسىتىشى مۇمكىن ؛ مۆلچەرلىنىشىچە ، جۇڭگو مەركىزى بانكىسى 2015 - يىلى ئامانەت پۇل تەييارلىق فوندى نىسبىتىنى 150 ئاساسى نۇقتا تۆۋەنلىتىشى مۇمكىن ، پۇل ئامانەت ئۆسۈمى نىسبىتىنى ئەڭ كۆپ بولغاندا 50 ئاساسى نۇقتا تۆۋەنگە يۆتكىشى مۇمكىن .
ئاۋسترالىيە-يېڭى زېلاندىيە بانكىسىنىڭ دا جۇڭخۇا رايونى رەئىسى ئىقتىسادشۇناس ليۇلى دوكلاتىدا كۆرسىتىپ بېرىشىچە ، ئەگەر نېفىت باھاسى نۆۋەتتىكى تەكشى ھالىتىنى ساقلاپ قالالىسا ، ھەم 2015 - يىل ئىچىدە 50 دوللارغا يۇقىرى ئۆرلىيەلىسە ، 2 - پەسىلدە جۇڭگونىڭ PPI پۇل پاخاللىق نىسبىتى -4% دىن -5% غىچە تۆۋەنلىشى مۇمكىن ، لېكىن پۇل پاخاللىقى 2015-2016 يىلدا 1.5% تۆۋەنلىشى مۇمكىن .  
پۇل سىياسىتى جەھەتتە ، ئەگەر نېفىت باھاسى تېخىمۇ تۆۋەنلىسە ، 2015 - يىلنىڭ ئوتتۇرلىرىدا CPI پۇل پاخاللىقى 1% كىچە تۆۋەنلىشى مۇمكىن ؛ 2015 - يىلى جۇڭگو 3 قېتىم ئامانەت پۇل تەييارلىق فوندى نىسبىتىنى تۆۋەنلىتىش ، ھەر قېتىم 50 ئاساسى نۇقتا تۆۋەنلىتىش ياكى مۇشۇنىڭغا ئوخشاش سىياسەتنى ئوتتۇرىغا قويۇش تەلەپ قىلىنغان ؛ بۇنىڭدىن سىرت ، جۇڭگو مەركىزى بانكىسى 2015 - يىلى پۇل ئامانەت ئۆسۈمى نىسبىتىنى 50 ئاساسى نۇقتا تۆۋەنلىتىشى مۇمكىن ؛  




دوللار كۆرسەتكۈچىنىڭ نۆۋەتتىكى ھالىتى

       2 - ئاينىڭ 2 - كۈنى دوللار كۆرسەتكۈچى ئەڭ يۇقىرى باھاسى 94.877 ، ئەڭ تۆۋەن باھاسى 94.63 ، ئوتتۇرچە باھاسى 94.76 بولۇپ ، ئۆرلەش تۆۋەنلەش ئاساسى 0.11% ‏- بولدى ؛ بۈگۈن بازار ئېچىلىشىدا 94.8148 بولۇپ ، ئاسىيا ئەتىگەنلىك بازىرىدا 94.81 ئەتىراپىدا ئايلاندى ؛ سېتىۋېلىش باھاسى 94.7549 ، سېتىلىش باھاسى 94.7549 بولدى ؛ تۈنۈگۈن بازار يېپىلىش باھاسى  94.8818 بولدى .   




ئاساسى پۇل ۋە قىممەتلىك مېتاللارنىڭ بازار يېپىلىش باھاسى

      1 -ئاينىڭ30 - كۈنى تاشقى پېرېۋوت بازىرىدا : ياۋرو / دوللار بازار يېپىلىش باھاسى 1.1285 بولغان ؛ فوندستېرلىڭ / دوللار بازار يېپىلىش باھاسى 1.5045 دوللار بولغان ؛ ئاۋسترالىيە دوللىرى / دوللار بازار يېپىلىش باھاسى 0.7767 دوللار بولغان ؛ دوللار / يېن بازار يېپىلىش باھاسى 117.51 يېن بولغان ؛ دوللار / كانادا دوللىرى بازار يېپىلىش باھاسى 1.2724 كانادا دوللىرى بولغان ؛ دوللار / شۋېتسارىيە فرانكى بازار يېپىلىش باھاسى 0.9194 شۋېتسارىيە فرانكى بولغان .
     تۈركۈملەپ ئىشلەپچىقىرىلىدىغان تاۋارلار بازىرىدا : نەخ مال ئالتۇن بازار يېپىلىش باھاسى 1283.10 دوللار بولغان ؛ Comex قەرەللىك ئالتۇن بازار يېپىلىش باھاسى 1279.20 دوللار بولغان ؛ نەخ مال كۈمۈش بازار يېپىلىش باھاسى 17.23 دوللار بولغان ؛ Comex  قەرەللىك كۈمۈش بازار يېپىلىش باھاسى 17.208 دوللار بولغان ؛  بۇلۈنتې خام نېفىت بازار يېپىلىش باھاسى 52.99 دوللار بولغان ؛ NYMEX خام نېفىت قەرەللىك مال بازار يېپىلىش باھاسى 48.24 دوللار بولغان .


ئەسلى مەنبە : ئۇيغۇر ئالتۇن تورى



بەت: [1]
: بۇ يىل جۇڭگو مەركىزى بانكىسى ئۆسۈم نىسبىتىنى 50 ئاساسى نۇقتا تۆۋەنل...