history يوللانغان ۋاقتى 2015-2-2 16:42:22

گەپ قىلغىلى بولمايدىغان دەۋر

ئازادلىق ئارمىيە سەنئەت ئىنستىتۇتىدا سۆزلەنگەن نۇتۇق
مويەن
ئىمىن ئەخمىدى تەرجىمىسى



    ۋاقىتنىڭ ئۆتۈپ كېتىۋاتقانلىقىنى، ئۆمۈرنىڭ قىسقىلىقىنى ھەر قانداق ئادەم ھېس قىلالايدۇ. ئادەم 50 تىن ئاشقاندىن كېيىن ئۆتكەن كۈنلەرنى ئەسلەشكە ئامراق بولۇپ قالىدۇ. مۇشۇ كۈنلەردە مەنمۇ 80- يىللاردا ئازادلىق ئارمىيە سەنئەت ئىنستىتۇتىدا ئوقۇغان ئىككى يىلنى ئەسلەيدىغان بولۇپ قالدىم. بۇ ئىككى يىل مېنىڭ ئەدەبىي ئىجادىيەت بىلەن شۇغۇللىنىشىم ئۈچۈن ئىنتايىن مۇھىم رول ئوينىغان ئىككى يىل ئىدى. ھەتتا بۇ ئىككى يىلنى مېنىڭ ئەدەبىي ئىجادىيەت بۆلۈمدىكى بۇرۇلۇش نۇقتىسى دېيىشكىمۇ بولاتتى.
  گەرچە بىز شۇ چاغدا ئىنستىتۇتتىكى ئۆگىنىشنىڭ قىممىتىنى ھېس قىلمىغان، شۇ چاغدىكى ئەدەبىيات ئىجادىيەت مۇھىتى ئۈستىدىن غۇتۇلداپ يۈرگەن، بەزىلەرنىڭ بۇ ۋاقىتنى ئەدەبىيات ئىجادىيىتىدىكى ئالتۇن دەۋر دېيىشلىرىدىن بىزار بولغان بولساقمۇ، ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشى تۈپەيلى ئويلاپ قاراپ، ئۇ ۋاقىتنىڭ ھەقىقەتەن ئالتۇن دەۋر ئىكەنلىكىنى ئېتىراپ قىلماي تۇرالمايمىز.
   بۈگۈن، ئەدەبىيات- سەنئەت ساھەسىدىكىلەرنىڭ ھەممىسى 80- يىللارنى ئەسلەيدىغان بولۇپ قالدى. دەرۋەقە، ئۇ چاغلاردا ئەدەبىيات جەمئىيەتنىڭ قىزىق نۇقتىسى بولۇپ قالغان، يازغۇچىلار قالتىس ئەتىۋارلىنىدىغان، ناتونۇش بىرسى بىر ھېكايە بىلەنلا داڭلىق شەخس بولۇپ كېتىدىغان ئىشلار بار ئىدى. ئۇنىڭ ئۈستىگە شۇ چاغدىكى ئىنستىتۇت ئەدەبىيات فاكۇلتېتىمۇ ئېلىمىزدىكى ئەدەبىياتنىڭ قىزىق نۇقتىسى ئىدى. ئىنستىتۇت ئەدەبىيات فاكۇلتېتىدا يۈز بەرگەن ھەرقانداق ئىش بىر كېچىدىلا ئەدەبىيات مۇنبىرىگە پۇر كېتەتتى.
   شۇ چاغدا بىزنىڭ فاكۇلتېتتا ھەرقايسى ھەربىي رايونىنىڭ ئەسكىرىي تۈرلىرىدىن كەلگەن 35 نەپەر يازغۇچى جەم بولغانىدى. ئۇلارنىڭ ياش پەرقى نىسبەتەن چوڭ ئىدى. لى سۈنباۋ قىرىققا يېقىنلاپ قالغان، ئەڭ ياش دېگەنلىرىمۇ يىگىرمە يەتتە- سەككىزلەردە ئىدى. ئوقۇش تارىخىنىڭ تەكشى بولمىغانلىقىغا قارىماي، ھەممەيلەن خېلى ئۇزاق ئىجادىيەت ئەمەلىيىتىنى باشتىن كەچۈرگەن، خېلى كۆپلىرى مەملىكەت ئىچىدە زور تەسىر پەيدا قىلغان ئەسەرلەرنى ئېلان قىلغانىدى. لى سۈنباۋنىڭ پوۋېستى «تاغ باغرىدىكى گۈل چەمبىرەك»، شۇڭ شوۋۇنىڭ ھېكايىسى «سالام ئانا»، چيەن گاڭنىڭ ئەدەبىي ئاخباراتى «ھاۋارەڭ ئارمىيە قوماندانى» مەملىكەت دەرىجىلىك مۇكاپاتقا ئېرىشكەن ئىدى.
   مۇشۇنچىۋالا ئادەم ئەدەبىيات فاكۇلتېتىدا بولغاچقا، كۆپچىلىكنىڭ ئىجادىيەت قىزغىنلىقى ناھايىتى يۇقىرى ئىدى. ئۇلار بىر – بىرىگە تۈرتكە بولاتتى، بىر – بىرىنى رىغبەتلەندۈرەتتى. مۇشۇلارغا كۆرە، دەرۋازىنىڭ ئوڭ تەرىپىدىكى بىنادا ئۈزۈكسىز رەۋىشتە ئەسەر ئىشلەپچىقىرىلاتتى. مەملىكەتنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى ژۇرنال تەھرىرلىرىنى ئۆزىگە جەلپ قىلاتتى. ئۇلار كېلىپلا قالسا بىر نەرسىگە ئىگە بولاتتى، قۇرۇق قول قايتىپ كەتمەيتتى.
   ئۇ چاغلاردا كۆڭۈلنى بىئارام قىلىدىغان باشقا ئىشمۇ يوق ئىدى. خىيال سۈرۈپ ئولتۇرۇپ كېتىشمۇ ھاجەتسىز ئىدى. تور يوق ئىدى، ھەتتا نۇسخىلاش ماشىنىسىمۇ ئىنتايىن ئاز ئىدى. ئېسىمدە قېلىشىچە، شۇ چاغدا بىرەر پارچە ئەسەر يازساق، نۇسخىلاش ماشىنىسى تېپىپ نۇسخىلىۋېلىشمۇ تەسكە توختايتتى. شۇڭا كۆچۈرىدىغان چاغدا، ئۈچ – تۆت نۇسخىنى تەڭلا كۆچۈرۈشكە، مۇشۇ ئۇسۇلنى قوللىنىپ تۇرۇپ ئورگىنالنى ئېلىپ قېلىشقا توغرا كېلەتتى.
ئىنستىتۇتتا ئوقۇۋاتقان بۇ ئىككى يىل جەريانىدا، ئەدەبىيات ئىجادىيىتىدىكى كۆزقاراشنى ھەل قىلىۋېلىش بىز ئۈچۈن مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە بىر ئىش بولغانىدى.
    1984 – يىلى گەرچە ئىسلاھات ئېچىۋېتىش يولغا قويۇلغانغا بىرنەچچە يىل بولغان بولسىمۇ، لېكىن ئەدەبىيات ساھەسىدە يەنىلا بىر مۇنچە چوڭقۇر يىلتىز تارتىپ كەتكەن قاتمال كۆز قاراشلار مەۋجۇت ئىدى. ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇ كۆزقاراشلار نەچچە ئون يىل مابەينىدە شەكىللەنگەن بولغاچقا، ئۇنى قىسقىغىنە ۋاقىت ئىچىدە ۋەيران قىلىش تازا مۇمكىن بولمايدىغان ئىش ئىدى. شۇ چاغدا كۆپچىلىك ئىدىيە ئازاد بولمىدى، ئەركىن – ئازادە مۇھىت يوق دەپ ئاغرىناتتى. كېيىنچە ئويلىسام، يازغۇچىلارنىڭ ئىجادىيىتىگە تەسىر كۆرسىتىدىغان ئەڭ زور چەكلىمىنىڭ ئەمەلىيەتتە سىرتتىن كەلمەيدىغانلىقى، بەلكى ئۆزىمىزنىڭ ئىچكى قىسمىمىزدىن كېلىدىغانلىقى، كاللىمىزدىكى ئەدەبىياتنىڭ تەرەققىيات قانۇنىيىتىگە ئۇيغۇن كەلمەيدىغان ئەزەلى قاتمال كۆزقاراشلارنىڭ ئىدىيەمىزنى چەكلەپ قويىدىغانلىقى، پۇت – قولىمىزنى چۈشەپ قويىدىغانلىقى، ئىجادىيىتىمىزگە تەسىر يەتكۈزىدىغانلىقى مەلۇم بولدى. ئىنستىتۇتتا ئالدى بىلەن ھەل قىلغان بىر چوڭ مەسىلە دەل ئەدەبىيات ئىجادىيىتى بىلەن سىياسىي تەشۋىقات ئارىسىدىكى مۇناسىۋەتنى ھەل قىلىش بولغانىدى.
     ئېلىمىزدە ناھايىتى ئۇزاق بىر مەزگىلگىچە ئەدەبىيات ئىجادىيىتى سىياسىيغا، ۋەزىيەتكە ماسلىشىش تەكىتلىنىپ كەلدى. ئەدەبىيات تەشۋىقات سايمىنىغا، مۇئەييەن بىر ۋاستىغا ئايلاندى. دۆلەتتە بىرەر چوڭ ھەرىكەت قوزغالغان ھامان، يازغۇچىلارنىڭ ئەسەر يېزىپ ماسلىشىشى لازىم بولدى. ھالبۇكى، يازغۇچىلار بىلەن شائىرلاردىمۇ تەشەببۇسكارلىق بىلەن ماسلىشىدىغان مۇشۇنداق ئاڭ بار ئىدى.
    مەن ئىنستىتۇتقا كېلىشتىن ئىلگىرى يازغان «قارا ساھىل» ناملىق ھېكايە ئىنستىتۇتقا كېلىپ بىرىنچى مەۋسۇمدا ئېلان قىلىندى. شۇ چاغدا «ئازادلىق ئارمىيە ئەدەبىيات – سەنئىتى» دىكى بىر تەھرىر قۇلىقىمغا پىچىرلاپ تۇرۇپ، دەرھال پارتىيەنى تەرتىپكە سېلىش ھەرىكىتى باشلىنىدىغانلىقىنى، بۇ ھېكايىنىڭ پارتىيەنى تەرتىپكە سېلىش جەريانىدا ياردەمچى دەرسلىك بولۇپ قېلىشىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى، پارتىيە ئەزالىرىنىڭ ئوقۇپ بېقىشىغا ئەرزىيدىغانلىقىنى ئېيتقانىدى. مەنمۇ ئۇ چاغدا بۇنىڭ ياخشى ئىش ئەمەسلىكىنى ھېس قىلمىغانىدىم، ئەكسىچە خوشال بولغان، بۇ ھېكايىنىڭ پارتىيەنى تەرتىپكە سېلىشتا ياردەمچى دەرسلىك بولۇپ قېلىشنى تەقەززالىق بىلەن كۈتكەنىدىم.
    ئىنستىتۇتنى پۈتتۈرگەندىن كېيىن كۆزقاراشلىرىمدا ئۆزگىرىش بولغانلىقىنى تۇيدۇم. بىز ھەممەيلەن مۇشۇ جەمئىيەتتە ياشاۋاتقان بولغاچقا، سىياسىي بىلەن ئەسرار بولۇشتىن ئۆزىمىزنى قاچۇرالمايتتۇق. سەن سىياسىيغا كۆڭۈل بۆلمىگىنىڭ بىلەن، سىياسىي ساڭا كۆڭۈل بۆلەتتى. بولۇپمۇ ئەدەبىيات ئىجادىيىتى بىلەن مەشغۇل بولىدىغان بىر ئادەمگە نىسبەتەن ئالغاندا، ئۇنىڭدىكى سىياسىيدا يۈز بېرىۋاتقان بەزى ئۆزگىرىشلەرگە بولغان ھېسسىيات ئادەتتىكى ئوقۇرمەنلەرگە قارىغاندا تېخىمۇ چوڭقۇر بولۇشى كېرەك ئىدى. يازغۇچىنىڭ سىياسىيدىن ئايرىلىشى دەرۋەقە ئاقمايدىغان گەپ ئىدى.
    ئەدەبىيات ئەمەلىيەتتە ناھايىتى ئۇزاق ۋاقىتقىچە سىياسىينىڭ گۇپپاڭچىسى، تەشۋىقاتنىڭ قورالى بولدى. ئۇ شۇ ئەھۋالنىڭ ئۆزى ھېكايىلىرىمىزنىڭ ياكى شېئىرلىرىمىزنىڭ سىياسىينىڭ سىياسىيدا تۇرىدىغانلىقىنى بەلگىلىدى. مۇشۇ تۈپەيلى، بىز يازغان ھېكايىلار خېلى ۋاقىتقىچە سىياسىيدىن كىچىك بولۇپ كەلگەچكە، سىياسىينىڭ شاكىلىغا يۆگىلىپ كۈن ئۆتكۈزدى. ھالبۇكى، ھەقىقىي ئەدەبىيات، ياخشى ئەدەبىياتنىڭ سىياسىيدىن چوڭ بولۇشى، سىياسىينى بۆسۈپ چىقالايدىغان بولۇشى كېرەك ئىدى. لېكىن ئۇ سېپى ئۆزىدىن سىياسىي بولدى، لېكىن سىياسىيغا قويۇپ قويغاندەك ئوخشاپمۇ كەتمىدى.

ئىنسان تەبىئىتى ئەمەلىيەتتەسىنىپىيلىكتىن چوڭ
   ئىنستىتۇتتىكى ئىككى يىللىق ئوقۇش جەريانىدا مەن قىلىۋاتقان يەنە بىر ئىش ئەدەبىيات بىلەن ئادەمنىڭ مۇناسىۋىتى بولدى. بىز كىچىك چاغدا ماۋجۇشى يازغان «جۇڭگو جەمئىيىتىدىكى ھەرقايسى سىنىپىي قاتلاملار ئۈستىدە تەھلىل» نى يادلىغان، ماۋجۇشى بۇ كىلاسسىك ھۆججەتتە جۇڭگو ئىنقىلابىنىڭ كۈچىنى، ئىنقىلابنىڭ ئوبيېكتىنى، ئىنقىلابنىڭ دۈشمىنى ۋە ئىنقىلاپ ئىتتىپاقلىشىدىغان دوستلارنى ئىقتىسادىي نۇقتىدىن تەھلىل قىلغانىدى، بۇ ماقالە خېلى ئۇزاققىچە جۇڭگونىڭ ئىنقىلابىي قۇرۇلۇشىغا، شۇنداقلا يازغۇچىلارنىڭ ئىجادىيىتىگە يېتەكچىلىك قىلىدىغان پىروگرامما خاراكتېرلىك ھۆججەت بولغانىدى. «ئون يەتتە يىللىق» ھېكايىچىلىقىمىزدىن يازغۇچىلارنىڭ شىرەسى ئۈستىگە ماۋجۇشىنىڭ مۇشۇ ماقالىسى تىزىقلىق تۇرغانلىقىنى، ئۇلارنىڭمۇ ماۋجۇشىنىڭ تۈرلەرگە بۆلۈپ تەھلىل قىلىش ئۇسۇلى بويىچە ھەر خىل پېرسوناژلارنى تەپەككۇر قىلغانلىقىنى، ئورۇنلاشتۇرغانلىقىنى كۆرىۋالغىلى ياكى روشەن ھالدا ھېس قىلغىلى بولاتتى. خاۋرەن ئەپەندى يازغان «؟؟؟؟؟؟»، «؟؟؟؟؟؟» قاتارلىق ئىككى رومانىدا خاۋرەن ئەپەندىنىڭ پېرسوناژلىرى بىرسى قالماي دېگۈدەك ماۋجۇشى تەھلىل يۈرگۈزگەن ھەرقايسى سىنىپ قاتلاملار بويىچە تەپەككۇر قىلىنغانىدى، مۇنداق پېرسوناژلارنى تۇرمۇشتا پۈتۈنلەي مەۋجۇد ئەمەس دېگىلىمۇ بولمايتتى. لېكىن كۆز قاراش ئالدىدا ماڭغان بولغاچقا، ئۇلار جانلىق، ئىندىۋىدۇئاللىققا ئىگە، تىرىك پېرسوناژلاردىن ئەمەس ئىدى. ئەكسىچە مۇئەييەن كۆزقاراش بويىچە ئىشلەپچىقىرىلغان ئۆلۈك پېرسوناژلاردىن بولۇپ قالغانىدى. ئۇلارنىڭ ھاياتىي كۈچى يوق ئىدى، شۇڭا ئىشەنچ قىلغىلى بولمايتتى. ماۋجۇشى: «سىنىپىي جەمئىيەتتە ھەربىر ئادەم مۇئەييەن ئىجتىمائىي ئورۇندا تۇرمۇش كەچۈرىدۇ، سىنىپىي تامغا بېسىلمىغان ھېچقانداق ئىدىيە بولمايدۇ» دېگەنىدى. ئۇنىڭ بۇ ھۆكۈمى مۇئەييەن دەرىجىنى ئېلىپ سۆزلىگەندە راستلا ھەقىقەت ئىدى. لېكىن ئەدەبىي ئىجادىيىتىمىزگە مۇشۇنداق بىر ئىدىيە ئارقىلىق چورتلا ھۆكۈم قىلىنسا ياكى يېتەكچىلىك قىلىنسا، ئەلۋەتتە ھەددىدىن زىيادە چاكىنىلىق بولاتتى. چۈنكى ئادەمنىڭ ئىدىيەسى ئىنتايىن مۇرەككەپ ئىدى، ئىنسانىيەت جەمئىيىتىنىڭ قۇرۇلمىسىمۇ رەڭگارەڭ قاتلامغا ئىگە ئىدى. ئادەملەرنىڭ ئوخشاش بولمىغان مەزگىلىدىكى، ئوجشاش بولمىغان باسقۇچتىكى، ئوخشاش بولمىغان سىياسەت ئاستىدىكى ئىپادىسى ھەققىدە ئوڭايلا بىرنەرسە دېگىلى بولمايتتى. مۇشۇلارغا كۆرە، ئادەملەرنىڭ جىمىكى قىلمىشنى، جىمىكى ئىدىيەسىنى سىنىپىيلىك ئىچىگە يىغىنچاقلاش ئەلۋەتتە مۇمكىن بولمايدىغان ئىش ئىدى.
    مۇنداقچە ئېيتقاندا، ئادەمنىڭ خاراكتېرى ئەمەلىيەتتە سىنىپىيلىكتىن چوڭ ئىدى. چۈنكى ئادەمنىڭ خاراكتېرى ھېچبولمىغاندا مۇنداق ئىككى قاتلامدىن يەنى ئۇنىڭ تەبىئىي تەۋەلىكىدىن ۋە ئۇنىڭ ئىجتىمائىي تەۋەلىكىدىن تەركىب تاپاتتى. ئۇنىڭ ئىجتىمائىي تەۋەلىك قاتلىمىدا سىنىپىيلىك يېتەكچى ئورۇندا تۇرىدۇ دېيىشكە بولغان تەقدىردىمۇ، لېكىن ئۇنىڭ تەبىئىي تەۋەلىكى جەھەتتە، سىنىپىيلىكنىڭ ئىككىنچى ئورۇنغا چۈشۈپ قېلىشىنى چەتكە قاققىلى بولمايتتى.
    ئادەمگە نىسبەتەن ئالغاندا، ئۇنىڭ قايسى سىنىپتىن بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، ئۇنىڭ تەبىئىي تەۋەلىكىدە نۇرغۇن ئوخشاشلىقلار بولاتتى ئىلگىرى «سىنىپىي جەمئىيەتتە سەۋەبسىز نەپرەت بولمايدۇ، سەۋەبسىز مۇھەببەتمۇ بولمايدۇ» دەيدىغان مەشھۇر بىر جۈملە سۆز بار ئىدى. ئادەتتىكىچە سۆزلىگەندە، ھەممەيلەن «قىزىل راۋاقتىكى چۈش» تىكى جياۋ دا دېگەن كىشى لىن دەييۈنى ياخشى كۆرەلمەيدۇ − دەيدىغان. ئاڭلىماققا بۇنىڭغا ئۇنداق ئەمەس دەپ رەدىيە بەرگىلى بولمىسىمۇ، لېكىن ئەدەبىيات نۇقتىسىدىن ئالغاندا بۇ گەپنىڭ توغرا بولۇشىمۇ ناتايىن ئىدى. چۈنكى جياۋدانىڭ لىن دەييۈنى ياخشى كۆرمەسلىكىمۇ ناتايىن ئىدى. ئۇنىڭ لىن دەييۈنى ياخشى كۆرۈپ قېلىشىمۇ مۇمكىن ئىدى. 1949- يىلى ئازادلىق ئارمىيەمىز شەھەرلەرگە كىرگەندىن كېيىن، ئائىلە كېلىپ چىقىش جياۋداغا ئوخشاپ كېتىدىغان بىرمۇنچە ئادەملەر چىرايلىق قىزلارنى ياخشى كۆرۈپ قالغان ئەمەسمۇ؟ مۇشۇ جەھەتتىن ئالغاندا، ئىنساننىڭ تەبىئىيەتى، كېسىپ ئېيتىشقا بولىدۇكى سىنىپىيلىكتىن چوڭ، ئىنسان تەبىئىتى بىز دەۋاتقان سىنىپىيلىقتىن چوقۇم رەڭدار بولىدۇ.
     مەدەنىيەت ئىنقىلابىدىن ئىلگىرىكى ئەدەبىياتىمىز ئاساسلىقى ئادەمنىڭ سىنىپىيلىكىنى ئىپادىلىدى. ئادەمنىڭ تەبىئىي تەۋەلىكىگە سەل قارىدى. ئەلۋەتتە، بۇ يازغۇچىلار ئۆزى خالاپ قىلغان ئىش ئەمەس. ناھايىتى كۆپ يازغۇچىلار ئىجادىيەت بىلەن شۇغۇللانغاندا، غەرەزسىز ھالدا ئىنسانىيەتتىكى بەزى ئورتاقلىقنى يازدى. ئالايلۇق، ئۇلار مۇھەببەتنى، ھېسداشلىقنى، ئىچ ئاغرىتىشنى قىز – يىگىتلەردىكى تاتلىق تۇيغۇلارنى ئىپادىلىدى. ھالبۇكى، بۇ نەرسىلەر ئۆز ۋاقتىدا قاتتىق تەنقىد قىلىنىدىغان نەرسىلەر ئىدى. ئۇلارنىڭ يازغانلىرى مۇشۇنداق بولغان ياكى مۇشۇنداق نەرسىلەرگە چىتىشلىق بولۇپ قالغان ھامان، ئۇلارنىڭ بېشىغا بۇرژۇئازىيە ئىدىيەسى دېگەن قالپاقلار كىيگۈزۈلدى. بىرمۇنچە يازغۇچىنىڭ تالانتى مۇشۇ تەرىقىدە بېسىلىپ قالدى.
   مۇشۇنداق ئىجادىيەت مۇددىئاسىنىڭ يېتەكچىلىكىدىكى يېزىقچىلىق «مەدەنىيەت زور ئىنقىلابى» دىكى «ئىنقىلابىي ئۈلگىلىك تىياتىرلار» دا تېخىمۇ ئەدەپ، يۇقىرى پەللىگە چىقتى. بۇ يەردە ئولتۇرغان ياش ساۋاقداشلار بۇ نەرسىلەرنى كۆرمىگەن، لېكىن بىز ياش ۋاقتىمىزدا بۇ نەرسىلەرنى ھەر كۈنى دېگۈدەك كۆرەتتۇق. مېنىڭ يېشىمدىكىلەرنى ئالساق، ھەممەيلەن دېگۈدەك ئۈلگىلىك تىياتىرلارنى ئېيتىشنى بىلەتتى، باشتىن – ئاياغ ئېيتالايدۇ دېسەكمۇ ئارتۇق كەتمەيتتى. بۇ ئەسەرلەردىكى، جۈملىدىن شۇ چاغدا نەشر قىلىنغان يوقنىڭ ئورنىدىكى بىرنەچچە روماندىكى باش پېرسوناژلار كېسىپ ئېيتىشقا بولىدۇكى، ھەممىسى سالتاڭ ئىدى. ئەر – خوتۇن پېرسوناژلار ناھايىتى ئاز ئىدى. ئەرلەرنىڭ خوتۇنى بار – يوقلىقىنى بىلگىلى بولمايتتى. خوتۇنلارنىڭ ئالايلۇق ئاچىڭ ساۋنىڭ ئېرى بار دېگەن تەقدىردىمۇ، ئۇنىڭ ئېرىنىڭ نەلەرگە كەتكەنلىكى نامەلۇم ئىدى. «لۇڭجياڭغا مەدھىيە» دىكى جياڭ شۇييىڭ ئوتتۇرا ياشلارغا بارغان چوكان تۇرۇقلۇق، ئۇمۇ سالتاڭ ئىدى، ئۇنىڭ ئېرىنىڭمۇ نەگە كەتكەنلىكى ئېنىق ئەمەس ئىدى. بۇ ئەسەرلەردىكى باش پېرسوناژلار بەجايىكى ھاۋايى – ھەۋەستىن مۇستەسنا ئىدى، بىر – بىرىگە قۇيۇپ قويغاندەك ئوخشايتتى. ئۇلاردا ناز – كەرەشمە، مۇھەببەت دېگەنلەر تېخىمۇ يوق ئىدى. ئۇلاردا بار بولغىنى پەقەتلا يۈكسەك سىنىپىي ئاڭ، تەلۋىلەرگە ئوخشاپ كېتىدىغان كۈرەش روھىلا ئىدى. سەلبىي پېرسوناژلار تېخىمۇ قورقۇنچلۇق ئىدى. ئۇلاردا ئادىمىيلىكتىن ئېغىز ئاچقىلى بولمايتتى، ئۇلارنىڭ قەلبى مەينەت، روھى پاسكىنا بولۇپلا قالماي، چىرايىمۇ ئىنتايىن بەدبەشىر ئىدى. شۇ چاغدىكى كىنولارنى كۆرگەن ئىككى ياشلىق بالىلارمۇ بىرلا قاراپ كىمنىڭ بۇزۇق ئادەم، كىمنىڭ ياخشى ئادەم ئىكەنلىكىنى بىلەتتى. مېنىڭچە مۇنداق بىر تەرەپ قىلىش چاكىنىلىق ئىدى. كۆپ قاتلاملىق ئادەملەر ئاددىي يوسۇندىلا ياخشى ئادەم بۇزۇق ئادەم دەپ چاكىنىلاشتۇرىۋالاتتى.
    1978- يىلىدىن كېيىن ئەدەبىيات – سەنئەت ۋە ئىدىيە جەھەتتىكى قالايمىقانچىلىق ئوڭشىلىشقا يۈزلەندى. لېكىن كونا كۆز قاراشلار يازغۇچىلارنىڭ ئىجادىيىتىگە بىلىنىدۈرمەي تەسىر كۆرسىتىپ تۇرغاچقا، ئىجادىيەتتىكى ئېچىۋېتىشنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئىنتايىن تەس ئىدى. مۇشۇ تۈپەيلى، ئوخشاش بولمىغان ئەسەردىن بىرەرسى جەمئىيەتكە چىققان ھامان تەنقىد دولقۇنلىرىنىڭ تۆۋەنلەپ كېتىشى تۇرغانلا گەپ ئىدى. بۇرژۇئاچە ئەركىنلەشتۈرۈشكە قارشى تۇرۇش، مەنىۋى بۇلغىنىشنى تازىلاش دەيدىغان ھەرىكەتلەر ئۈزۈكسىز قانات يايدۇرۇلۇپ تۇرغاچقا، يازغۇچىلارمۇ بۇ يىل ئەتىيازدىكى ماگنولىيە گۈلىدەك ئېچىلغۇسى كەلسىمۇ ئېچىلالمايدىغان ئەھۋال مەۋجۇد ئىدى. تەبىئەت ئىللىپ قالدى، ئەمدى ئېچىلساق بولىدۇ دېگەن گۈللەر، تۇيۇقسىز كەلگەن جۇدۇندا ھەش – پەش دېگۈچىلا سولۇشۇپ قالاتتى بىرنەچچە قېتىم كۈچەپ باقاتتىيۇ، تۈگۈلگەن پېتى ئىنىگە كىرىپ كېتەتتى.
   ئېسىمدە قېلىشىچە، شۇ چاغدا «ئاي – دالادىكى ئوت – چۆپ» دەيدىغان بىر ھېكايە ئېلان قىلىندى. ئۇنىڭدا ئازادلىق ئۇرۇشى مەزگىلىدە، كەمبەغەل ئائىلىدىن كېلىپ چىققان، پىرولېتارىيات لاگىرىغا تەئەللۇق بىر تۇل ئايالنىڭ گومىنداڭ ئارمىيەسىدىكى بىر يارىدار ئەسكەرنى تېپىۋېلىپ، گەمىدە قوغداپ قالغانلىقى يېزىلغانىدى. مۇنداق ئىش ئۇرۇش يىللىرى راستىنلا سادىر بولىدىغان ئىشلاردىن ئىدى. مۇنداق ئىش چوقۇم بار ئىدى. يازغۇچى ھېلىقى ھېكايىنى يېزىشتىن بۇرۇنمۇ مەن ئاڭلىغان ئىشلاردىن ئىدى. لېكىن، ھېكايە ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن تەنقىد ئەۋجىگە چىقتى، ھېكايە ناھايىتى كۆپ ئادەملەر تەرىپىدىن تەنقىد قىلىندى. بۇنىڭدىكى سەۋەب، بۇ ھېكايە سىنىپتىن ھالقىغان ئادەم تەبىئىتىنى، بۇرژۇئازىيەنىڭ ئادەم تەبىئىتىنى مەدھىيەلىگەنىدى. پىرولېتارىياتقا، گۇڭچەندەڭغا تەئەللۇق بىر تۇل ئايال گومىنداڭنىڭ يارىدار بولغان ئەسكىرىنى ئۆيىدە باقسا قانداق بولغىنى؟ ئۇنىڭ ئۈستىگە يازغۇچىمۇ بۇ ئىشنى ئوقۇرمەنلەرنىڭ گۇمانىنى قوزغايدىغان قىلىپ يازغان، يېزىپ – يىزىپ، بۇ ئىككىيلەن ئىچپەش تارتىشىپ، بىر – بىرىگە ئىسسىق ئۆتۈشۈپ قالغان. ناۋادا باشقا بىر ئىشمۇ يۈز بېرىپ قالسا، تېخىمۇ بىدئەتلىك بولمامدۇ! ناۋادا بالا تۇغۇلۇپ قالسا، بۇ بالىنىڭ خاراكتېرىنى قانداق بېكىتىش كېرەك؟    پىرولېتارىياتنىڭ بالىسى دەيمىزمۇ ياكى بۇرژئازىيەنىڭ بالىسى دەيمىزمۇ؟ ياخشى بالا دەيمىزمۇ، يامان بالا دەيمىزمۇ؟ قانداشلىق دېگەن مۇرەككەپ مەسىلە، ئاسانلا بىر نېمە دېمەك تەس. بىزگە مەلۇم بولغىنى، بۇ ئەسەرمۇ ئوخشاشلا ھەددىدىن زىيادە چاكىنىلاشتۇرۇلغان ئىدى. بۇ يەردىمۇ مۇددىئا ئالدىدا باشلاپ ماڭىدىغان ئىش يۈز بەرگەنىدى. لېكىن يازغۇچىنىڭ مۇشۇنداق يېزىشىنىڭ ئۆزى شەك – شۈبھىسىزكى بۇرۇنقى نوقۇل قاراشلار ۋە نوقۇل ئىنسان تەبىئىتىگە ئېلان قىلىنغان رىقابەت ئىدى. شۇنداقلا ئۇ بىزنى مۇشۇ جەرياندا ئىنسان تەبىئىتىنىڭ مۇرەككەپلىكى ۋە ئىنسان تەبىئىتىنىڭ رەڭدارلىقى ھەققىدە يېڭى تونۇشقا ئىگە قىلغان، ئەدەبىياتنىڭ ئىنساننىڭ سىنىپىي تەۋەلىكىگە ئەمەس، بەلكى تەبىئىي تەۋەلىكىگە تېخىمۇ يېقىندىن كۆڭۈل بۆلۈشى لازىملىقىنى تونۇتقان ئىدى.

يازغۇچىدا چەكلەنگەن رايوندىن بۆسۈپ چىقىشئارزۇسى بولۇش كېرەك
    ئېسىمدە قېلىشىچە مەكتەپ بىر قېتىم بىزگە يېزىقچىلىق مەشقى ئىشلەشنى تاپىلىدى. مەن جۇڭگونىڭ نۆۋەتتىكى ئارمىيە ئەدەبىيات ئىجادىيىتى توغرىسىدا ئويلىغانلىرىمنى يېزىپ باقتىم. ئىككى كۈن ئىلگىرى شۇ جايدا يازغىنىمنى ئېلىپ ۋاراقلاپ كۆرۈپ، بەزى خىياللىرىمنىڭ ھېلىمۇ كارغا كېلىدىغانلىقىنى ھېس قىلدىم.
   مەن شۇ چاغدا، ئۇرۇش ھەققىدە يازماقچى بولغانلار ئارمىيەدىكى يازغۇچىلاردىن بولغىنى ئۈچۈن، نېمىنىڭ ھەقىقىي ئۇرۇش، نېمىنىڭ ھەقىقىي بولمىغان ئۇرۇش ئىكەنلىكى ئۈستىدە چوقۇم توغرا ھۆكۈم چىقىرىش كېرەك، قانداق قۇربان بولۇشنىڭ ئەرزىيدىغانلىقى، قانداق قۇربان بېرىشنىڭ ئەرزىمەيدىغانلىقى، قانداق قەھرىمانلىقنىڭ ھەقىقىي قەھرىمانلىق بولىدىغانلىقى، قانداق قەھرىمانلىقنىڭ بىھۇدە قۇربان بېرىش بولىدىغانلىقى ھەققىدە چوڭقۇر ئويلىشىش لازىم دېگەنلەرنى تىلغا ئالغانىدىم. يازغۇچى بولغان ئادەم ئارمىيە ئەدبىياتى بىلەن شۇغۇللانغاندا، ئۆزىنى ھەر مىنۇت – ھەر دەقىقە سەگەك تۇتۇشى، چاكىنا سىنىپىيلىك، چاكىنا ھەققانىيلىك ياكى غەيرىي ھەققانىيلىك پەردىسىگە چۈمكىلىپ قالماسلىقى، ئۆزى يازماقچى بولغان ئەسەرگە يېڭى ئىدىيە بېرەلىگەن بولۇشى، ئادەملەرنىڭ باشقا تەۋەلىكىگىمۇ بوشلۇق قالدۇرغان بولۇش لازىم ئىدى.
    بىز ئىجابىي پېرسوناژلارنى ياراتقان ۋاقتىمىزدا ئۇنىڭمۇ ئادەم ئىكەنلىكىنى، قەھرىنىڭمۇ ئاجىز چاغلىرى بولىدىغانلىقىنى، ياخشى ئادەمنىڭمۇ رەزىل خىياللارغا كېلىپ قالىدىغانلىقىنى، ھەتتا بەزىدە ئۆزىنىڭ قەھرىمانلىق سالاھىيىتىگە ياراشمايدىغان  ئىشنىمۇ قىلىپ قويىدىغانلىقىنى ئويلىشىمىز لازىم. ئوخشىمايدىغان يېرى شۇكى، ياخشى ئادەم ھەرقانداق چاغدا ئۆزىنى تۇتۇۋالالايدۇ. سەتلىكنى، رەزىللىكنى ھەققانىيلىك، ئاقكۆڭۈللۈك، گۈزەللىككە تايىنىپ كونترول قىلالايدۇ، ئاخىرغا بارغاندا ئادىمىيلىك ئارقىلىق ھايۋانىيلىقنى بېسىپ چۈشەلەيدۇ. ئەلۋەتتە، بىز سەلبىي پېرسوناژلارنى يازغاندىمۇ، بۇزۇق ئادەملەرنىڭ تۇخۇمىدىنلا بۇزۇق بولمايدىغانلىقىنى بىلىشىمىز كېرەك. جەڭ مەيدانىدا ياخشى ئادەم بىلەن ئەسكى ئادەمنى پەرقلەندۈرگىلى بولىدۇ، لېكىن تارىخىي تەرەققىياتقا ئەگەشكەن ھالدا ئەدەبىيات نۇقتىسىدىن كۈزىتىشكە توغرا كەلگەن، ياخشى ئادەم بىلەن ئەسكى ئادەمنىڭ چەك- چېگراسىنىڭ خىرەلىشىپ كېتىدىغانلىقى ئېنىق. ئەگەر بىز كومپارتىيە بىلەن گومىنداڭدىن ئىبارەت ئىككى پارتىيە ئارىسىدىكى ئۇرۇشنى ئەمدى يازساق، 80- يىللاردىكىدەك زىيادە گەپلەرنى قىلمايمىز. 50- يىللادىكىدەك بەھۇزۇر يېزىۋېرىدىغان ئىشنى تېخىمۇ قىلالمايمىز. دەۋر ئالغا باستى. ئۆز ۋاقتىدا تاياق – توقماق كۆتۈرۈپ ئېلىشىدىغان دۈشمەنلەر ئەمدىلىكتە قول ئېلىشىپ كۆرۈشۈپ ئەپلىشىپ قالدى.
   ئېسىمدە قېلىشىچە، 1998- يىلى تۇنجى قېتىم تەيۋەن زىيارىتىگە بارىدىغان چېغىمدا گوۋۇيۈەننىڭ تەيۋەن ئىش بېجىرىش ئورنىدىكى رەھبەرلەر بىزگە دەرس سۆزلەپ، تەيۋەنگە بارغاندىن كېيىن گومىنداڭنىڭ پارتىيە بايرىقى ئاستىدا ياكى گومىنداڭنىڭ بەلگىسى بار بىنالارنىڭ ئالدىدا سۈرەتكە چۈشمەسلىكنى؛ گومىنداڭنىڭ تەيۋەندىكى ھۆكۈمەت رەھبەرلىرى بىلەن كۆرۈشكەندە، ئۇلارنىڭ مەنسەپ نامىنى قەتئىي ئېغىزدىن چىقىرىشقا بولمايدىغانلىقىنى، شەھەر باشلىقىنى شەھەر باشلىقى دەپ ئاتىماي − چۈنكى ئۇلار قورچاق شەھەر باشلىقى − ئەپەندىم دەپ چاقىرىش لازىملىقىنى ئەسكەرتتى. بۈگۈنكى كۈندە بو مەسىلە تولىمۇ بىمەنە! كومپارتىيە بىلەن گومىنداڭ يېڭىباشتىن ياخشى دوستلارغا ئايلاندى، بىللە ئولتۇرۇپ سۆھبەتلىشەلەيدىغان بولدى. ھەر ئىككى تەرەپ سۆھبەتتىكى رەقىبلەردىن بولۇپ قالدى. دېموكراتىيەنى ئىلگىرى سۈرۈش پارتىيەسى پەيدا بولغاندىن كېيىن، يەنىلا گومىنداڭ ياخشى ئىكەن دەيدىغان بولۇپ قالدۇق. ھېچقانچە ۋاقىت ئۆتمىدىغۇ! ئەينى يىللاردا بىز گومىنداڭنىڭ چاۋىسىنى چىتقا يايمىساق بولدى قىلمايتتۇق، ئۇلارنىڭ پارتىيە بايرىقىنى «ئىتنىڭ چىشى» دەپ ئاتايتتۇق. چۈنكى بايراقتىكى گىربنىڭ چۆرىسىدىكى چىشلىك چاق ئىتنىڭ چىشىغا ئوخشايتتى. ئۇلارنى «جياڭ جيېشى باندىتلىرى» دەيتتۇق، ئۇلارمۇ بىزنى ئايىمايتتى، بىزنى «گۇڭچەنداڭ باندىتلىرى» دەيتتى. ئەمدىچۇ، گومىنداڭ بىلەن كومپارتىيە بارغانسېرى بىر تۇغقان ئاكا – ئۇكىلاردەك بولۇپ قېلىۋاتىدۇ!
    تەيۋەندە ئەدەبىيات ساھەسىدىكى نۇرغۇن بۇرادەرلەر بىلەن ئەسرار بولۇشقا توغرا كەلدى. ئۇلارمۇ قىسىمدا ئەسكەر بولۇپ باققان بولغاچقا، ئۆزئارا ئارمىيە ناخىشىسىنى توۋلىغان بولدۇق. مەن بىزنىڭ ئازادلىق ئارمىيەمىزنىڭ ئارمىيە ناخشىسىنى ئېيتتىم، ئۇلار گومىنداڭ ئارمىيەسىنىڭ ئارمىيە ناخشىسىنى ئېيتتى. مىلودىيە بىلەن نۇرغۇن سۆزلەر ئوخشاش ئىدى. گۇڭچەنداڭ باندىتلىرى دېگەننى جياڭ جيېشىنىڭ باندىتلىرى دەپ، جياڭ جيېشى باندىتلىرى دېگەننى گۇڭچەنداڭ باندىتلىرى دەپ ئالماشتۇرسىمۇ بولۇۋېرىدىغان دەرىجىدە ئىدى. ئۇلارمۇ چىشلىرىنى غۇچۇرلىتىپ تۇرۇپ ئېيتاتتى. مىسرالاردا نەيزە، گىرانات ئاتالغۇلىرى، گۇڭچەنداڭ باندىتلىرىنى قەتئىي يوقىتايلى، گۇڭچەنداڭ باندىتلىرىنىڭ قېنىنى ئىچەيلى، ئۇلارنى قىيما- قىيما قىلىۋېتەيلى دەيدىغان سۆزلەر بار ئىدى. بىزمۇ بىر تاجاۋۇزچىنى بىر ئوق بىلەن جەھەننەمگە ئۇزۇتۇپ قويىدىغانلاردىن ئىدۇق. شۇڭا دەيمىزكى، دەۋرنىڭ ئۆزگىرىشى ئۆتمۈشتىكى بىر تالاي جىددىي مەسىلىلەرنى كۈلكىلىك نەرسىگە ئايلاندۇرىۋەتكەنىدى.
   80- يىللاردا بۇ مەسىلىگە ھازىرقىدەك يەڭگىلتەكلىك قىلىشقا بولمايتتى. ئۇ چاغلاردا تەيۋەن دېگەن گەپ تىلغا ئېلىنغان ھامان خۇددى دۈشمەنلەر بۇرنىمىزنىڭ ئاستىغىلا كېلىپ قالغاندەك بولاتتۇق. لېكىن، مېنىڭچە يازغۇچىلاردا چەكلەنگەن رايوندىن بۆسۈپ چىقىش ئارزۇسى بولۇشى كېرەك. يازغۇچىلار ئىدىيە جەھەتتە بۆسۈپ چىقىپ، ئازادلىققا ئېرىشكەندىلا، ئىجادىيەت جەھەتتىمۇ بۆسۈپ چىقىش خىيالىدا بولالايدۇ. بۇ يەردىكى بۆسۈپ چىقىش بىرىنچى بولۇپ چەكلەنگەن رايوندىن بۆسۈپ چىقىشنى كۆزدە تۇتىدۇ.
    ئەدەبىيات ئىجادىيىتىدىكى چەكلەنگەن رايون مەسىلىسىمۇ جۇڭگوچە ئالاھىدىلىكنىڭ بىرى. غەرب دۆلەتلىرىدىكى ئىجادىيەتتە چەكلەنگەن رايون بولمايدۇ. چىڭراق ئېيتقاندا، يوقمۇ ئەمەس، لېكىن مۇنچە سەرەمجان بولۇپ كېتىدىغان مەسىلە قاتارىغا كىرمەيدۇ. لېكىن ئۇ بىزنىڭ بۇ يەردە ئىنتايىن كۆڭۈل بۆلىدىغان بىر ئىش. بۇ ئەھۋال مۇشۇ كۈنلەردە سەل – پەل ئۆزگەردى، لېكىن 20 يىللارنىڭ ئالدىدىكى گەپنى قىلساق، بۇ ھەقىقەتەنمۇ ئىنتايىن نازۇك مەسىلە ھېسابلىناتتى. بىز مۇئەييەن ئىجتىمائىي، تارىخىي مەسىلىلەرنى، ئەدىبلەر تەسۋىرلىسە بولىدىغان كۆپتىن – كۆپ خام ماتېرىيالنى تونۇپ يەتكەن تەقدىردىمۇ، لېكىن بۇ مەسىلىلەر ئىنتايىن سەزگۈر مەسىلە بولغاچقا، ئۇنىڭ بىلەن ئېيتىشقان ھامان باشقىچە ئىنكاسنىڭ بارلىققا كېلىدىغانلىقى ئېھتىمالغا يېقىن ئىدى. شۇڭا يازغۇچىلار يېزىشقا تەمشىلىپ قولىغا قەلەم ئېلىپلا ئىككىلىنىپ قالاتتى. يېزىپ تاماملىغاندىن كېيىن نەشر قىلىش جەھەتتە بەزى قىيىنچىلىققا دۇچ كېلەتتى. مەيلى ژۇرنال بولسۇن، مەيلى نەشرىياتلار بولسۇن، مۇنداق ئىشتىن ئىنتايىن ئېھتىيات قىلاتتى. لېكىن، مىنىڭچە بولغاندا يازغۇچىلار بۇنداق بۆسۈشكە ياندۇرۇپ – ياندۇرۇپ، بىر – بىرلەپ تېگىش قىلسا، ئەڭ ئاخىرىدا ھەرقانداق چەكلەنگەن رايون چەكلەنگەن رايون بولۇشتىن قالغان بولاتتى.
   شۇنداق ئېيتىشقا بولىدۇكى، 70 – يىللاردىن 80 – يىللارغىچە بولغان ساق ئون نەچچە يىل، ئەمەلىيەتتە چەكلەنگەن رايونلارنى ئۆزۈكسىز بۆسۈپ ئۆتىدىغان يېزىقچىلىق جەريانى بولدى. يازغۇچىلاردا نېمە سەۋەبلەرگە كۆرە چەكلەنگەن رايونلارنى بۆسۈپ ئۆتەلەيدىغان ۋە چەكلەنگەن رياونلار ئۈستىدە ئىزدىنىدىغان مۇشۇنداق باتۇرلۇق، مۇشۇنداق ھەۋەس بارلىققا كېلەلىدى؟ مەن بۇنى يازغۇچىلارنىڭ ئىدىيەۋى قاراشلىرىدا ئۆزگىرىش يۈز بەرگەنلىكتىن، ئۇلارنىڭ ئەدەبىيات بىلەن سىياسىي ۋە تەشۋىقات ئارىسىدىكى توغرا مۇناسىۋەتنى تونۇپ يەتكەنلىكىدىن، ئەدەبىي ئىجادىيەتتىكى ئىنسان تەبىئىتى بىلەن سىنىپىيلىق ئارىسىدىكى مۇناسىۋەتنى تەدرىجىي يوسۇندا تونۇپ يەتكەنلىكىدىن، ئىنسان تەبىئىتىدىكى رەڭدارلىق بىلەن سىنىپىيلىقنىڭ نىسپىي ئاددىيلىقنى تونۇپ يەتكەنلىكىدىن، يازغۇچىنىڭ ۋەزىپىسىنىڭ تارىخى ئەينەكلىكىنى ئەدەبىيات ئارقىلىق قايتا ئىپادىلەپ بېرىش ئەمەس، بەلكى ئىنسان تەبىئىتىنى ئەدەبىيات ئارقىلىق ئىپادىلەش، ئەستىن چىقمايدىغان تىپىك پېرسوناژلارنىڭ ئوبرازىنى يارىتىش ئىكەنلىكىنى تونۇپ يەتكەنلىكىدىن دەپ قارايمەن. مېنىڭچە، مەن ئېستىتۇتتىكى ئىككى يىل ئىچىدە قولغا كەلتۈرگەن ئەڭ زور مۇۋەپپەقىيەت دەل مۇشۇ ئىككى نۇقتا. بۇ ئىككى نۇقتامنىڭ كېيىنكى يىگىرمە يىللىق ئىجادىيىتىمگە ئىزچىل رەۋىشتە ئۈزۈلدۈرمەي تەسىر كۆرسىتىپ تۇردى.

بەزى ھالدا ھېكايە ئىجادىيىتىدىكى كۆزىتىشنۇقتىسىنىڭ ئۆزىلا قۇرۇلما بولىدۇ
   تۆۋەندە شاگىرىت ئىنىلىرىم، شاگىرىت سىڭىللىرىم ۋە ئوقۇتقۇچىلىرىمغا ئىنستىتۇتتىن ئايرىلغان يىگىرمە يىلدىن بۇيانقى ئىجادىيىتىمنىڭ ئاساسلىق تەرەپلىرىنى دوكلات قىلىمەن.1986- يىلى ئەدەبىيات فاكۇلتېتىنى پۈتتۈرگەن ۋاقتىمدا ئىنستىتۇت مېنى مەكتەپتە ئېلىپ قالماقچى بولدى. لېكىن كېيىنچە ھەر خىل سەۋەبلەر تۈپەيلى باش قوماندانلىق ئىشتابىنىڭ سىياسىي بۆلۈمىگە كېتىپ قالدىم.
    مەن يازغان تۇنجى رومان «قىزىل قوناق جەمەتى»، «قىزىل قوناق»، «قوناق ھارىقى»، «ئىت يولى»، «قوناقنى دەپىن قىلىش»، «ئاجايىپ ئۆلۈم» قاتارلىقلاردىن تەركىب تاپقان بولۇپ، بۇ بەش پوۋېستىنى مەن تېخى ئەدەبىيات فاكۇلتېتىدا ئوقۇۋاتقان چېغىمدىلا يازغان ھەمدە ئايرىم – ئايرىم ھالدا ئېلان قىلغانىدىم. 1987- يىلىغا كەلگەندە ئۇلارنى بىرلەشتۈرۈپ «قىزىل قوناق جەمەتى» نامىدىكى رومان قىلىپ چىقتىم. ئەمەلىيەتتە بۇ بىر ھېكايىنى بەش قېتىم سۆزلىگەندەك ئىش ئىدى. ئۇنىڭ بىرىنچىسىدە كۆۋرۈك بېشىدىكى پىستىرما جەڭ بايان قىلىنغان بولۇپ، كېيىنكىلىرىدە ياپون ئارمىيەسى بىلەن بولغان جەڭ ئوخشاش بولمىغان تەرەپلەردىن تەكرار ھالدا سۆزلەنگەنىدى خالاس. لېكىن، ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن نىسبەتەن زور ئىنكاس پەيدا بولدى. بولۇپمۇ مۇشۇ ئاساستا ئىشلەنگەن كىنو فىلىمى بېرلىن كىنو بايرىمىدا مۇكاپاتلانغاندىن كېيىن بارلىققا كەلگەن ئىنكاس تېخىمۇ زور بولدى.
    ئەمدىلىكتە «قىزىل قوناق جەمەتى» دېگەن بۇ روماندا تېخنىكا جەھەتتە ھەقىقەتەن بىر مۇنچە مەسىلىلەرنىڭ ساقلانغانلىقىنى ھېس قىلىمەن. شۇنداقتىمۇ بۇ مەسىلىلەرنى ئاددىيلا قىلىپ ناچار تەرەپلەر دېيىشكە بولمايدىغاندەكمۇ قىلىدۇ. ئالايلۇق، تىل جەھەتتە دادىللىق بىلەن ئېلىپ بېرىلغان سىناقلاردا نىسبەتەن ئۆلچەملىك تىلغا قارىتا رىقابەت ئېلان قىلىپ باققان ۋە ئۇنىڭغا ھۆرمەتسىزلىك قىلغان يەرلىرىم بار. گىرامماتىكا يېقىدىن ئالغاندا مۇنداق قىلىش چوقۇم توغرا ئەمەس. لېكىن ئەدەبىيات يېقىدىن ئۇنىڭدا مەلۇم مەنە بولۇشى مۇمكىن ئىدى. يەنە ئالايلۇق، روماندا ئاپتورنىڭ ھەدىسىلا ئوتتۇرىغا چىقىۋېلىپ ۋەزخانلىق قىلغان يەرلىرى بار. راستىنى ئېيتقاندا بۇ رومان ئىجادىيىتىدە ھەزەر ئەيلەشكە تېگىشلىك ئىش. لېكىن، ئەگەر ئاپتور راستىنلا ئۆزىنى بېسىۋالالماي، ئوتتۇرىغا چىقىپ گەپ قىلمىسا بولمايدىغان ئەھۋالغا دۇچ كەلسە، شۇنداقلا ئۇنىڭ مۇلاھىزىسى نىسبەتەن قاملاشقان بولسا، بۇنىڭمۇ بولمايدىغان يېرى يوق.
يېغىپ ئېيتقاندا، بۇ رومان يەنىلا بىر ياش ئاپتور يازغان ئەسەر ئىدى. ناۋادا ئۇنى بۈگۈنكى كۈندە يازغان بولسام، تېخنىكىلىق جەھەتتە ئۇنى ئوبدانلا ۋايىغا يەتكۈزگەن بولاتتىم. بىراق، ئۇنداق قىلسام روماندىكى «يېڭى تۇغۇلغان موزاي يولۋاستىن قورقماپتۇ» دەيدىغان شىجائەتنى تاپقىلى بولمايدىغان ئەھۋال يۈز بېرەتتى.
    ئىنستىتۇتتىن ئايرىلغاندىن كېيىن يازغان تۇنجى رومانىم «جەننەتتىكى سامساق ناخشىسى» بولۇپ، ئۇنى 1987- يىلى يازدىم. شۇ چاغدا شەندۇڭدا پۈتۈن مەملىكەتنى زىلزىلىگە سالىدىغان بىر ۋەقە يۈز بەرگەنىدى. سامساق تېرىيدىغان مەلۇم بىر ناھىيەدە، شۇ چاغدىكى ناھىيەلىك ھۆكۈمەت ئەمەلدارلىرىنىڭ چىرىكلىكى ۋە بىيۇروكراتلىقى تۈپەيلى، دېھقانلار ئىشلەپچىقارغان نەچچە مىليون جىڭ سامساق قامچىسى سېتىلماي بېسىلىپ قېلىپ، سېسىپ كەتكەچكە، دېھقانلار ناھىيەلىك ھۆكۈمەتنى قورشىۋېلىپ، ھاكىمنىڭ ئىشخانىسىغا ئوت قويىۋەتتى ۋە ناھايىتى زور كۆلەمدىكى «سامساق ۋەقەسى» بارلىققا كەلدى. ئەڭ ئاخىرقى بىر تەرەپ قىلىش ئەلۋەتتە ھەر ئىككى تەرەپكە تەڭ شاپىلاق ئۇرۇش بىلەن تۈگىدى. باشلامچىلىق بىلەن غەۋغا چىقارغان دېھقانلار قولغا ئېلىندى، بىيۇروكراتلىق خاتالىقىنى سادىر قىلغان ئەمەلدارلار ۋەزىپىسىدىن ئېلىپ تاشلاندى.
   مەن بۇ ئىشتىن خەۋەر تاپقاندىن كېيىن، «قىزىل قوناقلىق» نىڭ داۋامىنى يېزىشتىن توختىدىم. ئۇ چاغدا مەن «قىزىل قوناق» جەمەتىنى يېزىپ بولغاندىن كېيىن، ئۇنى ئۈزۈپ قويماي داۋاملىق يېزىش خىيالىدا ئىدىم. «قىزىل قوناق جەمەتى» دە بوۋاي بىلەن مومايدىن ئىبارەت بىر ئەۋلادنىڭ ھېكايىسىنى بايان قىلغانىدىم. داۋاملاشتۇرغان بولسام دادا بىلەن ئانىدىن ئىبارەت ئىككىنچى ئەۋلادنىڭ ھېكايىسىنى يازغان بولاتتىم. ئۇنىڭ ئۈچىنچى قىسمى ئەلۋەتتە مېنى ئۆز ئىچىگە ئالغان مۇشۇ ئەۋلادنىڭ ئىشلىرىغا توغرا كېلەتتى. مېنىڭ شۇ چاغدىكى تەسەۋۋۇرۇم چوڭ ۋە نىيىتىم ناھايىتى يامان ئىدى. تىرلوگىيە يېزىش كويىدا ئىدىم. لېكىن، رېئال تۇرمۇشتا بىردىنلا سامساق ۋەقەسى كېلىپ چىققان بولغاچقا، ئەسلىدىكى پىلاننى بىر ياققا قويۇشقا، ھېچكىم بىلمەيدىغان بىر يەرگە مۆكۈنۈپ ئولتۇرۇپ بۇ ئىشنى يېزىشقا توغرا كەلدى. ساق بىر ئاي ئىچىدە «جەننەتتىكى سامساق ۋەقەسى» نى پۈتتۈردۈم.
   بۇ روماننى ئاچچىق ۋە غەزەپ بىلەن تولغان رومان دېيىشكە بولاتتى. ئارىدا مەن بۇ روماننىڭ ئىسمىنى «غەزەبلەنگەن سامساق» دەپ ئۆزگەرتىپمۇ باقتىم. مۇنداق قىلغاندا، كۆپچىلىكنىڭ ئېسىگە ستانېرگە يازغان «غەزەبلەنگەن ئۈزۈم» دېگەن رومان كەلگەن بولاتتى. غەزەبلىنىپ تۇرۇپ رومان يازغاندا گەپنىڭ راستىنى قاملاشقۇدەك يېزىپ چىقىش تەس. چۈنكى مىجەز چۇسلۇشۈپ كەتكەندە، ئاچچىق ئادەمنىڭ ئىچىنى ئۆرتىگەندە، شەيئىلەرنى ئادىل، ئوبيېكتىپ رەۋىشتە پەدەز قىلىشقا جەزمەن تەسىر يېتەتتى. ئەسكى ئادەم دەپ قارىغان ئەمەلدارلارنى قىلچە ئادىمىيلىكى يوق تەرەزدە يېزىپ سېلىپ، ئۇلارنىڭ روھى دۇنياسىدىكى مۇرەككەپلىككە سەل قارايدىغان ئىشلار كېلىپ چىقاتتى.
    بۇ رومانغا ئەمدى قارىسام، ئۇمۇ ئاران – ئاران ئۆرە تۇرىدىغاندەك قىلىدۇ. چۈنكى ئۇنىڭدا ھېلىقى خام ماتېرىياللارنى تېخنىكىلىق جەھەتتە ئۆزگەرتىۋەتكەن يېرىم بار. ئۇ ئىش شەندۇڭنىڭ جەنۇبىدىكى لىنيى ۋىلايىتىدە يۈز بەرگەن بولۇپ، يېزىشنىڭ ئالدى – كەينىدە ئۇ يەرگە بېرىپ زىيارەتتە بولمىدۇم، تەكشۈرۈش ئېلىپمۇ بارمىدىم، ھەممە ئىش ماڭا ناتونۇش ئىدى. لېكىن مەن ئۇنى ئۆزۈمگە بەش قولدەك تونۇش بولغان ئۆز مەھەللەمگە يۆتكىدىم. مۇنداقچە ئېيتقاندا، سادىر بولغان ۋەقەنى ئۆزۈم يىگىرمەنەچچە يىل ياشىغان يېزىغا كۆچۈرۈپ كەلدىم. روماندىكى كۆپتىن كۆپ پېرسوناژلارنىڭ پروتىپى جەمەتىمىزدىكى ئۇرۇق – تۇغقانلارنىڭ ئۆزىدىنلا بولدى. ئالايلۇق، روماندىكى يېزىلىق پارتكوم شۇجىسى ھەيدىگەن ماشىنىنىڭ تۆتىنچى تاغامنى سوقۇۋېتىپ، ئۇنىڭ جېنىغا زامىن بولغانلىقى ھەققىدىكى ھېكايە ئەمەلىيەتتە ئۆز تاغامنىڭ ئۈستىدە يۈز بەرگەن ئەمەلىي ھېكايىنىڭ كۆچۈرۈلمىسى ئىدى. ئۇنىڭدىن باشقا، يېزىدا تۇرمۇش كەچۈرگەن مەزگىلدە توپلىغان باشقا تەرەپتىكى خام ماتېرىياللاردىمۇ پايدىلاندىم. مەسىلەن، روماندىكى ھەر بابنىڭ بېشىدا بىر ئەما ئادەم تەرىپىدىن ئېيتىلىدىغان قوشاق بار ئىدى، بۇ ئەما ئادەمنىڭ ئىسمىنى جاڭ كوۋ دەپ ئالدىم. بالىلىق چېغىمدا بىزنىڭ مەھەللىدە راستىنلا بىر ئەما ئادەم ئۆتكەن بولۇپ، ئۇنىڭ ئىسمى جاڭ كوۋ ئىدى. ئۇ يىلبويى دېگىدەك يېزا – بازارلارغا بېرىپ ناخشا ئېيتاتتى، ئۇنىڭ ئېيتىدىغانلىرى «قىزىل قىيا»، «چەكسىز ئورمان قارلىق دالا» قاتارلىق كلسسىك ئەسەرلەردىن ئىدى. يېرىم كېچە ئەلياتقۇ بولغاندا بالىلارنىڭ ھەممىسى ئۆيلىرىگە قايتىپ ئۇخلاپ قالغاندىلا ئۇ بۇرۇنقى ئەنئەنىۋى قوشاقلاردىمۇ توۋلاپ قوياتتى. مەن بۇ پېرسوناژنى رومانغا بىراقلا كىرگۈزدۈم. كېيىنكى كۈنلەردە، جاڭ كوۋنىڭ ئەۋلادلىرى ئاغىنىلىرىم ئارقىلىق مەندىن نارازى بولغانلىقىنى بىلدۈردى، دادىمىزنى نېمىشكە رومانغا ئۆز پېتى يازىدۇ؟ دېگەن بولدى. مەنمۇ سىلەرنىڭ داداڭلارنى ئىجابىي شەخس تەرىقىسىدە يازدىم، ئۇنى خۇنۈكلەشتۈرمىدىم، دەپ جاۋاب بەردىم.
    «جەننەتتىكى سامساق ۋەقەسى» دىن كېيىن ئۇلاپلا «ئون ئۈچ قەدەم» ناملىق يەنە بىر رومان يازدىم. بۇنىمۇ مەسىلە رومانى دېيىشكە بولاتتى. بۇنداق بولۇشتىكى سەۋەب، 1988- يىللىرىنىڭ ئالدى – كەينىدە باشلانغۇچ، تولۇقسىز مەكتەپتىكى ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ئىجتىمائىي ئورنى ناھايىتى تۆۋەنلەپ كەتكەنىدى. ئۇقۇتقۇچىلارنىڭ مائاشىنى بىرەلمەيدىغان ئەھۋال دائىم يۈز بېرىپ تۇراتتى. ئاكام بىلەن يەڭگەممۇ تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپتە ئوقۇتقۇچى ئىدى. ئۇلارنىڭ قىيىنچىلىقىنى ئوبدان بىلەتتىم. مەكتەپكە بېرىپ قالغان چاغلىرىمدا ئوقۇتقۇچىلارنىڭ قورساق كۆپۈكى سۆزلىرى قۇلۇقۇمغا كىرەتتى. يېزىلاردىكى بۇ ئوقۇتقۇچىلار قاتلىمى ئەمەلىيەتتە يېزىلاردىكى زىيالىيلار قاتلىمى ئىدى. ئۇلارنىڭ تىلى دېھقانلارغا قارىغاندا چىرايلىق ئىدى. ئۇلارنىڭ مەسىلىگە بولغان قاراشلىرىنىڭ ئۆتكۈرلىكى، ئۇلارنىڭ يازغانلىرىمۇ ئەلۋەتتە دېھقانلارغا قارىغاندا ياخشى ئىدى. مەن بۇنى ئۇلارنىڭ قورساق كۆپىكى گەپلىرىدىنمۇ تۇيغان يەردە ئىدىم. شۇڭا بىر رومان يېزىپ ئۇلارنىڭ دەردىگە ھەمدەم بولماقچى بولدۇم.
     باش تېمىنى ئالدىن ئالا بەلگىلىۋالىدىغان مۇنداق يېزىقچىلىقمۇ راستىنى ئېيتقاندا تەس ئىش. لېكىن، بۇ روماننىڭ ياخشى تەرىپى، مەن ئۇنىڭدا قاپ يۈرەكلىك بىلەن بەدىئىي سىناق قىلىپ باقتىم. ئۇنىڭدا مەن خەنزۇ تىلىدا بولىدىغان جىمىكى رەۋىشتىن پايدىلاندىم. مەن، سەن، ئۇ، بىز، سىلەر ئۇلار دېگەنلەرنى ھەتتا ھايۋانلارغىمۇ قوللىنىپ باقتىم. رەۋىشلەردىكى تىنىمسىز ئۆزگىرىشنى كۆزىتىش نۇقتىسىغىمۇ ئۆزگىرىش ئېلىپ كەلدى. ئاخىرىدا مەن رومان ئىجاد تىپتىكى كۆزىتىش نۇقتىسىنىڭ بەزى ھاللاردا قۇرۇلما بولۇپ چىقىدىغانلىقىنى بايقاپ قالدىم. كۈزىتىش نۇقتىسىنىڭ ئۆزۈكسىز ئۆزگىرىشى دەل مۇشۇ روماننىڭ قۇرۇلمىسىنى شەكىللەندۈردى. ئەلبەتتە، بۇ رومانمۇ كۈچلۈك سىياسىي پۇراقتىن خالىي بولالمىدى، بىرۇنچە ئاتالمىش قەھرىمانلىق ئىش ئىزلىرى ۋە قەھرىمان شەخسلەرنىڭ ئۈچەي – باغرىنى يازىدىغان ئىشمۇ بولدى. بۈگۈنكى كۈندە قارىسام، بۇ روماندا تەسۋىرلەنگەن ئىشلارمۇ كونىراپ قاپتۇ. لېكىن، بەدىئىي جەھەتتىكى ئىزدىنىش شاگىرىت ئىنى – سىڭىللارنى تەنقىد ئوبيېكتى بىلەن تەمىنلىسە ئەجەپ ئەمەس دەپ ئويلايمەن.

كېيىنكى ئەمەلدارلىق سورۇنىنى يازىدىغانرومانلار ئاددىيلىشىپ كەتتى
   بۇ ئارىدا ئارىلاپ بەزى پوۋست. ھېكايىلارنىمۇ يېزىپ تۇردۇم. 1989- يىلى يەنە بىر رومانىم «مەي بەگلىكى» نى يېزىشقا تۇتۇلدۇم. بۇنىڭغا مۇنداق بىر ئىش سەۋەب بولدى. مەن گېزىت كۆرۈۋېتىپ «بىرچاغلاردا مەي ئىچىدىغانلارغا ھەمراھ بولغانىدىم» تېمىسىدىكى بىر ماقالىغا كۆزۈم چۈشۈپ قالدى. ئۇنىڭدىكى باش پېرسوناژ ئۆزىنىڭ ئالىي مەكتەپنى پۈتتۈرگەندىن كېيىن، ئائىلە كېلىپ چىقىشى ياخشى بولمىغانلىقى تۈپەيلى شەرقىي شىمالدىكى بىر خاڭدا پەرزەنتلەر مەكتىپىنىڭ ئوقۇتقۇچىسى بولغانلىقىنى، ئوخشاشلا سەۋەب تۈپەيلى تويلىشىدىغان نە بىرەرسىنى تاپالماي، بەكمۇ ئىچى پۇشقانلىقىنى، ھاياتتىن كۆڭلى سوۋۇپ ئۆلۈۋېلىپلا بۇ دۇنيا بىلەن خوشلاشماقچى بولغانلىقىنى، لېكىن ئېسىلىپ ئۆلۈۋېلىشنى خالىمىغانلىقى، دېھقانچىلىق دورىسى ئىچىۋېلىش خىيالىدىمۇ بولغانلىقىنى، شۇڭا جىقراق ھاراق ئىچىپ مەست بولۇپ ئۆلۈش نىيىتىگە كەلگەنلىكىنى يازغانىدى. نەتىجىدە، ئۇ بىر قېتىمدىلا نەچچە جىڭ ھاراق ئىچىۋەتكەن بولسىمۇ، مەستلىكتە ئۆلۈپ قېلىش ئۇياقتا تۇرسۇن، ئەكسىچە كۆڭلى ئارامىغا چۈشۈپ قاپتۇ. شۇ چاغدىلا ئۇ ئۆزىنىڭ ھاراقنى ئوبدانلا كۆتۈرەلەيدىغانلىقىنى بىلىپتۇ. ئۇزۇن ئۆتمەي ئۇنىڭ نامى ئەتراپقا پۇر كېتىپتۇ خاڭ پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى ئۇنى چاقىرىپ، ھاراق ئىچىدىغانلارغا ھەمراھ بولۇپ ئىچىشىپ بېرىدىغان مەخسۇس ۋەزىپىگە تەيىنلەپتۇ. ئۇ ھەر قېتىم يۇقىرى دەرىجىلىك ئورگاندىن، قېرىنداش ئىدارىلاردىن ئادەم كەلگەندە، ئۇلارغا ھەمراھ بولۇپ ھاراق ئىچىشىپ بېرىدىكەن. ئۇ ئالىي مەكتەپنىڭ ئەدەبىيات فاكۇلتېتىنى پۈتتۈرگەن بولغاچقا، ھاراققا ھەمراھ بولىدىغان چاغدا دەيدىغان بەزى گەپلەرنى توقۇش ئۇنىڭغا شۇنچىكى ئىش ئىكەن. ھاراقنى ئۆپكىسى چىلاشقىدەك ئىچەلەيدىغان، ئۇنىڭ ئۈستىگە راۋان گەپ قىلالايدىغان بولغاچقا، بېرىپ – بېرىپ كىچىكرەك بىر ئەمەلگىمۇ ئىگە بوپتۇ. قېرىپ دەم ئېلىشقا چىقىپ، يۇرتىغا قايتقاندىن كېيىن ئۆزىنىڭ ئۆتكەن ئۆمرىنى ئويلاپ ھېچقانچە ئىش قىلمىغانلىقىنى، بىر ئۆمۈر ھاراق ئىچكەنلىكىنى، ئۆمۈر بويى ھاراق ئىچىدىغانلارغا ھەمرا بولۇپلا ئۆتكەنلىكىنى ئويلاپ قاپتۇ.
     شۇ چاغدا جەمئىيەتتە چىرىكلىككە قارشى ھەرىكەت باشلىنىپ قالغانىدى. شۇنداق قىلىپ، چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش بۇ روماننىڭ باش تېمىسى بولۇپ قالدى. لېكىن، مېنىڭ بۇر روماننى ئاددىي يوسۇندىكى ئەمەلدارلىق سورۇنىغا ئائىت رومان ياكى قارا پەردىنى يازىدىغان رومان قىلغۇم كەلمىدى، شۇ سەۋەب بىلەن يەنىلا يۈرۈكۈمنى قاپتەك قىلىپ بەزى ئىشلارنى تېخنىكىلىق جەھەتتە سىناپ باقتىم. باشتا «مەي بەگلىكى» نى رازۋېدكا ھېكايىسى قىلىش پىلانىنى تۈزدۈم. تەپتىش مەھكىمىسىدىكى بىر رازۋېدچىكنى كان رايونىدا يۈز بەرگەن «بوۋاقلارنى قورۇپ يېيىش» دېلوسىنى پاش قىلىشقا قاتناشتۇردۇم. ئۇ خاڭغا بارغاندىن كېيىن ئىختىيارسىز ھالدا ئۆزىمۇ «بوۋاق يەيدىغان» زىياپەتكە قاتناشقان بولدى. ئەلۋەتتە، بۇ ھەرگىزمۇ راستلا «ئادەم يەيدىغان» زىياپەت ئەمەس ئىدى. رازۋېدچىك بۇنىڭ ئەمەلىيەتتە بىرخىل قورۇمىنىڭ نامى ئىكەنلىكىنى، ئاتالمىش «بوۋاقلارنى قورۇپ يېيىش» نىڭ كاۋىنى ئادەمنىڭ كاللىسىدەك ياساپ، قولىنىڭ ئورنىغا نېلۇپەر غولىنى ئورنىتىپ، چېچىنىڭ ئورنىغا ئوتياش تالالىرىنى بېكىتىدىغانلىقىنى، كۆزىنى ئۈزۈم دانىچىسىدىن ياسايدىغانلىقىنى، بۇنىڭ راستلا بىرخىل قورۇما ئىكەنلىكىنى بىلگەن بولدى. ئاپتور مۇشۇ روماننى يېزىۋاتقان چاغدا، يېزىقچىلىق بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقان بىر ياش يىگىت ئۇنىڭغا ئۆزى يازغان ھېكايىلارنى بىئەدىپ تۇرىدىغان، ئاخىرىدا يېزىلىۋاتقان رومان ھېلىقى كەسىپتىن سىرتقى ئىخادىيەت بىلەن شۇغۇللىنىدىغان يىگىتنىڭ ھېكايىسى بىلەن بىر گەۋدىگە يۇغۇرۇلۇپ كېتىدىغان بولدى. ئاخىرىدا ئاپتور مويەن ھېلىقى يىگىتنىڭ تەكلىپى بويىچە مەي بەگلىكىگە كەلدى. لېكىن، ئۆزى ئويدۇرۇپ چىققان مەي بەگلىكىگە كەلگەن كۈنىلا غەرق مەست بولۇپ، قايتا ئويغانمىدى.
    مېنىڭچە، بۇ روماندا شەرھلەنگەن مەنالار كىتابخانىلارنى خېلى رەڭدار نەرسىلەر بىلەن تەمىنلەيتتى. ناۋادا ئىنى – سىڭىللار قىزىقسا كۆرۈپ باقسا بولىدۇ. بىز مەيلى چىرىكلىكنى يازايلى، مەيلى ئەمەلدارلار سورۇنىنى يازايلى، ئەگەر رىئاللىق نۇقتىسىدىنلا يازىدىغان بولساق، چوقۇم تېتىقسىز نەرسە بولۇپ چىقىشى تۇرغانلا گەپ. كېيىنچە يېزىلغان ئەمەلدارلىق سورۇنى ھەققىدىكى رومانلار ئەمەلىيەتتە چىرىكلىككە چاپان ياپىدىغان رومانلاردىن بولۇپ قالدى. خېلى كۆپ ئەمەلدارلار بىزنىڭ مۇشۇ خىلدىكى تۇرمۇش مۇھىتىمىزغا قويۇلدى – دە، ئۇلارنىڭ چىرىكلىشىپ كېتىشى، ياكى ئۇلارنىڭ قىلمىشى ئىلاجىسىزلىقتىن بولىۋاتىدۇ دېگەن خۇلاسە چىقىپ قالدى. ئۇلارنىڭ سۇبىكتىپ مۇددىئاسى توغرا ئىدى، ئۇلارنىڭ پۇقرالارغا ياخشى ئىش قىلىپ بەرگۈسى بار ئىدى. ئۇلار كۆۋرۈك ياسىماچى، زاۋۇت قۇرماقچى ئىدى، مۇشۇ ئىشنى دەپ باشقىلار ئۇلارغا پارا بەردى، ئۇلارغا يېقىنلاشتى، ئۇلارنى مېھمانغا چاقىردى، سوۋغا – سالام بەردى – دېيىلدى. نەتىجىدە ئەمەلدارلاردىكى چىرىكلىك بىلەن جەمئىيەتتىكى چىرىكلىك ھادىسىلىرىگە ئەھلى ئىنسانچىلىق يېقىندىن چۈشەنچە بېرىلدى. ئادەملەرنىڭ ئۇلارغا ھېسداشلىقى قوزغالغانلىقى تىلغا ئېلىندى. بىزنىڭ ئەمەلدارلىق سورۇنى ھەققىدىكى رومانلىرىمىز ئاساسەن مۇشۇ لىنىيەنى بويلاپ يېزىلدى. ھېچ بولمىغاندا سەھىيە بۆلۈمىدىكىلەرنىڭ ئورنىغا ئىنتىزام تەكشۈرۈش بۆلۈملىرى، ناھىيەلىك پارتكوم شۇجىسىنىڭ ئورنىغا يېزا – بازار باشلىقلىرى ئالماشتۇرۇلدى. مۇشۇنداق ئالماشتۇرۇش نەتىجىسىدە، ئەمەلدارلىق سورۇنى ھەققىدە يېزىلغان رومانلار ئەھمىيىتى يوق بىر نەرسىلەردىن بولۇپ قالدى. ھەتتا «ئەمەلدارلىق سورۇنىدىكى ئۆزىنى ئاشكارىلاش» قا ئوخشاش قارا پەردىلىك رومانلاردا بارلىققا كەلگەن بەدىئىي ئۈنۈمنىمۇ پەيدا قىلالمىدى.
مېنىڭ مۇنداق دېيىشىم ئەمەلدارلىق سورۇنىغا ئائىت رومانلارنى يېزىشقا بولمايدۇ دېگەنلىك ئەمەس، ئەلۋەتتە يېزىشقا بولىدۇ. مۇنداق رومانلارنىڭ ئوقۇرمىنى ناھايىتى كۆپ چىرىكلىككە قارشى رومانلارنى ئەلۋەتتە يېزىشقا بولىدۇ، قارا پەردىگە ئائىت رومانلارنىمۇ يېزىشقا بولىدۇ. مېنىڭ كۆزدە تۇتقىنىم، ئەمەلدارلىق سورۇنىغا ئائىت رومانلارنى يازغاندا فورمۇلالاشتۇرۇشتىن، قېلىپلاشتۇرۇشتىن كۈچىمىزنىڭ بارىچە نېرى تۇرۇشىمىز كېرەك. چۈنكى، نۆۋەتتىكى ئەدەبىي ئىجادىيىتىدە ۋە سەنئەت ئىجادىيىتىدە بىرەر تېلeۋىزىيە فىلىمىدىكى ياكى بىرەر ھېكايىدىكى مەلۇم پېرسوناژ ئادەملەرنىڭ دىققىتىنى قوزغىغان ھامان، باشقىلارمۇ دەرھال ئوتتۇرىغا چىقىپ ئۇنى كىلونلاشتۇرىدىغان قورقۇنچلۇق ئەھۋال پەيدا بولۇپ قالدى. «بىسى پاقىرايدىغان خەنجەر» دىكى لى يۈنلۈك بازار تeپىۋeدى، كېيىنچە ئىشلەنگەن تېلېۋىزىيە فىلىملىرىنى لى يۈنلۈڭنىڭ نەۋرە- چەۋرىلىرى قاپلاپ كەتتى. مۇنداق قىلغاندا، چوقۇم بىرسىدىن بىرسى كاسات بولىدىغان ئىش كېلىپ چىقىدۇ. دېمەك، بىرخىللاشتۇرىدىغان ئىجادىيەت پېرسوناژلاردىكى ئوخشاشلىقنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. مۇنداقچە ئېيتقاندا، ئەگەر بىز ئەمەلدارلىق سورۇنىنى ياكى چىرىكلىككە قارشى تېمىلارنى يازماقچى بولىدىكەنمىز، چوقۇم يېڭى پېرسوناژلارنى بايقىشىمىز لازىم. ھەممە ئەمەلدارنىڭ قىياپىتى بىر خىل بولۇپ كەتمەسلىكى لازىم. شۇنداقلا چىرىكلىك مەسىلىسىنى ھەدېسىلا تۈزۈلمە بىلەن جەمئىيەتكە دۆڭگەپ قويۇشقىمۇ بولمايدۇ. بۇنىڭ سەۋەبىنى ئىنسان تەبىئىتى چوڭقۇرلىقىدىن قېزىش كېرەك. ئەگەر نەزەر دائىرىمىزنى سىرتقى مۇھىتقىلا قاراتساق، ئۇنداقتا كۆپ بولغاندىمۇ بۈگۈنكى دەۋردە چىرىكلىك ئەقىلغا مۇۋاپىق ئىش ئىكەن دېگەن خۇلاسىگە كېلىپ قالىمىز ئەگەر مەنمۇ ئەمەلدار بولغان بولسام، چىرىكلىككە مۇشۇنداق تەدبىر بېرىپ قاراپ تۇرغان بولاتتىم. ناۋادا بىز ئادەملەرنىڭ روھى چوڭقۇرلىقىنى باشقا بىر نۇقتىدىن قازساق، بۆلەكچە پەرەزگە كېلىدىغانلىقىمىز تۇرغانلا گەپ. مۇنداقچە ئېيتقاندا، ساغلام بولمىغان، مۇكەممەللەشمىگەن تۈزۈلمىدىمۇ ئۆزىنىڭ پاك پەزىلىتى بىلەن ياشايدىغانلار بار. ھالبۇكى، ئىنتايىن قاتتىق نازارەت يولغا قويۇلغان تۈزۈمىدىكى بەزى ئادەملەر يەنىلا خىيانەت قىلىشتىن، چىرىكلىشىشتىن خالىي بولالمايدۇ.
   يەنە بىر مەسىلە شۇكى، بىز خىيانەتچى ئەمەلدارلار بىلەن ئۇلارنىڭ ئاشنىلىرى تەسۋىرلەنگەن ناھايىتى كۆپ ھېكايىلەرنىڭ بىر – بىرىدىن ئۇنچە چوڭ پەرقلەنمەيدىغانلىقىنى كۆرىمىز. ئۇلارنىڭ ھەممىسى خىيانەتچى ئەمەلدارلارنى ئىنسان تەبىئىتى يوق، ئاياللارنى ئەخمەق قىلىشنىلا ياخشى كۆرىدىغانلار دېگەن نۇقتىدا تۇرۇپ يازىدۇ. ئەمەلىيەتتە خىيانەتچى ئەمەلدارلار بىلەن ئۇلارنىڭ ئاشنىلىرى ئارىسىدىكى مۇناسىۋەت تولىمۇ رەڭدار. بۇ جەھەتتە ھەقىقىي ئەركەك مىجەز خىيانەتچى ئەمەلدارلار، ھېسىياتىغا ئىنتايىن سادىق بولىدىغانلار ناھايىتى كۆپ، ئاشۇنداق بىر يۇقىرى دەرىجىلىك كادىرنىڭ بۈگۈنكىدەك مۇشۇنداق بىر جەمئىيەتتە بىر ئايالغا مۇشۇنچىلىك ئاشىق بولۇشى، ئۆزىنىڭ ئىستىقبالى ۋە تەقدىرىنى بىر ئايالغا دو تىكىشى يېقىندىن ئالغاندا، ئۇنى ئەلۋەتتە بىر ياخشى پارتىيە ئەزاسى دېگىلى بولمىسىمۇ، لېكىن ھەقىقەتەن بىر ياخشى ئاشىق دەپ قاراشقا بولىدۇ. شۇڭا، تۇرمۇشتا سادىر بولغان كۆپتىن – كۆپ ۋەقەلەرنى تېخىمۇ چوڭقۇر قېزىش كېرەك. مەسىلەن، بىزنىڭ جىنەندىكى ھېلىقى ئەمەلدارنى ئالىدىغان بولساق، ئۆلۈم جازاسى بېرىلگەندىن كېيىن يەرلىك پۇقرالار، بولۇپمۇ ئەمەل سورۇنىدىكىلەر ئۇنى ئاغزى بېسىقماي ماختىدى، ئۇنى راستىنلا بىر ياخشى ئادەم ئىدى، دېيىشتى. پارتلاپ ئۆلگەن ھېلىقى ئايالنى بولۇشىچە ئەيىبلىدى. ئۇنى «بېلىقچىنىڭ ھېكايىسى» دىكى مومايدەك نېسىۋىسىگە شۈكۈر قىلمايدىغان ئاچكۆز ئايال ئىدى، دېدى.
مەن 1997- يىلى قىسىمدىن كەسىپ ئالماشتۇرۇپ، «تەپتىش گېزىتى» دە ئون يىل ئىشلىدىم، مۇشۇنىڭغا ئوخشاپ كېتىدىغان نۇرغۇن دېلو بىلەن ئۇچراشتىم. ھەرقانداق خىيانەتچى ئەمەلدارنىڭ ئەمەلىيەتتە ئۆزىگە خاس قىياپىتى بولىدىغانلىقىنى بايقىدىم. ھەرقانداق خىيانەتچى ئەمەلدارنىڭ خىيانەت قىلىش سەۋەبى ۋە ئۇلارنىڭ پارا ئارقىلىق ئېرىشكەن پۇل – مۈلۈكنى بىر تەرەپ قىلىش شەكلىنىڭمۇ ئوخشاش بولمايدىغانلىقىنى، ئاياللارغا تۇتقان پوزىتسىيەسىنىڭمۇ ناھايىتى زور دەرىجىدە پەرق قىلىدىغانلىقىنى بىلدىم. ئالايلۇق، تەپتىش ئەمەلدارى خىيانىتى پاش بولۇپ قالغان بىر ئەمەلداردىن ئەھۋال ئىگىلەيدىغان چاغدا، بۇ ئەمەلدار تەلەپ، تەپچىرەپ، ئولتۇرالماي قالغان. ئاخىرىدا ئۇ تەپتىش ئەمەلدارىغا بىر پارچە ئاق قەغەز بىلەن قىزىل – كۆك ئىككى رەڭدىكى قېرىنداشتىن بىرنى بېرىش تەلىپنى قويغان. سەۋەبىنى سورىغاندا ئۇ ئۆزىنىڭ قىزىل – كۆك ئىككى رەڭدىكى قېرىنداشنى تۇتۇپ، خەت يېزىلمىغان ئاق قەغەزگە قاراپ ئولتۇرغاندىلا كاللىسىنىڭ ۋە تەپەككۇرىنىڭ سەگەك بولىدىغانلىقىنى، ھەر قېتىم دوكلات بېرىدىغان چاغدىمۇ بىر قولىغا قىزىل – كۆك ئىككى رەڭدىكى قېرىنداشنى تۇتۇپ، ئالدىغا بىر پارچە ئاق قەغەز قويۇپ سۆزلەشكە كۆنۈپ قالغانلىقىنى ئېيتقان. تەپتىش ئەمەلدارى ئۇنىڭ بۇ تەلىپىنى قاندۇرغان. دېگەندەك، ئۇ ئۆزىدىكى مەسىلىنى ئىنتايىن رەتلىك، ئېقىتماي – تېمىتماي تاپشۇرغان. مۇنداق سۇژىتلار دىراماتىك پۇراق بىلەن تويۇنغان بولىدۇ. تىيەنجىندىكى بىر خيانەتچى ئەمەلدار ئادەتتە ئازادلىق ئارمىيە پوسونىدىكى كونا بىر ئاياقنى كىيىپ يۈرىدىكەن. قىسىمدىن كەسىپ ئالماشتۇرغان بۇ كادىر خىيانەت قىلغان نەچچە مىليون پۇلنى ھېچكىم ئولتۇرمايدىغان قۇرۇق ئۆيدىكى كارىۋاتنىڭ ئاستىغا ئورۇنلاشتۇرغان ئىشكاپقا سېلىپ ساقلايدىكەن. ھەر كۈنى ئىشتىن يانغاندىن كېيىن، ئەبجىقى چىقىپ كەتكەن ۋېلىسىپىتنى مىنىپ مۇشۇ ئۆيگە كىرىدىكەن – دە، ئىشىكنى تاقاپ، چىراغنى يېقىپ، كارىۋاتنى جايىدىن يۆتكىۋېتىپ، ئۆزىنىڭ پۇللىرىنى بىرقېتىم – بىر قېتىمدىن ساناپ چىقىدىكەن، ساق ئىككى سائەت ساناپ، ئاندىن ئۆيىگە كىرىپ ئۇخلايدىكەن. تۇتۇلغاندىن كېيىن، ئۇ بىر پۇڭ پۇلىنىمۇ خەجلىمىدىم، ھەممىسى ئاشۇ ئۆيدە قويۇقلۇق، ناھايىتى كەلسە ساناپلا باقتىم دەپتۇ. بۇ تولىمۇ قىزىق ئادەم ئىكەن. شۇنداق جاپاكەش، شۇنداق ئاددىي – ساددا ئىكەنكى، بىر پۇڭ پۇل خەجلەشكىمۇ كۆزى قىيمايدىكەن، قارىماققا ئىنتايىن پاك تۇرمۇش كىچۈرىدىكەن. ئايالىمۇ ھەددىسىلا ئۇن ئاغزىنى بۇزۇپ تىللايدىكەن، خىيانەت قىلغان باشقا ئادەملەرگە قاراپ باقساڭ بولمامدۇ، قەلەندەرگىلا ئوخشايسەن دەيدىكەن. يەنە بىرخىيانەتچى ئەمەلدار ئۇنىڭدىنمۇ ئېشىپ چۈشكىدەك قىزىل ئىكەن، ئۇ مەن خىيانەت قىلمىدىم، پەقەتلا گېلىمغا ئامراق دەيدىكەن. جياڭسۇلۇق بۇ خىيانەتچى ئەمەلدار ئىككى يىلدىلا ئۈچ زاۋۇتنى يەپ تۈگىتىپتۇ. ئۇ زاۋۇتتا ھېچ ئىش قىلمايدىكەن، گېلى بىلەنلا بولىدىكەن، بولۇپمۇ تاشپاقا يېيىشكە بەك ئامراق ئىكەن.  تاشپاقىنىڭ ئىككى تەرىپىدىكى ئەگرى سۆڭەك چىش كوۋلاشقا ئەپلىك بولغاچقا، ئۇ لىق بىر تاغار سۆڭەك يىغىپتۇ. ئۇ بىر قېتىم كاتىپى بىلەن مەلۇم بىر ناھىيەگە بېرىپ، ساق ئىككى كۈن قورساق بىلەن ھەپىلىشىپ يېنىپ مېڭىپتۇ. يېرىم يولغا كەلگەندە شوپۇردىن يەنە پۇل بارمۇ دەپ سوراپتۇ. شوپۇر يەنە سەككىز يۈز يۈەن پۇل بار دەپتۇ. ئۇنداق بولسا كېتىپ نېمە قىلىمىز، – دەپتۇ خىيانەتچى ئەمەلدار، – ئۇنىمۇ يەۋېتىپ كېتەيلى! مۇشۇنىڭدىنمۇ خىيانەتچى ئەمەلدارلارنىڭ بىر – بىرىگە ئوخشىمايدىغانلىقىنى كۆرگىلى بولىدۇ. جياڭشى ئۆلكىسىنىڭ مۇئاۋىن ئۆلكە باشلىقى بىر ئايال ئۈچۈن مۇشتۇمدەك بىر لۈكچەك بىلەن ماي تارتىشىپ قېلىپ، چوڭ مەيداندىلا ئۇنىڭ بىلەن مۇشتلىشىپ كەتكەن. سالاپەتلىك بۇ مۇئاۋىن ئۆلكە باشلىقى ئۈچتە ھەمراھ بولىدىغان خاتقىزنى دەپ مۇشتلىشىپ، باش – كۆزىنى يېرىۋالغان. قاراپ تۇرغانلار ھېلىقى كىچىك لۈكچەككە بۇ مۇئاۋىن ئۆلكە باشلىقى دەپ ئەسكەرتكەن. ئۇ لۈكچەك: پوق يەپسەن، مۇئاۋىن ئۆلكە باشلىقى مەن بىلەن ئۈچتە ھەمراھ بولىدىغان بىرسىنى تالىشامدۇ؟ دەپ تۇرىۋالغان، ھايال ئۆتمەي، ئۇنىڭ راستىنلا مۇئاۋىن ئۆلكە باشلىقى ئىكەنلىكىنى بىلگەن. مەن «تەپتىش گېزىتى» دە ئون يىل ئىشلەش جەريانىدا، مۇنداق خىيانەتچى ئەمەلدارلارنى تولا كۆردۈم.
سىلەر خىيانەتچى ئەمەلدارلارنىڭ ئاشنىلىرىنى توردىن ئىزدەپ قاراپ باقساڭلار، مەن سۆزلىگەندىنمۇ بەكرەك كۆزنى ئالا چەكمەن قىلىۋېتىدىغان ئىشلارنى ئۇچرىتىسىلەر. بىز ھەقىقەتەنمۇ گەپ قىلغىلى بولمايدىغان بىر دەۋرگە كىردۇق. ياخشى دېسەك، كۆرۈپ ئۈلگۈرگىلى بولمايدىغان ياخشى نەرسىلەرنىڭ ھەقىقەتەن كۆپلۈكىنى بىلىسەن. ئولىمپىك تەنتەربىيە يىغىنىنى ئۆتكۈزدۇق، دۇنيا كۆرگەزمىسىنى ئۆتكۈزدۇق، دۈشمەنلەرگە بولغان ئورتاق نەپرەتنى ئىپادىلىدۇق، ئۆم – ئىناق بولۇپ، مۇستەھكەم ئىرادە تىكلىدۇق، تەبىئىي ئاپەتكە تاقابىل تۇرۇش جەريانىدا غەيرىتىمىز ئۇرغۇپ، ھېچقانداق نەرسىمىزنى ئايىمىدۇق … توغرا ئىشلار ھەقىقەتەن ئىنتايىن كۆپ، لېكىن سەلبىي نەرسىلەرمۇ ئاز ئەمەس.
    مۇشۇنداق ئەھۋالدا دىككىنىس يازغان «ئىككى شەھەر خاتىرىسى» ناملىق روماننىڭ بېشىدىكى بىر ئابزاس سۆز سوۋېت ئىتتىپاقى دەۋرىدىكى يازغۇچى ئاستافيېق ئېلان قىلغان «بېلىق شاھى» نىڭ ئاخىرىدىكى: «بۇ قۇرۇلۇۋاتقان دەۋر − شۇنداقلا بۇزۇلىۋاتقان دەۋر؛ بۇ كىيمىمىز پۈتۈن، يېمەك – ئىچمىكىمىز تەل بولغان دەۋر، شۇنداقلا قورساق تويمايدىغان دەۋر؛ بۇ ئۇرۇق سېلىنىۋاتقان دەۋر، شۇنداقلا ھوسۇل يىغىۋاتقان دەۋر …» دېگەن سۆزلەرنى ئېسىمگە كەلتۈردى. بىز ھەر قېتىم بىرەر شەيئىنى ماختىغان چاغدا مۇئەييەن رەۋىشتە بۇ شەيئىنى تەنقىد قىلىدىغان يەنە بىر نۇقتىنىمۇ تاپالايمىز. كۆزنى قاماشتۇرىدىغان مۇشۇنداق رەڭدار ئىجتىمائىي تۇرمۇش قوينىدا ئۇنى قانداق كۆزىتۈش، خام ماتېرىيالغا قانداق ئېرىشىش جەھەتتە ئۆزىمىزنىڭ قانداق ئىدىيەۋى ئېگىزلىكتە تۇرغانلىقىمىزغا قاراشقا توغرا كېلىدۇ.
ئادەم تەبىئىتىنى تەسۋىرلىگەندە چوقۇمسىنىپىيلىكتىن ھالقىش كېرەك
    سۆزىمىزنى بايىقى قېتىمىغا قايتۇرۇپ كېلەيلى. مەن «مەي بەگلىكى» نى يازغاندىن كېيىن، يەتكىچە غۇلغۇلىغا سەۋەب بولغان «تولغان ئەمچەك، سېمىز ساغرا» ناملىق روماننى ئېلان قىلدىم. ھازىرقى ئەھۋالدىن قارىغاندا، بۇ روماننىڭ تېمىسىدا ھېچقانداق مەسىلە يوق. لېكىن، ئەگەر شۇ چاغدا بۇ رومانغا ئاشۇنداق ئىسىم قويمىغان بولسام، ئۇنىڭ تەقدىرى باشقىچە بولاتتىمىكىن دەپ ئويلايمەن. شۇ چاغدا نەشرىيات ئورۇنلىرى مەن بىلەن مەسلىھەتلىشىپ، ناۋادا رومان مۇشۇ ئىسىم بىلەن نەشر قىلىنسا سىزگە ئاۋارىچىلىك تېپىپ بېرەرمىكىن دېدى. لېكىن، روماننىڭ نامىنى ئۆزگەرتىۋەتسەم، ئۆزگەرتىلگەن نامىنىڭ روماندا بايان قىلىنغان ئىشلار بىلەن بىر يەردىن چىقىشى ناتايىن ئىدى. شۇڭا، رومانغا لايىق كېلىدىغىنى يەنىلا ئۇنىڭ مۇشۇ نامى دېگەن تۇيغۇغا كېلىپ، بېشىمغا كەلگەننى كۆرەرمەن دېدىم- دە، ئەسلىدىكى نامنى ساقلاپ قالدىم.
    رومان نەشر قىلىنغاندىن كېيىن، ئالدى بىلەن قىسىمدىكى بەزى پېشقەدەملەرنىڭ نارازىلىقىنى قوزغىدى. مۇنداق نارازىلىقنى مەن چۈشەنگەن يەردە ئىدىم. ئۇلارنىڭ كۆپتىن كۆپ نەتىجىلىرى خېلىلا يوللۇق ئىدى. لېكىن، ئۇلارنىڭ چەكسىز نۇتقىغا كۆتۈرۈشلىرىنى، ھەتتا بۇ روماننى پارتىيەگە، سوتسىيالىزمغا قارشى ئەسەر دەپ تەسەۋۋۇر قىلىشلىرىنى، ئۇلارنىڭ مۇنداق پەرەزلىرىنى قوبۇل قىلالىشىم تەس ئىدى.
   ئالدى بىلەن، مېنىڭچە بۇ روماندا مەن يەنىلا ئادەم ئۈستۈنلىكىدە تۇرۇپ، گومىنداڭ بىلەن گۇڭچەنداڭدىن ئىبارەت ئىككى پارتىيەنىڭ نەچچە ئون يىللىق كۈرەشلىرىنى تەسۋىرلىگەنىدىم. ئىككىنچىسى، شاڭگۇەن جىنتۇڭدەك تىپىك، مۇرەككەپ پېرسوناژنىڭ ئوبرازىنى ياراتقانىدىم. ئۇنىڭدىن باشقا، روماندىكى ئانىدىن ئىبارەت پېرسوناژنى تەسۋىرلىگەندىمۇ، ئۇنى سىنىپتىن ھالقىغان ئادەم تەبىئىتى نۇقتىسىدىن تەسۋىرلىگەن ئىدىم. ئادەم تەبىئىتى ھەقىقىدىكى تەسۋىر چوقۇم سىنىپتىن ھالقىغان بولۇشى كېرەك ئىدى. ئەمەلىيەتتىمۇ، رېئال تۇرمۇش ئىچىدىن بۇنداق ئانىلارنىڭ ئاساسىنى تاپقىلى بولاتتى. ئۇ ئانا سەككىز قىز پەرزەنت كۆرگەن، بۇ قىزلارنىڭ بەزىلىرى قورچاق ھەربىيلەرگە، بەزىلىرى سەككىزىنچى ئارمىيە جەڭچىلىرىگە، بەزىلىرى گومىنداڭ ئارمىيەسىدىكىلەرگە ياتلىق بولغانىدى. ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ بالىلىرىنى ئانىسىنىڭ بېقىشىغا تاشلاپ بەرگەن، ئانىمۇ بۇ بالىلارغا بىر كۆزدە مۇئامىلە قىلغانىدى. بۇ بالىلار دادىلىرىنىڭ قانداق سىنىپقا تەئەللۇق بولۇشىدىن قەتئىينەزەر گۇناھسىز ئىدى. شۇڭا، بۇ ئانا بۇ بالىلارنى مىڭبىر جاپادا چوڭ قىلىپ قاتارغا قوشقانىدى.
مېنىڭچە مۇشۇ تەسۋىرلەشنىڭ ئۆزى پۇت تىرەپ تۇرالايتتى، شۇنداقلا يول قويسا بولىدىغان ئىش ئىدى. لېكىن، بىزنىڭ پېشقەدەم يازغۇچىلىرىمىز ئۇزاق يىللاردىن بۇيان سىنىپىي كۈرەشنىڭ تەسىرىگە يولۇققان بولغاچقىمۇ، مۇنداق يېزىشنى قوبۇل قىلالمايتتى. مېنى ئۆزۈمنى تەكشۈرۈشكە بۇيرىغاندا، مۇنداق يېزىش مېنىڭ كەشپىياتىم ياكى ئىجادىيىتىم ئەمەس دەپ ئۆزۈمنى ئاقلاپ باقتىم. سوۋېت ئىتتىپاقى مەزگىلىدىكى رومانلاردىمۇ شۇنداق يېزىلغان دېگەن بولدۇم. «تىنچ دون» دىكى تەسۋىر ئەمەلىيەتتە سىنىپىيلىكتىن ھالقىغان يەردە ئىدى. شولۇخۇفنىڭ قەلىمىدىكى گرىكورى دېگەن بۇ پېرسوناژ زادى قايسى سىنىپنىڭ؟ ئۇ بىر ھاللىق ئوتتۇرا دېھقان ئائىلىسىدە تۇغۇلغان. دەسلىپىدە قىزىللارغا قاتناشقان، كېيىن يەنە ئاقلارغا قوشۇلغان. ئاخىرىدا يەنە قىزىللاردا ئەسكەر بولۇپ، يانا بىر قېتىم ئاقلارنىڭ قاتارىغا كىرگەن، بېرىپ – بېرىپ، ئۇياندىن بۇيانغا قېقىلدى – سوقۇلدى بولۇپ يالغۇز قالغان. ئۇ ئاقلارغا ئىشلىگەن چاغدا، قىزىللارنى ئايىماي قىرغان. قىزىللار بىلەن بىللە بولغاندا، ئاقلارنىمۇ ئىنتايىن باتۇرلۇق بىلەن ئەدەپلىگەن. مۇنداق ئادەم، مەيلى ئۇ قانداق ئارمىيەدە بولۇشتىن قەتئىينەزەر، ئوخشاشلا ياخشى ئادەم، ئوخشاشلا شۇ قوشۇنىنىڭ قەھرىمانى. مۇنداق ئادەمگە سېنىڭچە قانداق باھا بەرسەك بولار؟ ئۇ زادى ياخشى ئادەممۇ، ياكى ئەسكى ئادەممۇ، دەپ باقمامسەن؟
    «تىنچ دون» نى ئوقۇپ بولغاندىن كېيىن، بىزدە گىرىكورىدىن ئىبارەت بۇ پېرسوناژغا قارىتا چوڭقۇر ھېسداشلىق پەيدا بولىدۇ. مۇنداق بىر غايەت زور ئىجتىمائىي، تارىخىي مالىمانچىلىقتا ئادەملەرنىڭ ئەمەلىيەتتە ئۆز تەقدىرىگە ئۆزى ئىگە بولالمايدىغانلىقىنى، تۆۋە دەپ ئېقىۋاتقان دەريادا لەيلەپ يۈرگەن بىرتال ياغاچتەك، سۇ قەيەرگە ئېلىپ ماڭسا، شۇ يەرگە قاراپ ئاقىدىغانلىقىنى ھېس قىلىمىز. مېنىڭ رومانىم ھېچبولمىغاندا مۇشۇنداق ئۈستۈنلۈككە يەتكەن، ھەتتا بۇنىڭغىمۇ يېتەلمىگەن ئەھۋالدا ئىدى. مۇشۇنىڭدىنلا، بىز ئەدەبىيات ساھەسىدە ئۇزاقتىن بۇيان داۋاملاشقان بۇ خىل كونا كونسىرۋاتىپپ قاراشنىڭ قانچىلىك چوڭقۇر يىلتىز تارتىپ كەتكەنلىكىنى، ئۇنى تەۋرىتىشنىڭ قانچىلىك مۈشكۈل ئىكەنلىكىنى كۆرەلەيمىز.

ھەقىقىي رەۋىشتە روشەن جۇڭگوچە ئالاھىدىلىككە ئىگە ھېكايىلەرنى بىز تىنچ يازالمايۋاتىمىز
    يېڭى ئەسىر كىرگەندىن بېرى، مەن ئاساسلىقى جۇڭگو ھېكايىلىرىنى مىللىيەتلەشتۈرۈش جەھەتتە ئۆزۈمنى سىناپ باقتىم. بۇ يەردە «سەندەل جازاسى» ناملىق روماننى تىلغا ئېلىشقا توغرا كېلىدۇ. ئۇنى نەغمىلىك تىياتىر تىپىدىكى رومان ياكى رومانلاشتۇرۇلغان نەغمىلىك تىياتىر دېيىشكىمۇ بولاتتى.
ئۆتكەن ئەسىرنىڭ 80- يىللىرى ئازادلىق ئارمىيە سەنئەت ئىنستىتۇتىدا ئوقۇۋاتقان چاغلاردا، غەرب ئەدەبىياتىدىكى زور بىر تۈركۈم ئەسەر خەنزۇ تىلىغا تەرجىمە قىلىنىپ نەشردىن چىقتى. بىز بىر – ئىككى يىل ئىچىدىلا يىگىرمە يىللىق دەرسنى تولۇقلىۋالدۇق. بۇ يەردىكى سەۋەب، 60- يىللاردىن 80- يىللارغىچە بولغان يىگىرمە يىلدىكى غەرب ئەدەبىياتنىڭ تەرەققىياتى ھەققىدە ھېچنەرسە بىلمەيمىز دېسەكمۇ ئارتۇق كەتمەيدىغاندەك ئىدى. كىتاب ئوقۇش، بىلمىگەننى تولۇقلاشتا خۇددى جىن چاپلاشقاندەك دەرىجىدە ئىدۇق.
   شۇ چاغدا ھەر يەكشەنبە كۈنى ۋېيگۇڭسۈن كەنتىنىڭ قارشىدىكى كىتابخانىغا بېرىپ كىتاب ئالاتتۇق. كۆپچىلىككە تونۇشلۇق گارسىيا ماركۇز بولامدۇ، فولكىنېر بولامدۇ، ھېمىڭۋاي بولامدۇ ياكى فىرانسىيەنىڭ يېڭى ھېكايە ئېقىمىدىكىلەرنىڭ ئەسەرلىرى بولامدۇ، ئەيتاۋۇر كۆزىمىزگە چېلىققانلا كىتابنى تېپىۋالاتتۇق. كۆپىنچە كىتابلارنى بىرنەچچە بەت ۋاراقلاپلا بولدى قىلاتتۇق، كۆرمەيتتۇق. خېلى جىق ئادەملەر مېنى گارسىيا ماركۇزنىڭ تەسىرىنى قوبۇل قىلغان دەيدۇ، مەن بۇنىڭدىن تانمايمەن. لېكىن ئەپسۇسلىنىدىغىنىم، ئۇنىڭ «يۈز يىل غېرىپلىق» دېگەن رومانىنى 2007- يىلىغا كەلگەندىلا ئوقۇپ چىققانلىقىم بولدى. شۇ چاغدا بىر نەچچە بەتنى كۆرۈپلا ئۆزۈمنىڭ ئىجادىيەت قىزغىنلىقىنى باسالماي، ئەسلىدە ھېكايە دېگەننى مۇنداق يازسىمۇ بولىدىكەنغۇ دەپ قالغانىدىم. ئۇنداقتا مۇنداق يېزىشنى نېمىشقا بالدۇرراق ئويلىمىدىم؟ تۇرمۇشۇمدا ئوخشاپ كېتىدىغان ۋەقە ۋە ھېكايە ناھايىتى كۆپ بولغاچقا قولۇمغا قەلەمنى ئېلىپ يازغىلى تۇردۇم. قىزىقساڭلار مەن ئازادلىق ئارمىيە سەنئەت ئىنستىتۇتىدىكى چېغىمدا يازغان «ئالتۇن چاچلىق بوۋاق»، «توپ شەكلىدىكى چاقماق» نى كۆرۈپ باقساڭلار بولىدۇ. «توپ شەكلىدىكى چاقماق» تا تىنىمسىز رەۋىشتە ئۆزىنىڭ ئۈستى- بېشىغا قۇشلارنىڭ پېيىنى چاپلاپ، ئۇچۇپ باقسام دەپ ئارام تاپمايدىغان بىر بوۋاي بار. «ئالتۇن چاچلىق بوۋاق» تىمۇ «يۈز يىل غېرىپلىق» نىڭ پۇرىقى بار.
    بىز جۇڭگولۇق يازغۇچىلار يىگىرمە يىللىق ئۆگۈنۈش ئارقىلىق بۇ خىل تەقلىد قىلىش باسقۇچى بىلەن ئادا- جۇدا بولغان بولساق بولاتتى. 1987- يىلى، مەن تېخى ئازادلىق ئارمىيە سەنئەت ئىنستىتۇتىدا ئوقۇۋاتقان چېغىمدا، «گارسىيا ماركۇز بىلەن فولكىنېردىن ئىبارەت بۇ ئىككى ئېگىز پېچتىن ئەگىپ ئۆتۈپ كېتەيلى» ناملىق ماقالەمنى «دۇنيا ئەدەبىياتى» دا ئېلان قىلىشقا مۇۋەپپەق بولدۇم. مەن شۇ چاغدىلا ئۇلارنىڭ ئارقىسىدىن سوكۇلداپ يۈرمەسلىك كېرەك دېگەننى ئىنتايىن ئېنىق تونۇپ يەتكەن يەردە ئىدىم. چۈنكى ئۇلار لاۋۇلداپ كۆيۈۋاتقان پېچ ئىدى، ھالبۇكى بىز مۇزنىڭ ئۆزى ئىدۇق، ناۋادا بەك يېقىن بېرىۋالساق، ئېرىپ كېتىدىغانلىقىمىز تۇرغانلا گەپ ئىدى. بىز ئۈچۈن زۆرۈرى سۈرئەتتە، تىلى، قۇرۇلما قاتارلىق تەرەپلەردە ئۇلارنى ئاددىيغىنە دوراش ئەمەس، بەلكى ئۇلارنىڭ ماتېرىيالنى قانداق بىر تەرەپ قىلىش ئۇسۇلىنى، تۇرمۇشنى كۆزىتىش ئۈسۇلىنى، ئۇلارنىڭ ئىدىيەۋى يۈكسەكلىكىنى ئۆگىنىشتىن ئىبارەت ئىدى. فولكىنېرنىڭ ھېكايىلىرى خەنزۇ تىلىغا تەرجىمە قىلىنىپ، نەشردىن چىققاندىن كېيىن، بۇ ھېكايىلەرنىڭ ئاخىرىدىكى نەچچە مىڭ خەت ئارىسىدا تىنىش بەلگىلىرى بولمىغاچقا، بىزنىڭ بىر تالاي ھېكايىلىرىمىزمۇ بىر مەھەل تىنىش بەلگىلىرىدىن مۇستەسنا ھالدا يېزىلدى. بۇ سۆلەتۋازلىقتىن بۆلەك ھېچنەرسە ئەمەس ئىدى. ھەتتا ئۇنى نائۇستىلىق دېگىلىمۇ بولمايتتى. فولكىنېر بىرەر ۋەقەنى ئۈچ قېتىم سۆزلىگەن بولسا، بىز ئۇنى تۆت قېتىم، بەش قېتىملاپ سۆزلىسەكمۇ يېڭىلىق ياراتقانلىققا ھېساب بولمايتتى. گارسىيا ماركۇز بىرەر پىېرسوناژنى ئەدىيالغا ئۆلتۈرۈپ ئاسمانغا چىقماقچى دەپ يازغان بولسا، بىز بىرەرسىنى قۇشنىڭ پېيىنى چاپلاپ ئاسمانغا ئۇچماقچى دەپ يازساق، بۇنىمۇ يېڭىلىق ياراتقانلىق دېگىلى بولمايتتى. بۇ ئىنتايىن چاكىنا دورامچىلىق بولغاچقا، مەن شۇ چاغدىلا بىز مۇنداق دورامچىلىقتىن دەرھال خالاس بولۇشىمىز، تېخىمۇ يۇقىرى قاتلاملىق ئۆگىنىش قوينىغا ئۆزىمىزنى ئېتىشىمىز لازىم دەپ قارىغانىدىم. بۇ ئۇنىڭ يۈزەكى تەرەپلىرىنى ئۆگىنىدىغان ئۇنداق چاكىنىلىق ئەمەس، بەلكى ئۇلارنىڭ ھەقىقىي، يادرولۇق نەرسىلىرى − ئۇلارنىڭ ئىنساننى كۆزىزىش پوىتسىيەسىنى ئۆگىنىدىغان ئىش ئىدى.
    مەن فولكىنېر، گارسىيا ماركۇزلارنىڭ ھېكايىلىرىدىمۇ ھايات- ماماتلىق، سۆيگۈ – مۇھەببەتكە ئائىت زور تۈركۈمدىكى تەسۋىرلەشنىڭ بارلىقىنى كۆردۈم. لېكىن، ناۋادا سىلەر ئوقۇپ باقساڭلار، ھايات – ماماتلىق، سۆيگۈ – مۇھەببەت توغرىسىدىكى تەسۋىرلەرنى كۆرسەڭلار، تۇيغۇدىكى شىددەتلىك يۇلقۇنۇشنىڭ، ئىنتايىن ئازابلىق ياكى ئىنتايىن شادلىق ھېسسىياتنىڭ بارلىققا كېلىشى ناتايىن. شۇڭا ئۇلار ماڭا ئالەمنىڭ ئەڭ ئېگىز جايلىرىدا تۇرۇپ، مۇشتۇمچىلىك يەر شارىدىكى ئىنسانلارغا سەپ سېلىۋاتقاندەك تۇيۇلىدۇ. ئۇلارنىڭ ئادەملەرگە سەپ سېلىشى بىزنىڭ چۈمۈلىلەرگە سەپ سالغىنىمىزغا ئوخشايدۇ. بىز چۈمۈلىلەرنىڭ ھايات – ماماتلىق ئېلىشىش جەريانىدا يەر يۈزىنى ئۆزىنىڭ جەسىتى بىلەن قاپلىغانلىقىنى كۆرۈمىز ئۇلار ئۈچۈن ئالغاندا، ئۆلۈپ قالغان بىرتال قۇرتنى تالىشىش ھەقىقەتەن بىر مەيدان جەڭ. لېكىن چۈمۈلىلەرگە قاراپ تۇرغان ئادەم ئۈچۈن ئالغاندا، قىلچە ئەھمىيەتسىز بىر ئىش. ناۋادا كۆكنىڭ قەرىدە تۇرغان خۇدا بىز ئىنسانلارنىڭ ھەرىكىتىگە خۇددى بىز چۈمۈلىلەرگە قارىغاندەك قاراپ تۇرالايدىغان بولسا، بۇ قاراش دەل ماركىزنىڭ ئىنسانلارنى كۆزىتىش بۇرجىكىنىڭ ئۆزى. ئۆگىنىمىز دېگەندە باشقا نەرسىلەرنى ئەمەس، مۇشۇنى ئۆگىنىشكە تېگىشلىكتەك قىلىدۇ.
    يىگىرمە يىل مابەينىدە، بىز شىللىمىزغا ئارتىپ يۈرگەن بۇ گۇناھنى يۈيۇۋېتەلمەيلا ئۆتتۇق. بىر تالاي تەنقىدچىلەر ئىزچىل يوسۇندا بىزنى غەربتىكى ئەدلىيەلەرنىڭ قۇيرۇقىدا ئۆمىلەپ يۈردى، دېدى. بىز يازغان ھەرقانداق بىر پارچە ھېكايىنى گارسىيا ماركۇزغا تەقلىد قىلدى دەپ كەلدى، فولكىنېرنى كلونلىدى دېگەنلەرنى تىلغا ئالدى. لېكىن ئەمەلىيەتتە ئۇلار ئېيتقاندەك ئۇنداق سەتچىلىككە قالمىدۇق. شۇنداقتىمۇ، تېخىمۇ روشەن جۇڭگوچە ئالاھىدىلىككە ئىگە، ھەقىقىي رەۋىشتىكى ھېكايىلەرنى يازالمىغانلىقىمىزنى چوقۇم ئېتىراپ قىلىشىمىز كېرەك. «سەندەل جازاسى» دا قىلغانلىرىم دەل مۇشۇ جەھەتتىكى سىناقنىڭ ئۆزى ئىدى.
    ھېكايىنى جۇڭگوچىلاشتۇرۇش مەسىلىسىگە كەلسەك، مېنىڭچە ھەرقانداق سەنئەت تەرەققىي قىلىپ مەلۇم باسقۇچقا كەلگەندە، قىيىنچىلىققا دۇچ كەلگەندە، چوقۇم يېڭى بىر يولنى تاپىدۇ، ئەمەلىيەتتە مۇنداق بىر نەچچە يولنىلا مېڭىشقا بولىدۇ: بىرسى سىرتتىن ئۆگىنىش، جۈملىدىن چەت ئەل ئەدەبىياتىدىن، شۇنداقلا باشقا سەنئەت تۈرلىرىدىن ئۆگىنىش. بىزدەك ھېكايە ئىجادىيىتى بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقانلار تىياتىردىن ئۆگەنسەكمۇ بولىدۇ، مۇزىكىدىن ئۆگەنسەكمۇ بولىدۇ، گۈزەل سەنئەتتىن ئۆگەنسەكمۇ بولىدۇ. ئۇلارنىڭ ھەممىسى سەنئەت، چوقۇم بىرسىنى بىلىش ئارقىلىق قالغانلىرىنىمۇ بىلگىلى بولىدۇ؛ سەنئەتنىڭ چوڭقۇر قاتلىمىدىكى نەرسىلەر ئوخشاش. مېنىڭچە، بىرەر مۇزىكانتنى، بىرەر راسسامنى، بىرەر يازغۇچىنى يۆلەپ تۇرىدىغان ئەڭ يادرولۇق كۈچنىڭ ھەممىسى ئوخشاش بولىدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۇلارنىڭ ئارىسىدىكى بەدئىي شەكىلمۇ ئۆزئارا ئالمىشالايدۇ.
     مەن ئازادلىق ئارمىيە سەنئەت ئىنىستىتۇدىكى ۋاقتىمدا دائىم دېگۈدەك كۇتۇپخانىغا بېرىپ، غەرب سەنئەتكارلىرىنىڭ رەسىم توپلاملىرىنى ئارىيەت ئېلىپ كۆرەتتىم. ۋانگوكنىڭ رەسىملەر توپلىمى، گاۋگېن رەسىملەر توپلىمى مېنىڭ ئىجادىيىتىمگە ئىنتايىن بىۋاسىتە قوزغىتىش بېرەتتى. ۋانگوكنىڭ قەلىمىدىكى ئېگىلىپ كەتكەن دەل – دەرەخلەر، پىرقىراۋاتقان يۇلتۇزلار، ئەنسىزلىك ئىلكىدە جىددىيلەشكەن كۆرۈنۈشلەرنى كۆرگەن چېغىمدا، مېنى جىددىي پىسخىك تەسىراتنى تاپمىغان ياكى ئۇنىڭغا ئېرىشەلمىگەن دەپ كىم ئېيتالايدۇ بۇ ھالبۇكى، بۇ خىل پىسخىك تەسىراتنى تىلغا ئايلاندۇرۇپ ئىپادىلىگىلى بولاتتى.
شۇڭا، مېنىڭچە مەن باشتا يازغان ئەسەرلىرىمدىكى تىلنىڭ ئۆلچەمسىزلىكى، قېلىپتىن چىقىپ كېتىشى، شىددەتلىك بولۇشى ۋانگوكنىڭ رەسىملىرىنى كۆرگەنلىكىم بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىدى. گاۋگېن، رۇسسۇلارنىڭ قەلىمىدىكى سىرلىق تۇيغۇ بىلەن پۈركەنگەن ئاجايىپ – غارايىپ كۆرۈنۈشلەر، ھايۋاناتلاردۇر. ئادەملەرمۇ يازغۇچىغا كۈچلۈك پىسخىك تەسىرات بېرەلەيدۇ. بۇنداق تەسىراتنى يېزىققا يۈزلەندۈرگىلىمۇ بولىدۇ. بۇنداق نەرسىلەر ئەلۋەتتە خاسلىققا ئىگە بولىدۇ، چۈنكى كۆرۈنۈش بىلەن يېزىقنىڭ ئارىلىقى بىر- بىرىدىن تولىمۇ يىراقتا بولىدۇ. لېكىن بۇ يەردىكى ھېسسىياتنى ئۆزئارا ئۆتۈشتۈرگىلى بولىدۇ. بىرەر يازغۇچى ياكى بىرەر سەنئەتكار تۇيۇق يولغا كىرىپ قالغاندا، ھەدېسىلا تەكرارلايدىغان بولۇپ قالغاندا، يېڭى پىكىرگە كۈچى يەتمەيدىغان بولۇپ قالغاندا بۆسۈپ چىقىپ كېتىمەن دەيدىغان نىيەتكە كەلگەن بولسا، سىرتتىن ئۆگىنىش كېرەك. گارسىيا ماركۇزدىن، فولكىنېردىن، سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ھېكايىلىرىدىن، لاتىن ئامېرىكىسىنىڭ ھېكايىلىرىدىن، ياپونىيە ھېكايىلىرىدىن ئۆگىنىش كېرەك؛ ئاندىن قالسا، مۇزىكا ئاڭلاش كېرەك، مۇزىكانتلاردىن ئۆگىنىش كېرەك؛ داڭلىق رەسىملەرنى كۆرۈش، رەسساملاردىن ئۆگىنىش كېرەك؛ ھەتتا سېرك ئارتىسلىرىدىن ئۆگىنىشىمىز كېرەك. ھەرقانداق سەنئەتنىڭ مەنىۋىيەت چوڭقۇرىدا ئۆزئارا تۇتۇشىدىغان جايى بولىدۇ.
    يەنە بىر ئۇسۇل خەلق ئىچىدىن ئۆگىنىش كېرەك. خەلق ئىچى دېگەن سۆزنىڭ مەنىسى ئىنتايىن مول، ئۇ خەلق ئىچىدىكى پۈتكۈل تۇرمۇشنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. مەن بۇ يەردە نوقۇل ھالدا خەلق ئىچىدىكى سەنئەتنى كۆزدە تۇتماقچى. مېنىڭ ئانا يۇرتۇم گاۋمىدىكى قەغەز قىيمىچىلىق، لاي قونچاق قاتارلىق سەنئەتنى ئالساق، بۇ شۇ يەردىكى دىھقانلارنىڭ ئېتىز- ئېرىق ئىشلىرىدىن بوشىغان چاغدىكى كۆڭۈل ئېچىش ياكى ئۆزىنىڭ تۇرمۇشىنى نېمىلا بولمىسۇن ئاز- پاز زىننەتلەپ قويۇشىدىن باشقا نەرسە ئەمەس، ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇلار دەماللىق ئىجاد قىلىنىدۇ. ئۇلارغا ئۇستاز يوق، ياسىغان نەرسىلىرىنى تاۋار قىلىپمۇ ساتمايدۇ. يېزا ئاياللىرى چاغان كېلەي دەپ قالغاندا، كاڭدا ئولتۇرغان پېتى قايچا بىلەن ھەر خىل نەقىشلەرنى قىيىپ چىقىرىدۇ – دە، ئۇلارنى دېرىزىگە چاپلاپ، ئۆزىنىڭ تۇرمۇشىنى بېزەيدۇ. بۇ ئۇلارنىڭ مىجەز – خۇلقى ياكى بەدىئىي گۈزەللىك تۇيغۇسىنىڭ تەبىئىي يوسۇندا نامايان بولۇشى، خالاس؛ ئۇلارنىڭ ماھارىتى ئىنتايىن ئاددىي بولۇشى مۇمكىن. ئىپادىلىگەن نەرسىلەرنىڭمۇ ناھايىتى ساددا بولۇشى مۇمكىن، لېكىن بۇلارنىڭ ئىچىدە چوقۇم بىزنى تەسىرلەندۈرىدىغان، ئۇلارنىڭ خاراكتېرىنى ئېچىپ بىرىدىغان بىرنەرسە بولىدۇ. بىزنىڭ گاۋمىدىكى لايدىن ياسىغان لاي قونچاقلارمۇ سېپى ئۆزىدىن يەرلىك خۇسۇسىيەتكە ئىگە، ئۇلارنىمۇ ئوخشاشلا دېھقانلار دېھقانچىلىقتىن بوشىغان چاغلاردا، لاينى مىجىپ ياسايدۇ – دە، ئاز – ماز رەڭ سۈركەپلا بولدى قىلىدۇ. لېكىن بۇلار بۈگۈنكى كۈندە تاۋارغا ئايلاندى. بۇ نەرسىلەردىمۇ بارا – بارا مۇئەييەن ھالدا مەلۇم ئۇسلۇب شەكىللىنىدۇ. ئۇلار ياسىغان يولۋاسلار شۇنچىلى يۇۋاش، شۇنچىكى ئاقكۆڭۈل، ۋەھشىي يولۋاسلارغا ئوخشىمايدۇ. ئۇلارنىڭ رەڭگى ياكى شەلپەردەك قىپقىزىل ياكى زىيادە يېشىل، ئىنتايىن كۈچلۈك سېلىشتۇرما پەيدا قىلىدۇ. ئۇسلۇبىمۇ مۇبالىغىلەشتۈرۈلگەن بولىدۇ. شىئەننىڭ ئەتراپىدىكى خەن دەۋرىگە تەئەللۇق ھەيكەللەر، تاش ئويمىلار پادىشاھلىقنىڭ بولسىمۇ، لېكىن ئۇلاردىن يەنىلا ھېلىقى ئاددىي – ساددا شىجائەت، كەڭ قورساقلىق چىقىپ تۇرىدۇ. يىغىپ ئېيتقاندا، ئۇلار ئوخشىغان بىلەن ئوخشىمىغاننىڭ ئارىسىدىكى بىرنەرسە بولىدۇ. دېمەكچىمەنكى، بىزنىڭ گاۋمىدىكى لاي قونچاقلار، مەيلى ئۇلار يولۋاس، شۇ كىچىك بالا بولۇشىدىن قەتئىينەزەر ھەممىسى مۇشۇنداق. ئوخشىمامدىكىن دېسەڭ، سەل – پەل ئوخشايدىغاندەك قىلىدۇ. ئوخشامدىكىن دېسەڭ، ئەسلىي ھالىتىدىن پۈتۈنلەي ئۆزگەرگەن، تەسەۋۋۇردىكى شىر – يولۋاسلارغا يېقىن بىر نېمە بولىدۇ.
   مۇشۇنداق ئوخشاشلىق بىلەن ئوخشىماسلىق ئەمەلىيەتتە تىپىك شەرق سەنئىتىنىڭ بەدىئىي مۇقامى ۋە پىكىر مەنزىرىسى. مۇنداق بەدىئىي پىكىر مەنزىرىسىنىمۇ بىزنىڭ ھېكايە ئىجادىيىتىمىزگە ئېلىپ كىرىشكە بولىدۇ.
    خەلق ئىچىدىكى تىياتىرلىق ئەلنەغمىلەرنى ئالايلى گاۋمىدا «ماۋجياڭ» دەپ ئاتىلىدىغان تىياتىرلىق ئەلنەغمە بار. مەن «سەندەل جازاسى» دېگەن رومانىمغا «ماۋجياڭ» دىكى «ماۋ» نى مۈشۈكتىكى «ماۋ» غا ئۆزگەرتىپ كىرگۈزدۈم. بۇ كىچىك تىياتىرنىڭ تارقىلىش دائىرىسى ناھايىتى تار، ئاران ئىككى- ئۈچ ناھىيە بىلەنلا چەكلىنىدۇ. خەلق ئىچىدىكى بۇ كىچىك تىياتىر دەسلىپىدە پۈتۈنلەي دېگىدەك كوچا – كويلاردا، كەڭرەك سورۇنلاردا ئوينالغان. بىرەر تالىپنىڭ ئىمتىھانغا قاتنىشىش ئۈچۈن ئېشەك مىنىپ يولغا چىققانلىقىنى ئىپادىلىمەكچى بولغاندا، ھەقىقىي ئېشەكتىن بىرنى سەھنىگە چىقارغان. ئەمدىلىكتە تەرەققىي قىلىپ نەچچە يۈز يىل ئۆتكەندە، بارغانسېرى ئۆلچەملەشتى. تەدرىجىي رەۋىشتە باشقا تىياتىر تۈرلىرىنى، ئالايلۇق جىڭجۈي تىياتىرى، لۈيجۈي تىياتىرى قاتارلىقلاردىن ئۆگەندى. باشتىكى كونا نەرسىلەر بارغانسېرى ئازايدى، كىيىملىرى، گىرىملىرى چىراي پەرداشلىرى بارغانسېرى جىڭجۈي تىياتىرىغا يېقىنلاشتى. بىردىنبىر نەرسە، يەنى ناخشىلىرى يەنىلا يەرلىك شىۋىدە ئېيتىلىۋەردى. دېمىسىمۇ ئۇنىڭ ناخشا تېكىستلىرى يەرلىك تۇرمۇش پۇرىقى بىلەن ئىنتايىن تويۇنغان. جىڭجۈي تىياتىرىنىڭ تېكىستلىرى ئۇنىڭ ئەكسىچە تولىمۇ سىلىق، ئاللىبۇرۇن قېلىپلىشىپ بولغانىدى. ئۇنىڭ ئۈستىگە جىڭجۈي تىياتىرىدىكى تىكىستلەردە قەدىمكى خەنزۇ تىلى ياكى بولمىسا يېرىم كونا – يېرىم يېڭى تىل ئىشلىتىلەتتى، تارىخىي تەمسىللەر كۆپ بولاتتى. ھالبۇكى، خەلق ئىچى تىياتىر ئەلنەغمىلىرىدىكى تىل باشتىن – ئاياغ پۇقرالارنىڭ كۈندۈلۈك تۇرمۇشتىكى تىلى، مۇنداقچە ئېيتقاندا ئاۋامنىڭ تىلى ئىدى. شۇنداقلا بۇ ئاۋام تىلى يەرلىك تەلەپپۇز بىلەن ئېيتقاندا قاپىيەگە چۈشكەن بىلەن، ئورتاق تىلدا ئېيتقان ھامان قاپىيەسى جايىغا چۈشمەيتتى. مۇنداق تىياتىر ئەلنەغمىلەر ھەقىقەتەن يەرلىك پۇقرالارنىڭ كۆڭىلىنى ئالالايتتى. شۇڭا يەرلىك خەلق بۇ تىياتىر ئەلنەغمىنى «خوتۇن خەقنى باغلاپ قويىدىغان قوزۇق» دەپ تەرىپلەيتتى. ئۇلارنىڭ مۇنداق دېگىنى، ئاياللارنىڭ بۇ نەغمىلەرنى ئاڭلىغاندا خۇددى باغلاپ قويغاندەك مىدىر – سىدىر قىلماي جىم تۇرىدىغانلىقىنى كۆزدە تۇتاتتى. دېمىسىمۇ بۇ تىياتىر ۋە ئۇنىڭدىكى ئەلنەغمە ئاياللارنى ئۆزىگە جەلپ قىلالايتتى، چۈنكى ئۇنىڭدا ئىپادىلىنىۋاتقىنى ئۇلارغا ئىنتايىن تونۇش بولغان كۈندۈلۈك تۇرمۇش ئىدى. ئۇنىڭدىكى پېرسوناژلارنىڭ ھېسسىياتى ئۇلارنىڭ ئۆزلىرىنىڭ ھېسسىياتى ئىدى.
    دېمەكچىمەنكى، بىزنىڭ ھېكايىلىرىمىز ئىنتايىن روشەن ھالدىكى جۇڭگوچە ئالاھىدىلىكنى نامايان قىلىمەن دېسە، چوقۇم ئەل ئىچىدىكى مەدەنىيەتتىن ئۆگىنىشى كېرەك. جۈملىدىن ئەل ئىچىدىكى مەن تىلغا ئالغان ھەر خىل سەنئەت شەكىللىرىدىن ئۆگىنىشى كېرەك. مەدداھلىق ۋائىزلىق بىلەن شۇغۇللىنىدىغان ئويۇنكەشلەردىن ئۆگىنىشى كېرەك. ئۇلار بازاردىكى دەستىنىڭ ئوتتۇرىسىغا شىرەنى قويۇۋېلىپ، ئۆزلىرىنىڭ دېمەكچى بولغانلىرىنى ئۇنداق چىڭقىلىپ يۈرمەيلا مارجاندەك تۆكەلەيدىغانلاردىن. ئۆلچەملىك نۇسخا بار دېگەندىمۇ، ئۇلار ئۇنى ئۆزى خالىغانچە ئۆزگەرتەلەيتتى. ئۇلار ھەتتا شۇ دەقىقىدىكى كەيپىياتنىڭ ئۆزگىرىشىگە ماسلاشقان ھالدا، سۆزلىگەنلىرىنىڭ ئىچىدىكى ئادەملەرگە يېڭى گەپلەرنى قىلغۇزالايتتى. چۈنكى مۇشۇنداق سورۇن ۋە ئۇ يەردىكى جامائەتكە روبرو بولغان ھالدا قىلىنىۋاتقان ئىجادىيەت تىلىنىڭ رىتىملىق بولۇشىنى، ئۇنىڭ قۇلاققا خوش ياقىدىغان بولۇشىنى تۈجۈپلەيتتى. دەرۋەقە، كىتابقا يېزىلغان بىر تالاي نەرسىلەرنىڭ دىكلاماتسىيە قىلغاندا ئۇنداق دولقۇنلۇق، جاراڭلىق چىقمايدىغانلىقى ھەممىمىزگە ئايان، ياخشى نەرسىلەرنىڭ دىكلاماتسىيەگە پۈتۈنلەي مۇۋاپىق كېلىشى ناتايىن. لېكىن بەدىئىي پۇرىقى ئانچە يۇقىرى بولمىغان بەزى شېئىرلارنىڭ دىكلاماتسىيەسى شۇنچىكى ھەيۋەتلىك بولىدىغان ئىشلارمۇ بار. رىتىمى ئىنتايىن ئوچۇق بولغاچقىمىكىن، ئاڭلىغان ئادەمنىي يۈرىكىنى ئوينىتىپ، جىم تۇرغۇزمايدۇ. ئالايلۇق، ماياكوۋىسكىنىڭ شېئىرلىرىنى دىكلاماتسىيە قىلىدىغان بولساق، بولۇپمۇ ئۇنىڭ دىكلاماتسىيە شېئىرلىرى، پەلەمپەي شەكىلدىكى شېئىرلىرى دىكلاماتسىيە قىلىنسا، ئاڭلىغۇچىلارنىڭ قەلبى زىلزىلىگە كېلىدۇ، تەسىرلىنىدۇ. لېكىن، بۇتلىرنىڭ، باندنىڭ شېئىرلىرى دىكلاماتسىيە قىلىنسا ئۇنداق ئۈنۈم پەيدا بولمايدۇ. يەنە ئالايلۇق، «ئوت ئىچىدىكى باتۇرلار» ناملىق ھېكايىنى ئەل ئىچىدىكى مەدداھ – ۋائىزلار، ئەلنەغمىچىلەر قىسسە قىلىپ سۆزلىسە بولىدۇ. لېكىن، بەزى ھېكايىلاردا مۇنداق ئىقتىدار ھازىرلانمىغان بولىدۇ.
مەن «سەندەل جازاسى» دا ئەمەلىيەتتە ئاغزاكى مەدداھلىق ئۇسلۇبىغا كۆڭۈل بۆلدۈم. ئۇنىڭ بازار دەستىلىرىدە جامائەتكە دىكلاماتسىيە قىلىنىشىنى ئۈمىد قىلدىم. شۇ ۋەجىدىن، بىر تالاي قاپىيەلىك جۈملىلەرنى ئۇقۇپ چىقتىم. تىياتىرلاردا بولىدىغان قاپىيەلىك تېكىستلارنى ئىشلەتتىم شۇنداقلا، ئۇنىڭدىكى پېرسوناژلارنىمۇ. تىياتىر – ئەلنەغمىلەردىكى پېرسوناژلارنىڭ سىياقىدا ئورۇنلاشتۇردۇم. تىياتىر – ئەلنەغمىلەردىكى پېرسوناژلارنىڭ پەردازلانغان پېرسوناژلار ئىكەنلىكى ھەممىمىزگە مەلۇم، بولۇپمۇ جىڭجۈي تىياتىرلىرىدا پېرسوناژلارنىڭ پەردازلىنىشى ئىنتايىن ئېنىق. ئالايلۇق، قارا يۈزلەر، ئالاچىرايلار، قاقۋاشلار، چوكانلار، دېدەكلەر، ئوغۇل بالىلار، چامباشچى قىزلار، ھەزىلكەشلەرنىڭ ئالىدىغان رولى ناھايىتى ئوچۇق پەرق قىلىدۇ. بىز ھېكايە ئىجادىيىتىدە پېرسوناژلارنىڭ پەردازلىنىشىدىن بەك ھەزەر ئەيلەيدىغان بولساقمۇ، لېكىن مەن «سەندەل جازاسى» نى يېزىۋاتقاندا، پېرسوناژلارنى قەستەن پەردازلىدىم. ئۇنىڭدىكى ھەربىر پېرسوناژنى تىياتىردىكىلەردىن پەرق قىلمايدىغان ھالغا كەلتۈردۈم. مۇنداق ھېكايىنىڭ نەشر قىلىنغان ھامان ياخشى- يامان گەپلەر بىلەن كۆمۈلۈپ كېتىدىغان ۋەزىيەتكە دۇچ كېلىدىغانلىقىنىمۇ بىلىپ تۇردۇم. بەزىلەر قالتىس يېزىلىپتۇ – دېدى. بەزىلەر رەسۋالىقتا ئۇچىغا چىقىپتۇ دېدى. لېكىن، ئەل ئىچىدىكى تىياتىر – ئەلنەغمىلەر بىلەن بىرلەشتۈرىمەن دېگەندىكىن، مۇقەررەر يوسۇندا تىلنىڭ پاكلىقىنى بۇزۇش ۋە ئۇنىڭغا ھۇجۇم قىلىش كېرەك ئىدى.
نەچچە ئون يىل مابەينىدىكى تەرجىمە ئەدەبىياتىنىڭ تەسىرى تۈپەيلى، بىزنىڭ نۇرغۇن يازغۇچىلىرىمىزنىڭ ھېكايە تىلى پەۋقۇلئاددە چىرايلىق ۋە نازۇك بولۇپ ئۆزگىرىشكە باشلىدى. كۈندىلىك تۇرمۇشىمىزدىكى ۋە پۇقرالارنىڭ تىلىدىكى جانلىق، مەردانە، ساددا نەرسىلەر كۈنسايىن غايىپ بولۇشقا يۈزلەندى. مەن «سەندەل جازاسى» دا مۇشۇنداق چىرايلىق، نازۇك تىل بىلەن غەرەزلىك ھالدا قارشىلىشىپ باقماقچى بولدۇم. شۇلارغا كۆرە، پۇقرالارنىڭ تىلىنى، جانلىق تىلىنى، ساددا تىلىنى ئىشلىتىشكە مەجبۇر بولدۇم.
    ھەممەيلەنگە مەلۇم، قاپىيەلەشتۈرۈش تۈپەيلى، تىياتىرلاردا ھەممە يەردە دەستەك قىلىپ كۆتۈرۈپلا يۈرىدىغان، پەقەت قويۇپ بەرمەيدىغان بىرمۇنچە سۆزلەر بولىدۇ. ئالايلۇق: «ئاتتىن چۈشسەم يەرگە ئېغىناپ» دېگەن جۈملىدىكى «ئېغىناپ» دېگەن سۆز قانداق چاغدا ئىشلىتىلىدۇ؟ بۇ تىياتىر تىكستلىرىدە دائىم ئۇچرايدىغان سۆز، ئۇ ئاتتىن يېقىلىپ چۈشتۈم دېگەن مەنىدە ئىستېمال قىلىنىدۇ. مەنمۇ ئاشۇنداق قاپىيەنى كۆزدە تۇتۇپ، چۈشەنگىلى بولىدىغان بىلەن چۈشەنگىلى بولمايدىغاننىڭ ئارىسىدىكى بىرمۇنچە مىسرانى قەستەن ياسىدىم. ھەتتا ئوخشاش مەنىدىكى خەتلەرنى تالاي قېتىم تەكرارلىدىم. مۇنداق تەكرارلاشنىڭ ھەممىسىنى كېسەل جۈملە دېگىلىمۇ بولماس. خەنزۇ تىلىدىكى ئىستىلىستىكىدا ئوخشاش مەنىدىكى خەتلەرنى تەكرارلاشمۇ بىرخىل ئىستىلىستىكىلىق ئۇسۇل ھېسابلىنىدۇ.
   ئۇنىڭدىن باشقا، پۇقرالارنىڭ تىلىدا خۇپسەنلىك بىلەن دېيىلىدىغان گەپ – سۆز ئىنتايىن كۆپ. بىز يېزا – كەنتلەرگە بارغاندا، بولۇپمۇ ئاساسىي قاتلامدىكى كادىرلار بىلەن ئالاقە قىلغاندا، ئۇلارنىڭ تىلىدىن بىلىنىپ تۇرغان يۇمۇرلۇق نەرسىلەرنىڭ كۆپىنچىسى قەستەن ھالدا خۇپسەنلىك بىلەن ياسالغانلىقىنى بىلىۋالغىلى بولىدۇ. ئۇلار بەزىدە ھەتتا دائىم ئىشلىتىدىغان بەزى ئىسىملارنى قەستەن ھالدا چالا ئىشلىتىدۇ. ئالايلۇق، سىزنى كۆرۈپ «يىغلاپ تاشلىدىم» دېگەن سۆزدە، ئۇلار «يىغلاپ تاشلىدىم» نىڭ ئورنىغا «يېشىم تورۇكلاپ چۈشتى» نى ئىشلىتىدۇ. «قورقۇپ يۈرىكىم قېپىدىن چىقىپ كەتكەندەك بولدى» دېگەننىڭ ئورنىغا «چۆچۈپ كەتتىم» دېگەن سۆزنى ئىشلىتىدۇ. مۇشۇ تەرىزدىكى كۆپتىن- كۆپ چالا سۈپەتلەش سۆزلىرى ئادەمگە تولىمۇ تاتلىق تۇيۇلىدۇ. بەزىدە ئۇلار ئىسمىنىمۇ بۇزۇپ ئىشلىتىدۇ. بىرەرسىنىڭ ئايالى ئەر كىشى بىلەن سوقۇشۇپ قالغان بولسا، «باش كۆزى يېرىلىپتۇ» دېگەننىڭ ئورنىغا «قۇلاق – بۇرنى تېگىپ كېتىپتۇ» دەيدۇ. شۇجىلارنىڭ ئەمەلگە تەيىنلەنگەندىن كېيىن ئىشلىگەن خىزمەتلىرىنى «تارىشا پۈتۈكلەرگە يېزىپ قويۇپ ھېساب ئالغۇدەك دەرىجىدە شانلىق سىياسىي نەتىجىلەرنى ياراتتى» دەپ تەرىپلەيدۇ… مەن «سەندەل جازاسى» دا مۇشۇنداق ئىستىلىستىكىلىق ئۇسۇلدىن پايدىلاندىم. پۇقرالارنىڭ تىلى بىلەن تونۇشلۇق كىشىلەر بىر قاراپلا بۇنىڭ دېھقانلارچە يۇمۇرلۇق گەپ ئىكەنلىكىنى بىلىدۇ. لېكىن زىيالىيلار بۇ يازغۇچى «تارىشا پۈتۈككە پۈتۈپمۇ تۈگەتكىلى بولمايدۇ» دېگەن بۇ سۆزنىڭ ئەسلىي مەنىسىنى بىلمەيدىكەن دېمەي قالمايدۇ. ئەمەلىيەتتە مەن ئوبدان بىلىمەن، ھېكايىدىكى پېرسوناژلارمۇ ئوبدان بىلىدۇ، يېزا كەنتلەردىكى ئاساسىي قاتلام كادىرلىرىمۇ ئوبدان بىلىدۇ. بۇ يەردىكى گەپ، تىلنى ھېكايىدىكى كۇنتىكىستتىن ئايرىلىپ، ھېكايىدىكى پېرسوناژنىڭ كىملىكىدىن ئايرىلىپ تۇرۇپ يەككە ھالەتتە تەھلىل قىلىش ئىلمىيلىق بولمايدۇ. يازغۇچى نېمە ئۈچۈن پېرسوناژلارغا مۇشۇنداق تىل بەردى دېگەن مەسىلىنى چوقۇم ھېكايىنىڭ بىر پۈتۈن گەۋدىسىدىكى كونتىكىست بىلەن ۋە پېرسوناژلارنىڭ كىملىكى بىلەن بىرلەشتۈرگەندىلا ئاندىن ھېس قىلغىلى بولىدۇ.
    «سەندەل جازاسى» ناھايىتى كۆپ چەت ئەل تىللىرىغا تەرجىمە قىلىنغان بولسىمۇ، ئۈنۈمى تازا دېگەندەك بولمىدى. بۇ كىتابنى جۇڭگولۇق ئەدىبىي تەنقىچىلەر تۈزۈك چۈشەنمىگەن ئەھۋالدا، غەربنىڭ تەرجىمانلىرىنىڭمۇ چىشى ئۆتمەي، خوپ قىينالدى. مۆلچەرىمچە، بۇنىڭغا يۇقىرىدىكى ئىشلار سەۋەب بولدى بولغاي. مەندىن ئېرىنمەي سوئال سوراپ تۇرغان تەرجىمانلارغا خېلى ئىشەنچ قىلغان بولساممۇ، بەزى تەرجىمانلار مەندىن بىرەر ئېغىز گەپمۇ سوراپ قويمىدى. بۇ كىتابنى جۇڭگولۇق ئوقۇرمەنلەرمۇ خاتا ئوقۇۋاتقان يەردە، گېرمانىيەلىك ياكى كورىيەلىك ئوقۇرمەنلەر قانداق چۈشىنەر؟ شۇڭا دەيمەنكى، ياخشى بىر ھېكايە ياكى ئالاھىدىلىكى بار ھېكايە تەرجىمە جەريانىدا ناھايىتى زور پىشكەللىككە دۇچ كېلىدۇ، تەرجىمان بەلكى ھېكايىنىڭ دەل مەنىسىنىمۇ تەرجىمە قىلالماسلىقى مۇمكىن. ئۇنداق ئەھۋالدا گەپنىڭ تېگىدىكى گەپنى تەرجىمە قىلىشتىن تېخىمۇ ئېغىز ئاچقىلى بولمايدۇ. ئاخىرىغا بېرىپ، بىزنىڭ ئەدەبىياتىمىزنىڭ نازۇك يەرلىرى چۈشۈپ قالىدۇ. بىزنىڭ تىلىمىزنى ھەددىدىن زىيادە مول دېگەندە، بۇ موللۇق كۆپتىن كۆپ يوشۇرۇن گەپ – سۆزلەرنى ۋە گەپنىڭ تېگىدىكى گەپنى كۆزدە تۇتىدۇ. بۇنداق نەرسىلەرگە دەل جايىغا چۈشىدىغان چۈشەندۈرۈشنى تاپماق ئىنتايىن تەس. ئاۋۋال تەسىرلىنىشىڭ، ئاندىن كۈلۈپ كەتكەن بولۇشۇڭ كېرەك. لېكىن يازغۇچىنىڭ دېمەكچى بولغانلىرىنى توغرا تەرجىمە قىلىپ بېرىش ئۇنداق ئوڭايغا توختىمايدۇ.
    «سەندەل جازاسى» نى پۈتتۈرگەندىن كېيىن، «قىرىق بىر زەمبىرەك» ناملىك روماننى يازدىم. بۇمۇ ئەمەلىيەتتە سىمۋوللاشتۇرۇلغان ھېكايە ئىدى. ئۇنىڭدا مەن ئالجىپ قالغاندەك گۆش يەيدىغان بىر بالىنى ياراتتىم. بۇمۇ مېنىڭ بالىلىق نەزىرىمدىكى تۇرمۇشقا نىسبەتەن قىلىنغان ئومۇمىي خۇلاسە ئىدى. بەزىلەر مېنىڭ بالىلىق نەزەر بىلەن يازغان ھېكايىلىرىمنى چوڭلارنىڭ نەزىرىدە يازغانلىرىمغا قارىغاندا ياخشى دەپ باھا بەردى. ئۇلارنىڭ بۇ خىل پەرىزىگە قوشۇلىمەن. مۇشۇ تۈپەيلى، مەن بالىلىق نەزىرىمنى بولۇشىغا قويۇۋېتىپ، ئۇنى «قىرىق بىر زەمبىرەك» تە ساراڭلارچە ئىشلىتىپ باقتىم. تەييارلىقىم پۈتكەندىن كېيىن، قايتا ئۇنداق قىلىۋېرىشكە رايىم بارمىدى.

ئادەمنىڭ تەقدىرىدىكى ئۆتنە جاھان جەمئىيەتتىكى ئۆتنە جاھان بىلەن ئوخشاش
    كېيىنچە مەن «ھايات – ماماتلىق چارچاش» ناملىق روماننى يازدىم. ئۇنىڭدا بۇددا دىنىدىكى ئالتە قېتىملىق سانسارا (ھاياتلىقنىڭ ئايلىنىپ تۇرۇشى) ئارقىلىق، ئۆلۈم جازاسى بېرىلگەن بىر ئادەمنىڭ ئۆلگەندىن كېيىن ئىلگىرى – ئاخىرى بولۇپ ئېشەككە، كالىغا، چوشقىغا، ئىتقا، مايمۇنغا، ئاخىرىدا يەنە ئادەمگە ئايلانغان قايتىلانما تۇرمۇشنى سۆزلىدىم. جۇڭگودىكى ئەللىك يىلدىن بېرى غايەت زور ئۆزگىرىشنى ئوخشىمىغان ھايۋانلارنىڭ كۆزى ئارقىلىق كۆزىتىپ باقتىم.
    روماندا غەلىتىرەك بىر پېرسوناژنىڭ ئوبرازىنى ياراتتىم. ياشىنىپ قالغان كىشىلەر 80- يىللاردىن بۇرۇن جۇڭگودا خەلق گۇڭشېسى دەيدىغان ئىقتىسادىي تەشكىلنىڭ بارلىقىنى بىلىدۇ. بىزمۇ 50- يىللاردىن باشلانغان كوپىراتسىيەلىشىش ھەرىكىتىنىڭ ئىزچىل يوسۇندا خەلق گۇڭشېسىگە قەدەر تەرەققىي قىلغانلىقىنىڭ جۇڭگودىكى بىر قېتىملىق غايەت زور ئۆزگىرىش ئىكەنلىكىنى بىلىمىز. تارىخنىڭ ئېقىمى شۇنداق شىددەت بىلەن ئۆركەشلەپ ئاققانكى، بۇ ھەرىكەت بىلەن قارشىلىشىشقا ھېچكىم پېتىنغان ئەمەس. لېكىن، دەل بۇنىڭ ئەكسىچە مېنىڭ مەھەللەمدىكى كۆك يۈز لەقەملىك بىر دېھقان پۈتۈنسۈرۈك گۇڭشې بىلەن قارشىلىشىشقا جۈرئەت قىلغان، ھەممە ئادەم خەلق گۇڭشېسىگە كىرگەندە پەقەت ئاشۇ ئادەملا كىرمىگەنىدى.
     باشلانغۇچ مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان چېغىمدا، مۇشۇ يەككە دېھقاننىڭ ئاقساق ئېشەك قوشۇلغان ھارۋىنى ھەيدەپ، مەكتەپ دەرۋازىسى ئالدىدىن ئۆتكىنىنى كۆرەتتىم. ياغاچ ھارۋا قۇلاققا خۇشياقمايدىغان سەت ئاۋازدا غىچىرلايتتى. ئۇنىڭ غىچىرلىغان ئاۋازى ناھايىتى يىراق يەردىنلا ئاڭلىناتتى، بۇ ئاۋاز ئۇ خېلى ئۇزاققا كەتكەندىن كېيىنمۇ قۇلىقىمىزنىڭ چۆرىسىدە ئايلىنىپ تۇرغان بولاتتى. بۇ ئادەم مەندە چوڭقۇر تەسىر قالدۇرغانىدى. ھەممەيلەن ئۇ چاغدا ئۇنى ئەيۋەشكە كەلمەيدىغان جاھىل قېرى دەيتتى. ئۇنى كۈرەشكە تارتقانلار ئۇنى ھاجەتخانىدىكى تاشتەك ھەم قاتتىق، ھەم سېسىق ئەبلەخ، تارىخنىڭ ئېقىمىغا قارشى ھەرىكەت قىلغان، ھارۋىنى توسماقچى بولغان ياچىبەگ دەپ تەنقىدلەيتتى. لېكىن ئۇ بىر گەپتىن يانمايتتى. يەنى يەرنى ماڭا گۇڭچەنداڭ بەرگەن، گۇڭچەنداڭ ئېلان قىلغان خەلق گۇڭشېسىنىڭ نىزامنامىسىدىمۇ ئۇنىڭغا كىرىش ئىختىيارى بولىدۇ، چېكىنىپ چىقسىمۇ ھەربىر ئادەمنىڭ ئەركىنلىكى دەپ ئېنىق سۆزلەنگەن، بۇنىڭغىمۇ ماۋجۇشى قول قويغان دەپ چىڭ تۇراتتى. مۇشۇ تۈپەيلى ئۇ ھەرقانداق ھەيۋە، ئالداشلار ئالدىدا تەۋرەنمىگەن ئىدى. بۇ ئەھۋال شۇ چاغدىكى ئەمەلدرلارنىڭ ئوغىسىنى قايناتقان ئىدى. ئويلاپ باقمامدىغان، پۈتۈن مەملىكەتنىڭ زېمىنى بىر تۇتاش قىزىللاشقان تۇرسا، پەقەت بىرلا ئادەم يەككە ئىگىلىكتىن ۋاز كەچسە، خەلق گۇڭشېسىدەك پايانسىزلىق ئىچىدە، بىر يەككە دېقاننىڭ ئېتىزى قىسىلىپ تۇرىۋالسا، بۇ قانداق بولغىنى؟ جامائەت بۇ قارا چېكىتنى بىر ئامال قىلىپ كۆزدىن يوقىتىش ئۈچۈن، ئۇنىڭغا نەسىھەت قىلىپ باققان، ئۇنى سەپەرۋەر قىلغان، ئۇنى قورقۇتقان ئىدى. ئاخىرىغا بېرىپ، ئايالى، ئوغلى، قىزى ئۇنىڭ بىلەن ئادا – جۇدا بولۇپ، خەلق گۇڭشېسىگە كىرگەن بولسىمۇ، ئۇ ئاخىرىغىچە بويۇن ئەگمىگەنىدى. «مەدەنىيەت ئىنقىلابى» نىڭ دەسلەپكى مەزگىلىگە كەلگەندە، قىزىل قوغدىغۇچىلار ئۇنى ئاياپ ئولتۇرمىدى، ئېسىپ قويۇپ ئۇردى، تەن جازاسى بېرىپ قىينىدى، ئاخىرىدا ئۇ بۇ قىيناشلارغا بەرداشلىق بېرەلمەي، ئېسىلىپ ئۆلىۋالدى.
    مۇشۇنداق بىر ئادەم ئۇزۇن يىللارغىچە مېنىڭ خىيالىمدىن چىقمىدى. مەنمۇ بىر كۈنى ئەمەس بىر كۈنى ئۇنى ئۆزۈمنىڭ ھېكايىلىرىغا كىرگۈزىمەن، ئۇنى ھېكايىدىكى مۇئەييەن بىر پېرسوناژغا ئايلاندۇرىمەن دەپ يۈردۈم، لېكىن ئۇزاق ۋاقىتقىچە بۇ ئادەمنىڭ قىممىتىنى ئاڭقىرالمىدىم. كېيىنكى كۈنلەردە، مۇشۇنداق غەلىتە ئادەملەرنىڭ ئىجتىمائىي تۇرمۇشتا ئىنتايىن قىممەتلىك ئىكەنلىكىنى تەدرىجىي بىلىپ يەتتىم. 80- يىللارغا كەلگەندە، خەلق گۇڭشېسى پارچىلاندى. يەر دېھقانلارغا يېڭىباشتىن تەقسىم قىلىپ بېرىلدى. مەھەللىمىزدىكىلەر شۇ چاغدىلا ئۇنى ئېسىگە ئېلىپ، ئىختىيارسىز ھالدا كۆز يېشى قىلدى. بىز نەچچە ئون يىل ئۆزىمىزنى ئاۋارە قىلىپ، ئەمدىلىكتە يەنىلا يەككە ئىشلەشكە قايتىپتۇق، يەنىلا شۇ كۆك يۈز بولىدىغان ئادەم ئىكەن دېيىشتى. بۇ كۆك يۈز ئەگەر ھايات بولغان بولسا، چوقۇم قاقاھلاپ كۈلۈپ كەتكەن، سىلەرگە يېڭىدىن يەر تەقسىملەپ بېرىپتۇ، ماڭا بەرمىسىمۇ بولىدۇ، مەن ئىزچىل ھالدا يېرىم بار ئادەم، دېگەن بولاتتى.
    ئادەمنىڭ تەقدىرىدىكى بۇخىل دەۋرىيلىك بىلەن قايتىلىنىش ئىجتىمائىي ئۆزگىرىشتىكى قايتىلىنىش بىلەن ئوخشاش. «ھايات – ماماتلىق چارچاش» تىكى ۋەقە 1950- يىلدىن باشلاندى. يېزىپ ئاخىرىغا كەلگەندە، مېنىڭ بايانلىرىمدا مۇشۇنداق بىر قايتىلىنىش بارلىققا كەلدى. گېگىل: «جەمئىيەت بۇرما مىختەك ئۆرلەيدۇ» دېگەن. ماركسىزمنىڭ جەمئىيەتشۇناسلىق ئاساسى نەزەرىيەسىدىمۇ: «ئىنسانلار جەمئىيىتى ئۈزۈكسىز ئايلىنىپ تۇرىدۇ، شۇنداقلا بۇرما مىخ شەكلىدە ئۆرلەيدۇ» دەپ كۆرسىتىلگەن. لېكىن، ھەر قېتىملىق ئايلىنىش ئەمەلىيەتتە ھەرگىزمۇ ئەسلىدىكى نۇقتىغا قايتىپ كېلىش ئەمەس، ئەكسىچە تېخىمۇ يوقىرى بىر قاتلامغا يېتىش بىلەن تاماملىنىدۇ.
     80- يىللاردىكى ئىسلاھات قارىماققا يەرنى يەنە بىر قېتىم دېھقانلارغا تەقسىم قىلىپ بەرگەندەك قىلىدۇ. لېكىن بۇ نۆۋەتتىكى يەر تەقسىم قىلىشنىڭ ئەھمىيىتى 1949- يىلىدىكىسىگە ئوخشىمايدۇ. شەكىل جەھەتتە ئوخشاشتەك كۆرۈنسىمۇ، لېكىن جەزىم قىلىشقا بولىدۇكى ئەھمىيىتى ئوخشاش ئەمەس. بۇ ھېكايىدا مەن دېھقانلار بىلەن يەرنىڭ مۇناسىۋىتىنى مەركەزلىك ھالدا ئويلاپ باقتىم. بۇمۇ جۇڭگو جەمئىيىتىدىكى ئەڭ ئاساسلىق مەسىلىنىڭ بىرى ئىدى. پارتىيەمىز ئۆتكەن ئەسىرنىڭ 20- يىللىرى ئېلىپ بارغان يېڭى دېموكراتىزملىق ئىنقىلابمۇ ئەمەلىيەتتە يەر مەسىلىسىنى ھەل قىلىشنى كۆزدە تۇتقانىدى. تارىختىكى ئايىغى ئۈزۈلمەي ئالمىشىپ تۇرغان سۇلالىلارمۇ يەر تۈپەيلى ئالماشقانىدى. مېنىڭچە 80- يىللاردىكى ھەربىر دېھقاننىڭ يەرگە بولغان مۇھەببىتى ئىنتايىن كۈچلۈك بولغان بولسىمۇ، ئەمدىلىكتە جەمئىيەت تەرەققىياتىنىڭ ئىلگىرىلىشىگە ئەگەشكەن ھالدا، يەردىن زېرىكىۋاتقاندەك قىلىدۇ. ياشلار بىر – بىرلەپ يۇرتىدىن ئايرىلىپ، شەھەرلەرگە قاراپ مېڭىۋاتىدۇ. يەر تېرىشقا قالغانلىرى پەقەت قېرى، ئاجىز، كېسەل، مەجرۇھلاردىنلا ئىبارەت، خېلى كۆپ يەر چۆلدەرەپ قالدى. مۇشۇندق ئەھۋالدا، يېزا ئىگىلىكىنڭ پەسكويغا چۈشۈپ قېلىشى دېھقانلار بىلەن يەرنىڭ مۇناسىۋىتىنى يەنە بىر مەرتىۋە تەڭشەش لازىملىقىنى چۈشەندۈرىدۇ. شۇڭا، مېنىڭ ھېكايەمدىكى پېرسوناژ كۆك يۈز يەرلا ئىلكىمدە بولىدىكەن، مەن ھەقىقىي خوجايىن دەيدۇ. مەن بۇخىل ئىدىيەنىڭ قالاق ياكى ئەمەسلىكى ھەققىدە بىر نەرسە دېيەلمەيمەن، لېكىن نېمىلا بولمىسۇن، مەن ھېكايەمدە يېزا ئىگىلىكىنى ئاساس قىلىش دەيدىغان ئىدىيەنى جان – جەھلىم بىلەن ئەكس ئەتتۈرۈشكە تىرىشتىم. بۇمۇ كۆز ئالدىمدىكى رېئال جەمئىيەت تۈپەيلى بارلىققا كەلگەن ئەندىشە. مۇنداقچە ئېيتقاندا، مۇشۇ يىگىرمە يىلدىن بۇيان جۇڭگونىڭ شەھەرلىرى تەلۋىلەرچە كېڭەيدى، بېيجىڭدىن تارتىپ شاڭخەيگىچە ئارىلىقتىكى ھەربىر ناھىيە، ھەتتا ھەربىر بازار خۇدىنى يوقاتقان ھالدا كېڭەيگىلى تۇردى. نەگىلا قارىساڭ شۇنداق كەڭ يول، ئېگىز بىنا، يەرنىڭ پوستىنى سېمونت قاپلاپ بولدى. ھالبۇكى دېھقانلارنىڭ يېرى قولدىن كەتتى. نەتىجىدە ھەدېسىلا ئاشلىق ئىمپورت قىلىنىدىغان ئىش كېلىپ چىقتى. مۇشۇنداق كېتىۋېرىشنىڭ ئۆزى ئادەمنى ئەنسىزچىلىككە سالىدىغان ئىش ئىدى.
    2000- يىلى مەلۇم بىر گېزىت مېنى زىيارەت قىلغاندا، يېڭى مىڭ يىلدا ئەڭ غەم قىلىدىغان ئىشىڭىز نېمە؟ دەپ سورىدى. مەن ئاشلىقنىڭ يوقلىقىدىن غەم قىلىمەن، دېدىم. مەن 60- يىللاردىكى ئاچارچىلىقنى باشتىن كەچۈرگەن بولغاچقا، ئىنسانلار جەمئىيىتىدىكى ئەڭ قىممەتلىك نەرسىنىڭ ئالتۇن ئەمەس، ئالماس ئەمەس، ئۆيمۇ ئەمەس، بەلكى ئاشلىق ئىكەنلىكىنى ھەممىدىن بەك بىلەتتىم. سەن پەقەت يەيدىغان ئاشلىق قالمىغاندىلا، باشقا ھەرقانداق نەرسىنىڭ ئەسقاتمايدىغانلىقىنى بىلىسەن. مەن ئۇلارغا بۇرۇننىڭ بۇرۇنىسىدىكى بىر يەر ئىگىسى بىلەن يىللىقچىنىڭ ھېكايىسىنى سۆزلەپ كەلكۈن كەلگەندە، يەر ئىگىسىنىڭ بىر خالتا ئالتۇننى يۈدۈپ، يىللىقچىنىڭ بىرخالتا ناننى يۈدۈپ قېچىپ ماڭغانلىقىنى، ئىككىيلەن ئىككى تۈپ دەرەخنىڭ قېشىغا كەلگەندە، يەر ئىگىسىنىڭ ئالتۇنغا نان تېگىشمەكچى بولغانلىقىنى، دېھقاننىڭ ئۇنىمىغانلىقىنى، ئاخىرىدا يەر ئىگىسىنىڭ ئاچلىقتىن ئۆلگەنلىكىنى، دېھقاننىڭ بەرداشلىق بېرەلىگەنلىكىنى، ئاخىرىدا ئۇنىڭ ھېلىقى ئالتۇنىنىمۇ ئېلىپ كەتكەنلىكىنى دەپ بەرگەنىدىم.
    ئاشلىقنىڭ ئەڭ قىممەتلىك ئىكەنلىكى كۆپتىن – كۆپ ھېكايىلاردا تەكرار ئىپادىلەنگەن باش تېما. مەن ئىزچىل يوسۇندا ئاشلىقنى ئىنتايىن خاسىيەتلىك نەرسە دەپ قارايمەن. جىق بولۇپ كەتكەندە قويىدىغان يەر تاپالمايسەن، يوق چاغدا سەنمۇ چېكەتكىگە ئوىشاش بىر دەمدىلا پاك – پاكىز غايىپ بولۇسەن. خەلق گۇڭشېسى مەزگىلىدە، ئەتىدىن كەچكىچە ئېتىزدا ئەمگەك قىلساقمۇ، يەردىن ئاشلىق چىقمايتتى. شۇڭا مەن كۈنلەرنىڭ بىرىدە يېگىلى ئاش بولمىسا، جەمئىيەتنىڭ قالايمىقانلىشىپ كېتىشىدىن غەم قىلىمەن. ھازىرقى دېھقانلار 60 يىللاردىكى دېھقانلاردىن ئەمەس، ئۇ چاغدا گۇڭچەنداڭنىڭ ئىناۋىتى غايەت زور ئىدى. دېھقانلار يەيدىغان ئاشلىقنىڭ بولمىغانلىقى سوۋېت ئىتتىپاقى بىلەن تەبىئىي ئاپەتنىڭ كاساپىتىدىن بولدى دېگەنگە ئىشىنەتتى. ئەمدىكى دېھقانلار ئۇنداق نادان ئەمەس، ناۋادا ئاشلىق بولماي قالسا، ھەممە ئىش بۇزۇلۇپ كېتىدۇ.
    80- يىللاردا بىر جىڭ بۇغداي بەش مو ئىدى. ئەمدىلىكتە بۇغداي توققۇز موغا چىقتى (بىر يۈەندىن ئارتۇق بولۇشى كېرەك ـــ تەھرىر). نەچچە ئون يىلدىن بۇيان مائاش يۈز ھەسسە كۆپەيدى (بەزى جايلاردا ئون نەچچە ھەسسە ياكى نەچچە ئون ھەسسە – تەھرىر). باشقا مەھسۇلاتلارنىڭ باھاسىمۇ نەچچە ئون ھەسسە، نەچچە يۈز ھەسسە ئۆرلىدى. لېكىن ئاشلىق باھاسىنىڭ پەقەت نەچچە ھەسسە ياكى ئون نەچچە ھەسسىلا ئۆرلىگەنلىكى قايچىسىمان پەرقنىڭ يوقىلىۋاتقانلىقىنى ئەمەس، بەلكى كېڭىيىۋاتقانلىقىنى ئىسپاتلاپ بېرىدۇ. بۇ مەسىلە بىرەر يازغۇچىنىڭ باش قاتۇرىدىغان ئىشى ئەمەس. لېكىن ئۇنى ئەدەبىيات شەكلى بىلەن ئىپادىلەپ بەرسە بولىدۇ. ئەلۋەتتە، ئەدەبىياتنىڭ ئىپادىلەش شەكلى ئاشلىقنىڭ باھاسىنى بىۋاسىتە يېزىش ئەمەس، يەنىلا ئادەملەرنى يېزىش كېرەك.

يازغۇچىلار جەمئىيەتتىكى بەزى سەزگۈر، ئۆتكۈر، مۇرەككەپمەسىلىلەردىن ئۆزىنى قاچۇرماسلىقى لازىم
    «پاقا» غا كەلسەك، بۇ رومان ئىنتايىن بىر نازۇك مەسىلە بىلەن، يەنى پىلانلىق تۇغۇت مەسىلىسى بىلەن چېتىشلىق رومان، ئۇ جۇڭگوغا ئوتتۇز يىل تەسىر كۆرسەتكەن غايەت زور مەسىلە ئىدى. پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى 1980- يىلىنىڭ بېشىدا بارلىق پارتىيە ئەزالىرىغا ۋە ئىتتىپاق ئەزالىرىغا بىر پارچە ئوچۇق خەت يېزىپ، ئۇلارنى يالغۇز پەرزەنتلىك بولۇش سىياسىتىنى باشلامچىلىق بىلەن ئىجرا قىلىشقا چاقىرغان، ھەمدە ئەگەر بۇ سىياسەت 30 يىل داۋاملاشسا، جۇڭگونىڭ نوپۇس مەسىلىسى ھەل بولىدۇ دەپ كۆرسەتكەن ئىدى. بۇنىڭغا دەل 30 يىل بولغان مۇشۇ يىلدا، كۆپتىن كۆپ جەمئىيەتشۇناسلارنىڭ، نوپۇسشۇناسلارنىڭ توردىكى بەس – مۇنازىرىسىنى كۆردۈم، قارىماققا پارتلاپ كېتىدىغان ئەھۋال باردەك ئىدى. بۇ يىل يەنە قايسىدۇر بىر سىياسىي قانۇن ئۇنىۋېرسىتېتىدىكى پرۇفىسورنىڭ بەلگىلىمىگە خىلاپ ھالدا ئىككى پەرزەنتلىك بولغانلىقى، ئىجتىمائىي بېقىش پۇلى تاپشۇرۇشقا ئۇنىمىغانلىقى، نەتىجىدە خىزمەتتىن قوغلاپ چىقىرىلغانلىقى قۇلىقىمغا كىرىپ قالدى. تورغا قارىسام ئۇنى قوللايدىغانلار خېلى جىقتەك قىلدى.
    «پاقا» نىڭ دېمەكچى بولغىنى دەل مۇشۇ مەسىلە ئىدى. غەربلىكلەر كۆپ يىللار مابەينىدە پىلانلىق تۇغۇتنى ئىزچىل رەۋىشتە جۇڭگونى تەنقىد قىلىدىغان مۇھىم دەستەك قىلدى. ئۇلار جۇڭگونى ئىنسانپەرۋەر ئەمەس، ئاياللارنى ھامىلىنى چۈشۈرىۋېتىشكە مەجبۇرلىدى، ئادەمنىڭ ئاساسىي ھوقۇقىغا دەخلى تەرۇز قىلدى دېدى. دەرۋەقە، مەن بۇ روماندا ئادەملەرنى يازدىم، مەلۇم بىر يېزىدىكى ئاياللار بۆلۈمىنىڭ دوختۇرىنى يازدىم. روماندىكى «ھاممام« مۇ ئەسلىدە بار بىرەيلەن ئىدى. ئەمەلىيەتتە مېنىڭ ھاممام ئاياللار بۆلۈمىنىڭ دوختۇرى ئىدى – ئۇ ئۆتكەن ئەسىرنىڭ 50- يىللىرىدىن باشلاپ مۇشۇ خىزمەتنى ئىشلىگەن، مول تەجرىبىگە ئىگە ئايال ئىدى. 2000- يىلى دەم ئېلىشقا چىققاندىن كېيىنمۇ، ناھايىتى كۆپ ئايال ئۇنى ئىزدەپ كېلىدىغان، ئۇ ھامىلىدار بولماسلىق كېسىلىنى داۋالاپ يۈرگەن، بالىلارنى داۋالاش جەھەتتىمۇ تەتقىقات ئېلىپ بارغان يەردە ئىدى. ئۇ ماڭا ئۆزىنىڭ قولىدا تۇغۇلغان بالىلارنىڭ ئون مىڭدىن ئارتۇق ئىكەنلىكىنى دەپ بەرگەنىدى. بۇ يەردىكى سەۋەب، يېزىلاردا دوختۇرلار ئاز ئىدى، مەھەللە كويدىكىلەر ئۇنى تۇغۇت ئانىسى بولۇشقا تەكلىپ قىلاتتى. ئۇمۇ بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلغان نۇرغۇن ئاياللارنى تۇغدۇرغان، ئۇنىڭ قولىدا نابۇت بولغان بالىلارمۇ نەچچە مىڭغا يەتكەنىدى. شۇنداقتىمۇ ئۇ ماڭا ئۆزىنىڭ ئازابلانغانلىقىنى، دەككە – دۈككىدە بولغانلىقىنى دەپ بەرمىگەنىدى. لېكىن مەن رومان يازىدىغان بولغاندىكىن، مەسىلىنى ئۇنىڭ ئورنىدا تۇرۇپ ئويلىشىم لازىم ئىدى. ناۋادا مەن ئۆزۈممۇ ئاياللار بۆلۈمىنىڭ دوختۇرى بولغان بولسام، ئون مىڭ بوۋاقنى ئۆز قولۇم بىلەن ئەي قىلغان، شۇنداقلا نەچچە مىڭ بوۋاقنى ئۆز قولۇم بىلەن نابۇت قىلغان بولسام، بۇ خىزمەت بىلەن شۇغۇللانغان چاغدىكى ھېسسىياتىم ئىشتانغا چىققان كۆڭۈلگە تايىن دېگەندەك بولاتتى. بىر بوۋاقنى ئىنسانلار دۇنياسىغا كۆز ئاچقۇزسام، ئۇنىڭ يىغا ئاۋازىنى ئاڭلىسام، ئانىنىڭ يۈزىدىكى كۈلكىنى كۆرسەم، گۈلقەقەلىرىم ئېچىلىپ كەتكەن بولاتتى. مېنىڭ قىلىۋاتقان ئىشىم مۇقەددەس، سەلتەنەتلىك خىزمەت ھېسابلىناتتى. ئەگەر مەن زار – زار يىغلاۋاتقان ھامىلىدار ئايالنى ئوپېراتسىيە ئۈستىلىگە ياتقۇزۇپ، ئۇنىڭ قورسىقىدىكى بالىنى ئېلىۋەتسەم، بۇ چاغدىكى ھېسسىياتىم تۇغۇت ئانىسى بولغان چاغدىكى ھېسسىياتىم بىلەن ئەلۋەتتە ئوخشاش بولمايتتى. ھاممامنىڭ ياشانغان چاغلىرىدا ئۆزىنىڭ ئۆتكەن ئۆمرىنى ئويلاپ باققان-باقمىغانلىقى، ئۆزىنىڭ ھاياتىغا باھا بېرىپ باققانلىقىغا كەلسەك، ئۇنىڭ بىر تالاي زىددىيەتلىك خىيالدا بولىدىغانلىقى تەبىئىي ئەھۋال ئىدى. شۇڭا مەن ھاممامنىڭ تۇرمۇشتىكى ئەينەن ھالىتىنى روماندىكى پېرسوناژغا ئۆزگەرتىپ، مۇشۇنداق بىر ئەسەرنى يازغان بولدۇم، مۇنداق بىر ئەسەردە پىلانلىق تۇغۇتتىن ئىبارەت مۇنداق مەسىلىدىن ئۆزۈمنى قاچۇرۇش مۇمكىن بولمايدىغان ئىش ئىدى.
     ھەممىمىزگە مەلۇم، سەھنە ئەسەرلىرىنى يازىدىغان چاغدا، بېشىدىن باشلاپلا كەسكىن روماننىڭ توقۇنۇشىنى ئورۇنلاشتۇرىمىز. پېرسوناژلارنى ئۆتكۈر زىددىيەتنىڭ قاينىمىغا تاشلىغاندىلا، ئالتۇننى ئوتقا كۆيدۈرۈپ تاۋلىغاندىلا، مۇنداقچە ئېيتقاندا، كەسكىن زىددىيەت ئىچىدىلا پېرسوناژنىڭ ئىندىۋىدۇئاللىقى تەلتۆكۈس ئاشكارا بولغان، زىددىيەت قانچىكى كەسكىن بولغان يەردە، پېرسوناژدىكى خاسلىق شۇنچە تولۇق ئىپادىلەنگەن بولاتتى. ئەگەر يېزىلاردىكى ئاياللار بۆلۈمىنىڭ دوختۇرىنىڭ خاسلىقىنى يېزىشقا، ئۇنى تىپ قىلىپ يارىتىشقا توغرا كەلسە، پىلانلىق تۇغۇت دەيدىغان بۇ ئەمەلىيەتنى ئەگىپ ئۆتۈپ كېتىشكە بولمايتتى، ئۇنى جان – جەھلىمىز بىلەن يېزىش كېرەك ئىدى. مەن جۇڭگو بىلەن غەربتىكى مېدىيا ۋاسىتىلىرى تىلغا ئالغان ئاتالمىش مەسىلىلەرگە مۇشۇنداق يول بىلەن جاۋاب بەرمەكچى بولدۇم. مۇشۇنداق بىر سەزگۈر مەسىلىنى يېزىشقا قانداق پېتىندىڭ دېگەن سوئالغا، مەن تىگىش قىلمىدىم، پېرسوناژلارنىڭ ئۆزى تىگىش قىلدى دەپ جاۋاب بەردى. مۇشۇنداق بىر ئادەمنى يازغانىكەنمەن، چوقۇم ئۇنىڭ ھەممە نېمىسىنى يېزىشىم كېرەك ئىدى. ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇ ھەرگىزمۇ باشقىلار كۆرسە سەت تۇرىدىغان ئىش ئەمەس ئىدى. چۈنكى جۇڭگونىڭ پىلانلىق تۇغۇت خىزمىتىگە تۇتىدىغان پوزىتسىيە ئوخشاش بولمىغاچقا، چىقىرىلىدىغان خۇلاسىمۇ ئوخشاش بولمايتتى. يېزا كەنتتىكى بىر ئايالنىڭ نەزىرى بىلەن قارىساق، بىر خىل خۇلاسە؛ پىلانلىق تۇغۇتقا مەسئۇل ئەمەلدارنىڭ نەزىرى بىلەن قارىساق يەنە بىر خىل خۇلاسە چىقاتتى. شەھەرلىكلەرنىڭ نەزىرى بىلەن قارىساق بىر خىل خۇلاسە، سەھرالىقلارنىڭ نەزىرى بىلەن قارىساق يەنە بىر خىل خۇلاسە چىققاتتى. كىملىك ئوخشاش بولمىغاچقا، ئوخشاش بىر مەسىلە ھەققىدىكى پەرەز بىلەن خۇلاسىنىڭ ئوخشاش بولمايدىغانلىقى ئېنىق ئىدى. شۇڭا مەن جۇڭگودىكى پىلانلىق تۇغۇت جۇڭگودىكى مىڭلىغان، مىليونلىغان ئائىلىگە تەسىر كۆرسەتتى، داۋاملاشقىنىغا 30 يىل بولغان، شۇنداقلا ھېلىھەم داۋاملىشىۋاتقان بۇ سىياسەتنىڭ تارىخقا ۋە بۈگۈنگە قانداق تەسىر پەيدا قىلغانلىقى، جۇڭگونىڭ كەلگۈسىگە يەنە قانداق تەسىر پەيدا قىلىدىغانلىقى ھەققىدە ھازىر دەل بىر نەرسە دېگىلى بولمايدۇ دەپ ئويلىدىم. دېمىسىمۇ، سىياسەت داۋاملىشىۋاتىدۇ، ئۇنىڭدىن بارلىققا كەلگەن تەسىر ۋە ئاقىۋەت ئۆزىنى كۆرسىتىشنى باشلىغان بولسىمۇ، لېكىن ئۆزىنى تەلتۆكۈس كۆرسىتىپ بولۇشتىن يىراق، ئېھتىمال يەنە 30 يىل ياكى 20 يىلدىن كېيىن، بۇ سىياسەتنىڭ ئاقىۋىتى تېخىمۇ ئېنىق ئىپادىلىنىشى مۇمكىن. ئۇنىڭغا شۇ چاغدا قاراپ باقساق، تېخىمۇ دەل خۇلاسە چىقىرالايدىغان بولىمىز.
    يازغۇچى دېگەن جەمئىيەتتىكى سەزگۈر، ئۆتكۈر، مۇرەككەپ مەسىلىدىن ئۆزىنى تارتماسلىقى، ئۇنىڭ بىلەن روبىرو بولۇشى لازىم. لېكىن بىز بۇ مەسىلىلەرنى ھېكايە قىلىپ يازغاندا پېرسوناژلارنى مەسىلە دۆۋىسى ئىچىگە غەرق قىلىۋەتمەسلىك لازىملىقىنى ئەستە تۇتۇشىمىز كېرەك. مەسىلە ئادەمگە قاراپ ئورۇنلاشتۇرۇلىدۇ. پېرسوناژلار شۇ مەسىلىنىڭ سۈيىدە ئۈزىدۇ. دەريانى يېزىپ، ئۇنىڭدا ئۈزىدىغان ئادەمنى ئۇنتۇپ قالساق بولمايدۇ. بىز سۇغا ئەمەس، دەريادا غۇلاچلاپ ئۈزىۋاتقان ئادەمگە كۆزىمىزنى ئۈزمەي قاراپ تۇرۇشىمىز لازىم. شۇنى ئەلۋەتتە يازىمىز، لېكىن بۇ سۇ ئۈزۈدىغان ئادەم بولمىسا، توختام سۇ بولۇپ قالىدۇ. مۇنداقچە ئېيتقاندا، نوقۇل سۇنىلا يازساق، مەناسىز بىر نەرسە بولۇپ چىقىدۇ. ئىشنى يازامدۇق، مەسىلىنى يازامدۇق، بولىۋېرىدۇ، كارايىتى چاغلىق، مۇھىمى مۇشۇ ئىش ئىچىدە بىر ئادەمنىڭ تۆت پۇتىنى ئۆرە قىلىش كېرەك. ئىشنى يېزىشتىن تۈپ مەقسەت، شۇ ئىشنى پېرسوناژغا خىزمەت قىلىدۇرۇشنى كۆزدە تۇتىدۇ.
    مېنىڭچە، مۇشۇنداق تونۇشقا كەلگەندىن كېيىن، ھەرقانداق سەزگۈر مەسىلىنىڭ ھەممىسىگە بىر نەرسە دەپ باقساق بولىدۇ. ئاچقۇچلۇق مەسىلە شۇكى، ئۇنى يېزىۋېلىش ئۈچۈن يازماي، بەلكى پېرسوناژ يارىتىشتا كەم بولسا بولمايدىغان ئامىل تەرىقىسىدە تۇتۇپ يېزىش كېرەك، بۇمۇ ھېكايە بىلەن ئەدەبىي ئاخباراتتىن ئىبارەت ئىككى ژانىرنىڭ ئوخشىمايدىغان يېرى. ئەدەبىي ئاخبارات مەسىلىنىڭ ئۆزىگە ئېتىبار بېرىدۇ، ھېكايە ئاپتورىنىڭ مەسىلە بىلەنلا بولۇپ كېتىشى ناتايىن.
     قىلىدىغان گەپ يەنە بار ئىدى، لېكىن ۋاقىت مۇناسىۋىتى بىلەن بولدى قىلاي. مەن ئازادلىق ئارمىيە سەنئەت ئىنىستىتۇتىدىن ئايرىلغاندىن كېيىنكى يولۇمنى بىر قۇر دېگەن بولدۇم. بۇ يولنى مۈدۈرۈپ – يىقىلىپ تەستە ماڭدىم، تېخىمۇ ياخشى ماڭغان بولسام، تېخىمۇ ياخشى ئەسەرلەرنى يازغان بولسام ئوبدان بولاتتى، خىجىللىق ھېس قىلىمەن. ياخشى يازالمىدىم. ھەر بىرىڭلارنىڭ ياخشى ئەسەرلەرنى يېزىشىڭلارغا تىلەكداشمەن.

  مەنبە: «شىنجاڭ ئىجتىمائىي پەنلەر مۇنبىرى» ژۇرنىلىنىڭ 2013- يىللىق 1- 2- سانىدىن ئېلىندى  .
بۇ ماقالە خەنزۇچە «غەربىي دىيار» ژۇرنىلىنىڭ 2012- يىللىق 10- سانىدىن تەرجىمە قىلىندى

jan يوللانغان ۋاقتى 2015-2-2 18:06:12

ئىمىن ئەخمىدى ئەپەندى ياخشى بىر نۇتۇقنى تەرجىمە قىلىپتۇ. بولۇپمۇ مۇيەندەك تەنقىتچىنىڭ نۇتقى ئىكەن. ئۇ مۇشۇ نۇتۇقنى تەرجىمە قىلىۋاتقاندا، « سالمىلىق» دېگەن ھېكايىسىنىڭ ئاپتورى بولۇپ قالغانلىقىنى ئېسىگە ئالغانمىدۇر! ئېسىگە ئالسا، ئۆزىنى قانداقراق ھېس قىلغاندۇر؟ -دېگۈم كېلىۋاتىدۇ. ئۇنىڭ  شۇ ھېكايىسىنى تورغا يوللىغىلى بولسا، ھە. مۇيەننىڭ ئىدىيىسى بىلەن سېلىشتۇرۇپ كۆرگەن بولساق.....

ghura يوللانغان ۋاقتى 2015-2-2 18:47:05

بار بولسا يوللىمامسىز، سالمىلىقنى

boran0998 يوللانغان ۋاقتى 2015-2-2 23:06:10

مەن تېخى«قايسى قاپ يۈرەكنىڭ گېپىدۇ بۇ؟» دەپ كىرىپتىمەن. نوبىل موكاپات ساھىبى مويەننىڭ نۇتۇقى نۇرغۇن «ئاشكارە مەخپىيەتلىك»لەرنى مۇنبەرگە سۆرەپ چىقىپتۇ- دە؟!

2380534 يوللانغان ۋاقتى 2015-3-19 17:42:57

jan يوللىغان ۋاقتى  2015-2-2 18:06 static/image/common/back.gif
ئىمىن ئەخمىدى ئەپەندى ياخشى بىر نۇتۇقنى تەرجىمە قىلىپ ...

باش ئاخىرى يوق چۈشىنىكسىز گەپ…
بەت: [1]
: گەپ قىلغىلى بولمايدىغان دەۋر