ئويغاتما ئەي ساباھ خورىزى چىللاپ
ئويغاتما ئەي ساباھ خورىزى چىللاپ( رۇبائىلار )
جان
« بۇغدا » دىن ھاياتقا ئېچىلغان كۆزۈم،
تومۇز دا مۇزلاپ يەر ، ئۈشۈگەن ھەر كىم.
بوۋاقلار ئىڭرايتتى ئىمزەكنى چىشلەپ،
ئانىدا سۈت يوق ، ئاچ سۈرەتتى ھۆكۈم.
« يەر قوغ ھەم ئاسمان چوغ » بولغان قىيامەت،
ھەر كىشى قايغۇلۇق چېكەتتى ھەسرەت.
كۆرمىگەن ئىدىم مەن بۇغدانى تېخى،
بۆشۈكتىن باشلاندى سۈرگۈنلۈك ئەبەت.
ئەللەيلەپ چوڭۇتتى، يەكلىمىدى ھەم،
ئاسرىدى، كۆزۈمدىن سىرغىتمىدى نەم.
ھاۋاسى، قۇياشى، سۇ، تۇپراقلىرى
بېرەتتى ھالاۋەت، چەكسىز ھوزۇر، تەم.
سېغىنىش ئۆرتەيتتى باغرىدا تۇرۇپ،
« سۆيۈمەن» دېيەلمەي قورقۇپ، ھۇدۇقۇپ...
قېنىمدا ھارارەت ئۆرلەپ تۇرسىمۇ،
كۈندەشلەر جىسمىمنى قويغان مۇزلۇتۇپ ....
« يارىم »- دەپ، قەسىدە ئوقۇسا بىرى،
ياپراقتەك تىترەيدۇ دەرتلىك يۈرىكى.
ئاتەشلىك مېھرىگە شۇڭغۇپ، چۆمۈلۈپ،
« ئانام »-دەپ، كۆيلەيمەن مەڭگۈ - ئەبەدى .
ئويغاتما ئەي ساباھ خورىزى چىللاپ،
چۈشۈمنىڭ داۋامى تۈگىمەس يىللاپ.
ئارزۇلار ئۇيقىدۇر، خىيال شىرىن چۈش،
ئويغانماي جەننەتكە كېتەي ئۇدۇللاپ.
تەڭرىگە ئىسيانىم كۆپ ئىدى ئاۋال،
سۆزلەشكە تىلىمدە يوق ئىدى ماجال...
قەھرىدىن تىترىسە تاغۇ، دېڭىزلار،
پۈكۈلمەي ، بارمىدى باشقا نە ئامال.
ھاياتلىق قىسقىدۇر، ئارزۇ تۈگىمەس،
غۇربەتتە ھېچكىشى ئېچىلىپ كۈلمەس...
چېھرىدىن تەبەسسۇم ياغسا بىراۋنىڭ،
ئارمانسىز، بەخىتنىڭ ئىزناسى ئەمەس.
كۆك دالا تورغىيى ناخشامنى ئېلىپ،
ئۆرلىگىن كۆك تامان، بۇلۇتنى يېرىپ.
ھەسرەتتىن پۈتۈلگەن مىسرالىرىمنى،
ئېسىپ قوي يۇلتۇزغا تۇمارچە قىلىپ.
زۇلمەتلىك تۈنلەردە يۇلتۇز چاقنىسا،
نۇر كەبى تۆكۈلسە شېئرىم بۇغداغا،
ئەگۈزدە ئېرىتىپ تەن ۋە روھىمنى
سىڭدۈرسە ، نە ئارمان ئەزىز تۇپراققا.
تورنىلار پەس ئۇچۇپ ئاڭلا دەردىمنى،
سېغىنىش ئازابى مەست قىلدى مېنى.
يۇرتۇمغا يېتىپ بار، يولدا ئاداشماي،
چۈشەنسۇن دوستلىرىم غېرىپ ھالىمنى...
دۇنياغا كەلدۇق تېز، مۈشكۈلدۇر كەتمەك،
تېخىمۇ قىيىندۇر ئارمانغا يەتمەك.
ئايرىلىش جەھەننەم، ۋىسالدۇر جەننەت،
ئالەمنىڭ دوزىخى كۆپ ئىكەن دېمەك...
چۈشۈمدۇر بەختىمنىڭ يېرىمى بىراق،
ئۇڭۇمدا ئازابلىق قىينايدۇ فىراق...
سېغىنىش مەلھېمى تېپىلسا كاشكى،
كۆيۈك ۋە جارائەت ساقايسا تېزراق.
ئاخىرقى نەپىسىم قىستىسا ئەگەر،
ئەجەلدىن يۈرەككە ئۇرۇلۇپ خەنجەر.
ئالەمچە دەرت، ھەسرەت، ئارمانى بىلەن -
بىر غېرىپ دۇنيادىن كۆز ئوچۇق كېتەر....
11.11.2014
ئەسلىدە بۇنداق بولىدۇ-دەپ، پەرەز قىلمىغان ئىدىم. ئەپسۇس. ياخشى يېزىلىپتۇ jan يوللىغان ۋاقتى 2015-2-2 20:22 static/image/common/back.gif
ئەسلىدە بۇنداق بولىدۇ-دەپ، پەرەز قىلمىغان ئىدىم. ئەپسۇ ...
بەك ياخشى يېزىپسىز!:handshake ... ئەمما نىمىگە ئەپسۇسلىنىپ قالغىنىڭىزنى چۈشىنەلمەي قالدىمغۇ... ماۋزۇسى كىسەل جۈملە ئىكەن .{:136:} sahabe يوللىغان ۋاقتى 2015-2-3 09:05 static/image/common/back.gif
بەك ياخشى يېزىپسىز! ... ئەمما نىمىگە ئەپسۇسلىنى ...
ئەسلىدە تەستىقلىنىشتىن ئىلگىرى تور باشقۇرغۇچىغا پىچىرلىغان گەپ ئىدى، كېيىن قايلىسام ئۇمۇ بىرگە تەستىقلىنىدىكەن ئەمەسما.:$ pis-pas يوللىغان ۋاقتى 2015-2-3 09:07 static/image/common/back.gif
ماۋزۇسى كىسەل جۈملە ئىكەن .
پۈتۈنلەي تەتۈرسى، شۇنداقمۇ! ساباھ خورىزى چىللىشى كېرەكتە. بىراق...... begir يوللىغان ۋاقتى 2015-2-3 13:16 static/image/common/back.gif
قالغان بەش پارچە شېئىرىڭىزنىمۇ يوللاپ قويۇڭ ئاستىغىلا ...
: نېمە دېگەن ئۇزۇن يازما- دېمەكچىمۇ؟:D jan يوللىغان ۋاقتى 2015-2-3 13:08 static/image/common/back.gif
پۈتۈنلەي تەتۈرسى، شۇنداقمۇ! ساباھ خورىزى چىللىشى كېر ...
ئويغاتما ئەي ساباھ خورىزى چىللاپ
ئەسلى مۇنداق دىمەكچىكەن : ئويغاتما مېنى ئەي ساباھ ، خورىزىڭنى چىللىتىپ.
خورىزىڭنى چىللىتىپ دىمەي خورىزى چىللىتىپ دەپ يېزىلغان، ئۇيغۇر تىلىدا بۇنداق گەپ بولمايدىغاندۇ .
pis-pas يوللىغان ۋاقتى 2015-2-3 13:58 static/image/common/back.gif
ئويغاتما ئەي ساباھ خورىزى چىللاپ
ئەسلى مۇنداق دىمەكچ ...
ئويغاتما ئەي ساباھ خورىزى چىللاپ
ئەسلى مۇنداق دىمەكچىكەن : ئويغاتما مېنى ئەي ساباھ ، خورىزىڭنى چىللىتىپ.
خورىزىڭنى چىللىتىپ دىمەي خورىزى چىللىتىپ دەپ يېزىلغان، ئۇيغۇر تىلىدا بۇنداق گەپ بولمايدىغاندۇ .
« ئويغاتما ئەي ساباھ خورىزى چىللاپ» : يەنى ئەي ساباھنىڭ خورىزى چىللاپ مېنى ئويغاتما-دېگەن گەپ. بۇ يەردىكى ئويغىتىدىغان نەرسە ساباھ ئەمەس، ئەكسىچە ساباھتا چىللايدىغان خورازدۇر. قىسقارتىلىپ « ساباھ خورىزى» -دېيىلىۋاتىدۇ. يەنى ساباھتا چىللايدىغان خوراز-دېمەكچى. خىتاب ساباھقا ئەمەس، خورازغا قارىتىلغان.
بەت:
[1]