tumaris يوللانغان ۋاقتى 2015-2-2 15:59:44

ئىشەنچلىك مەبلەغ سېلىش پۇرسىتى

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   tumaris تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-2-2 16:02  

ئىشەنچلىك مەبلەغ سېلىش پۇرسىتى

تەييارلىغۇچى: دىلئارام قۇربان ئايتۈرك
ئىككىنچى نۆۋەتلىك ياۋرو-ئاسىيا ئالتۇن كۆۋرۈك خەلقئارا يەرمەنكىسىگە ھەمكارلاشقۇچى تەكلىپ قىلىش ئېلانى
بىرىنچى نۆۋەتلىك ياۋرو - ئاسىيا ئالتۇن كۆۋرۈك خەلقئارا يەرمەنكىسى 2014- يىلى 11- ئاينىڭ 1- كۈنىدىن 5- كۈنىگىچە شىنجاڭ خەلقئارا كۆرگەزمە مەركىزىدە ئۆتكۈزۈلۈپ، 12000 كۋادىرات مېتىر يەرمەنكە ئورنىدا 500 گە يېقىن كارخانا يەرمەنكىگە قاتناشتى. مەملىكەت ئىچى – سىرتىدا زور تەسىر قوزغىدى، شۇنداقلا بەلگىلىك ئىقتىسادىي ۋە ئىجتىمائىي ئۈنۈم يارىتىلىپ، مىللىي كارخانىچىلارنىڭ ئابىدە خاراكتېرلىك نەتىجىسىنى قولغا كەلتۈردى. يەرمەنكىنىڭ ئومۇمىي ئەھۋالى مەركىزى تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى تورى، مەركىزى خەلق رادىئو ئىستانسىسى، شىنجاڭ تېلېۋېزىيە ئىستانسىسى ، شىنجاڭ خەلق رادىئو ئىستانسىسى قاتارلىق مەملىكەت ئىچىدىكى ئاساسلىق ئاخبارات ۋاسىتىلىرىدا خەۋەر قىلىندى. ئاپتونوم رايونىمىزدىكى مۇناسىۋەتلىك پارتىيە، ھۆكۈمەت ئورگانلىرى ۋە سودا مىنىستىرلىكى قاتارلىق ئورۇنلارنىڭ قوللىشى ۋە مۇئەييەنلەشتۈرۈشىگە ئېرىشتى.
يەرمەنكىنى ھەر يىلى بىر قېتىم مىللىي كارخانىلارنىڭ مۇۋەپپەقىيەت نەتىجىلىرىنى نامايەن قىلىدىغان، مەملىكەت ئىچى- سىرتىدا ئۆز تەسىرىنى ۋە تىجارەت دائىرىسىنى كېڭەيتىدىغان سورۇنغا ئايلاندۇرۇش ئۈچۈن، تۇنجى قېتىملىق يەرمەنكىنىڭ تەجرىبە- ساۋاقلىرىنى يەكۈنلەپ، كۆلىمى ۋە تەسىر دائىرىسىنى تېخىمۇ كېڭەيتىپ، ئىككىنچى نۆۋەتلىك يەرمەنكىنى 2015- يىلى 6- ئاينىڭ 11-كۈنىدىن 13-كۈنىگىچە شىنجاڭ خەلقئ‍ارا كۆرگەزمە مەركىزىدە ئۆتكۈزۈش پىلانلاندى. تېخىمۇ كۆپ كىشىلەرنى يەرمەنكە نەتىجىلىرىدىن بەھرىمەن قىلىش ئۈچۈن ئىككىنچى نۆۋەتلىك ياۋرو ئاسىيا ئالتۇن كۆۋرۈك خەلقئارا يەرمەنكىسىگە جەمئىيەتتىن مەبلەغ سالغۇچى، ھەمكارلاشقۇچى چاقىرىمىز. مەبلەغنىڭ ئەڭ تۆۋەن چىكى 100000يۈەن(يۈز مىڭ يۈەن) ، سالغان مەبلەغ ھەم پايدىسى 6-ئاينىڭ 15-كۈنى ئۆتكۈزۈلىدىغان يەرمەنكە خۇلاسە يىغىنىدا كىرىم چىقىم ھېساۋاتى خۇلاسىلىنىپ، پايدا -زىيان نىسبىتى بويىچە پاي ئىگىسىگە ئايرىپ بېرىلىدۇ. مۆلچەرى پايدا نىسبىتى10پىرسەنتتىن تۆۋەن بولمايدۇ . شىركىتىمىز ھەمكارلاشقۇچى تەرەپ بىلەن توختام ئىمزالايدۇ ۋە توختامدا پۈتۈشكەن ھوقۇق- مەجبۇرىيەت بويىچە ئىش ئېلىپ بارىدۇ، جۈملىدىن ھەمكارلاشقۇچى تەرەپنى يەرمەنكىدە ئالاھىدە ئىمتىيازلاردىن بەھرىمەن قىلىدۇ.
ئۆتۈنۈپ بېرىلىدىغان پاي سوممىسى ۋە ۋاقتى چەكلىك، بۇ قىسقا مۇددەتلىك ئۈنۈملۈك سودا پۇرسىتى بولۇپ، مەبلەغنىڭ قايتىپ كېلىشىگە كاپالىتى بار ئىشەنچلىك تۈردۇر. يەرمەنكىگە قاتناشماقچى بولغان خېرىدارلار ،مەبلەغ سېلىش شەكلى ئارقىلىق ھەمكارلاشسا،يەرمەنكىدە ئالاھىدە ئىمتىيازدىن بەھرىمەن بولىدۇ ھەم سالغان مەبلىغىگە قارىتا يەرمەنكە ئورنى بىلەن تەمىنلەيمىز، سالغان مەبلىغىمۇ يەرمەنكىدىن كېيىن قايتىپ كېلىدۇ. (تەپسىلاتىنى تېلېفوندىن سۈرۈشتۈرۈڭ) پۇرسەتنى غەنىيمەت بىلگەن دوستلارنىڭ شىركىتىمىز بىلەن ئالاقىلىشىشىنى ئۈمىد قىلىمىز.

شىنجاڭ «ئالتۇن كۆۋرۈك» يەرمەنكە شىركىتى
قانۇنىي ۋەكىلى: دىلئارام قۇربان
تېلېفون:0991-2845800،2846800،13999418883
ئادرېس: ئۈرۈمچى شەھىرى جەنۇبىي ئازاتلىق يولى ئوۋلوبا سارىيى 410/411 ئىشخانا (ئەتتىرگۈل رېستورانىنىڭ ئۈستىدە)

ئالدىنقى قېتىملىق يەرمەنكىنىڭ بىر قىسىم سۈرەتلىرى

ablimitt يوللانغان ۋاقتى 2015-2-2 16:07:21

يىڭى بازار تىپىش ئۈچۈن ياۋرۇپالىقلار چىۋىندەك ئۇلىشۋىلىشى مومكىن يەرمەنكىگە، پايدىسى ئەلۋەتتە %10تىن تۈۋەن بۇپ قالمايدۇ...

torqicom يوللانغان ۋاقتى 2015-2-2 16:18:46

پۇلى بارلار دەسمى سىلىپ باقسا بولغۇدەك  ئاز ۋاقىتتا كۆپ ئۈنۈمگە ئىرىشكىدەك :)

udun007 يوللانغان ۋاقتى 2015-2-2 19:37:16

شىركەتنىڭ پاي چەك كىنىشكىسى ۋە ساتقان پىيىنى قولغا بەرسە بولىدۇ.

بولمىسا   ھىي............................چاتاق.:lol

ablajan0997 يوللانغان ۋاقتى 2015-2-3 13:39:07

100000 يۈەن   خېلى كوپكەن   ئەگەر تۆۋىنى3 تۈمەن بولغان بولسا  مەن سىناپ باقاركەنمەن . ئالدىنقى كۆرگەزمىگە خىزمەت پۇتلىشىپ بارالمىغان بۇ قېتىم بىر كۈرۈپ باقمىسام

orkesh يوللانغان ۋاقتى 2015-2-3 15:21:03

دەسمى بار نىمە قىلىشنى بىلمىگەنلەر ئۈچۈنمۇ پايدىلىق خەۋەركەن.{:112:}

nur يوللانغان ۋاقتى 2015-2-3 17:47:22

زور كۆپچىلىك ئۇيغۇرلىرىمىز تىخى مەبلەغ سىلىش دىگەن ئۇقۇمنى چۈشەنمىسە كىرەك.
ھىس قىلىشىمچە بىزنىڭ ئىككى تال پۇل مىلى بار بايلىرىمىز بىلىم دىگەننى چۈشەنمەيدۇ.بىلىملىك كىشىلەرنىڭ ئېقتىساد،پۇل-مۇئامىلە قاتارلىقلاردىن سۆزلىشى ئۇلارغا ھىكايە ئاڭلاشتىنمۇ بىمەنە تۇيۇلسا كىرەك.چۈنكى ئۇلار يانجۇقىدا بارىنى ھەممە ھىساپلاپ ئۆزىنى مەن چاغلاپ يۈرۈيدۇ.
ئازراق پۇلى بار كىشىلىرىمىز مۇشۇ پۇلۇمنى بىر نىمە قىلسام ئايرىلىپ قالامەنمۇ دىگەندەك ئوي-پىكىرلەرنىڭ چىرمىۋىلىشى ئاستىدا پۇلىنى بانكىغا مەھكەم بىسىپ مەبلەغ ئايلاندۇرۇشنى خالىمايدۇ.شۇنىڭ ئۈچۈن بىزنىڭ مەبلەغچىلىك ئىشلىرىمىز تەرەققىي قىلمايدۇ.

imtiyaz يوللانغان ۋاقتى 2015-2-3 19:59:57

بۇنى مۇداق ئاددىلاش تۇرساق بۇلامدۇ ؟
يەنى يەمەنكىگە تەشكىللىگەن شىركەت يەرمەنكىگە قاتنىشىدىغان باشقا شىركەتلەردىن ئورۇن ھەققى يىغىپ قىلىنغان كىرىمدىن بۇ قېتىملىق يەرمەنكە پائالىيەتكە پاي قوشقانلارغا پايدا ياكى زىيىنىنى تەقسىملەپ بېرىدۇ ؟ قوشۇلغان پاينىڭ ۋاقتى مۇشۇ يەرمەنكە ئاخىرلاشقىچەڭ بۇلىدۇ شۇنداقمۇ ؟

tumaris يوللانغان ۋاقتى 2015-2-4 13:45:16

imtiyaz يوللىغان ۋاقتى  2015-2-3 19:59 static/image/common/back.gif
بۇنى مۇداق ئاددىلاش تۇرساق بۇلامدۇ ؟
يەنى يەمەنكىگە تە ...

ئاساسەن توغرا تەھلىل قىلىپسىز،  پاي قوشقانلارغا ئالتۇن كۆۋرۈك خەلقئارا كۆرگەزمە شىركىتى تەرەپتىن كىرىمنىڭ پايدا- زىيان ئەھۋالىغا قاراپ ئەڭ تۆۋەن بولغاندا قوشقان پايغا ئون پىرسەنت پايدا بىرىلىدۇ، زىيانمۇ تەڭ ئايرىلىدۇ دىگەن ئۇقۇم يوق. يەرمەنكە ۋاقتى بۇ يىل ئۈچ كۈن بولىدۇ، يەنە 6- ئاينىڭ 11- كۈنىدىن 13- كۈنىگە ئېلىپ بېرىلىدۇ. لىكىن پايدا ئايرىش ۋاقتى يەرمەنكە شىركىتىنىڭ ئومۇمىي ھېسابات بۇغۇپ ئاخىرلاشقان ۋاقتى ئۆلچەم قىلىنىدۇ. يۇقارقى دىيىلگەن تەپسىلاتلار تېخىمۇ تولۇقلىمىسى بىلەن قانۇنلۇق توختامدا چۈشەندۈرۈلگەن.
بەت: [1]
: ئىشەنچلىك مەبلەغ سېلىش پۇرسىتى