qaptikax يوللانغان ۋاقتى 2015-2-2 14:28:47

يازغۇچى–شائىرلارنىڭ تون كىيىشى

يازغۇچى–شائىرلارنىڭ تون كىيىشى  ۋە ئۇلارغا تون كەيدۈرۈش ئادىتىمىز  توغرىسىدا



سادىر تۇرسۇننىياز  (ئۇدۇنلۇق)

( خوتەن مائارىپ ئىنستىتۇتىدىن)



  20-ئەسىرنىڭ 80-يىللىرىدىن كىيىن ئۇيغۇر ئەدەبىياتى يىڭى دەۋىر مۇھىتىغا قەدەم قۇيغاندىن كىيىن ئۇنىڭ ئىچكى قىسمىدىكى تەرەققىياتىدا ئىلگىرى كۈرۈلۈپ باقمىغان  يىڭى ئەدەبىي ھادىسىلەر  كۆپلەپ بارلىققا كەلدى. بۇنداق ھادىسىلەر نۇقۇل ھالدا ئىجادىيەت ئۇسلۇبى، ئېقىمى ، ئىجادىيەت يۈنىلىشى ، يۈزلىنىشى ، ئىجادىيەتنىڭ سان –سۈپەت جەھەتتىن  ئۆزگۈرۈش ياسىشى  قاتارلىق ساھەلەردە  ئىپادىلىنىپلا قالماي ئەكسىنچە ئىجادىيەت سەھنىسىدە ئىجادىيەتچىلەرنىڭ ئىجادىيەت روھىغا ئىلھام –مەدەت-بېرىدىغان ئەدەبىي ئىلمىي  مۇھاكىمە يىغىنلىرى ، سۈھبەت يىغىنلىرى ۋە تۈرلۈك خاتىرلەش پائاليىتى يىغىنلىرىنىڭ ئۆتكۈزۈلۈپ ، ئىجادىيەت سەھنىسىدە قايناق كەيپىياتنىڭ بارلىققا كەلتۈرۈلگەنلىگى قاتارلىق ئەھۋاللارنىڭ بارلىققا كەلتۈرۈلگەنلىگىدە ئىپادە قىلىندى. بۇنداق پائالىيەتلەر  ھەر قايسى جايلاردا ئارقا-ئارقىدىن ئۆتكۈزۈلگەندىن كېيىن ئۇيغۇر ئەدەبىياتى مۇنبىرىدە مۇنداق بىر قانچە تۈرلۈك يىڭى ئەھۋاللار بارلىققا كەلدى . بىرى،   ئۇيغۇر ئەدەبىياتى بىلەن ئۇنىڭ ئۇقۇرمەنلىرى بولغان خەلق  ئوتتۇرسىدىكى مۇناسىۋەت قۇيۇقلاشتى، يازغۇچى- شائىرلارنىڭ خەلقنى چۈشىنىشى ، خەلقنىڭ ئۆز قەلەمكەشلىرىنى بىلىشى ، چۈشىنىشى چوڭقۇرلاشتى، قەلەمكەشلەر ئۆز خەلقى ئۆچۈن ياخشى ئەسەرلەرنى يازسا ئۆز خەلقىنىڭ ئۆزلىرىنى ئۇنتۇپ قالمايدىغانلىقىنى ، ئۆزلىرىنىڭ ئەجرىنى يۇقۇرى باھالاپ ، ئۆزلىرىگە   ھۈرمەت گۈلدەستىسى تۇتىدىغانلىقىنى بىلىشتى. خەلق ئاممىسىمۇ ئۆز يازغۇچى-شائىرلىرىنىڭ ھامان ئۆزلىرىنى ئويلاپ ، ئۆزلىرى ئۆچۈن ئىجادىيەت بىلەن شۇغۇللۇنۇشنى ئۆزلىرىنىڭ مەسئۇلىيىتى ، دەپ بىلىدىغانلىقىنى بىلىپ يىتىشتى. يەنە بىرى ، مۇشۇنداق پائالىيەتلەرنىڭ كۈپلەپ ئۆتكۈزىلىشى بىلەن ئۇيغۇر ئەدەبىياتىدا ئىجادىيەت ئەمەلىيىتى بىلەن ئەدەبىيات مۇھىتى ئوتتۇرسىدىكىمۇناسىۋەت  قۇيۇقلۇشۇپ ، ئۇيغۇر ئەدەبىياتى      ھەر قايسى ژانىرلاردا  ئىجادىيەت بىلەن شۇغۇللىنىدىغان  قەلەمكەشلىرى بولغان،  يېزىلغان ئەسەرلەرنى ئۇقۇيدىغان كىتاپخانلىرى بولغان ، ئەدەبىياتنىڭ تەرەققىياتىنى باھالايدىغان ،  قەلەمكەشلەرگە ئىجادىيەت يۈنىلىشى كۆرسۈتۈپ بىرىدىغان  تەقرىزچى-تەتقىقاتچىللىرى بولغان ۋە ئەدەبىياتنى قوللاپ، ئۇنىڭ گۈللىنىشىنى ئىلگىرى سۈرۈشكە ياردەم بىرىدىغان ، ئۇنىڭ ئەھۋالىغا كۈڭۈل بۈلىدىغان ، يازغۇچى-شائىرلارنىڭ ئەجرىگە، ئىجادىيەت  مۇئاپىقىيىتىگە  مۇئاپىق شەكىل ۋە ئۇسۇلدا مەدەت  بېرىپ ، ئۇلارنى ئىلھاملاندۇرۇدىغان    مەرىپەتپەرۋەر  قوللۇغۇچىللىرى بولغان ئەدەبىيات بۇلىشى كۈز يۇمغۇلى بولمايدىغان پاكىتقا ئايلاندى.  ئۇيغۇر ئەدەبىياتى بۇنداق ئىمكانىيەتلەرگە ئېرىشكەندىن كىيىن زور مۇئاپىقيەتلەرگە ئېرىشىش   يۈنىلىشى بۇيىچە ئىلگىرلەشكە باشلىدى ۋە بىزگە ئۆز تەرەققىيات يۇلىدا بارلىققا كەلگەن، يۈز بەرگەن ھادىسىلەرنىڭ تەرەققىيات ئەھۋالىنى خۇلاسە قىلىپ  ، بۇ ھەقتىكى  تەجىربىلەرنى يەكۈنلەپ ، ئۆزىنىڭ بۇندىن  كىيىنكى  تەرەققىياتىغا پايدىسى، ياردىمى بولىدىغان پىكىر يۇلىنى ئوتتۇرغا قۇيۇش   بوشلۇقۇنى قالدۇردى. نۆۋەتتە ئەدەبىياتىمىزنىڭ بۇ جەھەتتە بىزگە قالدۇرغان پىكىر يۇلى بوشلىقى كۆپ بۇلۇپ ، بۇلارنىڭ ئىچىدە نۆۋەتتە جىددىي مۇئامىلە قىلىپ ھەل قىلىشقا تىگىشلىك بولغىنى  دەل نۆۋەتتە ھەر خىل ناملاردا، ھەر خىل شەكىل ۋە ئۇسۇلدا  ئېلىپ بېرىلىۋاتقان يازغۇچى-شائىرلارغا تون كىيدۈرۈش پائالىيىتى ئەھۋالاتلىرىدۇر.چۇنكى، بۇ پائالىيەت بىزدە ئېلىپ بېرىلىۋاتقىلى  چارەك ئەسىرىدىن ئاشتى، ئۆرۈمچىنى مەركەز قىلغان ھالدا ھەر قايسى جايلاردا  كۆپلەپ ئېلىپ بېرىلغان بۇنداق پائالىيەتلەر بىزدە بىر ئەدەبىي ھادىسە ۋە ياكى مۇھىم ئەدەبىي ئىلمىي پائالىيەت سۈپۈتىدە گەۋدىلىنىپ ، ئۇمۇمىي ئەدەبىي ئىشلار تەرەققىياتىنىڭ مۇھىم تەركىبى قىسمىغا ئايلاندى .بۇ پائالىيەت ھېلىھەم ئېلىپ بېرىلىۋاتىدۇ،  نۆۋەتتە بۇ پائالىيەت جايلاردا ئارقا-ئارقىدىن داغدۇغۇلۇق ھالدا ئېلىپ  بېرىلىۋاتقان بولسىمۇ لېكىن بۇنداق پائالىيەتلەرنى ئېلىپ بېرىش جەريانىدا بىلىپ-بىلمەي سادىر قىلىۋاتقان تۆرلۆك سەۋھەنلىكلىرىمىز ۋە بۇ ھەقتىكى غۇلغۇلىلار  بىزنى بۇ ھەقتە ئويلۇنشقا مەجبۇر قىلماقتا ،  بىزنى بۇ پائالىيەتنى  مۇكەممەل رەۋىشتە بىر كاتتا ئەدەبىي پائالىيەت سۈپىتدە ئېلىپ بېرىشنىڭ يۇلىنى ئاپرىدە قىلىشقا چاقىرماقتا .  مەن بۇ ھەقتە پىكىر-مۇلاھىزە يۈرگۈزۈپ كەسپداشلار بىلەن ئورتاقلىشىشنى مۇئاپىق كۈردۈم.
1 `: \' H7 A+ S! D/ `شۇنى كۈرسۈتۈش كىرەككى، يازغۇچى-شائىرلارغا تون كىيدۈرۈش پائالىيىتى ئەژداتلىرىمىزنىڭ تۇرمۇشىدا بار بولغان ئۆزلىرىنىڭ تۈھپىكار ، باتۇر ئەزىمەتلىرىنى  ھەر خىل ئۇسۇلدا تەبرىكلەش ، ئۇلارغا  تونلارنى يېپىپ ، ئۇلارغا ئىلھام - مەدەت بىرىش، ئۇلارنىڭ تۈھپىسىنى ئۇلۇغلاش، ئۇلارنى ئەتىۋارلاش قاتارلىق ئېسىل ئەنئەنىلىرىنىڭ يىڭى دەۋىردە يىڭىچە قىياپەت بىلەن جۇلالىنىشىنىڭ  نامايەندىسىدۇر. مەلۇمكى،ئەژداتلىرىمىزىدىن  بىزگە نۇرغۇن تۇرمۇش ئۈرۈپ –ئادەت ئەنەنىسى ۋە ھاياتلىق ئەنئەنىسى    مىراس    قالغان  بولۇپ ئەنە شۇ مىراسلارنىڭ بىرى ئۇلارنىڭ ئەل ئۈچۈن ھەر قايسى سەپلەردە ، ساھەلەردە قان –تەر ئاققۇزۇپ تۈھپە ياراتقان باتۇر- باھادىر ئەزىمەتلەرنى، ئالىم-ئەللامىلارنى ، سەنئەتكارلارنى، جامائەت ئەرباپلىرىنى ، مەردۇ-مەردانىلارنى ھەر خىل ئۇسۇلدا يەنى ئات- تۈگە ، يەر-زىمىن تەقدىم قىلىش،    تون يېپىش ئارقىلىق  مۇكاپاتلىغان ۋە تەبرىكلىگەن ئەنئەنىسىدۇر.  بىز بۈگۈنكى كۈندە ئەنە شۇ مىراسلارنىڭ  قېلىپلاشقان  چەمبىرىگى دائىرىسىدە   بۇ پائالىيەتنى داۋام قىلدۇرۇۋاتىمىز. بۇلار بىزگە  ئەژداتلىرىمىزدىن بىزگە ئۇدۇم بولۇپ كەلگەن بۇ ئەنئەنلەرنىڭ  كۇپ قىرلىق ۋە قېلىپلاشقان شۇنداقلا  مۇنتىزىملاشقان خۇسۇسىيەتكە ئىگە  مىزانلار ئىكەنلىگىنى ،  بۇ مىزانلارنىڭ  ھازىرغىچە ئۆزىنىڭ  كۈچىنى يۇقاتمىغانلىقىنى كۆرسۈتۈپ بىرىدۇ.  شۇڭا بۇگۈنكى كۈندە بىز نۇرغۇن ئىشلىرىمىزنى مۇشۇ مىراس، ئەنئەنىلەر ئاساسىدا ئېلىپ بېرىۋاتىمىز. ئەلبەتتە،  بۇگۈنكى كۈندە ئەدەبىيات تۇپرىقىمىز مۇھىتىدا  ئېلىپ بېرىۋاتقان قەلەم ساھىبلىرىغا تون كەيدۈرۈش پائالىيەتلىرىمزمۇ دەل بىزنىڭ ئەژداتلىرىمىزدا ئۈزلىرىنىڭ تۈھپىكار پەرزەنتلىرى شەرىپىگە تون يېپىش ئارقىلىق ئۇلارنىڭ ئەل-ئاۋامغا كۈرسەتكەن ھىممىتىگە جاۋاپ قايتۇرۇش ئەنئەنىسىگە ۋارىسلىق قىلغانلىقىمىزنىڭ دەلىلىدۇر.  ئۆز نۆۋىتىدە  بۇنىڭدىن بىز زامانىۋىي دۇنيا مۇھىتىدا  ئۈزىمىزنىڭ ئەنئەنىمىزنى تۇلۇق ئۇنتۇپ كەتمگەن قەۋىم ئىكەنلىگىمىزنى بىلىپ ئالالايمىز.ئۇنداقتا   نىمە ئۈچۈن  بۇنداق  پائالىيەتلەر داۋاملىق ئېلىپ بېرىلىۋاتقان شارائىتتا  بۇنداق پائاليەت  ۋە بۇنداق پائالىيەتنى ئۆتكۈزۈشنىڭ ئەھمىيىتى ھەققىدە مۇھاكىمە- مۇنازىرە ئېلىپ بېرىشنىڭ زۈرۈرلىگىنى ئوتتۇرغا قۇيىمىز ؟ ئەژداتلارنىڭ  بۇ ھەقتىكى ئۇدۇمىنى سېغىنىمىز؟  چۈنكى،  بىز نۈۋەتتە بۇنداق پائالىيەتلەرنى ئارقا-ئارقىدىن ئېلىپ بېرىۋاتقان بولساقمۇ لېكىن  بۇنداق پائالىيەتلەرنى ئېلىپ بېرىشتا  ئالدىراڭغۇلۇق قىلىش، قول ئۇچچىدا ئەپلەپ-سەپلەپ قىلىۋېتىش ، ماھايەتنى تۇتماي شەكىلگە ئېتىبار بېرىش قاتارلىق ئىللەتلەرنى سادىر قىلىشتىن ساقلىنالمايۋاتىمىز، ئۇندىن باشقا يەنە نۈۋەتتە  بۇ پائالىيەتنىڭ  ئېلىپ بېرىلىشى سۈرئىتى، شەكلى، ئۇسۇلى ھەققىدە  ئوخشاش بولمىغان پىكىر ۋە قاراشلارنىڭ ئوتتۇرغا چىقىشىدىن ساقلىنالمايۋاتىمىز.   نۆۋەتىكى ئەھۋالدا بۇ ھەقتىكى   پىكىر ۋە قاراشلارنىڭ مەركىزى نۇقتىسى « يازغۇچى-شائىرلار ھاياتىدا چۇقۇم تون كىيىشى كېركمۇ ؟  يازغۇچى-شائىرلارغا تون كىيدۇرۇشنىڭ مۇئاييەن قېلىپى بارمۇ؟ قانداق يازغۇچى-شائىرلارغا تون كىيدۇرۇش كىرەك ؟ توننى قانداق يازغۇچى –شائىرلار كىيىشى كىرەك؟ توننى  ئىجادىيەتتىكى سانغا كىيگۈزۈش كېرەكمۇ   ياكى سۈپەتكىمۇ ؟  توننى   يازغۇچى-شائىرلارغا قانداق كىيگۈزۈش كىرەك، يازغۇچى-شائىرلار توننى قانداق  كىيىشى ۋە قانداق ئەھۋال ئاسىتىدا كىيىشى كىرەك ؟ » دىگەن مەسىلىلەردىن ئىبارەت  بولۇپ ، بۇ پىكىر ۋە قاراشلار  بۇ ئىشقا ئەستايىدىل پوزۇتسىيە تۇتىشىمىزنىڭ لازىملىقىنى چۈشەندۈرۈپ  بىرىدۇ.  ئالدى بىلەن شۇنى مۇئايەنلەشتۈرۈش كىرەككى، ئەدەبىيات مۇھىتىدا بۇنداق پىكىر ۋە قاراشلارنىڭ ئۇتتۇرغا چىققىنى ياخشى ئىش بولۇپ ئۇ  ئۆز نۆۋىتىدە كىشىلەرنىڭ ئەدەبىياتىمىزغا ، ئەدەبىياتىمىزنىڭ تەرەققىياتىغا ، يازغۇچى-شائىرلارنىڭ تۇرمۇشىمىزدىكى ، ھاياتلىقىمىزدىكى رولىغا ، مەۋجۇتلىقىمىزدىكى قىممىتىگە كۆڭۆل بۆلىۋاتقان كەيپىياتىنى نامايەن قىلىپ بىرەلەيدۇ.شۇڭا  ئەدەبىياتىمىز تەرەققىياتىدا بارلىققا كەلگەن بۇنداق سادالارغا  توغرا مۇئامىلە قىلىشىمىز ۋە قەلەمكەشلەرگە تون ياپىدىغان بۇنداق   يىڭى ئەدەبىيات ھادىسىسىنىڭ ئەھمىيىتى، قىممىىتگە  قارىتا  ئەستايىدىل پوزۇتسىيە تۇتۇشىمىز،     ئەل –جامائەتنىڭ بۇ ھەقتىكى ساداسىغا قۇلاق سېلىپ ، نۇۋەتتە ئۆتكۇزىۋاتقان يازغۇچى-شائىرلارغا تون كەيدۇرۇش پائالىيىتى بىلەن ئاۋامنىڭ بۇ ھەقتىكى   ساداسىنىڭ جەۋھىرىنى بىرلەشتۈرۈش ئارقىلىق   تون كەيدۈرۈش پائالىيىتى  ئۆتكۈزۈش ئارقىلىق يەتمەكچى بولغان ئىجادىيەتنى گۈللەندۈرۈش  نىشانىغا پايدىلىق بولغان    بىر يولنى تېپىپ چىقىشقا زېھنىمىزنى مەركەزلەشتۈرۈشىمىز كىرەك .  بۇ، ئۆز نۆۋىتىدە ئەدەبىيات كوچىسىغا كىرگەن ھەر-بىر  قەلەم ساھىبىنىڭ ئورتاق ۋەزىپىسىدۇر.ئەگەر بىز بۇ مەسىلىگە ۋاقتىدا  ،  ئەستايىدىل مۇئامىلە قىلمىساق ، بۇنداق پائالىيەتنى ئۆتكۈزۈشنىڭ ئۇمۇم ئېتىراپ قىلغان ئۇسۇلىنى ، يۇلىنى تاپمىساق  ئەدەبىياتىمىز تۇپرىقىدا يىڭىدىن بارلىققا كەلگەن  بۇ     يىڭى شەئىنىڭ ئەھمىيەتلىك پائالىيەت ئەمەس بەلكى  قەدىرسىز پائالىيەت بولۇپ قېلىشىنىڭ سەۋەپچىسى بولۇپ قالىمىز. بۇ  پائالىيەتنىڭ تۇنجۇقۇپ قېلىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىشقا ئۆلگۈرەلمەي تارىخ ئالدىدا گۇناھكار ئادەملەرگە ئايلىنىپ قالىمىز.يازغۇچى-شائىرلارنىڭ  يۇقۇرى ۋە مەڭگۈلۈك ئىززەت- ھۆرمەتكە  سازاۋەر ئادەملەردىن بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلالمايمىز.)
     بىزگە مەلۇمكى،  يازغۇچى-شائىرلارغا تون كىيدۈرۈش خەلقىمىزنىڭ قەلەم ساھىبلىرىنى ئۆزلىرىنىڭ تۆھپىكار كىشىللىرى ، دەپ قارىغانلىقىنىڭ نامايەندىسى بولۇپ ھىساپلىنىدۇ. دىمىسىمۇ بۇ بىر مۇتلەق ھەقىقەت بولۇپ  ، خەلقىمىز تارىختىن بۇيان  ئۆز يازغۇچى-شائىرلىرىنى بولۇپمۇ  ئەسەرلىرىدە ئۆزلىرىنىڭ تۇرمۇشىنى ئەكس-ئەتتۈرگەن،ئۆزلىرىنىڭ ئارزۇ- ئارمانىنى نامايەن قىلغان، ئۆزلىرىنىڭ  ۋەكىللىرىنىڭ ئوبرازلىرىنى ياراتقان ، ئىجادىيەت ۋە تۇرمۇشتا  ئۆزلىرى بىلەن نەپەسداش، تەقدىرداش بولغان ، ئۆزلىرىنىڭ ئوتىدا كۈيۈپ ، سۈيىدە ئېقىپ ياشىغان   قەلەم ساھىبلىرىنى يۈكسەك دەرىجىدە ئەتىۋارلاپ كەلگەن ، ھاياتلىقىدا ئۇلارنى ئۆزلىرىنىڭ ۋەكىلى، پەخىرلىك ئوغلانى ، يول باشچىسى، سەركىسى دەپ بىلگەن شۇنداقلا ئۇلارنىڭ ئەسەرلىرىنى ئۆزلىرىنىڭ  مەنىۋىي –روھى تۆۋرىگى، ئوزۇقى  ، دەپ بىلىپ كەلگەن.دەل شۇ سەۋەپتىن ئەدىپلەر  ئەتىۋارلانغان ، تۆھپىللىرى بەدىلىگە    ئەل-يۇرتنىڭ پاسىبانلىرى بولغان  خان-پادىشاھلارنىڭ ئەتىۋارلاپ ئىشلىتىشلىرىگە، خاس نام بىلەن تارتۇقلاشلىرىغا نائىل بولغان .    ئۇلارنىڭ ۋاپاتىدىن كىيىن  بولسا خەلقىمىز ھەر خىل شەكىلدە ئۇلارنى ياد ئېتىپ كەلگەن، بۇ جەھەتتە  ئۇلارنىڭ  قەبرىللىرىنى ھەشەمەتلىك ، پۇختا ياساتقان ، ئۇلار ئۈچۈن قەبرە تېشى تۇرغۇزغان، ئۆزلىرى ئۈچۈن يېزىپ تەقدىم قىلغان ئەسەرلىرىنى ئۆزلىرىنىڭ مەنىۋىي ئۇزۇقى، مىللەتنىڭ مەنىۋىيەت غەزىنىسىگە قۇشۇلغان  قىممەتلىك مىراس ، دەپ قاراپ شۇ قاراشنىڭ تۆرتكىسىدە  ئۇلارنىڭ   ئەسەرلىرىنى    يىغىش، توپلاش،  ساقلاش، نەشىر قىلىش،ناخشا قىلىپ ئوقۇش   ئىشلىرىنى قىلىش ئارقىلىق ئۇلارغا بولغان سېغىنىشلىرىنى نامايەن قىلغان.  ئۇلارنىڭ ۋاپاتى ئۈچۈن مەرسىيە،قەسىدىلەرنى يازغان ،  ئۇلار ئۈچۈن خاتىرە  ئۆيى سالغۇزغان، ئۇلارنىڭ ھەيكەللىرىنى تۇرغۇزغان.     بۆگۆنكى كۈندە خەلقىمىز ئەژداتلارنىڭ  مۇشۇنداق  ئىسىل ئەنئەنىسىنى نۇرلاندۇرۇپ  ئەدەبىيات ساھەسىدىكى نۇرغۇن تۆھپىكارلارنىڭ تۆھپىللىرىنى  ھەر خىل شەكىلدە قۇتلۇقلىماقتا .  تون كەيدۈرۈش-نۆۋەتتە  زامانىمىز كىشىللىرىنىڭ ئۆزلىرىنىڭ  تۆھپىكار ئەدىپلىرىگە  بولغان ھۈرمىتىنى ، قايىللىقىنى ، چىن ئىخلاسىنى نامايەن قىلىشنىڭ بىر خىل ۋاستىسى بولۇپ ئۇ  ،خەلقىمىزنىڭ قەدىرلەشكە تىگىشلىك بولغان بىر خىل روھىنىڭ نامايەندىسىدۇر.    چۆنكى، يازغۇچى-شائىرلىرىمىز قوللاشقا، ئىلھامغا، مەدەتكە، چۈشۈنۈشكە مۇھاج . بولۇپمۇ ئۆز خەلقىنىڭ قوللىشىغا مۇھتاج.ئەمما گەپ بۇنداق قوللاشنى قانداق شەكىلدە نامايەن قىلىش مەسىلىسىدە بولۇپ ، بۇ مەسىلە  نۆۋەتتىكى ئەدەبىيات ساھەسىدە كۈڭۈل بۈلۈش زۈرۈر بولغان مەسىلە ھىساپلىنىدۇ.
       مەن يېقىندا  20-ئەسىرنىڭ 80-يىللىرىدىن كىيىن ئەدەبىيات مۇھىتىمىزدا ئېلىپ بېرىلغان بۇنداق پائالىيەتلەرنى« ئۇيغۇر ئەدەبىياتى مۇنبىرىدە ئۆتكۈزۈلگەن  يازغۇچى-شائىرلار ئىجادىيەتلىرى مۇھاكىمە يىغىنلىرى ئەھۋالى ھەققىدە » ، دىگەن نامدا  قەلەمگە  ئېلىپ ،ئۇيغۇر ئەدەبىياتى مۇنبىرىدە ئۆتكۈزۈلگەن بۇنداق يىغىنلار ئەھۋالىدىن   ئەدەبىيات تارىخى ئۈچۈن خاتىرە قالدۇرۇپ قۇيۇشنى  مەقسەت قىلدىم. بۇنىڭدا ئالدى بىلەن  ئۇيغۇر يىڭى دەۋىر ئەدەبىياتىدا ئۆتكۈزۈلگەن خاتىرلەش،  ئىجادىيەت مۇھاكىمە يىغىنلىرى    ۋە تون  كىيدۈرۈش پائالىيەتلىرىنىڭ ئەھۋالىنى رەتلەپ چىقتىم .بۇنداق پائالىيەت بىزدە تۇنجى قېتىم 1982-يىلى 11-ئاينىڭ  17-كۈنى ئۈرۈمچى خەلق تىياتىرخانىسىدا   جۇڭگۇ  يازغۇچىلار جەمئىيىتى شىنجاڭ شۇبىسى تەرىپىدىن « لۇتپۇللا مۇتەللىپ تۇغۇلغانلىقىنىڭ 60 يىللىقىنى خاتىرلەش يىغىنى»  نامىدا ئۆتكۈزۈلگەن بولۇپ ،  شۇ ۋاقىتتىن باشلاپ ھىساپلىغاندا 2014-يىلىنىڭ ئوتتورلىرىغا  قەدەر تەخمىنەن 160قېتىم ( ئادەم قېتىم ) ۋاپات بولغان قەلەم ساھىبلىرىنىڭ ۋاپاتىنى خاتىرلەش،ھاياتلارنىڭ ئەسەرلىرى ھەققىدە  ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى ئېچىش،  ئۇلارغا  تون كەيدۈرۈش پائالىيىتىنىڭ ئۆتكۈزۈلگەنلىگى مەلۇم بولدى.  بۇنداق پائالىيەتلەر  مەركىزى شەھەر ئۈرۈمچىنى مەركەز قىلغان ھالدا  تەڭرى تاغلىرىنىڭ جەنۇبي ۋە شىمالىي قىسىملىرىدىكى ئىلى، قاراماي، تۇرپان ، قۇمۇل، كورلا، ئاقسۇ، ئاتۇش، قەشقەر، خوتەن قاتارلىق ۋىلايەت –ئوبلاستلاردا، بۇ جايلارغا قاراشلىق ناھىيە- شەھەرلەردە  ئۆتكۈزۈلگەن بولۇپ، بۇ يىغىنلار كىلاسسىك شائىرلارنىڭ تۇغۇلغان ، ۋاپات بولغان خاتىرە كۈنلىرىنى خاتىرلەش يۈزىسىدىنمۇ ئۆتكۈزۈلگەن، ھايات ياشاۋاتقانلارنىڭ 80 ياشقا، 70 ياشقا ،60 ياشقا تولغان كۈنىنى خاتىرلەش  يۈزىسىدىنمۇ ئۆتكۈزۈلگەن، ھايات ياشاۋاتقانلارنىڭ ئىجادىيەت ھاياتىنىڭ 50 يىللىقىنى، 40 يىللىقىنى ، 30 يىللىقىنى خاتىرلەش يۈزىسىدىنمۇ ئۆتكۈزۈلگەن، ھايات ئەدىپنىڭ مەلۇم بىر  ۋەكىللىك ئەسىرىنى قۇتلۇقلاش يۈزىسىدىنمۇ ئۆتكۈزۈلگەن، مەلۇم بىر قەلەمكەشنىڭ بىر پۈتۈن ئىجادىيەت ھاياتىغا باھا بىرىش مۇناسىۋىتى بىلەنمۇ  ئۆتكۈزۈلگەن،پىرۇزا ئىجادىيەتچىللىرى ئۆچۇنمۇ ئۆتكۈزۈلگەن، پوئېزىيە ئىجادىيەتچىللىرى ئۈچۈنمۇ  ئۆتكۈزۈلگەن، دىرامما يازغۇچىللىرى ئۆچۈنمۇ، نەسىر يازغۇچىللىرى ئۈچۈنمۇ، ئەدەبىي تەرجىمانلار شەرىپى ئۈچۈنمۇ، ئەدەبىي تەنقىدچىلەر ئۈچۈنمۇ ئۆتكۈزۈلگەن،  مەرھۇملار ئۈچۈنمۇ، ھايات ياشاۋاتقانلار ئۈچۈنمۇ، پىشقەدەملەر ئۈچۈنمۇ، ئوتتۇرا ياشلىقلار ئۈچۈنمۇ، ياشلار ئۈچۈنمۇ، ئالىي مەكتەپتە ئۇقۇۋاتقان ئىستودېنت ھەۋەسكارلار   ئۈچۈنمۇ ئۆتكۈزۈلگەن، ئەر ئاپتورلار  ئۈچۈنمۇ ، ئايال  ئاپتورلار ئۈچۈنمۇ ئۆتكۈزۈلگەن،بۇنداق پائالىيەتلەر يەنە شىنجاڭدا ئۆتكۈزۈلۈش بىلەن بىرگە   ئېلىمىزنىڭ بېيجىڭ، شاڭخەي  قاتارلىق مەركىزىي  شەھەرلىرىدىمۇ ئۆتكۈزۈلگەن، بېيجىڭدىكى   ئالىي مەكتەپ ۋە پەن تەتقىقات ئورۇنلىرىدىمۇ  ئۈتكۈزۈلگەن، ئاساسى قاتلامدىمۇ ئۆتكۈزۈلگەن، بۇنداق پائالىيەت يەنە ھەر خىل ئۇرگان ، ئىدارە جەمئىيەتلەر تەرىپىدىن ھەر خىل نامدا ئۆتكۈزۈلگەن، بۇنداق يىغىنلاردا كۈپۈنچە ھاللاردا  مۇھاكىمىسى بولغان ئەدىپكە تون كەيدۈرۈلگەن بولۇپ ، تون ھەر دەرىجىلىك  ئەدەبىيات-سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسى، يازغۇچىلار جەمئىيىتى، ژورنال تەھرىر بۈلۈملىرى تەرەپىدىن كىيدۈرۈلگەن شۇنداقلا باشقا ئورگانلار تەرىپىدىنمۇ كەيدۈرۈلگەن.  مۇھاكىمە يىغىنلىرى   خەلقئارالىق يىغىن  دەرىجىسىدە ، مەملىكەت دەرىجىلىك  يىغىن ئۆلچىمىدىمۇ ئۆتكۈزۈلگەن، ئاپتۇنۇم رايۇن دەرىجىلىك يىغىن ئۆلچىمىدىمۇ ئۆتكۈزۈلگەن، ۋىلايەت، ئوبلاست ،شەھەر، ناھىيەلەردىمۇ ئۆتكۈزۈلگەن،بۇنداق يىغىنلارنىڭ ئۆتكۈزۈلىشىگە كۇپۇنچە ھاللاردا ھەر دەرىجىلىك پارتكوملارنىڭ تەشۋىقات ئورونلىرى، ئەدەبىيات-سەنئەت تەشكىلاتلىرى، يازغۇچىلار جەمئىيەتلىرى ، ھەر دەرىجىلىك ژورنال  تەھرىر بۈلۈملىرى باش بولغان ۋە يىتەكچىلىك قىلغان .ئىجادىيەت مۇھاكىمىسى بولغان  يازغۇچى-شائىرلارنىڭ  تەرجىمەھالىنىى ، ئىجادىيەت ئەھۋالىنى تۇنۇشتۇرۇش، ئۇلارنىڭ ئىجادىيەت ھاياتى ، ئەسەرلىرىنىڭ مۇئاپىقىيىتى ھەققىدە يېزىلغان ماقالىلارنى ئۇقۇش، ئۇنىڭغا تون يېپىشنى ئاساس قىلغان ھالدا ماددى بۇيۇم تەقدىم قىلىپ كۈڭۈل ئىزھار قىلىش   يىغىن ئېچىشنىڭ ئاساسى شەكلى بولغان ، بۇنداق يىغىنلار قانداق ۋاقىتتا ، قانداق ئەھۋالدا، قانداق نامدا، قانداق ئۇسۇل ۋە شەكىلدە ئۆتكۈزۈلىشتىن قەتئى نەزەر ئۇلارنىڭ ھەممىسىگە  خەلقىمىزنىڭ  يازغۇچى-شائىرلارغا بولغان ھۈرمىتى مۇجەسەملەنگەن بولۇپ، بۇ پائالىيەتلەرنىڭ ئۆتكۈزىلىشى بىر تەرەپتىن خەلقىمىزنىڭ قەلەم ساھىبلىرىنى تۈھپىكار كىشىلەر دەپ بىلىش، ئۇلاردىن پەخىرلىنىش، ئۇلارنى چۇڭ بىلىش جەھەتتىكى پىسخىكىسىنى نامايەن قىلىپ بەرسە يەنە بىر تەرەپتىن  ئۇلارنىڭ قەلەم ساھىبلىرىنىڭ ئەجرىنى مۇئاييەنلەشتۈرۈش، مەرھۇملارنىڭ تۆھپىسىنى ئۇنتۇپ قالماي ، ئۇلارنىڭ تۆھپىسىنى ئەسلەش، ھاياتلارنىڭ ئىجادىيەت روھىغا ئىلھام بىرىش ، ئۇلارنىڭ تۆھپىسىنى مۇئاييەنلەشتۈرۈش  جەھەتتىكى  ياخشى كۈڭۈللىرىنى ، ئەنئەنىسىنى  كۈرسۈتۈپ بىرىدۇ.بۇ ئەھۋاللار بىزنىڭ بۇنداق پائالىيەتنى ئۆتكۈزۈشنىڭ  مۇھىم ئەھمىيىتىنى چۈشۈنۈپ ئېلىشىمىزغا ياردەم بىرەلەيدۇ. بىز بۇنداق پائالىيەتنىڭ مۇھىم ئەھمىيىتىنى  خېلى بۇرۇن چۈشۈنۈپ يەتكەن بولغاچقا بۇنداق پائالىيەتنى ئۆتكۈزۈشنى خېلى بۇرۇنلا باشلاپ  نۇرغۇن قەلەم ساھىبلىرىنىڭ ئىجادىيەت مۇھاكىمە يىغىنلىرىنى ئۆتكۈزۈپ ، ئۇلارنىڭ ئىسمى، نام –شەرىپىنىڭ ۋە تۆھپىللىرىنىڭ كەڭ تارقىلىشىغا ، ئۇلارنىڭ نام شەرىپىنى  ئەل-ئاۋامنىڭ  بىلىۋېلىشىغا ئىمكانيەت ياراتتۇق، يازغۇچى-شائىرلارنىڭ ئەل-ئاۋام  ئارىسىدىكى، جەمئىيەتتىكى ئۇرنىنىڭ يۇقۇرى كۈتۈرىلىشىگە زىمىن ھازىرلىدۇق.يازغۇچىلار ، شائىرلار بىلەن ئەل-ئاۋام ، ھەر تەبىقە كىشىللىرى ئوتتۇرسىدىكى چۈشۈنۈشنى ئىلگىرى سۈرۈشكە شارائىت ياراتتۇق.  شۇڭا ئەدەبىيات مۇنبىرىمىزدە پەيدا بولغان بۇ ئىش ئەدەبىي ئىجادىيەت يۇلىدا ئىزدىنىۋاتقان بارلىق كىشىلەرنىڭ ئېتىرابىغا ، قايىللىقىغا ئېرىشتى  ، بۇ جەھەتتىن ئالغاندا بۇ پائالىيەت داۋاملاشتۇرۇشقا، قەدىرلەشكە تىگىشلىك ئىش سۈپىتىدە ئېغىزغا ئېلىندى.   ئەمما ، بۇنىڭ ئەكسىنچە نۆۋەتتە ئەدەبىيات مۇنبىرىمىزدىكى بىر قىسىم ئاتالمىش « تۆھپىكارلار»نىڭ  بەس- بەس بىلەن تون  كىيىشى، تون كىيىش ھەلەكچىلىگىدە يۈرىشى ، بىر قىسىملارنىڭ  تون كىيىش پائالىيىتىنى  ئىلمىي سورۇن قىممىتىدىن ئايرىپ مال –مۈلۈك ، داستىخان يىغىۋالىدىغان   شەخسىي ئىشقا ئايلاندۇرۇپ  قۇيۇشلىرى، تون كىيىش پائالىيىتىنى ئاددىلاشتۇرۇپ قۇيۇشلىرى، ئۇنى داغۋازلىق مەنمەنچىلىك قىلىشنىڭ يۇشۇرۇن ۋاستىسىغا ئايلاندۇرۇپ قۇيۇشلىرىدەك ئەھۋاللار ئەل-جامائەت، كەسەپداشلار ئارا   سۆز- چۈچەك بولۇپ ، بىزنىڭ بۇ مەسىلە ھەققىدە ئويلۇنۇشىمىزنى تەققەززە قىلغان ئامىللاردىن بولۇپ قالدى. نۆۋەتتە ئەدەبىيات مۇنبىرىمىزدە يۇقۇرىقىدەك ئەھۋالنىڭ كىلىپ چىقىشىغا سەۋەپچى بولغان ئەھۋاللارنى مۇنداق بىر قانچە  نۇقتىغا يىغىنچاقلاشقا بولىدۇ :
" G- `7 z! t/ g2 fبىرىنچى، قەلەمكەشلەرنىڭ تون كىيىش قېتىم سانىنىڭ ئارتىپ كىتىشى  ئەھۋالى.
      مەن يۇقىرىدا ئۆزەمنىڭ مەلۇم بىر زۈرۈرىيەت سەۋبىدىن ئەدەبىيات تارىخىمىزىدا  ئۆتكۈزۈلگەن ئىجادىيەت مۇھاكىمە يىغىنلىرى ئەھۋالىنى ۋاقىت تەرتىبى بۇيىچە رەتلەپ چىققانلىقىمنى تىلغا ئېلىپ ئۆتتۈم ،بۇ جەرياندا مېنى ئەڭ ھەيران قالدۇرغىنى  160 ئادەم قېتىملىق پائالىيەت ئىچىدە ئاز بىر قىسىم  ھايات يازغۇچىلار ئۆچۈن      ئىجادىيەت مۇھاكىمىسى ۋە سۈھبەت يىغىنلىرىنىڭ   بىر قېتىم  ئەمەس بەلكى   ئىككى ھەتتا  ئۆچ نۆۋەت ئۆتكۈزۈلگەنلىگى بولدى، بولۇپمۇ بىر ئادەم ئۆچۈن  ئۆچ قېتىملاپ  ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنلىرىنىڭ ئۆتكۈزۈلگەنلىگى بولدى.    بۇنداق ئەھۋال  ئۇمۇمى پائالىيەت ئىچىدە مەلۇم ساننى ئىگەللىگەن بولۇپ ، بىزدە تۆھپىكارلارنىڭ تۆھپىسىنى ئۇلۇغلاشتەك ئەنئەنىنىڭ بارلىققا كىلىش بىلەن بىرگە ئومۇملىشىشقا باشلىغانلىقىنى كۈرسىتىدۇ.     ئەمما ،ئۇمۇمى پائالىيەتلەر  ئىچىدە ئىجادىيىتى ھەققىدە ئىككى قېتىملاپ  مۇھاكىمە يىغىنى ئۆتكۈزۈلگەنلەرمۇ  خېلى بار بولۇپ  ، بۇنداق  بۇلىشىدىكى سەۋەپنى مەن مۇنداق خۇلاسىلاپ چىقتىم .1) پائالىيەتنى تەشكىللىگەن ئۇرۇن،ۋاقىت، سەۋەپ  ھەر خىل . 2)  شۇ بىر قىسىم كىشىلەرنىڭ تۆھپىسى ھەقىقەتەن زور. 3) جامئەتنىڭ تۆھپىكارلارنىڭ تۆھپىسىنى مۇبارەكلەش، قۇتلۇقلاش جەھەتتىكى ساداسى كۈچلۈك. شۇڭا ،  مۇشۇ سەۋەپلەر تۈپەيلىدىن بىر قىسىم كىشىلەر ھەققىدە مۇھاكىمە يىغىنلىرىنىڭ كۈپلۈپ ئۆتكۈزىلىشىنى  توغرا چۈشۈنۈشكە بولىدۇ. ئەمما بۇ ھال بىزگە بىزنىڭ قەلەمكەشلىرىمىزنىڭ نام –ئاتاققا، ئابرۇيغا ، شان –شەرەپكە بەكمۇ ھېرىسمەن بۇلۇشتەك ئاجىزلىقىنىمۇ  كۈرسىتىپمۇ بىرىدۇ. ئەڭ ئەجەپلىنەرلىگى بىزنىڭ ئايرىم  ياش يازغۇچىللىرىمىزنىڭ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە بىر قېتىم ئەمەس ھەتتا ئىككى قېتىملاپ ئىجادىيەت مۇھاكىمە  يىغىنىنىڭ ئىگىسى بولۇپ قالغانلىقتەك ئەھۋال ئادەمنى ئەجەپلەندۈرىدۇ  . بۇ ھال ئادەمدە : « بىزنىڭ يازغۇچىللىرىمىز ھەر پارچە ئەسەر نەشىر قىلدۇرسا بىر قېتىم ئىجادىيەت مۇھاكىمە يىغىنى ئۇيۇشۇتۇرۇشقا ، ئۇنىڭ بەدىلىگە تون كىيىشكە تۇرغانمىدۇ؟» دىگەن سۇئالنى پەيدا قىلىدۇ. مەن بۇنداقلارنىڭ ئىجادىيىتىگە نەزىرىمنى ئاغدۇردۇم ، بۇگۇنكىدەك  ئىجادىيەتكە ، قەلەمكەشلەرگە ئىلھام بىرىش تەكىتلىنىۋاتقان كۈندە ئۇلارنىڭ روياپقا چىقارغان نەرسىللىرىنىڭ بىر قېتىملىق ئەنجۈمەنگە يارايدىغانلىقىنى ھىساپقا ئالمىغاندا يەنە بىر قېتىملىقىنىڭ ئۇلارنىڭ ئىجادىيەتنى تىللا تۈكۈلىدىغان دەرەخكە ئايلاندۇرۇشنى مەقسەت قىلغانلىقى كۈز ئالدىمدا زاھىر بولدى.  مىنىڭ بۇ ھۈكۈمىمگە قارىتا  « قەلەمكەشلەر جاپالىق ئىجادىيتى بەدىلىگە بۇنداق شەرەپكە نائىل بولسا نىمە بوپتۇ » دەيدىغان قاراشتا بۇلىدىغانلار بۇلىشى  مۇمكىن ،  مەن قەلەمكەشلەرنىڭ  بۇنداق جاپا بەدىلىگە  مۇناسىپ قەلەم ھەققىگە  ، ئىززەتكە ئېرىشكەنلىگىنى يۇقۇرىقىدەك  ئۇيدا بولغۇچىلارنىڭ  سەمىگە سېلىپ قۇيۇش بىلەن بۇ ھەقتىكى قاراشنى ئارتۇقچە شەرھىلەشنى ۋاقىت ، زېھىن ئىسراپچىلىقى دەپ بىلىپ ، بۇ ھەقتە ئارتۇقچە توختالماسلىقنى لايىق تاپتىم . بىلىش كىرەككى، بىر ئاپتۇر ياخشى ئەسەرنى قانچە كۈپ يازسا ئۇنىڭ بەدىلىگە ئىجادىيەت مۇھاكىمە يىغىنى ئۇيۇشتۇرۇلۇش، ئۇنىڭ شەرىپىگە تون كىيىش ئىمتىيازىغا ئىگە بولسا بولىدۇ، ئەمما تايىنى بولمىغان نەشىر يۇملىرى ئۆچۇن  ئاللىقانداق ۋاستە ، يول بىلەن    بۇنداق ئىمتىيازغا ئىگە بولسا بولمايدۇ، بولۇپمۇ خەلقنىڭ كۈڭلى، ھۈرمىتى بولغان توننىڭ قىممىتىنى يەرگە ئۇرسا بولمايدۇ. شۇڭا قەلەم ساھىبلىرى مۇھاكىمە يىغىنلىرىنىڭ سانى مەسىلىسگە دىققەت قىلىشلىرى كىرەك . ئەگەر مۇھاكىمە يىغىنلىرىنى كۆپ ئېچىش ۋە تون كىيىش قېتىم  سانىنى   ئاشۇرۇرش بەدىلىگە ياخشى ، سۈپەتلىك ئەسەرلەرنى  ئىجات قىلىشقا كاپالەتىك قىلغانلار بولسا  ۋە قىلىدىغانلار بولسا ئۇنىڭ يۇلى باشقا.بۇ يەردە مۇنداق ئىككى ئىشنى كەسپداشلارنىڭ سەمىگە سالغۇم كىلىدۇ،  بىرى، كىلاسسىك ئەدەبىياتىمزدا شائىر  ئەلشىر ناۋائى ھەزرەتلىرىگە  « خەمسە » ناملىق داستانلار توپلىمىنى يازغانلىقى ئۈچۇن  ئۇنىڭ دوستى، پادىشاھ  ھۈسەيىن بايقارانىڭ ئۇنى تارتۇقلاش ئۈچۈن ئۇنىڭغا  پەقەت  بىر دانە تون تەقدىم قىلغانلىقى ھەققىدىكى رىۋايەتنىڭ نەۋائىشۇناسلارنىڭ ئېغىزىدا ھېلىھەم زىكرى قىلىنۋاتقانلىقى ، يەنە بىرى، ھازىرقى دۇنياۋىي ئەدەبىيات مۇنبىرىدە دۇنياۋىي كاتتا مۇكاپات بولغان نوبېل ئەدەبىيات مۇكاپاتىنىڭمۇ بىر يازغۇچىغا پەقەت بىرلا قېتىم نىسىپ بولىدىغانلىقى مەسىلىسى. بۇنىڭ ئالدىنقىسىدا توننىڭ ئېتىبارىنىڭ قىلىنغانلىقى ئوتتۇرغا قۇيۇلۇش بىلەن بىرگە ئۇنى   قانداق ئادەملەر  قانداق ئەھۋال ئاستىدا  كىيسە  بولىدىغانلىقى ، قانداق ئادەملەر كىيگۈزسە بولىدىغانلىقى  مەسىلىسى گەۋدىلەندۈرۈلگەن بولسا ،كىيىنكى مىسالدا ئالىي مۇكاپاتنىڭ  بىر ئادەمگە بىرلا قېتىم نىسىپ بولسا ئەھمىيەتلىك بولىدىغانلىقى گەۋدىلەندۈرۈلگەن. مۇشۇ مىساللارغا قاراپ بىزدىكى بىر ئادەمنىڭ ھاياتىدا بىر قانچە قېتىم تون كىيىش ئىشىغا نىمە دىگۈلۈك؟
    ئىككىنچى ، تون  كەيدۈرۈش مۇدۇئاسىنىڭ نىشاندىن چەتنەپ   كىتىشى ئەھۋالى.   
     ئادەتتە بىر قەلەم ساھىبىغا  تون كەيدۈرۈش پائالىيىتى نۇقۇل ، توغرىدىن –توغرا، بىۋاستە ئېلىپ بېرىلمايدۇ، ئۇ بىراۋنىڭ ئىجادىيىتى ھەققىدە  ئەدەبىي ئىجادىيەت ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى  ئۇيۇشتۇرۇش نامىدا ۋە شۇنداق ئالدىنقى شەرت ئاستىدا  ئېلىپ بېرىلىدۇ، ئىجادىيەت مۇھاكىمە يىغىنى دىگەن نام ئاستىدا ئېلىپ بېرىلغان پائالىيەت- تون  كىيىش ۋە كەيدۈرۈش پائالىيىتىنىڭ ئاساسى بولۇپ ھىساپلىنىدۇ. ئىجادىيەت مۇھاكىمە يىغىنى ئۇيۇشتۇرۇش- تون كەيدۈرۈش پائالىيىتى ئېلىپ   بېرىشنىڭ   ئالدىنقى ۋە تۆپكى شەرتى بولۇپ ، بۇنداق پائالىيەت ئېلىپ بېرىلمىسا  تون كىيىش، كەيدۈرۈش پائالىيىتى بولمايدۇ.چۈنكى ، بۇنداق يىغىنلاردا  ئىجادىيەت مۇھاكىمىسى بولغان يازغۇچى-شائىرلارنىڭ ئىجادىيەت يولى، ئەسەرلىرىنىڭ ھەر تەرەپلىمە ئەلاھىدىلىگى  ھەققىدە مۇھاكىمىلەر، پىكىر-مۇلاھىزىلەر بولۇپ ، ئۇنىڭ ئەدەبىي ئىجادىيەت ساھەسىدىكى ئۇتۇقى كۈرسۈتۈپ بىرىلىپ ، ئۇنىڭغا تون كەيدۈرۈشكە ئاساس سېلىنىدۇ.   بۇ يەردە ئىجادىيەت مۇھاكىمە يىغىنلىرى ئېچىشنىڭ مەقسىدىنىڭ  يازغۇچى-شائىرلارنىڭ ئىجادىيىتى ھەققىدە مۇھاكىمە ئۇيۇشتۇرۇپ، ئۇنىڭ  ئىجادىيەت يۇلى، ئىجادىيەت ئالاھىدىلىگى    ئىجادىيەت مۇئاپىقىيىتىنى  خۇلاسىلاپ ، بۇ ئارقىلىق ئۇنىڭ ئەدەبىيات تارخىدىكى ئورنىغا باھا بىرىش،ئۇنىڭ ئۇتۇقلىرىنى  مۇئاييەنلەشتۈرۈش    ئارقىلىق باشقىلارغا ئىلھام بىرىشكە ئاساس سېلىش ئىكەنلىگى ئېنىق.  گەرچە ئەھۋال شۇنداق   بولسىمۇ لېكىن بىزدە بۇنداق پائالىيەتتە ئەدەبىي ، ئىلمىي  مۇھاكىمە ئاز ،مۇھاكىمە  ئاددىي بولۇپ ئەكسىنچە تون كەيدۈرۈشنى ئاساس قىلغان كۈڭۈل ئىزھار قىلىش  ئىشلىرى ۋاقىتنىڭ كۈپ قىسمىنى ئىگەللەپ كىتىۋاتىدۇ، ئارقا-ئارقىدىن كەيدۈرۈلگەن تون نامىدىكى ئۇزۇن چاپانلار ، يەكتەكلەر،كۈڭۈل سوۋغىسى سۈپۈتىدە  تۇتۇلغان دەستە-دەستە گۈللەر، تەقدىم قىلىنغان نەق پۇللار ئادەمدە « بۇ ئىجادىيەت مۇھاكىمە يىغىنى ئۇيۇشتۇرۇش ئارقىلىق تون كىيىش پائالىيىتىمۇ ياكى ئىجادىيەت مۇھاكىمىسى بولغان  يازغۇچى-شائىرلارنىڭ  شۇ نامدا ماددىي بۇيۇم يىغىۋالىدىغان تۇي مۇراسىمىمۇ ؟» دىگەن گۇماننى قوزغايدۇ.  دىمىسمۇ بىزدە ئەھۋال شۇنداق بۇلىۋاتىدۇ. بىز بۇنداق يىغىنلارغا قاتناشساق يىغىندا مەلۇم بىر قەلەمكەشنىڭ ئىجادىيىتى ھەققىدە ئۆقۇلغان ماقالىلارنىڭ سەۋىيەسىنىڭ ئاددىيلىقى، كېلەڭسىزلىگى، چۇۋالچاقلىقىدىن ھەيران قالىمىز،  تون كەيمەكچى بولغان ئادەمنىڭ تون كىيىشكە سەۋەپ بولغان ئىشلىرى، تۆھپىللىرى ھەققىدە چۈشەنچىگە ئىگە بولالمايمىز.ئادەتتە  بۇنداق سورۇندا شۇ ئادەمنىڭ تۆھپىسى، ئىزگۈ ئىشلىرى بىر-ئىككى ئادەم تەرەپىدىن ئەمەس بەلكى بىر قانچى نەپەر كىشى تەرىپىدىن ئۇخشاش بولمىغان نۇقتىدىن قىسقا، ئىخچام ئوتتۇرغا قۇيۇلغان بولسا ئوبدان بولاتتى.يىغىن كەيپىياتى ياخشى بۇلاتتى، بۇنىڭ يىغىن قاتناشقۇچىللىرى ئۈچۈنمۇ يىتەكلەش، ئىبرەت ئېلىش رولى بولغان بولاتتى.  ئەمما  بىزدە  ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنىدىن ئىبارەت مەنپەئەت  خاراكتىرلىك پائالىيىتىنىڭ ئۇرنىنى تون كىيىشىتىن ئىبارەت رەسمىيەت   خاراكتىرلىك پائالىيەت ئىگەللەپ كىتىۋاتقان بولغاچقا تون كەيدۈرۈش ئىشلىرىمىز ئەسلى نىشاندىن چەتنەك كىتىۋاتىدۇ .توننى  تون كەيگۈچىگە رەسمىيەت ئۆچۈنلا كەيدۈرىۋاتىمىز .
    ئۈچىنچى،ئاددىي، ئادەتتىكى كىيىملەرنىڭ تون ئۇرنىدا تون كەيگۈچىگە كۈپلەپ كەيدۈرىلىشى بىلەن ھەقىقى تون  ۋە تون كەيدۈرۈشنىڭ پاخاللىشىشقا يۈزلىنىشى  ئەھۋالى
   ىمە ئۆچۇن يازغۇچى-شائىرلارغا مۇھاكىمە يىغىنلىرىدا تون كەيدۈرىلىدۇ؟ ئۇلارغا  باشقا نۇرغۇن سوۋغاتلار بىرىلسىمۇ لېكىن يەنىلا  تون بۇ سوۋغىلار ئىچىدە ئالاھىدە  ھۈرمەت بىلەن تىلغا ئېلىنىدۇ؟ ئىلمىي ئەنجۈمەننىڭ نامى ھەتتا بەزىدە  تون كەيدۈرۈش پائالىيىتى ، مۇراسىمى دەپ  تون نامى بىلەن ئاتىلىدۇ؟ بۇ يەردىكى سەۋەپ توننىڭ بىزنىڭ مىللىي ، ئەنئەنىۋي كىيىم - كىچەكلىرىمىز ئىچىدە ئالاھىدە مۇھىم ئۇرۇندا تۇرىدىغانلىقى ، توننىڭ مىللەتنىڭ ۋەكىللىرى، تۈۋرۈكلىرى، پاسىبانلىرى، يۇلباشچىللىرى بولغان ئەرلەرنىڭ  ئالاھىدە كىيىمى بولغانلىقى بىلەن مۇناسىۋەتلىك. بىزنىڭ خەلقىمىز تارىختا ئۈزلىرىگە خاس بولغان كىيىم –كىچەك مەدەنىيىتى ۋە كىينىش ئادىتى بەرپا قىلغان بولۇپ ،ئۇيغۇر ئەرلىرىنىڭ تونلىرى ئەنە شۇ كىيىم –كىچەك مەدەنىيىتىنىڭ قىممەتلىك جەۋھەرلىرىدۇر.  تون ئەرلەرنىڭ ئالاھىدە كىيىمى ھىساپلىنىدۇ، ئۇيغۇر ئەرلىرىنىڭ تونلىرى تىكىلىشىنىڭ سىپتا، ئۆزگىچىلىگى، سەنئەتلىك ئالاھىدىلىككە ئىگە قىلىنغانلىقى بىلەن خاراكتىرلەنگەن بولۇپ ، ئۇ ئۇيغۇرلارنى باشقا مىللەت كىشىللىرىدىن پەرقلەندۈرۈپ تۇرىدىغان بەلگە. بۇنداق بەلگە خاراكتىرلىك  كىيىمنى  ئادەتتە پەقەت ھەممە ئىشتا پىشىپ يىتىلگەن، ياشتا، ئەقىلدە چۇڭ  ، بىلىمدار  كىشىلەرلا كىيىش شەرەپىگە مۇيەسسەر   بولالايدۇ، بىر كىشىنىڭ تون كەيگەنلىگى ، توننى كىيىپ يۈرگەنلىگى ئۇنىڭ   سالاپىتىنى ، سالاھىتىنى نامايەن قىلىپ بىرەلەيدۇ. سىپتا، يارىشىملىق ، سەنئەتلىك تىكىلگەن تون بىزدە سەلتەنەتنىڭ ،ھاكىمىيەت تەختىنىڭ ، ھاكىميەت ھاكىمدارىنىڭ سىمۋولى بولۇپ كەلگەن. شۇڭا قەدىمقى دەۋرلەردە سۇلتانلار، خانلار ھاكىمىيەتنى  ھاكىمىيەت  تەختىدە تون كىيىپ ئولتۇرۇپ سۇرگەن، ئۇلار كەيگەن تون شاھانە تون ، دەپ ئاتالغان ، ئۇلارنىڭ بىراۋلارغا تەقدىم قىلغان تونلىرىمۇ  شاھانە تون ، دەپ ئاتالغان . ئۇلار  ئەينى دەۋىردە يۇرت بېشى، ئەل-ئاۋامنىڭ سەركىسى بۇلۇش سۈپىتى بىلەن  قول ئاستىدىن ئۆزلىرىگە ، يۇرتىغا ، ئاۋامغا تۆھپە ياراتقان ، باتۇرلۇق كۆرسەتكەن  كىشىلەرگە  تون ئىنئام قىلىپ  ، بىزدە باتۇر-ئەزىمەتلەرنى، تۆھپىكارلارنى تون بىلەن مۇكاپاتلاشنىڭ نەمۇنىسىنى ياراتقان ، شۇنىڭ بىلەن بىزدە شاھانە تون دىگەن نام بارلىققا كەلگەن،باتۇرلارغا تون يېپىش ئادەتكە ئايلانغان .  بۇگۇنكى  كۈندە بىزنىڭ ئىجادىيەت مۇھاكىمىسى بولغان  قەلەم ساھىبلىرىنى تون كەيگۈزۈپ مۇكاپاتلىشىمىزنىڭ سەۋىبى   دەل مۇشۇ  يەردىدۇر. گەرچە ھازىرقى تونلار شاھانە تون ، دەپ ئاتالمىسىمۇ لېكىن بو تون ئەينى زاماندىكى  شاھانە تون ئاتالمىسىدىكى تونلارغا باراۋەر تونلار بولۇپ ، ئۇ خەلقىمىزنىڭ تۆھپىكارلارغا بولغان قايىللىقى، ھۈرمىتىنىڭ سىمۋولىدۇر. بۇ تونغا ھۈرمەت، قايىللىق ، ئۇمىد، ئىشەنچ يوشۇرۇنغان. بۇ توننىڭ تۇرمۇشىمىزدىكى، ئەدەبىي ، ئىلمىي پائالىيەتلەردىكى رولى مۇشۇنداق  گەۋدىلىك بولسىمۇ، لېكىن بىز ئۇنىڭ قىممىتىنى يىتەرلىك دەرىجىدە قىلالمايۋاتىمىز، توغرىسى ئۇنىڭ قىممىتىنى ، ئېتىبارىنى قىلىشقا ئەھمىيەت  بەرمەيۋاتىمىز. يەنى بىز بىر ئادەمگە  مۇمكىن بولسا سەنئەتلىك ، يارىشىملىق تىكىلگەن توندىن بىرنى كەيدۈرسەك بۇلاتتى،  بىر ئادەم بىزدىكى « ئەلگىمۇ بىر نۆۋەت، يەرگىمۇ بىر نۆۋەت » دىگەن قاراش بۇيىچە ئۇزىمىزنىڭ مىللىي كىيىم –كىچەك تىكىش ئۇسۇلى بىلەن سەنئەتلىك، سىپتا ، يارىشىملىق قىلىپ تىكىلگەن توندىن بىرنى  خەلقىمنىڭ ماڭا بولغان ھۈرمىتىنىڭ نامايەندىسى ، دەپ  شاھانە تون ھىساۋىدا كەيسە بولاتتى، قالغان ئىشلار ئۆز يۇلىدا بولسا ، باشقا شەكىلدە ئىزھار قىلىنسا بولاتتى. ئەمما بىز بۇنداق قىلىشنىڭ ئورنىغا  ئادەتتىكى ئۇسۇلدا ، ئادەتتىكى  ھۈنەر بىلەن تىكىلگەن ئۇزۇن چاپانلار، يەكتەكلەرنى تون ھىساۋىدا بىراۋلارغا كەيگۈزىۋاتىمىز. سەھنىدە تۇرغان كىشىمۇ بۇنداق كىيىملەرنى  تون ھىساپلاپ تۇلىمۇ بىچارە قىياپەتتە كىيىدۇ. بۇنداق ئەرزان باھالىق ئۇزۇن چاپانلار ، يەكتەكلەر بىر ئادەمگە كۈپلەپ كەيگۈزۈلگەن بولغاچقا   تون كەيگۈچى ئۇزۇن چاپانلارغا، يەكتەكلەرگە  باي بولسا بولدىكى   ھەقىقى تون قايسى،  دىگەن     گاڭگىراشتىن خالىي بۇلالمايۋاتىدۇ. بىلىپ قالايلى، ئادەتتكى ئۇسۇل بىلەن تىكىلگەن  ئۇزۇن چاپانلار، يەكتەكلەر ھەرگىزمۇ  خەلقىمىزنىڭ ئېسىل كىيىم –كىچەك مەدەنىيىتىنىڭ جەۋھىرى ۋە مىللەتنىڭ تۆۋرۈكلىرى بولغان ئەرلەرنىڭ غۇرۇر- سالاپىتىنى ، كىملىگىنى نامايەن قىلىپ بىرەلەيدىغان تونلارنىڭ ئورنىنى باسالمايدۇ.يەكتەك تونغا باراۋەر ئەمەس، يەكتەك  كەيگەنلىك ھەرگىزمۇ تون كەيگەنلىككە  باراۋەر ئەمەس. ئۇزۇن چاپان ۋە يەكتەكنى تون ، دەپ تەقدىم قىلىش ھەرگىز بىراۋنىڭ ئابرۇيىنى ئۈستۈرۈپ بىرەلمەيدۇ. شۇڭا بىز بىراۋغا تون ياپىمىز دەيدىكەنمىز  ئالدى بىلەن چۇقۇم ياپىدىغان تون ئىشىغا ئەستايىدىل مۇئامىلە قىلىشنى ئەستىن چىقارماسلىقىمىز كىرەك. توننى ئەسلى شەكلى، مەنىسى بىلەن  تەييارلاشقا ئەھمىيەت بىرىشىمىز كىرەك
       تۆتىنچى،ئىجادىيەت مۇھاكىمە يىغىنلىرى ئېچىش باھانىسىدا تون كىيىش پائالىيىتىنىڭ كۇرىسىنى  چۈشۈرۋېتىش ئەھۋالى
      يازغۇچى-شائىرلارنىڭ ئىجادىيەت مۇھاكىمە يىغىنلىرىنى ئۇيۇشتۇرۇش، ئۇلارنى مۇكاپاتلاش ئەلبەتتە ياخشى ئىش. لېكىن بۇنداق پائالىيەت  بىچارە ھالەتتە ئۆتكۈزۈلسە بولمايدۇ. نۇۋەتتە مۇھىتمىزدا ئۆتكۈزۈلگەن پائالىيەتلەردە مۇشۇنداق ئەھۋال يۆز بىرىۋاتىدۇ. يەنى ئازغىنا بىر نەرسىلەرنى ئېلان قىلىپ شائىر-يازغۇچى دەپ ئاتالغان كىشىلەرنىڭ ۋە بىر ئۆمۈر بىر نەرسە يېزىپمۇ ئادەمنىڭ ئالقىشىغا ئېرىشكەن ، ئادەمنىڭ ئېىسىدە قالغۇدەك ئەسەرلەرنى يازالمىغان ، ئىجادىيەتتە ئىزىغا سەكرەشتىن باشقىنى قىلالمىغان ئايرىم كىشىلەرنىڭ تون كىيىۋاتقانلىقى  قارىشىمىزنىڭ دەلىلى بولۇپ ھىساپلىنىدۇ. ئېنىق ئېيتىش كىرەككى، ئىجادىيەت مۇھاكىمە يىغىنى ئېچىش ئاسان بولغىنى بىلەن بۇ يۇچۇقتىن پايدىلىنىپ تون كىيىش ئۇنداق ئاسان ئىش ئەمەس. يازغۇچى-شائىر ئاتىلىپ بىر نەرسە يازغانلىكى كىشىلەرنىڭ ھەممىسىنىڭ تون كىيىشىمۇ شەرت ئەمەس. بۇ يەردە تون كەيمەكچى بولغان ئادەم چۇقۇم :« مەن شۇنىڭغا لايىقمۇ - ئەمەسمۇ ؟ بۇ توننى كەيسەم ماڭا  يارىشارمۇ – ياراشماسمۇ؟  خەلقىم راۋا كۆرەرمۇ – كۆرمەسمۇ ؟» دىگەن مەسىلىنى ئويلاشلىرى كىرەك . بۇ مەسىلە يەنە ئۆز نۆۋىتىدە قەلەمكەشلەرنىڭ غورۇر،پەزىلىتىنى، ئەخلاقىنى  ئۆلچەيدىغان سىناق تېشى ھىساپلىنىدۇ. كىم بۇلىشىدىن قەتئىنەزەر مۇشۇ سىناققا بەرداشلىق بىرىپ ، ئۆزىنى توغرا ئۇرۇنغا قۇيالىسا شۇنداق كىشى ھامان شاھانە توننى كىيىش شەرىپىگە مۇيەسسەر بولالايدۇ. ئەگەر توننى زورلاپ كەيمەكچى بولسا ۋە كەيسە جامائەتنىڭ مەسخىرىسىگە قالىدۇ. شۇ كىشى خەلقىمىزنىڭ تۆھپىكارلارغا بولغان ھۆرمىتىنى نامايەن قىلىشنىڭ ۋاستىسى بولغان شاھانە توننىڭ قىممىتىنى يەربىلەن تەڭ قىلغان بولىدۇ. ھازىر جايلاردا چۇڭ –كىچىك « مەشھۇر، تۆھپىكار»لارنىڭ قارا –قۇيۇق يول تالىشىپ تون كەيمەكچى بۇلۇشلىرى  نەتىجىسىدە خەلقىمىزنىڭ ھەقىقى تۆھپىكارلارغا بولغان ھۆرمىتىنى ئىپادىلەيدىغان بۇ پائالىيەت   كۇرىسى  چۆشۆپ كىتىش  خەۋىپىگە دۇچار بولماقتا. ھەتتا شۇنداق بىر ئەھۋالمۇ يۆز بەرمەكتىكى تون كىيىش، كەيدۆرۈش  پائالىيىتىنىڭ ئۇيغۇر ئەدەبىياتى مۇنبىرىدە ئۇمۇملىشىغا  ئەگىشىپ چۇڭلار، پىشقەدەملەر بىر ياقتا قېلىپ « ياش تۆھپىكار» ئەدىپلەر تون كىيىشكە ئالدىرىماقتا، بەزىلەر  ئۆزلىرى ئۈچۈن تون پىچماقتا،مۇراسىمدا ئۇقۇش ئۈچۈن  ماقالا- ئەسەر   بۇيرۇتماقتا  ،  تون كىيىش ئۈچۈن ھەرخىل يوللار بىلەن جامائەت پىكىرى توپلىماقتا،  ، باشقىلارغا ئالدىن  –ئالا  ئىس بىرىپ ، نۇمۇس قىلماي يۇقۇرى-تۆۋەن قاتراپ ، ئالاقىدار ئورۇنلارغا ئۆزلىرى ئۈچۈن مۇشۇنداق تون كىيىش مۇراسىمى ئۇيۇشتۇرۇپ بىرىشنى تەلەپ قىلىدىغان شەرمەندە ئىشلارنى قىلماقتا.بەزىلەر يىراق –يېقىنغا خەۋەر بېرىپ  باشقا جايدىكى كىشىلەرنىڭ ئۇزىنىڭ مۇھاكىمە يىغىنى ئۈچۈن سوۋغات، تەبرىك خېتى،تەبرىك  تېلىگىراممىسى ئېۋەتىشنى   قولغا كەلتۈرۈش يولىدا ئىزدەنمەكتە، بەزىلەر ئاللىقانداق ۋاستىلار  بىلەن ئەسەرلىرىنى مۇكاپاتقا ئېرىشتۈرۈپ ، بۇنىڭ تەسىرى بىلەن ئۆزلىرىنىڭ ئەسەرلىرى ئۈچۈن مۇھاكىمە يىغىنى،  ئۆزى ئۈچۈن تون كىيىش مۇراسىمى  ئۇيۇشتۇرۇشقا ھەركەت قىلماقتا.
     بەشىنچى،  ئادەتتىكى ئەھۋالدا ئېلىپ بېرىلغان ئىجادىيەت ھەققىدىكى تەجىربە  ئالماشتۇرۇش ئىشلىرىنى ئىجادىيەت مۇھاكىمە يىغىنى   ۋە  تون كىيىش پائالىيىتى  ، دەپ خەۋەر قىلپ  بۇ پائالىيەتنىڭ قىممىتىنى تۆۋەنلىتىۋېتىش ئەھۋالى  
ئىجادىيەت مۇھاكىمە يىغىنلىرى ئېچىش ۋە تون كەيدۈرۈش پائالىيىتى ئېلىپ بېرىش مىنىڭچە  ئۇنداق ئاسان ئىش ئەمەس. ئۇ مۇكەممەل ۋە مۇنتىزىم  تەشكىلىي پىرىنسىپ ئاساسىدا ئېلىپ بېرىلىدىغان پائالىيەت. بۇنداق پائالىيەت ھەر  دەرىجىلىك ئەدەبىيات –سەنەئەت تەشكىلاتلىرى ، يازغۇچىلار جەمئىيەتلىرى ، ژورنال تەھرىر بۈلۈملىرى  ئورتاق باش چقارغان  ياكى مۇشۇ ئۇرۇنلاردىن بىرەرسى باش بولۇپ تەشكىللىگەندە ئاندىن ياخشى ئۇيۇشۇتۇرۇلۇش ئىمكانىيىتىگە ئىگە بولالاليدۇ. بۇ ئەدەبىيات تارىخى ئىسپاتلىغان ھەقىقەت. ئەمما بىزدە بىرەر كىمنىڭ بىرەر كىتابى نەشىر قىلىنىپ تارقىتىلسا بىر نەچچە كىشىنىڭ  بىر يەرگە يىغىلىپ كىتاپ ئاپتۇرىنى مۇبارەكلەپ قۇيۇش ئۈچۈن قىلغان ئىشلىرىمۇ ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى ، دەپ خەۋەر قىلىنماقتا. بىرەر كىمنىڭ ئۇنىڭغائاتاپ تەقدىم قىلغان كىيىملىرىمۇ تون، دەپ خەۋەر قىلىنماقتا. بۇمۇ بىنۇرمال ئەھۋال بولۇپ ، بۇ شۇ كىشىنىڭ ئۆز كاچىتىغا ئۆزى ئۇرۇپ . يۈزىنى ئىششىتىپ « مەن سېمىز» دىگەندەك ئىشنى قىلغىنىدىن باشقا نەرسە ئەمەس. ئىجادىيەت مۇھاكىمە يىغىنى ئىلمىي ، مەنىۋىي جەھەتتىن پۇختا تەييارلىق قىلىش ئارقىلىق   ئېلىپ بېرىلىدىغان   پائالىيەت. بۇنىڭدا يىغىن ئېچىشنىڭ مەقسەت-مۇدۇئاسى ئىنىق بولىشى، يىغىندا ئۇقۇلىدىغان  ماقالىلار يۇقىرى سەۋىيىلىك ماقالىلار   بۇلىشى ، كىشىلەرنىڭ پائالىيەتكە قاتنىشىش قىزغىنلىقى يۇقۇرى بۇلۇشلىرى  كېرەك ، شۇ چاغدىلا بۇنداق يىغىن كۆزلىگەن مەقسەتكە يەتكەن يىغىن بولغان بولىدۇ. بۇنداق يىغىنلاردا ھە دىسە يازغۇچىلارغا تون كەيدۈرۈش بىھاجەت. بىز ھازىرقىلار تونىنىنى كىيىۋەرسەك ، ئىجادىيىتىمىزگە  ھەر 30 يىل بولغاندا بىر قېتىم ، 40 يىل بولغاندا بىر قېتىم ، 50 يىل بولغاندا بىر قېتىم كىيىۋەرسەك  يىتىشىپ چىقىش ئالدىدا تۇرغان ياش قەلەمكەشلەر :« ئىجادىيەت بىلەن شۇغۇللۇنۇش دىگەن گەپ تون كىيىش دىگەن گەپكەنغۇ »، دەپ ئويلاپ قېلىپ ، يىل ساناپ  30 يىل بولغاندا    تون كىيىشكە ئالدىراپ قېلىپ ،ئىجادىيەت  ئالدىدىكى مەسئۇلىيىتىنى ئۇنتۇپ قېلىشى مۇمكىن . ئەگەر بىز تون كىيىش ئىشىنى سۇپەتلىك ئېلىپ بارساق  ئۇ ھالدا ئۇلاردا ئىجادىيەتكە ئەستايىدىل مۇئامىلە قىلىدىغان ئادەتنى يىتىلدۈرۈشىمىز مۇمكىن   ،    نۆۋەتتە ئەتراپىمىزدا ئاللىكىملەرنىڭ مۇھاكىمە سورۇنىنى مال –دۇنيا يىغىدىغان« ياشانغانلار توي مۇراسىمى» غا ئايلاندۇرۇپ ، قەلەمكەشلەردىن  ئازراق چاقىرىپ ، كۆپ قىسىم مېھمانلارنى ئەدەبياتقا مۇناسىۋەسىز بولغان  كىشىلەر توپىدىن چاقىرغانلىقلىرى،  بولار چاقىرغان كىشىلەرنىڭ تون كەيگۈچى بىلەن بولغان ئۇرۇغ-تۇققاندارچىلىق  مۇناسىۋىتى، تۇنۇش – بىلىش ۋە دوستلۇق مۇناسىۋىتى قاتارلىق مۇناسىۋەت تورىدىن پايدىلىنىپ ئىلمىي سورۇننى باشقا تۈستىكى « توي-مەرىكە» گە ئايلاندۇرۇپ قۇيغانلىقلىرى ھەققىدە ھىكايەتلەر كەڭ تارقالماقتا. ئەدەبىياتنىڭ گېپى بىر ياندا قېلىپ ،مىكرافونلاردا    كۈڭۈل سوۋغىللىرىنىڭ  ھەر خىل ناملاردا ئاتىلىشى بۇنداق پائالىيەتلەرنى داغۋازلىق قىلىش سورىنىغا ئايلاندۇرۇپ قۇيماقتا.
     ئالتىنچى، ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنلىرىدا  ، تون كىيدۈرۈش پائالىيەتلىرىدە ئۇقۇلغان ماقالا-ئەسەرلەردە  مۇھىم نۇقتىنى قەلەمكەشنىڭ ئىجادىيەت مۇئاپىقيىتىنى   كۆرسۈتۈپ بېرىشتىن كۆرە ئادەمنى ئۇچۇقتىن –ئۇچۇق ماختاشقا قارىتىپ ، ئىلمىي سورۇننى بىرى-بىرىگە خۇشامەت قىلىش سورۇنىغا ئايلاندۇرۇپ قۇيۇش ئەھۋالى.
     ئىجادىيەت مۇھاكىمە يىغىنى بولغان ئىكەن ئۇنىڭدا كەسپىي ئالاھىدىلىككە ئىگە ماقالىلار ئۇقىلىدۇ. بۇ شۇ يىغىندىكى يارقىن نۇقتا ھىساپلىنىدۇ. يىغىندا يەنە مۇھاكىمىسى بولغان قەلەم ساھىبىنىڭ ھاياتى ،ئىجادىيەت ئەھۋالى تۇنۇشتۇرىلىدۇ، ئۇنىڭ ھاياتى ۋە ئىجادىيىتىگە  مۇناسىپ باھا بىرىلىدۇ. بۇلار مۇھاكىمىسى بولغان قەلەم ساھىبىنىڭ ھاياتىدىكى ئەڭ خۇشاللىنارلىق ، ئەھمىيەتلىك مىنۇتلار بولۇپ ،  بۇ يەردە مۇھاكىمىسى بولغان قەلەم ساھىبىنىڭ تەۋسىپىنى ، تەرىپىنى قانچىدىن –قانچە قىلساق بولىدۇ، ئۇنىڭ شېئىرلىرى، ئەسەرلىرى ھەققىدىكى تەتقىقات ماقالىلارنى ئۇقۇساق بولىدۇ، ئوخشاش بولىمىغان نۇقتىدىن ئۇنىڭغا باھا بەرسەك بولىدۇ، ئەمما گەپ ئۇلارغا بەرگەن باھا ، ئۇلار ھەققىدىكى تەرىپ چۇقۇم شۇ كىشىنىڭ ئەھۋالىغا ماس كىلىشى كېرەك. ئۇنىڭ تەۋسىپى ئۈچۈن ئۇقۇلغان شېئىرلاردىمۇ ئۇ ئادەم ئارتۇقچە ماختاپ ئۇچۇرۇلماسلىقى، كۆككە كۆتىرىلمەسلىگى كىرەك . ھازىر بىزدە بۇ خىل مىزانغا خىلاپ ئىشلار باش كۆتۈرۈپ قېلىۋاتىدۇ. يەنى بۇ ھەقتە يېزىلغان ماقالىلاردا ئەسەرگە باھا بىرىش ئەمەس بەلكى شەخسكە باھا بېرىش، شەخسنىڭ  ، ئادەمنىڭ نۇپۇزىنى كۆچەپ كۆككە كۆتىرىش ئەھۋاللىرى باش كۆتىرىپ قېلىۋاتىدۇ. شەخس  قارا –قۇيۇق ماختىلىۋاتىدۇ. ئۇقۇلغان ماقالىلاردا ماختالغۇچى ئۆزىدە يوق سۈپەتلەر بىلەن باھالىنىۋتىدۇ، بەزى ئادەتتىكى يازمىلارنى ئېلان قىلغان كىشىلەرمۇ ئۇيغۇر ئەدەبىياتىنىڭ سەركىللىرى سۈپىتدە تەرىپلىنىۋاتىدۇ، ھەتتا بەزىلەر  ئۇنىڭدىنمۇ ئاشۇرۇپ سۈپەتلىنىۋاتىدۇ. كاتتا، مەشھۇر، تالاتلىق، داڭلىق ،دىگەن باھالار قالايمىقان كەلسە-كەلمەس بىرىلىۋاتىدۇ. قەلەمكەشلەر ھە دىسە پەخرلىك ئوغلان ، دىگەندەك ۋەزنى ئېغىر سۈزلەر بىلەن تەرىپلىنىۋاتىدۇ . ئايرىم كىشىلەر بۇنداق سورۇنلاردا ئۆزلىرىگە شېئىر ئوقۇش پۇرسىتى كەلگەنلىگىدىن خۇشال بولۇپ ، خۇدىنى يۇقۇتۇپ قەلەمكەشكە  ئاتاپ يازغان   شېئىرلىرىدا  ئادەمنىڭ ئەقلىگە سىغمايدىغان  مىسرالار بىلەن بىراۋلارنى ماختاۋاتىدۇ. بۇنىڭ بىلەن مۇھاكىمە يىغىنى سورۇنى ئەدەبىي ئىجادىيەت مۇئاپىقىيىتىنى باھالايدىغان ئەنجۇمەنگە   ئەمەس بەلكى  شەخسنى ماختايدىغان سورۇنغا  ئايلىنىپ قېلىۋاتىدۇ .
يەتتىنچى، ،  ئەدەبىي ئىجادىيەت مۇھاكىمە يىغىنلىرى ۋە تون كىيدۈرۈش پائالىيىتىنىڭ قوللاشسىز قېلىپ مەنىۋىي غۇربەتچىلىك ئىچىدە ئۆتكۆزۈلۈش ئەھۋالى

ئەدەبىيات – مىللەتنىڭ ئەدەبىياتى . ئۇ ھەرگىزمۇ بىر يۇرت ۋە ياكى بىر يۇرتتىىكى كىشىلەرنىڭ ئەدەبىياتى ئەمەس. ئۇيغۇر ئەدەبىياتى- ئۇيغۇر خەلقىنىڭ قىممەتلىك بايلىقى. بۇ ئەدەبىيات  ئۇيغۇر ئەدەبىياتى مۇنبىرىدە قەلەم تەۋرىتىۋاتقان بارلىق قەلەم ساھىبىلىرىنىڭ  مىننەتسىز ، تاماسىز ھالدا ئىجات قىلىشى ، ئەدەبىياتنى گۈللەندۈۈش ئۈچۈن ئورتاق كۆچ چىقىرىشى نەتىجىسىدە گۈللەنگەن. قەلەم ساھىبلىرى - مىللەتنىڭ ئەدەبىياتىنى گۈللەندۈرگۈچى پىداكارلاردۇر، ئۇلارنىڭ ئەمگەكلىرى بولغاچقا ئەدەبىيات گۈللىنىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە بولالايدۇ ، مىللەتنىڭ قىممەتلىك مەنىۋىي بايلىقىغا ئايلىنالايدۇ . ئۇيغۇر ئەدەبىياتى – تەڭرى تاغلىرىنىڭ  جەنۇبىي ۋە شىمالىدا ياشاۋاتقان ئەدىپلەرنىڭ تىرىشچانلىقىنىڭ مەھسۇلى شۇنداقلا شۇ يەردىكى خەلقىمىزنىڭ مەنىۋىي ئۇزۇقى ، قىممەتلىك بايلىقى. بۇ بايلىق بۇ گۆلزارلىقتىكى ھەر-بىر ئەدىپنىڭ جاپالىق ئەمگىگى بەدىلىگە كەلگەن. شۇڭا ئەدەبىياتنىڭ گۈللىنىشى ئەدىپلەرنىڭ  خۇشال بولغان ۋاقىتلىرىدۇر. بىر ئادەمنىڭ مۇھاكىمىسى بارلىق قەلەم ساھىبلىرى ئۈچۈن توي كۈنىدۇر.  شۇڭا قانداق جايدا ئۆتكۆزلىشىدىن قەتئىنەزەر ، كىم بولىشىدىن قەتئى نەزەر ئۇيغۇر ئەدەبىياتى گۈلزارلىقىدا ئۆكۆزۈلگەن  بىر قېتىملىق مۇھاكىمە يىغىنى ئەدەبىيات گۈلزارلىقىدىكى بارلىق ئەدىپلەرنىڭ ئورتاق خۇشاللىقىدۇر، بۇ خۇشاللىق پەقەت تەبىئى ھالدا ، يۇرت ، رايۇن ئايرىماي بىر-بىرىنى تەبرىكلەش ئارقىلىق نامايەن قىلىنىدۇ. ئەمما بىزدە ئجادىيەت مۇھاكىمە يىغىنى ئېچىلغاندا بونداق ئورتاق خۇشاللىقنى ھېس قىلغىلى، كۈرگىلى بولمايدۇ. دىمەكچى بولغىنىم قانداق جايدا بىر مۇھاكىمە يىغىنى ئۆتكۈزۈلسە ئاپتۇنۇم رايۇن تەۋەسىدىكى بارلىق ژورنال تەھرىر بۈلۈملىرى شۇ ئەدىپكە تەبرىك تېلگىراممىسى . خېتى ئىۋەتسە بۇنىڭ تەسىرى ياخشى بۇلاتتى ، دىگەندىن ئىبارەت. چۇنكى ، ژورنال تەھرىر بۈلۈملىرى شۇ جايدىكى قەلەم ساھىبلىرىنىڭ ئائىلىسى بولۇپ ئۇلارنىڭ تەبرىكى شۇ رايۇندىكى قەلەمكەشلەرنىڭ كۆڭلىگە    ۋەكىللىك قىلىدۇ. ئۇلارنىڭ تەبرىكلىگىنى شۇ ژورنال تەۋە جايدىكى قەلەم ساھىبلىرىنىڭ مۇھاكىمىسى بولغان قەلەمكەشنى تەبرىكلىگىنى بولۇپ ھىساپلىنىدۇ. بۇنداق تەبرىكلەشنىڭ قىممىتى شۇ ئەدىپنى نۇرغۇن ماددىي بۇيۇم بىلەن مۇكاپاتلىغاندىن ئارتۇق قىممەتلىك ئىش ھىساپلىنىدۇ.  بۇ ھال يەنە ئۆز نۆۋىتىدە ئەدەپلەر ئوتتۇرسىدىكى ئىناقلىقنى ،چۈشۈنۈشنى ئىلگىرى سۈرۈشتە مۇھىم رول ئۇينايدۇ. يىغىننىڭ  زىننىتى ، كۆرىكى ھىساپلىنىدۇ.   مەن خوتەندە ئېچىلغان بۇنداق يىغىنلارغا تۇلۇق قاتنىشىپ باقتىم .باشقا جايلاردىكى  يىغىنلارغىمۇ قاتنىشىپ باقتىم. بۇ جەرياندا خېلى تۇنۇلغان قەلەم ساھىبلىرى شەرىپى ئۈچۈن ئۆتكۈزۈلگەن  مۇھاكىمە يىغىنلىرىدىمۇ   20 گە يېقىن ئەدەبىي ژورنالنىڭ ئۆچتىن بىرىنىڭ مۇھاكىمە ۋە ياكى  تەبرىكلەش  ئىشلىرىغا ئاۋاز قۇشمىغانلىقى دىققىتىمنى تارتتى، نەزىرىمنى  ئۆزەم رەتلىگەن ئاپتۇنۇم رايۇن بۇيىچە ئېچىلغان يىغىنلارنىڭ ئەھۋالىغا ئاغدۇردۇم ، ئەھۋال ئاساسەن ئوخشاش بولۇپ ، مۇھاكىمە يىغىنى بولغاندا ژورناللار ئارا مەۋجۇت بولغان بىر-بىرىگە  بونداق  سۇغۇق مۇئامىلە قىلىش ئىشلىرى مېنى گاڭگىرتىپ قۇيدى، بۇ ژۇرناللاردىكى قۇروقچىلىق ، يۇرتپەرەسلىك ، مەزھەپچىلىك ، ئېزەڭگۈ سۇقۇشتۇرۇش قىلمىشلىرىنىڭ ئىپادىسى بولۇپ ، مەن بۇ جەھەتتە ھەمكارلىقنى كۈچەيتىشنى ئۆمىت قىلىمەن. بەلكىم بىر رايۇندا بۇنداق ئىش بولغاندا ھەممە ئەدەبىي ژورنال تەھرىر بۈلۈملىرى خەۋەرسىز قالىدىغان ئەھۋاللار بۇلىشى مۇمكىن . ئەمما كۇپۇنچىسىنىڭ خەۋەرسىز قېلىشى ناتايىن .چۈنكى  ، دەۋرىمىز ئۇچۇر دەۋرى. ئۇچۇر دەۋرىدە ئەدەبىي ژورناللارنىڭ  ئەدەبىيات ساھەسىدە بولماقچى بولغان مۇشۇنداق يىڭىلىقلاردىن  خەۋەرسىز قېلىشى ناتايىن .  شۇڭا  بىز ئۆزىمىنىڭ  ئەدەبىياتىنى گۈللەندۈرگۈچىلەرنىڭ خۇشاللىقىغا خۇشاللىق قوشماقچى بولساق چۇقۇم ئۆزئارا قوللاشنى ئىشقا ئاشۇرۇشىمىز كىرەك . مەنىۋىي غۇربەتچىلكنى ئۆز-ئارا قوللاش ئارقىلىق تۈگىتىشىمىز  كىرەك .  بەلكىم ژورنال تەھرىر بۈلۈملىرى « پالانى قەلەمكەش بىزنىڭ ژورنالدا ئەسەر ئېلان قىلمىغان ، ئۇ بىزگە تۇنۇشلۇق ئەمەس » دەپ قارىشى مۇمكىن ، مىنىڭچە بىر ئادەمنىڭ ھەممە يەردە ئەسەر ئېلان قىلىپ بۇلالىشى ناتايىن. بۇ ئىش ژورنال تەھرىر  بۈلۈملىرىنىڭ بىراۋنى تەبرىكلىمەسلىكىگە سەۋەپ بولالمايدۇ. ئەمما بىر ژورنالدا ئەسەر ئېلان قىلمىغان قەلەمكەشنىڭ ئەسىرى چىقمىغان ژورنالنى ئۇقۇماسلىقى مۇمكىن ئەمەس. ئادەتتە بىز ژورنالىستلارنىڭ ژورناللارغا مۇشتىرى بۇلۇش ھەققىدىكى ئېلانلىرىنى كۈرۈپ تۇرىمىز، ئۇلارنىڭ جاپاسىنى بىلىمىز، ئۇلارنىڭ بۇ  جەھەتتىكى ئۇمىتلىرى پەقەت قەلەمكەشلەرنىڭ شۇ ژورنالنى ئوقۇش ، مۇشتىرى بولۇش جەھەتتىكى قوللاشلىرى ئارقىلىق ئەمەلگە ئاشىدۇ. شۇڭا مۇھاكىمە يىغىنلىرىدا ژورنال تەھرىر بۈلۈملىرىنىڭ بىراۋنى  خالىس تەبرىكلەپ قۇيۇشلىرى ئارتۇقچە ئىش ئەمەس.  بۇ ئىش ئۆز نۆۋىتىدە ژورنالىستلارنىڭ پەزىلىتىنى نامايەن قىلىپ بىرەلەيدۇ.بۇنداق بولىشىدىكى يەنە بىر ئېھتىماللىق بىر قىسىم ژورنال تەھرىر بۈلۈملىرىدىكى  كەسپداشلارنىڭ  قىززىپ كىتىۋاتقان تون كىيىش، كىيگۈزۈش ئىشىغا قارىتا سۇغۇققان پۇزۇتسىيە تۇتقانلىقى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بۇلىشى مۇمكىن .
   يۇقىرقىلار مىنىڭ ئەدەبىي ئىجادىيەت ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى ئۆتكۈزۈش ۋە قەلەمكەشلەرگە تون كەيدۈرۈش پائالىيىتى جەريانىدا ساقلىنىۋاتقان مەسىلىلەر ھەققىدىكى قاراشلىرىم . بۇ مىنىڭ بۇنداق بىر ئەھمىيەتلىك ئىشنى ئىنكار قىلغىنىم ئەمەس، بەلكى يىتەرسىزلىكنى تۈگۈتۈپ ، بۇ پائالىيەتنى تېخىمۇ ياخشى ئۆتكۈزۈشكە بولغان تىلىگىمنى بىلدۈرگىىنىم . ئۇنداقتا  بۇندىن كىيىن قانداق قىلىش كېرەك؟ بۇندىن كىيىن پائالىيەتنى چۇقۇم ئۆتكۈزۈش كېرەك. بۇنداق پائالىيەتنى ئۆتكۈزۈش ئارقىلىق كېچىنى –كۈندۈزگە ئۇلاپ زېھنى- قۇۋىتىنى ئەدەبىياتنىڭ گۈللىنىشى ئۈچۈن بەخش ئەتكەن قەلەم ساھىبلىرىنىڭ ئەجرىنى قۇتلۇقلاش كېرەك، ئۇلارنى ئېزىزلاش كېرەك. ئەمما ئۇنى چاكىنالاشتۇرۋەتمەي مۇئاپىق شەكىل ، ئۇسۇلدا ئۆتكۈزۈش كېرەك. يەنى ، تون كىيىش ۋە كىيدۈرۈش پائالىيىتىنى نەشىر قىلىنغان بىر كىتاپ  ياكى ئىجادىيەت بىلەن شۇغۇللانغانلىقنىڭ 30، 40 ، 50 يىللىقى ئۈچۈن ئۈتكۈزىدىغان رەسمىيەتچىلىكتىن ساقلىنىشىمىز كىرەك .  توننى سۈپەتلىك ئەسەرلەر بەدىلىگە كىيىش كېرەك.  ئۈز نۈۋىتىدە بۇنداق پائالىيەتنى ياخشى ئۈتكۈزۈش- ئۈتكۈزمەسلىك  مۇھاكىمىسى بولغان ، تون كىيىدىغان  قەلەمكەشلەرنىڭ ئەخلاقىغا، ئىنسابىغا باغلىق  ئىش. بۇنىڭدا بۇنداق ئادەم ئالدى بىلەن مۇشۇنداق ئىش بولۇشتىن ئىلگىرى ئۆزلىرىنى دەڭسەپ بېقىشلىرى كېرەك ، توندىن بىرنى پەقەت بىرنى كەيسە ئۇبدان بولىدىغانلىقىنى ئېنىق ئايدڭلاشتۇرۋېلىشى كىرەك . مۇھاكىمىسى بولۇپ، تون كەيگەن ئادەم   مۇشۇ ئىش بىلەنلا  ئۆزىنىڭ ئەدەبىياتنىڭ بايراقدارى بولالمايدىغانلىقىنى  بىلىشى ، تون كەيمىگەن ئادەممۇ  نامىنىڭ ئەدەبىيات تارىخىدىن ئۆچۈپ كەتمەيدىغانلىقىنى  بىلىشلىرى كىرەك .  تون كەيمىگەنلەر توننىى ئۆزلىرى يول مېڭىپ كەيمىسىمۇ ئەسىرى ، پەزىلىتى ياخشى بولسا   خەلقىمىزنىڭ ئۆزلىرىگە توننى ئۆزلىرى خالاپ كەيگۈزىدىغانلىقىنى  بىلىشلىرى كېرەك . بۇنداق سورۇندا مەسخرەلىك كۈلكە، تەنە گەپ،  زېرىكىشلىك كەيپىيات،  زەئىپانە  چاۋاك ، قۇرۇق ئەسنەش بولمايدىغانلىقىنى بەلكى، قىزغىن ئالقىش، كەيپىيات،  چىن يۈرەك سۈزلىرى ، گۇلدىراس ئالقىش سادالىرى بولىدىغانلىقىنى بىلىشلىرى كېرەك . ئىجادىيەت ساھەسىدىكى ھەر-بىر كىشى  توننىڭ بىر ئۆمۇر ئىجادىيەت بىلەن شۇغۇللانغان ئەھۋالغا ئەمەس بەلكى  ئاز يازسىمۇ ئادەمنىڭ يۈرەك تارىنى تىترىتىدىغان دەۋىر بۈلگۈچى ئەھمىيەتكە ئىگە ئەسەرلەرنى ياراتقان  كىشىلەرگە مەنسۇپ بۇلىدىغانلىقىنى بىلىشلىرى كېرەك . ئۇمۇملۇق نۇقتىسىدىن ئالغاندا ئۇيغۇر ئەدەبىياتىدا كىيىلگەن تون قېتىم سانى ، تون سانى ، تون كىيگەن قەلەمكەشلەر سانى بىلەن ئەدەبىياتنىڭ ئۇمۇمى سۈپىتى مۇناسىۋىتىنىڭ ماس كىلىشىگە ئەھمىيەت بىرىش كېرەك.    ئەدەبىياتىمىزدا  تون كىيىش ئىشى، تون كىيدۈرۈش پائالىيىتى ، تون كىيگەن ئادەم سانى كۈپ بولغان بولسىمۇ لېكىن شۇنىڭغا لايىق سۈپەتلىك ئەسەرلەرنىڭ كۈپ بولماسلىق ئەھۋالىنى نەزەردىن ساقىت قىلماسلىق كېرەك.   تون خەلقنىڭ كۈڭلى، ئۇ ھەرگىزمۇ مۇدىللارنىڭ كەلسە-كەلمەس كىيىۋىرىدىغان  كىيىمى ئەمەس. توننى تون كىيىشكە لايىق ئەجىر قىلغان ئادەملەر چوقۇم  كىيىش كېرەك . تون كىيىمەن دەپ داۋراڭ سېلىش، ئالىجۇقا سۈزلەپ يۈرۈش، توننى كىيىپ بولغاندىن كىيىن بىر ئىزدا توختاپ قېلىش، كەيگەن توننى پەش قىلىپ گىدىيىپ يۈرۈش ياخشى ئىش ئەمەس. تون كەيگۈچى مۇراسىمنى چۇقۇم ئەدەبىي ئىلمىي مۇراسىم قىلىشقا دىققەت قىلىشلىرى  كېرەك. ئۇنى مال-دۇنيا يىغىش ،  ئۆزىنى كوز-كوز قىلىش سورۇنى قىلىشتىن ساقلىنىشلىرى كېرەك .سورۇن ئەھلى ئالقىشنى، باھانى  ، شۇ كىشىنىڭ  ئەجرىگە لايىق بىرىش كېرەك . تون كىيىش مۇراسىمى ھەرگىزمۇ تون كەيگۇچىنىڭ ئىجادىيەت ھاياتىنىڭ ئاخىرلاشقانلىقى ئەمەس.  شۇڭا تون كىيگۈچى بۇ نۇقتىغا دىققەت قىلىشلىرى كېرەك.  بىز توننى سۈپەتكە كىيگۈزمەي 30 يىلنى ۋە ئۇنىڭدىن كىيىنكى  يىل بىرلىكلىرىنى ئاساس قىلىپ كىيگۈزسەك ئۇ ھالدا  بۇندىن كىيىن ئەدەبىياتىمىزدىن   سۇپەتلىك ئەسەرلەرنى يېزىشنى ئەمەس، بەلكى  ئىجادىيەت بىلەن شۇغۇللانغىلى 30 يىل بولدى،  40يىلى بولدى، شۇڭا مەن تون كىيىشىم كېرەك دەيدىغان تاماخور ،  ئابرۇيپەرەس  قەلەمكەشلەرنىڭ كۈپلەپ چىقىپ قېلىشىنىڭ ئالدىنى ئالالمايمىز.    شۇڭا بىز تون كىيىش ، كىيدرۈش  ئىشىغا ئەستايىدىل مۇئامىلە قىلىشىمىز كېرەك
    ئەگەر، بۇ ئىشقا دىققەت قىلىنمىسا، نامۇاپىق ئىشلارنىڭ ئالدى ئېلىنمىسا  ، بۇ ئىشقا يىتەرلىك ئەھمىيەت بىرىلمىسە خەلقىمىزنىڭ قەلەم ساھىبلىرىغا بولغان ھۈرمىتى تۆۋەنلەپ كىتىشى  مۇمكىن، بۇ پائالىيەتمۇ ھازىرقى قىممىتىنى نامايەن قىلالماسلىقى مۇمكىن .بىزدە 20-ئەسىرنىڭ  90-يىللىرىدا  شىنجاڭ تېلۋېزىيە ئىستانسىسى تەرىپىدىن باشقۇرۇلغان « تەڭرىتاغ گۈلزارى» دەيدىغان بىر پىرۇگىرامما بولغان بولۇپ، ئۇنىڭدا  تۈھپىكار قەلەم ساھىلىرى ، سەنئەتكارلار تونۇشتۇرۇلۇپ ياخشى ئىنكاس پەيدا قىلغان ئىدى . لېكىن كىيىن بۇ پىروگىراممىغا چىقىشقا لايىق ئادەملەر چىقماي،پىرگوراممىغا   چىقىش سالاھىتى يوق ئادەملەر چىقىپ قېلىپ كىشىلەرنىڭ نەزىرىدىن چۈشۈپ كەتكەنلىك سەۋەپلىك  بۇ پىروگىرامما  ئىكراندىن يوقالدى، مانا بۇنىڭدىن بىزنىڭمۇ تون كىيىش،كىيدۈرۈش پائالىيىتىنى  قېلىپلاشتۇرۇشىمىزنىڭ مۇھىملىقى كۈرۈنۈپ  تۇرىدۇ . بۇنىڭغا ئەھمىيەت بەرمىسەك بىز ئەدەبىياتىمىزنىڭ   خېرىدارسىز قېلىشىدەك  پاجىئەگە دۇچار بولىشىدىن قۇتۇلالمايمىز.     خالاس.چۈنكى، خەلقىىزنىڭ قەلەم ساھىبلىرىغا بولغان ھۈرمىتى ئۇلار بىلەن قەلەم ساھىبلىرىنىڭ قەلبىنى ، رېشتىنى چاتىدىغان رېشتە يىپى، خەلقىمىز مۇشۇ رېشتە يىپى بىلەن ئۇلارنىڭ ئەسەرلىرىنى ئۇقۇپ ، بۇ ئارقىلىق ئەدەبىياتىمىزنىڭ  گۈللىنىشنى كىتاپخانلىق بۇرچى بىلەن تەمىن ئېتىدۇ. ئەگەر، خەلقىمىز ئۆزلىرىنىڭ  قەلبىدىكى ھۈرمەت  ساھىبلىرى بولغان قەلەمكەشلەرنىڭ  توساتتىن نام –شۇھرەتكە ،تون كىيىشكە، مەنپەئەتكە قارىغۇلارچە بىرىلىدىغان  كىشىلەر ئىكەنلىگىنى  بىلىپ قالسا ،  قەلەم ساھىبلىرىنىڭ  دىلى بىلەن تىلىنىڭ ، دىگىنى بىلەن قىلىۋاتقان ئىشىنىڭ بىردەك ئەمەسلىگى بىلىپ قالسا ئىشنىڭ   يۇقۇرىقىدەك نەتىجە بىلەن ئاخىىرلاشماسلىقىغا ھېچكىم كاپالەتلىك قىلالمايدۇ. شۇنىمۇ كۆرسىتىش كىرەككى، توننى خەلق كەيگۇزىدۇ، شۇڭا تون كەيگۈچى چۇقۇم خەلقنىڭ ، كىتاپخانلارنىڭ ئۈمىدىنى ئاقلاشقا دىققەت قىلىشلىرى كىرەك. ئەگەر بۇ نۇقتىغا دىققەت قىلماي، كەيگەن توننىڭ شەنىنى بولغايدىغان ئىشلارنى سادىر قىلغاندا تون كەيگۈزۈشكە قادىر بولغان خەلق توننى قايتۇرۇپ ئېلىشقا ھۇقۇقلۇق.  بۇ تارىخنىڭ   تاللىشى. قەلەمكەشلەرنىڭ ئەلنىڭ نەزىرىدىن چۈشۈپ كەتكەن ۋاختى دەل ئۇلارنىڭ توندىن ئايرىلىپ قالغان ۋاختى بولۇپ ھىساپلىنىدۇ. دۇنيادا ئادەملەر ئۈچۈن بولۇپمۇ قەلەمكەشلەر ئۈچۈن ئەل-ئاۋامنىڭ نەزىرىدىن چۈشۈپ كىتىشتىن ئارتۇق پاجىئە بولمايدۇ.   
ئاخىرىدا شۇنىمۇ كۈرسەتكۈم كەلدىكى ، تون يېپىش، تون كىيدۇرۇش ، كىيىش پائالىيىتىنىڭ بىزدە بىرلىككە كەلگەن  ئەندىزىسى يوق، يەنە كىلىپ بۇنداق ئىشلارنى بىرەر ئورۇن –ئورگاننىڭ  باش بولۇپ بىر تۇتاش قىلىۋاتقانلىقى يوق . بىزدە يۇقرقىدەك ئەھۋاللارنىڭ ساقلىنىشى دەل مۇشۇنداق يۇچۇقنىڭ بولغانلىقى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بۇلىشىمۇ مۇمكىن . شۇڭا بۇنىڭ ئەندىزىسىنى تېپىپ چىقىش نۇۋەتتىكى ئەدەبىيات مۇھىتىنىڭ تەلىپى .

    ماقالا « شىنجاڭ ئەدەبىي ئوبزورچىلىقى » ژۇرنىلىنىڭ 2014-يىلى 4-سانىدا ئېلان قىلىنغان.

pis-pas يوللانغان ۋاقتى 2015-2-3 08:43:57

قىززىق ، ئەگەر 5 بىرلەشمىنى( ئەدەبىيات- سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسى، مۇھاجىرلار بىرلەشمىسى، ئاياللار بىرلەشمىسى، سودا -سانائەتچىلەر بىرلەشمىسى، مېيىپلار بىرلەشمىسى)  ئۆز كۈنۈڭنى ئۆزەڭ ئەت دىسە، بۇنداق ئىشمۇ يۈز بەرمەسمىكىن دەيمەن .
ئەگەر ئەدىبىيات- سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسىنى بازارلاشتۇرۇۋەتسە، ئۇلارنىڭ كۈنى تەس :lol
بۇ 5 بىرلەشمىنى ھۆكۈمەت باقمىسۇن دىگەن ئاۋازلەر بەك ياڭراۋاتىدۇ ھازىر .

bozqir يوللانغان ۋاقتى 2015-2-3 09:13:48

كېۋەزگە يوپۇق ياپقاندەكلا...;P

enwerjula يوللانغان ۋاقتى 2015-2-3 09:53:01

مەيلى ئەمەسمۇ، قانداق قىلسا. تون كىيدۈرەمدۇ، نوركا كىيدۈرەمدۇ، ئات مىندۈرەمدۇ، ئۇ شۇ خەقنىڭ كۆڭۈل مەيلى، شاتلىقى!  «شىنجاڭ ئوبزورچىلىرى» ژورنىلى مۇشۇنداق تايىنى يوق ئىشلارغا تايىنى يوق ئوبزور يازىدىغانلارنىڭ بىر سەيناسى بوپ قاپتۇ، قارىغاندا.
‏ئۈمىد غېنىنىڭ قاينىغىنىمۇ ھەق!

niyazdixan يوللانغان ۋاقتى 2015-2-3 12:18:19

خەلق ئۈچۈن ئىجادىيەت قىلدى دېگەندە. قەلەم ھەققى ئالماي يېزىشنى كۆرسىتەمدا؟

Mollamushuk يوللانغان ۋاقتى 2015-2-3 12:37:37

داھى ماۋ زېدوڭ خەلق ئۈچۈن خىزمەت قىلىڭلار دېگەن.
مۇشۇ سۆز بىلەن گىپنوز قىلىنغان شائىرلارنى نەزەردە تۇتسا كېرەك.

pis-pas يوللانغان ۋاقتى 2015-2-3 13:55:21

niyazdixan يوللىغان ۋاقتى  2015-2-3 12:18 static/image/common/back.gif
خەلق ئۈچۈن ئىجادىيەت قىلدى دېگەندە. قەلەم ھەققى ئالماي ...

بىكارغا يېزىقچىلىق قىلسا، ئۆيىنى كىم بېقىشىپ بېرىدا، :lol .
خەلق ئۈچۈن دىگىنى ئەمىلىيەتتە خەلق پۇلى ئۇچۇن . ;P
ناۋايلارمۇ خەلق ئۇچۇن نان يېقىۋاتىدۇ .{:92:}
كۋاۋاپچىلارمۇ خەلق ئۈچۈن كاۋاپ پۇشىرىۋاتىدۇ .
....
...

niyazdixan يوللانغان ۋاقتى 2015-2-3 14:17:41

pis-pas يوللىغان ۋاقتى  2015-2-3 13:55 static/image/common/back.gif
بىكارغا يېزىقچىلىق قىلسا، ئۆيىنى كىم بېقىشىپ بېرىدا، ...

شۇ خەلق ئۈچۈن يازىدۇ دېگەندىكىن بىكارلىق ئىش قىلىۋاتقان ئوخشايدۇ دەپ قالىدىكەن. باشقا يەرلەردە يازغۇچىلارنى سۈپەتلىمەكچى بولسا مەشھۇر، تالانتلىق، داڭلىق دېگەندەك سۈپەتلەيدىكەن، خەلق يازغۇچىسى دېگەن نام ئۇلاردا يوقكەن. ئۇلارمۇ يوشۇرۇپ ئولتۇرماي پۇلغا ئامراقلىقىنى دەۋېرىدىكەن.
شۇڭا خەلق يازغۇچىسى دېسە خەلق ئۈچۈن ھەقسىز يېزىقچىلىق قىلىدىغان يازغۇچىلار دەپ چۈشىنىپ قالىدىكەن ئادەم.  :lol

pis-pas يوللانغان ۋاقتى 2015-2-3 14:41:09

niyazdixan يوللىغان ۋاقتى  2015-2-3 14:17 static/image/common/back.gif
شۇ خەلق ئۈچۈن يازىدۇ دېگەندىكىن بىكارلىق ئىش قىلىۋات ...

سۆزلەپ كەلسە گەپ ئۇزىراپ كېتىدۇ،.
نەچچە كۈن ئاۋۋال، مەركىزى تېلىۋىزىيىسىنىڭ « بارچە ئېقىم مۇنبىرى» (百家讲坛) دا چۈيۈەن(屈原) توغرىلىق تەپسىلى توختىلىپ، ئۇنىڭ نىمە ئۈچۈن ۋەتەنپەرۋەر ئىكەنلىكىنى دەلىللەر ئارقىلىق سۆزلىگەن ئىدى، ئۇرۇشقان بەگلىكلەر دەۋرىدىكى سوڭ دۆلىتىدە ياشايدىغان بۇ كىشى خەنلەرنىڭ 'ئەلەمدار جەڭدە ئۆلىدۇ، قەلەمدار تەكلىپتە' دىگەن قائىدىسى بويىچە نەچچە رەت تەكلىپ بېرىپ بەگلىك خانىنىڭ خۇيىنى كەلتۈرۈپ قويىدۇ، ۋە 2 قېتىم پالىنىدۇ، يەنە شۇنداق تۇرۇپمۇ يەنە تەكلىپ بېرىشنى توختاتماي سۈرگۈندە ياشايدۇ، كېيىن دۆلىتىنىڭ بارغانسېرى چىن(چىنشىخۇاڭنىڭ بوۋىلىرى) دۆلىتى تەرىپىدىن بوزەك بولۇق مۇنقەرز بولغانلىقىنى كۆرۈپ دەرياغا ئۆزىنى تاشلاپ  ئۆلىۋالىدۇ، نەچچە يۈز يىللاردىن كېيىن، لىبەي چۈيۈەن توغرىلىق شېئىرلارنى يېزىپ سوڭ دۆلىتىنىڭ بەگلىرى كۈلدەك توزۇپ ، شۇنچە سەلتەنەتلىك بەگلىك ئۇنتۇلغان بولسىمۇ، چۈيۈەن مەڭگۇ كىشىلەر قەلبىدە يادلىنىۋاتىدۇ دەپ مەدھىيلەپتىكەن .
بىزنىڭ ئۇسۇلچى- ئەدىپلىرىمىز( مەدھىيچى يازارمەنلەر) قانداق بولۇپ تۆرگە باشلىنىپ قالدى ؟  سەركىگە ئايلىنىپ ، خەلق يادروسىنى تەشكىل قىلغۇچىلارغا ئايلىنىپ قالدى؟
بۇ توغرىلىق مەنمۇ ئىزدىنىپ باقتىم، يەكۈنىنى تاپقاندەكمۇ بولدۇم، قىسقا يىغىنچاقلىسام  :
ئەسلى قەدىمدىن بېرى  ئوردىدا  زىرىكىپ قالغان( كەچلىك تاماقتىن كېيىن  تېلىۋىزۇر، كومپىيوتېر، ئۈندىدار  كىنو بولمىغاچقا:lol )  خانلار  كۆڭۈل ئېچىش ئۈچۈن ئەنە ئەشۇنداق ئۇسۇلچى- نەغمىچى، مەدھىيچى ( شائىر -قوشاقچى) سېرىكچىلەرنى باشلاپ كېلىپ خاننىڭ كۆڭلىنى ئالغان، ۋە خاننىڭ تارتۇقلىشىغا ئېرىشىپ ئوردا سىرتىدا غەۋغا قىلىپ ئۆزىنىڭ ئابرويىنى ئۆزى كۆتۈرۈپ خەلقنىڭ سەركىسىگە ئايلىنىۋالغان ...

niyazdixan يوللانغان ۋاقتى 2015-2-3 14:47:01

چۈيۈەننى چۇ دۆلىتىدىن دەپ ئۆتكەن دەرسلىك كىتابتا ئەمدى قانداقلارچە سوڭ دۆلىتىنىڭ ئادىمى بولۇپ قالدى.:o

ciao2013 يوللانغان ۋاقتى 2015-2-3 14:48:48

ۇ توغرىلىق مەنمۇ ئىزدىنىپ باقتىم، يەكۈنىنى تاپقاندەكمۇ بولدۇم، قىسقا يىغىنچاقلىسام  :
ئەسلى قەدىمدىن بېرى  ئوردىدا  زىرىكىپ قالغان( كەچلىك تاماقتىن كېيىن  تېلىۋىزۇر، كومپىيوتېر، ئۈندىدار  كىنو بولمىغاچقا)  خانلار  كۆڭۈل ئېچىش ئۈچۈن ئەنە ئەشۇنداق ئۇسۇلچى- نەغمىچى، مەدھىيچى ( شائىر -قوشاقچى) سېرىكچىلەرنى باشلاپ كېلىپ خاننىڭ كۆڭلىنى ئالغان، ۋە خاننىڭ تارتۇقلىشىغا ئېرىشىپ ئوردا سىرتىدا غەۋغا قىلىپ ئۆزىنىڭ ئابرويىنى ئۆزى كۆتۈرۈپ خەلقنىڭ سەركىسىگە ئايلىنىۋالغان ...
---------------------------------------------------------
جېنى بار گەپ .

ciao2013 يوللانغان ۋاقتى 2015-2-3 14:48:52

ۇ توغرىلىق مەنمۇ ئىزدىنىپ باقتىم، يەكۈنىنى تاپقاندەكمۇ بولدۇم، قىسقا يىغىنچاقلىسام  :
ئەسلى قەدىمدىن بېرى  ئوردىدا  زىرىكىپ قالغان( كەچلىك تاماقتىن كېيىن  تېلىۋىزۇر، كومپىيوتېر، ئۈندىدار  كىنو بولمىغاچقا)  خانلار  كۆڭۈل ئېچىش ئۈچۈن ئەنە ئەشۇنداق ئۇسۇلچى- نەغمىچى، مەدھىيچى ( شائىر -قوشاقچى) سېرىكچىلەرنى باشلاپ كېلىپ خاننىڭ كۆڭلىنى ئالغان، ۋە خاننىڭ تارتۇقلىشىغا ئېرىشىپ ئوردا سىرتىدا غەۋغا قىلىپ ئۆزىنىڭ ئابرويىنى ئۆزى كۆتۈرۈپ خەلقنىڭ سەركىسىگە ئايلىنىۋالغان ...
---------------------------------------------------------
جېنى بار گەپ .

ciao2013 يوللانغان ۋاقتى 2015-2-3 14:52:52

بەزى شائىرلار 60 يىللىقىنى ئۆتكۈزدى ، بۇلتۇر 70 يىللىقىنى ئۆتكۈزدى . بەزى شائىرلار يوشۇرۇن ئىپادىلىدى شۇنداق ئارزۇسىنى بەزىلەر ئوچۇقلا دىدى . ماڭا قاچان تون كىيگۈزىسىلەر ...
بەزى شائىرلار تەھرىر بۆلۈمىنىڭ 60 يىلىڭىزنى ئۆتكۈزۈپ تون كىيگۈزەيلى دىگەن تەكلىپىنى رەت قىلدى . 70 يىللىقىنى ئۆتكۈزۈپ بېرەيلى دىدى يەنىلا رەت قىلدى . نىمە ئۈچۈن بەزىلەر شۆھرەتكە شۇنچىلىك ئامراق ، قېرىغانسىرى خۇدىنى يوقىتىدۇ ؟ بەزىلەر جىمجىت يېزىقچىلىق قىلىدۇ . 70 تىن ئېشىپمۇ يەنىلا توختىماي ئىزدىنىپ كىتاپ ئوقۇپ ئەسەر يازىدۇ ؟

pis-pas يوللانغان ۋاقتى 2015-2-3 15:02:00

niyazdixan يوللىغان ۋاقتى  2015-2-3 14:47 static/image/common/back.gif
چۈيۈەننى چۇ دۆلىتىدىن دەپ ئۆتكەن دەرسلىك كىتابتا ئەمد ...

چۇ دۆلىتىمىتى يا، :lol
مەن يېقىندا مۇشۇ خەن سۇلالىسىدىن بۇرۇنقى خەنزۇلارنىڭ تارىخىغا قىزىقىپ قېلىپ ، مۇشۇ توغرىلىق بىرنەچچە تېلىۋېزىيە تىياتىرىنى كۆرۈپ بولدۇم، مەسىلەن : 大秦帝国نىڭ 6 بۆلۈملۈك( بۇنىڭ 3نى ئىشلەپ بولدى، يەنە 3 بۆلۈمى بامىش) تارىخى تىياتىرنىڭ 黑色裂变,纵横 ۋە 崛起لەرنى كۆرۈۋاتىمەن ، شۇڭا بۇ تارىخى شەخىسلەرنىڭ دۆلىتىنى (بەگلىكىنى) تۇتۇۋالماقمۇ تەسكەن .

orkesh يوللانغان ۋاقتى 2015-2-3 15:08:41

يېقىنقى يىللاردىن بۇيان تولىراق كۆزگە چېلىقىدىغان بۇ پائالىيەتنىڭ ھەقىقى مەنىسىنى ماڭا ئوخشاش بىلمەيدىغانلار خېلى بار دەپ قارايمەن.
يۇقىرىقى تېما ئەسەر ئارقىلىق «تون كەيدۈرۈش»توغرىسىدا ئاز-تولا چۈشەنچىگە ئىگە بولدۇم.

orkesh يوللانغان ۋاقتى 2015-2-3 15:08:55

سىپتا، يارىشىملىق ، سەنئەتلىك تىكىلگەن تون بىزدە سەلتەنەتنىڭ ،ھاكىمىيەت تەختىنىڭ ، ھاكىميەت ھاكىمدارىنىڭ سىمۋولى بولۇپ كەلگەن. شۇڭا قەدىمقى دەۋرلەردە سۇلتانلار، خانلار ھاكىمىيەتنى  ھاكىمىيەت  تەختىدە تون كىيىپ ئولتۇرۇپ سۇرگەن، ئۇلار كەيگەن تون شاھانە تون ، دەپ ئاتالغان ، ئۇلارنىڭ بىراۋلارغا تەقدىم قىلغان تونلىرىمۇ  شاھانە تون ، دەپ ئاتالغان . ئۇلار  ئەينى دەۋىردە يۇرت بېشى، ئەل-ئاۋامنىڭ سەركىسى بۇلۇش سۈپىتى بىلەن  قول ئاستىدىن ئۆزلىرىگە ، يۇرتىغا ، ئاۋامغا تۆھپە ياراتقان ، باتۇرلۇق كۆرسەتكەن  كىشىلەرگە  تون ئىنئام قىلىپ  ، بىزدە باتۇر-ئەزىمەتلەرنى، تۆھپىكارلارنى تون بىلەن مۇكاپاتلاشنىڭ نەمۇنىسىنى ياراتقان ، شۇنىڭ بىلەن بىزدە شاھانە تون دىگەن نام بارلىققا كەلگەن،باتۇرلارغا تون يېپىش ئادەتكە ئايلانغان .  بۇگۇنكى  كۈندە بىزنىڭ ئىجادىيەت مۇھاكىمىسى بولغان  قەلەم ساھىبلىرىنى تون كەيگۈزۈپ مۇكاپاتلىشىمىزنىڭ سەۋىبى   دەل مۇشۇ  يەردىدۇر. گەرچە ھازىرقى تونلار شاھانە تون ، دەپ ئاتالمىسىمۇ لېكىن بو تون ئەينى زاماندىكى  شاھانە تون ئاتالمىسىدىكى تونلارغا باراۋەر تونلار بولۇپ ، ئۇ خەلقىمىزنىڭ تۆھپىكارلارغا بولغان قايىللىقى، ھۈرمىتىنىڭ سىمۋولىدۇر. بۇ تونغا ھۈرمەت، قايىللىق ، ئۇمىد، ئىشەنچ يوشۇرۇنغان. بۇ توننىڭ تۇرمۇشىمىزدىكى، ئەدەبىي ، ئىلمىي پائالىيەتلەردىكى رولى مۇشۇنداق  گەۋدىلىك بولسىمۇ، لېكىن بىز ئۇنىڭ قىممىتىنى يىتەرلىك دەرىجىدە قىلالمايۋاتىمىز، توغرىسى ئۇنىڭ قىممىتىنى ، ئېتىبارىنى قىلىشقا ئەھمىيەت  بەرمەيۋاتىمىز. يەنى بىز بىر ئادەمگە  مۇمكىن بولسا سەنئەتلىك ، يارىشىملىق تىكىلگەن توندىن بىرنى كەيدۈرسەك بۇلاتتى،  بىر ئادەم بىزدىكى « ئەلگىمۇ بىر نۆۋەت، يەرگىمۇ بىر نۆۋەت » دىگەن قاراش بۇيىچە ئۇزىمىزنىڭ مىللىي كىيىم –كىچەك تىكىش ئۇسۇلى بىلەن سەنئەتلىك، سىپتا ، يارىشىملىق قىلىپ تىكىلگەن توندىن بىرنى  خەلقىمنىڭ ماڭا بولغان ھۈرمىتىنىڭ نامايەندىسى ، دەپ  شاھانە تون ھىساۋىدا كەيسە بولاتتى، قالغان ئىشلار ئۆز يۇلىدا بولسا ، باشقا شەكىلدە ئىزھار قىلىنسا بولاتتى. ئەمما بىز بۇنداق قىلىشنىڭ ئورنىغا  ئادەتتىكى ئۇسۇلدا ، ئادەتتىكى  ھۈنەر بىلەن تىكىلگەن ئۇزۇن چاپانلار، يەكتەكلەرنى تون ھىساۋىدا بىراۋلارغا كەيگۈزىۋاتىمىز. سەھنىدە تۇرغان كىشىمۇ بۇنداق كىيىملەرنى  تون ھىساپلاپ تۇلىمۇ بىچارە قىياپەتتە كىيىدۇ. بۇنداق ئەرزان باھالىق ئۇزۇن چاپانلار ، يەكتەكلەر بىر ئادەمگە كۈپلەپ كەيگۈزۈلگەن بولغاچقا   تون كەيگۈچى ئۇزۇن چاپانلارغا، يەكتەكلەرگە  باي بولسا بولدىكى   ھەقىقى تون قايسى،  دىگەن     گاڭگىراشتىن خالىي بۇلالمايۋاتىدۇ. بىلىپ قالايلى، ئادەتتكى ئۇسۇل بىلەن تىكىلگەن  ئۇزۇن چاپانلار، يەكتەكلەر ھەرگىزمۇ  خەلقىمىزنىڭ ئېسىل كىيىم –كىچەك مەدەنىيىتىنىڭ جەۋھىرى ۋە مىللەتنىڭ تۆۋرۈكلىرى بولغان ئەرلەرنىڭ غۇرۇر- سالاپىتىنى ، كىملىگىنى نامايەن قىلىپ بىرەلەيدىغان تونلارنىڭ ئورنىنى باسالمايدۇ.يەكتەك تونغا باراۋەر ئەمەس، يەكتەك  كەيگەنلىك ھەرگىزمۇ تون كەيگەنلىككە  باراۋەر ئەمەس. ئۇزۇن چاپان ۋە يەكتەكنى تون ، دەپ تەقدىم قىلىش ھەرگىز بىراۋنىڭ ئابرۇيىنى ئۈستۈرۈپ بىرەلمەيدۇ. شۇڭا بىز بىراۋغا تون ياپىمىز دەيدىكەنمىز  ئالدى بىلەن چۇقۇم ياپىدىغان تون ئىشىغا ئەستايىدىل مۇئامىلە قىلىشنى ئەستىن چىقارماسلىقىمىز كىرەك. توننى ئەسلى شەكلى، مەنىسى بىلەن  تەييارلاشقا ئەھمىيەت بىرىشىمىز كىرەك

gapbar يوللانغان ۋاقتى 2015-2-3 15:30:40

pis-pas يوللىغان ۋاقتى  2015-2-3 15:02 static/image/common/back.gif
چۇ دۆلىتىمىتى يا،  
مەن يېقىندا مۇشۇ خەن سۇلالىسىدى ...

راست بەك جىق سۇلالىلەركەن بۇ .  سىنا تورىكى مەلۇم خەۋرەرگە يازغان ئىنكاستا بىرسى «جۇڭگۇلۇقلار تارىختىن بېرى تىنىچلىقنى سۈيىدۇ » دىسە ، يەنە بىرسى قايتۇرۇپ « تارىخنى ياخشى ئوقۇپ باق ، قانچە سۇلالە ئالمىشىپتۇ » دەپتىكەن .

niyazdixan يوللانغان ۋاقتى 2015-2-3 17:06:30

ئەسلى تون كىيدۈرۈش دېگەن ھۆكۈمدارلارنىڭ ئىشى بولسا كېرەك. مەسىلەن، پادىشاھلار سارىيىدىكى شائىر، سەنئەتچىلەرنىڭ ئەسەرلىرى بەك ياراپ كەتسە ماختاپ تون يېپىپ، تىللا بېرىپ مۇپاكاتلايدىغان ئىشلار بولغانكەن. يەنە بىرسىگە جەڭدە بەك پىداكارلىق كۆرسەتكەنلەرگە تون ياپىدىكەن. ئەمىر تېمۇرنىڭ، تېمۇر تۈزۈكلىرى دېگەن كىتابىدا ئۇرۇشتا قەھرىمانلىق كۆرسەتكەن، ئۆزىگە ساداقەتلىك كۆرسەتكەنلەرگە يېنىدا تەييار تون بولماي قالسا ئۈستىدىكى قىممەت باھا لىباسلىرىنى سېلىپ كىيگۈزۈپ قويغانلىقىنى نەچچە يەردە بايان قىلىدۇ.  بىزگە بۇ ئادەت ئوتتۇرا ئاسىيا جۇمھۇرىيەتلىرىدىن كىرگەنغۇ دەيمەن، ئۆزبېكىستاننىڭ ئىستالىنغا تون كىيدۈرگەن بىر رەسىمىنى كۆرگەندەك قىلغانتىم بۇرۇن.

begir يوللانغان ۋاقتى 2015-2-3 17:18:18

niyazdixan يوللانغان ۋاقتى 2015-2-3 17:24:42

begir يوللىغان ۋاقتى  2015-2-3 17:18 static/image/common/back.gif
ئۇرۇشقاق بەگلىكلەر توغرىسىدىكى ھىكايىنى بىلگۈڭىز كە ...

5-بۆلۈمى چىقتىمۇ ئۇ كارتوننىڭ؟
بەت: [1] 2
: يازغۇچى–شائىرلارنىڭ تون كىيىشى