choice يوللانغان ۋاقتى 2015-2-2 10:43:11

ئەلىس مۇنرۇنىڭ نۇتۇقى ۋە قىسقىچە تەرجىمەھالى

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   bilgejan تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-2-2 16:10  



كىرىش سۆز:2013 -يىلى 12-ئاينىڭ 10-كۈنى نوبىل ئەدەبىيات مۇكاپاتىنى تارقىتىش مۇراسىمى شىۋىتسىيىدە ئۆتكۈزۈلدى،82 ياشلىق ئەيلىس مۇنرۇنىڭ سالامەتلىكى يار بەرمىگەچكە قىزى جېنىي ئۇنىڭ ئورنىغا بېرىپ مۇكاپاتنى تاپشۇرۇپ ئالدى، قائىدە بويىچە مۇكاپات تارقىتىش مۇراسىمىدىن ھەپتە بۇرۇن نوبىل ھەپتىلىكى پائالىيىتى ئۆتكۈزۈلىدىغان بولۇپ، مۇكاپاتقا ئېرىشكۇچىلەر رەسمىي مۇراسىمدىن بۇرۇن نۇتۇق سۆزلەيتتى، شىۋىتسىيە ۋاقتى 2013-يىلى 12-ئاينىڭ 7-كۈنى كەچتە ئەيلىس مۇنرۇ كامىرا ئارقىلىق نۇتۇق سۆزلەپ ئۆزىنىڭ يېزىقچىلىق ھاياتىنى تونۇشتۇردى
ئەيلىس مۇنرۇنىڭ زىيارەت نۇتقى
ئەيلىس مۇنرۇ: كىتاپ ئوقۇشقا كىچىگىمدىنلا ھېرىسمەن ئىدىم، بۇ ھېرىسمەنلىك شۇ چاغلاردا باشقىلار ماڭا ئوقۇپ بەرگەن ‹‹ كىچچىكىنە بېلىق قىز››نىڭ ھىكايسىدىن باشلانغان ئىدى. بۇ بىر ئازاپلىق ھىكايە بولۇپ، ھىكايىدە كىچىك  بېلىق قىز بىر شاھزادىگە ئاشىق بولۇپ قالىدۇ،بىراق ئۇ بېلىق   بولغانلىقتىن شاھزادە بىلەن توي قىلالمايدۇ. ھازىر  ئويلىسام ھىكايىنىڭ ئىچىدىكى ئىنچىكە تەپسىلاتلار ئېسىمدە تازا قالماپتۇ، بىراق ئەينى چاغدا بۇ ھىكايىنى ئاڭلاپ  بولۇپلا سىرتقا يۈگۈرۈپ چىقتىم، ئەتراپتا توختىماي ھېلى ئۇياققا ھېلى بۇياققا  ماڭدىم ، ئاخىرى شۇ كۈنى بۇ ھىكايىنىڭ يېشىمىنى بېلىق قىز بەختلىك بولىدىغان قىلىپ قايتىدىن توقۇپ چىقتىم، چۈنكى مېنىڭچە بېلىق قىز بەختلىك بولۇشقا ھوقۇقلۇق ئىدى.مەن شۇ چاغلاردىلا دائىم ھەرخىل خىياللارنى قىلىپ ئۆزۈم ئۈچۈن ئوخشىمايدىغان ھىكايىلەرنى توقۇپ چىقاتتىم.مەن توقۇغان ھىكايىنى مەيلى باشقىلار بىلسۇن بىلمىسۇن ، مەن چوقۇم  ھىكايىنى تېخىمۇ ياخشى قىلىپ ئۆزگەرتىشكە پۈتۈن كۈچۈم بىلەن تىرىشاتتىم. مەسلەن بېلىق قىزنىڭ ھىكايسىنى ئۆزگەرتكەندىن كېيىن. بېلىق قىز شاھزەدە بىلەن بەختلىك بولالايتتى،  ئۇ شاھزەدە ئۈچۈن ئۆز تېنىنى ئۆزگەرتىپ ئادەتتىكى ئادەمگە ئۆزگۈرۈش ئۈچۈن چىدىغۇسىز ئاغرىق ئازاپلىرىغا بەرداشلىق بەرگەن ئىدى،  ئۇ ئادەم تېنىگە ئۆزگەرگەن بەدىنى بىلەن ھەربىر قەدەم ماڭغىنىدا شىدەتلىك ئاغرىق قىزچاقنىڭ كىچىككىنە جېنىنى قاتتىق قىينايتتى،شۇنداقتىمۇ بېلىق قىز يەنىلا زور چىدام بىلەن شاھزادە ئۈچۈن ئۇ بۇ ئىشلارنى خوشاللىق بىلەن قوبۇل قىلاتتى، شۇڭا مېنىڭچە بېلىق قىز بەختلىك بولۇشقا تامامەن ھوقۇقلۇق ئىدى.   مەن بۇنداق  يېڭى ھىكايىلىرىمنى  باشقىلارنىڭ بىلمەي قېلىشىدىن ئەنسىرىپ كەتمەيتتىم ،   مۇشۇنداق ھىكايىلەرنىڭ يېڭى نۇسقىسى كاللامدا پەيدا بولغان ھامان  مەن ئۈچۈن يېڭى بىر ئەسەر بارلىققا كېلىپ  بولاتتى، مېنىڭ يېزىقچىلىقىم ئەنە شۇنداق باشلانغان ئىدى.
ئاسبوگ( زىيارەتچى) ھىكايە توقۇش ۋە يېزىشنى قانداق ئۆگەنگەنلىڭىز ھەققىدە سۆزلەپ بەرسىڭىز؟
ئەيلىس مۇنرۇ: قەيەردىلا بولماي توختىماي ھىكايە توقۇدۇم. مەكتەپكە بارىدىغان يول بەك يىراق ئىدى، مەكتەپكە كېتىۋېتىپمۇ ھىكايە توقۇيتتۇم، يېشىمنىڭ بارغانسېرى چوڭىيىشىغا ئەگىشىپ، كېيىنچە توقۇغان ھىكايىلەرنىڭ كۆپۈنچىسى ئۆزۈمگە باغلىنىشلىق بولدى.گەرچە بۇ ھىكايىلەر ناھايىتى تېزلا نەشردىن چىقمىسىمۇ بىراق بۇنىڭلىق بىلەن بېشىم قېتىپ ئىچىم تىتىلداپمۇ كەتمىدى. مەن بۇ ھىكايىلەرنى باشقىلارنىڭمۇ ئوقۇشى كېرەك ياكى ئەمەسلىكى ھەققىدە ئانچە ئويلىشىپمۇ كەتمىگەن ئىدىم.  ئادەتتە كۆپۈنچە ھىكايىدىكى ۋەقە مېنىڭ شەخسى كۆز قاراشلىرىمدىن شەكىللەنگەن ئىدى. مەسىلەن بۇ مېنىڭ كىچىك بېلىق قىزنىڭ ھىكايىسىدە مەن بېلىق قىزچاقنى باتۇر ئەقىللىق بولغانلىقى ئۈچۈن ئۇ ياخشى تۇرمۇشقا ئېرىشىش كېرەك دەپ قارىغىغىمغا  ئوخشاپ كېتىدۇ.
ئاسبوگ( زىيارەتچى): ھىكايىلىرىڭىز ئايال كىشىنىڭ نۇقتىسىدىن تۇرۇپ بايان قىلىنىدۇ،بۇ  سىز ئۈچۈن ناھايىتى   مۇھىممۇ؟
ئەيلىس مۇنرۇ: مەن ئەزەلدىن بۇنى بەك مۇھىم دەپ قارىمايمەن. ئۇنىڭ ئۈستىگە مەن ئوزۈمنى ئايال سىياقىدىن باشقا سىياقتا خىيال قىلىپمۇ باقمىدىم، نۇرغۇن ياخشى ھىكايىلەر ئەمەلىيەتتە ئاياللار قىزلار بىلەن باغلىنىشلىق كېلىدۇ. ياشلىق ئۆتۈپ كەتكەندىن كېيىن كىشىلەر ئاساسەن  ئاياللار ئەرلەرگە ھەمدە بولۇپ ئەرلەرگە ياردەم قىلىشى ،ئۇلارنىڭ ھاجىتدىن چىقىپ ئۇلارنى مەمنۇن قىلىشى كېرەك دەپ  قارىشىدۇ.   بىراق مەن ياش قىز ۋاقىتلىرىمدىلا  ئايال كىشى ئەرلەردىن تۆۋەن تۇرىشى كېرەك دەپ ئويلىمايتىم، ئانتورىئودا ئۇزۇن يىل ياشىدىم ، ئۇ يەردىكى ئاياللاپ كۆپلەپ كىتاپ كۆرىدۇ ، نۇرغۇن ھىكايىلەرنى بىلىدۇ، ئەرلەر بولسا ھەمىشە سىرتلاردا تېخىمۇ مۇھىم ئىشلار بىلەن شۇغۇللىنىدۇ، مەن ئەرلەرنىڭ ئىشلىرىغا ئانچە قىزىقىپ كەتمەيمەن، شۇڭا ئۆيۈمدە تېنچ ئولتۇرۇش ماڭا راھەت تۇيىلىدۇ.
ئاسبوگ( زىيارەتچى): بىرەر ھىكايىنى بايان قىلىۋاتقاندا سىزگە  قانداق نەرسە ئەڭ مۇھىم تۇيىلىدۇ؟
ئەيلىس مۇنرۇ: شۇنىسى ناھايىتى ئېنىقكى:-- يېزىقچىلىق قىلغان دەسلەپكى مەزگىلدە   مەن ئۈچۈن جەم بولۇپ ۋىسالغا يېتىش ھەققىدىكى ھىكايىلەر ناھايىتى مۇھىم تۇيۇلاتتى،  ئەسەرلىرىمدە ئايال باش قەھرىماننىڭ ھىكايە ئاخىرىدا كىچىكىننە كۆڭۈلسىزلىككە دۇچ كېلىشىگىمۇ    يول قويمايتتىم، كېيىن مەن ‹ گۈرۈلدەۋاتقان تاغلىق يېزا› دىگەندەك ھىكايىلەرنى ئوقۇغاندىن كېيىن  مەن تۇرىۋاتقان بۇ يەردىمۇ ئەڭ بەختسىز ۋەقەلەرنىڭ بولۇپ تۇرىدىغانلىقنى ئويلاپ ئۆزۈمنىڭ كۆز قارىشىنى ئۆزگەرتىپ پاجىئەلەرنىمۇ  يازىدىغان بولدۇم.
ئاسبوگ( زىيارەتچى): يېزىقچىلىققا نىسبەتەن ئىزچىل كۈچلۈك ئىشەنچىدە بولۇپ كەلدىڭىزمۇ؟
ئەيلىس مۇنرۇ: بىر مەزگىل شۇنداق ئىدىم. چوڭ بولغاندىن كېيىن يازىدىغان نۇرغۇن كىشىلەرنى ئۇچراتتىم ،ئاندىن ئۆزۈمگە ئۇنداق بەك ئىشىنىپ كەتمەيدىغان بولدۇم. شۇندىلا يېزىقچىلىقنىڭ ئۆزۈم تەسەۋۋۇر قىلغاندەك ئۇنچە ئاسان ئەمەسلىكىنى تونۇپ يەتتتىم، بىراق ئەزەلدىن يېزىشتىن ۋاز كەچمىدىم.
ئاسبوگ( زىيارەتچى):مەلۇم بىر ھىكايىگە قەلەم تەۋرىتىشنى باشلىغاندىن كېيىن  ئىجادىيەت جەريانىنى قانداق تاماملىدىڭىز؟
مۇنرۇ: ئۇف، قاتتىق ئۈمۈتسىزلىنىپ قالاتتىم. مەن بىر ئائىلە ئايالى، دائىم دىگۈدەك بالىلىرىمغا تاماق تەييارلىمىسام بولمايتتى، شۇڭا بوش ۋاقىتلاردا يېزىقچىلىق قىلىشقا كۆنۈشۈم كېرەك ئىدى. بەزىدە ناھايىتى مەيۈسلۈنۈپ روھىم چۈشۈپ كېتەتتى،چۈنكى ئۆزۈم يازغان بەزى ھىكايىلەر بەزى چاغلاردا ئانچە ياخشى چىقماي قالاتتى ،بىراق ھىچقاچان مەن ۋاز كېچىشنى ئويلاپ باقمايتىم، داۋاملىق تىرىشىپ يېزىشنى ئۆگەنمىسەم بولمايتتى، راسىتمنى ئېيتقاندا يېزىقچىلىق ھەقىقەتەن مېنىڭ ئويلىغىنىمدىن قىيىن ئىش ئىدى، شۇنداقتىمۇ مەن توختاپ قالمىدىم، چۈنكى ئەزەلدىن ئۆزۈمنى بۇ جەھەتتە يارىماس دەپ قارىمايتتىم.
ئاسبوگ( زىيارەتچى): ھىكايە يېزىشتا سىزگە ئەڭ قىيىن تۇيۇلىدىغان بۆلىكى قايسى؟
ئەيلىس مۇنرۇ: ئويلىسام ئەڭ قىيىن بۆلىكى ھىكايىنى ئاياقلاشتۇرىدىغانغا ئاز قالغاندىكى بۆلەك بولىشى مۇمكىن. شۇنداق چاغدا ئادەمگە ھىكايە ناچار تۇيۇلىدۇ،ھىكايىنى دەسلەپ باشلىغاندا ھاياجانلىنىسىز،ئىككىنچى بولەككە بارغاندىمۇ يامان ئەمەس تۇيۇلىدۇ، بىراق مەلۇم بىر كۈنلەردە سەھەر تۇرۇپ يېزىشنى داۋاملاشتۇرۇۋېتىپلا  ئۆزىڭىزنىڭ يازغانلىرى شۇنداق بىمەنە تۇيۇلۇپ قالىدۇ، شۇنداق چاغدا داۋاملىق يازماي ئامال يوق، مەن ئۈچۈن ئېيتقاندا ھىكايىنىڭ ياخشى چىقماسلىقى مېنىڭ سەۋەنلىكىم ،ھەرگىزمۇ ۋەقەلىكنىڭ سەۋەنلىكى ئەمەس.
ئاسبوگ( زىيارەتچى): ھىكايىدىن رازى بولماي قالغان ۋاقتىڭىزدا قانداق قىلاتتىڭىز؟
ئەيلىس مۇنرۇ:جاپالىق ھالدا يازاتتىم، بىراق تېخىمۇ ياخشىراق باشقىچە ئۇسۇلدا بايان قىلىشقا تىرىشاتتىم، دەسلەپ يېزىقچىلىق قىلغان چاغلىرىمدا  مۇرەككەپ چىگىچ سۆزلەرنى ئىشلىتەتتىم، كېيىن بۇ نەرسىلەرنى تاشلاپ ھىكايىنىڭ ئۆز ماھايىتى ھەققىدە چوڭقۇر ئىزدىنىدىغان پىكىر قىلىدىغان بولدۇم، ئادەم ۋەقەنى قارىماققا ئاسانلا چۈشەندىم دىگەن بىلەن ئەمەلىيەتتە ئەشۇ ۋەقىنى تولۇق چۈشۈنۈش ئۈچۈنمۇ نۇرغۇن نەرسىلەرنى ئۆگۈنۈشكە توغرا كېلىدۇ.
ئاسبوگ( زىيارەتچى): سىز ئەخلەت چېلىكىگە تاشلىۋەتكەن ھىكايىلەر قانچىلىك؟
ئەيلىس مۇنرۇ:ۋاھ، ئۇنى بىر دىمەڭ، ياش ۋاقىتلىرىمدىكلىرىنىڭ ھەممىسنىلا ئەخلەت چېلىكىگە تاشلىغان ئىدىم. كېيىنكى يىللاردا ئۇنداق قىلمايدىغان بولدۇم، ئادەتتە مەن يېزىش جەريانىدا بۇ ھىكايىلەرنى قانداق قىلىپ  قايتا تىرىلدۈرۈشنى ھىكايىگە جان كىرگۈزۈشنى ئويلاپ چىقىمەن، لېكىن شۇنداقتىمۇ بەزىدە خاتالىقلارنى سادىر قىلدىم. مەن كېيىن شۇنى ھىس قىلدىمكى:-- يېزىۋاتقان ۋاقىتتا چوقۇم ئۆزىمىزنىڭ ھىكايە يېزىۋاتقانلىقنى ئۇنتۇپ كېتىش كېرەككەن.
ئاسبوگ( زىيارەتچى): ئۆزىڭىز تاشلىۋەتكەن بىرەر ھىكايە ئۈچۈن ئۆكۈنۈپ باقتىڭىزمۇ؟
مۇنرۇ: ئەزەلدىن ئۇنداق ئويلاپ باقماپتىمەن، ئەگەر  بىرەر ھىكايىنى يېزىپ باشتىلا ئازاپلىنىپ قايغۇدا قالسام بۇ ھىكايە بولمىغىدەك دەپ قارايمەن، لېكىن بۇنداق ئىشقا ئاساسەن ناھايىتى ئاز ئۇچرۇدىم.
ئاسبوگ( زىيارەتچى): يېشىڭىزنىڭ چوڭىيىشىغا ئەگىشىپ  يېزىقچىلىق ئۇسلۇبىڭىزدا قانداق ئۆزگۈرۈش بولدى؟
ئەيلىس مۇنرۇ:مەن بۇنى ئاللىقاچان ئويلاپ قويغان،دەسلەپ يازغاندا ئادەم گۈزەل ياش مەلىكىلەرنى يازىدىكەن، كېيىن ئائىلە ئايالى، بالىلارنى يازىدىكەنمىز، ئۇنىڭدىن كېيىن مومايلارنى يازىدىكەنمىز، مانا بۇ بىر جەريان. ئۆزىڭىز ئىشلارنى مەقسەتلىك ھالدا ئۆزگەرتمىگەن تەقدىردىمۇ سىزنىڭ كۆرۈش ۋە ھىس قىلىش نۇقتىڭىزدا ئۆزگۈرۈش بولىدىكەن.
ئاسبوگ( زىيارەتچى): ئەگەر سىز ئالىي مەكتەپتىكى ئوقۇشىڭىزنى تولۇق تاماملىغان بولسىڭىز، بۇ سىزنىڭ يېزىقچىلىق ئۇسلۇبىڭىزغا تەسىر كۆرسىتەرمىدى؟
ئەيلىس مۇنرۇ: شۇنداق بولۇش ئېھتىماللىقى يۇقۇرى ئىدى. بەلكىم ئۇ چاغدا مەن  ناھايىتى  ئېھتىياتچان قورقۇنچاق يازغۇچىغا ئايلىنىپ قېلىشىم مۈمكىن ئىدى، چۈنكى بىلگەنلىرىڭىز كۆپ بولغانچە ئېھتىيات قىلىدىغان قورقۇدىغانلىرىڭىز كۆپ بولىدۇ. كىم بىلىدۇ تېخى ھېلى ئۇنىڭدىن ھېلى بۇنىڭدىن قورقۇپ ھىچنىمە يازالماي يۈرگەنمۇ بولار ئىدىم.بىراق كۆڭلۈمدىكى ئېيتسام  مېنىڭ نۇرغۇن نەرسىلەرنى يازغۇم كېلىپلا تۇراتتى، توختىماي يېزىشنىلا ئويلايتتىم قانداقلا بولمىسۇن سىناپ باقسام دەيتتىم.
ئاسبوگ( زىيارەتچى): يېزىقچىلىق سىز ئۈچۈن تۇغما تالانتمۇ؟
ئەيلىس  مۇنرۇ: مەن ئۇنداق دەپ قارىمايمەن، ئەتراپىمدىكىلەر شۇنداق ئويلايدىكەن. مەن ئەزەلدىن يېزىقچىلىقتا تۇغما تالانتىم بار دىگەن ئويدا بوپ باقمىدىم. بىراق بۇ ئىشنى مەن  تولۇق تىرىشچانلىق كۆرسەتسەم چوقۇم ياخشى قىلالايمەن دەپ  قارايتتىم. شۇڭا يېزىقچىلىقنى تۇغما تالانت دىگەندىمۇ بۇ ئۇنداق ئاسان ئېرىشكىلى بولۇدىغان تالانت ئەمەس.
ئاسبوگ( زىيارەتچى): ئۆزىڭىزنىڭ ئىقتىدارىدىن، يازغانلىرىڭىزنىڭ ياخشى بولماسلىقىدىن شۇبھىلىنىپ باققانمۇ؟
ئەيلسى مۇنرۇ:بۇ سۇئالغا مەن  ئەزەلدىن ئىزچىل شۇنداق ئويدا بولدۇم دەپ جاۋاپ بەرسەممۇ بولىدۇ، تاشلىۋەتكەنلىرىم  يېزىپ تۈگەتكەن ۋە ئېلان قىلغانلىرىمدىن نەچچە ھەسسە كۆپ چىقىدۇ،20 نەچچە يېشىمدىن باشلاپ شۇنداق بولدى،  ئەمما مەن باشتىن ئاخىر ئۆزۈم يېزىشنى ئارزۇ قىلغان ئۇسلۇپتا يېزىش ئۈچۈن توختىماي ئۆگەندىم، شۇڭا دەيمەن يېزىقچىلىق ئۇنداق ئاسان ئىش ئەمەس.

ئەيلىس مۇنرۇنىڭ قىسقىچە تەرجىمەھالى
ئەيلىس مۇنرۇ 1931-يىلى ئونتارىئو  ئولكىسىدىكى(شىتاتى) ۋىنگھام  بازىرىدا  تۈلكە ۋە ئائىلە ھايۋانلىرىنى بېقىشنى ئاساسىي كەسپ قىلغان چارۋىچىلىق ئائىلىسىدە تۇغۇلۇپ چوڭ بولغان. ئون نەچچە يېشىدىلا يېزىقچىلىققا كىرىشكەن،1949-يىلى ۋېسترېن ئونتارىئۇ ئۇنۋېرسىتىتىدا ئىنگىلىز تىلى سىنىپىدا ئوقۇغان،   1950-يىلى ۋېسترېن ئونتارىئۇ ئۇنۋېرسىتىدا ئوقۇۋاتقان  مەزگىللىرىدە ئۇ ئۆزىنىڭ تۇنجى  ھىكايىسى‹ سايىنىڭ كەڭلىگى› نى ئېلان قىلغان ، ئۇنۋېرسىتتىتتا ئوقۇش جەريانىدا ئۇ ئاشخانا مۇلازىملىقى، تاماكا ئۆسۈملۈك ماتىرىيال  يىغقۇچىسى، كۇتۇپخانا خىزمەتچىسى قاتارلىق  خىزمەتلەرنى قىلغان.
1951-يىلى ئۇنۋېرسىتتىن ئايرىلىپ جەمىس  مۇنرۇ  بىلەن توي قىلىپ كۇلۇمبىيە  ئولكىسىدىكى( شىتاتىدىكى (ۋونكىۋېرغا كۆچۈپ كەلگەن. ۋە شۇ يەردە 3 بالىلىق بولغان. 1963-يىلى ئۇلار ۋېكتورىيىگە كۆچۈپ بېرىپ شۇ يەردە مۇنرۇ كىتاپ شىركىتى قۇرغان.
1968-يىلى ئەيلىس مۇنرۇ تۇنجى ھىكايىلەر توپلىمى‹سايىنىڭ خوشاللىقى›نى نەشر قىلدۇرۇپ جەمئىيەتتە قىزغىن قارشى ئېلىنغان ، شۇنداقلا كانادادىكى ئەڭ ئالىي ئەدەبىيات مۇكاپاتى بولغان- شۇ يىللىق  كانادا گۇبورناتۇر مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن .شۇنىڭدىن كېيىن  ئۇ يەنە ‹ قىزلار ۋە ئاياللارنىڭ تۇرمۇشى› دىگەن كىتاپنى نەشىر قىلدۇرغان. 1972-يىلى ئەيلىس مۇنرۇ جەمس مۇنرۇ بىلەن ئاجرىشىپ كەتكەن، ۋە ئونتارىئوغا قايتىپ ۋېسترېن ئونتارىئۇ ئۇنۋېرسىتىتىدا تۇرۇپ يازغۇچىلىق قىلغان. 1976-يىلى ئۇ جۇغراپىيەشۇناس  گىرالد فرىملىن بىلەن توي قىلىپ  ئونتارىئۇ   ئۆلكىسى  كېلىنتۇن بازىرىنىڭ سىرتىدىكى بىر دېھقانچىلىق مەيدانىغا كۆچۈپ بارغان، كېيىنچە  ئۇ يەردىن يەنە كېلىنتۇن بازىرىغا كۆچۈپ ئىزچىل شۇ يەردە تۇرۇپ قالغان. 1978-يىلى ئەيلىس مۇنرۇنىڭ ‹ ئۆزىڭىزنى كىم دەپ قارايسىز› ناملىق ھىكايىلەر توپلىمى نەشردىن چىقىدۇ. ئۇنىڭ بۇ   كىتاۋىمۇ بىر بىرىگە باغلىنىشلىق ھىكايىلەردىن تەركىپ تاپقان بولۇپ، ئامىرىكىدا نەشر قىلىنغاندا ‹ تىلەمچى قىز فۇلو ۋە لوسنىڭ ھىكايسى› دەپ ئىسىم قويۇلغان ئىدى، مۇنرۇنىڭ بۇ كىتاۋى كۈچلۈك ئالقىشلىنىپ،  ئىككىنچى قېتىم گۇبورناتۇر مۇكاپاتىغا ئېرىشىدۇ.
ئالدىنقى ئەسىرنىڭ 80-يىلىدىن 90-يىلىغىچە بولغان 20 يىل مابەينىدە ،ئەيلىس مۇنرۇ  ئوتتۇرا ھىساپ بىلەن ھەر 4 يىلدا بىر ھىكايىلەر توپلىمى چىقىرىپ، كىشىلەرنىڭ ھەسسىلەپ ھۆرمىتىگە؛ ياخشى باھاسىغا  سازاۋەر بولۇش بىلەن يەنە كانادا ۋە خەلقئارادا نۇرغۇنلىغان مۇكاپاتلارغا ئېرىشىدۇ.
2002-يىلى ئۇنىڭ قىزى شىلا ‹ ئانا بىلەن قىزنىڭ تۇرمۇشى: ئەيلىس مۇنرۇنىڭ قۇچىقىدا چوڭ بولدۇم› ناملىق بالىلىق ئەسلىمە ئەسىرىنى ئېلان قىلىدۇ.
ئەيلىس مۇنرۇ ئەسەرلىرىنىڭ سەۋىسىيىسى ئىزچىل يۇقۇرى بولغانلىقتىن پۈتۈن يەر شارى مىقياسىدا كۈچلۈك تەسىر قوزغاپ2009،-يىلى 5-ئايدا ھىچقانداق بەس مۇنازىرىسىز ھالدا 3-نۆۋەتلىك بۇك خەلقئارا ئەدەبىيات مۇكاپاتىغا ئېرىشىدۇ. تەسىرى ئەڭ كۈچلۈك  ۋەكىللىك ئەسەرلىرىدىن بىرى بولغان‹ قېچىش›ناملىق رومانى 2004-يىلى  داغدۇغىلىق نەشر قىلىنىپ،  جەمئىيەتتە ناھايىتى ئالقىشلىنىدۇ ۋە شۇ يىللىق كانادا گېللىر ئەدەبىيات مۇكاپاتىغا  ئېرىشىدۇ. 2012-يىلى ئەڭ يېڭى ھىكايىلەر توپلىمى‹ سۆيۈملۈك ھايات› ئېلان قىلىنغاندا ئەيلىس مۇنرۇ ئەمدى ئەسەر يازمايدىغانلىقىنى ئېلان قىلىدۇ.
2013-يىلى 10-ئاينىڭ 10-كۈنى شۇ يىللىق نوبىل ئەدەبىيات مۇكاپاتى ئېلان قىلىنىپ،  ئەيلىس مۇنرۇ بۇ ئالىي شەرەپكە ئېرىشىدۇ. مۇكاپات تارقىتىىش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلگەندە    82 ياشلىق ئەيلىس مۇنرۇنىڭ سالامەتلىكى يار بەرمىگەنلىكتىن مۇكاپات تارقىتىش مۇراسىمىغا ئۆزى قاتنىشالماي. قىزى جېنىي ئۇنىڭغا ۋاكىلىتەن مۇراسىمغا قاتنشىدۇ.
ئۇنىڭ ھازىرغا قەدەر 13 ھىكايىلەر توپلىمى ۋە 1 رومانى ئېلان قىلغان بولۇپ ،ھىكايىلىرىنىڭ كۆپۈنچىسىدە ئاياللار مەركەز قىلىنىپ، كانادادىكى ئاددى بىر بازارنىڭ تۇرمۇش ئەسلىمىلىرى  ئارقىلىق، ئاددى ئاياللارنىڭ مۇرەككەپ پىسخىك  ئۆزگۈرۈشلىرى ۋە نازۇك ھىسسىي دۇنياسى تەسۋىرلىنىدۇ،ئۇنىڭ ئەسەرلىردىكى سالماق ئىنچىكە تەپسىلاتلار ئوقۇغان كىشىنىڭ    يۈرەك قېتىنى زىل –زىلىگە سالىدۇ.
مۇنرۇنىڭ نۇرغۇن  ئەسەرلىرى   ئايال بولۇپ پىششىپ يېتىلىشكە قاراپ يۈزلىنىۋاتقان قىزلارنىڭ ئائىلىسدە ۋە ئۆزى چوڭ بولغان كىچىك بازاردا ئۇچرىغان جاپا مۇشەققەتلىرى  بىلەن باغلىنىشلىق بولۇپ، ۋەكىللىك ئەسەرلىرىدىن 2001-يىلى نەشر قىلىنغان‹ئۆچمەنلىك، دوستلۇق، مۇھەببەت، نىكاھ› ناملىق كىتاۋى ۋە 2004-يىلى نەشر قىلىنغان‹ قېچىش› ناملىق كىتاپلىرىدا ئوتتۇرا ياشلىقلار ، يىگانە ئاياللار  ھەمدە قېرىلارنىڭ جاپا مۇشەققەتلىرى     يارقىن ھالدا باش تېما قىلىپ يورۇتۇپ بېرىلگەن.   جۈملىدىن  ئەيلىس مۇنرۇنىڭ چەت ھەم جىمجىت جايدا  ئۆتكۈزگەن ھايات مۇساپىسى  ئۇنىڭ  يېزىقچىلىق ھاياتىدا يىراق چەت بازارلاردىكى ئاددى ئاياللارنىڭ ئادەتتىكى تۇرمۇشىنى يېزىش ئۇسلۇبىنى يېتىشتۈرۈپ چىقىشىدا كۈچلۈك  رول ئوينىغان. ئۇ يازغان ھىكايىلەردە ئۆزى تۇرغان جايدىكى ئاددى ئاۋام خەلقىنىڭ سۆيگۈ- مۇھەببىتى، ئائىلە تارىخى،  ئادەتتە ئېيتىشقا بولمايدىغان تۇرمۇش مەخپىيەتلىكلىرى  قاتارلىق ئىنچىكە مەزمۇنلار سۆزلىنىدۇ. ئۇنىڭ قەلىمى ئاددى،گۈزەل، چۈشۈنۈشلۈك بولۇپ، تۇرمۇشنىڭ ئاددى ھەم چىنلىقىنى ناھايىتى ئەپچىللىك بىلەن سۈرەتلەپ ،ئوقۇرمەنلەرگە تولىمۇ  سەمىمىي چوڭقۇر ھىس تۇيغۇلارنى ئاتا قىلىدۇ، قىسقىسى ئۇ ئاددى تىل بىلەن مول ھىسسىياتنى ئىپادىلەشتە ئۆزىگە خاس ئۇسلۇپقا ئىگە بولۇپ،كىشىلەر ئۇنىڭغا‹‹ ھازىرقى زامان ھىكايە يېزىقچىلىقىنىڭ پىشۋاسى ››دەپ   باھا بەردى.
زامان ۋە ماكاننى ئالماشتۇرۇپ ئىپادىلەش مۇنرۇنىڭ ئىجادىيىتىدكى دائىم قوللۇنىدىغان  يېزىش ئۇسۇلى   بولۇپ بۇ مۇشۇ ئۇسۇل ئارقىلىق ئەسلىمە بىلەن رىئال تۇرمۇشنى ئۇششاق پارچىلاپ چېچىۋېتىپ ئاندىن قايتىدىن كىرىشتۈرۈپ ئىپادىلەيدۇ، بۇنىڭدىن مۇنرۇنىڭ دۇنياغا قاراشتا بەلكىم باشقىچە يېڭى نۇقتىلار بولىشى مۇمكىن دىگەن مۇددىئاسىنى بىلىۋېلىشقا بولىدۇ.ئۇ بىر نەسىرىدە مۇنداق دەيدۇ:‹ ھىكايە ئۇزۇن بىر يول ئەمەس بەلكى بىر ئۆيگە ئوخشايدۇ،شۇڭا ئۆينىڭ ئىچىگە كىرىپ بىردەم تۇرغاندىن كېيىن ئۇياق بۇياققا مېڭىپ ، ئۆي بىلەن زالنىڭ باغلىنىشىنى كۈزىتىپ، ئاندىن دەرىزىدىن سىرتقا قاراش ؛ ئاشۇ نۇقتىدا تۇرۇپ سىرتقى دۇنيادا قانداق ئۆزگۈرۈش بولىۋاتقانلىقىغا قاراش كېرەك.›
ئۇنىڭ ئەسەرلىرىدىكى نازۇك ئەمما ئاددى  بايانلار ، چوڭقۇر ۋەقەلىكلەر   كىشىنىڭ يۈرۈكىنى زىل-زىلىگە سالالايدۇ.ھەتتا ئامېرىكىلىق يەھۇدى يازغۇچى سىنسىيا ئوچىكمۇ مۇنرۇغا ‹ ھازىرقى زاماندىكى چىخوپ› دەپ  باھا بەرگەن، باشقا نۇرغۇن ياۋرۇ ئامېرىكا تاراتقۇلىرى ئۇنى ھازىرقى زاماندىكى ئەڭ ئۇلۇغ ھىكايە يازغۇچىسى دەپ مەدھىيلىگەن.
نوبىل مۇكاپاتىغا ئېرىشكەنلىك خەۋىرىنى ئاڭلاپ مۇخبىرلارنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا ئەيلىس مۇنرۇ ئۆزىنىڭ بۇنچىلىك ياخشى  كۆرۈشكە سازاۋەر بولغانلىقىدىن ناھايىتى خۇشال بولغانلىقىنى  بىلدۈرۈپ مۇنداق دەيدۇ:- ئۆزۈمنىڭ نامزات تىزىملىكىدە بار ئىكەنلىگىمنى بىلەتتىم ،بىراق ئاخىرىدا ئۇتۇپ چىقىمەن دەپ ئويلىمىغان ئىدىم.
ئۇ نوبىل مۇكاپاتى ئېلىشنى يۈز بېرىش مۈمكىن بولسىمۇ بىراق رىئاللىققا ئاسان ئايلانمايدىغان خام خىيال دەپ قارىغان. كانادا تاراتقۇلىرى ئۇنى زىيارەت قىلغاندا ئۇ مۇخبىرلارغا مۇنداق دەيدۇ: كىشىلەرنىڭ ھىكايە يېزىقچىلىقىنى يېزىپ ئوينايدىغان بىر نەرسە ئەمەس بەلكى بىر مۇھىم چوڭقۇر سەنئەت دەپ بىلشىنى ئۈمۈت قىلىمەن.

بەيدۇ تورى ماقالە  ئامبىرىدىن  تەرجىمە قىلىندى

aypalta يوللانغان ۋاقتى 2015-2-2 12:04:11

مۇشۇ يازغۇچىنىڭ ئىسمىنى ئۇيغۇرچە مەتبۇئاتلاردا ھەر خىل ئالىدىكەن، ئەسلى ئوقۇلىشى بويىچە ئالامدۇق، ياكى بىزنىڭ ئوقۇشىمىزچە ئالامدۇق، ياكى كاللىمىزغا قانداق كەلسە شۇنداق ئالامدۇق، بەك ئىچىم پۇشتى. ئەسلى ئوقۇلىشىچە ئالساق «ئەلىس مانرو» بولىدىكەن، بىزچە (ئۇيغۇر يېڭى يېزىقىنى ئوقۇغاندەك ئوقۇساق) ئالىس مۇنرو، دەپ ئېلىنىدىكەن.  مەن ژورناللاردا «ئەلىس مۇنرو»، «ئەيلىس مۇنرو»، ھەتتا مەلۇم بىر ژورنالنىڭ يېقىنقى بىر سانىدا «ئالكىس مۇنرۇ» دەپ كۆردۈم.

bilgejan يوللانغان ۋاقتى 2015-2-2 12:52:17

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   bilgejan تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-2-2 13:38  

aypalta يوللىغان ۋاقتى  2015-2-2 12:04 static/image/common/back.gif
مۇشۇ يازغۇچىنىڭ ئىسمىنى ئۇيغۇرچە مەتبۇئاتلاردا ھەر خى ...

بەك ئوبدان سوئال بوپتۇ. مەن تېخى مۇشۇ چەتئەل كىشى ئىسىملىرىنى ئۇيغۇرچە يېزىشتا زادى قانداق ئۆلچەم بويىچە يېزىش كېرەكلىكى ھەققىدە مۇنازىرە قىلىش ئۈچۈن ئايرىم بىر تېما ئاچماقچىمۇ بولغانتىم. مۇشۇ يەردە ئويلىغانلىرىمنى قالدۇرۇپ قوياي:

مەنچە بولغاندا ئىسىم دېگەننى شۇ كىشى ئۆزىنى قانداق ئاتىسا شۇ بويىچە ياكى شۇنىڭغا تىلىمىزدا يار بەرگىنى بويىچە ئەڭ يېقىن قىلىپ ئاتىساق توغرا بولاتتى، ئەمما بۇ پىكىرىم تىلشۇناسلىق ئۆلچەملىرىگە توغرا كىلەمدۇ-يوق بىلمەيمەن، بەلكىم خاتا بولۇشىمۇ مۇمكىن. مەسىلەن، بۇ يەردە گېپى بولغان نوبېل مۇكاپاتى ساھىبى، كانادا ئايال يازغۇچىسى Alice Munro نىڭ ئىسمىنى ئۇيغۇرچە يازغاندا ئەسلى ئوقۇلۇشى بويىچە ئەلىس مۇنروۋ دېسەك بولامدىكى دەيمەن.

ئەيلىس دېگەننىڭ مۇتلەق خاتالىقىغا ئىشىنىمەن، ئۇ خەنچىدىكى Ailisi دېگەندىن ئۆزگىرىپ ئەيلىس بولۇپ قالغان بولۇشى ئېھتىمالغا يېقىن. ئالىس مۇنرو دەپ ئۇيغۇرچىغا ماسلاشتۇرۇپ ئوقۇسا ھەر ھالدا بولىدىكەن، لېكىن يەنىلا ئەلىس مۇنروۋ (ياكى مۇنرو) نى قوللايمەن. مۇھىمى، چەتئەل كىشى ئىسىملىرىنى ئاتاشتا چوقۇم بىر ئۆلچەم بولسا شۇ بويىچە ماڭسا ئاندىن ياخشى بولاتتى.

@choice
ئەگەر كۆڭلىڭىزگە كەلمىسە تېما ماۋزۇسىدىكى ئەيلىسنى ئەلىس دەپ ئۆزگەرتىپ قويايمۇ؟  

xahla91 يوللانغان ۋاقتى 2015-2-2 12:59:15

ئەلىس مۇنرۇ دەپ ئاپتىكەنمەن.:(

aypalta يوللانغان ۋاقتى 2015-2-2 13:38:47

چەتئەل ئىسىملىرىنى ئۇيغۇرچە قانداق ئالىمىز دەپ مەن بىر قىسىم زىيالىلاردىن سورىغان ئىدىم. ئۇلارنىڭ بىر قىسمى بىلگەجان دېگەندەك ئەسلى قانداق بولسا تىلىمىزنىڭ ئىمكانىيەتلىرىنىڭ يار بېرىشىچە ئەسلىگە يېقىنلاشتۇرۇپ ئالىمىز، دېيىشتى. مەسىلەن،  ئەلىس مۇنروۋ(Alice Munro)،  جەيمىس جويس(James Joyce),  شەيكىسپىر (Shakespeare),  جەين ئوستىن(Jane Austen),  چارلىز دىكىنز (Charles Dickens),  گۇستاۋ فلاۋبېر (Gustave Flaubert), ۋىليەم فوكنىر(William Faulkner)....دېگەندەك. يەنە بىر قىسىملار بولسا چەتئەل ئىسىملىرىنى ئۇيغۇر يېڭى يېزىقىغا بويسۇندۇرۇپ ئوقۇشنىڭ ئومۇملاشقانلىقىنى، شۇنداق ئېلىشنىڭ توغرىلىقىنى دەپ ئۆتكەن بولدى. بىرىنچى خىل ئۇسۇل بويىچە ئېلىش ئۈچۈن تەرجىمان، تەھرىر، مۇھەررىر ۋە يازغۇچى، شائىرلارنىڭ شۇ تىلنى ئاز تولا بىلىشى، ھېچبولمىسا ئازراق ئاۋارە بولۇپ لۇغەت، ئېنسىكلوپېدىيەلەرگە قاراپ بېقىشىغا توغرا كېلىدۇ. بۇ ئاۋارىچىلىق دەپ قارالغان بولسا كېرەك. ئەمدى ئىككىنچى خىل ئۇسۇل خېلى ئومۇملاشقان ئۇسۇلدەك قىلىدۇ، لېكىن بۇ خىل ئۇسۇلمۇ قېلىپلاشتۇرۇلمىغاچقا قالايمىقانچىلىق ھەقىقەتەن جىق. ئىككىنچى خىل ئۇسۇل بويىچە ئالساق تۆۋەندىكى ئىسىملار مۇنداق ئېلىنىدىكەن:
1. ئالىسې مۇنرو
2. جامېس جويسې
3. شاكېسپېئارې
4. جانې ئائۇستېن
5. چارلېس دىكېنس
6. گۇستاۋې فلائۇبېرت
7. ۋىللىئام فائۇلكنېر

ئەمەلىيەتكە قارايدىغان بولساق، كىتاب - ژورناللىرىمىزدا چەتئەلچە خاس ئىسىملارنى ئېلىش يۇقىرىقى ھەر ئىككى خىل ئۇسۇلغا چۈشمەيدىغان «ئۆزگىچە» بىر شەكىلدە داۋام قىلىپ كېلىۋاتماقتا. يا ئەسلىگە سادىق ئەمەس، يا ئۆزىمىزچە ئېلىشقا سادىق ئەمەس.  بۇ ئىشنى تۈزۈك بىر قېلىپلاشتۇرۇپ تەرتىپكە سېلىش ھەقىقەتەن زۆرۈر بولماقتا. بولمىسا بىرسىمىز ئالىس مۇنرو، بىرسىمىز ئەلىس مۇنروۋ، يەنە بىرسىمىز ئەيلىس مۇنرو ياكى ھەتتا مەن يېقىندا بىر ژورنالدا كۆرگەندەك ئالكسى مۇنرو دەپ يۈرىۋېرىدىغان ئىشمۇ؟

mastura يوللانغان ۋاقتى 2015-2-2 13:59:24

مېنىڭچە بىر پۈتۈن كىتابنى تەرجىمە قىلىشقا سېلىشتۇرغاندا، يازغۇچىنىڭ ۋە پېرسوناژلارنىڭ ئىسمىنى توغرا تەلەپپۇزى بويىچە خاتىرىلەش ئەڭ ئاسان ئىش ئىدى. بىراق شۇنداق قىلالمايدىكەنمىزغۇ تاڭ.
بۇنىڭغا تىل-يېزىق كومىتېتىنىڭ بىرەر ھۆججىتى بولمىسا بۇنى بىز قىلىپ باقساقمۇ بولىدىكەن، يەنى كۆپ ئۇچرايدىغان ئىنگلىزچە كىشى ئىسىملىرىنىڭ خەنزۇچە ئاتىلىشى ۋە توغرا ئوقۇلۇشى بويىچە ئۇيغۇرچە ئاتىلىشىنى يىغىپ قويساق بولغۇدەك، كېيىن باشقىلار ئەسەر تەرجىمە قىلغاندا پايدىلانسا.
ئىشقىلىپ مەن كىشى ئىسمى ۋە ئادەم ئىسىملىرىنى توغرا ئاتاشنى كۈچلۈك تەشەببۇس قىلىدىغىنى. بىزنىڭ ئاغزىمىزغا كەلمىسىغۇ بىر نۆرى.

pis-pas يوللانغان ۋاقتى 2015-2-2 14:19:21

ئۆتكەندە بىر خەۋەر كۆرگەندەك قىلغان:
ھىندىستاندا بىر مۇخبىر خەۋەر بېرىۋېتىپ دۆلىتىمىز رەئىسى شى جىنپىڭنى ئىلەۋىن ( گرىكچە XI، ئون بىر دىگەنلىك )ئەپەندىم:lol دەپ ئاتاپ خىزمىتىدىن ھەيدەلگەنلىكىنى ...
======
مىنىڭچە بۇنىڭ قانۇنىيىتى بار : يەنى خەلقئارا تانسىپىكىتسىيە بويىچە ئوقۇپ يېزىش .

aypalta يوللانغان ۋاقتى 2015-2-2 14:37:56

pis-pas يوللىغان ۋاقتى  2015-2-2 14:19 static/image/common/back.gif
ئۆتكەندە بىر خەۋەر كۆرگەندەك قىلغان:
ھىندىستاندا بىر  ...

:lol

choice يوللانغان ۋاقتى 2015-2-2 16:03:18

bilgejan يوللىغان ۋاقتى  2015-2-2 12:52 static/image/common/back.gif
بەك ئوبدان سوئال بوپتۇ. مەن تېخى مۇشۇ چەتئەل كىشى ئىسى ...

تامامەن بولىدۇ، مەنمۇ بىلگىجاننىڭ تەكلىۋىگە قوشىلىمەن،  مېنىڭچىمۇ   چەتئەل كىشى ئىسىملىرى يەر ئىسىملىرىنى تەرجىمە قىلىشقا توغرا كەلگەندە  ئىنگىلىزچە تەلەپپۇزغا يېقىنراق چىقىرىپ ئ ېلىش توغرا، مۇنبەرداشلارنىڭ سەمىمىي تەكلىۋىگە رەھمەت، مۇشۇنداق ئىشلاردا بىرلىككە كېلىۋالساق كېيىنكى قەدەم ئۈچۈن ئاساس بولىدۇ، ھەممىڭلارغا كۆپ تەشەككۈر

choice يوللانغان ۋاقتى 2015-2-2 16:04:23

xahla91 يوللىغان ۋاقتى  2015-2-2 12:59 static/image/common/back.gif
ئەلىس مۇنرۇ دەپ ئاپتىكەنمەن.

ئەڭ توغرسىنى سىز ئىشلەتكەن ئوخشايسىز جانىم{:195:}

choice يوللانغان ۋاقتى 2015-2-2 16:09:41

aypalta يوللىغان ۋاقتى  2015-2-2 13:38 static/image/common/back.gif
چەتئەل ئىسىملىرىنى ئۇيغۇرچە قانداق ئالىمىز دەپ مەن بى ...

مانا بۇ ئىزدىنىشنىڭ خاسلىقى، شۇڭا بەلكىم نۇرغۇنلىغان مۇنبەرداشلار ئىزدىنىشنى كۈندە نەچچە ماراپ ،تېمىلارغا قاراپ، ئىنكاسلارنى كۆرگەندە   ئۆزىچە ھىجاراپ ئولتۇرىدىغۇ دەيمەن. قىسقىسى ئىزدىنىش مەن ئۈچۈن ئىسمى جىسمىغا لايىق ئىزدەنگەنلەرگە يول بېرىدىغان ياخشى بىر مەنزىل. ئىزدىنىشتىكى تېمىلارنى، تېتىملىق ئىنكاسلارنى ئوقۇش ھازىر ماڭا كۈندىلىك ئادەت بولۇپ كەتتى. ئىزدىنىشقا ئانچە بەك پىشقەدەم بولمىساممۇ بىراق ئوتتەك  مېھرىم بار.

kayinat0 يوللانغان ۋاقتى 2015-2-2 22:13:33

choice يوللىغان ۋاقتى  2015-02-02 16:09:41 static/image/common/back.gif


مانا بۇ ئىزدىنىشنىڭ خاسلىقى، شۇڭا بەلكىم نۇرغۇنلىغان
مېنىڭمۇ شۇ  ! مۇشۇ ئىزدىنىشقا بىر خىل مېھرىم بار دىسە! :lol:victory::victory:
بەت: [1]
: ئەلىس مۇنرۇنىڭ نۇتۇقى ۋە قىسقىچە تەرجىمەھالى