چېقىلىپ كەتكەن چىنە
چېقىلىپ كەتكەن چىنەبىر چىنە سودىگىرى ھەرخىل نۇسخىدىكى چاقچۇق چىنە قاچىلانغان ئىككى سېۋەتنى ئەپكەشكە ئېلىپ كۆتۈرۈپ كېتىۋاتاتتى، بىردىنلا سېۋەتتىكى بىر چىنە يەرگە دومىلاپ چۈشۈپ كۇكۇم-تالقان بولۇپ كەتتى، بىراق سودىگەر ئارقىسىغا قاراپمۇ قويماي ئالدىغا قاراپ مېڭىۋەردى. يولۇچىلار بۇ ھالدىن غەلىتىلىك ھېس قىلىپ بوۋايدىن سورىدى:
-قاراڭ، چىنىڭىز چۈشۈپ چېقىلىپ كەتتى، بىراق سىز نېمىشقا قاراپمۇ قويمايسىز؟
-قىزىق!-دېدى سودىگەر كۈلۈپ،-بۇنىڭ نېمە ھاجىتى؟ مەن مەيلى قانداقلا يوسۇندا ئارقامغا قاراي، يەرگە چۈشكەن چىنە يەنىلا چېقىلىپ كېتىۋېرىدۇ!
بۇ ھېكايىنى ئوقۇغان ئادەم مۇنداق ئىلھامغا كېلىدۇ: جاھاننىڭ كەچمىش ۋە ئەگرى-توقايلىقلىرى تولا، ئادەم ئۇنى بايقاپ ۋە ئالدىن بىلىپ بولالمايدۇ. ھەر قانچە ئىش بولۇپ كەتكەن تەقدىردىمۇ ئۇنىڭغا تىك يۈزلىنىشنى بىلىش كېرەك، پۇشايمان قىلىپ ئولتۇرۇشنىڭ ھاجىتى يوق. يادىڭىزدا بولسۇن، مەيلى سىز قانداقلا قىلىڭ، بولىدىغان ئىشنى توسۇپ قالالمايسىز؛ مەيلى قانچىلىك پۇشايمان قىلىڭ، بولۇپ بولغان ئىشنى كەينىگە قايتۇرالمايسىز. شۇڭا ئالدى-ئارقىغا قاراپ ئۆكۈنۈپ ئولتۇرماستىن، ئۇدۇل ئالغا يۈرۈشنىلا بىلىڭ.
مەنبە: ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى
{:112:} توۋا ، كەينىگە قاراپ سىۋەتتىكى چىنىلەرنىڭ چۈشۈپ كىتىش ئېھتىمالى بارمۇ تەكشۈرۈپ بېقىپ ماڭسا بولمامدۇ ، قارىماي مېڭىۋەرسە چوقۇم يەنە بىر نەچچە چىنىسىنى چاقىدۇ. paltahun يوللىغان ۋاقتى2015-2-2 09:47 static/image/common/back.gif
توۋا ، كەينىگە قاراپ سىۋەتتىكى چىنىلەرنىڭ چۈشۈپ كىتىش...
قوللايمەنئوخشاش پىكىردە بۇ ھېكايىدىن شۇنى بىلىۋېلىشقا بولىدۇكى، مەيلى قانچىلىك خاتا ئىش قىلماڭ، گەپكە ئۇستا بولسىڭىز شۇنىڭدىنمۇ بىر ھېكمەت توقۇپ كۆڭلىڭىزنى خوش قىلالايسىز. {:92:} چېقىلغان چىنىلەر يازغۇچىنىڭ بولمىغاندىكىن خىيالىغا كەلگەنچە توقۇۋېرىدۇ-دە. سەل نېرۋاكەن ئاۋۇ سودىگەر. ئاشۇ ھالىغا تېخى كىشىلەرگە ھېكمەت سۆزلىيتمىش. بۇ ئادەم كەينىگە قارىسا بەلكىم چىنىنىڭ چېقىلىپ كىتىشىدىن ئەنسىرىگەندۇ مەسئۇلىيەتسىز سودىگەركەن، ئەخلەت ساندۇقىغا ئاپىرىۋىتىشى كېرەكتى.:( ئەپكەشتىكى سېۋەتتىن يەرگە چۈشۈپ ‹‹كۇكۇم تالقان ››بوپ كەتكەن چىنە بولسا ،جۇڭگۇدا ياسىغان چىنە ئوخشايدۇ.
بەت:
[1]