يەر شارى نېمىشقا يۇمىلاق
يەر شارى نېمىشقا يۇمىلاقئۇستاز شاگىرتىدىن سورىدى:
-يەر شارى نېمىشقا يۇمىلاق؟
-بەلكىم پەرۋەردىگار يەر شارىنى ياراتقاندا، ئۇنى يۇمىلاق قىلىپ ياراتقان بولسا كېرەك،-دەپ جاۋاب بەردى شاگىرت.
-پەرۋەردىگار نېمە سەۋەبتىن يەر شارىنى يۇمىلاق قىلىپ ياراتتى؟-دەپ سورىدى ئۇستاز يەنە.
-ئېھتىمال پەرۋەردىگار شۇنى خالاپ قالغاندۇ.
-ئۇنداق ئەمەس، پەرۋەردىگارنىڭ يەر شارىنى يۇمىلاق قىلىپ يارىتىشىدا چوڭقۇر ھېكمەت بار،-دېدى ئۇستاز مەنىلىك قىلىپ،-بۇنىڭدىكى ھېكمەت شۇكى، پەرۋەردىگار بىز مەيلى قەيەردە بولايلى، مەيلى بىز نەگە بارايلى، بۇلارنىڭ ھالاكەت گىردابى ئەمەسلىكىنى، چىقىش يولىنىڭ، ماڭىدىغان يولنىڭ ھامان چىقىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ قويۇش ئۈچۈندۇر.
مەنبە: «تەرمىلەر» ژۇرنىلى 2013-يىللىق 12-ساندىن ئېلىندى يەر شارى نەدە يۇمىلاق ؟ يەر شارى ئېللىپس شەكىلىدە. :lol:lol بۇدا ئەلى قۇربان مىڭىپ بولغاندا گىپىنى ئاڭلايلى . ماركىپولو بىر دېگەن بۇ گەپنى kuysoyar يوللىغان ۋاقتى 2015-02-02 11:20:54 static/image/common/back.gif
بۇدا ئەلى قۇربان مىڭىپ بولغاندا گىپىنى ئاڭلايلى . مارك
توغرا دەيسىز ! :lol:lol:lol kayinat0 يوللىغان ۋاقتى 2015-2-2 13:07 static/image/common/back.gif
توغرا دەيسىز !
:lol ئاشۇنداق بىر گەپلەرنى قىلغان راس مىڭىپ بوپ يۇمىلاق ئەمەسكەن دەپ تۇرۋاسا كۆرۇڭ ، بىكارچىلارغا يەنە ئىش چىقاتتىدە ، كاللىسى يېرىم-ياتا ئۇستازلار ئاۋۇپ كەتتىمۇ، ھېكايەت سۆزلەيدىغان.
- يەرشارى نېمىشقا يۇمۇلاق؟
- يۇمۇلاق ياسىسا خام ماتېرىيال ئاز كېتەمدىغاندۇ يا؟ تەننەرخ تىجىلىپ. ئىشقىلىپ بۇنىڭ سەۋەبىنى مەن بىلمەيدىكەنمەن. بەلكىم ئېلىپ يۈرۈشكە ئەپلىكتۇ.:lol يۇمۇلاق بولمىسا ئايلىنىش جەريانىدا سۇركىلىش كوپ بۇلۇپ كەتمەمدۇ. مەن دائىم ئويلايمەن يەرشارى يۇمىلاق بولماي ئالەمگە ئوخشاش چەكسىز بولسا ئۇنداقتا ئادەملەر تىخىمۇ ئەركىن تىخىمۇ سىرلىق بولاتتى.
بىرسىنى تىپىشمۇ مۇمكىن بولماستى. يەر شارى تۆت چاسا بولسا، 4 چاسىنىڭ قىرىغا كەلگەندە يەرنى دەسسىدۇق دەپ ھاۋانى دەسسەپ تىك موللاق چۈشىمىز، دېگەننى قوشۇپ قويسىچۇ بۇ يۇمۇرغا. يەر شارى تۆت چاسا بولسىمۇ بەرىبىر ئىشقىلىپ ھىلال ئاي شەكلىدە بولمىسىلا بولدى.
بۇ قانداق تېما... مېنىڭچە بۇ يۇمۇرمىكىن،
ئۇستاز شاگىرتىدىن سورىدى:
-يەر شارى نېمىشقا يۇمىلاق؟
-بەلكىم پەرۋەردىگار يەر شارىنى ياراتقاندا، ئۇنى يۇمىلاق قىلىپ ياراتقان بولسا كېرەك،-دەپ جاۋاب بەردى شاگىرت.
ماۋۇ شاگىرتنىڭ جاۋابىنى ئوقۇپ بەك كۈلۈۋېتىپتىكەنمەنچۇ، شۇڭا دېيىشىم. {:196:} يەرشارىنىڭ ئەڭ يىڭى رەسىمى
yulhun يوللىغان ۋاقتى 2015-02-02 20:10:30 static/image/common/back.gif
يەرشارىنىڭ ئەڭ يىڭى رەسىمى
راست رەسمىمۇ يا ؟ ماۋۇ رەسىمگە ھېچ ئىشەنگۈم كەلمەيۋاتىدۇ! :o بۇ يازمىنى ئاخىرىدا sahabe تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2015-2-3 10:08
enwerjula يوللىغان ۋاقتى 2015-2-2 15:48 static/image/common/back.gif
يەر شارى تۆت چاسا بولسا، 4 چاسىنىڭ قىرىغا كەلگەندە يەر ...
مۇشۇ چاقچاققا مەن بىر ئېغىز ئىلمىي پەرەز قىپ باقايچۇ...(ئەنىۋەر جۇلا ئەپەندىمنىڭ چاقچىقىنى مەسخىرە قىلغىنىم ئەمەس جۇمۇ:) )
زىمىننىڭ بوشلۇقتىكى شەكلى ئەگەر سىز دىگەندەك بولسا بۇ يەر(شارى دىگەننى قوشۇشقا بولمىدى) ئىنسانلار پائالىيىتىگە غايەت زور قولايسىزلىقلارنى كەلتۈرگەن بولاتتى. قانداق دىسىڭىز يەر مەركىزىگە ئەڭ يېقىن جايلار دەل سىز دىگەن تۆت چاسا (يەنى كۇپ) شەكىللىك زىمىننىڭ ھەربىر يېقى(يەنى كۇۋادىرات شەكىللىك بىردىن يۈزى)نىڭ مەركىزىگە توغرا كېلىدۇ - دە بىزنىڭ قارىشىمىزدىكى ئەڭ تۈز جايلار ئەمەلىيەتتە زىمىندىكى يەر ئاستى ۋە يەر ئۈستى سۇلىرى يىغىلىپ قالىدىغان ئويمان جايلار بوپ قالىدۇ.
سىز دىگەن «تۆت چاسىنىڭ قىرى...» بولسا دەل زىمىننىڭ يەر مەركىزىدىن ئەڭ يىراق نوقتىللىرى بولۇپ، ئەشۇ كۇپ شەكىللىك زىمىننىڭ 12 قىرىنىڭ ئۇچرىشىش نوقتىسى بولغان سەككىز ئۇچى دەل سەككىز غايەت زور تاغ چوققىسى ھىساپلىنىپ، چىقىش تەس، ھاۋاسى سوغۇق ۋە شالاڭ، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئاتموسفىرا ئېقىمىغا توسالغۇ بوپ قېلىشى سەۋەپلىك يىل بويى دەھشەتلىك بورانلا چىقىپ تۇرىدىغان، ئۈستىنى مۇزلار قاپلاپ تۇرىدىغان، ياشاش شارائىتى ئىنتايىن ناچار بىر جاي بوپ قالاتتى.
«يەر كۇپى»نىڭ 12 قىرى ئەمەلىيەتتە زىمىن يۈزىدىكى غايەت زور 12 داۋاننىڭ ئەڭ ئۈستۈنكى بەل قىسمى ھىساپلىنىپ، ھالقىپ ئۆتۈش تەسرەك، (خۇددى شىزاڭ ئىگىزلىكىدەك)، ھاۋا كىلىماتى سوغۇق ۋە كۆپ شاماللىق جايلار بوپ قالاتتى.
دىمەك ئەگەر بۇ پىلانىتىمىز تۆت چاسا شەكىللىك بولغىنىدا بۇ تۆت چاسا زىمىننىڭ «تۈز يەر»لىرىدە دېڭىزلار ۋە كۆللەر تۇرسا، ئۆپچۆرىسىدىكى قىرلىرىنىڭ ياشاش شارائىتى شۇنچە ناچار تۇرسا بىز ئىنسانلار بەكمۇ بەك جاپادا ياشاپ قالتتۇقكەن... شۇڭا مىھرىبان ئىگىمىز بىزلەرنىڭ مېڭىشىمىزغا ئاسان قىلىپ بۇ زىمىننىڭ يۈزىنى شار شەكىللىك قىلىپ يايغانكەن. سۈرە مۈلك(تەبارەك) 15-ئايەتتە شۇنىڭغا ئىشارەت باركەن.
ئاۋۇ رەسىم بويىچە ئېيتقاندا يەرشارى ياڭيۇغا ئوخشايدىكەن ھەركاللىدا ھەر خىيال
بەت:
[1]