ئابدۇسەمەت مامۇتنى يەنىلا قۇنەك يازسا بولغۇدەك:lol
كۈلەلمىسەڭ ھېجايما دىگەندەك بىر گەپ بارتتى-ھە!
فېليەتۇن ئوبدان يېزىلىپتۇ ، مېنىڭچە مۇشۇكەمدە توردىكى ئابدۇسەمەت مامۇتلار بۇ قامچىغىنىڭ تەمىنى كونكىرت ھىس قىلىۋاتىدۇ :lol
بىر يۈرۈش يېزىپ داۋاملىق قامچىلىغايسىز ، ئاكتىپ رول ئوينايدۇ .
قىسمەن يەرلىرى بەلەن چىقىپتۇ
ھەسەتمۇ ئارلاشقان چىراي
ھە نىمىلا بولمىسۇن كەڭ قۇرساق مۇئامىلىدە بولساق بولىتى
مەن شۇنداق قىلاي ئەلادىن بىرسى كەتتى ئەمسە{:92:}
چەتئەلدە مەكتەپ مۇدىرى بولغان ۋە چەتئەلدە ئوقۇپ دىيارىمىزدا تونۇلىۋاتقانلارغا كۆرەلمەسلىك بىلەن يىزىلىپتۇ. ھەي ئىچى قوتۇرلۇق.{:142:}
قىزىق، ھېچقانداق ھېكايە يازالمايدىغانلارمۇ، ھەتتا ئابدۇسەمەت مامۇت ئوبرازى دەسلەپ يارىتىلغاندا ئۆزىگە ئېلىۋېلىپ نەچچە كۈنگىچە يىگىنى ھارام بولغانلارمۇ ئابدۇسەمەت مامۇت دەپ يازىدىغان بوپ كېتىپتۇ.
ھەقىقىي ئابدۇسەمەت مامۇت بولۇپتۇ مۇنۇ ئەسەر . ئالدىنقى قېتىم يېزىلغان ئابدۇسەمەت مامۇتتىن مىڭ ھەسسە ئىسىل تىلدا يېزىلىپتۇ .
چۈنكى ئاپتور مەزكۈر تېمىنى يازغاندا ئۆزىنى ھېچقانداق مەۋقەگە قويمىغان ...پەقەت ئاللا كىملەرنى مەسخىرە قىلىۋېلىشنىلا ئويلىغان .
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا Baqka تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2015-2-2 13:22
پۈتۈنلەي توقۇلما دېگىلى بولمايدىغان بۇ ئەسەرنى يېزىشنىڭ ئەھمىيىتى نەدە؟
Baqka يوللىغان ۋاقتى 2015-2-2 13:20 static/image/common/back.gif
پۈتۈنلەي توقۇلما دېگىلى بولمايدىغان بۇ ئەسەرنى يېزىشن ...
مەن سىزنى باچكا دەيمەن، سىز مېنى باچكا دەيسىز، شۇنىڭ بىلەن ئىككىمىز مەڭگۈ چوڭ بولمايمىز. بۇ ئەسەرنى يېزىشنىڭ ئەھمىيىتى شۇ.:lol
xahla91 يوللىغان ۋاقتى 2015-2-2 13:59 static/image/common/back.gif
مەن سىزنى باچكا دەيمەن، سىز مېنى باچكا دەيسىز، شۇنىڭ ...
ئىنكاسلارنىڭ ئىچىدىكى ئەڭ جايىغا چۈشكەن ئىنكاس.
مەن سىزنى باچكا دەيمەن، سىز مېنى باچكا دەيسىز، شۇنىڭ بىلەن ئىككىمىز مەڭگۈ چوڭ بولمايمىز. بۇ ئەسەرنى يېزىشنىڭ ئەھمىيىتى شۇ.
شەھلا خانىمنىڭ مۇشۇ بىر جۈملە ئىنكاسىنىڭ ئۈزىلا بىرفىلياتۇن بوپتۇ
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا Baqka تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2015-2-2 15:34
xahla91 يوللىغان ۋاقتى 2015-2-2 13:59 static/image/common/back.gif
مەن سىزنى باچكا دەيمەن، سىز مېنى باچكا دەيسىز، شۇنىڭ ...
دېمەك، شەھلا ئاچا، بۇ خىل ئەسەرلەرگە كۆز قارىشىمىز ئوخشاشتەك قىلىدۇ.
بۇنداق سۈپەتتە يېزىش، ئەسلى بىر ئەھمىيەتسىز، ھەتتا ئاز- پاز زىيانلىق بىر ئىش، توغرىمۇ؟
ئەسلى بۇ ژانېرلار، جەمئىيەتتىكى سەلبىي ئىشلارنى ھەزىل قىلىپ يېزىلىشى كېرەكتى.. ئاپتورنىڭ مۇددىئاسى نامەلۇم بولۇۋاتىدۇ... ھەزىل ھارىۋىسىغا كىتاپ ئوقۇش يىلى، چەتئەلدىكى زىيالىيلارنى ھۆرمەتسىزلەرچە چىقىرىشى، قەلەم ئىگىسىگە مەسئۇلىيەتسىزلىك، ئەسەردىن ھوزورلانغۇچىغا نادانلىق قالپىقىنى كەيدۈرىدۇ.
مەنچە، ئېسىل ئىشلارنى ھەزىلگە ئالىدىغان ئەخلاقسىز يازمىلار، بۇندىن كېيىن يازغۇچىلارنىڭ ئىناۋىتىنىڭ تۆكۈلۈشىگە سەۋەپ بولماسلىقى لازىم.
ۋاقتىڭىز ئىسراپ بولىدۇ، شۇ! يازسىڭىز مۇشۇ ھېكايىنىڭ تۇنجى مەتبۇئات نۇسخىسى بولغان «ئابدۇسەمەت مامۇتنىڭ پەرزەنت تەربىيىسى»دىن ئاشۇرۇپ يېزىڭ، بولمىسا باشقىلارنىڭ پاتېنت ھوقۇقىنىڭ كۇرسىنى چۈشۈرىدىغان بۇنداق تېتىقسىزلىقنى قىلماڭ. بۇ ئەقەللىي بىر ئىززەتقۇ!
بىزدەك ئېھتىياتچانلار تائىپىسىنىڭ، مەلۇم نۇقتىلاردا ئەسەبىي بولۇپ كېتىشىمىزنى چۈشىنىسىز دەپ ئويلايمەن. ھەمدە، يەڭگىل بىر چۈشەنچە قايتۇرغىنىڭىزغا كۆپ رەھمەت..
ئەسىرىڭىزنى، نەچچە نۇقتىدىن كۆرسە نەچچە خىل ئۇقۇم چىقىدىكەن. بەزى نۇقتىلاردىن ئەگىپ ئۆتكىلى، ئارىلىق تاشلاپ يازغىلى بولسا بەلكىم..
بىزگە فېليەتۇن ژانىرى كېرەك بولىۋاتىدۇ ، ئالدىنقى ئەسىرنىڭ دەسلىۋىدە لۇشۈن ئەپەندى چەتئەلدىكى دوختۇرلۇق ئوقۇشىنى تاشلاپ مىللىتىنى زالالەتتىن قۇتقۇزۇش ئۈچۈن ( بۇ لۇشۈننىڭ بىر غايىسى ۋە ئىرادىسى ) فېليەتونچى بولغان ، ھەم شۇ دەۋرنىڭ زىيالىلىرى ئۇنى ئۆتە سەزگۈرلۈك بىلەن ئەمەس دىتى بىلەن ئوقۇغان ، لۇشۈنمۇ ھەربىر فېليەتونى ئۈچۈن بىر تەفسىر يېزىپ ئولتارمىغان ، ئۇ خەنزۇلار ئارىسىدا 20 - ئەسىردىكى ئەڭ مۇھىم ئەدىپ دەپ قارىلىدۇ .
ھېلىمۇ جوڭگودا زىيالىلىرى ئەڭ ياقتۇرۇپ ئوقۇيدىغان ژورناللارنىڭ ئىچىدىن فېليەتۇن تىپىدىكىلەر ئەڭ بازارلىق بولىۋاتىدۇ .
مۇشۇ نۇقتىدىن بىز بۇ تۈردىكى يازغۇچىلارغا رىغبەت بېرىمىزمۇ ياكى ئابدۇسەمەتنىڭ كېمىسىگە چىقىۋالىمىزمۇ :lol
شۇڭا مەن ئەدىبىيات ژانىرىغا ئىنتايىن يىراقتا تۇرۇپ قاراۋاتقان بىر ئوقۇرمەن بولۇش سۈپىتىم بىلەن ئاپتورغا ماۋزۇ ئاستىغا ئەپچىلگىنە تىرناق ئېچىپ ئىچىگە « فېليەتۇن » دەپ يېزىپ سىناپ بېقىشنى تەۋسىيە قىلىمەن . تورداشلار قوبۇل قىلىپ قالسا ھەجەپ ئەمەس .
رەسمىي قانۇنلۇق پاتېنتقۇ ئەمەس، لېكىن ئۆزىمىزنىڭ ئىززەت-ھۆرمىتى نۇقتىسىدىن چىقىپ بولسىمۇ شۇنداق مۇئامىلە قىلىشىمىز مۇۋاپىققۇ دەيمەن. تېخى سىز چەتئەل كۆرىۋاتقان ئۇقۇمۇشلۇق كىشى ئىكەنسىز (چەتئەل كۆرگەنلەر ئەڭ ئاز دېگەندىمۇ سېلىشتۇرما ئاڭ ئەۋزەللىكىگە ئىگە). بۇ يازمىڭىزدا تۈزۈك بىر بەدىئىي قىممەت، بىرەر تال يۇمۇر چاغلىق خۇرۇچنىڭ يوقلىقىغا قارىماي، ئاقلاپ كېتىشىڭىز قىزىق!