muhakima يوللانغان ۋاقتى 2015-2-2 00:09:04

تېمپىراتۇرىنىڭ يۇقۇرى چىكى بارمۇ؟


ھاۋا رايىدىن تارتىپ ئادەم بەدىنىگىچە ، يۇلتۇزدىن  تارتىپ ئالەمگىچە بولغان ماددىلارنىڭ ھالىتىنى تەسۋىرلەشتە كەم بولسا بولمايدىغان بىر ئۇقۇم بۇلۇپ ، ئۇ بولسىمۇ تىمپىراتۇرادۇر.
تىمپىراتۇرا زەررىچىلەرنىڭ قالايمىقان ئىسسىقلىق ھەركىتىنىڭ  بىۋاستە نەتىجىسى بۇلۇپ ئادەتتە بېسىمغا ئوڭ تاناسىپ ، ھەجىمگە تەتۇر تاناسىپ بۇلىدۇ .
تار مەنىلىك نىسبىيىلىك نەزەرىيەسىدىكى يۇرۇقلۇق تېزلىكىنىڭ ئوزگەرمەسلىك پىرىنسىپىغا ئاساسلانغاندا ، ھەرقانداق جىسىمنىڭ تېزلىكى يۇرۇلۇقنىڭ ۋاكۇئۇمدىكى تېزلىكىدىن ئاشمايدۇ ، مۇشۇ پىرىنسپقا بىنائەن ھەرقانداق جىسىمنىڭ ئىسسىقىلىق ھەرىكەت تىزلىكىمۇ يۇرۇقلۇقنىڭ ۋاكۇئۇمدا تارقىلىش تېزلىكىدىن ئاشماسلىق كېرەك .
يۇقۇرىدىكى سەۋەپ تۇپەيلىدىن تېمپىراتۇرىنىڭ يۇقۇرى چېكىمۇ خۇددى مۇتلەق نول تېمپىراتۇرىغا ئوخشاش مەۋجۇت بۇلۇشى كېرەك .
تىمپىراتۇرىنىڭ يۇقۇرى چەك مەسلىسىنى خېلى بۇرۇنلا ماكىس.پىلانىك ئوتتۇرىغا قويغان بۇلۇپ تەخمىنەن  1.416833كوپەيتىلگەن 10 نىڭ 32 -دەرىجىسى كېلۋىن (گىرادۇس) بۇلىدۇ (پىلانىك تىمپىراتۇرىسىمۇ دېيىلىدۇ .)،  نەزەرىيە جەھەتتىن بۇ تىمپىراتۇرىدىن ئارتۇق تىمپىراتۇرىغا ئىرشكىلى بولمايدۇ ، ئادەتتە ئەڭ دەسلەپكى ئالەمنىڭ باشلىنىش نوقتىسىدا ئالەم مۇشۇ تېمپىراتۇرىغا  ئىگە بولغان .
پىلانىك تىمپىراتۇرىسى ، پىلانىك ۋاقىت ، پىلانىك ئۇزۇنلۇق ، پىلانىك تەسىر مىقتارى قاتارلىق بىر گورۇپپا چەك قىممەتلەرنىڭ بىرى بۇلۇپ ، يەنىلا بىر نەزەرىيەۋى قىممەتتىن ئىبارەت . ئۇنى ئەمەلىيەتتە كۇزىتىش ياكى تەجىرىبە ئارقىلىق ئىرىشىشكە توغرا كىلىدۇ .
ئېھتىمال ، بەزىلىرىمىز  ئىسسىقلىق ھەركىتىگە قاتناشقان جىسىملارنىڭ ھەرىكەت تېزلىكىنى  يۇرۇقلۇق تېزلىكىگە يەتتى دەپ پەرەز قىلىپ ھىساپلاپ تېمپىراتۇرىنىڭ يۇقۇرى چىكىنى  بەلگىلىۋالساقلا بولمامدۇ دىىيىشىمىز مۇمكىن ، نەزەرىيە جەھەتتىن ئېلىپ ئېيتقاندا جىسىمنىڭ ھەرىكەت تېزلىكى ئاشقانسىرى ماسسىسىدىمۇ مۇناسىپ ئېشىش كۆرۈلىدۇ ، تېزلىك يۇرۇقلۇق تېزلىكىگە يېقىنلاشقانسىرى بۇ ئېشىش تېخىمۇ شىددەتلىك بۇلىدۇ- دە تېزلىك ئاشۇرۇش ئۇچۇن سەرىپ قىلىنغان ئېنىرگىيەنىڭ بىۋاستە ماسسىغا ئايلىنىشى كىلىپ چىقىدۇ .
ماسسا ۋە تېزلىك ئاشسا بېسىممۇ تەڭلا ئاشىدۇ دە بىرلىك ھەجىم شارائىتىدا تېمپىراتۇرىمۇ يۇقۇرى كوتۇرۇلىدۇ ، بىراق بۇ يەردىكى بىر مەسلە شۇكى بىر يېپىق سېستىمىغا نىسبەتەن تېمپىراتۇرىنى ئاشۇرۇش ئۇچۈن بىرىلىدىغان ئىنىرگىيىنىڭ يۇقۇرى چىكىنىڭ زادى قانچىلىك بولىدىغانلىغىنى بىز ھازىرغىچە تېخى بىلەلمىدۇق .
ئونداق بولسا ، يۇقۇرى تىمپىراتۇرىنى قەيەردە كۆزىتىش مۇمكىن ؟
تېمپىراتورنىڭ يۇقۇرى بۇلۇشىنىڭ بىر شەرتى جىسىم سىرتقا قارىتا رادئاتسىيە تارقاتماسلىقى ياكى ئىش ئىشلىمەسلىكى  كېرەك ، شۇڭا يۇقىرى تېمپىراتۇرىنىڭ ئەڭ ياخشى ساقلىنىش نامزاتى -يازما ئىگىسىنىڭ قارىشىچە- قاراڭغۇ ئۇڭكۇردۇر. چۇنكى ، قارا ئۇڭكۇر سىرتقا خاۋكىڭ رادىئاتسىيىسىدىن باشقا ئاساسەن رادىئاتسىيە تارقاتمايدۇ ، خاۋكىڭ رادىئاتسىيىسىمۇ بەلگىلىك شارائىتتا نىسبەتەن ئاز بۇلىدۇ . سىرتقا نىسبەتەن ئىشلەيدىغان ئىشىمۇ ئادەتتە ئەتراپىدىكى ئاسمان جىسىملىرىغا ئاساسەن چەكلىك بۇلىدۇ .
قارا ئۇڭكۇرنىڭ تېمپىراتۇرىسى قارا ئۇڭكۇر تېرمودىنامىكىسىغا ئاساسلانغاندا ماسسىسىغا تەتۇر تاناسىپ ، ھەجىمىگىمۇ تەتۇر تاناسىپ بۇلىدۇ .
نۇۋەتتە ، بىر خىل نەزەرىيە جەھەتتىن ئويلاشقاندا ، ئەڭ كىچىك  ماسسىلىق قارا ئوڭكۇرنىڭ ماسسىسى تەخمىنەن 100 مىليارت توننا ، تەخمىنەن رادىيوسى 10 تىرلىيۇندىن بىر مېتىر بۇلىدۇ ، ئۇنداقتا ، مۇشۇنداق قارا ئۇڭكۇر تېمپراتۇرىسى تېمپىراتۇرىنىڭ يۇقۇرى چىكىگە ئىگە بولامدۇ ؟
بۇنى يەنە نەزەرىيە جەھەتتىن دەلىللەشكە توغرا كىلىدۇ .
كوپچىلىك قارا ئوڭكۇر سىرتقا رادىئاتسىيە تارقاتمىسا ئۇنىڭ تىمپىراتۇرىسىنى قانداق بىلىمىز دىيىشى مۇمكىن.
ھازىرغىچە مەلۇم بولغان قارا ئوڭكۇرگە دائىر بىلىملەردىن بىزگە شۇنىسى ئايانكى قارا ئۇڭكۇرنىڭ ھەجىمىنى بىلسەك ئۇنىڭ تىمپىراتۇرىسىنى ھىساپلاپ چىققىلى بۇلىدۇ . ھەجىمىنى بولسا ، قارا ئۇڭكۇرنىڭ خوشنا ئاسمان جىسىملىرىغا كۆرسەتكەن تارتىش كۈچىنىڭ چوڭ كىچىكلىكى ۋە ماسسىسىغا ئاساسەن ھىساپلاپ چىقىشقا بۇلۇشى مۇمكىن.
قىسقىسى ، تېمپىراتۇرنىڭ يۇقۇرى چىكى بۇلامدۇ ؟ بولسا قانچىلىك ؟ دىگەندىن ئىبارەت بىر قاتار مەسلىلەر قېرىنداشلىرىمىزنىڭ ھەل قىلىشىنى كۇتۇۋاتىدۇ!

ablimitt يوللانغان ۋاقتى 2015-2-2 09:44:06

  قۇياشنىڭكىدىن يۇقىرى تىمپىراتورىلىق پىلانىت بولماسلىقى مومكىنمىكىن، قارا ئۆڭكۈردە ئۇنچە يۇقىرى تىمپىراتورا بولسا تاشلار پارغا ئايلىنىپ ھەجىمى چۇڭىيىش بىلەن بىرگە رادىئاتسىيە تارقىتىدىغان بۇپ قالىدۇ...
  قارا ئۆڭكۈر بار دىگەن ھالەتتە بىر ھىساپتا توپلىنىۋاتقان يىقىلغۇ، مەلوم ۋاقىتقا كەلەەندە بارلىق كائىنات يىغىلىپ تىمپىراتورا ئاشقاندىن كىيىن نەمدەپ قويغان قوي قىغىدەك ئىچىدىن ئوت ئىلىپ چوڭ پارتىلاشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى كېرەك...

ovqi5211 يوللانغان ۋاقتى 2015-2-2 17:24:21

قارا ئۆڭكۈرنىڭ ماسسى بەكلا چوڭ بولغانلىقتىن  ئۇنىڭ تارتىش كۈچىمۇ  بەكلا چوڭ ھەتتا نۇرمۇ ئۇنىڭ  قۇلىدىن قېچىپ قۇتۇلاممايدۇ شۇڭا  قارا ئۆڭكۈر نۇر چىقارغان تەغدىردىمۇ  يەنە ئۆزى تارتىۋېلىپ   بىزگە قاراڭغۇ كۆرىنىدۇ  دەپ ئاڭلىغان

muhakima يوللانغان ۋاقتى 2015-2-2 18:57:44

ovqi5211 يوللىغان ۋاقتى  2015-2-2 17:24 static/image/common/back.gif
قارا ئۆڭكۈرنىڭ ماسسى بەكلا چوڭ بولغانلىقتىن  ئۇنىڭ تار ...

شۇنداق ، بۇرۇن شۇنداق قاپ-قاراڭغۇ  دەپ قارالغان ، بىراق ، خاۋكىڭ رادئاسىيە نەزەرىيەسىنى ئوتتۇرىغا قويغاندىن كىيىن بۇنداق قاراش ئوزگەردى.

fizika1 يوللانغان ۋاقتى 2015-2-3 00:03:56

تەبىي پەن  تەتقىقاتى ،،بەك مۇھىم
بەت: [1]
: تېمپىراتۇرىنىڭ يۇقۇرى چىكى بارمۇ؟