taychaq يوللانغان ۋاقتى 2015-2-1 21:52:32

« يىتىمچى » يىگىـت

   بۈگۈن چۆچەك شەھىرىنىڭ ھاممال بازىرى ئادەتتىكىدەك قىزىۋاتاتتى. يىقىندىن بۇيان ھاممال بازىرىغا قاياقتىندۇر كەلگەن 27- 28 ياشلاردىكى بىشىغا گۈللۈك دوپپا، ئۈستىگە گىمناستوركا كىيگەن، قىرقىم بۇرۇت قويغان، قويۇق قارىقاش، ئىللىق چىراي، كۆزلىرىدىن ئوت چاقناپ تۇرىدىغان، بىر يىگىت كىلىپ قوشۇلغانىدى. ئۇ ئۆزىنىڭ ئەقىللىقلىقى، چىچەنلكى بىلەن باشقا ھامماللاردىن ئالاھىدە پەرىقلىنىپ تۇراتتى. ئۇ بۈگۈن "چۆچەك گېزىتى" ئىدارىسىنىڭ دەرۋازىسى ئالدىغا چىقىرىلغان كۈندىلىك گېزىتنى ئوقۇيمەن، دەپ بازارغا سەل كىچىكىپ كەلگەنىدى. ئۇنىڭغا كۈندە گېزىت ئوقۇپ تۇرۇش خۇددى ئىنسانغا سۇ بىلەن ھاۋا بولمىسا بولمايدىغاندەك زۆرۈر ئىدى. شۇڭا ئۇ گېزىتنى قالدۇرماي ئوقىۋىتمەن ، دەپ بازارغا كىچىكىپ كەلگىنىگە ئۆكۈنۈپمۇ كەتمىدى، ئۇ دەل مۇنداق بىر گەپ ئۈستىگە كىلىپ قالدى:
     _ ماڭا قايسىڭلار كېسەك قۇيۇپ بېرىسىلەر؟_ تەققى- تۇرقى كىلىشكەن، بىشىغا كەمچەت تۇماق كىيىپ، بىلىگە شايى بەلۋاغ باغلىغان 40 ياشلار چامىسىدىكى باي بىر كىشى ھامماللاردىن سوراۋاتاتتى.
     _ كېسەكمۇ قۇيامدۇ كىشى، ھاممالىقتەك خېلى ئاسان پۇل تاپقىلى بولىدىغان ئىشمۇ تۇرسا؟ دىدى ھامماللاردىن بىرى چىرايىنى بۆلەكچە قىلىپ.
شۇ ئەمەسمۇ بۇنىڭغا كىم ماقۇل دەيدۇ، دىدى يەنە بىر ھاممال دىمىغىنى قىقىپ.
     _بۇنى كۆرۈپ باينىڭ سەل تەرى تۈرۈلدى. ئاندىن ئۇ: ئۇمۇ بىر ئوبدان ئىشقۇ؟ ئىشقىلىپ ئوبدان بىر رازى قىلسام بولمىدىمۇ؟ دىدى.
ئاشۇ تالاش- تارتىش ئۈستىگە كىلىپ قالغان قىرقىم بۇرۇتلۇق يىگىت ئەھۋالنى ئۇققاندىن كىيىن ھىچ ئىككىلەنمەيلا:
     _ مانا مەن قىلاي! دەپلا توپنىڭ ئارىسىنى يىرىپ ئالدىغا چىقتى.
_ كېسەك قۇيىدىغان ئىشكەن! دىدى بىر ھاممال خۇددى ئۇنى ئۇقماي قالمىسۇن دىگەندەك قىلىپ.
     _ ئۇ ئىش بولسا نىمە بوپتۇ، مانا مەن قىلىمەن دىدىمغۇ؟ دىدى قىرقىم بۇرۇتلۇق يىگىت كەسكىنلىك بىلەن.
     _ ئۇكام سىز كېسەك قۇيۇپ باققانمۇ؟ سورىدى باي قىرقىم بۇرۇتلۇق يىگىتتىن.
     _ قىلىپ باققان.
     _ ئۇنداق بولسا بولىدىكەنسىز.
     باي قىرقىم بۇرۇتلۇق يىگىتنى يوغان بىر قوراغا باشلاپ ئاپىرىپ كېسەك قۇيىدىغان يەرنى كۆرسىتىپ بەردى. يىگىت كېسەك قۇيىدىغان يەرنىڭ ئوت- چۆپلىرىنى كەتمەن بىلەن قىرقىۋىتىپ مەيدان تۈزەپ، ئېرىق ئېچىپ سۇ باشلاپ لاي ئېتىشكە تەييارلاندى.
باي بۇ يىگىتنىڭ چەبدەسلىكىگە قاراپ ھەيران قېلىپ ھەم ئۇنىڭ لاينى جىق ئېتىش ئۈچۈن، مەيداننى چوڭ تەييارلىغانلىقىغا قاراپ:
     _ كېسەكنى بۈگۈن قۇيمايدىغان ئوخشىمامسىز؟_ دەپ سورىدى.
     _ ئەتە سەھەر قۇيىمەن، لاي ئوبدان پىشسۇن، كەچتە لاينى چىقىرىپ تەييارلاپ قويىمەن. ئەتە سەھەردە بىراقلا تۇتۇش قىلىپ، بىر دەمدىلا بەش- ئالتە يۈز كېسەكنى چىقىرىۋىتىمەن.
     يىگىت دېگىنىدەك قىلىدۇ، ئەتىسى تاڭ ئەمدى ئېتىشقا باشلىغاندا ئۇ كېسەك قېلىپىنى كۆلچەكتىن ئالىدۇ، ئاندىن لاينىڭ يېنىغا بارىدۇ، لاينىڭ ئالدىغا توپا سېپىۋىتىپ، قولى بىلەن لاينى خۇددى پىچاقتەك كېسىۋىلىپ، توپىغا دۇمۇلۇتىپ، دۈگلەك قىلىدۇ، ئاندىن قېلىپ كۆزلىرىگە تولدۇرغاندىن كىيىن يۈگۈرۈپ بېرىپ تەييارلىغان كەڭ مەيدانغا تۆكۈشكە باشلايدۇ.
     ئۇ شۇ تەرىقىدە جىددى ئىشلەپ تەييارلىغان لاينىڭ ھەممىسىدە كېسەك قۇيۇپ بولىدۇ. ئاندىن ناشتىلىق قىلىۋالغاچ گېزىت كۆرۈپ كىلەي، دەپ سىرتقا ماڭىدۇ.
     ئۇنىڭ كىيىنكى كۈنلىرى بىر مەزگىلگىچە شۇ تەرىقىدە ئۆتىدۇ. ئۇ كۈندە دىگۈدەك كېسەك قۇيىدۇ ياكى تامچىلىق قىلىدۇ. لىكىن نىمىلا ئىش قىلمىسۇن، گېزىت ئوقۇشنى يادىدىن چىقارمايدۇ، كىشىلەر بىلەن ئوچۇق چىراي، ئىللىق مۇئامىلىدە بولىدۇ. لىكىن، ھىچكىم ئۇنىڭ ئىسمىنى بىلمەيدۇ. پەقەت ئۇنى " يىتىمچى  يىگىت " دەپ ئاتىشىدۇ. چۈنكى، ئۇلارنىڭ پەرىزىچە، ئۇ يىگىت بۇ يەردىن ئەمەس، غۇلجا ياكى ئۈرۈمچىدىن كەلگەندەك ئىدى.
     كىيىنچە " يىتىمچى يىگىت " تۇيۇقسىز غايىپ بولىدۇ. ئۇنىڭ نەگە كەتكەنلىگىدىن كىشىلەر خەۋەرسىز قالىدۇ، شۇنداقتىمۇ بۇھەقتە تۈرلۈك قىياسلاردا بولىشىدۇ. بۇ ئەنسىز كۈنلەردە ئۇنىڭدىن ئەنسىرىگەنلەرمۇ بولىدۇ.
     1945 - يىلى 7- ئاينىڭ 31 - كۈنى چۆچەك شەھىرى مىللىي ئازاتلىق ئارمىيە ۋە چۆچەك پارتىزانلىرى تەرىپىدىن ئازات قىلىنىدۇ. خەلقتىن ھال سوراش ۋە تارباغاتاي ۋالى مەھكىمىسىنى قۇرۇش ئۈچۈن 8- ئاينىڭ 1- كۈنى ئىلىدىن ھۆكۈمەتنىڭ خىزمەت ئۆمىكى كېلىدۇ. بۇ چاغدا چۆچەك خەلقى 1942- يىلى خۇددى تېپىشماقتەك بولۇپ قالغان بۇ ياش يىگىتنىڭ ئازاتلىق ئىنقىلابىنىڭ موھىم رەھبەرلىرىدىن بىرى_ ئەخمەت ئەپەندىم ئىكەنلىگىنى بىلىپ يىتىدۇ. بۇ چاغدا مويسىپىتراق بىر- ئىككى كىشى:
     _ ھوي، سىز شۇ يىگىت ئەمەسمۇ؟ دەپ سورىغاندا:
ئەخمەت ئەپەندىم ئىللىق كۈلۈپ تۇرۇپ:
     _ ئاشۇ " يىتىمچى يىگىت " مەن بولىمەن! دەپ جاۋاپ بىرىدۇ.
مەنبە: ئامان نۇرى ئابدۇرۇسۇلنىڭ ئەخمەت ئەپەندىم ناملىق كىتابى

attir يوللانغان ۋاقتى 2015-2-2 08:54:01

ئۇنىڭ گېزىت ئوقۇپ تۇرىشى بىكار ئەمەسكەن.

shemsi19 يوللانغان ۋاقتى 2015-2-2 09:37:51

ئەھمەد ئەپەندىگە ئاللاھنىڭ سالامى بولسۇن ،.

hoopeelover يوللانغان ۋاقتى 2015-2-2 16:46:44

ئەخمەتجان قاسىمى ‹ك گ ب› نىڭ جاسۇسىمۇ دەيدىغان بىر ئەپقاشتى مۇلاھىزىنى ئوقۇغاندەك قىلغان ئىدىم

uzakyul يوللانغان ۋاقتى 2015-2-2 21:48:41

hoopeelover يوللىغان ۋاقتى  2015-2-2 16:46 static/image/common/back.gif
ئەخمەتجان قاسىمى ‹ك گ ب› نىڭ جاسۇسىمۇ دەيدىغان بىر ئەپ ...

ئاشۇنداق ئاساسى يۇق گەپنى قىلسىڭىز غەيۋەت قىلغاندەك بۇلسىز،

uzakyul يوللانغان ۋاقتى 2015-2-2 21:50:31

hoopeelover يوللىغان ۋاقتى  2015-2-2 16:46 static/image/common/back.gif
ئەخمەتجان قاسىمى ‹ك گ ب› نىڭ جاسۇسىمۇ دەيدىغان بىر ئەپ ...

ئاساسى يۇقلىقىنى بىلىپ تۇرۇپ نىمىشقا قىلسىز، ئاساسى يۇق گەپنى قىلسڭىز غەيۋەت قىلغاندەك بۇلدىغانلىغىنى بىلمەمسىز.

bahadirlarbiz يوللانغان ۋاقتى 2015-2-3 10:23:18

تارىخنى كۈچلۈكلەر ياراتقان. قانداق يازىمەن دېسە شۇنداق يازىدۇ.
بەت: [1]
: « يىتىمچى » يىگىـت