waskitbol يوللانغان ۋاقتى 2015-2-1 20:56:36

تەڭرىتاغ كوماندىسى فوشەن كوماندىسىنى ئۇتتى يەنىلا 8گە كىرەلمىدى

   

   ئۇيغۇر ۋاسكېتبول تورى خەۋىرى؛  ئۈرۇمچى ۋاقتى 2015-يىلى2-ئاينىڭ 1-كۈنى كەچ سائەت 30؛5دە ،  2014-2015- پەسىللىك جۇڭگو ۋاسكېتبول بىرلەشمىسى دائىملىق مۇسابىقىسىنىڭ ئەڭ ئاخىرىقى ئوتتۇز سەككىزىنچى ئايلانما مۇسابىقىسى ئىلىپ بېرىلىپ، شىنجاڭ تەڭرىتاغ يىزا سودا بانكىسى ئەرلەر ۋاسكىتبول  كوماندىسى  مىھمان مەيدانىدا،  فوشەن ئەرلەر ۋاسكىتبول كوماندىىسى بىلەن مۇسابىقىلەشتى.    تەڭرىتاغ كوماندىسى  چەتئەللىك ئەزا  ئاندىرى بىراچنىڭ  35 نومۇر، 13 قېتىم گاردىن قايتقان توپ ئېلىشى ۋە  بەش ئەزانىڭ قوش خانىلىق نومۇر ئېلىشى بىلەن ئاخىرى 129-103 نەتىجە بىلەن رەقىبى فوشەن كوماندىسىنى مەغلۇپ قىلدى. ئەمما دۇڭگۇەن كوماندىسى ساھىپخان مەيداندا بىيجىڭ كوماندىسىنى مەغلۇپ قىلدى. شۇڭا تەڭرىتاغ كوماندىسى نەتىجە رەت تەرتىۋىدە داۋاملىق توققىزىنچى ئوروندا تۇرغاچقا يەنىلا پەسىلدىن كىيىنكى مۇسابىقىدىن مەھرۇم قالدى. بۇ شىنجاڭ كوماندىسىنىڭ يىقىنقى يەتتە پەسىللىك بىرلەشمە مۇسابىقىدىن بۇيان بىرىنچى قىتىم پەسىلدىن كىيىنكى مۇسابىقىدىن مەھرۇم قىلىشى ھىساپلىنىدۇ.  پەسىلدىن كىيىكى مۇسابىقە 2-ئاينىڭ 6-كۇنى باشلىنىدۇ.  پەسىلدىن كىيىكى مۇسابىقگە گۇاڭدۇڭ، لىياۋنىڭ، چىڭداۋ، بىيجىڭ، گۇاڭشىيا، جىلىن، شەنشى، دۇڭگۇەن كوماندىلىرى قاتارلىق  سەككىز كۈچلۈك كوماندا قاتنىشىدۇ.
بۇ مەيدان مۇسابىقىدە، شىنجاڭ كوماندىسىدىن  بەش ئەزا قوش خانىلىق نومۇر ئالدى، كوماندا ئەزاسى  ئاندىرى بىراچ 35 نومۇر، 13 قېتىم گاردىن قايتقان توپ ئالدى، 2 قېتىم ياردەمچى پاس بەردى ھەمدە  2 قىتىم توپ تارتىۋالدى؛ قىرانبېك ماقان 26 نومۇر، 3 قېتىم گاردىن قايتقان توپ ئالدى ؛   لىيۇۋىي 24 نومۇر ئالدى، 9 قېتىم گاردىن قايتقان توپ ئالدى، 4 قېتىم ياردەمچى پاس بەردى؛  تاڭ جىڭدۇڭ 21 نومۇر، 9 قېتىم گاردىن قايتقان توپ ئالدى؛ جۇچى 12 نومۇر، 3 قېتىم گاردىن قايتقان توپ ئالدى ھەمدە 5 قېتىم قالپاق كىيدۇردى؛شىرئەلىجان 6 نومۇر، 2 قېتىم گاردىن قايتقان توپ ئالدى، 1 قېتىم ياردەمچى پاس بەردى.
  بىز كىلەر پەسىللىك مۇسابىقىدە شىنجاڭ گۇاڭخۇي ۋاسكىتبول كوماندىسى ئەزمەتلىرىنىڭ يىڭى قىياپەت بىلەن مەيدانغا چىقىشىنى ئۈمۈت قىلىمىز.

ئەسلى مەنبە؛ ئۇيغۇر ۋاسكىتبول مۇنبىرى؛ http://waskitbol.com/forum.php

rock يوللانغان ۋاقتى 2015-2-2 15:38:17

بۇمۇ ياخشى بولدى بىر ھىسابتا. تەجىربە ساۋاقنى ئوبدان بىر يەكۈنلىگۈدەك.
بەت: [1]
: تەڭرىتاغ كوماندىسى فوشەن كوماندىسىنى ئۇتتى يەنىلا 8گە كىرەلمىدى