tahir2 يوللانغان ۋاقتى 2015-2-1 19:05:37

ئىزدىنىش مۇنبرىدىكى خىمىيە ئۇستازلىرى يول كۆرسەتسەڭلار!

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ھۆرمەتلىك مۇنبەرداشلار ، مەن بىرخىل داغ چىقىرىش سوپۇنى ياساپ سېتىۋاتقان، لىكىن بۇسوپۇنۇم ھازىر بىرنەچچە كۈن تۇرغاندىن كىيىن ئۆزىچە ئۈستىگە ئاپپاق توزاندىلار پەيدا بولۇپ قورۇلۇپ قالىدىغان بولىۋالدى ، ئەمما داغ  چىقىرىش ئۈنۈمى يوقالمىدى.

ئىشلەتكەن ماتىرياللار: ئادەتتىكى سوپۇن (يۇمشاقراق تاختا سوپۇن)، ناترى ھىدروكسىت يەنى 氢氧化钠،ناترى كاربونات يەنى 碳酸钠،چۆپ كىسلاتاسى يەنى 草酸، ناترى پىروسولفات يەنى 焦亚硫酸钠، ئاقارتىش پاراشوكى 漂白粉
ئاساسى تەركىبى.
سوپۇننى ئىرىتىپ يۇقارقى ماتىرياللارنى ئارلاشتۇرۇپ قايتا قاتۇرۇپ تەييارلىغان ئىدىم. لىكىن نەچچە كۈن ئۆتە ئۆتمەي سوپۇنلار نىڭ ئۈستىدە ئاپپاق پاراشوك پەيدا بولۇپ سوپۇن بارابارا قورۇلۇپ قېلىۋاتىدۇ ، بېشىم بەك قېتىپ كەتتى ، شۇڭا خىمىيە ئۇستازلىرىمىز نىڭ ماڭا بىر چىقىش يولى كۆرسىتىشىنى ئۈمۈد قىلىمەن
ھۆرمەت بىلەن يېڭى ئەزا : تاھىر

izdan0998 يوللانغان ۋاقتى 2015-2-2 09:32:18

يۇمشاقراق تاختا سوپۇن غا كۇچا سوپۇنى ئىشلىتىڭ

niyazdixan يوللانغان ۋاقتى 2015-2-2 10:13:30

ناترىي ھىدروكسىدنىڭ مىقدارىنى جىق قىلىۋەتمىگەنسىز.

tarim222 يوللانغان ۋاقتى 2015-2-2 11:47:52

نېمىدىكى داغنى چېقىرىدۇ؟

tarim222 يوللانغان ۋاقتى 2015-2-2 11:53:01

تاختا سوپۇننىڭ ئۆزىنىڭمۇ ئىشقارلىقى يۇقۇرى،يەنە ناتىرى ھىدرو ئوكسىد ۋە ناتىرى كاربۇنات قوشۇلسا پۈتكەن سوپۇنىڭىزنىڭ ئىشقارلىقى بەك يۇقۇرى بولۇپ كەتمەمدۇ؟ PH قىممىتىنى ئۆلچەپ باقتىڭىزمۇ ؟

ablimitt يوللانغان ۋاقتى 2015-2-2 12:05:34

  ناھايتى ياخشى ئىش قىلىۋىتىپسىز، جېجىاڭ دىگەندەك رايونلار ئاددى تۇرمۇش بۇيۇملېرى بىلەن شۇنچىلىك ھالغا كەلگەن...
   مەبلەغ سالىدىغانلار ئاقايىپ كەشپىياتلارنى ئىزدىمەي مۇشۇنداق ئەمىلى تۈرلەرگە مەبلەغ سىلىپ تەرەققى قىلىشنى ئويلىساڭلار بۇلىدۇ.

Baqka يوللانغان ۋاقتى 2015-2-2 15:08:14

يېڭى ياسىلىپ پۈتكەن سوپۇندا سۇ مىقدارى كۆپ بولۇپ، پارلىنىش جەريانىدا ئىچىدىن سىرتىغا ماددا يۆتكىلىش بولدىمۇ يا؟ شۇنداق ئېھتىماللىق بولسا، ھىم يالتىراق خالتىغا ئوراپ كۈزىتىپ بېقىڭ، يەنە كۆرۈلسە، ئۆز ئىچىدە ئورۇن ئېلىش رىئاكسىيىسىگە سەۋەپ بولغۇدەك ئامىل بارمۇ، خام ئەشىيادا ئارتۇقچە ئارىلاشمىلار كۆپمۇ..

Baqka يوللانغان ۋاقتى 2015-2-2 15:10:53

begir يوللىغان ۋاقتى  2015-2-2 12:40 static/image/common/back.gif
سوپۇنىڭىزنىڭ ئىشلەپچىقىرىش ئىجازەتنامىسى بارمۇ ؟
قىل ...

سۇئالىڭىزنىڭ ئىچىدە مەسئۇلىيەتسىز ئارتۇقچە سۇئال كۆپكەن، باشقىلارنىمۇ ئويلاپ قويۇڭ.

izdan0998 يوللانغان ۋاقتى 2015-2-2 15:56:41

Baqka يوللىغان ۋاقتى  2015-2-2 15:10 static/image/common/back.gif
سۇئالىڭىزنىڭ ئىچىدە مەسئۇلىيەتسىز ئارتۇقچە سۇئال كۆ ...

مەسئۇليەتسىز ئارتۇقچە سۇئال يوقكەن ،ھازىرقى شارائىتقا ماسلاشتۇرۇپ سوراپتۇ ،مېنىڭچە بېغىر ئەپەندىم ‹‹كەنىت ئامانلىق مودىرى›› دەك قىلىدۇ:lol

tahir2 يوللانغان ۋاقتى 2015-2-2 16:00:10

tarim222 يوللىغان ۋاقتى  2015-2-2 11:53 static/image/common/back.gif
تاختا سوپۇننىڭ ئۆزىنىڭمۇ ئىشقارلىقى يۇقۇرى،يەنە ناتى ...

phقىممىتىنى ئۆلچەپ باقتىم ،سىناق قەغىزىدە ئۆلچىسەم 11چىقتى .

tahir2 يوللانغان ۋاقتى 2015-2-2 16:04:27

begir يوللىغان ۋاقتى  2015-2-2 12:40 static/image/common/back.gif
سوپۇنىڭىزنىڭ ئىشلەپچىقىرىش ئىجازەتنامىسى بارمۇ ؟
قىل ...

ماڭا قارىسىلا دادۈيجاڭ جاناپلىرى ، بۇسوپۇننى باشتىن ئاخىر بىرتال قازان بىلەن بىرتال ياغاچ كالتەككە تايىنىپ ياسايمەن ، مەخسۇس كىيىم كېچەكلەردىكى ، سىر دېغى ماي دېغى ، قان دېغى ، سۈيدۈك دېغى ، قاتارلىق جاھىل داغلارنى يۇيىدۇ.
ئىشلەپ چىقىرىش ئىجازەتنامىسى ئالاي دىسەم  ھازىر قولۇمدا بارمەبلەغ 200يۈەنلا  سىزچە ئىجازەتنامە ئالغىلى بولارمۇ . سوپۇننى كوچىدا ساتىمەن . دۇكىنىم يوق ، سىرنى  ئۆزەمنىڭ بەدىنىگە پۈركۈپ ئاندىن شۇنى يۇيۇپ كۆرسىتىپ ساتىمەن ،
يا بوممىسا  غوجىكاملارغا  پاش قىلىپ مۇكاپات ئېلىپ خەجلەسىز.

tahir2 يوللانغان ۋاقتى 2015-2-2 16:06:20

مىنىڭ بىلىمىم پەقەت مۇشۇ سوپۇن ياساشقىلا يىتىدۇ. بۇنىمۇ بىرسىنىڭ ئۆيىدە 10 كۈن بىكالىق ئىشلەپ بىرىپ ئۆگەنگەن ، مۇشۇنچىلىك

tahir2 يوللانغان ۋاقتى 2015-2-2 16:14:02

پۇل تېپىشتىكى مەخسىدىم ، خوتۇن ئېلىش ھازىر35كە كىرىپ قالدىم ئاتا-ئانام يوق بۇرۇنلا تۈگەپ كەتكەن شۇڭا خوتۇن ئالالماي يۇرۇۋاتىمەن غوجىكا.

Baqka يوللانغان ۋاقتى 2015-2-2 16:23:02

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   Baqka تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-2-2 16:37  

ئۆتكەندە، بىر ئاغىنەمگە بىر نەرسە ياساپ بەرسەم، ئاجايىپ بىر سۇئال سورىدىكى، ھەممە تەرىپىمگە قارىۋەتتىم بىرى ئاڭلاپ قالغان بولمىغاي دەپ، سۇئالنىڭ ئورۇنسىزلىقىدىن، پۈتۈن ھاياتىم تەھدىتكە ئۇچرىغاندەك قورقۇپ كەتتىم!، سۇئالمۇ ئاۋايلاپ سورالمىسا، مەخسۇس مەسئۇلىيىتى بار ئادەملەر ئاڭلىسا، تېخنىكا ئېگىسىنى ئاز دېگەندە بىر مەزگىل نازارەت نىشانى قىلىپ قويىدۇ، بىز تېخنىكلار بۇنداق ئاۋارىچىلىققا قېلىپ، يىمىگەن مانتىنىڭ پۇلىنى تۆلەشنى خالىمايمىز، چۈشەنسەڭلار..
شۇنداق سۇئاللارنىڭ بىرىگە ئوقۇشماي بىر پو بىلەن جاۋاپ بېرىپ سالىدىغان بولساق، ئۆمۈرلۈك نازارەت بەلكىم بىز تېخنىكلار ئۇچرايدىغان ئەڭ يېنىك ئاۋارىچىلىق بولۇشى مۇمكىن.

ئېغىزدىن كېتىشنىڭ ئىككى زۆرۈر شەرتى بار: بىرى، ئۆزى خاتا سۆزلەپ قويۇش؛ يەنە بىرى، خەتەرلىك سۇئالنى بايقىماي، ئارتۇق جاۋاپ بېرىۋېتىش. :funk::curse:

tahir2 يوللانغان ۋاقتى 2015-2-3 10:36:20

rock يوللىغان ۋاقتى  2015-2-3 09:11 static/image/common/back.gif
داغ چىقىرىش دېمەي داغ يوقىتىش دېسە بەكراق مۇۋاپىقتەك ھ ...

ۋاي تولا ئادەم قورقۇتماڭ ، دىدىمغۇ بۇنى بىرسىگە 10كۈن ئىشلەپ بىرىپ ئۆگەنگەن دەپ ، مۇشۇنىڭدىن باشقا بىرەر ھۈنۈرىممۇ يوق
ئاران باشلانغۇچ مەكتەپكىچە ئوقۇغان ، ئەمدى مۇشۇنىڭغىمۇ ئادەمگە شۇنچىۋالا يوغان قالپاق كىيگۈزۈپ قويامسىلەر تورداشلار.

تۆۋە خۇدايىم

Ehsan21 يوللانغان ۋاقتى 2015-2-3 11:22:06

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   Ehsan21 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-2-3 11:40  

ئاۋۋال سورىۋالاي ،بۇ سۇپۇنىڭىز  يۈزدىكى داغنى چىقىرامدۇ ياكى كىر كىيىمدىكى داغنىمۇ ؟
ئەگەر يۈزدىكى داغنى چىقىرىدىغان بولسا ،ئەڭ ياخشىسى phقىممىتىنى 8 ئەترا پىدا ، ياكى  ئۇنىڭدىن تۆۋەن بولغىنى ياخشى، چۈنكى ئادەم تېرىسىنىڭ ph قىممىتى 5-6.5 بولۇپ ئاجىز كېسلاتالىق بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. ئەگەر يۇقۇرى ئىشقارلىق سوپۇندا ئۇنى ئۇزۇن مۇددەت يۇيىۋەرگەندە تېرە زەخىملىنىشى ھەتتا ئېغىر بولغاندا  تېرە راكى كېلىپ چىقىشى مۈمكىن. شۇڭا  تېرىگە بىۋاستە تېگىدىغان مەھسۇلات ئىشلەشتىن ئاۋۋال ئىستىمالچىلارنىڭ بىخەتەرلىكى ،ساغلاملىقىنى بىرىنجى ئورۇنغا قويۇشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمەن.

tahir2 يوللانغان ۋاقتى 2015-2-3 11:47:19

ئىنكاسلارنى ئوقۇمىدىڭىزما؟
دىدىمغۇ كىيىمدىكى كىرلەرنى جاھىل ماي داغلىرىنى چىقىرىدۇ دەپ

turghon يوللانغان ۋاقتى 2015-2-3 14:20:25

سوپۇنىڭىز تەركىبىدىكى ناترىي ھىدروكسىد ھاۋادا ئاسانلا ھاۋا تەركىبىدىكى كاربون تۆت ئوكسىد بىلەن رىئاكسىيىلىشىپ، ناترىي كاربوناتقا ئۆزگۈرۈپ كىتىدۇ، بۇ رىئاكسىيە جەريانىدا ھاسىل بولغان سۇ ۋە ھاسىلات ناترىي كاربونات بېرىكىپ قېتىشىپ قالغان گەپ. ناترىي ھىدروكسىد بۇ سوپۇنىڭىزدىكى ئارتۇقچە قېتىلما ھىسابلىنىدۇ، چۈنكى سىز ئۇنى قايسى مىقداردا قوتماڭ، ئۇنىڭ ھەممىسى ھاۋادىكى كاربون تۆت ئوكسىد بىلەن رىئاكسىيىلىشىپ كېتىۋېرىدۇ، شۇڭا تەۋسىيەم بۇ تەركىبنى قوشماڭ، ئۇنىڭ رولىنى ناترىي كاربونات ئالالايدۇ. ناترىي ھىدروكسىد كۈچلۈك چىرىتىش خۇسۇسىيىتىگە ئىگە، تۇرمۇشتا ئىشلەتكەندە ئاسانلا قول تېرىسى زەخمىلىنىش كېلىپ چىقىدۇ، مەيلى ناترىي ھىدروكسىد ۋە ياكى ناترىي كاربونات بولسۇن مىقدارىنىڭ كۆپ بولىشى تەۋسىيە قىلىنمايدۇ.
بەت: [1]
: ئىزدىنىش مۇنبرىدىكى خىمىيە ئۇستازلىرى يول كۆرسەتسەڭلار!