bagalip يوللانغان ۋاقتى 2015-2-1 15:29:02

ئەركىن ۋاھىدوف : ياش شائىرلارغا


                    ياش شائىرلارغا
         
                   ئەركىن ۋاھىدوف(ئۆزبىكىستان)

            "ئاھ ،سېنىڭ ياشلىقىڭ بولسىدى مەندە "
                                        __ھەمىدە غۇلام


كاتتا شائىرلارغا قىلماڭ ھېچ ھەۋەس ،
سىزگە ھەۋەس قىلسۇن كاتتا شائىرلار .
   چۈنكى شېئىر بەختىگە ئۇستازلار ئەمەس ،
مۇيەسسەر بولىدۇ كۆپرەك شاگىرتلار .


تېخى ياش سىز،
                       تېخى شېئىرىڭىز غورا،

ئەلنىڭ نەزىرىدىن تېخى خوپ يىراق .
لېكىن يۇرتقا مەشھۇر شائىردىن كۆرە ،
         سىز بەلكى يۈز ھەسسە ئوشۇق شائىرراق.

شېئىر سىزگە ھەۋەس،
                                 لېكىن ئەمەس ئىش ،
     شېئىرغا چىن دىلدىن كۆيدىڭىز ھامان .
ئوۋ پەيتى ئۆزىنى قىلماي نامايىش ،
پاناھىدا بولىدۇ مەرگەن ھەر قاچان.


تەنھالىق شائىرغا دىل ئېھتىياجى،
  خىيالغا ئاشىنالىق _بۈيۈك بەختىڭىز .
      قونسا بېشىڭىزغا شۆھرەت گۈلتاجى ،
مەجاز ئىزلىمەككە قالماس ۋاقتىڭىز .

     ئۇ چاغدا كۆپ بۇلۇر يارۇ -دوست ،چۆرە
  ئابروي-مەرتىۋىدە يۈكسەك بولىسىز .
ئۇ كەمدە دەپتەرۇ قەلەمدىن كۆرە ،
بايراملارغا كۆپرەك كېرەك بولىسىز.

    شائىرلار دېگەندە،ھەممنىڭ بىردەك ،
كېلەر كۆز ئالدىغا ئەلگە جان پىدا .
                 كىمگىدۇر بەخىت بولسا سىز بىلەن ئىچمەك ،
نېمىشقا قىلغۇلۇق بۇنىڭدىن جۇدا.

            سىزنى سوراپ، سىزنى ئىزلەپ جاراڭلار ،
بۇ ئالەمنىڭ بارچە قوڭغىراقلىرى .
           سىز بىلەن ئۇچراشساق دەپ ئارزۇ قىلار ،
يان قوشنا باغچىنىڭ ئۇماق باللىرى.

نەگىلا بارسىڭىز ،ئەنە شائىر ،دەپ
كۆزىتەر ئەل ھەر بىر قەدىمىڭىزنى .
   سىز ئىنسان قەلبىنى ئۆگنمەستىنلا،
       باشقىلار ئۆگىنىشكە باشلايدۇ سىزنى .

            ئەجەپ ئەمەس بەلكىم كەلسە بىر ئامەت ،
(ئامەت دېگەنمۇ ھەم بارغۇ دۇنيادا).
دانىشمەن كىشىلەر دەر :
                                "بۇ قانداق گەپ ،
    مۇشۇنداق ئادەملەر يۈرسە پىيادە ؟!"

     سىزگە يار بولىدۇ ئەمەلدارلىق ھەم ،
خىزمەتتە بولىدۇ ماشىنا ھەر كۈن .
    تاڭدا ئېلىپ كېتىپ مېغىزىڭىز بىلەن ،
        تاشلاپ كېتەر شاكال قىلىپ كەچقۇرۇن.

       بىر چۈشۈپ قالسىڭىز ئەلنىڭ كۆزىگە ،
         ئەمدى كۆزدىن نېرى كەتمەيسىز بىردەم .
پەخرى ئەزا قىلار سىزنى ئۆزىگە ،
   چاشقان تۇتقىچىلار جەمىيىتى ھەم.

    بىئارام قۇشلاردەك ئۇچۇپ ۋە قۇنۇپ ،
    ھەيئەتتىن ھەيئەتكە پەرۋاز قىلىسىز .
     ئاخشىمى قەلەمنى ئالدىرماي يۇنۇپ،
   ئەتىكى مەجلىسكە نۇتۇق پۈتىسىز.

          سىزدە بار جاھاندا بارنىڭ ھەممىسى ،
       يەتكەن سىز ھەر قانداق  تىلىكىڭىزگە.

لېكىن يېزىلمىغان شېئىر چوغى ،
كۈل بولۇپ تۈكۈلەر يۈرۈكىڭىزگە .

     بىر كۈن تاغدا ئاپئاق چېچىڭىز تاراپ ،
      شاگىرتلىق ۋاقىتنى ئالىسىز ئەسكە .
         ئېيتىسىز ھەۋەسكار ئۆسمۈرگە قاراپ :
          "ئاھ ،سېنىڭ ياشلىقىڭ بولسىدى مەندە "

      كاتتا شائىرلارغا قىلماڭ ھېچ ھەۋەس ،
       سىزگە ھەۋەس قىلسۇن كاتتا شائىرلار .
           چۈنكى شېئىر بەختىگە ئۇستازلار ئەمەس ،
   مۇيەسسەر بولىدۇ كۆپرەك شاگىرتلار .

      مەنبە : "دۇنيا ئەدەبىياتى"ژورنىلى 1987-يىل 3-سانى

بەت: [1]
: ئەركىن ۋاھىدوف : ياش شائىرلارغا