خەتنى كەينىدىن يىزىش
بۇرۇن بىرىنىڭ ناخشا تىكىستلىرىنى تەتۈرىسىگە ئوقۇپ داڭق چىقارغانلىقىنى ئوقۇغانىدىم. بىركۈنى كوچىدا كىتىپ بارسام، بىر خەنسۇ ئون يۈەنگە كىشىلەرنىڭ ئىسمىنى نەقىش چىقىرىپ خەنسۇچە يىزىپ بىرىۋىتىپتۇ. ئۇيغۇرچە يازالامسەن دىسەم،قانداق يىزىق بولسا يازىمەن، ئاۋال ماۋۇ دەپتەرگە شۇ يىزىقنى ياز دىۋىدى،قىزىقسىنىپ ئۇيغۇرچە ئىسمىمنى يىزىپ بەرسەم، راسىت دىگەندەكلا يىزىۋەتتى، ئەمما كەينىدىن باشلاپ يازدى،خىلى چىرايلىق نەقىش چىقىرىپ يىزىپتىكەن.بايام بىر توربەت ئۇچراپ قالدى، خەتنى تەتۈرىگە يىزىپ بىردىكەن، قىزىقسىنىپ، ئىنگىلىزچە، ئۇيغۇرچە، تۈركچە ۋە ياپۇنچە كىرگۈزۈپ باقتىم. ئۇيغۇرچىنىمۇ قوللايدىكەن، ئەمما ‹ئى،ە›نى ئۇلاپ چىقىرىپ بىرەلمەيدىكەن.شۇنداقتىمۇ خىلى قىزىق بىلىندى. ۋە سىلەر بىلەن ئورتاقلاشقۇم كەلدى، بۇنداق بولغاندا، ھىچ بولمىغاندا مەخپىي نومۇرنى تەتۈر يىزىپ كىرگۈزسەڭلا ئاسان ئوغۇرلانمايدىغاندەك،باشقا چوڭ ئىشمۇ يوق.:lol
ئاددىرىسى :http://www.fliptitle.com/ بۇلىدىغان توربىكىتىكەن رەھمەت سىزگە:P ئاۋۇ قازاق دىگەن خەتنىڭ تەتۈرچىسى يەنە قازاقكەن .:lol گۈللۈگ دېگەنگە ئوخشاش قانداقلا ئوقىسا گۈللۈگ چىقىدۇ ئۇيغۇرچە يېزىقتىن باشقا يېزىقلارنى تەتۈرىسىگە دۈم كۆمتۈرىدىكەن-ھە. سا, ھەي سا ئەمەس توخۇ ناجىلە دەپ چىقتىغۇ ئىسمىم :lol:lol:lol:lol نان نىڭمۇ نان دەپ چىقىدۇ. قوپ نىڭ تەتۈرى پوق چىقىدىكەن قازاق دىگەن يەنىلا قازاق دە قازاق دىگەن يەنىلا قازاق دە كوروك،،،،،،تەتۇرسىمۇ كورۇكمۇ نىمە؟ تولۇقسىزدىكى چېغىمىزدا كىتابقا ئىسمىمىزنى مۇشۇنداق تەتۈرىسىچە يېزىۋالاتتۇق :lol:lol kuwruk يوللىغان ۋاقتى 2015-2-3 20:23 static/image/common/back.gif
كوروك،،،،،،تەتۇرسىمۇ كورۇكمۇ نىمە؟
«كوروك»، «كۇرۇك»، «كۆرۆك» ، «كۈرۈك» دەپ يازسىڭىز ۋە ئارقىسىدىن بېشىغا قاراپ ئوقۇسىڭىز يەنە شۇنداق بولىدىكەن:lol
بەت:
[1]