tadubeg يوللانغان ۋاقتى 2015-2-1 13:43:18

مۇدىر ۋىراچ ئەلى ھاجى قۇرباننىياز ئەمچى

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   tadubeg تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-2-1 13:49  



مۇدىر ۋىراچ ئەلى ھاجى قۇرباننىياز ئەمچى 1933-يىلى 10-ئاينىڭ 1-كۈنى خوتەن شەھرىنىڭ تامباغ يېزىسىدا تېۋىپ ئائىلىسىدەدۇنياغا كەلگەن.1947-يىلىدىن باشلاپ بىر تەرەپتىن تاغىسى ئىمىننىيازئاخۇنۇمدىن تېبابەتچىلىك،دورىگەرلىك ئىلمىنى ئۈگەنسە،يەنە بىر تەرەپتىن چوڭ بوۋىسى داڭلىق تېۋىپ قۇرباننىياز ئاخۇنۇم① گوشنىڭ خوتەن قەغىزىگە يېزىلغان 8 فورمات 586بەتلىك چاغاتاي يېزىقىدىكى قول يازما ئەسىرى‹‹ تەجرىباتى تېببى››دىن ھەرخىل كېسەللىكلەرنىڭ ئالامىتى، دىئاگنوزى،داۋالاش ئۇسۇللىرى،پەرھىزلىرى،ھەرخىل دورا رېتسىپلىرى قاتارلىق نەزىرىيە بىلىملىرىنى ئۆگىنىش بىلەن بىرگە ھىندىستاننىڭ بومباي لاكنوئەنئەنىۋى تېبابەت ئىنىستىتوتىنى پۈتتۈرۈپ ۋەتەنگە قايتىپ كەلگەن ئابدۇللا داموللا مەۋلىۋى،ھەسەن مەۋلىۋى،ئابدۇكېرىم ھاجىم قاتارلىقلارنى ئۇستاز تۇتۇپ،پارىس،ئوردۇ تىلىدىكى كىلاسسىك تېببى كىتابلارنى ئوقۇغان ۋە ئۆگەنگەن.1955-يىلى تاغىسى ئىمىننىياز ئاخۇنۇم ۋە بىرقانچە مۇتەخەسىس بىلەن بىرلىكتە خوتەن شەھرىنىڭ گۈلباغ بازىرىدائېچىلىۋاتقان خۇسۇسىي ئامبولاتورىيىسىنىڭ دورا-دەرمەك،مال-مۈلكىنى،خوتەن ناھىيەلىك ئۇيغۇر تېبابەتچىلىك بىرلەشمە ئامبولاتورىيىسى (يىڭى يول ئۇيغۇرتېبابەت بىرلەشمە ئامبۇلاتورىيىسى)نى قۇرۇپ چىققان. ئەلى ھاجى قۇرباننىياز ئەمچى بۇ ئامبولاتورىيىدە ئىشلەش جەريانىدائاشۇ ئاتاقلىق مۇتەخەسىسلەرنىڭ② دورىگەرلىك ۋە داۋالاش جەھەتتىكى ئەمەلىي ماھارەتلىرىنى پىششىق ئىگەللىگەن ۋە ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزگەن .1975-يىلى بۇ ئامبولاتورىيە ۋىلايەتلىك ئۇيغۇر تېبابەتچىلىك دوختۇرخانىسى قىلىپ ئۆزگەرتىلگەندىن كېيىن ئۇ بۇ دوختۇرخانىنىڭ كەسپى بۆلۈم،ئىچكى بۆلۈم،تاشقى بۆلۈملىرىدە ئاساسلىق دوختۇر يېتەكچىسى ۋە بۆلۈم مۇدىرلىق ۋەزىپىسىنى ئۆتىگەن. ئەلى ھاجى قۇرباننىياز ئەمچى ئۇزۇن يىل كىلىنكا ئەمەلىيىتى داۋامىدا داۋالاش بىرقەدەر قىيىن بولغان يۈرەك،مىڭە قان-تومۇر كېسەللىللىرى،نەپەس يول كېسەللىكلىرى،ئەرلەردىكى جىنسى كېسەللىكلەر،ئاياللار كېسەللىكلىرى،جاھىل خارەكتىرلىك تېرە كېسەللىكلىرى،سۆڭەك-بوغۇم كېسەللىكلىرى،ئاشقازان-جېگەر كېسەللىكلىرى،دېئابىت، بۆرەك كېسەللىكلىرى قاتارلىق كېسەللىكلەرنى داۋالاپ ساقايتىش بىلەن بىرگە مەزكۇر كېسەللىكلەر ئۈستىدە تەتقىقات ئېلىپ بېرىپ،بۇ كېسەللىكلەرنى داۋالاشنىڭ ئۈنۈملۈك رېتسىپلىرىنى تۈزۈپ چىقىپ تەكرار تەجرىبىلەردىن ئۆتكۈزگەن ۋە بۇ رىتسىپلاردىن بىر قانچە ئون رېتسىپنى دوختۇرخانا دورا ياساش بۆلۈمىگە تەقدىم قىلىپ،دوختۇرخانىنىڭ پىششىق دورا سانىنىڭ ئېشىشىغا زور تۆھپە قوشۇپ،دوختۇرخانا رەھبەرلىرى ۋەكەسپى خادىملارنىڭ قىزغىن ئالقىشىغا ئېرىشكەن.
ئەلى ھاجى قۇربانبانىياز ئەمچى ئۇيغۇر تېبابىتى بىلەن شۇغۇللانغان 60يىلدىن بۇيان تولۇپ-تاشقان قىزغىنلىق بىلەن ئىشلەپ زور نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرگەن.ئۇ بىر تەرەپتىن،ئەمەلىي دالاش ئىشلىرى بىلەن شۇغۇللانسا،يەنە بىر تەرەپتىن ئىزباسار يېتىشتۈرۈش ،ئۆزىگە شاگىرت ئەگەشتۈرۈپ تەربىيلەش بىلەنلا قانائەتلىنىپ قالماي،1978- يىلى خوتەن تېببى مەكتەپتە تۇنجى قېتىم ئېچىلغان ئۇيغۇر تېبابەتچىلىك ئوتتۇراتېخنىكۇم سىنىپلىرىدىن باشلاپ بىرنەچچە قارارغا ۋە خوتەن ۋىلايەتلىك ئۇيغۇر تېبابەتچىلىك دوختۇرخانىسىدا ئىلگىرى-ئاخىرى بۇلۇپ ئېچىلغان ئاپتونۇم رايۇن بويىچە ئۇيغۇر تېبابەتچىلىك ۋە دورىگەرلىك خادىملىرىنى تەربىيلەش كۇرسىنىڭ بىرقانچە قارارغا ئۇيغۇر تېبابىتى خام دورىلارئىلمى،ئۇيغۇر تېبابىتى ئىچكى كېسەللىكلەر ئىلمى، ئۇيغۇر تېبابىتى دورىسازلىق ئىلمى قاتارلىق پەنلەردىن دەرس ئۆتۈپ ئۇيغۇر تېبابەتچىلىك-دورىگەرلىك قوشۇنى ۋە ئوقۇتقۇچىلار قوشۇنىنى تەربىيلەشكە زور تۆھپە قوشۇپ،كەسىپداشلار ۋە رەھبەرلەرنىڭ قىزغىن ھۆرمىتىگە سازاۋەر بولغان.
ئۇ نەزىرىيە بىلەن ئەمەلىي داۋالاش-دورىگەرلىكىنى بىرلەشتۈرۈپ،ئوقۇتۇش ئارقىلىق قىممەتلىك تەجرىبىلىرىنى يېزىپ،رەتلەش ئاساسىدا شىنجاڭ ئۇيغۇر تېبابەتچىلىكى ئالىي تېخنىكومىنىڭ2-ئەۋلاد دەرىسلىكلىرىدىن ئۇيغۇر تېبابىتى داۋالاش ئۇسۇللىرى ئىلمىي،ئۇيغۇر تېبابىتى ئىچكى كېسەللىكلەر ئىلمىي،ئۇيغۇر تېبابىتى خام دورىلار ئىلمىي(ئۈچ توم)،ئۇيغۇر تېبابىتى پىششىق دورىلار ئىلمىي (ئىككى توم)،ئۇيغۇر تېبابىتى ئۇزۇقلۇق ئىلمىي قاتارلىق دەرەسلىكلەرنى (باشقىلار بىلەن)يازغان ۋە ئوردۇ تىلىدىن ئاساس،تېببى ئوردۇ تىلى قاتارلىق دەرىسلىكلەرنىڭ تەكلىپلىك تەھرىرلىكىنى ئىشلەپ بەرگەن.
ئۇ ئۆزىنىڭ ياشىنىپ قالغىنىغا قارىماي،بىرتەرەپتىن توختىماي كېلىۋاتقان ھەر مىللەت بىمارلىرىنىڭ كېسىلىنى داۋالىسا،يەنە بىر تەرەپتىن كەڭ خەلق ئاممىسىنىڭ ساقلىق-ساقلاش ئىشلىرىنى نەزەردە تۇتۇپ،‹‹ئەرلەر جىنسىي ئاجىزلىقىنى ئۇيغۇر تېبابىتىدە داۋالاش››دىگەن كىتابىنى يېزىپ 96-يىلى سەھىيە نەشىرىياتى تەرىپىدىن نەشىر قىلدۇرۇپ ئوقۇرمەنلەر بىلەن يۈز كۆرۈشتۈرۈپ،ھەر مىلىلەت بىمارلىرىنىڭ قىزغىن ئالقىشىغا ۋە ماختىشىغا سازاۋەر بولغان.ئۇ يەنە ‹‹جوڭگو تېببى قامۇسى››ئۇيغۇر تېبابەت توملىرىنى يېزىشقا قاتنىشىپ،ئابدۇخالىق قارى ئىسمائىل،مۇتىئۇللا قارى ھاجى بىلەن ئۇيغۇر تېبابەت قامۇسى 6-تومى(مۇرەككەپ دورا قىسمى)نى يازغان.(ئۇيغۇرچە نۇسخىنى 1995-يىلى شىنجاڭ خەلق سەھىيە نەشىرىياتى تەرىپىدىن،خەنزۇچە نۇسخىسى2005-يىلى شاڭخەي پەن-تېخنىكا نەشرىياتى تەرىپىدىن نەشىر قىلىندى)
ئەلى ھاجى قۇرباننىياز ئەمچى پەن-تەتقىقات خىزمىتىگە ئەھمىيەت بېرىپ،ئۆزىنىڭ داۋالاش جەھەتلەردە توپلىغان قىممەتلىك تەجرىبىلىرىنى يەكۈنلەپ يېزىپ چىققان،‹‹يۇقىرى قان بېسىم كېسەللىكى ۋە ئۇنى داۋالاش››،‹‹بالىلار ئىچ ئۆتكۈ كېسەللىكىنى ئۇيغۇر تېبابىتىدە داۋالاش››،‹‹ئاق كېسەلنى داۋالاش توغرىسىدا››،‹‹سىبلىس ۋە ئۇنى داۋالاش››،‹‹يۇقۇملۇق جىگەر كېسەللىكى ۋە ئۇنىڭ دورىسى›› ،‹‹مەزى بېزى ياللۇغىنى ئۇيغۇر تېبابىتىدە داۋالاش››ۋە‹‹ئەرلەردىكى جىنسىي ئاجىزلىقنى داۋالاش تەجرىبەم››دېگەن تېمىلاردىكى ئىلمىي ماقالىسى ئىلمىي جەمئىيەت يىغىنلىرىدا ئالماشتۇرۇلغان ۋە گېزىت-ژۇر ناللىرىدا ئېلان قلىنىپ،ئايرىم-ئايرىم ھالدا مۇكاپاتلارغا ئېرىشكەن.ئۇھازىر دەم ئېلىشقا چىققان بولسىمۇ،ياشىنىپ قالدىم دېمەي، ئۇيغۇر تېبابەتچىلىك-دورىگەرلىك ئىشلىرىنىڭ تەرەققىيات ئىشلىرىنى كۆز دە تۇتۇپ،ئۆسمۈرلۈك چاغلىرىدىن باشلاپ تەربىيلەپ كەلگەن يەتتە ئوغلىنىڭ ئىچىدىن تۆتىنى ئۇيغۇر تېبابىتى ۋە غەرب تېبابىتى بويىچە ئايرىم-ئايرىم ئالىي بىلىم يۇرتلىرىدا ۋە چەت ئەللەردە ئوقۇتۇپ،تولۇق كۇرۇسنى پۈتتۈرگەندىن كېيىن،ئۇلارنى ئۆزىگە ۋارىس قىلىش ئۈچۈن مەخسۇس كە سىپلەر بويىچە تەربىيلىمەكتە.ئۇ يەنە خوتەن ۋىلايەتلىك ئۇيغۇر تېبابەتچىلىك دوختۇرخانىسىدا تەكلىپ بىلەن كېسەل كۆرۈش بىلەن بىرگە ئۆزىنىڭ مول ئەمەلىي تەجرىبىلىرىنى كەلگۈسى ئەۋلادلارغا قالدۇرۇش مەقسىتىدە يۈرەك قېنىنى سەرپ قىلىپ ، 60 يىلدىن بىرى داۋالاش ئەمەلىيىتى جەريانىدا توپلىغان تەجرىبىلىرىنى ئاساس قىلىپ، ئاساس قىلىپ،تەجرىبىدىن ئۆتكەن2000خىلدىن ئارتۇق دورا نۇسخىلىرىنى رەتلەپ ‹‹ئۇيغۇر تېبابىتى پىششىق دورىلار خەزىنىسى››ناملىق ئەسەرنى كەڭ خەلق ئاممىسىنىڭ پايدىلىنىشىغا سۇندى.
①ئەلى ھاجى قۇرباننىيازئەمچىنىڭ ئاتىسى،قۇرباننىياز ھاجى گوش،ئۇنىڭ ئاتىسى مۇھەممەت يۇسۇپ ھاجى گوش،ئۇنىڭ ئاتىسى دىغمەرغۇجى گوش،ئۇنىڭ ئاتىسى قۇرباننىياز ئاخۇنۇم گوش(«تەجرىباتى تېببى»نىڭ ئاپتورى)،ئۇنىڭ ئاتىسى ئابدىمەنناغۇجى ئاكا گوش.
②ئىمىننىياز ئاخۇنۇم،تۇردىمۇھەممەت ئاخۇنۇم،ئابدۇللاداموللامەۋلىۋى،ھاجى ئابدۇلھىمىت يۈسۈفى،غوجى باۋۇدۇن جامالىدىن ھاجى،غوپۇرھاجى،قۇناخۇنۇم،جامالىدىن ئاخۇنۇم،ئوبۇل ئاخۇنۇم،ئەلى ھاجى قۇرباننىياز ئەمچى،ئابدۇكېرىم ھاجى قاتارلىق مۇتەخەسىسلەر بىرلىشىپ قۇرۇپ چىقىپ،ئىمىننىياز ئاخۇنۇم بۇئامبولاتورىيەنىڭ مەسئۇللۇق خىزمىتىنى ئىشلىگەن.

aptap1 يوللانغان ۋاقتى 2015-2-1 14:58:10

رەخمەت يەنە بىر تىبابەت ئالىمىنى بىۋالدۇق ،

alim012 يوللانغان ۋاقتى 2015-2-1 15:21:40

ئەرلەر كىسەللىكلىرىنى داۋالاشتا بۇ زاتنىڭ نامى مەشھۇر.خوتەندە ئات بازىرىنىڭ دوقمۇشىدىكى ئەمچى ئۇيغۇر تىبابەت دوختۇرخانىسىنى بۇ زاتنىڭ ئوغۇللىرى قۇرغان. بۇ زاتمۇ ھەپتىدە بىر نەچچە كۈن كىسەل كۆرىدۇ.

newyork يوللانغان ۋاقتى 2015-2-1 16:14:35

alim012 يوللىغان ۋاقتى  2015-2-1 15:21 static/image/common/back.gif
ئەرلەر كىسەللىكلىرىنى داۋالاشتا بۇ زاتنىڭ نامى مەشھۇر ...

مۇشۇنداق ساقال قويغان پەرىشتە سۈپەت قېرىنداشلىرىمىزغا بەك ھەۋىسىم كىلىدۇ،يەنە قانداق داڭلىق تىۋىبلار بار مۇشۇ خوتەن شەھىرىدە؟بولسا ئورنى داۋالاش تۈرى بۇيچە خەۋەردار قىلسىڭىز؟

atarut يوللانغان ۋاقتى 2015-2-1 16:16:52

تىمىغا قاراپ    ئەلى قۇربان توغرىسىدا يىزىلغان تىمېمىكىن دەپ قاپتىمەن تىخى. :P

salam026 يوللانغان ۋاقتى 2015-2-1 17:16:37

رەھمەت

tahir2 يوللانغان ۋاقتى 2015-2-1 19:21:19

ئەلى ھاجى قۇرباننىياز ئەمچى ئۇستازنى مەن ئۆز كۆزۈم بىلەن كۆرمىگەن بولساممۇ كىتاپلىرىدىن نۇرغۇن بىلىم ئىگەللىگەن ئىدىم ، بۇئادەمنى مەن ئۇستاز دەپ تونۇيمەن
ئاللا ئۆمرىنى ئۇزۇن قىلسۇن ، ئىلمىنى تېخىمۇ زىيادە قىلسۇن

678123 يوللانغان ۋاقتى 2015-2-2 13:14:50

ئويغۇر تىبابىتى تىخىمۇ گۇللەپ ياشنىغاي....

hoopeelover يوللانغان ۋاقتى 2015-2-2 17:00:10

قىززىق دەرۋازا دورادەرمەك بازاردىمۇ مۇشۇنداق بىر مويسىپىت بوۋايدىن بىرسى بارئىدى2-3 يىل بۇرۇن . تۇمۇرىمنى تۇتقۇزسام بالام سىز دورايىمىسىڭىزمۇ بولىدىكەن دەپ چىقىرۋەتكەن. باشقا تۇمۇرچىلار يۈرەك ئاجىز، مىڭە ئاجىز، بۆرەك ئاجىز دەپ دىئاگىنوز دىگەننى سەت قويىۋەتكەن ئەمما لىكىن
بەت: [1]
: مۇدىر ۋىراچ ئەلى ھاجى قۇرباننىياز ئەمچى